- تىزىملاتقان
- 2013-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 554
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
10.8%
|
داۋامى:
كېرەمنىڭ ئۆيى(داچا ياكى قورۇق دىسەكمۇ ھەرگىز ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ)شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك ئىدىكى،ئۇيغۇر نەققاشلىقىنىڭ ئەڭ ئېسىل نامايەندىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىدى.كېرەمنىڭ باشلىشى بىلەن زۇنۇن بىلەن بىرگە يىغىن زالى بىلەن پەرقسىز لاھىيەلىگەن مېھمانخانىسىدىن ئورۇن تۇتتۇق.رىزۋان بولسا كېرەمنىڭ ئايالى بالىلىقىدىكى دوستى شەرۋانىخاننىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى.بىردەمدىن كىيىن يېشى مەندىن جىق پەرىقلەنمەيدىغان بىر يىگىت كىرىپ بىز بىلەن ئەدەپ بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ئولتۇردى.
-ماۋۇ يىگىت ،رىزۋان خېنىمنىڭ شەھەردىكى يىگىتى ئىكەن،بۇندىن كىيىن بىزنىڭ شېركەتتە ئىشلەيدۇ،ئىسمى توختاخۇن،-دىدى كېرەم مېنى ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇرۇپ.مەن قولۇمنى مەيدەمگەئېلىپ ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ سالام قىلدىم.
-ماۋۇ مېنىڭ چوڭ ئىنىم،ئىسمى مەشرەپ ،شېركەتتە مېنىڭ ئوڭ قولۇم،مەن بولمىسام شېركەت يۈرۈشىۋېرىدۇ،لىكىن مەشرەپ بولمىسا ئىشلار توختاپ قالىدۇ،-دىدى كېرەم ئىگىز بوي،قارا شىم-كاستومنى قاتۇرۇپ كىيىۋالغان،كۆزلىرىدىن ئىشەنچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يىگىتنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ. ئۇ ئاكىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ ماڭا مۇنداقلا سالام قىلىپ قويدى.
-بۇنىڭدىن توختاخۇن،سىلىنىڭ ماشىنىلىرىنى ھەيدەيدا،ماشىنىنى سىلىق ھەيدەيدىكەن،رىمونتچىلىققىمۇ ئېپى باركەن،ئۆزى بەك يوغان بولمىغان بىلەن خېلى كۈچى باركەن،ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىلا،-دىدى كېرەم مەشرەپكە قاراپ.
-سىلە نىم دىسىلە شۇ،-دەپ قويدى مەشرەپ سوغۇقلا.قارىغاندا ئۇ ئاكىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن ئانچە رازى بولمىسا كېرەك.
-ھە ئوغاۋالا،كېرىماخۇننىڭ شىركىتىگە نى-نى ئوغاۋالىلا كىرەممەيدۇ جۇما...ئىناۋىتىمنى تۆكمەي تۈزۈك ئىشلىسىلە،-دىدى زۇنۇن مەندەك <<موزدوز>>نى ئۆزىنىڭ يۈزىگە تايىنىپ چوڭ شېركەتكە خىزمەتكە تونۇشتۇرۇپ قويغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ.
-ماقۇل،مەن چوقۇم مەشرەپكامنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىمەن،-دىدىم كۈلۈمسىرەپ.مەن بىلەن يېشى تەڭتۇش كىلىدىغان مەشرەپ مىنىڭ بۇ خوشامىتىمنى ئىلىكمۇ ئېلىپ قويمىدى.
شۇ ئارىلىقتا جوزىغا پېتىر مانتا،پولو قاتارلىقلار كەلتۈرۈلدى.مەن ئۇلارغا ئاددى تەسىر بېرىش ئۈچۈن پولونى يالماپ-يالماپ يۇتۇپ،مانتىنى پۈتۈن-پۈتۈنلا ئېغىزىمغا كەپلەشكە باشلىدىم.بۇنى كۆرگەن ئۈچەيلەن ماڭا قارالا قالدى.ۋەھالەنكى ئۈچەيلەننىڭ مىنىڭ تاماق يىيىش ھالىتىمگە تاشلىغان نەزىرىنىڭ مەنىسى قەتئى ئوخشىمايتتى.كېرەم ئىشنى گۈس-گۈس قىلىپ تاماقنى كوم-كوم يەيدىغان ئوغۇلبالىدىن خېلى رازى بولغاندەك قىلاتتى.زۇنۇن بولسا نۇرغۇن سېسىق گەپلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ،مەندىن نومۇس قىلىپ قىزىرىپ ئولتۇراتتى.مەشرەپنىڭ بولسا ئابايقىغا قارىغانداخېلى كۆڭلى ئېچىلىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.مەن ئاغزىمدا كۈچەپ مانتىنى چاينىغاچ ئۇلارنىڭ ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى ئەمدى بايقىغاندەك قىياپەتتە بېشىمنى كۆتۈرۈپ،ئوڭايسىزلىق بىلەن كۈلۈپ قويدۇم.زۇنۇن مىنى چېقىشقا ئەدى پۇرسەت تېپىپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە:
-خو....مۇشۇنداق يەپ ئىشنى راۋۇرۇس قىلىش كېرەك ،-دىدى كېرەم كۈلۈمسىرەپ.
-بەك ئوخشاپتۇ،-دىدىممەن مىڭ تەستە مانتىنى يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن.
-ئوغاۋالا......سىلىنى خىزمەتكە ئالدى،جەھەننەمگە ئەمەس،ئالدىرىماي يىسىلىمۇ ئۈلگۈرىلا،-دىدى زۇنۇن تېرىكىپ.
-قارىغاندا مائاشىنى تېز ئۆستۈرۈپ بەرمىسەك،تاپقان پۇلى تاماققا يەتمەيدىغان ئوخشايدۇ،-دىدى مەشرەپ تۇنجى قېتىم ئېچىلىپ.
مەن گەپ قىلماي بېشىمنىڭ كەينىنى تاتىلاپ كۈلۈپ ئولتۇرىۋالدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېھقىتىنى مەندىن ئاغدۇرۇپ تاماققا بېقىشتى.بىردەمدىن كىيىن بىز تاماقتىن پارىغ بولۇپ،دۇئاغا قول كۆتۈردۇق.مەن ئەمدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ساقلاپ ئولتۇرىۋېدىم.
-قورساقمۇ تويدى،قوپسىلا توختاخۇن ئەمدى رەسمى ئىشقا چۈشتىلە،ناھىيىدە بىجىرىدىغان ئىش بار،شۇ يەرگە بارىمىز،-دىدى مەشرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ.
مەنمۇ ئېزىلەڭگۈلۈك قىلماي دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ زۇنۇن ۋە كېرەم بىلەن ئاددى خوشلىشىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.مەشرەپنىڭ ماشىنىسى بېننىز ماركىلىق ئىسىل 4 كىشىلىك پىكاپ بولۇپ ئۇ كابىنكىنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىن كىيىن ماشىنى ھەيدەپ يولغا چىقتىم.تەلىيىمگە ماشىنا يول باشلاش سېستىمىسى بولغاچقا،مەشرەپنىڭ يول كۆرسىتىشىگىمۇ ئانچە ئېھتىياجلىق بولمىدىم.
-ھە...توختى..ئىككىمىز تەڭتۇشكەنمىز.سەنلا دەۋىرەي قانداق؟،-دىدى مەشرەپ ئورۇندۇقنىڭ بەدەن ئۇۋۇلاشكونوپكىسىنى بېسىپ قويۇپ ئورۇندۇققا يۆلەنگەندىن كېيىن.
-چاتاق يوق ،مەن يېڭى ئىشقا چۈشتۈم ،ياخشى قىلالمىغان يەرلىرىم بولسا كۆرسۈتۈپ قويارسىز،-دىدىم مەنمۇ ئەدەپ بىلەن.
-تاماكا چىكەمسەن؟،-دىدى مەشرەپ <<يۈشى>>ماركىلىق تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرغاچ.
-چىكىمەن،-دىدىم مەن كىسىپلاجاۋاپ بېرىپ.ئەمەلىيەتتە مەن ئادەتتە تاماكا چەكمەيمەن.
-مە،-دىدى ئۇ ماڭا بىر تال تاماكا تەڭلەپ،-تاماكا ماشىنىنىڭ كەينىدە جىق،شۇيەردىن ئېلىپ چىكىۋەر.
-بىزنىڭ بۇ شېركەت ئادەتتە نېمە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟،-دەپ سورىدىم ماشىنىنىڭ چاقمىقىدا تاماكىنى تۇتاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن.گەرچە ماشىنىنىڭ دېرىزىسى ئىتىق بولسىمۇ،ماشىنا ئۆزلىكىدىن تاماكا ئىسىنى سىرتقا شوراپ چىقىرىۋېتەتتى.شۇڭا ماشىنىنىڭ ئىچىنىمۇ تۈتۈن بېسىپ كەتمىدى.
-بىز ئانار،چىلان،ئۈزۈملەرنى چەتئەلگە ئىكىسپورت قىلىمىز.يەنە يېزىمىزنىڭ يۇقىرىسىدىكى تاغدا ئاچقان مىس كانمۇ بىزگە قارايدۇ.ئۇنى ئىچكىرە ئۆلكىدىكى سىم زاۋۇتىغا ئۆتكۈزىمىز،بىز بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى چوڭ خوجايىنلار شۇڭا سۆھبەت بولۇۋاتقاندا ئالدىراپ ئېغىز ئاچما.كىيىمىڭنى رەتلىك كىي،-دەپ قىسقا،ئېنىق چۈشەندۈردى مەشرەپ.
-ھە.....بولسا تاماكىدىن يەنە بىر تال بەرسىڭىز بوپتىكەن ،-دىدىممەن ئاچكۆزلۈك بىلەن ھىجىيىپ.
-مە،-دەپ يىرىم قاپ قالغان تاماكىنى ماڭا ئۇزاتتى مەشرەپ.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مېنىڭ ئاچكۆزلىكىمنى ئىنتايىن ياقتۇرغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلاتۇراتتى.مەن تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ،قالغىنىنى ئاۋايلاپ قويۇن يانچۇقۇمغا سالدىم.ئورۇندۇقنىڭ بەدەن ئۇۋىلاش سېستىمىسى بەك ئىلغار بولسا كېرەك مەشرەپ بىر دەمدىلا كۆزىنى يۇمۇپ ئارام ئېلىشقا چۈشۈپ كەتتى. مەن ماشىنىغا سېلىپ قويۇلغان ساكس مۇزىكاپىلاستىنكىسىنى قويۇپ قويۇپ جىمجىت ماشىنا ھەيدەشكە باشلىدىم.ھايال ئۆتمەي يول باشلاش سېستىمىسى بىزنى باشلاپ ناھىيەدىكى ئەڭ چوڭ مېھمانساراي بولغان <<بوز ئات>>مېھمانسارىيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.
-مېھمانخانىغا كەلدۇق،-دىدىم كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئارام ئېلىۋاتقان مەشرەپنى چاقىرىپ.
ئۇ ھۆل قەغەز بىلەن يۈىنى سۈرتىۋەتكەندىن كىيىن
-مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇر.ئىش بولسا ماشىنىدىكى تېلىفۇنغا تېلىغۇن قىلىمەن.بەك ھايال قالماسلىقىم مۇمكىن ،بىر يەرگە كەتمەي مېنى ساقلاپ تۇر،-دەپ قويۇپ مېھمانخانىغاكىرىپ كەتتى.مەن بۇ پۇرسەتتە بىر كۆزۈمنى مېھمانخانىنىڭ ئىشىكىگە قويۇپ ماشىنىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىرگۇمانلىق يېرى بولمىسىمۇ،ھەر بىر نۇقتىنى قويۇۋېتىشكە بولمايتتى.قارىسام ماشىنىدا توختام قەغىزى،تامغا قاتارلىق نەرسىلەردىن باشقا گۇمانلىق نەرسىلەر يوقكەن.ماشىنىنىڭ كەينىنى ئېچىپ قارىسام،ئېسىل-تاماكا ھاراق ،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن توشۇپ تۇرۇپتۇ.تاماكىدىن بىر ئورام(يەنى ئون قاپ)ئېلىپ،شوپۇر ئورۇندىقىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغاندىن كىيىن،ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا،ئۇ ئازلا چېچى قالغان،ئوبدانلاقورساق سالغان بىر خەنزۇ كىشىنى باشلاپ چىقتى.ئۇلار ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغاندىن كىيىن،مىنى ناھىيىنىڭ چەت رايونىغا جايلاشقان بەخىت-سائادەت ئارامگاھىغا ھەيدەشنى تاپىلاپ قويۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.كۆزۈم يولدا،قولۇم رولدا،قۇلىقىم ئۇلاردا ئىدى.مەشرەپنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭى دېگەندەك بولمىسىمۇ ،خەنزۇچىنى ئىنتايىن راۋان سۆزلەيتتى.ئۇلار مېھمانخانىنىڭ ئىچىدىلا خېلى مۇڭدىشىپ ئۈلگۈرگەن بولسا كېرەك.
-شۇنىڭ بىلەن خېلى جاپا تارتتىم دەڭ.سىز بىزنىڭ تىجارىتىمىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلدىڭىز،بىز سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز.بىز قىلىدىغان ئىشلار بولسا ھايت دەڭ،-دىدى مەشرەپ ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭغا تاماكىدىن بىرنى تۇتۇپ.
-قىلىشقا تىگىشلىك ئىش.ئىقتىدارلىقلارنى ئالدىن بېيىشقا يېتەكلەش بىزنىڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتىمىز،بىراق.......،-دەپ گەپتىن توختىدى ئۇ كىشى.
-قانداقلا شەرت بولسا دەۋىرىڭ.بىز چوقۇم ئورۇنداشقا تىرىشىمىز..،-دىدى مەشرەپ <<بىراق>>تى سودۇقۇپ.
-سىلەرنىڭ باشقا ئىشىڭلاردا چاتاق يوق.لىكىن مىس كانغا تاپشۇرغان بېجىڭلار،سىلەر قازغان مىسنىڭ قىممىتىگە توغرا كەلمەيدۇ،-دىدى ئۇ كىشى <<بىراق>>نى يىشىپ.
-مىس كاننى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاقەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە مىس كانغا ئاكام ئۆزى مەسئۇل.سىز ئاكامنى بىلىسىز ئاكام ھەرگىز باجغا پىخسىقلىق قىلىپ باققان ئاسەم ئەمەس،-دىدى مەشرەپ ئىشەنچ بىلەن.
-مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس.سىلەرمىس بىلەن تەمىنلەۋاتقان سىم شېركەتلىرىدىن سىلەرنىڭ قانچىلىك مىس قېزىۋاتقىنىڭلاربىزگە ئايان.دېمەكچى بولغىنىم سىلەر تاپشۇرىۋاتقان باج ئەمەلىيەتتىكىدىن ئارتۇق،-دىدى ئۇ كىشى ئەجەبلىنىپ.
-بۇنى مەن چوقۇم سۈرۈشتۈرىمەن.قارىغاندا بىزنىڭ مالىيىگە مەسئۇل خادىم بىخەستەلىك قىلغان ئوخشايدۇ.،-دىدى مەشرەپ ئەستايىدىللىق بىلەن.
-بۇ ئىشقادېھقەت قىلىشىمنى يۇقىرىدىن بىر قانچە قېتىم تاپشۇردى،مەن ئەتە-ئۆگۈن ئۈزەم بېرىپ ھىساباتنى تەكشۈرمىسەم بولمايدۇ،-دىدى ئۇ كىشى ۋەزمىن ئاھاڭدا.
-بۇ قەشقەرنىڭ ئاۋات يېرىدىكى داچا شەكلىدە سېلىنغان ئۆينىڭ ئۆي خېتى،مەن ئۆي سېلىنىۋاتقاندىلا سىزگە بىرنى ئېلىپ قويغانىدىم،قاچانلا باشقىلارنىڭ نامىغا يۆتكىۋالسىڭىز بولىدۇ،-دىدى مەشرەپ قوينىدىن خېلى يوغان بىر لىپاپىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇنۇپ.قارىغاندا ئۇنىڭ قويۇن يانچۇقى ئالاھىدە كەڭرى قېلىپ ئالاھىدە لاھىيەلەنگەن بولسا كېرەك.
-ياق،ياق،بۇنداق قىلساق بولمايدۇ،-دىدى ئۇ كىشى كۈلۈمسىرەپ لىپاپىنى يالغاندىن ئىتتىرىپ.
-ياق،ياق،ئالمىسىڭىز بولمايدۇ،سىز بىزنى دەپ جاپا چىكىۋاتسىڭىز،ئازراق كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلغىلى قويمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟،-دىدى مەشرپ لىپاپىنى داۋاملىق ئۇنىڭغا تەڭلەپ.
-ئۇنداق بولسا،بۇ ئۆيدىن مەن پايدىلىنىپ تۇراي،كىيىن سىزگە لازىم بولسا دەڭ،دەرھال سىزگە قايتۇرۇپ بېرىمەن،-دىدى ئۇ كىشى ھىجىيىپ لىپاپىنى سومكىسىغا سالغاچ.
-يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ياخشى گېپىمىزنى قىلىپ قويغان بولسىڭىز،-دىدى مەشرەپ ئەمدىلەتىن كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ.
-مەن سىزنى ئۆز ئىنىمدەك كۆرىمەن ،سىزنىڭ ئىشىڭىز مېنىڭ ئىشىم،خاتىرجەم بولۇڭ،-دىدى ئۇ كىشى ئابايقى كەسكىن ئەلپازىدىن بىراقلا بوشاپ.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار خۇددى راس ئاكا-ئۇكىلاردەك ئائىلە پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتى.ھايال ئۆتمەي ئارامگاھقىمۇ يىتىپ كەلدۇق.بۇ ئارامگاھ ناھىيەنىڭ سىرتىدىكى ئادەم ئىنتايىن ئاز بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ سىرتىدىن قارىماققا ناھايىتى ئاددى بولۇپ.ئارامگاھنىڭ سىرتىغا چاقچۇقمۇ چاپلانماي سىمونت پېتىچىلا قالدۇرۇلغانىدى.
-سەنمۇ مەن بىلەن بىللە كىر،-دىدى مەشرەپ ماشىنىدىن چۈشكەچ.مەن دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.
-ھەر قېتىم كەلسەم بىر شوپۇر ئالماشتۇرىدىكەنسىز،دېھقەت قىلىڭ،-دىدى ھېلىقى كىشى مەشرەپنى ئاگاھلاندۇرۇپ.
-ھېچقىسى يوق.ئۇئۆز ئادەم،-دىدى مەشرەپ دەرھال ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ.
-ئارامگاھنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كىلىپ،مەشرەپ ماڭا ئىشارەت قىلىۋىدى،پايپاسلاپ بېرىپ،ئىشىكنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل كۇنۇپكىنى باستىم.ھايال ئۆتمەيلا ئىشىك ئېچىلىپ،ئىككى قاتار تۇرغان 18 ياشلار چامىسىدىكى سۈرەتتەك چىرايلىق 8 قىز ،ۋە ھەشەمەتلىك ئارامگاھ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى.
-قارشى ئالىمىز،-دىگەن يېقىملىق ئاۋازدا بېشىنى ئىگىپ سالام قىلىپ بىزنى ئىچىگە باشلىدى ئۇ سەككىز نازىنىن.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ بىرىنچى قەۋەتتىكى ئاجايىپ ھەشەمەتلىك زالنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان كۈتىۋېلىش سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدۇق.
-sخانىدىن بىرنى cخانىدىن بىرنى ئېچىپ بېرىڭ،-دىگەچ ئالتۇن رەڭلىك كارتىنى 35 ياشلار چامىسىدىكى ،مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان ،تەنناز ئايالغا سۇندى مەشرەپ.
ئۇ ئالدىدىكى كومپىيوتۇر بىلەن ھەپىلەشكەندىن كىيىن ،قولىدىكى سۆزلەشكۈش ئارقىلىق قىزىل رەڭلىك كىيىۋالغان ئىككى قىزنى چاقىرىپ بىزنى خانىغا باشلاشنى تاپىلىدى.ئۇلار بەكلا تەجىربىلىك بولسا كېرەك سوراپ ئولتۇرمايلا بىرى مىنى باشلاپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە باشلاپ قويغاندىن كىيىن ،يەنە بىرى ئۇ ئىككەيلەننى باشلاپ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى.مېنى باشلىغان بۇ خانىنىڭ ئىچى شۇنچىلىك كەڭرى بولۇپ،كەڭرى ئۈستەلگە تونۇر كاۋاپتىن تارتىپ،ئىچكىرىنىڭ داڭلىق قورۇمىلىرىغىچە لىق توشقۇزۇلغان ئىدى.يەنە بىر تەرەپتە كىچىككىنە بىر يۇيۇنۇش كۆلچىكى كۆلچەكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ھەشەمەتلىك كارىۋات قويۇلغان،كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى دەرىزىدىن ئارامگاھنىڭ كەينىدىكى بۈك باراخسان ئورمانلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.ۋەھالەنكى بۇ cدەرىجىلىك خانە ھەشەمەتلىكلىك جەھەتتە 5يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن قالغۇدەك ھېچقانداق يېرى يوق ئىدى. مەن ئۇدۇللا داستىخاننىڭ قېشىدىكى كىرىسلودا ئولتۇرۇپ تائاملارنى يالماپ يىگەچ،خانىنىڭ ئىچىنى كۆزەتتىم قارىسام خانىنىڭ 4 يېرىگە زىننەت بويۇمىغا ئوخشىتىپ ياسالغان كامېرا ئورنۇتۇقلۇق ئىكەن.بەلكىم بۇ كامېرانى قانداق بايقىيالىدىڭ دەپ ھەيران قېلىشىڭلار مۇمكىن.ئەمەلىيەتتە بۇ بەك ئاسان.يوشۇرۇن كامىرا بارلىقىدىن گۇمان قىلغان ئادەم كامېرانىڭ شەكلىگە دېققىتىنى بۇرىۋالماي،قايسى ئورۇنلارنىڭ كۆزىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىغا سەپ سالسىلا بولىدۇ.كامېرالارنى بايقىۋالغاندىن كېيىن ،خاتىرجەم بولۇپ كىرىسلوغا يۆلىنىپ،كىرىسلونىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان تىزگىنەكنى ئېلىپ ،مۇلازىمەت چاقىرىش دىگەن كۇنۇپكىسىنى باستىم،ھايال ئۆتمەي مېنى خانىغا باشلاپ كىرگەن ھېلىقى قىز ئىشىكنى چىكىپ خانىغا كىرىپ كىلىپ
-قانداق مۇلازىمەت كېرەك ئەپەندىم؟،-دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
-قانداق مۇلازىمەتلەر بار؟
-ھەر قانداق تەلىپىڭىزنى ئورۇنداشقاتىرىشىمىز.
-ئۇنداق بولسا قىزلاردىن ئىككىنى چاقىرىڭ،يەنە كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان نەرسىلەردىن قانچە خىل بولسا ،شۇنچە خىلنى كەلتۈرۈڭ،-دىدىم قەستەن پەس نەزەر بىلەن ئۇنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىگە تىكىلىپ.
ئۇ سۆزلەشكۈ بىلەن يوليورۇق سورىغاندىن كىيىن ،ماقۇل دىگەن جاۋاپنى ئالدى بولغاي،<<بىردەم كۈتۈڭ>>دەپ قويغاندىن كىيىن كەينىچىلاپ مېڭىپ چىقىپ كەتتى.
بىر دەم كۈتىۋېدىم،كىيىملىرى ئىنتايىن ئاز ئىككى قىز قولىدا ئىككى پەتنۇسنى كۆتۈرگەنچە كىرىپ كەلدى.ئۇلار پەتنۇسنى ئۈستەلگە ئاۋايلاپ قويغاندىن كىيىن ھاياسىزلىق بىلەن ئىككى يېنىمغا كىلىپ بىلەكلىرىمنى قۇچاقلاپ ،ماڭا سۈركىلىپ ئولتۇردى.پەتنۇستا ئەڭ ئاددىسى مەكىتنىڭ كەندىرى،چەت ئەلنىڭ شامپىنىدىن تارتىپ،يۇقىرىسى كوكايىنغىچە بولغان ھەممە نەرسە ئۇلارنى ئىستىمال قىلىشقا كېتەرلىك سايمانلار بىلەن لىق توشقۇزۇلغانىدى. مەن ئىككىلەنمەيلا كىچىك تەخسىگە ئېلىپ قويۇلغان خىروئىننى ئېلىپ،يېنىدىكى پار-پۇر قەغەزگە قۇدۇم ۋە ئۇ قىزلارنىڭ بىرىنى چاقماق يېقىشقا بۇيرۇپ نەيكە بىلەن ئۇنىڭدىن چىققان تۈتۈننى كۈچەپ شورىدىم.(مەن خۇمارغا قارشى تۇرۇشنى مەخسۇس مەشىق قىلغان باشقىلارنىڭ دوراپ،سىناپ بېقىشى قەتئى چەكلىنىدۇ) شۇ شوراش بىلەن كامىرادىن ماڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ بارلىق ئەندىشىسىنى يوق قىلماقچى ئىدىم.مېڭەمنى تۈتۈن ئىگىلەپ،كۆزلىرىم ئالا-چەكمەن بولغاندىن كارىۋاتقا ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇ ئىككى قىزنى ئۋىلاشقا بۇيرۇپ قويۇپ،بېلىقنىڭ قارماققا ئىلىنىشىنى كۈتۈپ ياتتىم.دىگەندەك مىنى ئۇزۇن ساقلاتمايلا مەشرەپ بىلەن ھېلىقى كىشى ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى.
-نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟؟؟؟ئىسىت ئاكامنىڭ ساڭا شۇنچىلىك ئىشەنگىنى ،-دىدى مەشرەپ زەردە بىلەن جوزىدىكى چىكىملىكلەرنى قاراپ..ئۇنىڭ ھەمرىيى ماڭا ھېچقانداق چىراي ئىپادىسىسىز قاراپ تۇراتتى.
مەن قاتتىق ھودۇقۇپ كەتكەندەك كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ يەرگە تىزلاندىم.
-خاپا بولماڭ مەشرەپ ئاكا.مەن بۇ رۇن چىكەتتىم لىكىن تاشلىغان...بۈگۈن بۇ يەردە بارلىقىنى كۆرۈپ ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم ،ئەمدى ھەرگىز قىلماي،-دىدىم گېپىمنى بۇرنۇمدىن چىقىرىپ قاتتىق كەيىپبولۇپ كەتكەن قىياپەتتە.
-قۇرۇق گەپنى قوي!!،ھازىرلا كۆزۈمدىن يوقال!!!!زۇنۇنكامغا ئۆزەم خەۋەر قىلىپ قويىمەن!!!،-دىدى ئۇ مىنىڭ مەيدەمگىلا بىرنى تىپىپ.
مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنە تىزلىنىش ھالىتىگە كىرىپ:
-ئۇنداق قىلماڭ مەشرەپ ئاكا،مەن نېمە دىسىڭىز شۇنى قىلاي،رىزۋان ئۇقۇپ قالسا مىنى چوقۇم تاشلىۋېتىدۇ،-دىدىم مىچىلداپ.
-بولدى،بولدى،مەشرەپ،ياشلار دىگەن ئېزىپ قالىدۇ ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىڭ،خىزمىتىڭىزنى قىلىپ گۇناھىنى يۇسۇن،-دىدى ھېلىقى <<رەھبەر>>مەشرەپكە نەسىھەت قىلىپ.
-بوپتۇ.بۈگۈن سىنى ۋاڭ ئاكام تىلىۋالدى.ساڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرەي،-مەشرەپ شۇنداق دەپ رازىمەنلىك بىلەن ھەمرىيىغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن،ئۇنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ،مەن تۆت كامىراغا ئۆزەمنىڭ جىنايىتىنى داۋاملىق ئاشكارىلاپ قىلغۇلۇقنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم.ئەلۋەتتە ئۇلار مىنى ئىلگەنلىكىدىن،مىنىڭ جىنايەتلىرىمنى سىنغا ئېلىۋالغىنىدىن رازى بولسا،مەن ئۇلارنى ئىلىندۈرگىنىمدىن خوشال ئىدىم.شۇنداق قىلىپ ،كەيپ ئىچىدە يۇمشاق كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە ئۇيقىغا كەتتىم.
داۋامى بار.
|
|