ئالەم بوشلۇقىدىن قارىغاندا يەرشارى خۇددى بىر يۇمىلاق ناھايىتىمۇ گۈزەل شارچىگە ئوخشايدۇ. مانا بۇ دەل ئۇلۇغ ياراتقۇچىنىڭ بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر. بىز ئەنە شۇ گۈزەل شارچىدا ياشاۋاتقىلىنەچچەمىڭ يىللار بولدى، ئەمما سىز ئۇنى ھەقىقى چۈشۈنەمسىز؟ بۇنىسى ناتايىن !
1.يەر شارى ئەمىلىيەتتە يۇمىلاق ئەمەس!
يەرشارى يۇمىلاق ئەمەس دىگەنلىكىم ھەرگىزمۇ ئۇنى «ئاسمان يۇمىلاق يەر كىۋادىرات» دىگىنىم ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەمىلىيەتتە يەرشارى بىز ئويلىغاندەك بىر يۇمىلاق شارچە بولماستىن بەلكى بىر ئېللىپىس شەكىللىك جىسىمدۇر. يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەپلىك يەرشارى ھازىرمۇ يىلدىن يىلغا سېمىرىپ كېتىپ بارماقتا. يەرشارىنىڭ ئىككى قۇتۇپ بىلەن ھېساپلىغان رادىئوسى 3949.99 ئېنگىلىز مىلى ،ئەمما ئېكىۋاتور رايونىدا بولسا 3963.34 ئېنگىلىز مىلىغا تەڭدۇر.
2.'Earth' دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئانگىلو ساكسون تىلىدىن كەلگەن
قۇياش سېستىمىسىدا نۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىسمى ،ئەمىلىيەتتە پەقەت ۋە پەقەت يەرشارىدىن باشقا پىلانىتلارنىڭ ئىسمى بولسا گىرىك ۋە رىم چۆچەكلىرىدىكى ئەرۋاھلارنىڭ ئىسمىدۇر .ئەمما ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدىغىنى يەرشارى دىگەن بۇ ئىسىم ئۇنىڭ سىرتىدا،يەر شارى دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئانگىلو -ساكسون تىلىدىكى 'Erda' دىگەن سۆزدىن كەلگەن بۇلۇپ 'تۇپراق'،'توپا' دىگەن مەنىسى بار. تېخىمۇ قىزىقى شۇكى ،تۇپراق ،توپا دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان بۇ پىلانتنىڭ 71% يۈزى سۇيۇقلۇق (سۇ) بىلەن قاپلانغان. پۈتكۈل كائىناتتىكى بىردىن بىر سۇيۇقلۇق ھالىتىدىكى پىلانىت ھېساپلىنىدۇ.
3.يەر شارىدا بىر كۈن يىگىرمە تۆت سائەت ئەمەس
بۇرۇن دائىم ئۆزىمنىڭ كۈندۈزلۈك ۋاقتىمنىڭ ناھايتى قىسقا بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالاتتىم .(سىزمۇ دىققەت قىلىپ بېقىڭ ،ۋاقىت قانداق ئۆتىدىكىن). ئەمىلىيەتتە يەر شارىدا ۋاقىت ئەقىقەتەنمۇ سىز ئويلىغاندەك 24 سائەت ئەمەس. يەر شارى ئۆز ئوقۇدا بىر قېتىم ئايلىنىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت 23سائەت 56مىنۇت4سىكۇنىتتۇر. بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئەمىلىيەتتىكى بىر يىلىڭىز زادى قانچىلىك ؟ بۇنى ھېسابلاب بېقىڭ.
4.يەرشارى بىردىن بىر يەر قاتلاملىرى تۈزۈلىشى بولغان پىلانىتتۇر
ئالىملارنىڭ دەلىللىشىچە يەرشارى يەتتە چوڭ 'يەر پوستى' قاتلاملىرىدىن تەشكىل تاپقانىكەن .بۇ يەتتە قاتلام ھەريىلى ئوخشىمىغان يۆنىلىشكە قاراپ توختىماي ھەركەت قىلىدىكەن(ھەر يىلدا تۆت ئېنگىلىز مىلى) .بۇ قاتلاملار ئۆز ئارا سوقۇلغان جايلاردا تاغلار ۋە ئىگىز تۆپىلىكلەرشەكىللىنىدىكەن. ئاجرىغان جايلاردا بولسا ئويمانلىقلار شەكىللىنىدىكەن. يەنە ئۇلارنىڭ ھەركىتى يەر تەۋرەش ۋە يانارتاغلارنى ھاسىل قىلىدىكەن. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى: ئۇلارنىڭ ھەركىتى يەر ئاستىدىكى كاربون بىرىكمىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئېلگىرى سۈرۈدىكەن،مەسلەن نېفىت ،كۆمۈر دىگەندەك.
5.يەرشارىنىڭ نەۋرە ئىنىسى 'Θε α'
ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا يەرشارى ھازىرقىدەك بىر يالغۇز پىلانىت بولماستىن ، باشقا 'ئۇرۇغ تۇققانلىرى' مۇ بار ئىكەن. Θε α دەل شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ ،يەر شارىنىڭ نەۋرە ئىنىسى (سىڭلىسى؟) دەپ قارالماقتا. Θε α نىڭ چوڭ كىچىكلىكى مارىس بىلەن تەڭداش دىگۈدەك بولۇپ ،بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4 مىليارد 533 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى بىىر چۈشتىن كېيىن ئاكىسى يەر شارى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئاچچىغىدا ئۆزىنى يەر شارىغا قاتتىق سوققان ئىكەن. سوقۇلۇشتىن چاچراپ چىققان بىر قىسىم تاش جىسىملىرى بىرىكىپ ھازىرقى يەرشارىنىڭ خوشنىسى ئايخېنىم (ئاي شارىنى) شەكىللەندۈگەن.
6. ئاي شارىنىڭ ئايلىنىش ئوربىتىسى-ناھايىتى مۇكەممەل تاللاش
كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى ،يەر شارى بىلەن ئايشارىنىڭ ئارلىقى نەزىرىيەدىكى نورمال قىممەتتىن 6000 ئېنگىلىز مىلى يېقىن! نەزىرىيە بويىچە بۇنداق يېقىنچىلىق ئايشارى ئۈچۈن ياخشى ئەمەس،چۈنكى ئۇ ئاي شارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى كېرەك ئىدى ،ئەمما ئەمىلىيەت ئۇنىڭ ئەكىسچە! يەرشارىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ناھايىتى مۇكەممەل بىر ھالەتتۇر. ئەمما بىز مەيلى قاچانلا كۈزەتمەيلى كۆرىدىغىنىمىز ئايشارىنىڭ پەقەت بىرلا يۈزىدۇر ،شۇڭا سىزكۈندە كۈزىتىۋاتقان ئايشارى سىزگە تولىمۇ تونۇش بولسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭ تېخى ئاشكارلىمىغان ناھايتى كۆپ سىرلىرى بار.
7.ئىنسانلار تېخى تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان دېڭىز يۈزى 90% دىن ئاشىدۇ --ئۇلار تېخى بىر سىر
گەرچە ئىنسانلار ئايغا چىققان ،مارسقە قونغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۆزى ياشاۋاتقان يەرشارىنى تېخى تولوق چۈشۈنگىنى يوق. ئنسانلار ئۆز تەتقىقاتىغا كىرگۈزگەن دېڭىز يۈزى ئارانلا پۈتكۈل دېڭىز يۈزىنىڭ 10% نىلا ئىگىلەيدۇ.ئىنسانلار ئازىرغىچە بايقىغان دېڭىز جىسىملىرى جەمى212906خىل ، ئىنسانلار بايقىمىغان تەتقىقات ئېلىپ بارمىغانلىرى تېخى قانچە جېق؟؟! بەلكىم ئاشۇ يەرلەردە غايەت زور سۇ مەخلۇقلىرى ياشاۋاتامدۇ ،بۇنى بىرنىمە دىمەك تەس!
8.يەرشارىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا
يەرشارىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا 89.22- سېلسىيە گىرادۇستۇر .يەرشارىدىكى ئەڭ سوغۇق جاي ،يەرشارىنىڭ جەنۇبى قۇتۇبىدا بولۇپ ، ئەڭ تۆۋەن تېمپىرىتۇرىسى 73.33-سېلسىيە گىرادۇس. ئەمما 1973 يىلى 7-ئاينىڭ 21 -كۈنى روسىيەنىڭ ۋوستو تېمپىراتۇرا ئۆلچەش يۇقىرى ئۆلچەملىك سېنزور شۇ ۋاقىتتىكى تېمپىراتۇرىنىڭ نۆلدىن تۆۋەن 89.22 سېلسىيە گىرادۇس ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. بۇ ھازىرغىچە خاتىرىلەنگەن يەر شارىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىدۇر.
9.يەرشارىدىكى ئەڭ ئىگىز جاي چومۇلاڭما چوققىسى ئەمەس
. يەرشارىدىكى ئەڭ ئىگىز جاي چومۇلاڭما چوققىسى ئەمەس.چومۇلاڭما چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى。29مىڭ 35 ئېنگىلىز مىلى ،يەنى 8849.87 مېتىر كېلىدۇ. ئەمما ئىلىم-پەن نۇختىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئېكىۋاتور رايونىدىكى نۇرغۇن تاغ چوققىلىرى بۇنىڭدىنمۇ ئىگىز ،سەۋەبى ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك يەرشارىنىڭ سېمىزلىگى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسلەن ئېكىۋاتور رايونىدىكى پىلاسو تاغ تىزمىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى ئارانلا 6267.91 مېتىر بولسىمۇ ،ئۇنىڭ يار يادروسى بىلەن بولغان ئارلىقى چومۇلاڭما چوققىسىدىن 2414.12 مېتىر ئىگىزدۇر .
|