قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2558|ئىنكاس: 11

ئامېرىكىلىق پوپنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

3

دوست

3677

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  390
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 806
تۆھپە : 579
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 13:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئامېرىكىلىق پوپنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى


مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى ئىسمى يۈسۈپ ئەستەس  Yusuf Estes بولغان ئامېرىكىلىق تەقۋادار خىرىستىيان پوپ ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئىسلامنى تاللىغانلىقى ھەققىدىكى كەچۈرمىشنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«مېنىڭ دادام تەقۋادار خرىسىتىيان ئىدى. مەنمۇ ھەم شۇنداقتىم. بىزنىڭ دوكانلىرىمىز بار ئىدى. دائىم چىركاۋلاردا باشقىلارغا ياردەم قىلاتتۇق. بىر كۈنى دادام ماڭا مىسىرلىق بىرى بىلەن تىجارەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. مەن “ئەمدى خەلقئارالىق تىجارەت قىلىدىغان بوپتۇق” دەپ خۇشال بولدۇم. بىراق ئۇ كىشىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنداق كىشىلەر بىلەن تىجارەت قىلمايمەن! دېدىم. مۇسۇلمان دېگەندە «ئەرەبىستاندىكى بىر قارا تاشقا ئىبادەت قىلىدىغانلار، تېرورچىلار، تەڭرىنىڭ دۈشمىنى كاپىرلار» دەپ بىلەتتىم. چۈنكى، تېلېۋىزورلاردىن بىز مۇشۇنداق تەربىيە ئالغانىدۇق. دادام: «بۇ مىسىرلىق ياخشى ئادەم، بىر كۆرۈشكىن» دەپ تۇرىۋالدى. مەن كۆڭلۈمدە «مەيلى، كۆرۈشسەممۇ كۆرۈشەي. ئامال بۇ مۇسۇلماننى خرىستىئان دىنىغا كىرگۈزۈپ ئادەم قىلاي» دەپ ئويلىدىم. يەكشەنبە كۈنى كۆرۈشمەكچى بولدۇق.
ئۇ كۈنى ئەتىگەندە بىر قولۇمدا ئىنجىلنى ئېلىپ دىندار خرىستىئان ئايالىم بىلەن بىللە چىركاۋغا باردىم. قىززىق يېرى شۇكى، ئۇ كۈنى چىركاۋدا پاپا «كونا ئەھدە» (تەۋرات)تىكى داۋۇدنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ھەققىدە تەبلىغ قىلىۋاتقان ئىكەن. بۇلارنى ئاڭلاپ بىر ئاز قايمۇقۇپ قالدىم. چۈنكى ھازىرقى خرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىسى بويىچە ئىنسانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئىيسا مەسىھكە ئىمان ئېيتىشىغا باغلىق ئىدى. ئەمما نېمىشقا بۇ پاپا ئىيسادىن ئىلگىرىمۇ نىجاتلىقنىڭ (قۇتۇلۇشنىڭ) بولغانلىقىنى سۆزلەيدۇ؟ ئاجايىپ ئىش.
چىركاۋدىن چىقىپ دادامنىڭ يېنىغا باردىم. مىسىرلىق ئەرەب بىلەن بۇ يەردە كۆرۈشمەكچى ئىدىم. خىيالىمدا ئاپپاق يەكتەك كىيگەن ھۈمەينىگە ئوخشاش بىرسى بىلەن كۆرۈشەرمەنمىكىن دەپ ئويلىغان، ئەمما قارىسام، بۇ مىسىرلىق ئىنتايىن ئادەتتىكچە، نورمال بىر ئادەم ئىكەن. سىلىق-سىپايە سالاملىشىپ كۆرۈشتۇق. ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- تەڭرىگە ئىشىنەمسىز؟
- شۇنداق، ئىشىنىمەن.
- مۇسانىڭ تەڭرىسىگە ئىشىنەمسىز؟
- ھەئە، ئىشىنىمەن.
- ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭكىگىچۇ؟
- ئىشىنىمەن.
- داۋۇد بىلەن سۇلايماننىڭكىگىچۇ؟
- شۇنداق، ئىشىنىمەن.
بۇ مىسىرلىقنىڭ بۇلارغا ئىشىنىدىغانلىقى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. بەلكىم ئاغزىدا شۇنداق دەپ قويغاندۇ دەپ ئويلىدىم.
- ئىيسا مەسىھكە ئىشىنەمسىز؟ – دەپ سورىدىم.
- ھەئە، ئىشىنىمەن. – دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنى ھىندى دىنى مۇخلىسلىرىغا ئوخشىتاتتىم. بۇ مىسىرلىق ئادەم ئىنجىلدىكى بەزى مەزمۇنلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا بۇ مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلارغا بىر ئاز ئوخشايدىكەن دەپ ئويلىدىم. ئەمدى بۇ ئادەمنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش (يەنى مۇسۇلماننى خرىستىئان قىلىش) ئاسان بولىدىغان بولدى دەپ خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىشقا قوشۇلدۇم.
ئۇنى بىللە چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدىم. چايدىن كېيىنلا ئۇنىڭغا ئىنجىلدىن دەرس ئۆتۈشكە باشلىدىم. قولۇمدىكى ئىنجىلدىكى «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» بابىنى ئېچىپ:
- ئىبراھىم پەيغەمبەر ھەققىدە سۆزلىشەيلى. ئۇنىڭغا دائىر نېمىلەرنى بىلىسىز؟ ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى… – دەپ تەبلىغ قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ «ھەئە» دېگەچ ئاڭلايتتى.
رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە بۇ مىسىرلىقنىڭ بىر مەسجىدتە ئېتىكاپقا كىرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. دادامغا دېدىم:
- بۇ مىسىرلىق ئادەم بارغىلى كەلگىلى يېرى يوق مەسجىدنى ماكان قىلىۋاپتۇ. ئۇنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىلىۋالايلى.
- ياق، ئۇنىڭ پۇلىسى بار. بىز نەدە تۇرۇشىغا ئارىلاشمايلى. – دەيتتى دادام.
ئادەتتە خرىستىئانلار ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالمىغۇچە چىركاۋنى ماكان تۇتمايدۇ. مەن دادامنى ۋە ئۇنى تەستە قايىل قىلىپ ئۆيگە ئەكىلىۋالدىم. بۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىمۇ كۆپ بولۇپ، خرىستىئان دىنىنى ئۇنىڭغا بىۋاستە ئۆگەتكىلى بولاتتى. بىز بىللە بېرىش-كېلىش قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۇ بىزنىڭ دۇكاندا ماللىرىمىزنى سېتىشىپ بېرەتتى. بىر قېتىم، بىر خېرىدار پوكەينىڭ ئالدىدىكى مالنى ئالماقچى بولىۋىدى، ئۇ ئارقىدىكىسىنى ئېلىپ بەردى. يەنە بىر قېتىمدىمۇ ئۇنىڭ يەنە شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم:
- ئەي مۇھەممەد، بىز كونا ماللارنى ئاۋۋال سېتىش ئۈچۈن ئالدىغا تىزىپ قويۇپ، يېڭىلىرىنى ئارقىغا تىقىپ قويىمىز. ئاۋۋال كونىلىرىدىن قۇتۇلمىساق بولمايدۇ.
- مەن بۇنداق قىلالمايمەن. مېنىڭ دىنىم بويىچە خېرىدارغا مالنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى بەرمىگۈچە ساتقىلى بولمايدۇ.
- ماقۇل، ماقۇل. سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن، پۇل تاپمىساقمۇ مەيلى.
ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مەن مۇھەممەدتىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئۇ بەكلا كەمتەر ئىدى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن، ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولغاچقا ھەر ساھە ئىلىملەردىن خەۋىرى بار ئىدى. مۇنازىرىلىشىپ قالساق، ھەمىشە ئۇ مېنى يېڭىۋالاتتى.لېكىن بەزىدە يەنە مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى دەرھال بىلىۋېلىپ مۇنازىرىدە مېنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىمغا شارائىت ھازىرلاپ بېرەتتى. مۇنازىرىدە مېنىڭ يېڭىش يېڭىلىشىم ئۇنىڭغا باغلىق ئىدى. ئۇ خالىسا يېڭەتتىم، خالىسا يېڭىلەتتىم.
بۇ يەردە مەن تونۇيدىغان بىر كاتولىك تەبلىغچى پاپا بار ئىدى. قولىدا چوڭ كرىست بەلگىسىنى كۆتۈرىۋېلىپ ئوچرىغانلىكى كىشىلەرگە دىن تەبلىغ قىلاتتى. ئاڭلىسام ئۇ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ دۇختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. ئۇنى يوقلاپ بارغىنىمدا تونىيالمىغىلى تاسلا قالدىم. ئۇ ماڭالماس بولۇپ قالغاچقا چاقلىق ئورۇندۇققا مەھكۇم بوپتۇ. بۇ پاپانىڭ بىر دەردى بار ئىدى. ئەمما ھېچكىمگە گەپ قىلىشنى خالىمايتتى. مەن ئۇنى سۆزلىتىش ئۈچۈن: «ساڭا شاھادەت ئېيتىپ، ئىيسا مەسىھنىڭ خوشخەۋىرىنى سەندىن ئاڭلىغۇم بار» دېدىم. قولۇمدىكى ئىنجىلنى ئېچىپ يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قىسسىسىنى ئوقىدىم. «ماڭا قارا، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بىلىقنىڭ قورسىقىدا كۆپ جاپا تارتتى. سەن ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇ تارتقانچىلىك جاپا تارتمىدىڭ. ئۇنى بىلىقنىڭ قورسىقىدىن قۇتقۇزغان تەڭرى سېنىمۇ قۇتۇلدۇرىدۇ» دېدىم. ئۇ پاپا يەنە لام-جىم دېمىدى. ئۇنىڭغا گەپ قىلىش خوشياقمايتتى.
- ئىسمىڭ نېمە؟ سەن قەيەرلىك؟ – دېسەم،
- ۋېنۇستىن! – دەيدۇ. تېكساس شىتاتىدا ۋېنۇس دەيدىغان بىر يەر بار. ئەمما بۇ پاپا ھازىر ئۆزىنى «ۋېنۇس ناملىق باشقا بىر پىلانتتىن كەلدىم» دەۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ داۋاملىق دوختۇرخانىغا كېلىپ ئۇنى يوقلايدىغان، تەسەللىي بېرىدىغان بولدۇم.
بىر كۈنى ئۇنىڭ چاقلىق ئۇرۇندۇقىنى ئىتتىرىپ ئەتراپتا ئايلاندۇرىۋاتاتتىم. ئۇ يىغلاشقا باشلىدى، «مەن ساڭا گۇناھىمنى ئىقرار قىلماقچى» دېدى. كاتولىكلەرگە نىسبەتەن «ئىقرار قىلىش» دېگەنلىك پاپانىڭ ئالدىدا گۇناھ چىقىرىش دېگەنلىكتۇر. بارلىق گۇناھلىرىڭنى پاپاغا ئىقرار قىلدىڭمۇ، ئۇ سېنى ئەپۇ قىلىدۇ-دە، گۇناھتىن قۇتۇلىسەن. مەن ئۇنىڭغا دېدىم:
- قارا، مەن كاتولىك ئەمەسمەن. كاتولىك پاپامۇ ئەمەسمەن. مەن پەقەت بىر خرىستىئان تەبلىغچى خالاس.
- مەن بۇنى سەندىن ياخشى بىلىمەن. چۈنكى مەن بىر كاتولىك پاپامەن.
«ئامان تەڭرىم، بۇ ئادەم بىر پاپا. ئىنجىلنى مەندىن ياخشى بىلىدۇ» دېدىم كۆڭلۈمدە.
- مەن ھازىر ئېغىر كېسەلمەن. يۈرەك كېسىلىم قوزغىلىپ قالدى. ھەممە جەھەتتىن قىيىنچىلىق ئىچىدە قالدىم. دەردىمنى ساڭا تۆككەنلىكىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. – دەپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ قاتتىق ئىچىم ئاغرىدى-دە، ئۇنى قۇچاقلاپ كۆڭلىنى ياسىدىم. كېيىن ئۇنىڭ دۇختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئىزدەپ سوراپ ئۇنىڭ تۇرۇۋاتقان يېرىگە باردىم، ئۆيۈمگە ئەكەلدىم.
بۇنچە ئۇزۇن تەپسىلاتلارنى ئىزىپ سۆزلىشىمدىن بىر نەرسە ھېس قىلدىڭلارمۇ؟ ھازىر ئۆيۈمدە ئىككى مېھمان بار. بىرى كاتولىك پاپا، يەنە بىرى مىسىرلىق مۇسۇلمان. مەن بۇ كاتولىك پاپانى پروتەستان قىلىشنى، مۇسۇلماننى بولسا خرىستىيان قىلىشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. نېمىدىگەن ئۇلۇغۋار غايە-ھە!
لېكىن ئىشلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدىكىدەك بولمايۋاتاتتى. ئاجايىپ ئىشلار يۈر بېرىۋاتاتتى. ھەر كۈنى ئاخشام ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئىنجىلنى ئېچىپ قويۇپ ئىنسانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى توغرىسىدا سۆزلىشەتتۇق. دادامنىڭ قولىدىكى ئىنجىل (King James) نوسخا ئىنجىل ئىدى. مەن بولسام 1953-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ بېسىلغان ئۆلچەملىك نۇسخىدىكى ئىنجىلنى ئوقۇيتتىم. مېنىڭ قولۇمدىكى ئىنجىلدا يېزىلىشىچە كىڭ جېيمىس نۇسخىدىكى ئىنجىلدا ئېغىز خاتالىقلار، كەمچىلىكلەر بار ئىدى. شۇڭا مەن دادامنىڭ قولىدىكىگە ئوخشىمايدىغان ئىنجىل بىلەن تەبلىغ قىلىشقا باشلىدىم. دادام قايىل بولماي: «ياق، ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق!» دەيتتى. مەن: «ياق، سېنىڭ خاتا! ئەسلى توغرىسى مۇنداق!» دەيتتىم. ئايالىم بولسا Jimmy Swaggerگە ئائىت «زامانىۋى ئىنسانلارغا خوشخەۋەر» ناملىق باشقا بىر ئىنجىل بىلەن سۆزىمىزگە قوشۇق سېلىپ ئولتۇراتتى. بۇ ئىنجىل پۈتۈنلەي زامانىۋى ئېغىز تىلى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، خالىغانچە تەرجىمە قىلغىلى، چۈشەندۈرۈپ تەپسىر قىلغىلى بولىدىغان بولغاچقا مۇقەددەس ئىنجىلغا ئوخشىماي قالغانىدى. كاتولىك پاپانىڭ قولىدىكىسى بولسا 73 كىتاپچىدىن تەركىپ تاپقان بىر قەدىمىي ئىنجىل بولۇپ، ئۇنىڭكى بىزنىڭ قولىمىزدىكى 66 كىتابچىدىن تۈزۈلگەن ئىنجىلغا پەقەت ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭكىدەك ئىنجىلنى مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. مەن قولۇمدىكى ئىنجىلغا قاراپ سۆزلەيتتىم. دادام، ئايالىم ۋە ئۇ كاتولىك پاپا يەنە ئۆزىنىڭ قوللىرىدىكى پەرقلىق ئىنجىللارغا قاراپ سۆزلىشەتتى. دېگەنلىرىمىز بىر بىرىمىزنىڭكىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. بىز ئوخشاشمايدىغان تۆت خىل ئىنجىلنى تۇتۇپ مۇنازىرىلىشىپ توۋلىشىپ كەتسەك، مىسىرلىق مۇھەممەد بىزگە تەئەججۈپ ئىلكىدە جىمجىت قولاق سېلىپ قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- سىلەرنىڭ قۇرئاننىڭ قانچە نۇسخىسى بار؟
- قۇرئاننىڭ مانچە نوسخىسى يوق. پەقەت بىرلا ئەرەپچە قۇرئانىمىز بار. – دەپ بەقەرە سۈرىسى 2-ئايەتنى ئوقىدى: «بۇ كىتاب، يەنى قۇرئاندا ھېچ شەك يوق، ئۇ تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر.» ھازىرغىچە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ ئەسلى نۇسخىدىكى بىرلا قۇرئاننى ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەن ئۇنى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، چۈنكى بىزدىكى مەسىلىنى كۆرۈپ بۇنىڭغا ئاساسەن گەپ قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم. لېكىن مەن ئۇ چاغدا ئەرەپچە بىلمىگەنلىكىم ئۇچۇن نېمە دېيىشىمنى بىلمەيتتىم. بۇ مىسىرلىق ئەرەب بىزگە كۆپ تەبلىغ قىلمىدى، ئەمما كاللامدا بىر سۇئال پەيدا بولدى. بىز خرىستىيانلارنىڭ بىر مۇنچە كىتابىمىز بار، ئەمما ئۇنىڭ «ئىچىدە ھېچقانداق شەك-شۈبھە بولمىغان» پەقەت بىرلا كىتابى باركەن.
باشقا كۈنى بىز باشقا تېمىلاردا مۇنازىرە قىلىشتۇق. بۇ قېتىم مەن خرىستىئانلارنىڭ ئۈچلۈك تەڭرىtrinity ئەقىدىسىنى ئاممىباپ ھالدا ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يول ئىزدىدىم-دە، كرسىت بەلگىسى ئېسىۋالغان بىر پاپانىڭ يېنىغا باردىم.
- ئۈچلۈك ئەقىدىنىڭ نېمىلىكىنى تېخىچە بىلمەمسەن؟
- بىلىمەن، بىلىمەن. ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇللىقىنىمۇ بىلىمەن. لېكىن كىشىلەرگە ئاددى ئۇسۇلدا بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز.
- ماقۇل. بۇنى بىر ئالمىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئالمىنىڭ سىرتىدا پوستى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىز يەيدىغان يېرى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقچىسى بار. بىر ئالمىنىڭ ئىچىدە ئۈچ نەرسە بار. بۇنى مۇشۇنداق چۈشەندۈرسەڭ بولىدۇ.
مەن بۇ مىسىرلىق مۇسۇلمانغا ئۈچلۈك ئەقىدىنى مۇشۇنداق ئىزاھلاشنى ئويلاپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. لېكىن بۇ گەپمۇ قاملاشمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئالمىنىڭ ئىچىدە بىر تال ئۇرۇقچا بولماسلىقى، تۆت-بەش، ھەتتا يەتتە-سەككىز تال ئۇرۇقچە بولۇشى، بەزىدە ھەتتا ئىچىدىن قۇرت چىقىشى مۇمكىن. بۇنداقتا تەڭرىلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتمەمدۇ؟! بۇ مىسال بولمايدىكەن. پوپنىڭ يېنىغا قايتىپ باردىم.
- ھە ماقۇلە، ئالمىنى ئۇنتۇپ كەت. تۇخۇمنى مىسال قىلغىن. تۇخۇم شاكىلى، ئېقى، سېرىقى ئۈچ نەرسە بىر تۇخۇمنى تەشكىل قىلىدۇ.
- بۇ مىسالمۇ بولمىغۇدەك. بەزى تۇخۇملارنىڭ 2 تال سېرىقى بار. بۇ چاغدا ئۈچ تەڭرى تۆت بولۇپ قالمامدۇ؟!
- ………….
بۇ پوپتىن بۇ ھەقتە سۇئال سورىماي بولدى.
بىر كۈنى دۇكاندا ئۇچرىشىپ قالغان بىر خرىستىئانغا دېدىم:
- ئۈچلۈك تەڭرى ئەقىدىسىدىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدىم.
- نېمە دەۋاتىسەن؟! سەن بىر پاپا تۇرۇپ ئۆز ئەقىدەڭدىن گۇمانلىنىۋاتامسەن؟
- شۇنداق، گۇمانلىنىۋاتىمەن. ئۈچ قانداقمۇ بىرگە تەڭ بولسۇن؟
- توختا، مەن چۈشەندۈرۈپ باقاي. مەن بىر ئەر كىشىمەن. ئايالىم بىر ئايال كىشى. بىر ئوغلۇم بار. ئۈچىمىز بىر ئائىلە. بۇ تەڭرىنىڭ ئائىلىسى. بۇنى مىسال قىلغىن.
- توغرا دەيسەن. تەڭرىنىڭ ئائىلىسى. لېكىن بۇنى مىسال قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئائىلىنىڭ يەنە بىر پەرزەنتى دۇنياغا كېلىشى مۇمكىن. تېخىمۇ يامىنى شۇكى، ئەر-خۇتۇن ئاجرىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئاجرىشىدىغان تەڭرى لازىممۇ ساڭا؟ تېكساستا ئەرلەر خۇتۇنىدىن ئاجرىشىدىغان بولسا خۇتۇن ئەرنىڭ بارلىق مۈلكىنى ئېلىپ كېتىپ قاقسەنەم قىلىپ قويىدۇ… ماڭا بۇنداق ئاجرىشىدىغان تەڭرى لازىم ئەمەس. ئۈچلۈك تەڭرى ئەقىدىسىنى زادى لوگىكىلىق چۈشەندۈرگىلى بولماسمۇ؟
مىسىرلىق مۇھەممەدتىن سورىدىم:
- سېنىڭ تەڭرىڭ قانداق تەڭرى؟ سىلەر ئۇنى قانداق چۈشەندۈرۈسىلەر؟
- «ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىيىم، بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم. ئېيتقىنكى، ئاللاھ بىردۇر، ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، توغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.» (112-سۈرە) يەنە قۇرئاندا «خرىستىئانلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ ئۈچتۇر دېمىسۇن» دېيىلگەن.
بۇ يەردە مەن بىر نوقتىنى تەكىتلەپ ئۆتەيكى، ھازىرقى «كونا ئەھدە» (تەۋرات)، «زەبۇر»، «يېڭى ئەھدە» (ئىنجىل)دا ھېچقانداق يەردە «ئاللاھ ئۈچ» trinityدېگەن سۆز يوق. پەقەت قۇرئاندا «ئاللاھنى ئۈچ دېمەڭلار» دېگەندە «ئۈچ» دېگەن سۆز بار. قۇرئان ھەقىقەتەن ئىنجىلنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىۋاتاتتى.
مىسىرلىق مۇھەممەد بىلەن سۆزلەشكەنسىرى ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راستلىقىغا ئەقلىم بىلەن ئىشەندىم، توغرىلىقىنى بىلدىم. ئەمما ئېتىراب قىلىشنى خالىمايۋاتاتتىم. ئىنجىلدا چۈشەنمىگەن مەسىلىلەر قۇرئان بىلەن چۈشىنىشلىك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئىنساننىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ھەققىدە ئىنجىل تەڭرىدىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يۇقلۇقىنى ئېيتىپ ئېنىق بىشارەت بېرىدۇ. ئىيسا مەسىھ قۇتقۇزغۇچى ئەمەس. پەقەت تەڭرىلا قۇتقۇزغۇچىدۇر. مەن مۇشۇنداق چۈشەندۈرسەم ئاڭلىغۇچىلار ئاغزىنى تۇتۇپلا قالىدىغان بولدى. مىسىرلىق مۇھەممەدتىن يېڭى ئۆگەنگەنلىرىمنى تەدبىقلاپ تەبلىغلىرىمگە قوشۇپ ماڭدىم. لېكىن كۆڭلۈم يەنىلا بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ تەڭرىنىڭ يەككە-يىگانە يالغۇز ئىكەنلىكىگە قەتئى ئىشىنىدىغان بولدۇم. «ئۈچلۈك تەڭرى trinity ئەقىدىسى»نى تامامەن ئۇنۇتتۇم. داداممۇ بىرلا تەڭرىگە ئىشىنەتتى.
بىر كۈنى ئۆيۈمدىكى مېھمان كاتولىك پاپا مىسىرلىق مۇھەممەدكە:
- سىلەرنىڭ چىركاۋىڭلارغا (مەسجىدىڭلارغا) كىرىپ باقسام بولامدۇ؟ – دەپ سورىدى. مۇھەممەد:
- ئەلۋەتتە! – دەپ ئۇنى مەسجىدكە ئېلىپ كەتتى.
قايتىپ كەلگەندە كاتولىك پاپادىن سورىدىم:
- مۇسۇلمانلار مەسجىدتە نېمىش قىلىدىكەن؟
- ئۆرە تۇرۇپ ۋە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇپ قايتىدىكەن. مانا مۇنداق مۇنداق … – دەپ دورىدى.
- نېمە؟! ئۇلار جىمجىت ئىبادەت قىلىپ بولۇپلا قايتىدىكەن دېدىڭما؟ بىزنىڭكىدەك تەڭكەش قىلىدىغان مۇزىكا دېگەندەك نەرسىلىرى بارمىكەن؟
- يوقكەن، مۇزىكا چالمايدىكەن.
- يوق؟! توۋا، مۇزىكا يوقمىكەن؟ دۇنيادا تەڭرىگە مۇزىكىسىز ئىبادەت قىلىدىغان ئىشمۇ بارمىكىنا؟
مۇھەممەدتىن سورىدىم:
- مەسجىدتە مۇزىكا يوقمۇ؟
- يوق.
كۆڭلۈمدە ئويلىدىم «مەن ئەمدى دەرھال پىئانىنو تىجارىتىنى باشلاي».
- دۇنيادا قانچىلىك جامە، مەسجىد بار؟
- نەچچە مىليۇن جامە مەسجىد بار.
- ھېچقايسىسىدا پىئانىنو، گارمون دېگەندەك سازلار يوقمۇ؟
- يوق.
- ئەرەبلەرنىڭ مۇزىكىسى يوقمۇ؟
- بار. ناخشا مۇزىكىسى بار.
خىيالىمدا بۇ مەسجىد جامەلەرگە پىئانىنو سېتىپ پۇل تېپىشنى ئويلاپ كەتتىم.
كېيىن يەنە بىر كۈنى كاتولىك پاپا مىسىرلىق مۇھەممەد بىلەن يەنە جامەگە كەتتى. تەڭ كېچىگىچە ساقلىساقمۇ قايتىپ كەلمىدى. ئەتىسى قايتىپ كەلدى. مۇھەممەدنى تونىدىم، ئەمما ئۇنى تونىيالماي قالدىم. ئۇزۇن ئاق كۆينەك كىيىپ، بېشىغا سەللە يۆگەپ قايتىپ كەپتۇ.
- ھوي سەن مۇسۇلمان بولدۇڭمۇ؟ – دەپ سورىدىم ھەيرانلىق بىلەن. ئۇ:
- ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللاللاھ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدۇن ئابدۇھۇ ۋە راسۇلۇھۇ! – دېدى.
ئۇنىڭدىن سۇئال سوراپ تۇرسام، ئۇنى مۈگدەك بېسىپ ئۇخلاپ قالدى. نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.
مەن بۇ كاتولىك پاپانى پروتەستان قىلىمەن دەپ تىرىشىپ يۈرۈۋاتسام، ئەمدى ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ قالدى. دادامغا ئېيتسام، ياخشى بوپتۇ دېدى. بىر كىمگە دەردىمنى تۆكمىسەم بولمىدى. ئايالىمغا دەپ باقاي.
- خۇتۇن، بىزنىڭ ئۆيدىكى كاتولىك پاپا مۇسۇلمان بوپتۇ. ئۇنىڭ قۇرئان ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىنى بىر ئاڭلىغان بولساڭ، كاللام ئېلىشىپ كەتتى…
ئايالىم تۇيۇقسىزلا:
- مەن سەندىن ئاجراشماقچى! – دېدى.
- نېمممە دەۋاتىسەن؟! توختا، نېمە دېدىڭ؟ مەن باشقا گەپ قىلسام، سەن باشقا گەپ قىلىۋاتىسەن.
- ئىسلام ۋە دىن توغرىسىدىكى گەپلىرىڭدىن كېيىن شۇنى چۈشەندىمكى….
- توختا، توختا. سەن خاتا چۈشىنىپ قاپسەن. مەن مۇسۇلمان بولىمەن دېمىدىم. بۇندىن كېيىن مۇسۇلمانلار بىلەن ئارىلاشمايمەن. ماڭا ئىشەنگىن.
- ياق، مەن سەندىن ئاجراشمىسام بولمايدۇ.
- زادى نېمە ئىش بولدى؟
- بىر مۇسۇلمان بىر خرىستىئان بىلەن توي قىلسا بولمايدۇ.
- نېمە؟! مەن ساڭا مەن مۇسۇلمان دېدىممۇ؟ ماڭا قارا، مەن قەسەم قىلاي، مەن مۇسۇلمان بولمايمەن. ئەمدى ماقۇلمۇ؟
- مۇسۇلمان ئەر كىشى خرىستىئان ئايال بىلەن توي قىلسا بولىدۇ.
- مەن دېدىمغۇ ساڭا، مەن مۇسۇلمان بولىمەن دېمىدىم. ئەر-خۇتۇن مۇناسىۋېتىمىزنى بۇزغۇدەك بىر مەسىلە يوقلۇقىنى چۈشەندۈرىۋاتىمەن.
- مەسىلە بار. مۇسۇلمان ئايال كىشى خرىستىئان ئەر بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرسا بولمايدۇ. مېنىڭ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغۇم بار. شاڭا سەندىن ئاجراشماقچىمەن.
بۇلارنى ئاڭلاپ ئارقامغا ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم.
- خۇتۇن، ماڭا قارا، راست گەپنى قىلسام مېنىڭمۇ مۇسۇلمان بولغۇم بار ئىدى.
- ياق، مەن ساڭا ئىشەنمەيمەن.
- مەن ساڭا راست گەپ قىلىۋاتىمەن. ساڭا دېمەكچى ئىدىم، راستىنلا مۇسۇلمان بولغۇم بار. ئىككىمىز تەڭلا مۇسۇلمان بولساق، بەك گۈزەل ئىش بولىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ.
- سەن يا ھازىر يالغان گەپ قىلدىڭ، ياكى بولمىسا بەش مىنۇت ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغۇم يوق دېگىنىڭدە. … ھەر ئىككى خىل ئېھتىمالدا بىر يالغانچى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغۇم يوق. يۇقال كۆزۈمدىن!
ئۆيدىن چىقتىم. دادامنىڭ ئۆيى تەرەپكە كېتىۋېتىپ «توۋا، ئۆز ئۆيۈمدىن قوغلاندىم. بۇ قانداق بولغىنى؟!» دەپ ئويلاشقا باشلىدىم. مىسىرلىق مۇھەممەدنى ئويغىتىپ، ئۇنىڭغا پاراڭلىشايلى دېدىم. سىرتقا چىقتۇق. تاڭ يۇرىغىچە پاراڭلاشتۇق. مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكى، قانداق ئىمان ئېيتىش، قانداق ئىبادەت قىلىش قاتارلىقلارنى سورىدىم:
- مەن بۇلارنى چاخچاق ياكى مۇنازىرە قىلىپ سورىمىدىم. بۇلارنى بىلگۈم بار.
ئۇ ماڭا تەپسىلىي، قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈپ سۆزلەپ بەردى. توغرا يولنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. قەتئىي قارارغا كەلمىسەم بولمايتتى. مۇھەممەد ماڭا:
- ئىمان ئېيتىش ئېيتماسلىق ئۆزەڭنىڭ ئىختىيارى. قانداق قىلىشنى ئۆزەڭ تاللا. مەن ساڭا ياردەم قىلالمايمەن. – دېدى.
مۇھەممەد پەرز ناماز ئوقۇۋاتقاندا كەينىدە تۇرۇپ ئۇنى دىققەت بىلەن كۆزەتتىم. ئۇ قىبلە تەرەپكە قاراپ يۈزىنى يەرگە قويۇپ سەجدە قىلىپ ئالەملەرنىڭ رەببى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىتائىتىنى بىلدۈرۈپ ئىبادەت قىلاتتى. مەنمۇ ئۇنى تەقلىد قىلماقچى بولدۇم. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆرمەيدىغان مەخپى بىر يەرگە باردىم. بىر تاختىنىڭ ئۈستىگە چىقتىم-دە، سەجدىگە باش قويدۇم: «ئەي راببىم! مېنى توغرا يولغا باشلىغىن!» دەپ دۇئا قىلدىم. ئۇ كۈنى ئايالىم ۋە دادام بىلەن كۆرۈشتۈم. مۇنچىغا چۈشتۈم (تاھارەت ئالدىم)، مىسىرلىق مۇھەممەد بىلەن كاتولىك پاپادىن مۇسۇلمان بولۇپ ئىسمىنى يەھيا قويغان كىشىنىڭ ئالدىدا «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللاللاھ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇدۇ ۋە راسۇلۇھۇ» دېدىم. ئارقىدىنلا ئايالىم، بىر ئايدىن كېيىن دادام كەلىمەئى شەھەدەت ئېيتتى. بىزدىن كېيىن نۇرغۇن ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان بولدى…»
ماقالە مەنبەسى:ئەلكۇي مۇنبىرى

ئەگەر ئىنگىلىزچە ياكى تۈركچە بىلسىڭىز تۆۋەندىكى سىن (ۋىدىئو) مەنبەسىنى ئېچىپ كۆرۈڭ:

18_4209_659a90d11dd951a.jpg
18_4209_3ef54c42ffce241.jpg
http://www.nurlukislam.com

2

تېما

0

دوست

2081

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1450
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 499
تۆھپە : 297
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2012-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 20:17:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغانلار چۈشۈرىۋىلىڭلار....ئەمما مېنىڭ يوللىغىنىمنى ھېچكىم بىلمىسۇن...
156169.jpg
تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

1917

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1842
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 464
تۆھپە : 277
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 23:03:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋوقۇپ ﺋـاخىرىغا كـﻪلگـﻪندە شۇنداق تـﻪسىرلىنىپ كـﻪتتىم،<ھېچكىم كۆرمـﻪيدىغان يـﻪرگـﻪ بېرىپ تاختا ﺋۈستىدە ﺋـاللاھقا سـﻪجدە قىلدىم..>مۇشۇ يېرىگـﻪ كـﻪلگـﻪندە كۆزۈمدىن ياش ﺋﻪگىپ كـﻪتتى..

0

تېما

0

دوست

150

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1775
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 00:24:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تور پوپلىرىنىڭ  تازا ئاچچىقى كىلىدىغان بولدىدە ئەمدى!

0

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1864
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 01:55:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاتائالا  ھىدايەت  بەرگۇچى
جاھانسىرى

1

تېما

0

دوست

2164

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1771
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 523
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 02:25:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھقا رەھمـﻪت! يوللىغۇچىمۇ ھـﻪم!

51

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 3031
تۆھپە : 2094
توردىكى ۋاقتى: 1828
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 10:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز ئىسلامنى موشۇنداق چىن مەنىسى بىلەن چۈشىنەلىگەن بولساق نىمەدىگەن ياخشى بولاتتى! بىزنىڭ دىلىمىزنىمۇ شۇنداق ئوچۇق قىلىشقا نىسىپ قىلسۇن...

30

تېما

6

دوست

7362

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1679
تۆھپە : 1099
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 19:20:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام  دىنىنىڭ  قۇدرىتىنى  ناسارالاردىن تارتىپ يەھۇدى،بۇددىستلارمۇ چۈشىنىپ  قول قويۇپ بولدى.پۈتكۈل  ئالەمنىڭ  ياراتقۇچىسى  ئاللا  تائالاغا  ھەمدۇ  سانالار ئوقۇيلى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )