باشلانغۇچ ماتىماتىكا سۇئالىدىن كىچىككىنە تەھلىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، تۇيۇقسىز كاللامغا قىزىقارلىق كىچىككىنە بىر خىيال كىرىپ قالدى . چەكسىز سان تىلىمىزدا ئېرراتسىئونال سان دېيىلىدىغۇ دەيمەن ، خاپا بولمايسىلەر ، ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا تازا يادىمدا قالماپتۇ ، يەنى چەكسىز سان 0.9999999 چوڭمۇ ياكى 1 چوڭمۇ ؟
باشلانغۇچ ماتىماتىكىسىدا پۇتۈن خانە سانى ئوخشاش بولغان ئىككى ساندىن يۇقىرى خانىسى چوڭ بولغىنى چوڭ بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ ! ئۇنداقتا 0.9999999 دىن بىر چوڭ بولامدۇ ؟ ئىسكەرتىش : 9 نىڭ كەينىگە كۆپ چىكىت كىرگۈزۈپ چەكسىزلىكىنى ئىپادىلىمەكچى ئىدىم ، لېكىن ئالدىغا چىقىۋالدى !
1 - تەھلىل : 3كۈپەيتىلگەن 1/3 نەچچىگە تەڭ ؟ ئەلۋەتتە بىز ئىككى ئۈچنى قىسقارتىۋىتىپ 1 دەپ جاۋاب بېرىمىز ، ئەگەر بىز ئاۋال بىرنى ئۈچكە بۆلىۋىلىپ ئاندىن يەنە ئۈچكە كۆپەيتسەكچۇ ؟ ئۇچاغدا جاۋاب 0.999999999 بولىدۇ ، نىمە ئۈچۈن بىر ئىپادىدىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل جاۋاب چىقىپ قالدى ؟ ئەجىبا 1 بىلەن 0.99999999 تەڭمۇ ؟
2 - تەھلىل : ئەگەر x=0.999999999 بولسا ئۇنداقتا 10x=9.99999999 بولىدۇ ، 9.999999999=9+0.9999999999 دەپ ئالساق ئۇچاغدا
10x=9+x بولىدۇ ! ئېكىسنى يەشسەك x=1 بولىدۇ ! ئەجىبا 1 بىلەن 0.999999999 راستلا تەڭمۇ ؟
بۇ پەقەت ئاددىغىيغىنە ئىككى خىل تەھلىل ، تېخىمۇ كۆپ بولغان مۇشۇنداق تەھلىللەرنى قىلغىلى بولىدۇ ! بەزىدە ماتىماتىكىدىكىدىكى چەكسىزلىك بىرقىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىشى كېرەكتەك ھېس قىلىپ قالىمەن ، ئەمما ئۇ ماتىماتىكىدىكى بىر ئاساسىي ئۇقۇم بولۇپ قالماسلىقى كېرەك ! ( شەخسىي قاراش ) مەسىلەن بىر فىزىكىلىق مەسىلە بىلەن تەھلىل قىلساق ، جسىم تېنىچ ھالەتتىن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىسا ئۇنىڭ تېزلىكى چوقۇم نۆل ھالەتتىن باشلاپ چوڭىيىدۇ ، باشتىكى ھەرىكەت ئەھۋالىنى دىمەي تۇرۇپ يەنە 0.9999999 ۋە 1 نىڭ مەسىلىسىگە كىلەيلى ، جسىمنىڭ سۈرئىتى ئاشۇ 0.99999999 غا بارغاندىن كېيىن چوقۇم يەنە بىرگە چىقىدۇ ، لېكىن 0.999999نىڭ كەينىدە يەنە چەكسىز 9 بار دەپ قارىساق ئۇچاغدا بۇ جىسىمنىڭ سۈرئىتى مەڭگۈ بىرگە چىقالمايدۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە سۈرئەتنىڭ بىر بولالىشى ئېنىق ، ئەمىسە 9 نىڭ سانىغا چەك قويۇش كېرەكمۇ ؟
|