قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2405|ئىنكاس: 79

كەنىت كادىرلىرنىڭ ھۇقۇقى شۇنچە چوڭمۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

1010

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11775
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 273
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
     ھەممىزگە   مەلۇم   بولغىندەك  يېقىندىن  بۇيان مەكەز  ۋە ئاپتۇنۇم   رايۇنمىز  دېھقانلار   ۋە   دېھقانلار   تۇرمۇشغا ئائىت نۇرغۇنلىغان  ياخشى    سىياسەتلەرنى يولغا  قۇيۇپ  ،دېھقانلارنىڭ  بېيىشغا مەدەت   بەرمەكتە ۋە  يېتەكلىمەكتە .
     مەسلەن   :2004-يىللىرى  يولغا  قۇيۇلغان  ئىككىنى   يىنىكلىتىپ  ،ئۈچكە  تۇلۇقلىما   بېرىش  ،2005-يىللىرىدىكى  ئىككىنى  يىنىكلىتىپ  ئۈچكە  تۇلۇقلىما  بېرىشنى   تېخمۇ   كۈچەيتىش  ،2008-2009-يىلدىكى  يېزىلارنىڭ  ئىسلاھات  تەرەققىياتنى  تېزلىتىش  ،2010-يىلى يېزا    ۋە   يېزا   ئىگلىك   قۇرۇلمىسنى   ئەلالاشتۇرۇش  ،يېزىلارنىڭ   تېخنىكلىشش دەرىجىسنى   يۇقۇرى   كۆتۈرۈش  ،يېزا   ئگلىك   ۋە  يېزىلارغا  مەبلەغ  سېلىش  سۈرئىتى ۋە   ساننى   يۇقرى   كۆتىرىش  ،تۇلۇقلىما   بېرىش   تۈزۈمنى   مۇكەممەللەشتۈرۈش  ،ئاشلىقنىڭ   سېتلىش  باھاسنى   ئۈزلۈكسىز  يۇقرى  كۆتىرىش  ،يېزىلارنىڭ  سوغۇرتا  تۇلۇقلىما   سىياسىتنى   مۇكەممەللەشتۈرۈش  ،،دېھقانلارنىڭ  ئۆي  قۇرۇلۇشنى  زور  كۈچ  زور  كۈچ  بىلەن   قوللاش  ،2012-يىلى   بولسا  دېھقانچىلىق   ماشنىللىرىنى   سېتۋالغانلارغا   تۇلۇقلىما   بېرىش  سىياسىتى      ،ھايۋانلارنى  ئەملەشكە  تۇلۇقلىما  بېرىش   سىياستى   ،ئوتلاقلارنىڭ   ئىكولوگىيسىنى  قوغداش   ياردەم   پۇلى  ،يېڭى   تىپتىكى  ياشانغاندا   كۈتىش   سۇغۇرتىسى  سىناق   نوقتىسنى   كېڭەيتىش  ،رېتسىپلاپ  ئۇغۇتلاشقا  ياردەم   بېرىش   سىياستى   ،يېڭى  تىپتىكى  يېزا   ھەمكارلىشىپ   داۋالاشنى  مۇكەممەللەشتۇرۇش   سىياستى  .....قاتارلىقلار   بۇلۇپ   ،ئەگەر  بۇ   يىلىقى  تۇلۇقلىمە   بېرىش  ، ياردەم   بېرىش  ۋە  يېزا   ئىگلىكنىڭ   تەرەققىياتنى  ئىلگىرى   سۈرۈش   توغرىسدىكى  سىياسەتلەرنى يېزىپ   كەلسەك ،تېممىز  تېخمۇ  ئۇزىراپ   كېتشى   مۇمكىن  .
      ئەمما   ،  پارتىيمىزنىڭ  مانا  مۇشۇنداق  ياخشى  سىياسەتلىرى   يولغا  قۇيۇلۋاتقان   بولسىمۇ  ،قىسمەن  چەت  -يىراق   يېزىلاردا  بۇ   خىل  ياخشى   سىياسەتلەر  بىر  قىسىم   كونسېرۋاتىپ  ،بېكىنمە  يەرلىك   كادىرلار  تەرىپىدىن  ئەمنىلىشش ئۇياقتا  تۇرسۇن   ،ئۆز ئالدىغا  تۈرلۈك  پەتىۋالارنى  چىقىرىپ    ،خەلق  ئاممىسنىڭ   ياشاش  ۋە  بېيشىغا   توسقۇنلۇق  قىلىپ  ،خەلق  ئاممىسى   بىلەن  پارتىيە  ئارىسدا  ھاڭ  پەيدا   قىلىش  بىلەن   بىرگە  خەلىق   ئارىسدا  پارتىيمىزگە  بولغان  خاتا  چۈشەنچىلەرنىڭ   پەيدا  بۇلشىغا   سەۋەبچى   بولماقتا  .
      مېنىڭ  يۇرتۇم  _باي  ناھىيسىنىڭ  ياقېرىق  بازىرى  ئۆستەڭبۇيى  كەنتى  كادىرلىرى   مانا  بۇنىڭ   تىپىك   مىسالىدۇر  .
ئۆستەڭبۇيى   كەنتى  ياقېرىق  بازىرىنىڭ   قىيپاش   شىمالغا   توغرا   كېلدىغان   بۇلۇپ   ،ياقېرىق   بازىرى   بىلەن   بولغان  ئارىلىقى  تەخمىنەن  40كېلومېتىر  ئەتراپدا   كېلدۇ  .بۇ   كەنت  ناھىيمىزدىكى  ئەڭ    چەت  كەنىتلەرنىڭ   بىرى   بۇلۇپ  ،شىمالى  تەرىپى   ئونسۇ   ناھىيسىنىڭ  بۆزدۆڭ  بىلەن   چىگىرلىندۇ  ،يەر  مەيدانى   جەھەتتىن   پۇتۇن   بازىرىمىزغا  نىسبەتەن   ئېيىتقاندا  ،ئالدىنقى  ئۇرۇندا   تۇرىدۇ  .ھەم  سۇلىرى  ئەلۋەك   بىر  يۇرت  .بىراق ،كەنت  كادىرلىرى   چىقارغان  تۈرلۈك  نامۇۋاپىق  ،بىر  تەرەپلىمە  سىياسەتلەر  تۈپەيلىدىن  ،بۇ   يەردىكى   خەلق  بېيىش  ئۇ   ياقتا  تۇرسۇن  ،  يىلدىن   يىلغا  بانكىدىن  ئالغان  قەرىزنىڭ   قۇلى   بۇلۇپ  كېتۋاتماقتا  .ھەتتا  بىر  قىسىم   كىشلەر  يۇرتنى   تاشلاپ   ،  باشقا  جايلارغا   كېتىپ   بارماقتا  .تۆۋەندە   مەن  بۇنىڭ   سەۋەبلىرىنى  تۈرلەرگە   بۆلۈپ   سۆزلەپ  ئۆتمەن  :
1.ئولتۇراق  ئۆي   مەسلىسى  :
    بىر  نەچچە   يىلنىڭ   ئالدىدىكى  توپا  تاملارنى  چېقىش  بورىندا   بىر قىسىم  كىشلەرنىڭ  ئۆيلىرى  چېقىلغان   بۇلۇپ  ،ئۆيلەر  چېقىلغاندىن   كېيىن   ،ئۇلارغا   ئۆي   ئورنى   بېرىلمىگەن  ،ياكى  تەستىقلاپ  بەرمىگەن   ،يەنە  بىر  قىسىم   ياش  ،يېڭدىن   توي  قىلغان   باللارغىمۇ   ئۆي  ئورنى   كەسمەي   تۇرۋالغان   بۇلۇپ  ،ئۇلار  باشقا  يەرلەردە  ياكى  مەھەلىمىزدىكى  باشقىلارنىڭ   ئۆيلىرىنى  ئىجارە  ئېلىپ   قېقىندى  - سۇقۇندى   بۇلۇپ   تۇرمۇش  كەچۈرۋاتقان   بۇلۇپ   ،   ئۇلارنىڭ   ئالدىغا  3يىل   ئەتراپدا   بولغان  .يەنە  بىر  قىسىم   كىشلەرگە   كەنىت   كادىرلىرى   ئۆي   سالسا   تۇلۇقلىما  يادەم   پۇلى  بېردىغانلىقى  ،  قانچە   جىق   سالسا   شۇنچە   جىق   بېردىغانلىقى  ،ھەتتا  يۈز  كىۋادىرات  مېتىردىن   تۆۋەن   بولسا   ئوي   ئورنى   بەرمەيدىغانلىقى  ،ئۇنىڭدىن    چوڭ  بولسا  ئىچىدە   مۇنچا  ،تازلىق   ئۆيى  قاتارلىقلار نىمۇ   قۇشۇپ   قىلدۇرسا  ئۆي   سالدۇرغان   پۇلنىڭ   يېرىمىنى  كۆتىردىغانلىقنى   ۋەدە   قىلغان   ھەم   بىر  قانچە   ئائىلە  شۇنداق    سالغان   بولسىمۇ   ،   ئۇ   پۇل   تېخى   ھازىرغىچە   ئەمىللەشمىگەن   بۇلۇپ   ،  بىرقىسىم   ئىقتىسادى   ياخشى  ئائىللەر   گەرچە   ئۇ    چوڭ   ئۆيلەرنىڭ   پۇلنى  ئۈزۈپ   تۆلەپ  بولغان   بولسىمۇ  يەنە  بىرقىسىم   ئائىللەر   تاھازىرغىچە   ئۇ   ئۆيلەرنىڭ   پۇلسىنى   تۆلەپ  بۇلالمىغان  .ئۇنىڭدىن   باشقا  ئۆزلىرى  ۋە  ئۇرۇق   تۇغقانلىرى  ئۆي  ۋە   ھويلىنى  قانچىلىك  سالسا   ئىختىيارى  بولغان  ،  ئەمما  بىر  قىسىم   كىشلەرنىڭ   ھويلىسنى   بولسا   "بەك   چوڭ   بۇلۇپ    كېتىپتۇ  ،چاققۇزۋىتمىز   ،جەرىمانە  تۆلەيسەن  "دەپ   تەھدىت   سالغان   .بىرقىسم   ئۆيلەرنىڭ   ھويلىسى   ياسلىۋاتقاندا   توختىتىپ    قۇيۇلغان   بۇلۇپ   ،تاھازىرغىچە   پۇتكۈگىلى  قويمىغان   (ئەمىليەتتە   بۇيەردە   يەر   شۇنداق   كەڭرى   بۇلۇپ  ،   يەر  قىسلىقى   دەيدىغان  نەرسە   مۇمكىن  ئەمەس  ،   ئۇنىڭ   ئۈستىگە   دېھقانلار   تىرەكتۇر   خامان   قاتارلىق   نەرسلەرنى   ھويلىنىڭ   ئىچگە   ئۇرۇنلاشتۇرمىسا   بولمايدىغان   بۇلۇپ    ،   بىرقەدەر   چوڭ   ھويلا  بولمىسا   بۇلارنى   ئۇرۇنلاشتۇرۇش   تەس )
  2.سېتۋالدى يەر مەسلىسى  :
      بىزنىڭ    يېزىنىڭ   ھاۋاسى   بىر  قەدەر   سوغۇق   بۇلۇپ   ،بىرخىل   زىرائەتتىن   بىريىلدا   پەقەت   بىر  قېتىملا   ھۇسۇل   ئېلىشقا   بولدۇ   ،ھەم  كېۋەز   قاتارلىق   كېرىمى   ياخشى   زىرائەتلەر   ئېچىلمايدۇ  .شۇڭا ئەگەر   بىر  ئائىلنىڭ   يېرى   جىق  بولماي   پەقەت   ھۆددە   يەر   بىلەنلا   چەكلىنىپ  قالغاندا   ،بىر  ئائىلنى   قامداپ   بېقىپ   كېتىش  ناھايتى  تەس  ،   بۇنى   ياخشى   بىلگەن   كەنت   كادىرلىرى سېتۋالدى  يەرنى   تارتىۋېلىشنى   باشقلارنىڭ   ئەدىپنى   بېرىشنىڭ   ۋە  ئۆزىنى   سەمىرتىشنىڭ  ياخشى    ۋاستىسى   قىلۋالغان   ،   بۇ   سېتىپ   بېرىدىغان   يەر  پۇلنىڭ   ناھايتى   ئاز   بىر  قىسىمنى   بازارلىق    ھۆكمەت   تەرىپىدىن   يىغلىپ چەك   كېسىپ   بېرىلىدىغان  بۇلۇپ  ،  قالغان   قىسىمى   كەنت   كادىرلىرى   كادىرلىرىغا  ئەكچە   قالدىغان   بۇلۇپ  ،بۇ   پۇللارنىڭ  قانداق   خەجلەنگەنلىكى  ھەم   ھېچقانداق   ئۇچۇق   ئۇختۇرۇلمايدۇ  .
ئۇلار  بولسا   بۇ   يەرلەرنى   ئۆزىنىڭ   ئىختىيارىچە   تەقسىملەيدىغان   بۇلۇپ   ،كەنىت   كەنت   كادىرلىرى   يەرنى  ئۆزىنىڭ   تېرىيالىشچە   تېرىپ   ،ئاشقىننى  ئاندىن   يېقىنلىرىغا  (ياخشى   يەرلەرنى  )ئۇنىڭدىن   ئاشقىننى   باشقىلارغا  بېرىدۇ   .
مەھەللىمىزدىكى  بىرقىسىم   كىشلەردىن   ئاڭلىشىمچە   ،بىر  قىسىم   كادىرلىرىمىزنىڭ   يېرى  1000موغا  يەتكەن   بۇلۇپ  ،ھەتتا  بىرقىسمى   يەرنى   ئۆزىنىڭ   نامدا   ئۆمۈرلۈك  تەستىقلىتۋالغان (سىفا لىتۋالغان ).شۇنداق   بولغاچقا  بىزنىڭ   مەھەللىمىزنىڭ   كادىرلىرى  كادىر  بۇلۇپ   1-               2يىلغا  بارماي   ،باشقا  پۇقرالاردىن   كۆتۈرلۈپ   چىقدۇ  ھەم  ئېسل   ئۆينىڭ   ھەم  بىر   ماشنىنىڭ   ئېگسىگە  ئايلىندۇ  ،  ( شۇڭا  بۇ   يەردە   بىر  گۇرۇپپا  باشلىقى   بۇلۇشمۇ   ناھايتى   چوڭ   مەرتىۋە   سانىلدۇ. )
ئۇنىڭ   ئەكىسچە   ،   مەھەللىمىزدىكى  بىر  قىسىم   توي   قىلغان  ياكى  كادىرلارنىڭ   كۆزىگە   سەت  كۆرىنىپ   قالغانلار   بولسا   ئاز   يەر  بىلەن  جان   تالاشماقتا  .
مانا  مۇشۇ   سەۋەبلەر   تۈپەيلىدىن   كىشىلىرىمىز  يەرنى   تارتىۋالارمىكىن   دەپ   كادىرلارغا  تۈززۈك   چىش  يېرىپ   بېرنىمە  دېيەلمەس   ھالغا  كېلىپ   قالغان  .
     3.مەھەللىمىز  دېھقانچىلىق   بىلەن  چارۋىچلىق  تەڭ   ئېلىپ   بېرىلدىغان  بۇلۇپ  ، 6-7گە   يېقىن  ئائىلنىڭ   مال  -چارۋا   سانى  150دىن  ئاشدىغان   بۇلۇپ  ، ئۇلار  مالنى  ھەريىلى ،   يېزىمىز   بەلگىلگە ن   مۇددەت  ئىچدە  تاغقا  ئېچىقىدۇ   ۋە  تۈرلۈك   داۋالاشلارغا  ئاكتىپ   قاتنىشدۇ  ،بىراق   ئۇلار  تاھازىرغا  قەدەر  ئوتلاق   ئېكولوگىيسىنى   قوغداش  ياردەم   پۇلى  ۋە ئەملەشكە بېرىلدىغان   ياردەم   پۇللارنىڭ   بېرسىگىمۇ   ئېرىشىپ   باقمىغان   ھەتتا  بەزىللىرىنىڭ   مال   قۇتانلىرى   ئۆرلۈپ   چۈشۈشكە  ئاز  قالغان   بولسىمۇ   قۇتان   ئورنىغا   تۈرلۈك   باھانىلار   بىلەن   تەستىق   بەرمىگەن   ياكى  يوللىمىغان   .
    4.كەنىتنىڭ   ماليە ئىشلىرى ۋە   ھاشار  ھەھۋالى  ئېنىق   ئەمەس  ،كەنىت   كادىرلىرىنىڭ    يېقىلىرىنى   يېنغا  تارتىش  ئەھۋالى  ھەددىدىن   زىيادە   ئېغىر  ،مەسلەن  :ھازىرقى  سېكرىتار(ئۇنىڭ  دادىسمۇ  ئىلگىرى  مۇشۇ  كەنىتنىڭ   سېكرىتارى   ئىدى  ،بۇ   خۇددى   پادىشاھلىق   تۈزۈمدەك   ئاتىدىن   بالغا  مىراس  قالدۇرۋاتدۇ  )نىڭ   ئىنىسى   كەنىتنىڭ   شۇپۇرى   ،بۇ   ئىنىسنىڭ   ئايالى   كەنىت  دوختۇرى  ،يەنە  بىر  ئىنسى   بولسا  ئامانلىق   ساقلاش  كادىرى  بۇلۇپ   ،كىشگە   فېئوداللىق   تۈزۈمنى   ئەسلىتدۇ  .
       كەنتىمىزنىڭ   ھېساباتى   ياكى  باشقا  جەھەتلەردە    بەلكىم   مەن   بىلمەيدىغان   يەنە     نۇرغۇن   ئىشلار  بۇلشى  مۇمكىن  ، مەن   پەقەت   ماڭا   ئايدىڭ   بولغان   قىسمەن   ئەھۋاللارنىلا   يازدىم   .   ئەگە ر    كەنتىمىزدىكى   ھەممە   دېھقاننىڭ   مەندەك   تورغا   ھېقىش  ۋە   بۇ   دۇنيانى   چۈشنىش   ئېھتىماللىقى   بولسا   ئىدى ،  بۇ   تېما  ئېنىقكى   شۇلارنىڭ    ئاھۇزارى ۋە  كادىرلار  ئۈستىدىن  قاخشاش  بىلەن   تۇشۇپ   كەتكەن   بۇلاتتى  .   ئەپسۇس  ئۇلار   ھازىر  ئۇنداق   قىلالمايدۇ  .    شۇڭا  مەن   بۇنى   مېنىڭ   بۇرچۇم   چاغلاپ   كەنىتتىكلەرگە   ۋاكالتەن   ئىككى  ئېغىز  ھەق   گەپ   قىلىش  مەسئۇلىيتىم   بار  دەپ   قاراپ   ئۇشبۇ   تېمنى   يازدىم   .
      بۇ   تېما  بىلەن   كەنتىمىزنىڭ  تۈزۈمدە   ئازتولا  ئۆزگىرىش  بولامدۇ   مەن   بۇنىڭغا  بىر  نېمە  دېيەلمەيمەن   ،   ئەمما  مىللەت   ئۇرۇشتا  يۇقالمايدۇ  بەلكى   سۈكۈتتە   يۇقىلدۇ   دېگەندەك   ،سۈكۈت  قىلىپ   تۇرۇشتىن   ئازتولا  مىدراپ    قويغىنىمنى   كوپ   ياخشى   دەپ  قارىدىم   .مەن   يەنە   ،ئەتراپىمىزدا   نورغۇن   ياخشى   كىشلەرنىڭ   ،ياخشى   بىر  قىسىم   كادىرلىرىمىزنىڭ   باغرى   -قارنى   كەڭ   دېھقانلىرىمىز   ئۈچۈن   ئىككى  ئېغىز   ھەق   گەپ   قىلدىغانلىقنى "باي  ناھىيسىدىكى  بىر  دېھقاننىڭ   ئاھۇ -زارى "نامىلق   تېما  يولللانغاندىن   كېيىن   ،  نۇرغۇن   ياخشى   مۇنازىرىلەرنىڭ   بۇلۇپ   ،ئاخىرى   دېھقانلارنىڭ   ھاشىرى  بەلگىلىك   يېنىكلەپ   كەتكىندەك    بۇ   كەنتىمىزنىڭمۇ   چۇقۇم   ياخشى   ئادىل     يونلىشكە  ماڭدىغانلىقققا  چوڭقۇر  ئىشنىپ   ،مەزكۈر  كەنىتتكى   دېھقانلارنىڭ  ئاھۇ- زارىنى   سىلەرنىڭ   ھۇزۇرۇڭلارغا   سۇندۇم   ،   
        ئىلمىي ،  قانۇنغا  ئۇيغۇن   ئنىكاس   يېزىشىڭلارنى  تۆۋەنچىلىك   بىلەن   سورايمەن         

2

تېما

1

دوست

1010

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11775
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 273
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە   بىر  قىسىم   تېمغا  مۇناسۋەتلىك   رەسىملەرمۇ   بۇلۇپ   ،ئاللا  خالسا   ئۇلارنىمۇ   پات   يېقىندا   يوللايمەن  .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

729

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8188
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 226
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشتەك بىر كۆزنەك ئارقىلىق سىزدەك پۇقرالارنىڭ ساداسى چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە يېتىپ بېرىپ، ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ تېزدىن ھەل بولۇشىغا ئىشەنچىم كامىل.

0

تېما

0

دوست

111

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22841
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەنىت كادىرلىرىنىڭ ھۇقۇقى ھەقىقەتەن چوڭ. كەنىت سىكىتارىنىڭ ھۇقۇقى ‏ئەمىلىيەتتە ‏ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رە‏ئىسىنىڭ ھۇقۇقىدىن چوڭ .كەنىت كادىرى نىمە قىلغۇسى كەلسە يېغىننى قانداق ‏ئاچقۇسى كەلسە نىمە دىگۈسى كەلسە دەۋىرىدۇ .‏ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رە‏ئىسى كاتىپ نىمە دەپ يېزىپ بەسە . شۇ قەغەزگە يېزىلغاننىلا ‏ئۇقىيالايدۇ.باشقا ‏ئارتۇق گەپ قىلالمايدۇ

2

تېما

1

دوست

1010

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11775
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 273
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت   بۇلۇپمۇ   بىزنىڭكىدەك   بۇنداق   چەت   جايلاردا   تېخمۇ   شۇلارنىڭ   دېگنى   دېگەن   قىلغىنى  قىلغان   بۇلدىكەن   .   مۇشۇنداقلار      ھۆكمەتنىڭ   جىگىرىگە   چۈشكەن   پارازىتلار  بۇلۇپ   ،   ئانچە   مۇنچە   مۇشۇنداق   ئاشكارلاش  ئۇسۇلى  بىلەەن   چۆچتىپ   قويمىغاندا   ،  ئۇلار   جاھاندا   مەندىن   نوچىسى   يوق   دەپ   تېخمۇ   ئاشۇ   جاپاكەش   دېھقانلارنىڭ   قېننى    شۇرايدۇ   .
     ئالدىنقى  قېتىم   ھېلقى   باي  ناھىيسىدىكى   دېھقان   توغۇرلۇق   تېما   مۇشۇ   مۇنبەردە   يوللانغاندىن   كېيىن   ،ناھايتى   ياخشى   پىكىرلەر  بۇلۇپ   ،   دېھقانلىرىمىزنىڭ   ھاشىرى   كوپ   يېنىكلىگەن   ھەم   ئۇلارمۇ   گەرچە   تور  دۇنياسنىڭ   ۋە   توردىكى  قېرىنداشلارنىڭ   قىلغىننى   بىلمىسمۇ   كوپ   مىننەتدار   بولغان   ئىدى  

1

تېما

2

دوست

2024

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7732
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 413
تۆھپە : 346
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي خەلىقى تولىمۇ يۇۋاش خەلىق ، بولۋاتقان ناھەقچىلىقلەرنى سۆزلەشكە توغرا كەلسە بۇ مۇنبەر ئازلىق قىلىپ قالدۇ . باي ۋەقەسىنى كۆپچىلىك ھەممىسى بىلدۇ . بايدا خەلىق يۇۋاش ، ئەمەلدارلار زالىمدۇر .

1

تېما

0

دوست

430

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22145
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەلنىڭ غېمىنى يىگىنىڭىزگە، كۆپچىلىك دېھقانلارنىڭ ئاھۇ- زارىنى مۇنبەر يۈزىگە ئېلىپ چىققىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.
ئەمدى سىزدىن سوراپ باقسام: يوقارقى بايانىڭىزدىكى ئەھۋاللارنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا، ناھىيە دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلدىڭلارمۇ- يوق؟
دېمەكچى، بۇ ئەھۋاللاردىن بىرىنى بىر دېھقان، يەنە بىرىنى بىر دېھقان كوچا- كويدا ياكى غەيرى رەسمى يوسۇندا ئىنكاس قىلغانلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ، يوقۇرىقىدەك ھەممە ئەھۋالاتلارنى تولۇق بايان قىلىپ، يازما شەكىلدە ئىنكاس قىلىندىمۇ- يوق؟
مېنىڭچە، بىر ناھىيىدىكى ھەممە باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆڭلى قارا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسى كېڭەش، تەپتىش، ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، پارتىكوم ئىشخانىسى، ناھىيە، يېزا باشلىقلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش قاتارلىق تەشكىلى ئاپاراتلاردىن ھىچقايسىسىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماسلىقى ياكى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى مومكىن ئەمەس. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە، يوقرقى بايانلىرىڭىزنىڭ دەلىل- ئاساسلىرى ببىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يوقارقى ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلساڭلار ھەل بولىدۇ. ئۇلارمۇ جىم تۇرىۋالسا، كەنت ئاھالىسىنىڭ %30ىدىن يوقۇرى كىشى ئىمزالىق خەت يېزىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنغا يوللىسىڭلار مەسىلە سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەردىكىدەك ھەل بولۇشى مومكىن.

قىسقىسى: بەل قويىۋەتمىسەڭلارلا ئارزۇ- ئارمانلىرىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.

10

تېما

0

دوست

4037

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 779
توردىكى ۋاقتى: 276
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوران ئەپەندى بەك ياخشى تەكلىپ بېرىپتۇ. سىزنىڭ ئەلنىڭ غېمىنى يەپ بۇ تېمىنى مۇنبەرگە يوللىغىنىڭىز ناھايتى ياخشى ئەھۋال. مەركەز يېقىندا چىرىكلەشكەنلەرگە قارىتا يولۋاسنىمۇ، چىۋىننىمۇ ئوخشاشلا قاتتىق جازالايمىز دەپ جاكارلىدى. بىز پارتىيە، ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشىمىز كېرەك. سىز نۇقتىلىق دەلىل-ئىسپات ۋە پاكىتلىق ماتېرىيال تەييارلاپ (زىيانغا ئۇچرىغان دېھقانلارنى قول قويدۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ)، ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا، ۋىلايەتكە يوللاڭ. چوقۇم بىر تەرەپ قىلىدۇ. ناۋادا بىر تەرەپ قىلمىسا خەنزۇچە مۇنبەرلەرگە يوللىسىڭىز ناھايتى تېز بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش شامىلى ھازىر رايونىمىزغا ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ. كەنت زومىگەرلىرىنى ھەرگىز بوش قويۇۋىتىشكە بولمايدۇ.

1

تېما

0

دوست

679

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22135
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 198
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ...............مۇشۇ تڭسىزلىك دىگەنزە

0

تېما

0

دوست

1026

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10786
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى چوڭ ئەمەستى،بۇنىڭغا پۇخرالار قانۇن ئېڭىنىڭ تۈۋەن بۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئەمەس سىياسەت بىلەن ئىدارە قىلنىشى سەۋەپلىك بىر قىسىم كەنىت كادىرلىرىنى كۈرۈمسىز قىلىۋەتكەن گەپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )