بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-31 11:32
يەر شارى بىلەن ئوخشاش پلانېتا تېپىلدى
تاشپولات روزى
بۇ پلانېتانىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى توغرىلىق ئىككى ئوخشىمىغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلدى. بىرى ئامېرىكا خاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ ئۇلار خاۋاي ئارىلىدىكى Keck ئالەم تېلېسكوپىنى ئىشلەتكەن. يەنە بىرى Geneva ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ ئۇلار ئىسپانىيەنىڭ Canary ئارىلىدىكى Galileo تېلېسكوپىنى ئىشلەتكەن.
يۇقىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ پلانېتا يەر شارىدىن 700 نۇر يىل يىراقلىقتا بولۇپ، چوڭلۇقى يەر شارىنىڭ 1.2 ھەسسىگە، ماسسىسى 1.7 ~ 1.9 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇ تاش بىلەن تومۇردىن تەركىب تاپقان بولۇپ يەر شارىغا ئوخشاش ئىكەن. بىراق بۇ پلانېتا يۇلتۇزنىڭ بەكرەك يېنىدا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنۇڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى كەم دېگەندە 2000 گرادۇس ئىكەن. شۇڭا پلانېتادا ھاياتلىقنىڭ بۆلىشى ناھايىتى تۆۋەنكەن.
بۇ پلانېتا چوڭلۇقى قۇياشنىڭ 7 ھەسسىگە ھەم ماسسىسى 8 ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان بولۇپ بىر ئايلىنىشى ئۈچۈن 8 يېرىم سائەت كېتىدىكەن.
يەر شارى بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتىكى پلانېتىلار كوپ تېپىلسا، ئۇنۇڭ تاش بىلەن تومۇردىن تەركىپلىنىشى تىپىك ھالەتمۇ ياكى كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋالمۇ بۇنى بىلىشكە بولىدىكەن.
يەنىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.
http://www.nytimes.com/2013/10/3 ... nally-hot.html?_r=0
|