ئازادلىق ئارمىيىدىكى ياپونلار
كۆپلىگەن كىشىلەر بىلىپ كەتمەيدىغان سىر :ئازادلىق ئارمىينىڭ تەركىبىدە 3 تۈمەن ياپون ئەسكىرى بار. ياپونىيەنىڭ جوڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپون ئەسكەرلىرى گومىنداڭ يەنشىشەن قىسىملىرى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىپلا قالماي يەنە شەرقى شىمالدىكى نەچچە تۈمەن ياپون ئەسكىرى ئازادلىق ئارمىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىندى. لېكىن بۇ تارىخ توپتوغرا نەچچە ئون يىل جىمجىتلىق ئىچىدە تۇردى. 1945-يىلى8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ياپونىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. جوڭگۇ كومپارتيسى مەركىزى كومىتىتى دەرھال ئازادلىق ئارمىيگە ئازاد رايونلارنى كېڭەيتىش، قوشۇن كۆلىمىنى زورايتىشنى چاقىردى. لى يۈنچاڭ قىسىملىرى، شەندوڭدىكى ۋەن يى قىسىملىرى بۇيرۇق بويىچە شەرقى شىمالغاكىردى، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، زېڭ كېلىن قىسىملىرى ئالدى بىلەن شېنياڭغا كىرىپ، قوشۇننى كېڭەيتتى، قورال - ياراغلارنى ئىزدەپ، قىسقىغىنە نەچچە كۈن ئىچىدە تۈمەندىن ئارتۇق ئادەمنى قوشۇنغا كىرگۈزدى. ھەمدە نۇرغۇنلىغان ياپونىيە ئارمىيسىنىڭ قورال-ياراغ، خام-ئەشيالىرىنى قولغا ئولجا ئالدى. ئەسلىدىكى جوڭگۇ ئازادلىق ئارمىيە 4-دالا ئارمىيسى 2-دالا دوختۇرخانىسىنىڭ لىيەن دەرىجىلىك بوغالتىرى، ياپونىيەلىك ئوفىستىر جوڭسۈن يىگۇاڭ مۇنۇلارنى ئەسلىدى:< 1945-يىلى 8-ئاينىڭ15-كۈنى بىز ئادەتتىكىدەك ئىشلەۋاتقان ئىدۇق، تۇيۇقسىز قوماندانىمىز بىز تۇرۇشلۇق رايوندىكى17نەپەر ئوفىستىرنى يىغىلىشغا بۇيرىدى، ھەمدە چۈشتە مۇھىم رادىئو ئاڭلىتىلدىغانلىقىنى ئېيتتى، چۈش بولغاندا، رادىئودا تېننو خاننىڭ تەسلىم بولغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرىشى ئاڭلىتىلدى، ئەينى ۋاقىتتا خەۋەر قاتتىق كونتىرول قىلىنغانلىقتىن، خەلق ۋە قوشۇن مەغلۇپ بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكنى شۇ ۋاقىتقىچە بىلمىگەنىدى، بىز بۇ ئىشقا ئىشەنمىدۇق، ھەمدە ئامال قىلىپ بىر نەچچەيلەن چاۋشىيەن تەرەپكە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇق. بىراق سوۋىت ئارمىيسى چاقماق سۈرئىتىدە شەرقى شىمالنى بېسىۋالدى. بىزنىڭ پىلانىمىز سۇغا چىلاشقاندىن كېيىن، بىرنەچچەيلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، شەرقى شىمالدىكى بىرلەشمە قوشۇن رەھبەرلىرىنى ئىزدىدۇق. ئۇلار بىزنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە بىزنىڭ ئازادلىق ئارمىيىگە قاتناشساق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئون نەچچە ئادەم قوشۇندا قېلىپ قالدۇق، بەزىلەر دوختۇرخانىدا، بەزىلەر ھەربى قوشۇنغا خىزمەت قىلدى.> 8-ئارمىيىگە قاتناشقاندىن كېيىن ، ئۇلار ئۆزلىرىنى چەتئەللىك بولغانلىقى ئۈچۈن چەتكە قېقىلامدىمىزمىكىن دەپ ئويلىغانىدى، بىراق ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۇلار ياپون بولسىمۇ ، لېكىن خىزمەتداشلىرى ئۇلارغا < يولداش>لارچە مۇئامىلە قىلدى. ئالاھىدە ئىقتىدارى بار ئوفىستىرلار ، مەسىلەن دوختۇر، ئۇچقۇچى،توپچى ئەسكەر قاتارلىقلار يەنە ئالاھىدە ئىلتىپاتتىن بەھرىمان بولدى. ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن 4-دالا ئارمىيسى تەركىبىدە جەمىئىي 4000دىن ئارتۇق ياپونىيە ئەسكىرى بار ئىدى. كېيىن بۇ ياپونىيەئەسكەرلىرى ئىچىدە نۇرغۇن ئۇرۇش قەھرىمانلىرى چىقتى. بۇلار ئازادلىق ئۇرۇش مەزگىلىدەئازادلىق ئارمىيمىزنى كېرەكلىك بولغان ھەربى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلار ھەتتا ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرى جوڭگۇ كومنىستىك پارتىيسىگە قاتناشتى.لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى، شەنشى تۆمۈر يولى قاتارلىقلارنى ياساشقا قاتناشتى. ھەتتاكى ماۋزىدوڭنىڭ خاس پويىزىنىڭ شوپۇرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. 1956-يىلى6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇئېنلەي ياپونىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغاندا مۇنداق دېدى:<بىز بىر قىسىم ياپونىيلىكلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز، ئۇلار ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە دوختۇر،سېستىرا،تېخنىك سۈپىتىدە جەڭگە قاتناشتى.بۇ بىز ۋە ياپون خەلقنىڭ دوستلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، ياپونىيە مىلتارىزىم ئىدىيىسى ھەقىقەتەن رەھىمسىز، لېكىن جوڭگۇغا ياردەم بەرگەن ياپونلۇقلار يەنىلا نۇرغۇن. >
|