ھەقىقى لىياڭشەن ئەزىمەتلىرى
ھەمىمىز دېگۈدەك < سۇ بويىدا> فىلىمىنى كۆرگەندىمىز ۋە ياكى بولمىسا كىتابىنى ئوقىغاندىمىز ، بۇ روماندىكى پېرسوناژلارنىڭ تىپىك بولغان ئالاھىدىلىكلىرى كىشىدە چوڭقۇرتەسىر قالدۇرالايدۇ. لېكىن مۇشۇ تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ھەقىقى لىياڭشەن پالۋانلىرىنى بىلىدىغانلىرىمىز بەلكىم ساناقلىق بولساق كېرەك.... ھەمىمىزگە مەلۇم بولغاندەك لىياڭشەن ئەزىمەتلىرى جەمىئىي 108، ساماۋى ئەختەر36، زېمىنى ئەپتەر 72 ، تارىخى كىتابلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، لىياڭشەن سەركەردىلىرى پەقەت 36 نەپەر بولۇپ،جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگەكەلگەندە <شۈەنخې يىللىرىدىكى ئىشلار> دېگەن ئەسەر يېزىلىپ، بۇ قوزغىلاڭ قىسسىلاشتۇرلۇپ ھەمدە ھېكايىلەشتۇرۇلدى.مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە < سۇ بويىدا> يېزىلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇڭ جىياڭ قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلاڭ ئىشلىرى تېخىمۇ ئوبرازلاشتۇرۇلدى، ئەسلىدە كۆلىمى ۋە تەسىرى كىچىك بولغان بۇ دېھقانلار قوزغىلىڭى شۇنداق قىلىپ چوڭقۇر ئىجتىمائى تەسىر قوزغاپ، ئامما ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىدى. ھېكايە دېگەن ھامان ھېكايە ، تارىختىكى ھەقىقى لىياڭشەن پالۋانلىرى قانداق بولغان؟ سۇڭ جىياڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا لىياڭشەن تۇراسىدىن ئايرىلدى. ھەرگىزمۇ كىتاپتىكىدەك < شىرمەتلەرسارىيى>ۋە ياكى بولمىسا< ساداقەتمەنلەر سارىيى> قۇرۇپ تاغ تۇرانى ماكان قىلىپ تۇرمىدى. بەلكى شەندوڭنىڭ باشقا جايلىرىغا خېنەن،خېبېي قاتارلىق جايلىرىدا ئايلىنىپ قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلدى. تارىخى كىتاپلاردامۇنداق دېيىلگەن؛< شىمال جەنۇبتا ئايلىنىپ، شەرقى ئاستانىنى پاراكەندە قىلدى، لەشكىرى تۈمەندىن ئارتۇق بولۇپ ھېچكىم قارشى تۇرۇشقا پېتىنالمىدى.>. تەخمىنەن 2 يىلدىن كېيىن، يەنى شۈەنخېنىڭ 3-يىلى (1121-يىلى) ئىككىنجى ئايدا سۇڭ جىياڭ قوزغىلاڭ قىسىمى جىياڭسۇ شۇياڭدىن خەيجوۋغا يەنى ھازىرقى لىيەنيۈنگاڭغا كېمە ئارقىلىق تېگىش قىلدى. بىراق خەيجوۋنىڭ ئايماق بېگى بۇ توپىلاڭچى قوشۇننى نۇرغۇن ئەسكەر ئارقىلىق قورشىۋالدى، زىيان ناھايتى ئېغىر بولۇپ، چېكىنىش يولىمۇ ئۈزۈۋېتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، سۇڭ جىياڭ قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ تەسلىم بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ سۇڭ جىياڭ رەسمىي ھالدا سۇلالىنىڭ ئەمەلدارى بولدى. كېيىن سۇڭ جىياڭ فاڭ لاغا يۈرۈش قىلدىمۇ يوق، بۇ ھەقتە ھازىر تارىخ ساھەسىدە تالاش تارتىش بولۇپ ھېلىغىچە ئېنىق بىر خەۋەر يوق،لېكىن فاڭ لاغا ھۇجۇم قىلغانلىق ئەمىلىيىتىنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭراق. سۇڭ سۇلالىسى دېھقانلار قوزغىلىڭى ئەڭ جىق يۈز بەرگەن سۇلالە بولۇپ، 300يىللىقسۇلالە تارىخىدا نەچچە يۈز قېتىم توپىلاڭ يۈز بەرگەن، لىياڭشەن توپىلىڭى ناھايتى كىچىك بىر توپىلاڭ ھېسابلىندۇ، ئۇ فاڭ لا توپىلىڭى ئالدىدا كىچىكلابىر توپىلاڭ بولۇپ ، ئۇلار بىلەن روبىرو جەڭ قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئۇلار ھۆكۈمەت قوشۇنى تەركىبىدە جەڭ قىلغان بولۇشى مۇمكىن............................................................................................. .............................................................................. ................................................................................................. .......................<يۆفېي خاتىرىلىرى> دېگەن ئەسەردىن مەلۇم بولۇشچە، كېيىنكى جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق سەركەردىسى يۆفېينىڭ قوشۇنىدا لىياڭشەن ئەزىمەتلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى جىن سۇلالىسىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان.
|