پاتىنىت ھوقوقىغا قانداق ئىلتىماس قىلىش كېرەك ؟
باغداشتكى بىر قېرىندىشىمىز مۇشۇ توغۇرلۇق ياردەم سوراپتىكەن ، ./thread-20997-1-1.htmlمەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ توپلاپ بۇ يازمىنى چىقاردىم ، قېرىنداشلارغا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
1. بىلىشكە تېگىشلىك پاتىنىت بىلىملىرى
بىرىنچى،پاتېنت ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىش يوللىرى
ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان ئۇسۇل ۋاكالەتەن ئىلتىماس قىلىش بولۇپ،ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ پاتېنت ۋاكالەت ئورگىنىغا ھەۋالە قىلىش ئارقىلىق ئىلتىماس
رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىلتىماس ھۆججىتىنى يېزىش تېخنىكىلىقى ۋە قانۇنلۇق ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر تۈرلۈك خىزمەت.ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتلىرىنى تۇلۇق ھەم
مۇۋاپىق قوغداش ئۈچۈن پاتېنت ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىشتا،ئەڭ ياخشىسى پاتېنت ۋاكالەت ئورگانلىرىنىڭ ۋاكالەتەن بېجىرىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى:پاتېنت ئىلتىماس تۈرلىرى
1.كەشپىيات: مەھسۇلات،چارە-تەدبىر ياكى ياخشىلىغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېخنىلىق لاھىنى كۆرسىتىدۇ.
2.ئەمەلىي قولىنىدىغان يېڭى شەكىل: مەھسۇلاتلارنىڭ شەكلى،تۈزۈلمىسى ياكى شۇ ئاساستا ئەمەلىي قوللىنىدىغان يېڭى تېخنىكىلىق لايىھىنى كۆرسىتىدۇ .
3.تاشقىي كۆرۈنۈش لاھىيىسى:مەھسۇلاتلارنىڭ تاشقىي كۆرۈنۈشى سۈرىتى رەڭگى ياكى شۇ ئاساستا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىستىتىك زوق بېغىشلايدىغان ھەمدە سانائەتتە قوللىنىدىغان يېڭى لاھىيىنى كۆرسىتىدۇ
3.پاتىنىت ھوقوقىنىڭ ئالاھىدىلىكى
1.خاسلىقى:پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئۆز كەشپىياتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئىشلىتىش سېتىش ۋە ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنىشىغا نىسبەتەن مونوپول ھوقۇقىينى كۆرسىتىدۇ.
2.رايۇن خارەكتېرە:بىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى بويىچەتەستىقلىغان پاتېنت ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.پەقەت شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىي باشقۇرۇش دائىرىسىدىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇچەتئەللەر بۇ خىل پاتېنت ھوقۇقىنى قۇغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
3.ۋاقىت خاراكتېرى:پاتېنت ھوقوقىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئۆزكەشپىياتىغا نىسبەتەن ئېرىشكەن پاتېنت ھوقوقىي پەقەت قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدىلا كۈچگە ئىگە بولىدۇ.مەملىكىتىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنت قوغداش مۇددىتى20يىل ئەمەلىي قوغدىلدىغان يېڭى شەكىل پاتېنتى ۋە تاشقىي كۆرۈنىش لاھىيىسى پاتېنت قوغداش مۇددىتى بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 يىل .پاتېنت ھوقوقىنى قوغداش مۇددىتى پاتېنت ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىندۇ.
4.پاتېنىت ھوقوقىنى قوغداش
كەشپىيات ياكى ئەمەلىي قوللىندىغان يېڭى شەكىللەرنىڭ پاتېنت ھوقوقىنى قوغداش دائىرسى بۇ ھوقوقتا تەلەپ قىلىنغان مەزمۇنىنى ئۆلچەم قىلىدۇ تاشقىي كۆرۈنۈش لاھىسىنى پاتېنت ھوقوقىنى قوغداش دائىرسى
رەسىم ياكى سۆرئەتتىكى تاشقىي كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنت مەھسۇلاتلىرنى ئۆلچەم قىلىدۇ.پاتېنت ھوقوقىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ بۇ پاتېنت يۈرگۈزسە پاتېنت ھوقوقىغا دەجلۇ-تەرۇز قىلغان بولىدۇ، جىدەل-ماجرانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق چاغدا دەۋالاش قۇچىلا خەلق سوتقا ئەرز سۇنسا بولىدۇ بىلىم مۈلۈك ھوقوقىي ئىدارىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
5.:پاتېنت ھوقوقىنىڭ ئەمەلدارى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى
اتېنت ھوقۇقى ئۈچ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ:
1.قوغداش مۇددىتى تولۇق توشۇپ ئاخىرلاشقاندا؛
2. بەلگىلىمە بويىچە يىللىق ھەقنى تاپشۇرمىغاندا؛
3.پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاتېنت ھوقۇقىدىن ۋازكەچسە؛
6،ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى
نۆۋەتتە،ئۆزئالدىغا يېڭىلىق يارتىش بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقوقىي ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇلماقتا، شۇنداقلاپارتىيە،ھۆكۈمەت ۋە جەمىئەتتى ھەرقايسى ساھەلەر نىڭ يۈكسەك ئىتىبارىنى قوزغىماقتا. ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى پەن تېخنىكا يىڭىلىق يارتىشتىكى ئاساسلىق قۇشۇن بولۇپ،ئۇلار ياراتقان ۋە ئېرىشكەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بولسا ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئەمەلىي كۈچى، يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارى ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىدۇر
2.دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم مۇھىم بولغان پاتېنىت ۋو شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك توربەتلە
ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى تور بەتلەردىن ھەقىقى قانۇنلۇق پاتېنىت ئىلتىماس قىلىش ئورگان ياكى ۋاكالەتچىلەرنى كۆرۈپ چىقىپ ئاندىن مەشخۇلات قىلىڭ !
1. شىنجاڭ قانۇنچىلىق تورى (ئۇيغۇرچە ) http://www.kanunqilik.com/portal.php
2.جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى ئقل قوغداش ئىدارىسى http://www.sipo.gov.cn
3.ھازىر بار بولغان دۆلەت ئىچىدىكى مۇناسىېەتلىك پاتېنتلار نى ئىزدەش:http://www.sipo.gov.cn/zljs/
4.پاتېىت تەلەپ قىلىشتىن ياردەم سوراش رايونى (ھۆكۈمەتنىڭ)http://www.sipo.gov.cn/zxt/
5.جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى ئەقلى ھوقوق گېزىتى (توردا ئوقۇش) http://www.cipnews.com.cn/zgzscqb/html/2013-10/11/node_1.htm
jمۇناسىۋەتلىك ئارخىپ : (جەدىۋەل)
چۈشۈرۈش
|