تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Lagrange Joseph Louis
تاشپولات روزى
لاگىرانج بولسا ئىتالىيەنىڭ Torino شەھىرىدە، 1736-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، 1753-يىلى مۇشۇ شەھەردىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1766-يىلى Friedrich پادىشاھنىڭ تەكلىپى بىلەن بېرلىنغا كۆچۈپ بېرىپ، Euler نىڭ ئىزباسارى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرلىن ئاكادېمىيىسىنىڭ ماتېماتىكا مۇدىرى بولىدۇ. 1787-يىلى ئۇ پارسقا يۆتكىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان فىرانسىيە يۇقىرى مائارىپ ئورگىنىدا پروفېسسور بولۇپ، 1790-يىلى مېتىر ئۇسۇلىنى بەلگىلەش كومىتېتنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ھەمدە 1795-يىلى فىرانسىيە Ecole Poly Technique مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقىپ مەكتەپنىڭ پرېزىدېنتى بولىدۇ. بەختكە قارىشى 1813-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بولىدۇ.
ئۇ ماتېماتىكا تارىخىدا Euler بىلەن P.S. Laplacedin قالغان 18 ئەسىردىكى داڭلىق ماتېماتىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تەڭ دەۋرلىك مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پەرق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا نورمال كوردىنات سىستېمىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئانالىتىك مېخانىكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق ھەرقانداق Lagrange ھەرىكەت تەڭلىمىسىنى يېشىپ چىقىدۇ. ئۇ ئانالىتىك ئىلمىدىكى نەتىجىلىرىدىن باشقا ئالگېبراغىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قوشىدۇ. ئۇ دەرىجە قاتارى ئارقىلىق دىففېرېنسىئال ئىنتېگرال ئىلمىنىڭ ئاساسىنى بەلگىلەپ چىقىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ يەنە ئالگېبرالىق تەڭلىمىنىڭ ئالگېبرالىق يېشىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، يېشىمنىڭ گۇرۇپپا ئالمىشىش چۈشەنچىسىنى بېرىدۇ. ھازىر بۇ چۈشەنچە Abel Galois نىڭ نەتىجىسىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەپ قارىلىدۇ.
|