- تىزىملاتقان
- 2012-7-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3653
- نادىر
- 0
- يازما
- 162
ئۆسۈش
55.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazakat14 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-16 13:00
alsuyer يوللىغان ۋاقتى 2013-11-13 16:18
ئات-ئاناڭلىرىڭلارنى يوقلىساڭلار، ئاددى پۇقرالارنى يو ...
سىزنىڭ رەھبەرلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭىزنى مۇنبەرداشلارغا سۇنغىنىڭىز ياخشى ئىش، شەخسەن مەنمۇ خۇش بولدۇم، رەھبەرلەرنىڭ گەرچە ھەممە نىمىسى تولۇق بولسىمۇ ئۇلارنىمۇ ھېيت-بايراملاردا يوقلاش كىرەك، ئۇلار ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تېنىچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قىنىنى سەرىپ قىلغان پىشقەدەملەر، بىر ئاتا ئۆز ئائىلىسىدىكى بالىلىرى ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەيدۇ، ئەلۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى شۇنچە ئادەمنى باشقۇرغان رەھبەرلەرنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنى ھىس قىلماق تەس.
مەن باغداشقا ئەزا بولغاندىن تارتىپ ھىس قىلغىنىم، تورداشلار ئاساسەن بىلىملىك كىشىلەر بولغاچقا بەزىدە ، بەزىلىرىنىڭ سەزگۈرلىكى زىيادە ئېشىپ كىتەمدىكىن، ئىشقىلىپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىدۇ. ھەممە ئادەمنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمىگە قۇيۇۋالساق.............ھەر كاللىدا ھەر خىيال .
باغدش تاقىلىپ قالغاندا باشقا مەھەللىلەرگە بېرىپ باغداشنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقىدىن ئاھ ئۇرۇپ يۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس، مانا ئېچىلىپ قالسا بىر-بىرىنىڭ دىلىنى رەنجىتىشىپ، ئاچچاق چىقىرىشنىڭ سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ...............، نۇرغۇن بىلىم ئىگەللەيدىغان بۇ سورۇندا چوقۇم ئىنكاس يېزىش زۆرۆر بولمىغاندىكىن تورداشلار، بەزى تېمىلارنى ئۇقۇساقمۇ ...... بىر-بىرىمىزنىڭ دىلىنى رەنجىتمەي ئۆتۈشسەك ياخشى دەيمەندە.
" ئوڭ قول بەرگەننى سول قول بىلمىسۇن" دەيمىز دائىم، تېما ئىگسىمۇ ئاجىزلارنىمۇ يوقلاپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، پىنھان قىلاي دىگەندۇ دەپ ئويلۇدۇم.
سىزگە دەيدىغىنىم: سۈكۈت قىلىشمۇ بىر خىل پەزىلەت، سىزنىڭ ھەممە قەۋەتلەرنى ئارلاپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىر ساۋاقدىشىڭىز توغرا دەيدۇ، پايدىلانغۇدەك بولسا پايدىللىڭ، بولمىسا.......، چۈنكى بۇ تور، بولمىسا بىكادىن ئاچچاق يۇتۇۋالىسىز. |
|