- تىزىملاتقان
- 2013-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16325
- نادىر
- 0
- يازما
- 230
ئۆسۈش
  15.81%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-9 12:00
تەپەككۇرىڭىزنى سىنايدىغان ئەڭ تەس سوئاللار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باغداش ئەھلى ! سىلەرمۇ كۆپ ئاڭلىغانغۇ دەيمەن، بۇرۇن مۇنداق بىر سوئال بولىدىغان ،ئادەم دەرھاللا جاۋاب بېرەلمەيدىغان .يەنى ،« ئايالىڭىز بىلەن ئاپىڭىز تەڭلا دەرياغا چۈشۈپ كەتسە، ئاۋۋال كىمنى قۇتقۇزىسىز ؟» مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم سوئاللار ئاڭلىماققا گەرچە كىشىگە بىر خىل چاكىنا سوئالدەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇ تەپەككۇرنى ئويغىتالايدۇ ھەم كىشىگە قىزىقارلىق تۇيغۇ بېرەلەيدۇ ! تۆۋەندە ،ئاشۇنداق بىر قىسىم << چاكىنا >> سوئاللارنى يوللۇدۇم. جاۋاب بېرىشنى خالىغانلار نىنچىسىنى يېزىپ قويۇپلا جاۋاب يېزىۋىرىڭلار .
ئەسكەرتىش : ھەممە سوئالدا پەقەت شۇ ئىككى خىللا تاللاش يولى بار ، شۇنىڭدىن بىرنىلا تاللىسىڭىزبولىدۇ ، ئەمما باشقا تاللاش يولى ئىزدىمەڭ ! ( ئەلۋەتتە ، بۇنداق تاللاشلارغا دۇچ كېلىشتىن خۇدائىم ساقلىسۇن ! )
1. سىزنى بىر تەلۋە ساراڭ تۇتۇپ كەتتى ، پەقەت ئىككى خىل نەرسىنى يەپ بەرسىڭىزلا ئۇ سىزنى قويىۋېتىدۇ ، بولمىسا پەقەت ئۆلۈم يولى . ئۇلارنىڭ بىرى پوق تەملىك شاكىلات ، يەنە بىرى شاكىلات تەملىق پوق .
2.سىزگە يەنە بىر قېتىم تۇغۇلۇش پۇرسىتى كەلسە، ئىنتايىن بەخىتلىك ئادەتتىكى بىر ئائىلىنى تاللامسىز ياكى تۇققانلىرىمۇ يوق بىر يېتىم بولىدىغان ئەمما ئىنتايىن باي بىر ئائىلىنى تاللامسىز ؟
3.ئىككى قىز سىزنىڭ خوتۇنىڭىز بولۇشقا تاللاشقا بېرىلگەن ، بىرى چىرايى ئىنتايىن چىرايلىق ئەمما بەدىنى سېمىز كىلەڭسىز قىز ، يەنە بىرى ئىنتايىن سەت ئەمما بەدىنى ئىنتايىن ئۆلچەملىك قىز . قايسىسىنى تاللايسىز ؟
4.سىزنىڭ ئىككى خىل خىزمەت تاللاش يولىڭىز بار ، بىرى يۈز تۆكىلىدىغان مۇئاشى يۇقىرى خىزمەت ، يەنە بىرى مۇئاشى تۆۋەن شەرەپلىك خىزمەت . قانداق قىلىسىز ؟
5.كېلىشكەن ، ئەمما تېنى ئاجىز ئەر بولۇشنى خالامسىز ياكى پاكار كۆرۈمسىز ئەمما ساغلام ئەر بولۇشنى خالامسىز ؟
6.ئايروپىلاندىن چاتاق چىقىپ سىز بىر ئادەمسىز ئارالغا چۈشۈپ قالدىڭىز ، سىزقولىڭىزدا چاقماق بولىشىنى خالامسىز ياكى پىچاقمۇ ؟
7.سىز قۇملۇقتا ئالتۇن ئىزدەپ ئېزىپ قالدىڭىز ، ئىككى يول : قۇرۇق قول قايتامسىز ياكى داۋاملىق ئالدىغا ماڭامسىز ؟
8.سىز تەلىيىڭىز كېلىپ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولدىڭىز ، سىزگە ئىككى ۋەزىپە بار ، بىرى ئېنىقسىز ، قانداق مۈشكۇلاتقا يولۇقىشىڭىزنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر يۇلتۇزنى تەكشۈرۈش ، يەنە بىرى بولسا خەتەرلىك ھەمدە ئېنىق ئۆلۈپ كېتىدىغان ئاخىرىدا قەھرىمان بولىدىغان پىلانىتانى تەكشۈرۈش . تاللاڭ !
9 . سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى ئاتا - ئانىڭىز ياقتۇرمىدى ، سىز سۆيگىنىڭىز بىلەن قاچامسىز ياقى ئۇنىڭ بىلەن ئادا - جۇدا بولامسىز ؟
10. سىز 20 ياش كىرگەندە بېقىۋىلىنغانلىقىڭىزنى بايقايسىز ، ھەقىقىي ئاتا - ئانىڭىز بولسا مىليادىر ، ئۇلار سىزنى ئېلىپ كەتمەكچى ، ئەمما شەرتى بولسا بېقىۋالغان ئاتا - ئانىڭىز بىلەن بارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ، كىتەمسىز قالامسىز ؟
11. سىزنىڭ قىز دوستىڭىز (ياكى ئوغۇل دوستىڭىز) تۇيۇقسىز سىز بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىڭىز بىلەن مۇھەبەتلىشىۋالدى ، سىزگە ئىككى ئادەمدىن بىرىنى ئۆلتۈرۈش توغرا كېلىپ قالدى ، سىز دوستىڭىزنى ئۆلتۈرەمسىز ياكى سابىق ھەمرايىڭىزنىمۇ ؟
12. سىز بىر داخاننىڭ ئەپسۇنىغا ئۇچراپ كەتتىڭىز ، سىزگە كۈندۈزى پادىشاھ كىچىسى قەلەندەر بولىدىغان ۋە كۈندۈزى قەلەندەر كىچىسى پادىشاھ بولىدىغان يول بار . كىچە كۇندۈزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغىڭىز بار ؟
13 . سىزنىڭ بۇرۇنقى ئاشىقىڭىز مىليادىر بولۇپ سىز بىلەن ئۆي تۇتۇش ئۈچۈن سىزنى ئىزدەپ كەلدى ، سىز ھازىرقى ئائىلىڭىزدىن ۋاز كىچەمسىز ؟
14. سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىز ئاجرىشىپ كەتتى ، سىز ئىنتايىن بار بىرىگە تەگكەن ئاپىڭىز بىلەن تۇرامسىز ياكى ھاراقكەش بولۇپ كېتىپ دائىم سىزنى تىللايدىغان ئاتىڭىز بىلەنمۇ ؟
15 . كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز تۇيۇقسىز قوشكېزەك قېرىندىشىڭىز بارلىقىنى بىلىسىز ، ئەمما بۇ قېرىندىشىڭىز سىزنىڭ بىر بۆرىكىڭىزنى بېرىشىڭىزغا مۇھتاج ، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىدۇ . بېرەمسىز ؟
16 . ئاددىي سوئال : سىز BMW نىڭ ئۈستىدە يىغلاشنى خالامسىز ياكى ۋېلىسپىتنىڭ ئۈستىدە كۈلۈشنىمۇ ؟
17. سىز ئۇخلاپ قۇپقاندا ،ئۆزىڭىزنىڭ زامان ھالقىپ قەدىمكى زامانغا بېرىپ قالغانلىقىڭىزنى بايقايسىز ، ئەمما سىز ئوردا تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى ، سىز ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىپ 10 يىل قاماقتا ياتامسىز ياكى داۋاملىق قېچىپ يۈرەمسىز ؟
18 .تەبرىكلىيمەن ، سىز يەنە زامان ھالقىدىڭىز ، ئاغۋات بولامسىز ياكى تىلەمچىمۇ ؟
19 . ئاپلا ! ماشىنا ۋەقەسىگە يولۇقۇپ بېشىڭىز ئېغىر يارلاندى ! گاچا بولامسىز ياكى ساغرومۇ ؟
20 . سىزنىڭ بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ باي ئادەم بولغىڭىز بارمۇ ياكى سەھرادا ئاددىي - ساددا ھەم خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دېھقان بولغىڭىز بارمۇ ؟
تېما تەستىقلىغۇچىدىن:
ئەسسالام، مۇنبەر ئەھلى! خۇددى تېما يوللىغۇچى borabalisiئېيتقانداق بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۈرلۈك تاللاشلارغا يولۇقۇپ تۇرىمىز. ھالقىلىق پەيتتىكى تاللاش-بىر پۈتۈن ھاياتىمىزغا ناھايىتى زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سوئاللار قارىماققا كۈلكىلىك ھەم بىمەنەدەك تۇيۇلغىنى بىلەن تەپەككۇرىمىزنى تاۋلاش، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە چارچىغان نېرۋىلىرىمىزنى ئازراق بولسىمۇ غىدىقلاپ، چېھرىمىزدە دەقىقە بولسىمۇ تەبەسسۇم جىلۋىلەندۈرەلىسە ئەجەب ئەمەس، دېگەن مەقسەتتە بۇ تېما تەستىقلاندى. شۇڭا «باغداش تۈگىشىپتۇ....نېمە بۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى بەزى مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ياغدۇرىۋەتمەسلىكىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمىز.
Arkzat - |
|