چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئاخىرقى ئۇرۇش
1949 - يىلى كۈزدە خۇزۇڭنەن بىلەن سۇڭ شىليەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، گومىنداڭ ھۆكۆمىتىنىڭ 20 نەچچە يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلى ۋە ج ك پ بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى خۇلاسىلەپ چىققان .
سۆھبەت تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان . بىرنچىسى ، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قىسقا مەزگىل ئىچىدە پارتىلامدۇ ؟ ئىككىيلەن بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كىچىك ، دەپ قارىغان ؛ ئىككىنچىسى، ج ك پ نىڭ بۆلۈنۈش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ ؟ خۇزۇڭنەن بۇ خىل مۇمكىنچىلىك بار ، دەپ قارىغان . ئۇ ج ك پ ئىتتىپاق ئەمەس ، ج ك پ نىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەت كەسكىن ، بەزىلەرنىڭ شەنشىدىن قېچىپ چىقىشىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ج ك پ نىڭ پارتىزانلىق تايانچ بازىلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان ، بۇ كۈچلەرنىڭ كېيىن ئۆز - ئارا سۈركىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ، دەپ قارىغان ؛ ئۈچىنچىسى ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ، غەربىي جەنۇب رايۇنى بىلەن تەيۋەننى ساقلاپ قېلىشقا بولامدۇ ؟ ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، ج ك پ رەھبەرلىكىدىكى ئارمىيە 4 مىليوندىن ، يەرلىك قۇراللىق كۈچلەر 1 مىليوندىن ئاشىدىكەن ، ئەمما گومىنداڭنىڭ 1 مىليونلا ئەسكىرى قالغان . شۇ سەۋەبلىك بۇ زېمىنلارنى ساقلاپ قېلىش تەسكە توختايدىكەن ؛ تۆتىنچىسى ، گومىنداڭ غەربىي جەنۇب رايۇندا ج ك پ بىلەن ئۇرۇش قىلالامدۇ ؟ قىلالمىسا قانداق قىلىش كېرەك ؟
ئۇلار بىر قانچە كۈندىن كېيىن بۇ پىلاننى ئېلىپ ، چۇڭچىڭدا جياڭ جيېشى بىلەن كۆرۈشكەن . لېكىن جياڭ جيېشى ئۇلارنى ئەيىبلىگەن . جياڭ جيېشىنىڭ قارىشىچە ، غەربىي جەنۇب رايۇننى ساقلاپ قالالغاندىلا كەلگۈسىدە تەيۋەن قاتارلىق ئاراللار بىلەن ماسلىشىپ ج ك پ گە قايتارما ھۈجۈم قىلغىلى بولىدىكەن . ئەگەر گومىنداڭ غەربىي جەنۇبتىن ۋاز كەچسە ، خەلقارالىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن .
غەربىي جەنۇب ئۇرۇشى گومىنداڭ بىلەن ج ك پ نىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئاخىرقى قېتىملىق ئۇرۇشى بولۇپ قالغان . ماۋزېدۇڭ غەربىي جەنۇب مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا قاتتىق ئويلانغان . ئۇنىڭ قارىشىچە ، جياڭ جيېشى ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ ھۈجۈم قىلىش يۆنىلىشى شەنشىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىدۇ ، شۇڭا مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن چىنلىڭشەن تېغى رايۇنىدا ھەرىكەت قىلىپ ، خۇزۇڭنەن بىلەن جياڭ جيېشىنى جىددىلەشتۈرىۋېتىش ئىدى .
ماۋزېدۇڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق نىشانى سىچۇەن - گۈيجۇ چىگراسى ئارقىلىق سىچۋەننىڭ جەنۇبىغا كىرىش ، دۈشمەننىڭ يۈننەن ۋە شىكاڭدىن قېچىش يولىنى توسۇش ، ئاندىن 2 - دالا ئارمىيەسىنى شەرق ، شىمال ،جەنۇب تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىپ ، سىچۇەن چېگرىسىدىلا يوقىتىش ئىدى .
جياڭ جيېشى ئازادلىق ئارمىيە شەنشىنىڭ جەنۇبىدىن سىچۇەنگە كىرىدۇ ، دەپ قارىغان ، شۇڭا ئۇ غەربىي جەنۇبتا ئۇرۇش قىلىشتا چىڭ تۇرغان ھەمدە سىچۇەننىڭ شەرقىگە سۇڭ شىليەننىڭ قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرغان .
ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئاساسلىق كۈچى سىچۇەنگە كىرگەندىن كېيىن جياڭ جيېشى ماۋزېدۇڭنىڭ مەقسىتىنىڭ چۈڭچىڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، خۇزۇڭنەن قىسمىنى چىنلىڭشەن ، باداشەن تاغلىرى ئارقىلىق سىچۇەنگە كىرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن .
29 - نۇيابىر چۇڭچىڭ ئۈچ تەرەپتىن قورشاۋغا ئېلىنغان ، 30 - نۇيابىر جياڭ جيېشى چۇڭچىڭدىن چېڭداۋغا قاچقان . 2 - دالا ئارمىيەسىنىڭ 11 - قىسمى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، چۇڭچىڭغا كىرگەن . شۇنىڭ بىلەن چۇڭچىڭ ئازاد قىلىنغان .
1949 - يىلى 10 دېكابىر جياڭ جيېشى تەيۋەنگە قاچقان ھەمدە ئۆلگۈچە چوڭ قۇرۇقلۇققا ئاياغ باسمىغان . ئۇزاق ئۆتمەي سۇڭ شىليەن ۋە ئۇنىڭ قىسمى ئەسىرگە ئېلىنغان .
1949 - يىلى 27 - دېكابىر چېڭدۇ ئازاد قېلىنغان . شۇ چاغدا گومىنداڭنىڭ سىچۇەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شىچاڭ رايۇنىدا 35 مىڭلا ئەسكىرى قالغان . جياڭ جيېشى خۇزۇڭنەنگە : " شىچاڭ رايۇنىنى ئۈچ ئاي ساقلاڭ ، خەلقارادىكى ئۆزگىرىشنى كۈتەيلى" دەپ تېلېگرامما يوللىغان ، ئەمما خۇزۇڭنەن 27 - دېكابىر تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەن . ئارقىدىن شىچاڭ رايۇنىدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تار - مار قىلىنغان . كېيىن غەربىي جەنۇبدىكى سىچۇەن ، يۈننەن ، گۈيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر ئازاد قىلىنغان . گومىنداڭنىڭ 900 مىڭغا يېقىن ئەسكىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلغان .
" شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى" دىن ئېلىندى |