قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: servantman

كەنىت كادىرلىرنىڭ ھۇقۇقى شۇنچە چوڭمۇ ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1117

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13175
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 00:36:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت

4

تېما

0

دوست

5132

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1147
توردىكى ۋاقتى: 388
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 10:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  نىمانداق  مۇرەككەپ  ئىشلار  بۇ  ،بۇ يەر لەر  ئازات  بۇلمىغانمۇ  نىمە  ؟ پارتىيە نىڭ  شامىلى  تەگمىگەن يەر ئىكەنغۇ   بۇ  . بۇ يەر چۇقۇم شىڭشىسەيگە  قارايدىغان  يەر  ئوخشىمامدۇ ؟  ئوزىنىڭ يېرىگە  ئوزى ئويمۇ  سالامىسا  ،ھەتتا  قۇتانمۇ سالامىسا  بۇ قايسى  پارتىيە  باشقۇرۋاتقان  يەر  ؟شۇ سىلەر  جوڭگۇ  كۇمنىستىك پارتىيەگە  قارمايدىكەنسىلە  ،  سىلەرگە  ئامال  يوق  شۇ  .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

4181

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8327
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 608
تۆھپە : 887
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 11:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەنىت باشلىقىنىڭ، كەنىت شۇجىسىنىڭ ھۇقۇقى پەقەت ئۈزىنى نازارەت قىلالايدىغان خالىسا ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاپ خالىسا يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويالايدىغان بىر قانچە ئادەمدىنلا كىچىك ،ئۇنىڭدىن باشقىلار پۇقرا بولامدۇ ياكى ۋالىي، نازىر بولامدۇ بىكار.......

يۇقۇرىدىن تۈرلۈك ئىتبار بىرىش، دىھقانلارنى يۆلەش سىياسەتلىرى توختىماي چۈشۋاتقان، مىليۇن، مىلىيارد پۇللار دىھقانلارغا بىرىلسۇن دەپ مالىيەدىن يۈتكەپ تۆۋەنگە كىتۋاتقان...... ئەمما دىھقانلارنىڭ ھالى بارغانىسىرى خاراپلىشىپ قەرىزدىن ئۆرە كىلەلمەيدىغان، بانكا بىر يىل قەرىز تارقاتمىسا يەر تېرىيالمايدىغان، ؛30كىۋادىرات مىتىرلىق ئۆيمۇ سالالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلۋاتىدۇ.  بۇ زادى قانداق ئەھۋال؟
ئەسىلى يۇقۇرى بىلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدا سان ساناقسىز چوڭ كىچىك خىيانەتچى مىتىلەر ياتماقتا..... ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ئالدىغا كەلگەننى يەۋىتىش بىلەن يۇقۇرىغا يالغان ياۋىداق سان يوللاش خالاس.

شى رەئىس مۇشۇنداق ھارامتاماقلارنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ بىر باشتىن نوخۇلىسىنى ئېلۋاتىدۇ.............

0

تېما

0

دوست

194

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   64.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22113
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 12:27:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://uygur.xinjiang.gov.cn/webpub/jsp/10246.jsp  بۇ ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۆكىمەت رەئىسىنىڭ ئەرز - شىكايەت يېزىش ئادرىسى  . 09912507355    09912507255 بۇلار شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كۈندە بېرىدىغان قىززىق لىنيەلىك سۆھپەت پروگرامما تېلىفۇن نومۇرى . ئەتىگەن 7:30-8:30 گىچە  

1

تېما

0

دوست

576

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12453
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 12:44:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يوللانما،ۋە ئىنكاسلارنى ئۇقۇپ تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم(تايماس) نىڭ سەككىز سۆرىتىم ناملىق داستانى ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ.

سەككىز سۈرىتىم

تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس

(ساتىرىك داستان)





ياشاش ئۈچۈن كۆنگەن شۇ ئىللىتىمنى،

بىر كۆرسىتەي يېرىپ يۈرەك قېتىمنى.

سورىماڭلار نامىم مىنىڭ ئىتىمنى

تەقدىم قىلدىم بۇ سەككىز سۈرىتىمنى،

مەن ئاشۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

1

ئېسى- يادىم ھوقۇقۇمنى ساقلاشتا،

چىڭ تۇرىمەن شۇڭا چوڭنى يوقلاشتا.

كۈنۈم ئۆتەر تەزىم بىلەن ماختاشتا،

ئۇ ئاقمىسا داستىخاندا باپلاشتا،

ئىش توغرىلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.





ھوقۇق ئۈچۈن مەن ھەممىنى گوللايمەن،

يۇقىرىغا ساننى يالغان يوللايمەن.

تەكشۈرسە گەر سومكىسىنى توملايمەن،

شۇنداق قىلىپ ئۆز- ئۆزۈمنى قوللايمەن،

مەن «قوللاپلا» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.





«پىچاق» بەرسە قورقماي دادىل كەسمەيمەن،

مۇزاكىرە قىپ بولالماي ئەسنەيمەن.

شۇنداق قىلىپ قورساقنى ھېچ ئەسمەيمەن،

ئىرادەم چىڭ بەلنى ھەرگىز يەشمەيمەن،

شۇ «ئۇسۇلغا» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.





پاكلىق دېسە سۆزلەپ- سۆزلەپ ھارمايمەن،

كەلسە- كەلمەس سوغا سالام ئالمايمەن.

نەپ چىقمىغان يەرگە ئەمما بارمايمەن،

يەڭ ئىچىدە بەرسە ھەرگىز يانمايمەن،

«سودىلىشىپ» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.





بەزى ياتتىم بالنىستلاردا تەن ئۈچۈن،

خەق بىلمىسۇن ئىككى بولاق قەنت ئۈچۈن.

دېسەممۇ گەر ئاغزىمدا «ۋەتەن ئۈچۈن»،

ھوقۇق ئەلا مىللەتتىنمۇ مەن ئۈچۈن،

«ھوقۇققىلا» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.





نېمە؟ ساڭا مىڭلاپ لەنەت دەيلىغۇ؟

مەن بىر مەجنۇن ھوقۇق خۇددى لەيلىغۇ!

مەن ئۆسسەملا خەق نېمە بولسا مەيلىغۇ،

مانا بۇ سۆز مەندەكلەرنىڭ پەيلىغۇ،

«پەيلىم» شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.





ھېچ غېمىم يوق جاھاننى سۇ باسسىمۇ،

ئاپەتلەردىن ئەلنىڭ بېشى قاتسىمۇ.

كۆن ئالالماي يۇرتنى تاشلاپ قاچسىمۇ،

ماڭا ئۇلار قانچە گۇناھ ئارتسىمۇ،

«ھېچ غېمىم» يوق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.





چۇجاڭ، ھاكىم، ۋالىيلىقتا تۇرغۇچە،

ئۆسسەم دەيمەن تاكى داھىي بولغۇچە،

ئۆتەرمەنمۇ شۇ ئارماندا ئۆلگۈچە،

«ئاھ چۈشۈمگە بىر كىرسىچۇ بۇ كېچە»

تەمە قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

بۇ بىرىنجى بۆلىكى،  ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك....

3

تېما

0

دوست

962

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5735
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 295
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 12:59:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بەزى بىر كەنىت كادىرلىرى بەك ئشۋالدى قانۇن سىياسەت دگەنىنى رادىيو تىلۋىزۇرلار دىلا ئاڭلاش كۇرۇشكە بولۇدۇ  كادىرلىرمىز ئۇزى بىلگەننى قىلىۋردىغان  ئوخشايدۇ  يۇقۇرنى ئالداپ تۆۋەننى بېسىپ يانچۇقىنى تولدۇرۇش ئۇلارنىڭ پىرىنسىپى

2

تېما

1

دوست

1508

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11775
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 427
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 14:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ   بۇ   ئىشنى   بىر  نەچچە   قېتىم   كەسىپ   ئسىتىلغا  تېلفۇن   قىلغان   براق   ،   ئالالمىدىم   ،شۇڭا  ئامالسىز  مۇشۇ   مۇنبەرگە   يوللىدىم   .   ئەگەر  بۇ   تېمغا  باشقا   يۇرتداشلىرىمنىڭمۇ   ئىنكاس  يېزىش  ئىمكانىيتى   بولغان   بولسا   ئىدى  ،   بۇ   تېما  بەلكىم   ئنكاس  دېگەنگە   كۈملۈپ   كەتكەن   بۇلار  ئىدى.   ئەپسۇس  بىزنىڭ   بۇ   چەت   كەنىت   تورلاشمىغان   .

0

تېما

2

دوست

247

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23005
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 14:21:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدا Servatman ئەپەندى ئۆز يۇرتدىكى كەنىت كادىرلىرى توغىرسدا مۇنبەرگە بىر قىسىم دېھقان ئاممىسغا ۋەكىللك قىلغان ئاساستا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپتۇ، بۇنۇڭغا قارىتا كۆپلىگەن ئىنكاس يازغۇچلار يۇقىردا Servatmanئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارشنى ياقلاپ ئۆتۈپتۇ ، ئۇنداقتا مەنمۇ مۇشۇ Servatmanئەپەندىنىڭ ئانا يۇرتىدا ئىشلەۋاتقان كەنىت كادىرى بۇلۇش سالاھيىتىم بىلەن بۇ پىكىرىگە قارىتا ئۆز كۆز قارىشمىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن ھەمدە مۇناسۋەتلىك دەلىل ئىسپاتلارنى يوللاپ قويۇشنى توغرا كۆردۈم.
1.باي ناھيسنىڭ ياقىرىق بازىرى ئۆستەڭبويى كەنىتى ياقىرىق بازىرنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ ئومۇمي نوپۇسى 693نەپەر، ئائىلە سانى163ئائىلە،تېرىلغۇ يەر مەيدانى10001مو، بۇنۇڭدىن دېھقانلارغا تەقىسم قىلىنغان ھۆددەيەر( 30-يىللىق)4875مو، ئىقتسادى(سېتىۋالدى)يەر 5126مو، ياقىرىق بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 27.6KM كېلىدۇ.غەربىي بولسا شىنجاڭ ئونسۇ ناھيسى بوزدۆڭ چارىۋىچلىق فېرىمسى ئۆستەڭبويى كەنتى بىلەن چېگرىداش بۇلۇپ سۈيى ئەلۋەك،  تۇپرىقىنىڭ %60نىڭ ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن.
2.ئىقتسادىي يەر مەسللىسى جەھەتتە: 2009-يىلى بازارلىق ھۆكۈمەتننڭ كەنىت ئىقتسادىي يەرلىرنى باشقۇرۇش چارىسى بويىچە كەنىتىمىزنىڭ ئۇمۇمي يېرىنى ياقېرىق بازارلىق ئىگلىك باشقۇرۇش پونكىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كوممتىتى ،پارتىيە ئەزاللىرى ۋە كەنىت ئون ئائىلە ۋەكللىردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا ئەزاللىرى ئۇمۇمىي دائىرلىك ئۆلچەپ، ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان، ھەمدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزدە ئاشكارلاش مۇنبىرىگەچىقىرىپ كەڭ خەلىق ئاممسنىڭ نازارەت قىلىشغا بېرىلگەن. ئەمدى ھۆددە يەر بىلەن ئىقتسادىي يەرنى تەقسملەشكە كەلسەك ھۆددە يەرنى 1997-يىلى 2-قېتىملىق يەرلەرنى30يىللىق ھۆددىگە بېرىش سىياستى ئاساسدا ھەر بىر نوپۇسقا 11 مودىن تەقسىم قىلىنىپ شۇ بويىچەتېرىشقا،ئىگدارچلىق قىلىشقا بېرىلگەن، ئەمدى ئىقتسادىي يەر مەسلىسدە ھەر بىر ئائىلنىڭ نوپۇسنىڭ ئاز- كۆپلكىگە ھەمدە كەنىت پارتىيە ئەزاللىرى ھەمدە ئون ئائىلە ۋەكللىرنىڭ قارارىغا ئاساسەن تەقىسىم قىلىنىپ بازارلىق ھۆكۈمەتىنىڭ ئىگلىك پونكتىنىڭ مەسئۇللىرى مەسئۇل ئاساستا نەق مەيداندا سېتىپ چىقىرىلدۇ، ھەمدە نەق مەيداندا ئۈچ بەتلىك تالون كېسىپ چىقىرىلىپ ئۈچ تەرەپ بىر نۇسقدىن ساقلاشقا بېرىلدۇ. ھەمدە سېتىپ چىقارغان يەرنىڭ پۇلسى ئىگلىك پونكىتنىڭ نازارەتچلىكدە كەنىت ماليەسىگە كىرىم قىلىندۇ. ھەمدە كەنىت چىقىم قىلغان  پۇللار پارتىيە ئەزاللىرى ۋە ئون ئائىلە ۋەكللىرى تەرىپدىن قاراردىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بازارلىق پارتىكوم خەلىق ھۆكۈممتى تەرىپىدىن تەستىقلىغاندىن كېيىن چىقىم قىلىندۇ. كىرىم-چىقىم ئەھۋالى كەنىت ئاشكارلاش مۇنبىرىگە چىقىرىلىپ خەلىق ئاممنىڭ نازارەت قىلىشغا بېرىلدۇ. مۇمكىن بولسا سىزنىڭمۇ كېلىپ نازارەت قىلىپ ھەمدە يوچۇق بولسا پىكىر- تەكلىپ بېرىشڭىزنى قارشى ئالىمىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
Servatmanئەپەندىنڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىرىكرىدە كادىرلىرىمزنىڭ يېرى 1000موغا يەتكەن ئەھۋال بار دېيىلگەن، بۇنداق ئەھۋال ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس، بىزنىڭ ئىقتسادىي يېرىمز5126 مو بولسا كەنىت كادىرلىرنىڭ بىرسى 1000 مودىن تېرىۋالسا خەلىق ئاممسنىڭ ئىقتسادي يېرى قالمدى دېگەنلىك ، بۇنىڭ دەللى ئىپساتنى ئاخىردا مەن رەسىملىك ئارخىپى ئارىقلىق يوللاپ بېرىمەن. يەر تەقسىملەش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۆلچەر بىلەن ھېساپلىغاندا ھەر بىر دېھقاننىڭ ھەر يىلى تېرىيدىغان ئىقتسادىي يېرى 50-80 مو ئەتراپدا توغرا كېلىدۇ، 30يىللىق ھۆددە يېرىنى قوشقاندا ھەر يىلى تېرىيدىغان يەر كۆلمى ھەر بىر ئائىلگە100-130توغرا كېلىدۇ،  كەنىت كادىرلىرى كادىر بولۇپ 1-2يىلغا بارماي ئېسل ئۆي ۋە بىر ماشننىڭ ئېگسى بۇلۇپ قېلىش بۇنىڭ ھەممسى ئەمەل ۋە يەرلەرنى ئۆزنىڭ قىلۋېلىپ كۆپ تېرىغانلىقنىڭ ئالامتى ئەمەس، ئەكسچە ئون نەچچە يىللىق جاپالىق ئىشلەش ۋە تىرىشىش ئاستدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە، ئۇنداق دېسەم بۇيەردە كادىرلارنىڭلا ئۆي ۋە ماشنىسى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار، بۇ يەردىكى 163 ئائىلىكتىن ھازىر چوڭ- كىچىك بولۇپ  70 ئائىلىكنىڭ ماشنسى بار، مانا بۇ دەللل ئىسپات، ئۇلارمۇ كادىر ياكى 1000 مولاپ يەر تېريدىغانلار ئەمەس ، ئەكسچە ھەممە خەلق ئاممسى ئوخشاش، بۇنىڭ ھەممسى يۇقىرى دەرجىلك ئورۇنلار ۋە كەنىت كادىرلىرنىڭ توغرا يېتەكچلىك قىلىشى ئاستىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتنجلىرىدۇر خالاس.
  3. ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى مەسلىسى جەھەتتە:  پىكىر قويغان ئەپەندى ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتىش ھەمدە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇش ئۈستىگە چۈشكەن سىياسەتلەردىن ئانچە چۈشەنچە قىلالماي قالغان ئوخشايدۇ، ئولتۇراق ئۆي مەسلىدە ئۆيى يوقلارغا ئۆي ئورنى كېسىپ بېرىش سىلەرچە بىر كەنىت كوممتىنىڭ قولدىن كېلەمدۇ، ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس، ئەگەردە قولدىن كەلگەن بولسا ئالبۇرۇن بىر ئەمەس ئككى ياكى ئۇنۇڭدىن يۇقىرى ئۆي ئورنى كېسىپ بېرىپ خەلىق ئاممسىنى خاتىرىجەم قىلغان بوللاتتۇق، ئولتۇراق ئۆي ئورنى ھەرگىز بىر رايۇن ۋە ياكى بىر ئورۇن ئۆز ئالدىغا بېكتەلمەيدۇ، بۇنۇڭدا جۇڭغۇا خەلق جۇمھۇرىتنىڭ يەر ھوقوقىنى ئىشلىتىش ۋە ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئورننى بېكىتش چارىسدە ئوتۇرىغا قويۇلغان پىرىنسىپ بار، يەنى 2010-2005 يلغىچە ھەر بىر ئۆينىڭ ئورنى(ھويلسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باغ رايۇنى بىلەن قوتان رايۇننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)600كىۋادىرات مېتر دەپ بەلگەنگەن .2010-يىلىدىن كېيىن ھەر بىر ئۆينىڭ ئورنى(ھويلسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باغ رايۇنى بىلەن قوتان رايۇننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)400كىۋادىرات مېتر دەپ بەلگەنگەن، بۇنىڭ ھەممسگە ناھيلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارسى ئوي ئورننى كۆرستىش ۋە تەقسىملەش ئىشلىرنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. سىزنىڭ  ئولتۇراق ئۆي باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرنى ھەمدە تەقسىملەش پىرىنسپلىرنى كۆپرەك كۆرۈپ چىقىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
4.  ئېكولوگيلىك ئوتلاق ياردەم پۇلسىنى تارقىتىش مەسلسسى جەھەتتە: يۇقىردا سىز دېگەن ئېكولوگيلىك دېگەن گەپنىڭ مەنسى بولسا( ئوتلاقنى قوغداش، ئېكولوگيىلك مۇھتنى بەرپا قىلىش، ئوتلاقنى ئارام ئالدۇرپ تەبئىي مۇھىتنى قوغداش دېگەنلىكتۇر)  بۇ مەسلىدە ئوتلاق ياردەم پۇلسنى يېشل سىلوس ياساپ چارۋىسنى قوتان رايۇندىن چىقارماي باقانلارغا بېرىلدىغان ياردەم پۇل، تۈرلۈك چارۋا داۋلاشقا بېرىلدىغان تولۇقلىما ياردەم پۇلى دېگەن بۇ گەپنى تۇنجى قېتىم سىزنىڭ پىكرىڭىزدە كۆرۋاتىمز، بۇنىڭ ئوتلاق ياردەم بېرىلگەن تولۇقلىما پۇلسنىڭ تارقىتىلىش ئەمەلىي ئەھۋلنى رەسىم ئارىقلىق يوللاپ بېرىمەن.
سىز يۇقىردا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىردە پادشاھلىق تۈزۈم يۈرگۈزۈلۋاتىدۇ دەپ قاراپسىز، جۇڭگو كوممنسىتك پارتىسيى رەھبەرلىك قىلۋاتقان بۈگۈنكدەك ئۇچۇرلشۋاتقان دەۋىردە پادھشاھلىق تۈزۈم يۈرگۈزۈلشى مۇمكىنمۇ،   كەنىت كادىرلىرنى سايلاش ۋە ۋەزىپىگە قويۇشقا قارىتا نامزاتنى خەلق ئاممسى كۆرستىدۇ، بۇ سايلام ئارىقلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ، ھەرگىز ئۇرۇق-تۇققانچلىق ئورننى ئالمايدۇ، ئەگەردە سىزنىڭمۇ كادىر بۇلۇپ ئىشلەش ئويڭىز بولسا قىزغىن قارىشى ئالىمىز،  يۇرتىمىز ئۈچۈن سىزدەك ئالىي مەلۇماتلىق، زىيالى ياشلارنىڭ ئورنى ھەر ۋاقىت ئوچۇق، بۇ دېگەنلىرىم ھەرگىز تەنە گەپ ئەمەس ئەكسچە سىزگە ئوخشاش خەلقپەرۋەر  ياشلارنىڭ رولنى جارى قىلدۇرۇشغا قارىتا بەرگەن تەكلىپىم.  ناۋادا تىبىي ئىلىمدىن خەۋەردار بولسىڭز ھەر ۋاقىت يۇرىت خەلىقى سىزنى قارشى ئالدۇ. شوپۇرلۇق پىراۋىڭز بولسا كېلىپ كەنتىنىڭ ماشنسىنى ھەيدەپ بېرشىڭزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز،  بۇ جەھەتتە ئادەم كۈچى كامچل بولغانلىقنىڭ سەۋەبى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )