قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5163|ئىنكاس: 36

جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟(لاڭ شەنپىڭ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

29

دوست

4093

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13250
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 175
تۆھپە : 1304
توردىكى ۋاقتى: 694
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 00:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
لاڭ شەنپىڭ

   
              جۇڭگودا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈپلائىشسىز قالىدۇ . جۈملىنىڭ كەينىگە ئۈندەش بەلگىسىنىڭ ئەمەس بەلكى چېكىتنىڭ قۇيۇلغانلىقى دۆلىتىمىزدە بۇنىڭ ئاللىقاچان نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . 2012-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 10.4 % ئوقۇغۇچى ئىش تاپالمىدى ، شۇ يىلى ئامېرىكىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 4% ، گېرمانىيىنىڭ 2% بولدى ، بۇ يىل 5-ئايدا بېيجىڭدا ئاران 30 % ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىلا شىركەتلەر بىلەن ئادەم ئىشلىتىش توختامى تۈزەلىدى .  دۆلەت ، ئائىلە پۈتۈن بىساتىمىزنى ئاتاپ ، نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى نېمىشقا ئىشلىتىدىغان ئادەم يوق ؟ بۇنىڭغاھازىرقى نوپۇس چەكلىمىسى ياكى  ئۆز تۇغقانلىرىنى ئىشقا قۇيۇشنىڭ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبكار دېسەك بۇلارمۇ ۋە ياكى ياساش كەسپىنىڭ ماشىنىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ؟ لاڭ ئەپەندىم بۇنى جۇڭگونىڭ مائارىپ تۈزۈمىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەممە يەرگە دوقۇرۇپ يۈرۈپمۇ مۇۋاپىق ئىش تاپالمىغانلىقىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارى دەپ قارايدۇ ، تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىگە بولغان قارىشى .
          30 يىل بۇرۇن پەن شاۋنىڭ مۇنداق داڭلىق بىر خىتابى بار ئىدى "ھاياتلىق يولى نېمىشقا ماڭغانسېرى تارىيىدىغاندۇ ؟ " 30 يىلدىن كىيىن مىكروبىلوگ تىكى " تاپشۇرۇق دەپتەر " دېگەن تورداش يەنە " ھاياتلىق يولى ئوخشاشلا يەنە ماڭغانسېرى تارايماقتا !"دەپ يازدى.  يۇقىرى- تۆۋەن قاتلام كىشىلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېنىق ئايرىلىپ مۇقىملىشىشى بىزنى ئەندىشىگە سالىدۇ يەنى نامراتلىق بىزگە ئۇدۇم بولۇپ قالارمۇ  ؟
          بۇ ئەندىشىنىڭ تۈپ يىلتىزىنى يەنىلا مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن ئىزدەش كېرەك ، بىز نېمىشقا شۇنچە كۆپ كارغا كەلمەس ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەيمىز؟ خاتالىقلار ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى ؟ مائارىپتا چاتاق بار ، شۇڭا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەممە يەرگە دوقۇرۇپ خىزمەت تاپالماي يۈرىدۇ ، ئالىي مەكتەپ مائارىپىدىكى كونا ئىللەتلەرنى تۈگىتىمىز دەيدىكەنمىز يەنىلا ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئالماي بولمايدۇ .
        نىمىنى ئۆگىنىشنى ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچى ئۆزى تاللايدۇ، مېنىڭچە ئامېرىكا مائارىپىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى ئوقۇغۇچىغا ئەركىنلىك بېرىش .ئوقۇغۇچىغا بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەسىپنى تەڭشەش ھوقۇقى بېرىپ كارخانىلار ئېھتىياجلىق خادىم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت ، بىزنىڭ جۇڭگودىكىدەك تۆت يىل ئالىي مەكتەپتە مۇقىم ئوقۇيدىغان ئىش ئۇ يەردە يوق ، ئوقۇغۇچى قانچە يىل ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ، بازار ئەھۋالى دېگەندەكلەرگە قاراپ بىر مەزگىل ئوقۇشتىن توختاپ ئىشلىسىمۇ ياكى ئىشلەپ يۈرۈپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ ، ئوقۇش نومۇرى توشسىلا مەكتەپ پۈتتۈرەلەيدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن كەسىپ تاللاشتا ناھايىتى جانلىق ، تۇنجى يىلى ئوقۇغۇچىڭ كەسىپ تاللىشى ھاجەتسىز ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقى ياكى ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققاندا ئاندىن تاللىسىمۇ بولىدۇ . ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ،قىزىقىشى ، بازار ئەھۋالى دېگەندەكلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ كەسىپنى ئالدىرىماي تاللايدۇ ، كەسىپنى تاللاپ بولغاندىن كىيىنمۇ  كەسىپ ئالمىشىش ، مەكتەپ يۆتكىلىش دېگەندەكلەربەك ئاسان ، " بىر تۇتاش پىلانلىق مائارىپ " نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ يۈرمەيدۇ، ئوقۇش نومۇرى شۇ كەسىپ ياكى مەكتەپكە يۆتكەپ بېرىلىدۇ . جەمئىيەت خاراكتېرلىك مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككى يىلدىن كىيىن تەتقىقات خاراكتېرلىك مەكتەپكە يۆتكىلىشىمۇ بەك ئاسان .
              سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ مائارىپىمىزنىڭ  بىسمىللاسىدىلا چاتاق بار ، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچى ئارزۇ تولدۇرغان ۋاقتىدائۆزى تولدۇرغان كەسىپنى قىلچە چۈشەنمەيدۇ ،ئۇلاردا پەقەت كەسىپكە نىسبەتەن غۇۋا چۈشەنچە بار خالاس . مەكتەپتە تاللىغان كەسپى بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن كەسىپنىڭ ئۆزىگەماس كەلمەيدىغانلىقىنى   بىلگەندە ئالماشتۇرغىلى بۇلامدۇ ؟  بىزنىڭ جۇڭگودا كەسىپ ئالماشتۇرۇش بەسى مۈشكۈل! چۈنكى ھېلىقى پىرافىسورلار ئوقۇغۇچى مەنبەسىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن ئۇلار كەسىپ ئالمىشىپ كەتسە قانداق جان باقىدۇ ئۇ يەردە ؟! يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچى مەكتەپتە پۈتۈنلەي تاشقى دۇنيادىن ئايرىتىۋىلگەن ھالەتتە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ دېمىگەن تەقدىردىمۇجەمئىيەت ئەھۋالىدىن بىخەۋەر ھالەتتە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچى ئۆزى ئۆگىنىۋاتقان كەسىپنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىشكە ئامالسىز ،بىلگەن تەقدىردىمۇ ئۆگىنىۋاتقان دەرسلىرىنى تەڭشەشكە مۇمكىن بولمايدۇ ، چۈنكى قايسى كەسىپتىكىلەرگە قانداق دەرس ئۆتىلىدىغانلىقى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان ،ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ .  ئۇلارنىڭ قىلالايدىغىنى ئۆزلىرى خىزمەت تېپىشقا ئاسان بولىدۇ دەپ ئاڭلىۋالغان بىرنەچچە كىنىشكىنى ئىلىش  ياكى ۋاقىت چىقىرىپ كارخانا ، شىركەتلەردە پراكتىكا قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ .
       شۇڭا دەيمەن بىزنىڭ پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىمىز بەك قاتمال ، دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە ماڭالمايدۇ ، مەن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىغا تېخىمۇكۆپرەك تاللاش ھوقۇقى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئۇلار ئۆزى ئۆگىنىشنى خالىغان نەرسىسىنى ئۆگىنىپ ئۆز ھاياتىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باقمىسۇنمۇ ؟

ئۇنىۋېرسال بىلىم
       ئۇنىۋېرسال بىلىملەرنى ئىگەللەش ئامېرىكا تۇلۇق كۇرس مائارىپىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ ، ئۇنداقتا ئۇنىۋېرسال بىلىم  دېگىنى نېمە ؟ بۇ دېگىنى ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى ئالغان ھەربىر ئوقۇغۇچى  چوقۇم بىلىشكە  تېگىشلىك بىلىمنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى ھەربىر ئادەمدەبولۇشقا تېگىشلىك ساپانى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ، ئادەتتە تۇلۇق كۇرسنىڭ بىرىنچى ،ئىككىنچى يىللىقىدا ئونۋىرسال بىلىملەر ئىگەللىنىپ بۇلىدۇ ، بۇمۇ ئەگەرئوقۇغۇچى كەسىپ ئالماشماقچى بولسا ئاساسنى پۇختىلاپ بولغاندىن كىيىن تىز سۈرئەتتە يىڭى كەسىپكە كىرىشىپ كېتىشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن .
       بۇنداق دېسەم بۇ ئىشنى بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئۆتىلىدىغان ماركسىزملىق پەلسەپە ، ئىدىيە –سىياسىي دېگەندەك دەرسلەرگە ئوخشاش كېچىچە مۇھىم نۇقتىلىرىنى سىزىپ قۇيۇپ ئەتىسى ئىمتىھان بەرسىلا لاياقەتلىك بولىدىغان پەنلەرگە ئوخشىتىپ قالماڭ ، ئۇنىۋېرسال دەرسلەرنىڭ مەزمۇنى تىل-يېزىق ، ئەدەبىيات ، فىلولوگىيە ، يېزىقچىلىق، ماتېماتىكا ، جەمئىيەتشۇناسلىق ، ئىلىم-پەن قاتارلىق يەتتە چوڭ پەننى ئۆز ئىچىگەئالغان ، مەيلى قايسى كەسىپنى تاللىغان ئوقۇغۇچى بولسۇن دەسلەپكى ئىككى يىلدا چوقۇم يۇقىرىقى پەنلەر ئۆتكىلىدىن ئۆتىشى كېرەك ، بۇ تۇلۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئۆگىنىشكەتېگىشلىك زۆرۈر دەرسلىك . مەسىلەن ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدا سانائەت پەنلىرى كەسىپلىرىنى ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىلولوگىيە، سەنئەت ، جەمئىيەتشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك 8 تۈرلۈك زۆرۈر ئۆگىنىش پەنلىرى تەسىسقىلىنغان ، جەمئىي 72 ئوقۇش نومۇرى بېرىلىدۇ بۇ ئالىي مەكتەپتە ئۆگىنىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ20% نى ئىگىلەيدۇ . ئىجدىمايى پەن ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولسا ئومۇمىي دەرسلىكنىڭ16.5 % بۇيىچە تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىشى تەلەپ قىلىنغان ، كەسىپنى ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە ئوقۇغۇچىلاردىن چوقۇم بىر چەتئەل تىلى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ ، مۇشۇنداق تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچى نەزەر دائىرىسى كەڭ ، مەسىلىلەرگە كۆپ تەرەپلىمىلىك باھا بېرەلەيدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ بىمالال چىقالايدۇ ، بىزنىڭچۇ ؟ بىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەبىئىي پەننى بىلگەنلىرى ئىجدىمايى پەنلەردىن خەۋەرسىز ، ئىجدىمايى پەن ئۆگەنگەنلەر تەبىئىي پەنلەردىن بىخەۋەر ، تەپەككۇرى بوغۇق ، شۇنداق تۇرسا ئەلۋەتتە خىزمەت تاپالمايدۇ –دە !
         ئىشقا ئورۇنلىشىنىڭ تەس بولۇشىنى ئوڭشاش ئۈچۈن بىزنۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يۆلىدۇق بىراق شۇنى بىلىش تەس ئەمەس ، بىزنىڭ مائارىپىمىز بىلەن ئىگىلىك تىكلەش ئوتتۇرىسىدائۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ بار ، مەيلى پسىخىكا ياكى ماھارەت جەھەتتە بولسۇن ئىگىلىك تىكلەش تەلىپىدىن خېلى يىراق ،  بۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۆگەتمەيلا ئۇلارغا دۇكان ئايرىپ بەرگەنلىكى  سەۋەبىدىن بولغان .
ئۆتكەن 20 يىلدا ئىگىلىك تىكلەش ئىلمى ئامېرىكائالىي مەكتەپلىرىدە بولۇپمۇ سودا-سانائەت كەسىپلىرىدە ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ، مەن ئامېرىكىدىكى ۋاقتىمدىلا 1600دەك ئالىي مەكتەپ ئىگىلىك تىكلەش ئىلمى دەرسى تەسىس قىلغان ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىلمى تەتقىقاتى ئوقۇتۇش تەتقىقات سىستېمىسىدا ناھايىتى مۇكەممەل پەن ھېسابلىنىدۇ، يەنە شۇ ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنى مىسالغائالايلى:  ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىلمى ئوقۇتۇشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ مەركىزى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئون نەچچە پەن تەسىس قىلغان ، يىڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ، ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىخانىسى ، كارخانا ۋە بازار ، مالىيە باشقۇرۇش ، يىڭى دەۋردىكى كارخانىلارقاتارلىق تۈرلەر بار ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمۇ ئۆلۈك يادلاشنى ئاساس قىلماي تىپىك مىساللار بىلەن ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان .
       ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش روھى ۋە ئەمەلىيىتى قاتارلىقلاردا تەربىيىلىنىشىگىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . مەكتەپ دائىم ئوقۇغۇچىلارنى ئىگىلىك تىكلەش پىلانى تۈزۈش مۇسابىقىسىگە تەشكىللەپ كارخانا ،سودىگەرلەر ۋە مەبلەغ سېلىش خەتىرى تەھلىلچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ باھالاتقۇزىدۇ، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلايدۇ . بۇ خىل ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمى شۇكى ئوقۇغۇچى ئۆز تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن مەكتەپ ئىچىدە ياكى ئەتراپىدا ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىگە ئىگەبولىدۇ ، بۇ خىل ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ يىڭى كەسىپلەرنىڭ ئېچىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ ، ئەڭ داڭلىق بولغىنى مۇشۇ ئىنستىتۇتنى مەركەز قىلغان كرېمنىي جىلغىسىدۇر.  نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بۇ يەردە ئىگىلىك تىكلەش، پراكتىكا قىلىش ، خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئىنستىتۇتنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا  1990-يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار يىلىغا  150تىن شىركەت ئاچقان ، ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى مۇھىم بىر يول .
       ئامېرىكىنىڭ مائارىپىدىن ئۈلگە ئىلىشتىن باشقا يەنەكەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تىزلىتىشىمىز ، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە قۇيۇلغان چەكلەشنى بىكار قىلىشىمىز ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئاساسەن كەسپى مائارىپ بىلەن ئاساسى مائارىپنىڭ ئورنىنى قايتىدىن تەڭشىشىمىز زۆرۈر . ئەلۋەتتە مائارىپ ئىسلاھاتىدا  ئۆچكىگە چىگىت بېرىپ قۇيرۇقىنى تۇتقىلى بولمايدۇ ، ئۈنۈمى  ئۇنچە تىز بولمايدۇ ، ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىلەر ئەمدى قانداق قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ بەلكىم بېل گەيتىس ، پاۋىل ئەيلون ،ئېللىسونلاردەك مەكتەپتىن چېكىنىپ  ئۆزى خان ئۆزى بەگ بولىدىغان پادىشاھلىقتىن بىرنى قۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلار بۇلىشى مۇمكىن ، شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز قاراپ تۇرماڭ ئەمىسە . ئەمەلىيەتتە ئوقۇشتىن چېكىنىش چېكىنمەسلىك ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ، بۇ ئۆزگەرمەس قائىدە . مەسىلەن بېيجىڭ ئونۋىرسىتى ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن لوبۇشەن ،ئەسلى كەسپى خەنزۇ ئەدەبىياتى بولسىمۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارداقاسساپلىقنى ئۆگىنىپ كىيىن مۇشۇنىڭغا تايىنىپ بېيىپ كەتكەن ، يەنە بار چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن لى جىيەن خۇا ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مۇزىكا ئۆگەنگەن ۋە (水木年华)مۇزىكاگۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چولپان بولۇپ كەتكەن . بۇ مىساللار بىزگە نېمىشقا شۇنچە كۆپ پۇرسەتنىڭ نېمىشقا ئاشۇنداق " بىكار تەلەپ " لەرگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئاز-تولا چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان دوستلارغا  شۇنى دېمەكچى نەزىرىڭىزنى يىراقلارغا ئاغدۇرۇڭ ، ئۆزىڭىزدىن ھالقىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا بەلكىم ياخشى پۇرسەتلەرنى ئۇچرىتىپ قالارسىز ، بۇمۇ چارىسىزلىق ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى چارە .
         كرېمنىي جىلغىسى(Silicon Valley)كالىفورنىيە شتاتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دەسلەپتە سىلىتسىي ئۆزىكى (كىرىمىنىي)دەپمۇئاتىلىدۇ . ياساش، لايىھىلەش ،ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭ چىقارغان.  كىيىن بۇ يەر شۇ نام بىلەن ئاتالغان . كىيىن بۇيەردە نۇرغۇن يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بارلىققا كېلىپ تەرەققىي قىلغان ، ھازىركىرىمىنىي جىلغىسى بارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى بولۇپ قالدى . كىرىمىنىي جىلغىسى ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئېلېكترون قۇرۇلۇشى بازىسى ، دۇنياغاداڭلىق ئېلېكترون كەسىپلىرى يىغىلغان جاي ، 1500دىن ئارتۇق شىركەت مۇشۇ يەرگەجايلاشقان بولۇپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئامېرىكىدىكى تەتقىقات كۈچى يۇقىرى بولغان  ستانفورد قاتارلىق داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر بار.مۇشۇ مەكتەپلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى يۇقىرى تېخنىكاشىركەتلىرى ھەم سىسكو ،ئىنتىل  ، لۇسېنت ،ئالما قاتارلىق دۇنياۋى شىركەتلەر بار بولۇپ ئىشلەپچىقىرىش ، تېخنىكا ، ئىلىم- پەن بىرلىشىپ كەتكەن .

مەنبە : لاڭ شەنپىڭنىڭ "ئادەمنىڭ بىشىنى ئاغرىتىدىغان قىززىق نۇقتىلار" دىگەن كىتابىدىن ئىلىندى .

64

تېما

19

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3760
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2593
تۆھپە : 9776
توردىكى ۋاقتى: 5224
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 12:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت گەپ قىلىپتۇ!.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

8

دوست

1001

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11493
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 12:57:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى  ئورۇنلۇق  مۇلاھىزە بولۇپتۇ    ھازىر قى جەمىيەت  مۇشۇنداق  تۇرسا  بىزدەك  ئوقۇش  پۇتتۇرۇپ  سارسىلىپ  يۈرگەنلەر  نۇرغۇن  دە  

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

7752

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2260
توردىكى ۋاقتى: 1054
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 12:58:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلتۇر بىر ماقالىدىن مۇنداق بىر سېلىشتۇرمىنى ئوقۇغانتىم.
ئامېرىكىدا بىر يىل ئىچىدە قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانى جۇڭگودا بىر يىلدا قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ توغرا كەلكەلمەيدىكەن، لېكىن ياراتقان پايدا قىممىتى جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ھالبۇكى، جۇڭگودا قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى ئۈچ يىل ئىچىدە ۋەيران بولىدىكەن.

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

7752

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2260
توردىكى ۋاقتى: 1054
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 13:11:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرئاي، بۇ ماقالىددە«مەن ئامېرىكىدىكى ۋاقتىمدىلا 1600 دەك ئالىي مەكتەپ ئىگىلىك تىكلەش ىلمى دەرسى تەسىس قىلغان ئىدى» دېگەن بىر گەپ باركەن.ئاۋۇ رەقەم دەرس تۈرلىرىنىڭ سانىنى كۆرسىتەمدۇ ياكى......تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويالارسىزمۇ؟

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

44

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 3914
توردىكى ۋاقتى: 714
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 13:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما . لاڭ شىيەنپىڭ خېلى  ياخشى ماقالىلەرنى يازىدۇ .

----كىتابخۇمار----

6

تېما

66

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1091
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1029
تۆھپە : 2976
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 14:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەمنىڭ پىكىرلىرى بەك جانلىق.دادىل ھەققانىي ئادەمدەك قىلىدۇ بۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )