قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2918|ئىنكاس: 49

'جاللات خېنىم' رومانىدىن تەسىراتلار - ئەلكۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4500

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 07:15:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

'جاللات خېنىم' رومانىدىن تەسىراتلار



ئەزىز ئەيسا (ئەلكۈن)


  

  "دۇنيادىكى ھەممە ياخشىلىقنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرلا ياخشىلىق بولىدۇ:

                   بۇ- ئىلىم-مەرىپەتتۇر.



ھەممە ياۋۇزلۇقلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرلا ياۋۇزلۇق بولىدۇ:



بۇ نادانلىقتۇر! "



- سۇقرات





    بۇ كۈنلەردە مەن ھەر كۈنى ئىشقا بېرىش ۋە قايتىش يولۇمدا يەر ئۇستى ۋە يەر ئاستى پويىزدا ئولتۇرۇپ، پويىز ئالمىشىپ يۈرۈپ دېگەندەك سەرپ قىلىدىغان جەمئىي 3 سائەت ۋاقتىمنى بوش ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك پەيمانىم بويىچە نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ 'جاللات خېنىم' ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم ۋە بىر ئايدىن بۇيان ئاڭلاپ يورۇپ ئاخىر بۈگۈن تۈگەتتىم.

    ئەقىل ھوشۇمدا چاقماق چاقنىدى، خىيال تەپەككۇرۇم مۇندىن مۇئەككەل 300 يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر ۋەتىنىدە بولۇپ ئوتكەن قانلىق ۋەقەلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا غەرق بولدى.

    " 17- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقى جۇڭغار تاجاۋۇزچىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ غالچىسى ئاپئاق غوجا باشچىلىقىدىكى "ئاقتاغلىق" فېئودال غوجىلارنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇمى ۋە سىنىپىي زۇلۇمدىن ئىبارەت قوش قەۋەتلىك، قوش زەنجىرلىك ئاسارىتىگە دۇچار بولدى. تاجاۋۇزچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىنى ئوز بۇرچى دەپ بىلگەن ئاپاق غوجا باشچىلىقىدىكى بىر توپ نائىنساب غوجىلار ئەلنى نادانلىق پاتقىقىغا پاتۇردى. شۇ چاغلاردا ئەلدە تەۋپىق-ئادالەت كۆتۈرۈلگەن، ھاياسىزلىق، ئىنساپسىزلىق كۈچەيگەن، مېھىر-شەپقەت تۈگىگەنىدى! ئېشەكتىنمۇ بەتتەر نادان بولغان بىر توپ ئەخلاقسىز پاسىق، قەبىھ گۇناھكار، كالتە قۇيرۇق يالغانچى، بىئەجەل ئۆلىدىغان غالجىر ھەسەتخور، ئەشەددىي قارا قورساق ۋە ئىچى تار غوجا ئىشانلار، كۆكەرمە سوپى، تېجىمەل دەرۋىش، يۇندىخور ئاشىقلار ھەممىلا يەردە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشاتتى. ئۇلار دۇئا بىلەن نان، دۇئا بىلەن جان، دۇئا بىلەن ئىمان، دۇئا بىلەن ۋەج، دۇئا بىلەن ئابرۇي تېپىپ، دۇئا بىلەن يۇرت، دۇئا بىلەن تەخت ئالماقچى بولۇشاتتى؛ دەستەكسىز دۇئالارنىڭ كوپلىگىدىن كىشىلەر قورقۇنچاق، پىكىر- تەپەككۇر قابىلىيىتى توۋەن، نانقېپى، زەئىپ، تەرسا، چېچىلاڭغۇ، ئىش خۇشياقماس، ئاجىز، ئەخمەق، لاپخور، شاللاق، تەرى سورۇن، بىپەرۋا، توڭ، بەتقىلىق، ئەقلى پالەچ بولۇپ كېتىشكەنىدى!" - (يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئېلىنىڭ "ئاپاق خوجا" ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.)

     بۇ رومانى ئاڭلاپ تۈگەتكەندىن كېيىن يۈرگۈم نادامەتتىن قاتتىق سوقتى... ئەلمىساق مىلادىيە 1660- يىللىرىدىن تاكى 1750- يىلىغىچە يەنى مانجۇ -چىن ئىستېلاسى باشلانغان دەۋرىگىچە بولغان مۇدھىش يىللاردىكى ئىسلام تونىغا ئورانغان چوڭ-كىچىك غوجىلار، سۈفى ئىشان، دىنىي مەزھەپچىلەرنىڭ سۈلۇك تۇتۇپ (دىنىي گۇرۇھ)، ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىپ ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر دۆلىتى- سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنى ئوز قولى بىلەن ھالاك قىلغانلىقىغا، دىنىي مەزھەپ سەۋەبتىن قانلىرى دەريا - دەريا بولۇپ ئاققان نادانلىق، خۇراپاتلىق ئىچىدە سۈفى تەركى دۇنيالىقتا ياشاپ ئوتكەن مەزلۇم خەلقىمگە شۇ قەدەر ئېچىندىم. شۇ مەلئۇن ئىسلام دىنى تونىدىكى غوجا- ئىشانلارنىڭ نائەھلىلىكى سەۋەبلىك بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ ياتلار قولىدا خارۇ-زابۇت بولۇشىغا تۈپ سەۋەبچى بولغان قەشقەرلىك ۋەيلۇن دوزىقى، ئۆز ئېلىگە ياتلارنى باشلاپ كەلگەن مۇناپىق ئاپئاق غوجىغا نەچچە مىڭ مەرتەم نەپرەت ئوتىنى چاچتىم... ئەي تەڭرىم، ئەسىرلەردىن بۇيان روھىيىتى سۇندۇرۇلغان، تالاي-تالايلاپ ئىچكى ۋە تاشقى مىللەت دۈشمەنلىرىنىڭ نامەرد خۇمسىلىقىدىن كەلتۈرگەن بالاسى ئاپەتلەر، قىرغىن قىلىشلاردىن گەۋدىسىنى رۇسلاپ تۇرۇشقىمۇ مۇۋەققەت بولالماي كەلگەن بۇ بۇ قەۋىمگە بىر نۆۋەت بولسىمۇ ھاياتلىق نۇسرىتى، كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلغايسەن!

   مەن بۇرۇن ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سەلتەنىتى - مۇستەقىل دۆلىتىنى ئىسلام تونىغا ئورنىۋالغان بەديۇز كۇفاردىن بەتتەر، ئۆزلىرىنى مۇبارەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ پەيغەمبەرلىك ۋە سۇلتانلىق تەلەپ قىلغان سوپى-ئىشان غوجىلارنىڭ ۋە كېيىن دوزىقى ۋەيلۇن قەشقەرلىك مۇناپىق، قارا يۈز كافىر مەلئۇن ئاپئاق غوجىنىڭ ئويرات موڭغۇل ئاق سۆڭىكى غالداننى باشلاپ كېلىپ ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقىنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئاق تاغلىق (ئاق تەلپەك) ئىشقىيە ۋە قارا تاغلىق ئىسھاقىيە (قارا تەلپەك) سۈفى مەزىپى بولۇپ 100 يىل ئوز ئارا قىرغىن قىلىشى تۈپەيلى مۇستەقىل سەئىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتىنى مانجۇ- چىن ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ ئىشغالىغا ئىككى قوللاپ تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى تارىخىي كىتابلاردىن قىسقىچە ئوقۇغان بولساممۇ مۇنداق تارىخىي رومان شەكلىدە ئوقۇپ باقمىغان، شۇ تارىخىي شەخسلەرنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولالمىغان ئىدىم.
  مەن بۇ تارىخىي رومان 'جاللات خېنىم' نى تولۇق ئاڭلاپ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىن ناھايىتى مۇھىم بىر دەرس ئالغاندەك بولدۇم.   ياش يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ نەچچە يىللىق ئەجىرى بىلەن روياپقا چىقىپ خۇددى مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ "ئىز" رومانىدەك ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سەلتەنىتى، مۇستەقىل دۆلىتى ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقىنى ئىسلام تونىغا ئورىنىۋالغان مەلئۇن ئاپئاق غوجىغا باشلىق جاھىل، نادان سۇپى-تەركى ئىشانلارنىڭ قانداق پاجىئەلىك ھالدا ھالاك قىلغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن قانلىق-قانلىق تراگېدىيىلەر تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا ئەدەبىي پېرسوناژلارغا مۇجەسسەملەشتۈرۈلۈپ، گۈزەل ۋە چۈشىنىشلىك جانلىق ئەدەبىي تىل بىلەن يارىتىلغان ھەم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى يورۇتۇپ بېرىشتا يېڭى بىر سەھىپە يارىتىلغان بۇ بۈيۈك ئەسەرنى كەڭ دوستلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن Google تورى بوشلۇقى ئارقىلىق تورغا قويۇپ قويدۇم.
    يەنە كېلىپ بۇ رومان سىزگە تارىخىي ۋەقەلىكلەرنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر دۆلەتچىلىكىنىڭ قانداق بولغانلىقى، ئۇيغۇر پادىشاھلىرى ۋە بەگلىرىنىڭ، ئاددىي پۇقرالار ھاياتىنىڭ مۇندىن مۇقەددەم 300 يىللار ئىلگىرى قانداق بولغانلىقى، ئوز ۋەتىنىنى قانداق باشقۇرغانلىغىدەك ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئۇقمىدىن سىزنى خەۋەرلەندۈرسە، نادان، قارا زۇلمەت دۇنياغا بەخشەندە جاھىل سوپى-ئىشانلارغا بولغان قاتتىق غەزەپ- نەپرىتىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ. سىزگە يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك، نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتلەرنى بىلدۈرۈپ، مەيۈس قەلبىڭىزگە يېڭى بىر ئومۇت، ئىشەنچ ۋە جەسۇرلۇقمۇ ئاتا قىلىدۇ.
   ئۆزىنىڭ ياشىغان ۋەتىنى، تىل، مەدەنىيەت ۋە سەلتەنىتى بولغان بىر قەۋىمنىڭ، مىللەتنىڭ ئەزاسى بولغان ئادەم زاتى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوز نەسىبىنى، ئاندىن ئوز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندا 500 يىللىق ھاياتىنىڭ تارىخىي تەپسىلاتنى تەپسىلىي بىلىشى پەرھىزدۇر! شۇ پەرز ئېھتىياجى بويىچە ئەگەر بۇ 'جاللات خېنىم' رومانىنى تېخى ئوقۇشقا مۇۋەققەت بولالمىغان ئۇيغۇر ئەۋلادى بولسا بۇ كىتابنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئوقۇشىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن.
  مەن ئوتكەن يىلى بۇ "جاللات خېنىم" رومانىنى ۋەتەندىكى بىر توربەتتىن تاپقاندىن كېيىن، تور سۇرئەتلىرىنىڭ ئاستىلىقىغا ۋە باشقا تېخنىكىلىق كاشىلىلارغا ئامال قىلىپ، بىر ھەپتە سەۋرچانلىق بىلەن ھەر كۈنى خۇددى "تامچە يامغۇر سۈيىنى چېلەككە قاچىلىغاندەك" سەۋرچانلىق بىلەن ھەپىلىشىشىم نەتىجىسىدە ساقلىۋالغان ئىدىم.
   ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچقان بۇ "جاللات خېنىم" رومانى 2003- يىلى "شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى" تەرىپىدىن 2 كىتاب قىلىپ نەشر قىلىنغان. بۇ رومان كېيىن "شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى" نىڭ رومان ئاڭلىتىش پروگراممىسىدا ئاڭلىتىلغان ۋە بىلقۇت شىركىتى ئاۋازغا توردا تارقاتقان. روماننىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى جەمئىي 72 پارچە MP3 ئاۋاز ھۆجىتىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەجمى ناھايىتى چوڭ يەنى 1، 22 GB بولغاچقا ۋە ئادەتتىكى توربەتلەردە نەشر قىلغاندا نەشر قىلىشقا ناھايىتى كوپ ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ۋە ساقلىۋېلىش سۈرىتىنىڭمۇ ئاستا بولىدىغانلىقى، توردا كۆپ بوشلۇقنى ئىگەللەيدىغانلىغى قاتارلىق تېخنىكىلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ Google  بوشلۇقىغا قويۇپ قويدۇم.
مەن يەنە بۇ يازما توغرىسىدا شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئىزاھات بېرىشنى زۆرۈرىيەت تۇيدۇمكى بىرىنچىدىن - بۇ يازمىدا "قەشقەرلىك ئاپئاق غوجا…" دەپ يېزىلغانلىقىم پەقەت بۇ مەلئۇننىڭ مىلادى 1624- يىلى رامزاننىڭ 17- كۇنى قۇمۇلنىڭ كۇجۇم كەنتى، سۇبەشى مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ، 14 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى قەشقەر غوجىللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئىشقىيە مەزىھىپىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادى بولمىش مۇھاممەد يۇسۇف قۇمۇلدىن قوغلاندى قىلىنغاندىن باشلاپ قەشقەردە ياشاپ ۋە شۇ يەردە ئولگەنلىگىدىن ئىبارەت ئىبارەت بۇ مەلۇنىڭ ھاياتىنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمىنىڭ قەشقەردە ئوتكەنلىگى، ئۇرۇق-جەمەتىنىڭ قەشقەرلىك غوجا-سۇپى -ئىشانلاردىن بولغانلىغىدەك ياشىغان مۇھىتى ۋە جۇغراپىيىلىك ئورنىغا قارىتىلغانكى زىنھار يۇرتۋازلىق ئۇقۇمىدىن مۇستەسنادۇر. ئىككىنچىدىن - بۇ تارىخىي روماندىكى ۋەقەلىكىنى ۋەياكى مېنىڭ بۇ رومان توغرىسىدا يازغان ئۇشۇبۇ تەسىراتلىرىمنى قانداقتۇر ئىسلام دىنى ۋە ئەقىدىگە قارشى سۇيىئىستېمال مەنتىقىدە چۈشىنىپ قالماسلىقىڭلارنى توۋەنچىلىك بىلەن سەمىڭلارغا سالىمەن.
   نادانلىق ۋە ئۆز ئەلىگە مۇناپىقلىق قىلىشنىڭ پىرى ھىدەيتۇللا ئاپپاقغوجىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شانۇ-شاۋكەتلىك سەلتەنەت پايتەختى، قەدىمي تارىخ ۋە مەدەنىيەت بوشۇكى بولغان ئەزىزانە شەھەر قەشقەردە پۇتۇن ھاياتىنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمىنى سەرىپ ئەتىپ، بارلىق شۇملۇق، قانخورلۇق، نادانلىق، ناىنساپلىق ۋە ھىلە - مىكىرلەر ئىشقىلىپ قولىدىن كەلىدىغان بارلىق يامانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ شەھەردە پلانلاپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئوز ئەلىنى ياۋلارنىڭ ئاياق ئاستىدا، خارۇ ۋەيرانلىق زۇلۇم-ئىستەكلىرىگە تۇتۇپ بەرگەن بۇ ھايۋانى خۇلۇق بەدبەخ قەبرىسىنىڭ ئارىدىن 300 يىل ئوتكەندىن كەيىنكى بۈگۈنكى كۇندىمۇ نادان ئۇيغۇرلار جۈملىدىن قەشقەر خەلقى تەرىپىدىن "ئەۋلىيا، پىرىملەر بۇزۇرگاھى" دەپ قارىلىپ تاۋاپ قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىغى كىشىنى تولىمۇ ئازاپلايدۇ.
  كەڭ ئۇقۇرمەنلەرگە جاھالەتنىڭ، قانخورلۇقنىڭ، ھارامزەدىلىكنىڭ، خۇمسىلىقنىڭ، مۇناپىقلىقنىڭ، نادانلىقنىڭ ۋە ئىپلاسلىقنىڭ پىشۋاسى بولمىش قەشقەرلىك ھىدەيتۇللا ئاپاق غوجىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى يېزىپ قوياي:
مۇناپىقلار پىرى ھىدەيتۇللا ئاپاق غوجا مىلادى 1624- يىلى يەنى تۇڭۇز يىلى رامزاننىڭ 17- كۇنى قۇمۇلنىڭ كۇجۇم كەنتى، سۇبەشى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.
دوزىقى مەلئۇن ھىدەيتۇللا ئاپاق غوجا ئاتىسى يۇسۇف ئىشان قەشقەر غوجىللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئىشقىيە مەژىپىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادى ئىدى.

"قومۇل دىيارىدا ۋەھىدەتۇللاھ ۋۇجۇد داۋاسىنى قىلىپ چىققان مۇھاممەد يۇسۇف ئىشان ئەسلىدە قەشقەر غوجىللىرىنىڭ "مەخدۇم ئەزەم" دەپ ئاتالغان بوۋىسى مىلادىيە 1471- يىلى ھىراتتا توغلۇپ، مىلادى 1543- يىلى پەرغانىدىكى كاسان قەلئەسىدە ۋاپات بولغان غوجا ئەھمەد كاسانى دىگەن ئىشاننىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئۇ مەككە مۇكەررەمگە بەرىپ ئىككى ھەرەم تاۋابىنى ئادا قىلىپ، ھەج پەرھىزىنى تۇگەتكەندىن كەيىن، مىلادى 1620- يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۇنى قەشقەرگە كەلدى ۋە ئاتۇشتا ئولتۇراقلاشتى.ئىشقىيە مەژىپىدىكىلەرنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد پىرى دىگەن نام بىلەن مۇلكىي قەشقەرىيەدىكى سۇلۇك تەرغىباتىنى باشلىۋەتتى.
  مىلادىيە 1622- يىلى 6- ئايدا مۇلكىي قەشقەرىيەدە "ئاق تاغلىقلار" دەپ ئاتالغان ئىشقىيە مەژىپىدىكىلەر بىلەن "قارا تاغلىقلار" دەپ ئىشاقىيە مەژىپىدىكىلەر ئوتتۇرسىدا قۇراللىق توقۇنۇش يۇزبەرىپ، قانلىق ۋەقە بولدى. سائىدىيە خانلىقىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد سۇلتانى ئابدۇلەتىپخان مۇھەممەد يۇسۇپ ئىشاننى (ئاپپاقغوجىنىڭ ئاتىسى) "سائىدىيە دولىتىنىڭ ئامانلىقىغا خەۋىپ يەتكۇزدى" دىگەن گۇناھ بىلەن مەمىلىكەتنىڭ ئەڭ چەتىدىكى ئولكىللىرىدىن بىرى بولغان قۇمۇل دىيارىغا سۇرگۇن قىلدى.
مىلادى 1622- يىلى كۇزدە مۇھاممەد يۇسۇف ئىشان قەشقەردىن بەش مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى قومۇل دىيارىغا كەلىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى ۋە بۇ يەردە تەسۋۇپچىلىق مەسلىكىنى تەرغىپ قىلىۋاتقان مىرسائىد جەلىل قەشقەرى دىگەننىڭ قىزى زۇلەيخان خەنىمنى ئوز ئەمرىگە ئالدى….
مىلادى 1638- يىلىغا كەلگەندە سائىدىيە دولىتىنىڭ تەختى ئاخىر سۇلتان ئابدۇللا خاننىڭ قۇلىدا قارارلاشتى. داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي ۋەزىيەت مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئاران مۇقۇملاشتى. قومۇل تارخان بەگى مۇھاممەد شاھ غازى بەگ مۇھاممەد يۇسۇف ئىشاننى قومۇل دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىش ھەققىدە پەرمان چۇشۇرگەندىن كەيىن مۇھاممەد يۇسۇف ئىشان ئەمدىلەتتىن ئون توت ياشقا كىرگەن ئوغلى - غوجازادە ھىدەيتۇللاھنى ئەلىپ، ئالتە قەچىرلىق يۇك-تاق بىلەن ئالتە سۇپىسىنىڭ ھەمرالىقىدا، شۇ يىلى كۇزدە قەشقەر مۇزاپىتىگە قاراپ يولغا چىقتى…" (يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ "ئاپاق غوجا" نانملىق كىتابىدىن ئېلىندى.)
  توغرا، بۇ مەلئۇن ئاپاق غوجىنىڭ بوۋىلىرنىڭ پەرغانىدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بار ئەمما ئۇ زامانلار قەشقەر ۋە پەرغانىلەرنىڭ  ھېچ بىر پەرقى يوق زامانلاردۇر. ئادەتتە بىر تىل ۋە مەدەنىيەتتىكى خەلقلەر ئۈچۈن بىر ئادەم قايەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولسا شۇ يۇرتلۇق بولىدۇ. بۇ ئاددىي ئۇقۇم. مەن بۇ يازمامدا ئاپئاق غوجىنىڭ ئىسلامى سۇپى-ئىشانلىق بالاسىنى سەۋەب قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى ئەقىدىسىگە تەنقىدىي پوزىتسىيىدە ئەمەسمەن، ئەلۋەتتە!
  شۇنداقتىمۇ بىر نۇقتا سىزگە، ماڭا ۋە پۈتۈن ئادىمىيلىككە ئايان، ئەلۋەتتە ئۆزىمىزگە سوئال قويۇپ باقساق، توغرا بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش مەقسىتىدە پىكىر قىلىپ ئورتاقلاشساق، ئاللاھ تائاللانىڭ بىز بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ پىكىر يۈرگۈزسەك، ياخشىلىقلارنى ئىزدىسەك مېنىڭچە خاتا بولماس دەيمەن....
   بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلار نېمىشقا دىن سەۋەبىدىن توختاۋسىز بىر -بىرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ؟ ئەلمىساقتىن بۇيان شۇنداق داۋام قىلىۋاتىدۇ...دىنىي پەرق سەۋەبىدىن ئادەملەر نېمىشقا بىر بىرلىرىنى ئولتۇرىدۇ؟ ھەتتاكى بۈگۈنمۇ شۇنداق داۋاملاشماقتا، دىن ماجىراسى ئىنسانلارنى ئوت قىلىپ كۆيدۈرمەكتە...ئىسلام دىنى بولسۇن، خرىستىئان دىنى بولسۇن، يەھۇدىي دىنى بولسۇن، بۇددىستلار بولسۇن ھەممىسى مىسلىسىز كرىزىس ئىچىدە بىر بىرلىرىگە خىرىس بىلەن قارايدىغان ۋەزىيەتتە… سىزچە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بەزىدە شۇنداق سوئاللارنى ئۆزۈمدىن ئۆزۈم سورايمەن ۋە چېگى -چېكى يوق مۇرەككەپ خىياللارغا پاتىمەن….
   بۇ يەرىك نادىر ئەسەرنى ئوز خەلقىگە جاپالىق ئىزدىنىش ۋە ئەجىرى بىلەن ئوتكۇر قەلىمى ئارقىلىق تەقدىم قىلغان ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ كەلگۇسى ئىجادىيىتىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئاز قەلەم تەۋرىتىلگەن تارىخىي تەمىلاردا تەخىمۇ ياخشى ئىجادىيەتلەرنى بىزگە تەقدىم قىلىشىغا تىلەكداشمەن. ھەم "جاللات خەنىم" ناملىق بۇ تارىخىي روماننىڭ ئاۋازلىق نۇسخۇسىنى ئىشلىگەن ۋە جاھان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھوزۇرىغا تەقدىم قىلغان بىلقۇت شىركىتىگە ئالاھىدە مىننەدارلىقىمنى بىلدۇرمەن.
  ئاخىرىدا يەنە بىر تەكلىپىم، سائىدىيە ئۇيغۇر دولىتى ۋە "جاللات خەنىم"رومانىدىكى تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى تەخىمۇ كەڭ ئادىرىدە چۇشۇش مەقسىتىگە يەتىشىنى ئارزۇ قىلغان ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئىستېداتلىق يازغۇچىمىز ئابدۇۋەلى ئېلى ئەپەندى يازغان "ئاپئاق غوجا" ناملىق ئىككى پارچە تارىخىي رومانىنىمۇ ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاخىرىدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنى بارلىق ئۇيغۇر ئەھلىنىڭ ئاڭلىشىغا دەۋەت قىلىشىنى، ئىمكانىيىتى بارلارنىڭ بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ، ئەڭگۈشتەر مۈلكى سۇپتىدە كۇتۇپخانىلاردا ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
  قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى سەرپ ئەتىپ بۇ كىتاب توغرىسىدا يازغان تەسىراتىمغا ۋە ئوي-پىكىرلىرىمگە شېرىك بولغىنىڭلار ئۈچۈن چۇڭقۇر مەمنۇنىيىتىنى بولدۇرىمەن. جانابى ئىگەم ئاللاھ بىزنى ھەر جايدا بولساق ئامان قىلسۇن. ھەر بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا توغرا ھىدايەت يولى ھەدىيە قىلسۇن!
   

         ئەسكەرتىش: روماننىڭ بىر MP3 ھۆججىتى كەم قالغاندەك تۇرىدۇ. يەنى يولۋاس خاننىڭ ئاتىسى سەئىدىيە سۇلتانى ئابدۇللا خاندىن تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئاقسۇنىڭ ئەمىرى ئىسمائىل خاننىڭ پادىشاھلىقنى يولۋاسخاندىن قانداق تارتىۋالغانلىق جەريانىدىكى ۋەقەلىك ئاتلاپ كېتىلگەندەك قىلىدۇ. بۇ ۋەقەلىكىنى ئاۋازلىق نۇسخىدىن ئاڭلىيالماي كىتابتىن ئوقۇدۇم.



ئەمدى بۇ روماننى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بىۋاسىتە ئاڭلىيالايسىلەر ۋە كومپيۇتېرىڭلارغا چۈشۈرۈۋالساڭلار بولىدۇ.

  

              2013- يىلى 9- نويابىر، لوندون




https://drive.google.com/folderv ... jQ&usp=sharing#list


2

تېما

0

دوست

3047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6863
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 478
تۆھپە : 621
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 12:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە بۇ روماننىڭ ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسى ئاڭلاتقىنى بار. بلىقۇتنىڭمۇ بار بىراق ئالدىنسىقى ياخشى ھەم سىغىمۇ كىچىك.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

1070

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22135
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 12:30:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوپى ئىشانلارنىڭ تۇتقان بەزى  يوللىرى ئادەتتىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ تۇتقان يۇلىغا ئوخشاشمايدىكەن ،سوپىلار ئادەتتە نەشە چىكىپ كەيپ قىلىدىكەن

0

تېما

3

دوست

1363

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18241
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 12:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تما ئىگىسىگە رەھمەت ،
.( ئەي تەڭرىم، ئەسىرلەردىن بۇيان روھىيىتى سۇندۇرۇلغان، تالاي-تالايلاپ ئىچكى ۋە تاشقى مىللەت دۈشمەنلىرىنىڭ نامەرد خۇمسىلىقىدىن كەلتۈرگەن بالاسى ئاپەتلەر، قىرغىن قىلىشلاردىن گەۋدىسىنى رۇسلاپ تۇرۇشقىمۇ مۇۋەققەت بولالماي كەلگەن بۇ بۇ قەۋىمگە بىر نۆۋەت بولسىمۇ ھاياتلىق نۇسرىتى، كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلغايسەن!)

تەڭرىم دەپ ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

6112

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1192
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 13:54:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپلەردىكى تارىخ  دەرىسلىرى دۇنيا ۋە جوڭگو تارىخى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان بولسا ، يەنى ئۆز تارىخىمىز ھەققىدىمۇ تەپسىلى دەرىسلىك ماتىرياللار بولغان بولسا ، مەن  ‹‹ ئۇيغۇر ›› دەۋاتقان بارلىق خەلىق كىچىكىدىن ئۆز تارىخىنى ئوقۇپ ، كېيىن باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ئۈگەنگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .
ئەپسۇس ، بىزدە تارىخ فاكولتىتلىرىدا تۆت - بەش يىل ئوقۇغان تارىخچى ئوقۇغۇچى ، ماگىستىر ، پىروففىسور ، دوكتۇرلار كۆپ ، ئەمما ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۆز تارىخىنى دەرىس قىلىپ ئۆتەلەيدىغان تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرى يوق .
      بۇ پەقەت شەخسى پىكرىم ، ھەرقانداق بىرىنىڭ كىچىككىنە پىكىرنى سىياسەتلەرگە تاقاپ ، تۇخۇمدىن تۈك چىقىرىشىنى خالىمايمەن.

19

تېما

2

دوست

4570

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1262
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 14:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sayyara89 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-11 12:42
تما ئىگىسىگە رەھمەت ،
.( ئەي تەڭرىم، ئەسىرلەردىن بۇيان  ...

ئۇنداق دىسە نىم بولا؟؟؟سىز ئانا تىلنى قەدىرلىمەمسىز؟؟

0

تېما

1

دوست

3071

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18016
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 20:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sayyara89 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-11 12:42
تما ئىگىسىگە رەھمەت ،
.( ئەي تەڭرىم، ئەسىرلەردىن بۇيان  ...

ھەممىسى ئاللاھنىڭ سۈپىتىغۇ دەيمەن مەنچە خۇدا ، ئاللاھ ، تەڭرىم مەيلى قايسىسىلا بولسۇن دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئىگىسى ئەڭ قۇدرەتلىك جانابى ئاللاھنىڭ سۈپىتى دەپ ئويلايمەن

1

تېما

2

دوست

2455

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14467
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 754
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 22:05:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپاق خوجىنى دوزاخقا كىرىدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشەنگەن ھالدا تىللاشنىڭ پايدا ۋە زىيىنى  --  1. ئەگەر بۇ  مەرھۇم كىشىنى تىللىمىساق ئېھتىمال قىيامەت كۈنى ‹ نېمىشقا تىللىمىدىڭ ؟› دەپ سورالمايدىغۇ دەيمەن .
2. ئەگەر بۇ كىشىنى مەلۇم مىقداردىكى  توقۇلمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ئەسەرگە قاراپلا تىللىساق ئەگەر تارىخنىڭ بىزگە تەمىنلىگەن  ئۇچۇرلىرى كەمچىل بولغان بولسا ياكى تولۇق بولۇپ ھەقىقەتەنمۇ ئەسكى يەرلىرى كۆپ بولسا مەرھۇمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش دۇرۇسمۇ ياكى ساۋاپمۇ؟  
‹ تارىخى ھەمدى › نىڭ ئاپتورى موللا مۇسا سايرامى بۇ ئادەمگە ئىنتايىن سىلىقلىق بىلەن باھا بېرىپتىكەنتۇق .  ئېسىمدە قالغان يەرلىرى  : ‹ بۇ خوجاملار تۆت كۈنلۈك جاھاننىڭ مەئىشىتىنى دەپ ياتلارنى باشلاپ كەلدىلەر .....  ئەي مۇئەللەپ (بۇ خوجىغاقىلغان ) دارىتما سۆزلىرىڭنى توختات ....›
بىر ئادەم ئېشەكلىك سەپەر قىلىپتۇ . بىر دالىغا كەلگەندە بىر نەچچە بۆرە قوغلاپ ھۇجۇم قىلىپتۇ . ئۇ ئادەم يېنىكرەك بولۇپ قېچىش ئۈچۈن يېنىدىكى قىممەتلىك يۈك تاقلىرنى تاشلاپ ئاران قېچىپ قۇتۇلۇپ خالىي يەرگە بارغاندا ئېشىكىنى بالداق بىلەن تازا ئۇرۇپ تىللاپ كېتىپتۇ :  - ھۇ يارامسىز دۆت ئېشەك ! قۇشلارنىڭكىدەك قانىتىڭ بولسا بولماسمىىدى !؟ ئۇ چاغدا ئۇچۇپلا كېتەتتۇق -دە ، يۈك تاقىلىرىمدىنمۇ ئايرىلمايتتىم ! ...  دەپتۇ  بۆرىنىڭ  گۇناھىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئىتى ۋە ئەقلى كەلمىگەن ھالدا .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )