- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4929
- نادىر
- 5
- يازما
- 176
ئۆسۈش
97.63%
|
سالام قېرىنداشلار،
يۇقىرىدا قويۇلغان سوئاللارنى يىغىنچاقلاپ تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردىم.
بۇ پلانېتانىڭ ئىسمى Kepler-78b دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ يەردە دېيىلگەن ئوخشاشلىق ئاساسلىقى بۇ پلانېتا بىلەن يەرشارىنىڭ ماسسىسى ھەم چوڭلۇقىغا قارىتىلغان. ئۇنۇڭ چوڭلۇقى ھەم ماسسىدىن زىچلىقىنى ھېسابلىسا، 1 كۈپ سانتىمېتىرغا نىسبەتەن 5. 3~5.6 گرام توغرا كېلىدىكەن. بۇ زىچلىق يەر شارىنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ يەر شارىنىڭكى 5.5 گرام. شۇڭا بۇ پلانېتا تاش بىلەن تومۇردىن بارلىققا كەلگەن بۆلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان.
ئادەتتە پلانېتا يۇلتۇزدىن يىراق بولسا ئۇنۇڭ ماسسىنى ھېسابلاش تەسكە توختايدىكەن. بۇ پلانېتا يۇلتۇزغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە يۇلتۇزنىڭ ئورنى دەۋرلىك تەۋرىنىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ ئۇنۇڭ ماسسىنى ھېسابلاپ چىققان.
بۇ پلانېتا تېپىلىپ دۇنيادىكى ئاسترونومىيە ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرۇۋەتكىنى، ئاسترونومىيە نەزەرىيىسىدە يۇلتۇزغا بۇنداق يېقىن بىر پلانېتانىڭ مەۋجۇت بۆلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. دېمەك نەزەرىيىدە مۇمكىن بولمىغان بىر پلانېتا تېپىلدى دېگەن گەپ. بۇ پلانېتانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاسترونوم نەزەرىيە ئالىملىرىغا بولغان بىر جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر.
بۇ پلانېتا نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولمايدۇ دېگەندە، بۇ پلانېتا يۇلتۇزغا يېقىن بولۇپ يۇلتۇزنىڭ ئىچكى ساھەسىدىن ئورۇن ئالغان ئىكەن، يۇلتۇزنىڭ ئىچكى ساھەسىدە باشقا پلانېتانىڭ بۆلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن. بۇ پلانېتا يۇلتۇزنىڭ سىرتقى قىسمىدا بارلىققا كېلىپ ئاندىن يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگەن دېيىشقىمۇ بولمايدىكەن. چۈنكى بۇ ئەھۋال يۈز بەرسە بۇ پلانېتا بىلەن يۇلتۇز ئۆزئارا سوقۇلىدىكەن. |
|