- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2308
- نادىر
- 0
- يازما
- 169
ئۆسۈش
10.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-1 17:36
1-ئېنگىلىز كونسۇلى
1908-يىلى (گۇاڭشۇنىڭ 34-يىلى) 8-ئاينىڭ 5-كۈنى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تەستىقى بىلەن بۈيۈك برىتانىيىنىڭ تۇنجى كۆچمەن ئەمەلدارى جورجى مارگتېنىي ئايالى كاتېرىنا خانىم بىلەن قەشقەرغە يېتىپ كېلىپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە ئۆزى باش كونسۇل بولۇپ، ئىزچىل 17 يىل تۇرۇپ قالدى. ئۇ 1912-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ شىمالىدىكى تۆپىلىكتە قۇرۇلۇشنى باشلاپ، 1917-يىلىئىككى قەۋەتلىك ئۆلچەملىك كونسۇلخانا قۇرۇلۇشىنى پۇتتۇردى. بۇ كونسۇلخانىنىڭ يەر كۆلىمى 33 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ، كونسۇل ئىش بېجىرىش زالى، كىچىك زال، كاتىبات بىناسى، ئاخبارات پونكىتى، سودا كېڭىشىش ئورنى قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپقان تىپىك ئەنگىلىيە قۇرۇلۇشى ئىدى. ئۇندىن باشقا كونسۇلخانىدا ياتاق بىناسى، ئاشخانا، كوڭۈل ئېچىش ئەسلەھەلىرى تەسىس قىلىنغان، كىچىك زالنىڭ كەينىدە بەش مو كۆلەمدىكى مەنزىرىلىك باغ بولۇپ، بىر قىسىم قۇرۇلۇشلار ۋە دەل-دەرەخلەر ھېلىمۇ مۇكەممەل ساقلننىپ تۇرماقتا.
كونسۇلخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1914-يىلى باش كونسۇل جورجى مارگتېنىي جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا 615 كىشىنى تىزىملاپ " ئاتالمىش ئەنگىلىيە مۇھاجىرى"لىق گۇۋاھنامىسى تارقاتتى، 1917-يىلى ئەنگىلىيە پوچتا پونكىتىنى تەسىس قىلدى، پۇلى قاراۋۇلخانىسى(تاشقورغاندا)غا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، زور كۆلەمدىكى ئەپيۈنلەرنى مۇستەملىكىسى ھىندىستاندىن قەشقەرغە يۆتكىدى. 1918-يىلى ئەنگىلىيە ماگنىي سىمسىز تېلېگراف شىركىتىنى قەشقەرغە تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى-قەشقەر تېلېگراف ئالاقىسىنى يولغا قويدى. مەخسۇس ئاپپاراتنىڭ ئانتېنىسىنى كىچىك زالنىڭ ئۈستىدىكى بايراق خادىسىنىڭ ئۇچىغا مەخپى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىچكى لىنىيىلىك جاسۇسلۇق تېلېگرامما ئورناتتى، ھەمدە قەشقەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىدا ھەربىي جاسۇسلۇق ئالاقىسى ئېلىپ باردى......
يىراق شەرقتە بايلىق ئىزدىگۈچى تەۋەككۈلچىلەردىن ئاۋرېلىيا ستەيىن، پائۇل پېلروت ۋە كرورەن قەدىمى شەھرىنى بايقىغۇچى شىۋىتسىيىلىك سىۋىن ھېدىن قاتارلىقلار مۇشۇ جاينى بازا قىلىپ، ئېپىسپدىتسىيە ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى. كونسۇلخانا يېنىدىكى ئىگىزلىكى 24.2 مېتىر، غولىنىڭ دىئامېتىرى 13 مېتىر كېلىدىغان 150 يىللىق رېدە دەرىخى ھازىرمۇ جورجى ۋە كاتېرىنا ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھويلىسىغا سايە تاشلاپ تۇرماقتا.
1945-يىلى 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ھىندىستان مۇستەقىل بولماستا، ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تاقالغانلىقىنى جاكارلىدى، پۈتۈن مال-مۈلكىنى ئەنگىلىيەگە قاراشلىق ھىندىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، ھەمدە نامىنى "ھىندى كونسۇلى" دەپ ئۆزگەرتتى. 1954-يىلى ھىندىستان-پاكىستاننىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى رەسمىي تاقالدى. كونسۇلخانا يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن نامى قەشقەر تاشقى ئالاقە باشقارمىسىغا ئۆزگەرتىلدى، كېيىن چىنىباغ مىھمانخانىسىغا ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا چەتئەللىكلەرنى كۈتىدىغان ئىككى داڭلىق مىھمانخانا(يەنە بىرى سەمەن مىھمانخانىسى)نىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
مەنبەئە: قەشقەر مەركىزىي شەھەر تورى
|
|