قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2441|ئىنكاس: 9

ناتسىستلار قالقىنى ــ «شەرق كورپۇسى»نىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

4

دوست

3083

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 975
توردىكى ۋاقتى: 452
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 02:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ناتسىستلار قالقىنى ــ «شەرق كورپۇسى»نىڭ سىرى


          بۇ يىل 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىنىڭ نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققىنىغا 65 يىل تولدى. نورماندىدا قۇرۇقللۇققا چىقىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان كونا ئەسكەرلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەينى چاغدا ساھىلدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە بىلەن تىركەشكەن تۇنجى تۈركۈم گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شەرقلىق ئەسكەرلەر ئىكەنلىكىدىن ھەيران قېلىشقانلىقلىرىنى ئەسلەشتى. بۇ ئىش تارىخشۇناسلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيە ئارمىيىسىدە شەرق ئەسكەرلىرىدىن تۈزۈلگەن قىسىملارنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكى بىر سىر ئىدى. شۇڭا تارىخشۇناسلار ئەينى چاغدىكى ئارخىب ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ زور بىر تۈركۈم شەرق مىللەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن «شەرق قىسىمى» نى نورماندىيە ئالدىنقى سېپىگە سەپلىگەنلىكىنى بايقىدى. ئەپسۇس، ناتسىست گېرمانىيىسى ئارمىيىسى ئۆزلىرىگە قالقان قىلغان «شەرق باتاليونى» بولسۇن ياكى «ھىندىستان كورپۇسى» بولسۇن ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ مەغلۇبىيەتلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
          ناتسىست گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغان ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە، ناتسىست گېرمانىيىسى ئارمىيىسى زور تۈركۈمدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىنى ئەسىر ئالدى. دەسلەپتە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شەرقنىڭ بۇ «پەس مىللەتلىرى» دىن تەشكىللەنگەن ئەسىرلەرنى گېرمانىيە ئارمىيىسى شتاتىغا كىرگۈزۈش پىلانى يوق ئىدى. ئەمما، 1941-يىلى قىشتا گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىپ قاتتىق يېڭىلىپ، ناتسىستلارنىڭ «چاقماق تېزلىكىدە غەلىبە قىلىش» شىرىن چۈشىنىڭ بەربات بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن 3-ئىمپېرىيىنىڭ «شەرق سىياسىتى» دىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. 1942-يىل 1-ئايدا، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن پىدائىي ئەسكەر قوبۇل قىلىپ «شەرق كورپۇسى» تەشكىللەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پىلان گىتلېرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇزاق ئۆتمەي زور تۈركۈمدىكى «شەرق قىسىمى» ئارقا-ئارقىدىن تەشكىللەندى، بۇ «شەرق قىسىمى» 11 باتاليوندىن تۈزۈلگەن«ئەرمەن كورپۇسى»، 14 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «ئەزەربەيجان كورپۇسى»، 14 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «گرۇزىن كورپۇسى»، 5 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «كاۋكاز مۇسۇلمانلىرى كورپۇسى» ( ئەزەربەيجان، چېچەن قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان)، 34 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «تۈركىستان كورپۇسى» (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەردىن تەشكىل قىلىنغان)، 8 باتاليوندىن تۈزۈلگەن «ۋولگا تاتارلىرى كورپۇسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالدى. 1942-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيەنىڭ جەنۇب ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقى قالماق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئېلىستاغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ئالدى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى قالماق موڭغۇللىرى ئولتۇراقلاشقان   رايونلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىشى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، 3000 قالماقنى گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قوبۇل قىلدى.
         ئەمما گېرمانىيە ئارمىيىسى بۇ «شەرق كورپۇسى» دىن تازا خاتىرجەم بولالماي، ئۇرۇش مەيدانىدا ئارقىغا بۇرۇلۇپ قورالنى ئۆزلىرىگە تەڭلىشىدىن ئەنسىرىدى. شۇڭا شەرقلىق ئەسكەرلەرنى باتاليوننى بىرلىك قىلىپ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تارقاقلاشتۇردى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا بۇ قىسىم «شەرق باتاليونى» دەپ ئاتالدى. 1943-يىلىغا كەلگەندە، گېرمانىيە ئارمىيىسىدىكى 98 شەرق باتاليونىنىڭ 80 باتاليونى شەرقىي سەپ ۋە بالقان ئۇرۇش مەيدانىدا جەڭ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كېيىنچە بۇنىڭ ئىچىدىن 12 باتاليون فرانسىيە بىلەن ئىتالىيەگە ئەۋەتىلىپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش ئېھتىمالىغا تەييارلىق كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ 162-پىيادىلەر دىۋىزىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىدە «تۈركىستان دىۋىزىيىسى» دەپ ئاتالدى، بۇ دىۋىزىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەردىن تەشكىللەنگەن «تۈركىستان كورپۇسى» دىن تاللانغان ئىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ «سىگنال» ژۇرنىلىدا بېسىلغان سۈرەتلەردىن قارىغاندا، بۇ قىسىمدا سېرىق تەنلىكلەر ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن. ئەمما 162-پىيادىلەر دىۋىزىيىسى يۇگوسلاۋىيە بىلەن ئىتالىيەدە ئۇرۇش قىلغاچقا، فرانسىيەگە ئەۋەتىلمىگەن.
         ئىتتىپاقداش ئارمىيە 1944-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشتىن بۇرۇن، دېڭىز قىرغىقىدا مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى 243-قىرغاق مۇداپىئە دىۋىزىيىسى بىلەن 709-قىرغاق مۇداپىئە دىۋىزىيىسىدە بىرقانچە «شەرق باتاليونى» سەپلەنگەن. 709-قىرغاق مۇداپىئە دىۋىزىيىسىدىكى 739-گراناتچىلار پولكىدا 2 «شەرق باتاليونى» بولغان، باشقا 2 «شەرق باتاليونى» غا دىۋىزىيون ۋىللىئام ۋون شرىبون بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان. ئەينى چاغدا گېرمانىيە نورماندى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان قىسىمنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى «خىل» قوشۇن ئەمەس ئىدى، غەربىي سەپتە بارماقتا سانىغىدەك ئۇرۇش بولمىغانلىقتىن، 243-قىرغاق مۇداپىئە دىۋىزىيىسى بىلەن 709-قىرغاق مۇداپىئە دىۋىزىيىسىنىڭ خىللانغان قىسىمى دائىم شەرقىي سەپكە ئېلىپ كېتىلەتتى. ئىتتىپاقداش ئارمىيە قۇرۇقلۇققا چىقىشتىن سەل بۇرۇن 739-گراناتچىلار پولكىنىڭ 1-باتاليونى شەرقىي سەپكە يۆتكەپ كېتىلگەن،نورماندىدا بولسا پەقەت ئىككىلا «شەرق باتاليونى» قالدۇرۇلغان. ۋاقتىنچە «شەرق باتاليونى» نىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش قىيىن، ئەمما روشەنكى، «شەرق باتاليونى» نىنىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسى بەكلا تۆۋەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە «شەرق باتاليونى» قىرغاق مۇداپىئەسىدە بىرنەچچە ئايدىن بېرى ئاكوپ-ئىستېھكام قۇرۇلۇشى بىلەن چارچاپ ھالىدىن كەتكەنلىكتىن جىسمانىي كۈچى خوراپ بولغان ئىدى.
          ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس سىتىۋېن ئامبروسنىڭ « D كۈن » دېگەن ئەسىرىدە تەسۋىرلىنىشىچە، تۇنجى بولۇپ نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققان  ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان 2 ئەسكەر كورىئان (چاۋشيەن) مىللىتىدىن بولغان گېرمانىيە ئەسكىرى ئىكەن. ئارقىدىنلا ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىچىدە كورىئان مىللىتىدىن بولغان ئەسكەر 20 دىن ئاشقان، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇلارنى سوراق قىلغان ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەسكەرلەر ئەسلىدە ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 1939-يىلى پارتلىغان نومىنخان ئۇرۇشىدا ئەسىر ئېلىنغان ياپونىيە ئارمىيىسىدىكى كورىئان (چاۋشيەنلىكلەر) بولۇپ، كېيىن ياپونىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ياپون ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ كورىئانلاردىن بولغان بۇ ئەسكەرلەرنى ئېلىپ قالغان، چۈنكى سوۋېت ئارمىيىسى بۇ كورىئانلارنى «ئەسىر» دەپ قارىمىغان، بەلكى ئۇلارنى ياپون جاھانگىرلىكى مۇستەملىكىسىدىكى ئېزىلگەن خەلق پەرزەنتى، دەپ قارىغان ھەمدە ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى تەركىبىگە قوشۇۋالغان. 1941-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، بۇ كورىئان ئەسكەرلەر چوڭ قىسىم بىلەن بىللە ئالدىنقى سەپكە بارغان، ئەمما دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى مەغلۇب بولغانلىقتىن، بۇ كورىئان ئەسكەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ باشقا ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. كېيىن بۇ كورىئان ئەسكەرلەر گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ «شەرق باتاليونى» تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن.
        ئەبجەش قىسىم بولغان «شەرق باتاليونى» ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن قىلغان ستېرېئولۇق ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي تەسلىم بولغان. 709-قىرغاق مۇداپىئە دىۋىزىيىسىنىڭ جەڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، دەسلەپكى 10 كۈندە مەزكۇر دىۋىزىيەنىڭ ئۆلگەن، يارىلانغان ئەسكىرى 4000 غا يەتكەن، «شەرق باتاليونى»نىڭ قالدۇقلىرى چېكىنگەن. 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ۋىللىئام ۋون شرىبون «شەرق باتاليونى» نىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 800 ئەسكەرنى باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 9-پىيادىلەر دىۋىزىيىسىگە تەسلىم بولغان. تەركىبىدە «شەرق باتاليونى» بولغان 243-قىرغاق دىۋىزىيىسىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا نورماندى رايونىنىڭ كرانتان يېرىم ئارىلىدىكى جەڭدە قىرىپ تاشلانغان.
          نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئىتتىپاقداش ئارمىيە فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا «ئەجدىرھاغا مىنگەن ئەسكەرلەر ھەرىكىتى» ناملىق ھۇجۇم قوزغىغان، بۇ قېتىم ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئالدىغا چىققىنى «ھىندىستان كورپۇسى» ئىدى، «ھىندىستان كورپۇسى» گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىچىدىكى ھىندىستانلىق ئوفېتسىر-جەڭچىلەردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 1943-يىلى فرانسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قىرغاق مۇداپىئەسىگە مەسئۇل قىلىنغان. گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مارشالى ئېلۋىن روممېل بۇ قىسىمغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن، كۆپ قېتىم پاراتتىن ئۆتكۈزۈپ كۆزدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ناتسىستلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇ ھىندىستانلىقلارغا ئانچە ئىشەنمەي، «شەرق باتاليونى»غا قىلغان مۇئامىلىنى قىلغان ھەمدە «ھىندىستان كورپۇسى»نىمۇ باتاليوننى بىرلىك قىلىپ تارقاقلاشتۇرۇۋەتكەن، مارشال روممېلنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «ھىندىستان كورپۇسى»نىڭ ئاساسلىق كۈچى فرانسىيەنىڭ بىسكاي قولتۇقىدىكى بوغدو رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققان چاغدا، «ھىندىستان كورپۇسى» بوغدونىڭ لاكانو رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى.
         1944-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىتتىپاقداش ئارمىيە فرانسىيەنىڭ جەنۇبىغا كەلگەندە، «ھىندىستان كورپۇسى» لاكانودىن چېكىنىپ چىقىۋاتقاندا فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ توساپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغان، «ھىندىستان كورپۇسى» نىڭ قوماندانى ئەلىخان ئوق تېگىپ ئۆلگەن، بۇ «ھىندىستان كورپۇسى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق چىقىم تارتىشى ئىدى، ئىزچىل چېكىنىۋاتقان «ھىندىستان كورپۇسى» ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ برونېۋىك قىسىمىغا ئۇچراپ قېلىپ تېخىمۇ كۆپ چىقىم تارتقان، بىر تەرەپتىن فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ زەربىسى بىلەن «ھىندىستان كورپۇسى» ھالىدىن كەتكەن. 1944-يىلى قىشتا، «ھىندىستان كورپۇسى» فرانسىيەنىڭ ئالساس رايونى ئارقىلىق گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىگە چېكىنگەن. 1946-يىل 5-ئايدا، گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ تەسلىم بولۇش ھارپىسىدا، «ھىندىستان كورپۇسى» شۋېتسارىيەگە قېچىشقا ئۇرۇنغاندا، ئامېرىكا-فرانسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىپ قورال تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان. مارشال روممېل چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن «ھىندىستان كورپۇسى» نىڭ ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى « 0 (نۆل) » بولغان، ناتسىستلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر «ھىندىستان كورپۇسى» نى مازاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىدارى ئىستېھكامنى تاشلاپ قېچىشتىنلا ئىبارەت، دېگەن، ھەتتا گىتلېرمۇ « ‹ھىندىستان كورپۇسى› بىر چاقچاقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.
         2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئارمىيىسىدىكى بۇ ئەبجەش قىسىمنىڭ تەقدىرى خىلمۇ خىل بولغان، «ھىندىستان كورپۇسى» ھىندىستانغا ئېلىپ كېتىلىپ سوتلانغان، ئەمما «شەرق باتاليونى» نىڭ باشقا قىسىملىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۈرمىلەردە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلغان.

(«ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 26-نويابىر سانىدىن)

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8142

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 691
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2382
توردىكى ۋاقتى: 1092
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 13:26:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىك ئالىمىمىز نەبىجان تۇرسۇننىڭ ماقالىسىدە دېيىلىشىچە سوۋېتقا قايتۇرۇپ بېرىلگەن تۈركى مىللەتلەردىن بولغان ئەسكەرلەر پۈتۈنلەي قىرىۋېتىلگەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1733

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20842
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 16:19:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كىيىن گىرمانىيە قايتۇرۇپ بەرگەن ئەسىر لەردىن تۇرۇك مللىتىنىلا ئەمەس بەلكى روس مللىتىنىمو ئامان قويمىغان چونكى بىلىروسيە ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانلىرىدىن بىرسى بولغان ۋىلاسوۋ بىلىروسيە ئارمىيىسىدىن ئىككى كورپۇس ئارمىيىنى باشلاپ گىرمانىيەگە تەسلىم بولىشى سىتالىنغا بەكمۇ ئەلەم قىلغانلىغى ئوچۇن سىتالىن غەلبە قىلغاندىن كىيىن ئەنە شۇلاردىن ئوچ ئالغان .

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22959
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 17:51:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر يۇقمىكەن؟

1

تېما

1

دوست

1568

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21777
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 468
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-9 18:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارمۇ بار ، مەندە گېتلىرغا ئەسكەر بولغان ، تۈركىستان  كورپۇسى  تەركىبىدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ سۈرىتى بار ئىدى ، ( توردىن  يىغىۋالغان )   ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسۇل  ئويناۋاتقان ، ئۇيغۇرغىلا خاس بولغان بەزى بەلگىلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلەركەندۇق ، كىلەر قېتىم تورغا يوللاپ قوياي .

2

تېما

0

دوست

1377

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8188
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 13:20:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورىيەنىڭ «مېنىڭ يولۇم»(我的征途)  دەيدىغان بىر فىلىمىدىمۇ شىمالى كورىيەلىك بىر ئەسكەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىدە ياپونغا ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ، سوۋىت بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى، سوۋۇتقا ئەسىر بولوپ، گىرمانىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلغانلىقى، ئۇيەردىمۇ ئەسىرگە چۈشۈپ نۇرماندىيەدە ئىتتىپاقداش ئارمىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. بى فىلىم چىن ۋەقەلىك ئاساسىدا يېزىلغان ئىكەن.
قارىغاندا «شەرق باتالىيۇن» نىڭ بولغانلىقى راست ئىكەندە.

43

تېما

2

دوست

6895

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 717
تۆھپە : 1725
توردىكى ۋاقتى: 450
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 17:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ تېما مېنىڭ ئۈچۈن بىر يېڭىلىق بولدى. قاچقان، ئاجىز دەپ يۈرگىچە، ئىشەنگەن بولسا، ئىستىكام كولاپ ھالىدىن كەتكۈزمەي تېخىمۇ ياخشى تەربىيلىگەن بولسا، ھەممە يۈكنى ئۆزەملا كۆتۈرىمەن دېمەي، ئولارغىمۇ پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولسا بەلكىم ئىشلار باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. مەنچە بۇ تېمىنى ئوبدان ئوقۇپ قويىدىغان تېما ئىكەن.

14

تېما

3

دوست

1654

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 101
تۆھپە : 446
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 17:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saednursi يوللىغان ۋاقتى  2013-11-9 18:34
ئۇيغۇرلارمۇ بار ، مەندە گېتلىرغا ئەسكەر بولغان ، تۈركى ...

ساقلىدۇق ئەمىسە رەسىملىرىڭىزنى، بولسا بالدۇرراق يوللىسىڭىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )