ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىق خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان بان كىمۇن كىچىك ۋاقتىدا بىر بازارلىق مەكتەپتەئوقۇيتتى.ئەينى چاغدا پۈتۈن چاۋشىيەن يىرىم ئارىلىنى ئۇرۇش ئوتلىرى قاپلىغان بولسىمۇ ،باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يەنىلا دەرس ئوقۇلاتتى.بىراق ھاۋا مۇداپىئەئەترىتىنىڭ جىددى مەلۇماتىنى ئاڭلىغان ھامان دەرس توختاتمايمۇ بولمايتتى. شۇ چاغدا بىر قىتىملىق تىل- ئەدەبىيات دەرىسىدە مۇئەللىم مۇنداق بىر سۇئالنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. ‹‹ تىنچلىق دېگەن نېمە؟›› ئوقۇغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن جاۋاپ بىرىپتۇ. ‹‹ مۇئەللىم،تىنچلىق دېمەك سىرتتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان دادامنىڭ دائىم يىنىمدا بولىشى›› ‹‹ مۇئەللىم،تىنچلىق دېمەك كىچىسى خاتىرجەم ئۇخلاش›› ‹‹ مۇئەللىم،تىنچلىق دېمەك ھەر كۈنى يەيدىغان- ئىچىدىغىنىمىزتەييار بولۇش ››. ‹‹ توغرا ئەمەس،بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى تىنچلىقنىڭ ئەڭ ياخشى تەبىرى بولالمايدۇ›› دىدى مۇئەللىم. بۇچاغدا بىر ئوقۇغۇچى ئاق قەغەزگە بىر رەسىم سىزىپتۇ: ھەيۋەتلىك تاغ ئاستىدىن ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلمەكتە،ئاددىي ئۆي ئالدىدىكى دەرەخلەر چىغىر يولغا سايە تاشلىغان،ئاپئاق بۇلۇت ۋە قۇشلار يىراقتىنلا بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك كۈرىنەتتى...... ‹‹ مۇئەللىم ،بۇغۇ تىنچلىقتۇ؟›› دىدى ئۇ ئوقۇغۇچى رەسىمنى مۇئەللىمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ‹‹ بۇمۇ ئەمەس،بۇ دېگەن جىمجىتلىق›› دىدى مۇئەللىم. تىنچلىق دېگەن زادى نېمە؟ ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە مۇلاھىزىگەچۈشۈپ كەتتى.بۇچاغدا مۇئەللىم بىر پارچە رەسىمنى كۆرسەتتى: قاتتىق يامغۇر ياغماقتا،شىددەتلىك بوران ھۇۋلىماقتا، يوغان ،چوڭ دەرەخلەرمۇ بوراندا تەۋرەنمەكتە،بىردەرەخنىڭ شېخىدا بىر قۇش ئۇۋىسى بار بولۇپ،ئۇۋىدا بىر چوڭ قۇش قانىتىنى كەرگىنىچە،تۆت ئەتراپقا ھۇشيارلىق بىلەن نەزەر سالماقتا،ئۇنىڭ قانىتى ئاستىدا بىرنەچچە قۇش بالىسى ناھايتى خاتىرجەم ھالدا تاتلىق ئۇخلىماقتا...... ئارىدىن يىرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بۇ بىر سائەتلىك دەرس بان كىمۇننىڭ ئىسىدە ھازىرقىدەكلا ساقلىنىپ تۇرماقتا.ئۇ بىر قىتىملىق نۇتۇقىدا تىنچلىقنىڭ خۇددى قۇياشقا ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا نۇرچېچىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىيتقان ئىدى. تىنچلىق ئەمىلىيەتتە بوۋاققىلائوخشايدۇ، ئۇ مېھرىبان ياردەمچىگە ئىرىشسە سىرتتا قانچىلىك جۇدۇن-چاپقۇن بولسۇن،يەنىلا بىر خىل مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ قوغدىشى ئاستىدا تاتلىق چۈشىنى كۆرىۋىرىدۇ.
بۇئەسەر‹‹ئوقۇرمەنلەر›› (读者) ژۇرنىلىنڭ 2007-يىللىق 23- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمەقىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت |