- تىزىملاتقان
- 2013-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 166
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
55.33%
|
مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ۋىجدانىڭلارغا خىلاپ ئىش قىلماڭلار، ئەمەلدارلار، رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندە خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىنى، بولۇۋاتقان تەڭسىزلىكلەرنى ئەينەن يەتكۈزۈڭلار، مانا شۇنداق دادىللىق بىلەن مېڭىپ خىزمىتىڭلارنى بىر سائەت قىلالىساڭلارمۇ شۇنى ئۆزى يېتەرلىك. ئۇلار بەلكى بىلىشى مۇمكىن، لېكىن سىلەر يەتكۈزۈپ قويۇش ئارقىلىق ۋىجدانىي، ئىمانىي مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر، ھەمدە ھەقىقىي ۋىجدانلىق ئادەملەر ئەمەلدارلار ئالدىدا ھەقنى سۆزلىگەن قەيسەر كىشىلەرنى يامان كۆرۈپ قالمايدۇ، سىلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىڭلارغا لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرالمىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە كۆڭلىدە قايىل بولىدۇ... ناھايىتى ئېنىقكى كۈندە ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىنى يالاپ كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ، كۈندە ئوخشاشلا خۇشامەت، ئوخشاشلا ساختا تەبەسسۇم، ئوخشاشلا يالغان ئالقىشلار... بۇنى ئۇلارمۇ ھېس قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. لېكىن سىلەر ھەقنى ھەق، ئاقنى ئاق، قارىنى قارا ھالدا يەتكۈزسەڭلەر سىلەرگە ھۆرمىتى قوزغىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
مەنمۇ 2010-يىلى مىجىت ناسىر ۋە يۈسۈپ ئەيسالار بىلەن بىر سورۇندا كۆرۈشۈپ قالدۇق، كۆپ پاراڭلاشتۇق، مىجىت ناسىر ئاكىمىزمۇ پاراڭ جەريانىدا ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك ئاجىز، بىقوۋۇللۇقىنى ئىپادىلىدى. مەنمۇ توغرا چۈشەندىم. ئەمەلىيەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق نەرسىلەرنى كۈتۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، لېكىن ھەر ھالدا نامدا بولسىمۇ رەھبەر بولغاچقا ھاياتىدا بىرەر قېتىم قۇلىقى ھەقنى ئاڭلاپ، راست سۆزدىن بىرەر جۈملە بولسىمۇ ئاڭلاپ كۆز يۇمۇپ قالسۇن، ئۇلارمۇ ۋىجدان ئازابىدىن يەڭگىللەر سىلەرمۇ شۇنداق. |
|