قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3096|ئىنكاس: 21

ئايالدىن باشلانغان قىسمەت---نەزىرە مۇھەممەد سالىھ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

3

دوست

493

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   96.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22383
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 21:06:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                 ئايالدىن باشلانغان قىسمەت
                                                             (نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)



ana-dada.jpg

سالام قېرىنداشلار،
بۇ يازمىنى كۆپىنچىڭلار بۇرۇن كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بۇ ماقالىنى 2-3 قېتىم ئۇقۇپ چىقىپمۇ، ئۇنىڭدىكى ئىددىيەلەردىن يەنىلا زور ئوزۇق ئالغىنىم ئۈچۈن، باشقا دوستلارنى پايدىلانسۇن دەپ بۇ يەرگە قايتا يوللاپ قويدۇم. كۆرۈپ بولغانلار ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار. (ئايشەمگۈل )


         ئۆزىنىڭ بۈگۈنىدىن نارازى ئادەم ھاياتلىق خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقماقچى بولىدۇ، ھازىردىن قانائەت تاپمىغان خەلق، ئىمكانسىز رېئاللىق بىلەن غايە ئارىسىدىكى سىقىلىشتىن بىر چىقىش يولى ئىزدەيدۇ، بۇ تەخىرسىزلىكنى چۈشىنىش پەقەتلا بىرىنچى قەدەم، گەپ شۇ يولنى قانداق تېپىش، ئىشنى قەيەردىن باشلاپ نېمىلەرنى قىلىشتا.يېنىمغا مەسلىھەت سوراپ، يول سوراپ، تەسەللىي سوراپ كەلگەن ئاياللار مېنى تەگسىز ئويلارغا باشلايدۇ. بىرلىرى بالىسىنى قانداق ئوقۇتۇش ھەققىدە، بىرلىرى ئۆزىنىڭ تاكامۇللۇقى ۋە مەڭگۈلۈك بەختى ھەققىدە، يەنە بىرلىرى ئېرىدىن ئازار يېگەن، كۆڭلى ئاغرىغان، تاشلىۋېتىلگەن بەختسىزلىكلىرى ھەققىدە سورىشىدۇ. ئۆز بەختىگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى چېتىۋالغان ئادەمنىڭ ئازابىمۇ كۆپ بولىدىكەن، بىر ئەلگە سۇلتان، بىر ئائىلىگە پاسىبان بولۇشقا تېگىشلىك، ئەمما ئۆز-ئەھلى ئايالىغا ئىگە بولالمىغان، توغرا يولغا باشلىيالمىغان ئەرلەرگە ئىنساب – دىيانەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى بىلدۈرۈش كېرەكقۇ؟ ئائىلىدىن ئىبارەت ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت ئورنىنى، يالتىراق، ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە تېگىشىپ، ئاياللىق ۋە ئانىلىقنىڭ ئۇلۇغ مەرتىۋىسىدىن نېسىۋېدار بولالمىغان ئاياللىرىمىزغا ھەقىقىي بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىش كېرەكقۇ؟ ئاتا-ئانىسى ھايات تۇرۇپ، تەربىيەسىز قېلىپ ئىككى دۇنيالىق بەختىدىن قۇرۇق قېلىۋاتقان بالىلىرىمىزنى جەننەتنىڭ يولىغا باشلاش كېرەكقۇ؟ ئىشىكىدىن چىققانيۇ، بارار جايىنى ئويلاشتىن غەپلەتتە قېلىۋاتقان كىشىلەرگە ھاياتلىق كەينىدىكى يەنە بىر ھاياتلىقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش كېرەكقۇ؟ تەرەپ-تەرەپكە سوزۇلغان بۇ ئىزدىنىشلىرىم ئايال دېگەن بىر سۆزگە كېلىپ توختايدۇ، مەيلى قايسى تەرەپتىن يول ئىزدىمەكچى بولاي، بەختىمىز ۋە تەختىمىز، تەقدىرىمىز، يولىمىزنىڭ يورۇق ساھىللىرى ئايال ئاتلىق قىرغاققا تۇتىشىدۇ.
           ئاياللار يېرىم دۇنيا دېيىشىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى، ئۆزىگە مۇناسىپ ھاياتلىق يۈكىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئەزا ئىكەنلىكىگە قارىتىلغان، لېكىن شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بۇ يېرىم دۇنيا دەل قالغان يېرىمىنى تۇغقۇچى ۋە تەربىيلىگۈچىدۇر. مەن دىيانەتلىك ، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، بىلىملىك پەرزەنت تەربىيەلەش توغرىسىدا قەلەم تەۋرەتمەكچى بولغىنىمدا پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئۇستازى، ھالال – ھارام ، ھەق – ناھەقنى سۈتى بىلەن، ھەر بىر نەپەسلىرى بىلەن بالىغا سىڭدۈرىدىغان ئانا بولمىش ئايال تەربىيەسىدىن ئاتلاپ ئۆتەلمىدىم. مەن مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئۇل-ئاساسى بولغان ئائىلە توغرىسىدا سۆزلىمەكچى بولغىنىمدا پاكلىقى، دىيانىتى، مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن ئائىلىنى كىچىك جەننەتكە ئايلاندۇرالايدىغان، ئەكسىچە بولغاندا بۇزۇق تەبىئەتلىك پەرزەنت بىلەن چاك – چېكىدىن يىمىرىلگەن ۋەيرانە ئائىلىنى بىنا قىلىپ، بىزنى ھالاكەت قايناملىرىغا ئىتتىرەلەيدىغان، ئايال تەربىيتىنى دىققىتىمنىڭ سىرتىدا قالدۇرالمىدىم. ئۈممەتنىڭ ئىستىقبالىدەك چوڭ ئىشلارنى قويۇپ تۇرايلى، ئاددىيسى تۇرمۇشىمىزدىكى توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدىكى قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قېلىپنى بۇزۇش ياكى تۈزەشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم بىر مىللەتنىڭ دىنى ئېتىقادى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە ئەنئەنىسى ئەڭ روشەن گەۋدىلىنىدىغان ئالاھىدە مۇراسىم شەكلى، ئەجدادلىرىمىزبۇلارنى ئۆز ئېتىقادىغا مۇناسىپ رەۋىشتە ئارتۇقچە ھەشەم – دەرەم، شۆھرەتپەرەسلىكتىن خالىي، ئاددىي – ساددا ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىزنىڭ تويلىرىمىز ھەتتاكى ئۆلۈملىرىمىزدە پەيدا بولۇۋاتقانيېڭىچە قائىدە – يوسۇنلارنىڭ ئىجادچىسى دەل ئاياللاردۇر، نە بىر دىنىي ئاساسى، نە بىر دۇنياۋى مەنپەئەتى يوق بۇ قائىدە – يوسۇنلاردىكى پۇل – مال ئىسراپچىلىقى، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، زېھىن ئىسراپچىلىقى، نىكاھ بوسۇغىسىنى ئېگىزلىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى ئاشۇرماقتا. قىز – يىگىت تاللاشتىكى ئەمەل – ئۆلچەملىرىمىز قايرىلىپ قېلىپ، مال دۇنيا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغاچقا، دىيانەت، ئەخلاق – پەزىلەت، مېھىر – ۋاپا ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىمۇ تېز بولماقتا، مانا بۇ يېڭى قائىدە-يوسۇنلارنى ئىجاد قىلغان، يولغا قويغان، بەسلەشكەن ئاياللار، ئەرلەر بولسا ئەگەشكۈچىدۇر. ئايالنى تۈزىمەي تۇرۇپ، بۇ ئىللەتلەرنى تۈزىگىلى بولمايدۇ، بۇلارنى تۈزەش دەل ئاياللارنى تۈزەشتىن باشلىنىدۇ.
           سۈرىيەلىك مەشھۇر ئۆلىما، دىنىي ئىسلاھاتچى ئەلى تەنتاۋى (1909~1999) بىر قېتىملىك لىكسىيەسىدە مۇنداق دېگەن: «ئەي قىزىم، مەن ھازىرغىچە ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆردۈم، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەملىكەتلەرنى كەزدىم، نۇرغۇن ياخشى – يامان ئىشلارنى كۆردۈم. نۇرغۇن ئىشلارنى تەجرىبەمدىن ئۆتكۈزدۈم. مەن بۇ گەپلىرىمنى مېنىڭ ئەللىك يىللىق تەجىرىبەمنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن ھەم ساڭا نەسىھەت قىلىۋاتىمەن. ئادەملەرنى ئىسلاھ قىلىمىز، تۈزىتىمىز دەپ كۆپ كۈچىدۇق، ھەتتا تولا سۆزلەپ ئاغزىمىز تالدى، نۇرغۇن كىتابلارنى يازدۇق، قوللىرىمىز تالدى، قەلەملىرىمىز ئۇپرىدى. بىز ئادەملەرنى تۈزىتىمىز دەپ كۈچىگەنسېرى ئادەملەردە ئەكسىچە بۇزۇلۇش كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ھەتتا بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە ئېقىۋاتىدۇ، ئادەملەر جەننەتنىڭ ئىشىكىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنىبىلىپ تۇرۇپ، ئەكسىچە دوزاخنىڭ ئىشىكىگە ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ، كۆكرەك ئۇچۇقلۇق، باش يالىڭاچلىق، بىھايالىق، شەرمى- ھايانىڭ كۆتۈرلۈپ كەتكەنلىگى بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە سوزۇلماقتا، بىز شۇنچە سۆزلەپ نىجات تاپالمىدۇق، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىمىز دەپ گۇمان ھەم قىلمايمەن. نىمشقا، بۇنى بىلەمسەن، بىز ئادەملەرنى تۈزىتىمىز دەپ شۇنچە نەسىھەت قىلىپ، شۇنچە دەۋەتلەرنى قىلىپ نەتىجە قازىنالمىدۇق، ئەسلى بىز ئادەملەرنى كۆزىتىدىغان يولنى تاپالمىغان ئىكەنمىز، كىرىدىغان ئىشىكنى تاپالمىغان ئىكەنمىز، بىز ئىشىكتىن كىرمەي دېرىزىدىن كىرىشكە ئۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇق. ئادەملەرنى كۆزىتىدىغان يول قەيەردە؟ ئۇنىڭ ئىشكى قەيەردە؟ ئۇنىڭ ئاچقۇچى كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەي يۈرگەن ئىكەنمىز، ئاخىرى بىلدۇقكى، ئادەملەرنى تۈزىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قولىدا ئىكەن، ئادەملەرنى تۈزىتىدىغان يولنىڭ بېكىتى ئاياللاردىن باشلىنىدىكەن.»
         ئەپسۇس، بۇ ھەقىقەتنى بىز ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئەمەس، تېخىچە ئېڭىمىزدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خۇلاسىلەپ بېرەلمىدۇق. «ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر بىر ئەر-ئايال مۇسۇلمانغا پەرزدۇر» دېگەندەك قىز-ئاياللارغا ئىلىم ئۆگىتىش، ئوقۇتۇش، ياخشى تەربىيەلەشتەك تەلىماتلار بۈيۈك دەستۇرلىرىمىزدا ئېنىق ئېيتىلغان، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك پەيلاسوپ ئالىملىرىمىز ئۆز ئەسىرىدە:

(4504) تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز – ئوغۇل،
ئاڭا تەربىيەچى سەن ئۆزۈڭلا بول.
(4506) ئوغۇل – قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەپ،
بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيالىق نەپ.

دېگىنىدەك كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، يېقىنقى زامان تارىخىدا مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مۇھىم نۇقتىغا تازا ئەھمىيەت بېرىلمەي كەلدى. مەشھۇر قازاق تارىخچى چوقان ۋەلىخانوف 1858~1859 – يىللىرى شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغاندىكى بايانلىرىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرىدىن چېچەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھالى بەك خاراپكەن، چۈنكى بۇلار ئاياللىرىنى ئوقۇتمايدىكەن» دەپ يازغان.
             ھازىر مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن قىز-ئاياللار ئىلىم ئېلىش، ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەقىدە، ئادىمىيلىك، ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى ئەمەس، ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئېلىش، مەكتەپتىن مەكتەپكە ئۆتۈشنىلا ئۆلچەم قىلغان مائارىپ بىزگە كۈتكىنىمىزنى بېرەلمىدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ ئائىلىگە يۈكلىگىنىمىز، كۈتىدىغىنىمىز، مۇھتاجلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى. ئەسلىدىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى تەربىيە ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئىنسان ھاياتىغا ئەڭ چوڭقۇر ۋە ئۆچمەس تامغا باسىدىغىنى ئائىلە تەربىيەسى ئىدى، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئائىلىنى چوڭ بىلگەن، ھالال – ھارام چىگرىسى ئېنىق بەلگىلەنگەن، ئەقىدە، ئەدەپ – ئەخلاق، مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ئائىلىنىڭ بىرلىكىنى، مۇكەممەللىكىنى روياپقا چىقارغان، ئەجداد ئىزىنى ئۆچۈرمەيدىغان، ياراملىق پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەپ، زاماننى – زامانغا ئىزلىغان، ئائىلىدە ئەر – ئەرگە، ئايال – ئايالغا ئوخشىغان، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىگۈدەك بۇ ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزگە بىز قانچىلىق ۋارىسلىق قىلالىدۇق؟ ھازىر بىزنىڭ ئائىلە تەربىيىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس، ھەممىمىز قاقشايمىز، ئىچىملىك – چېكىملىك ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى، يېشىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلىشى، ھەتتا ئەرلەرگە خاس قىلمىش سانالغان بۇ ئىللەتنىڭ قىز-ئاياللاردا كۆرۈلۈشى، ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق، ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى، شەرمى – ھايا، مېھىر – ۋاپا كۆتىرىلىپ، كىشىلەردىكى بەخت تۇيغۇسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى بىز جاھاننىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىگە ئارتىپ قويالمايمىز، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئوتتۇز خىل چارىسى بولسىمۇ، قورقۇنچاق ئادەم ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ياققان ۋە تاللىغان بىردىنبىر ئامال «قېچىش» بولغىنىدەك بارلىق مەسئۇلىيەتنى جەمئىيەتكە ئىتتىرىپلا قويالمايمىز، بىز كوچىغا تۇغۇلمىدۇق، بىزنى جەمئىيەت بېقىپ چوڭ قىلمىدى، بىزنىڭ كۆز ئېچىپ كۆرگىنىمىز ئائىلە بولدى، بىز تۇنجى سۆزنى ئائىلىدە قىلدۇق، تۇنجى تەربىيەنى، ئەدەپ – ئەخلاقنى، مېھىر – مۇھەببەتنى ئائىلىدە، ئانا پەرۋىشى، ئاتا نەسىھىتىدىن ئالدۇق، ئائىلىدىن ئالغان ئاشۇ خېمىر تۇرۇچ تەربىيە بىلەن ئاندىن جەمئىيەتكە، ھاياتقا يۈزلەندۇق.
           - بالام بىر ئوبدان بالىتى، جەمئىيەتتىكى يامان بالىلارغا ئارىلىشىپ قېلىپ بۇزۇلۇپ كەتتى، ھەرقانچە قىلىپمۇ گەپ ئاڭلىتالمىدۇق، مەكتەپتىن چىقىرىۋالايمىكىن، زادى مۇشۇنداق يەردە ياشىغاندىكىن ،- دەپ قاقشاۋاتقان ئانىغا شۇنداق دېدىم:
  - يەر يۈزىدە مۇتلەق ياخشىلىق ۋە گۈزەللىككىلا تولغان جەمئىيەت مەۋجۇت ئەمەس، تاشقى مۇھىتنىڭ ئادەمگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىشى تەبىئىي، ئەمما ئۇ ھەرگىز بىرلەمچى ئامىل ئەمەس، ئەگەر سىز ئېيتقاندەك بولىدىغان بولسا، بۇ جەمئىيەتتە ياشىغان ھەممە ئادەم بۇزۇلۇپ كېتىشى، بىرمۇ دۇرۇس ئادەم قالماسلىقى كېرەك، لېكىن ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى،مەكتەپنىڭ، جەمئىيەتنىڭ بالىڭىزدىكى تەسىرى سىزنىڭ تەسىرىڭىزدىن ئۈستۈن كەلگەن. سىزنىڭ تەربىيىڭىز بالىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتالمىغاچقا، بالا سىرتقى ناچار خاھىش بىلەن ئۇچراشقاندا، تەربىيەرىڭىز بوراندىكى مامكاپتەك توزۇپ كەتكەن، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ غەلىبىسى ياكى مەغلۇبىيىتى دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ، ئائىلىنىڭ رولى دەل بالىلاردا سىرتنىڭ يامان تەسىرىنى ئۆزىگە يېقىن يولاتمايدىغان روھى توغان، مەنىۋى پاسىل ياساشتا. تەلەپچان ئائىلە پەرزەنتلىرىگە بەرگەن ئەقىدە، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن غالىب كېلىدۇ، مانا بۇ ئائىلىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، ئاتا-ئانىنىڭ غەلىبىسى.
            بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئالدى بىلەن ئائىلىدىن، ئانا بىلەن ئاتاتەربىيەسىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنداق، ئاياللارنى تەربىيەلىمەي تۇرۇپ، مۇكەممەل ئائىلىدىن، ياراملىق ئەۋلادتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئاياللارنى تەربىيلىمەي تۇرۇپ، بۈگۈنىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنىڭ شەرەپلىك بەتلىرىنى ئاچقىلى بولمايدۇ، مەۋجۇتلۇق ئېغىر سوئالغا ئايلىنىپ، ئالدىمىزغا قويۇلغاندا، بىزگە كېرىكى ئەيىبلەش- قاقشاش ئەمەس، دەبدەبىلىك سۆزلەردىن تۈزۈلگەن تەشۋىقاتمۇ ئەمەس، بەلكى بىزگە كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشتە قايسى يول بىلەن قانداق مېڭىشنى كۆرسىتىپ بېرىش، بۈگۈن بىزگە ئەڭ زۆرۈر بولۇۋاتقان قىز – ئاياللار تەربىيەسىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلىدىم.
             ئاياللار تەربىيەسى بىزدە پەقەتلا ئەھمىيەت بېرىلمەيۋاتقان تېما، دېيىلگەن تەقدىردىمۇ يالتىراق شوئار، چىرايلىق گەپلەر دۆۋىسىگە ۋە ياكى تىللاپ قاقشاش بىلەن ئابىستىراكىت چۈشەنچىلەرگە تولۇپ كەتكەن، كونكرېت قەدەم باسقۇچلار كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن بايان قىلغان بۇ نۇقتىلار قىز – ئاياللىرىمىزغا بىر توغرا نىشاننى كۆرسىتىپ بېرەلىسە ئەجەب ئەمەس.

1. ئېتىقاد-نىشان تەربىيەسى

               جۇڭگو قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ بىر سانىغا مۇنداق خەۋەر بېسىلغان، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جۇڭگودا يۇقىرى پەن-تېخنىكا، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا ئالاقىدار مۇناسىۋەتلىك دېلولار يىلسېرى كۆپەيگەن، بۇ دېلولارنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى جىنايەتچىلەر يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇپ، تۆۋىنى ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانىغا، يۇقىرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە ئىكەن، بۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە، ئىلىمنىڭ ئىنسان زاتىنىڭ قەدرىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكى قىل سىغماس ھەقىقەت، ئەمما ئەقىل – پاراسەت ۋە ئىلىمنىڭ ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قادىر ئەمەسلىگىمۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت، ھەربىر قۇلۇپنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئاچقۇچى بولىدۇ. ئەمما دۇنيادا شۇنداق بىر ئاچقۇچ باركى، جىمى قەلبلەر ئۇنىڭ بىلەن ئېچىلىدۇ، جىمى غەم – قايغۇ ئۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ، بارچە مۈشكۈلات ئۇنىڭ بىلەن ئاسانلىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ توغرا ئېتىقادتۇر. پەقەت ئېتىقاد يىلتىزىدىن كۆكلىگەن ھاياتلا ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ئۆتكۈنچى مەنپەئەتكە باغلىنىپ قالمىغان كامالەتلىك ھاياتتۇر، ئايال تەربىيىسىدىكى بىرىنچى قەدەم مانا مۇشۇ نۇقتىدىن باشلىنىدۇ.
             ئېتىقادسىز ئايال ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ، ئېتىقادسىز ئايال پۇل ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېتىدۇ، ئېتىقادسىز ئايال دۇنيا ئۈچۈن خارلىققا مۇپتىلا بولىدۇ، ئېتىقادسىز ئايال مۇكاپات ۋە جازانى نەقتىن ئىزدىگەچكە، پىداكارلىق ۋە قۇربان بېرىشنىڭ قىممىتىنى ۋە ئەجرىنى چۈشەنمەيدۇ، ئېتىقادسىز ئايال ئۈچۈن قىلسا بولمايدىغان ئىش، بارسا بولمايدىغان يەر يوق، ئېتىقادسىز ئايالدىن بىز پەرزەنتنىڭ، خەلقنىڭ قاراڭغۇ تۈنلىرىنى كۆرىمىز، ئېتىقادسىز ئايالدىن يۈكسەك ئەقىللىقتىنمۇ چىقىش يولى تاپالمىغان جەمئىيەتنىڭ خاراپلىقىنى كۆرىمىز. مۇكەممەل ئېتىقاد، ئاياللارغا ئۆزىنى سۆيۈشنى، قەدىرلەشنى، ئىنساننى سۆيۈشنى، مېھىر – مۇھەببەت، ۋاپا – ساداقەت، غەيرەت – جاسارەت، ئالىي ھىممەت، سەمىمىيلىكلا ئېزگۈلۈكلەرنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىدىكى ماددىيەتتىن ھالقىتىپ چەكسىز مەنىۋىيەت لەززەتلىرىگە باشلايدۇ، چىن پۈتۈڭكى بىز ئارزۇ قىلغان شەرمى ھايالىق قىز، مەسئۇلىيەتچان ئايال، ئۇلۇغ ئانا ئۇنىڭسىز بارلىققا كەلمەيدۇ.
           بىز «بىز بالىنى ئوقۇتۇپ نېمە قىلىدۇ» دەيدىغان ھېچبىر كىتابتا يوق قۇرۇق گەپ بىلەن قىزلارنى ئېلىم ئۆگىنىشتىن، ئېتىقادنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشتىن مەھرۇم قىلدۇق ياكى قىزلارنى مەكتەپكىلا تاشلاپ قويۇپ، ئاتا – ئانىدىن بۆلەك ھېچكىم بېرەلمەيدىغان ئادىمىيلىك ئەقىدە، ئەخلاق – پەزىلەت تەربىيەسىنى كەم قىلدۇق.
            يېقىندا ئۈندىداردا 13 ياشلىق ئاقسۇلۇق بىر قىزنىڭ قىز دوستى بىلەن ئۆيدىن ئۈرۈمچىگە قېچىپ چىققانلىقى، تاغىسى دۆڭكۆۋرۈكتە تۇتۇۋالغاندا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە قېچىپ كەتكەنلىكى، ئاتا-ئانىسىنىڭ يىغلاپ تورغا مۇراجىئەت قىلىپ، قىزىنى جىددىي ئىزدەۋاتقانلىق ئېلانىنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ مېنىڭ ئېسىمگە ئىككى يىل ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم شەھەردىن 16 ياشلىق قىزىنى ئېلىپ مەسلىھەت سوراپ كەلگەن بىر ئانىنى سالدى، ئۇ ئايال يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەن ئىدى: بۇ مېنىڭ چوڭ قىزىم، بىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز بەك ياخشى، ئەر – ئايال ھەر ئىككىمىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. مۇشۇ قىزىم 14 ياشقا كىرگۈچە مەن شۇنداق خاتىرجەم ھالدا كۆڭلۈم خالىغان يەرگە بېرىپ، چاي ئولتۇرۇشتىن قالماي ئويناپ كۆلۈپ ياشىغان ئىدىم، شۇ يىلى قىزىم ئۆزىدىن چوڭ بىر ئوغۇل بىلەن قېچىپ كەتتى، شۇندىن بۇيان مېنىڭ كۈلكەم، ئويۇن تاماشالىرىم توختىدى، كۆزۈمدىن ياش قۇرىمىدى، ھەر تەرەپتىن ئىزدەپ تاپالمىدۇق. ئەل – جامائەت ئىچىدە يۈزۈم يەر بولدى، ئاخىرى تېپىپ ئۆيگە سولاپ قويساق، يەنە قېچىپ كەتتى. يەنە تېپىپ كەلسەك ئاشۇ بالا بىلەن توي قىلمىسام ئۆلۈۋالىمەن، دەپ قورقۇتۇپ، ئاخىرى ئامالسىز 14 ياشلىق قىزىمنىڭ تويىنى قىلىپ قويدۇق. بۇ يۈرەك ئاغرىقىم، ھەسرىتىم تېخى بېسىلماي تۇرسا، بىر يىل ئۆي تۇتۇپلا ئاجرىشىپ ئۆيگە كىلىپ ئولتۇردى، ھېلىقى بالا ئىككى كۈندە بىر يارىشىمەن دەپ كلىۋېلىپ، ئۇچۇر يوللاپ بىزگە ئاراملىق بەرمىدى. كۆزدىن يىراق تۇرساق قوتۇلىمىزمىن دەپ بۇ يەرگە چىقتۇق، ياخشىراق بىرەر كەسىپ ئۆگىتىدىغان يەرگە بىرەي، دېسەم، گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىمەن دەيدۇ. قىزغا سەپسالدىم. يوتىسىنى ئاران ياپقان قىسقا كۆينەك بىلەن قېنىق گىرىم قىلىۋالغان، ئەسلى يېشىدىن خېلىلا چوڭ كۆرۈنەتتى.
            ھەر ئىككى ئانىغا ئىچىم ئاغرىدى، ئەمما بۇ ئىچ ئاغرىتىش ئۇلارنىڭ پەرزەنتىگە ئەڭ زۆرۈر تەربىيەنى بېرەلمىگەن، قىزلىرىنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى ۋە ھاياتنىڭ رەڭگارەڭ ئېزىتقۇلىرىدىن قوغداپ، ئىززەت – ھۆرمەتلىك، بەختىيار ھاياتقا ئىگە قىلالمىغان خاتالىقىنى ياپالمايتتى. بۇ مەن يولۇقتۇرغان كىچىككىنە مىسال. ئەتراپىمىزدا ھەررەڭ – سەررەڭ كىيىنىپ، تاپتىن چىقىۋاتقان قىزلار، ئەركىنلىك ئىزدەپ، كۆڭۈل خۇشى ئىزدەپ ئائىلىنىڭ سىرتىغا ئۆزىنى ئېتىۋاتقان ئاياللار تولۇپ تۇرۇپتۇ. دېيىشتىن تىلىمىز كۆيسىمۇ، دىيارىمىزدىن ئېشىپ، شەھەر ئاتلاپ، ئىچكىرىنىڭ مېھمانخانا، تانسىخانىلىرىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان پاھىشە ئاياللار ئاز ئەمەس. جەمئىيەتشۇناسلار، پىسخولوگلار، قانۇنشۇناسلار، مائارىپشۇناسلار يۇقىرىقى ھادىسىلەرنى بەلكىم تۈرلۈك نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ قوشۇمچە سەۋەبلەر، ھەقىقەت شۇكى، مۇسىبەتلىرىمىزنىڭ يىلتىزى ئاياللىرىمىزغا ھاياتنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئەقىدىنى تىكلىيەلمىگەنلىكىمىزدە، سۆزىمىز بىلەن، ئەمەلىيىتىمىز بىلەن، ھاياتىمىز بىلەن ئۇنى سىڭدۈرەلمىگەنلىكىمىزدە
.

2. مەسئۇلىيەت – مەجبۇرىيەت تەربىيەسى

             يەر شارىلىشىش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات بىزنىڭ تۇرمۇش شەكلىمىزگە ئاز بولمىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاياللارنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇش، ئەرلەرگە ئوخشاش تۈرلۈك ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتى كېڭىيىپ، سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇقلاشتى. بۇنىڭ بىلەن كەسىپ ۋە خىزمەتنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان، ئائىلە ۋە پەرزەنتكە بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىزلاشقان ئاياللار ئارىمىزدا كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاياللار ئائىلىدە ھېرىپ – چارچايدىغان، ئىچى پۇشىدىغان، بالىسىنىڭ تۈگىمەس جاپالىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئايىغى چىققۇدەك بولغاننى يەسلىگە، يەتتىگىمۇ توشمىغاننى ئالدىراپ تەييارلىق سىنىپقا بېرىپ ئارام تاپىدىغان، ياسىنىپ – جابدۇنۇپ، سىرتقا چىقسا، چايغا بارسا باشقىچە روھلىنىپ خۇشاللىنىدىغان غەيرى نورمال پىسخىكا ئاياللىرىمىزدا ئاۋۇپ قالدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى مۇشۇنداق نورمالسىز قىلمىش ئىجابىي ئەھۋال سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلدى. ئائىلىسىنى تاشلاپ، ئۆزىنى كەسىپكە، خىزمەتكە ئاتىۋەتكەن ئاياللار شەرەپ مۇنبەرلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئاكتىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىلەن جەمئىيەتتە تونۇلغان بىر ئايالنىڭ پالەچ بولۇپ قالغان ئېرىنى ئۆيدە قويۇپ، كېسەل كۆتۈش خىزمەتچىسى ياللاپ، كۈنبويى ئۇ پائالىيەت، بۇ يېغىن دەپ تالادا يۈرىدىغانلىقىنى ماڭا بىرسى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى شۇ ئايال ئانىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، رادىيو ، تىلىۋېزوردا ئائىلە، پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە سۆزلەپ يۈرەتتى.دۆلەتنىڭ خارابلىقى جەمئىيەتنىڭ بۇزۇقلۇقىدىن باشلىنىدۇ. جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئۆز رولىنى يوقاتقان ئائىلىنىڭ كۆپىيىشىدىن باشلىنىدۇ. ئائىلىنىڭ ئىللىتى ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيەتتىن باش تارتقان ئايالدىن باشلىنىدۇ. ئەرنىڭ ھەققىنى تونۇغان ۋە جايىدا ئادا قىلغان ئايال ئىنسابسىز ئەرنى كوچىدىن تارتىپ ئەكىرىپ ئائىلىنىڭ بېجىرىم تۈۋرۈكىگە ئايلاندۇرالايدۇ. ئانىلىق بۇرچىنى ۋايىغا يەتكۈزەلىگەن ئايال ئىنساب – دىيانەتلىك، غەيرەت – شىجائەتلىك، بىلىملىك پەرزەنتلەرنى ئۆز ۋەتىنىگە تەقدىم ئېتەلەيدۇ. ئايال ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇلۇغلۇق مەقامى ۋە مۇۋەپپەقىيەت بولامدۇ؟ ھاياتتا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بولىدۇ. ئەمما بۇلار مۇھىملىقىتا، قىممەتتە، ئەھمىيەتتە، ئوخشاش دەرىجىدە ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم دەل ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ ئەڭ زۆرۈرنى باشتا، ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەكىنى كەينىگە تىزىپ بېجىرىشنى بىلگەن ئادەمدۇر. ئەگەر ئۇنداق قىلماي تۆتىنچى ئورۇندىكىسى ئۈچىنچىسىنىڭ ئالدىغان ئۆتۈۋالسا، بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشقا تېگىشلىكى ھەممىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قالسا، راۋاج تاپالماي سۆرىلىپ يۈرگىنىمىز يۈرگەن. بىر –بىرىنى تولۇقلاپ، ھاياتنى تاكامۇللۇققا ئىگە قىلغان ئەر بىلەن ئايالنىڭ يارىتىلىشتا تەقسىم قىلىنغان مەجبۇرىيىتى بار. ئەر ۋە ئايالنىڭ فىزولوگىيەلىك ۋە خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئاجايىپ ماس كەلگەن بۇ تەقسىماتتا ئىلاھى ھېكمەت چاقناپ تۇرىدۇ. قارىسىڭىز بۇنىڭ باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھەقىقەت شۇكى، جەمئىيەت قانچە تەرەققىيقىلسۇن، ئايالنىڭ ئاياللىق ۋە ئانىلىقتەك مۇقەددەس ۋەزىپىسى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ قىممىتى ۋە تۆھپىسى ھەرقانداق كەسىپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا، بىز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا تۇرۇپ، خىلمۇخىل خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. لېكىن ئانىنىڭ ئائىلە ۋە ئەۋلادلارنى بېقىپ تەربىيەلەشتىكى مۇھىم رولى ئۆزگەرمەيدۇ. ئاياللار مۇناسىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، ئۇنى پۇختا ئىگىلەش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگەنسە بولىدۇ، ئەمما شەرت شۇكى، بۇ ئائىلە بەختى، پەرزەنت تەربىيەسىنى زايە قىلىۋېتىش ھېسابىغا بولماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ ناھايىتى چوڭ خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. ئاياللىق ۋە ئانىلىقنى ئالى شەرەپ بىلگەن، ئۇنى ھاياتتا ئېرىشكەن بەختى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئۆلچىمى قىلالىغان ئاياللار كۆپ يەردە بەرىكەت ۋە خاتىرجەملىك قارار تاپىدۇ. ئۇنداق جەمئىيەت پەزىلەتلىك ۋە ئىناق جەمئىيەت بولىدۇ، ئۇنداق ئائىلە بەخت شولىلىرى پارلىغان ئائىلە بولىدۇ.
                رۇسىيەلىك پېداگوك سوخۇمۇلىنىسكى مۇنداق دېگەن: «ئىنسان بېشىدا ئۈچ كۈلپەت بار، ئۆلۈم، قېرىلىق ۋە يامان پەرزەنت. قېرىلىق ۋە ئۆلۈمدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بىراق يامان پەرزەنتلەردىن ياخشى تەربىيە بىلەن ساقلىنىش مۇمكىن.» ھاياتتا مەغلۇبىيەتنىڭ تۈرى كۆپ. بىرى سودىدا زىيان تارتىدۇ، بىرى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ. بىرى كەسىپتە ھېچبىر نەتىجە قازىنالمايدۇ، يەنە بىرىنىڭ تۇرمۇشتا تەلىيى چىقمايدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولىدىغان، باشقا بىر يول ئىزدىسە يول تاپقىلى بولىدىغان ئىشلار، ئەمما بىزنىڭ يۈرەك – باغرىمىزنى ئۆرتىۋېتىدىغان، يورۇق كۈنلىرىمىزنى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىدىغان، ئورنىنى تولدۇرغىلى، قايتىدىن باشلىغىلى بولمايدىغان تولىمۇ ئەلەملىك بىر مەغلۇبىيەت بار. ئۇ بولسىمۇ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى مەغلۇبىيەت. يارامسىز، ناكەس بالىنىڭ خاپىلىقى ئاتا – ئانىنىڭ ئازابى بىلەن تۈگىمەيدۇ، بەلكى شۇ ئاتا- ئانا يەنە ئەل – جامائەتنىڭ: «نەدىمۇ چوڭ بولغان بولغىيتىڭ؟ ۋاي ئىسىت سېنى باققان ئاتا – ئاناڭغا!» دېگەندەك لەنەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. پەرزەنت تەربىيەسى نۆۋەتتە بىز ئەستايىدىل ئويلانمىساق بولمايدىغان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇنى ئاۋۋال ئاياللىرىمىزغا ئانىلىق مەسئۇلىيەتنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە ئېغىرلىقىنى ئېنىق تونۇتۇشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
              بىر سالىھ ئايال ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: «مېنىڭ ئەڭ قورقىدىغان ۋە داۋاملىق پاناھ تىلەيدىغان ئىشىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ مەن بالىلىرىمنى تەربىيەلەشتە مەغلۇپ بولۇشتىن ئەڭ قورقىمەن، مەن ئۈچۈن جېنىمنى يېنىمغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ تۇغقان، ياشلىقىمنى، ۋاقتىمنى، زېھنىمنى، ئىلكىمدىكى سەرپ ئەتكىلى بولىدىغان جىمى نەرسەمنى خورىتىپ تۇرۇپ بېقىۋاتقان بالىلىرىمنىڭ يارامسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇنچلۇق ئىش يوق. شۇڭا مەن ياخشى تەربىيە ھەققىدە توختىماي ئىزدىنىمەن. باش قاتتۇرىمەن. ۋاقتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى بالىلىرىم بىلەن بىللە ئۆتكۈزىمەن.» ئارىمىزدا مۇشۇنداق دېيەلەيدىغان ئانىدىن قانچىسى باردۇ؟ خىزمەت ئاز كەلگەندەك توي – تۆكۈن، چاي – ئولتۇرۇش، ئادەمگەرچىلىك، بازار چۆگىلەش دېگەنلەر ئاياللىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئىگىلەپ كىتىگلىك. ئەمما بۇلاردىن ئېرىشكەن تايىنى يوق خۇشاللىق، ھۇزۇركەلگۈسىدە يارامسىز پەرزەنت ئۈچۈن تۆككەن بىر تامچە ياشقىمۇ دال بولالمايدۇ. مەن خېلى تۈزۈك ھېسابلايدىغان بىر ئانا گەپ ئارىسىدا سەككىز ياشلىق ۋە 13 ياشلىق ئىككى قىزىنى ئوينىتىپ كېلىش ئۈچۈن سۇ ئۈزۈش كۇلۇبىغا ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنىڭ چەكچەيگەن كۆزۈمگە قاراپ: ۋاي، قورقماڭ، ئەرلەر سەل نېرىراقتا چۆمۈلىدۇ، ئاياللار بىلەن بىر كۆلچەكتە ئەمەس، دېگەن ئىدى. ئاز كۈندىن كېيىنلا ماڭا 13 ياشلىق قىزىنىڭ بىر ئوغۇل بىلەن يۈرۈۋالغانلىقى، تېلېفونىنى تارتىۋېلىپ، كومپيۇتېرنى تىقىۋېتىپ، مەن، دادىسى ئۇرسىمۇ گەپ ئاڭلىماي، يەنە شۇ بالا بىلەن ئۆينىڭ ئالدىدىمۇ سۆرىشىپ يۈرگەنلىكىدىن دادلاپ بەردى. ئەجەپلەنمىدىم. شەرمى –ھايا، ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگىتىشكە تېگىشلىك ئانا قىزلىرىنى كەينىگە سېلىپ، ئەر – ئاياللار يالىڭاچ دېگۈدەك يۈرىدىغان يەرلەرگە ئاپارغاننىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە شۇنداق بولاتتى.
            بالىلىرىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىز، كەلگۈسىمىز، ياخشى تەربىيە بىزنىڭ بەختلىك ھاياتىمىز، نۇرلۇق كەلگۈسىمىز. يامان تەربىيە بولغۇسى قايغۇ – ئەلەملىرىمىز، كۆز ياشلىرىمىز، ۋەتەن ئالدىدىكى، باشقىلار ئالدىدىكى خاتالىقىمىز. دېمەكچى بولغىنىم، ئاياللىرىمىزنىڭ ھايات مىزانىدا ئەڭ مۇھىم ۋە بىرىنچى بۇرۇچ ئاياللىق ۋە ئانىلىق بولسۇن.ئاياللىرىمىز ئايالغا بولغان ئىززەت- ھۆرمەت، مەرتىۋە ۋە بەخت ھۇزۇرىنىڭ ھالاللىق ۋە دىيانەت بۆشۈكى قىلىپ قۇرۇپ چىقالىغان ئائىلە، ئەل – ۋەتەن مەمنۇن بولغۇدەك قىلىپ تەربىيەلىگەن پەرزەنت بىلەن بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتسۇن ۋە شۇ ئۇلۇغلۇق مەقامىغا يىتىش ئۈچۈن جىمى نەرسىسىنى سەرپ ئەتسۇن
.

3. كىتاب ئوقۇش تەربىيەسى

            كىتاب __ ھاياتنىڭ ئەڭ جۇلالىق ۋە شېرىن نېئمەتلىرىنىڭ بىرسى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغ خەزىنىسى. بىر ئادەمنىڭ بىلىم ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى شۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كىتاب ئوقۇشىغا باغلىق بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ ساپاسىمۇ خېلى زور دەرىجىدە شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قاراپ باقساق كىتاب ئوقۇشقا ھېرىس مىللەتلەر دەل ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. 2011- يىلى ئېلىپ بېرىلغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى ھەققىدىكى ئىستاتىسكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەھۇدىيلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 64 پارچە، رۇسلار 55 پارچە،ئامېرىكىلىقلار 50 پارچە، ياپونلار 40 پارچە، كۇرىيەلىكلەر 11 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن. فىرانسىيەدە ئاياللار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 12 پارچە، ئەرلەر 9 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن. جۇڭگولىقلار بولسا 2.8 پارچە كىتاب ئوقويدىكەن. ئەمىسە ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى قانچىلىكتۇ؟ ئائىلىنى ئىدارە قىلغۇچى، پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىچۇ؟ قولىمىزدا بۇ توغرۇلۇق ئېنىق سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، جاۋابنىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.
          ئائىلىنى ئىدارە قىلىشمۇ خۇددى بىر ئەلنى ئىدارە قىلغانغا ئوخشايدۇ. ئەلنى باشقۇرۇش كىشىدىن قانچە چوڭقۇر ئىلىم، ئەقىل -پاراسەت، چارە – تەدبىر ۋە سەۋرچانلىق تەلەپ قىلسا، ئائىلىمۇ ئايالدىن بىلىملىك، پاراسەتلىك بولۇشنى، ھەر ئىشتا ئەستايىدىل، سەۋرچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق پاراسەت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئايالنىڭ ھەرۋاقىت كىتاب ئوقۇپ تۇرۇشى، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۆزىنى داۋاملىق تولۇقلاپ، يېڭىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرۇشىدىن كېلىدۇ. شۇندىلا ئۇ ئاياللىق ۋە ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ئادا قىلالايدۇ. مەكتەپ مائارىپى ئۆگىنىش مەنزىللىرىنىڭ پەقەتلا بىر ھالقىسى. ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلى مەكتەپنىڭ بىر ئادەمگە ئۆگىتىدىغىنى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ، ئەمما ئۆگىنىش ئۇ مەڭگۈلۈك جەريان، ئۇ ئۆمۈر بۇيى داۋاملىشىدۇ، ئاياللار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. ئالجىرىيە ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، ئىسلاھاتچى (1888~1940) ئىبنى بادىس مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر ئەرگە ئىلىم ئۆگىتىدىكەن، ئۇ پەقەت بىر ئادەمگە ئۆگەتكەن بولىدۇ. كىمكى بىر ئايالغا ئىلىم ئۆگىتىدىكەن، ئۇ بىر قەۋمگە ئۆگەتكەن بولىدۇ.»
        تەننىڭ ئوزۇقى تائام بولسا، روھنىڭ ئوزۇقى ئىلىم –ھېكمەت. ئانىنىڭ قەلبى پەرزەنتنىڭ مەكتىۋىدۇر. كىتابقا ھېرىس ئانىنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇغان ئىلىم – مەرىپەت زىياسى پەرزەنتكە ئەڭ ياخشى تەربىيەنى بېرىپ، ئۇنىڭ ھايات يوللىرىنى يورىتىدۇ. ئاي ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ قولىغا كىتاب ئالمايدىغان ئانىنىڭ قەلبى قۇپ – قورۇق بولۇپ، نە ئۆزىنى يورۇتۇشقا، نە پەرزەنتىنى توغرا يولغا سېلىشقا يارىمايدۇ.
        ئۇيغۇر ئاياللىرىدا كىتاب ئوقۇماسلىق مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئېغىر. ھەتتاكى كىتاب ئوقۇماسلىق ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. مەيلى ئاران ساۋاتى بارلار بولسۇن، ياكى ئالى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلەر بولسۇن، بىز ئاياللاردا كىتابقا بولغان ئىشتىياقنى كۆرەلمەيمىز. قاراپ باقساق خىزمەت تەلىپى ، ئۇنۋان ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەمەس، مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن، ئىنسانىي كامالەت ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدىغان ئاياللار بەك ئاز. كۆڭلۈمىزنى بەكمۇ يېرىم قىلىدىغىنى ئاياللار سورۇنىدا ئىلىم بىلەن كىتابتىن بۆلەك جىمى گەپ– سۆزلەر بولىنىدۇ. بىزدەك جامائەتچىلىك ئېڭى كۈچلۈك مىللەتلەردە چاي – ئولتۇرۇشلار بەك كۆپ. نېمىشقا ھېچ بولمىسا مۇشۇ يەپ – ئىچىش، بىھۇدە پاراڭدىن باشقا ئىش يوق سورونلىرىمىزنى ئىلىم سورۇنىغا، ياخشى كىتابلارنى ئۆزئارا تەۋسىيە قىلىشىدىغان، مۇلاھىزە قىلىدىغان سورۇنغا، پەرزەنت تەربىيەلەش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، بۇ ھەقتىكى ياخشى كىتاب، ياخشى چارە- ئۇسۇل، تەجرىبىلەرنى تونۇشتۇرىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرمايمىز؟ مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچى؛ كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتى، ئۇنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان كۈچ – قۇدرىتىنى تونۇپ يېتەلمەسلىك. ئىككىچى؛ كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، تۈرتكە بولىدىغان، قوللايدىغان، ئىجتىمائىي مۇھىت، شەرت – شارائىت ۋە رىغبەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ بولماسلىقى. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىمدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا كىتاب ئوقۇش، ماقالە يېزىش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرى دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. بىز زور ئىشتىياق بىلەن ئۆزىمىز يازغان ماقالىلەرنى ئۆزىمىز جانلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ، بىرىنچى، ئىككىنچىلىكنى تالىشاتتۇق. ئويلىسام كىتابقا بولغان ئاشۇنداق رىغبەت بالىلارنى دەسلەپتىلا كىتابقا باغلايدىكەن.
               رۇسىيەلىك لونا چارسكى مۇنداق دېگەن: «كىتاب ئوقۇمايدىغان ساۋاتلىق ئادەم نېمىگىمۇ ئەسقاتار؛ بۇنداق ئادەم يەنە تەكرار ساۋاتسىزلىققا مەھكۇمدۇر.» ھەقىقەتەن كىتاب ئۇقۇماسلىقنى ساۋاتسىزلىقنىڭ يەنە بىر تۈرى دېيىشكە ھەقلىقمىز.
              ئاياللار ئۆزىنى ۋە دۇنيانى بىلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ھەرۋاقىت ئەرنى ئۆزىگە باغلاپ تۇرىدىغان پاراسەتلىك، مېھىرلىك خوتۇن بولۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ياراملىق پەرزەنت تەربىيەلەش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئائىلىنى بەخت قورغانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بىر كىشىلىك ھەسسە قۇشالايدىغان، جەمئىيەتنىڭ تىرىك ھۈجەيرىسى بولۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش كېرەك. ئەگەر مۇشۇ تەرىزدە يازساق كىتاب ئوقۇشقا بولغان مىڭلاپ ئېھتىياجنى يېزىش مۇمكىن. ئايالنىڭ ۋاقتى چەكلىك ۋە تولىمۇ قىممەتلىك. شۇڭا خۇددى دوستنى تاللاپ تۇتقاندەك، كىتابنى تاللاپ ئوقۇش، قايسى مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇشمۇ تەكىتلەشكە تېگىشلىك مەسىلە. مەن بىر قىسىم ئاياللارنى تونۇيمەن. ئۇلارنى كىتاب ئوقۇمايدۇ دېسەم يالغان ئېيتقان بولىمەن. بىراق ئوقۇغاندىن ھېچبىر مەنپەئەت – ئۈنۈم ھاسىل قىلالماسلىقتا ئۇلار كىتاب ئوقۇمىغانغا باراۋەر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغىنى پۈتۈنلەي سۈنئىي توقۇلما بىلەن يېزىلغان ئاددىي تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرىدىكى ئىشقى مۇھەببەتتىن ئۆزگە پاراڭ يوق ھېكايە، رومانلار، كىتاب ئوقۇشتىكى ئەڭ چوڭ مەقسەت ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش، كىتابتىكى ئىلىم – ھېكمەت، ئىلغار ئىدىيە، ئاكتىپ تەپەككۇرنى ئۆگىنىش ۋە ھاياتىمىزغا تەتبىقلاش. ئەمما ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا كاللا كەتمەيدىغان، بىزنى ئويلاندۇرالمايدىغان، تەپەككۇرغا باشلىيالمايدىغان كىتابلارنى ئوقۇش ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ھەزىم قىلىش ئاسان، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېردىكى كىتابلار ئاياللىرىمىزنىڭ تاللاش دائىرىسىدىن نېرى تۇرۇشى كېرەك. كىلاسسىك ئەسەرلەر، ئەدەپ – ئەخلاق، پەرزەنت تەربىيەسى، تارىخ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تېما قىلىنغان، شۇنداقلا مەشھۇر يازغۇچى – ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە ھەقىقىي نەپ بېرىپ، ئەقىل قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرىدۇ. بىزدە ئەڭ گۈزەل ئارزۇ – تىلەكلەرنى ئويغىتىدۇ. بىزگە ئالىيجاناب مەسلىھەت بېرىدۇ. كىتاب بىزنىڭ ئىللەتلىرىمىزنى خۇددى ئوت ماينى ئېرىتكەندەك ئېرىتىۋېتىدۇ. چۈنكى كىتابنىڭ ئادەم تەربىيەلەش كۈچى ھەتتا مۇنتىزىم مەكتەپلەردە ئالغان بىلىمنىڭ قۇدرىتىدىن چوڭ. ئابدۇراھمان جامىنىڭ كىتاب ھەققىدىكى مۇنۇ مىسرالىرى ئاياللىرىمىزغا ئۆرنەك بولسىكەن دەيمەن:

كىتابتىن ياخشىراق دوست يوق جاھاندا،
غەمخورۇڭ بولغان ئۇ غەملىك زاماندا.
ئۇ بىلەن قال تەنھا، ھېچ بەرمەس ئازار،
جېنىڭغا يۈز راھەت بەرگۈسى تەكرار
.

4. ياخشى ئۈلگە تىكلەش تەربىيەسى

             زېمىننىڭ ئاۋات بولۇشى ئۈچۈن ئادەمنىڭ خۇرۇچىغا ئەقىلمۇ، ھېسسىياتمۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپتىكەن. شۇڭا بىز ئەتراپتىكى ئادەم، ۋەقە، ھادىسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىمىز، گاھىلىرىدىن سۆيۈنۈپ، زوقلانساق، گاھىلىرىغا ياقا تۇتىمىز. ئاياللار ھېسسىياتچان بولۇشتەك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئىش ھادىسىلەردىن تېخىمۇ ئاسان تەسىرلىنىدۇ ۋە ناھايىتى تىزلا مايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ياخشى ئۈلگە مىڭ ئېغىز نەسىھەتتىن ئارتۇق دېگەن گەپ بار. دىيانەتلىك، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇغان ۋە ئادا قىلغان پەزىلەتلىك ئايال مۇنداق بولىدۇ، دەيدىغان ياخشى ئۈلگىنى تىكلەش ئاياللار تەربىيەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە كىشىلەر تۇرمۇشىغا ئەڭ يېقىن تۇرۇۋاتقان تېلېۋىزور، كىنو، ئېلان ۋە گېزىت – ژۇرنال، مەتبۇئات ۋاسىتىلىرى بۇنىڭدا خېلى چوڭ چوڭ رول ئوينايدۇ. ناۋادا بىرەر سەلبىي ھادىسە ئىجابىي ۋەقە سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىپ، ھۆرمەت لىباسى كەيدۈرۈلسە، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى توغرا – خاتا قارىشىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدۇ. گۈزەللىك ئەيىبلىنىپ، خۇنۈك كۆرسىتىلسە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئەقلى ئوخشاش دەرىجىدە ئەمەس.
          نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا رادىيودا بىر قېتىملىق بالىلار پىروگراممىسىنى ئاڭلاپ قالدىم. رىياسەتچى پىروگراممىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توققۇز ياشلىق بىر قىزنى ئانىسى بىلەن بىللە زىيارەت قىلدى. توققۇز ياشقا كىرگەن قىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكاقائىدىلىرىگە ئۇيغۇنمۇ سۆزلىيەلمەيتتى. ئانىسى قىزىنى تۆت ياشتىلا ناخشا – ئۇسۇلدا مەخسۇس تەربىيەلەش ئورنىغا ئاپىرىپ بەرگەنلىكىنى، ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي قاتتىق پەخىرلىنىش بىلەن سۆزلەپ كەتتى. رىياسەتچى ئانا – بالا ئىككىسىنى راسا ماختىغاندىن كېيىن، رادىيو ئالدىدىكى بالىلارنى بۇ قىزدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىپ، پىروگراممىنى ئاخىرلاشتۇردى. بالىسى توققۇز ياشقا كىرگۈچە ئۆز ئانا تىلىدا راۋان سۆزلەشنى ئۆگىتەلمىگەن ئانا بالا تەربىيەسى ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتىگە ئىگىمۇ؟ بۇ ئارقىلىق ئانىلارغا قىزىنى مۇشۇنداق تەربىيەلىگەن ئانا مۇنەۋۋەر ئانا بولىدۇ دېمەكچىمۇ؟ سەنئەتنىڭ رولى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈلۈپ، مۇبالىغە قىلىنىۋاتقان شارائىتىمىزدا، يەنە مۇشۇنداق كىچىك ئارتسىلارنى تەشۋىق قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ بىز نېمىشقا ئاق – قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئىلىم – پەنگە، كىتابقا مۇھەببەت ئويغۇتۇشنىڭ ئورنىغا: «ھەئە، ناخشا – ئۇسۇل دېگەن ئادەمنى ئاشۇنداق مۇنبەرگە ئېلىپ چىقىپ مەشھۇر قىلىدىغان، جىمى ئادەمنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلىدىغان بۈيۈك ئىشكەن» دېگەننى سىڭدۈرۈمىز؟ بۇنداق ئۈلگە بىلەن بىز ئارزۇ قىلغان ئۇلۇغ ئانا، دىيانەتلىك ئايالنى تەربىيەلىگىلى بولمايدۇ.
               بىزدىكى ئاياللار تەربىيەسى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردە، شاكىلىغا ئېسىلىۋېلىپ، ماھىيەتكە كۆچەلمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت. بۇمۇ ياخشى ئۈلگە تىكلەشتىكى بىر توسالغۇ . قارىسىڭىز بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرىدە چاچنى قانداق ياساش كېرەك؟ لەۋ سۇرۇخنى قانداق سۈرۈش كېرەك؟ قانداق رەڭلىك كوپتىغا قايسى رەڭلىك يوپكىنى كەيسە يارىشىدۇ؟ دېگەندەك سىياھ، قەغەزنى ئىسراپ قىلىدىغان مەزمۇنلار خېلى ئورۇن ئىگىلەيدۇ . قاراپ بېقىڭ، چاچ ياساش سالۇنلىرى، پەردازخانىلار قەدەمدە بىر پۇتلىشىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خېرىدارلىرى ئۈزۈلمەيدۇ، سودىسى ئاۋات. كوچىلار گىرىمنى بولۇشىغا قىلىپ، ئاچقىلى بولىدىغانلىكى يەرلىرىنى ئېچىپ، كۆز-كۆز قىلغۇچى قىز – ئاياللار بىلەن لىق تولغان. ئاياللارغا نىسبەتەن ياسىنىش – تارىنىش تىلغا ئالسا بولىدىغان نۇقتا. ئەمما بۈگۈنكىدەك ياسىنىش – تارىنىشتىن باشقا ئالى غايىسى ۋە قىزىقىشى بولمىغان ئاياللار كۆپىيىۋاتقان، تاشقى كۆرۈنۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋىيىتىمىز قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتقان شارائىتتا، سىز يېزىپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ بۇنى ئاياللىرىمىز ھەقدادىغا يەتكۈزۈۋېتىگلىك. بىزگە ئاياللارنىڭ روھىغا تەسىر قىلىدىغان، روھنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولالايدىغان ئەسەرلەر كېرەك. ئۇلۇغ ئانا، مەسئۇلىيەتچان ئايالنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، رادىيو ، تېلېۋىزور ۋە مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىمىزدە قېيىپ كەتكەن، ئېزىپ كەتكەن ئەمەس، دەل جايىغا چۈشكەن، ياخشى ئۈلگىنى توغرا بايقاپ، شۇنى كۆرسىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش كېرەك. گاھىدا ۋەز – تەبلىغدىن، مۇشۇنداق ماقالىدىن نەچچىنى يازغاندىن بىر ياخشى ئۈلگىنىڭ تەسىرى چوڭ بولىدۇ.

5. ئاياللار يىغلىمىسۇن

           يەر يۈزىدە ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ئالى ئۆرنىكىنى كۆرسەتكۈچى، ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، خالىس، بېغىشلاش روھى بىلەن ئائىلە ۋە پەرزەنت ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قۇربانلىق بەرگۈچى پىداكار ئىنسان پەقەت ئايالدۇر. قايسىبىر كىتابتا: ئوغۇل بالىنىڭ ھاياتى تۇغۇلغان كۈندىن باشلىنىدۇ، قىز بالىنىڭ ھاياتى توي قىلغان كۈنىدىن باشلىنىدۇ، دېگەن سۆزنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئائىلە بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان كۈندىن باشلاپ، ئايالنىڭ ھېچ تاماسىز، مېھنەتلىك ئەمگىكى باشلىنىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئەمگەك بىر – ئىككى يىللىق مۇددەتتە ئاياغلىشىدىغان بولماستىن، ئايالنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر مىنۇت، ھەر نەپەستە ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. ئائىلىسىنىڭ بەختى، پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ياشلىقىنى، ئەقىل – پاراسىتىنى، ھاياتىنى پىدا قىلىپ، شامدەك ئېرىپ تۈگەيدىغان بۇ قەدەر ھېچ غەرەزسىز پىداكارلىقنى پەقەت ئاياللارلا قىلالايدۇ. ئەجەبا مۇشۇ پىداكارلىقى بىلەن، ئايال ئەرنىڭ مۇھەببىتىگە، قەدىرلىشىگە، ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە لايىق ئەمەسمۇ؟ بۇ قەدەر خالىس مۇھەببەت ۋە مېھنەت ئۈچۈن ئەرنىڭ ئاسرىشىغا ۋە كۆيۈنۈشىگە ھەقلىق ئەمەسمۇ؟
          ئاياللارنىڭ ئۇنىۋېرسال سېلىشتۇرمىدا ئەرلەردىن ئاجىزلىقى بىر رېئاللىق. ئەر مەسىلىلەرنى كۆزىتىش ۋە قارار بېرىشتە ئەقىلگە مايىللىقى، يىراقنى كۆرەرلىكى، كۆڭلى – كۆكسىنىڭ كەڭ، ئەپۇچانلىقى، جىسمانىي قۇۋۋەتتە كۈچلۈك، روھىيەتتە ھەم ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا لايىق يارىتىلغانلىقى بىلەن ئاياللارنىڭ ھامىلىرى ھېسابلىنىدۇ. رېئاللىقىمىزدا ئەرلەر ئۆزلىرىگە پەرز قىلىنغان بۇ ھامىيلىقنى قانچىلىك ئادا قىلىۋاتىدۇ؟
         بىر ئۇيغۇر بىلەن توي قىلغان ئەنگلىيەلىك ئايال ئۆتكەن يىلى ئېرىنىڭ جەنۇبتىكى يۇرتىغا توغقان يوقلاشقا كېلىپ، قايتىشىدا ئۈرۈمچىدە ئۆز تەسىراتىنى سۆزلىگەن. ئۆزىگە يېڭىلىق تويۇلغان بەزى ئىشلارنى دەپ كېلىپ: مەن ئۇ يەردە خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ئۇچراشتىم. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ ئاياللار تولا يىغلايدىكەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى نېمىشقا يىغلايدۇ؟ دېگەن.
          «ئۇيغۇر ئاياللىرى نېمىشقا يىغلايدۇ؟» دېگەن بۇ سوئال نەچچە كۈنگىچە كاللامدا ئەكس ئېتىپ تۇردى. زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، زامان كۈلپەتلىرىدىن قىز ئاياللىرىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا قوشلاپ تۇرمۇش كۈلپىتى بىلەن ئايالىنى قەدىرسىز قىلغان ئەرلەر كۆپ يەردە ئاياللارنىڭ كۆزى ياشلىق، دىلى غەملىك، بالىلارنىڭ روھى سۇنغان، بەختى كەمتۈك بولىدۇ. «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئەھلى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىنىدۇر» دېگەن تەلىماتنى ئۇنتۇپ كەتكەن، كۆزى دۇنيادىن باشقىنى كۆرمەيدىغان ئەرلەر كۆپ يەردە ئايالنىڭ يىغىسى كۆپ بولىدۇ. مەن ھازىرغىچە ئۇچراتقان، سۆھبەتلەشكەن ئاياللار ئارىسىدا ئېرى ھاۋايى – ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۆينى بۇزغان، بالىلىرىغا ئاتىلىق مېھىر ۋە تەربىيەنى ئەمەس، بىر تىيىن بەرمەي 4~5 بالىنى بېقىشنى خوتۇنىغا ئارتىپ قويۇپلا، يېڭى خوتۇن بىلەن شېرىنتۇرمۇشنى باشلىۋالغان، ئانا قۇشتەك بالىلىرىنى پاناھىغا ئېلىپ، ھەم ئانا، ھەم يوقنى بار قىلىدىغان دادا بولۇپ ياشاۋاتقان ئاياللار خېلى كۆپ. ئۆزىنىڭ «كۆڭلى» ئۈچۈن ئايالى ۋە بالىلىرىنى ھاياتنىڭ گۈزەل نىسىۋىلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، موھتاجلىق كوچىسىغا سالغان ئەر لەنەت ئوقلىرىغا كۆمۈلۈشكە لايىق. ئايالى ئۈچۈن تەربىيەسىز قالغان بالىلىرى ئۈچۈن ياراتقۇچى ئالدىدا، ۋەتەن ئالدىدا جاۋابكاردۇر. بىر كىشى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن ئايالىمنى ياخشى كۆرمەيمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تالاق قىلىمەن»، دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:«ئايالىڭنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ نىكاھقا ۋاپا، ئائىلىگە رىئايە قىلىش، مەسئۇل بولۇش دېگەنلەر يوقمۇ؟ يوق بولسا، دۇنيادىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچى مۇھەببەت بىلەن تولغانمۇ؟» دېگەن. «ھەقىقەتەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھەمشىرىلىرىدۇر، ئايالنى ھۆرمەتلىگەن ئەر ئەسلى ئۆزى ھۆرمەتلىك ئەردۇر. ئايالنى خارلىغان ئەر ئەسلى تېگى پەس ئەردۇر.»
             يامانلىق توسمىلىرى ئېچىۋېتىلگەن، پىتنە – پاسات كۆپەيگەن زاماندا ئايال خاتالاشسا، ئېزىپ كەتسە، ئۇنى مېھر – مۇھەببەت ۋە توغرا تەربىيە بىلەن ئائىلىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىدىغىنى ئەر بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئەر __ ئۇ شەپقەتلىك دادا. چۈنكى ئەر __ ئۇ كۆيۈمچان ئاكا ۋە ئۇكا. چۈنكى ئەر __ ئۇ مەرھەمەتلىك تاغا. چۈنكى ئەر __ ئۇ ئۇلۇغ نىكاھ بىلەن بۇ ئامانەتنى ھالاللاپ ئالغۇچى ئۆمۈرلۈك ھەمراھ.
           ئەرەپلەردە مۇنداق بىر ھېكمەت بار. ئايال ئەرگە يوغانچىلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ باش سۆڭىكىدىن يارىتىلمىغان، شۇنداقلا خار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەرنىڭ پۇت سۆڭىكىدىنمۇ يارىتىلمىغان. بەلكى ئەرنىڭ قانىتى ئاستىدا تۇرۇشى، قەلبىگە يېقىن تۇرۇشى ئۈچۈن قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغان. ئەرنىڭ مۇھەببىتى ئۇ يالغۇز ئايالغىلا بىرىلگەن مۇھەببەت ئەمەس. ئايالنى ھىمايىسىگە ئالغان، تەربىيەلىگەن، ھۆرمەتلىگەن ئەر ئۈممەت سائادىتى بىلەن باغلانغان دىيانەتلىك ئايالنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بابىدا ۋەتەننى سۆيگەن بولىدۇ. كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولغان قىز پەرزەنتلىرىنى ئاتىلىق مۇھەببەت ھەم مەسئۇلىيەت بىلەن ياخشى تەربىيەلىگەن ئەر ۋەتىنى ئۈچۈن ئۇلۇغ بىر خىزمەت تەقدىم ئەتكەن بولىدۇ. ئۆز ئەھلى ئايالىنى ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئىككى دۇنيالىق بەختنى قولدىن بەرمىگەن ئائىلىنى بەرپا قىلغان ئەر ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ئائىلىلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بەختى ئېچىلىدىغان ۋەتەننىڭ بەختىگە ھەسسە قوشقان بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرى ئارىسىدا ئايالغا بولغان مۇھەببەتنى، پەرزەنت ۋە ئائىلىگە بولغان بۇرچىنى ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈ ۋە مەسئۇلىيەتكە باغلاپ چۈشىنىدىغان ئەرلەر قانچىلىك چىقار؟
         تەلەپنى، ئۆلچەمنى ئاياللارغا قويدۇق. ئەمما شۇنىسى ھەقىقەتكى، ئۆزىگە پەرز قىلىنغان ئاتىلىق مەجبۇرىيەتنى تونۇغان ۋە ئەڭ ياخشى ئادا قىلغان ئەرلەر بولمىسا، بىز روھى توق، ئانا بولۇش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان ساپالىق قىز بولالمايمىز. ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئايالىنى سۆيگەن، قەدىرلىگەن، ئاسرىغان ۋە قوغدىغان ئەرلەر بولمىسا، بىز ئۇلۇغ ئانا ۋە ياراملىق ئايال بولالمايمىز.
         ھەق ئاتا قىلغان زامان، ماكان نېسىۋىمىز بىلەن شۇنداق بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز. رىقابەت ۋە خىرىس ھەممىنى ۋەھىمىگە سالغان، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان، ئەخلاق ۋە ئەنئەنە قورغانلىرى يىمىرىلىۋاتقان، ماددىي راھەت – پاراغەت ھاياتنىڭ غايىسى قىلىنغان. بۇلار بىزگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، بىزنى غىدىقلىماقتا. ئاياللار بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەركىزىدە تۇرماقتا. قىز – ئاياللار تەربىيەسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر شەخس، ھەر بىر ئائىلە، پۈتكۈل جەمئىيەت جىددىي ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. چۈنكى ئىزىمىزنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلىيالايدىغان، ئىككى دۇنيالىق بەختنى قولدىن بەرمەيدىغان ئەۋلاد ئانىلىق شەرىپىنى چۈشەنگەن، ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلانغان، دىيانەتلىك ئايالسىز ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. بىز موھتاج بولۇۋاتقان مۇكەممەل ئائىلە ئاياللىق ۋە ئانىلىق ھەقلىرىنى جايىدا ئادا قىلغان تەربىيەلىك ئايالسىز بەرپا بولمايدۇ. يۈكسەلگەن دۆلەت، پەزىلەتلىك جەمئىيەت شەخسى غەم – قايغۇ ۋە ئارزۇ – تىلەكلىرىنى ۋەتەن غېمى ۋە ئىستىقبالىغا باغلىيالىغان ئاقىل ئايالسىز بارلىققا كەلمەيدۇ.
قىسمەتلىرىمىز ئايالسىز يېزىلماس، يوللىرىمىز ئايالسىز تۈزەلمەس، ئستەكلىرىمىز ئايالسىز چېچەكلىمەس.
        تىرىشقانلارغا يەنىلا پۇرسەت ۋە ئۈمىد بار. تارىختىن قالغان ئاچچىق ساۋاق شۇكى، پاجىئەنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مىدىرلىمىغانلارنىڭ بېشىدا پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆگىلىگىنى چۆگىلىگەن.

بۇ ماقالە شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

1

تېما

7

دوست

6347

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1662
توردىكى ۋاقتى: 725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 11:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل ماقالە ئىكەن.ئاياللىرىمىزغا كۆپرەك تەشۋىق قىلساق بولغىدەك.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 14:22:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كورگەن ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخىش ، ئەڭ ئىلمى ، ئەڭ چۇشنۇشلىك، ماقالە ئىكەن، ئاللا رەخمەت قىلسۇن. ئاللارازى بولسۇن،   كوپلەپ مۇسۇنداق  ياخشى ماقالە يازغايسىز،  ھارماڭ  ماقالىنىڭ ئاپتۇرى، «مۇھەممەت سالىھ دا موللامنىڭ، قىزى ، شۇمۇ»

0

تېما

1

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 14:31:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت ، سۇيگۇ، ياكى ناۋا پىرگۇرامىمىسى توغۇرلۇق ماقالە بولسا  ئىنكاس دىگەن ھووووووووووو بەك يازىدۇ  مانداق  ئىسلامى ياخشى ماقالە چۇشسە، قانا ئىنكاس ھەييييييي، مۇشۇنىڭ ئوزىمۇ بىزنىڭ قانداق كىتاپنى كوردىغانلىقىمىسنى  بىلۋالغىلى بولىدۇ ھەيييييييييييييييي بۇ كىشلەرگە

4

تېما

0

دوست

795

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9506
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 107
تۆھپە : 171
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 15:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىتەن ئويلۇنىشقا تېگىشلىك مەسلە ئىكەن.

0

تېما

0

دوست

50

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22897
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 17:09:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىتەن ئويلۇنىشقا تېگىشلىك مەسلە ئىكەن!!!!!!!!!!!

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 18:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ناھايىتى ياخشى يىزىلغان ماقالە ئىكەن.

0

تېما

0

دوست

427

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   63.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7733
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 115
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 23:04:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bezlar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-11 14:22
مەن كورگەن ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئىچىدىك ...

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ قىزى،چاچما شېئىر ئۇستىسى ئادىل تۇنىيازنىڭ ئايالى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )