قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4083|ئىنكاس: 49

خېنەندىكى ئۇيغۇرلار-ئەدەبىي ئاخبارات (ئەركىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

139

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   44.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1188
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6470
تۆھپە : 4209
توردىكى ۋاقتى: 1200
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida



خېنەندىكى ئۇيغۇرلار


مۇجىبۇل راخمان ئەركىم

P1310447.jpg

لوياڭ سەپىرى


      خېنەن ئۆلكىسى چىگرارايونىغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قومۇلغا ياردەم بېرىۋاتقىلى بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىل 2013-يىلى3-ئاينىڭ10-كۈنى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمورىي مەھكىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ۋىلايەتتىكى بىرقانچە ئىدارە-ئورگانلاردىن جەمئىي 13 نەپەر مىللىي كادىر خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھەرلىك پارتىيە مەكتەپتە 1 ئايلىق ئوقۇشقا ئاتلاندۇق. پويىزنىڭ بىر قانچە ۋاگونى قومۇلنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدىن چىققان ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن تولغان بولۇپ،خېنەن سەپىرى ناھايتى كۆڭۈللۈك باشلاندى. ئاجايىپ ئىش ھەر قېتىملىق پويىز سەپىرىدەشەرىققە قاراپ يول ئالسام، ئۆزەمنى غەرىبكە كېتىۋاتقاندەكلا سېزەتتىم. چۈنكى يول بويى ئۇچىراۋاتقان سوقما تاملىق ھويلا-ئارام،باغ-ۋاران، ئېتىز-قىر، تاغ- دالىلار قومۇلدىكىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيتتى. يول بويىدىكى تونۇش تۇراۋە قەدىمى شەھەر خارابىلىرى نىشان تۇيغۇمنى ئازدۇرۇپ قوياتتى. مەندە گويا شىنجاڭغائىچكىرلەپ كىرىپ كېتىۋاتقاندەكلا خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى. دېمىسىمۇ ھازىريورۇقلۇققا چىقىۋاتقان بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا ئاتا -بوۋىلىرىمىز مۇشۇزىمىنلاردىمۇ ياشىغانلىقى ۋە قىسمەن بۆلەكلىرىمىزنىڭ ئۇشبۇ يۇرتلارغا سىڭىشىپ كەتكەنلىكى قەيىت قىلىنماقتا. ئاجايىپ يېرى قومۇللۇقلار تارىختىن بۇيان قاچ-قاچ بولسا گەنسۇ تەرەپلەرگە قاچىدىغان ئەھۋاللار بولغان. بەلكىم بۇنىڭ سەۋەبى ئاشۇيۇرتلاردا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى پاناھ تارتىش بولسا كېرەك(قامچى ئۇيغۇرخاندانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى).
      مەن ئەنە شۇنداق تەگسىز خىياللار ۋە سەپەرداشلار بىلەن بولغان قىزغىن پاراڭلارغا كۈيمىنىپ 30 سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە يەنى 11-چىسلا تۈن نىسپىدە، يامغۇر يېغىپ تۇمانلىشىپ كەتكەن بۇ ناتونۇش تۇپراققا قەدەم تاشلىدىم. بېكەتتە لوياڭ شەھەرلىك پارتىيە مەكتەپنىڭ بىر قانچە رەھبىرى ۋە بىزنىڭ مەسئول مۇئەللىمىمىز ساقلاپ تۇرغانكەن. بىز شۇ كۈنىلا ئازادە ياتاقلارغائورۇنلىشىپ، ئەتىسىدىن باشلاپ ئوقۇشنى باشلاپ كەتتۇق. سىنىپىمىزدا بىزدىن باشقاقومۇل ۋە لوياڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن كەلگەن 30دىن ئارتۇق خەنزۇ ساۋاقدىشىمىزبار ئىدى. مەكتەپ تېخى بىز ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھدە يەرلىك خۇيزۇ ئاخۇن تەكلىپ قىلىپ، مىللىيچە ئاشخانە تەييارلاپتۇ. مەكتەپ ئىنتايىن زىچ ۋەئەھمىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان كۈن تەرتىپلەر بويىچە ئۆگىنىش، تەتقىقات ۋەتەكشۈرەشلەر ئۆز پېتى يۈرۈشۈپ ماڭدى. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا 13 سۇلالىنىڭ پايتەختى بولغان قەدىمى ئاستانە لوياڭدىكى دۇنياغا داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىغا ھەمدە تەرەققىيات رايونلىرىغا تەشكىللەپ زىيارەت قىلدۇردى. مەن بىرتىل-يېزىق، قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى خادىمى بولغاچقا، بۇ قەدىمى ئاستانىدىكى قەدىمى ئورۇنلارغا كۆپرەك قىزىقتىم. بولۇپمۇ «ئەژدەرھا بۇت غارى»«ئاق ئات بۇتخانىسى»«شىياۋلىن بۇتخانىسى»« گۈەنيۈ مەقبەرىسى»«لوياڭ موزىيخانىسى»...قاتارلىق ئورۇنلارغا بارغاندا تولىمۇ ھاياجانلاندىم. ئاشۇ تارىخى ئىزنالارنى زىيارەت قىلىۋاتقىنىمدا كۆڭۈل ئېكرانىمدا، تاڭ سۇلالىسى خانىنىڭ ياردەمگە قىشقىرتىشى بىلەن،تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلىتىشكە سەۋەبكار « ئۆڭلۈك-سۆيگۈن يېغىسى»نى باستۇرغىلى كەلگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلىرى ئايان بولسا،تۇرۇپلا تاڭ سۇلالىسى خانى،ئاقسۆڭەك، بەگ ھەم پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىنىپ،ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، ئۇيغۇرچە ئات مىنىش ۋە ئۇيغۇرچە جەڭ ماھارىتى ئىگىلەشكە ھەۋەس قىلىپ، ئۇيغۇر سودىگەرلىرى، چالغۇ-ئەسۋاپلىرى تولغان كوچىلارنىڭ قاينام-تاشقىن قىياپىتى، شۇ دەۋىرلەردە يېزىلغان شئېرلارغا قوشۇلۇپ قەلبىمدە ئەكىس ئېتەتتى.نىمىشقىكىن شۇ خىياللارغا ئەسرا بولغىنىمدا بۇ زىمىنغا بولغان ناتونۇشلۇق ئاللاقاياقلارغاغايىپ بولاتتى. بولۇپمۇ موزېيخانىدا كۆرگەن «تاڭسەنسەي»ھەيكەللىرىدىن ئەجدادلىرىمنىڭ ھەيۋەتلىك سىماسىنى كۆرگىنىمدە چەكسىز پەخىرلەندىم. بۇ ھەيكەللەرگەبېرىلگەن ئىزاھاتلاردا خۇ ئادىمى دېيىلگەنلەر دەل بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدۇر. خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللاردا «胡人» «胡»«回纥» «回鹘» دەپ ئاتالغانلار دەل ھازىرقى ئۇيغۇرلاردۇرمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە كۆزيۇمغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

       لوياڭدىكى ئۆگىنىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم تولىمۇ كۆپ بولدى.خېنەننىڭ نوپۇسى جۇڭگو بويىچە ئەڭ جىق ئۆلكە بولغانلىقىدىنمىكىن بۇيەرگە كەلسەم مىغ-مىغ ئادەم دېڭىزىنى كۆرەرمەنمىكىن دېگەنتىم، كوچىدا مېڭىپ يۈرگەنلەر پەرىزىمدىكىدىن  ئاز بولدى. لوياڭ شەھىرى جۇڭگودىكى قەدىمى 7 چوڭ قەدىمى پايتەختنىڭ بىرى بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 15208كۇۋادىر كىلومېتىر،نوپۇسى 662تۈمەن ئىكەن. قومۇلنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى138919كۇۋادىرات كىلومېتىر ،نوپۇسى 59تۈمەن. بۇ سان سېفىرلاردا سېلىشتۇرغىلى مۇمكىن بولمايدىغان ئالەمچە پەرىقلەر بار. لوياڭنىڭ تارىخى ئۇزۇن قەدىمى پايتەخت بولغاندىن سىرت باشقا كۆزگەكۆرۈنگىدەك ئالاھىدىلىكى يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، شەھەر قۇرۇلىشى تەرەققىياتى تېزئىكەن. ئۇنىڭغا قارىغاندا بىزنىڭ قومۇلنىڭ ئەۋەزەللىكلىرى كۆپكەن، قومۇلنىڭ كانب ايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىشىشىنىڭ پايدىلىق نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەككەن. بىزنىڭ سىنىپ مەسئولى خەن مۇئەللىم بەك ئاقكۆڭۈل، سالاپەتلىك، مۇلايىم ئايال بولۇپ، شىنجاڭدىن كەلگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ھۆرمىتى ئالاھىدەچوڭقۇرلىقى گەپ-سۆزلىرىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. سىنىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار خەن مۇئەللىمنى چىن يۈرىكىدىن ياقتۇرۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلىگەنلەرنى ئاندىن ھۆرمەتلەيدۇ. خەن مۇئەللىمنىڭ دىيىشىچە، ئۇ بۇرۇن شىنجاڭلىقلارنى چۈشەنمەپتىكەن، بۇ بىر قانچە يىلدىن مەكتەپكە كېلىپ كەتكەن بىرنەچچە قارارلىق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچىراشقاندىن كېيىن، شىنجاڭلىقلارنىڭ گۈزەل ئەخلەق-پەزىلەتلىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كۆرۈپ بىزگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلۇشۇپ، شىنجاڭلىقلارغا بولغان ھۆرمىتى ئېشىپتۇ. ھازىر بىر كىتاپ يېزىۋاتقان بولۇپ تېمىسى «مېنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلىرىم» ئىكەن. مەكتەپ ئورۇنلاشتۇغان ياخشى شارائىت ۋە مۇئەللىمىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىمىزگە كۆڭۈل قويۇپ، توغرا ھەم ئىلمىي يېتەكلىشى نەتىجىسىدە كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۆتۈپ ھەش-پەش دېگۈچە بىزئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نۇرۇز بايرىمىمۇ كېلىپ قاپتۇ. خەن مۇئەللىم بۇ خەۋەرنى بىزدىن ئىشىتكەندىن كېيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، بىزگە  مەخسوس نۇرۇز كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرپ بەردى. تېخى3-ئاينىڭ 21-كۈنى مىللىيچە ئاشخانا ئالدىغا خەنزۇچە « نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن»دېگەن خەت يېزىلغان تاختاي ئېسىلىپتۇ. تاماقلارغىمۇ بايرام تۈسى قوشۇلغان ئىدى. سىنىپىمىزدىكى جەمئىي ئون ئىككى نەپەر ئۇيغۇر، بىر نەپەر قازاق ساۋاقداش بەكمۇ خوش بولدۇق. تاماقنى يەپ بولۇپ ياتىقىمىزغا كىرسەك، مېھمانخانا تەرپىدىن ھەربىر ياتاقتا بايرام ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان بىر تەخسىدىن مېۋە-چىۋىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنى خۇددى ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلگەندەك ھېس قىلىشىپ كەتتۇق.


لوياڭدىكى لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار

04.jpg

     لوياڭدىكى كۈنلەرئۆتكەنچە بىر يۇرتقا بېرىش ئىستىكى قەلىبمنى توختاۋسىز ئارامسىزلاندۇراتتى. قايسى بىر يىلى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى يازغان بىر ماقالىدىن لوياڭدا ياشاپ كېلىۋاتقان لىيۇ فامىلىك ئۇيغۇرلار بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشكەنتىم. بەلكىم بۇقېتىملىق ئوقۇش سەپىرىم مېنى كېچە-كۈندۈز تەلپۈندۈرگەن لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلاريۇرتىغا بېرىشىمغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا لوياڭغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئەتراپىمدىكى خەنزۇ ساۋاغداشلىرىمدىن ئۇلار ھەققىدە سۈرۈشتۈردۈم. بىراق، كۆپىنچىسى بۇنداق جاينىڭ بارلىقىنى، يەنە تېخى ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ نەچچە ئەسىرلەردىن بۇ يەردە ياشاپ يۈرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن، ئاخىرى،1949-يىللاردىن كېيىن دادىسى شىنجاڭ قەشقەردە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن، شىنجاڭغا بولغان تەلپۈنىشى چوڭقۇر،شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئالتە يېشىدا خېنەنگە قايتىپ كەلگەن ساۋاغداش ۋاڭ شا شا نىڭ تىرىشىشى ۋە بىزنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىمىزغا مەسئول ما مۇدىرنىڭ ئالاقىلىشىشى بىلەن خېنەن سەنمىنشىيا شەھىرى مىيەنچى ناھىيسىدە ھەقىقەتەنمۇ لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى ئىشەنچىلىك ئۇچۇر ۋە ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئادېرىسىغائېرىشتىم. لېكىن، ئۆگىنىش ۋە ئېكىسكۈرسىيەلەرنىڭ بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرغانلىق ىسەۋەبىدىن دەرھال ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇ جايلارغا بېرىش مۇمكىن بولماي قالدى. ئارلىقتاجىياڭسۇ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرى پارتىيە مەكتىپىگە 5 كۈنلۈك ئۆگىنىشكە باردۇق. بۇلغۇل نىشتىنخالى، سۇلىرى مول، يېشىل گۆھەردەك بۇ شەھەر بەكمۇ تەرەققىي قىلغان، ئادەملىرى شالاڭ، پاكىزە شەھەركەن. شاۋشىڭ پارتىيە مەكتىپىنى مەكتەپ دېگەندىن كۆرە گۈزەل ئېرەمباغ،سەيلىگاھ  دەپ تەرپلىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ...
        شاۋشىڭدا جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن لۇشۈن،جۇئېنلەي ۋە جىياڭ جېشى قاتارلىق 3 نەپەر مەشھور شەخىس دۇنياغا كەلگەن ئىكەن. بۇيەردە پۈتۈن دۇنيا ۋە جۇڭگوغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان داڭلىق ماركىلىق كارخانىلاربەكمۇ جىق بولۇپ ، ئىشكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەڭ بۇرۇن دېڭىزغا چۈشكەنلەر ھەم بۇ سىياسەتنىڭ ھەقىقى پايدىسىنى كۆرگەنلەر شاۋشىڭلىقلارئىكەن. شاۋشىڭلىقلار تۇغما سودا ئۇستىسى بولۇپ،ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش، ئېتىبارسىياسەتلىرىگە ۋە ھۆكۈمەتكە يۆلىنىۋالمايدىكەن، مۇستەقىللىق ئىدىيىسى كۈچلۈك بولۇپ،ھەرقانداق قانۇنلۇق سودا ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن، كىشىلىرىنىڭ ساپاسىمۇ باشقا يۇرتلاردىن يۇقىرىكەن. شۇڭا بۇ شەھەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. بۇ 5 كۈنلۈك ئۆگىنىشنى تاماملاپ،جۇڭگودا قىزلىرى ئەڭ گۈزەل،ساھىپجاماللار شەھىرى دەپ تەرپلىنىدىغان ياڭجۇ شەھىرى ۋە مەشھور دۇڭتىڭخۇ ساھىللىرىنى كۆرگەچ لوياڭغا قايتتۇق.

        لوياڭغا قايتىپ كېلىپ ئۆگىنىشىمىزنى يەنەداۋاملاشتۇردۇق. مەكتەپتىن رۇخسەت ئېلىش ئەپسىز بولۇپ 3-ئايمۇ ئاخىرلاشتى. شۇتەرىقىدە كېتىدىغانغا ھەپتە كۈن قالغاندا يەنى 4-ئاينىڭ4-كۈنى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان شاۋلاڭدى سەپىرىدىن ۋاز كېچىپ، مۇئەللىمدىن 1 كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ،قومۇل ۋىلايەتلىك مەمورىي مەھكىمە تەرجىمانلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ساۋاقدىشىم ئابلېلىم ھاپىز بىلەن تارىخى ئەھمىيەتلىك سەپەرگە ئاتلاندۇق. مىيەنچى ناھىيىسى ئەسلىدە لوياڭ شەھىرىگە قاراشلىق بولۇپ، بىر قانچە يىللارنىڭ ئالدىدا سەنمىن شىيا شەھىرىگە قوشۇۋېتىلىپتۇ. بىز تېز پويىزغا ئولتۇرۇپ 2 سائەتتە مىيەنچىغا يەتتۇق.پويىزدا تونۇشۇپ قالغان خەنزۇ يولداش بىزگە بىر قارا تاكسى توسۇپ بەردى. شوپۇربىزنى يېرىم سائەتتىلا يۈچى ئۇيغۇر كەنتىگە (河南渑池县鱼池维吾尔族村)يەتكۈزۈپ قويدى. بىز تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجان ئىلكىدە بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ بۇ سىرلىق كەنىتكەكىردۇق. ئالدىمىزدا برقانچە كىچىك بالىلار يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى. تېخى بىر ياش يىگىت قولىدىكى يالتىراق خالتىغا چوۋات (نان) سېلىۋېلىپ بىزگە قىزغىنلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئەجەبا ئۇلار مىڭ يىللاردىن بۇيان نان يېقىش مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كەلگەنمىدۇ؟! دېگەن خىيال كاللامدىن يالىت قىلىپ ئۆتتى. بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. نان كۆتۈرۈۋالغان ياش يىگىت گەپ تاشلاپ: -سىلەر شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارمۇ؟!دىدى.

-ھەئە، بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قومۇل ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار...

-قولىڭىزدىكى ناننى بۇيەردە ياققانمۇ؟

يىگىت:- ياق،ئالدىڭلاردىلا بىر نەچچە شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار كەپتىكەن، شۇلار بەردى...

-ھە...بۇ كەنىتتىكى ھەممىڭلار ئۇيغۇرمۇ؟ كىملىكىڭلارنى كۆرۈپ باقساق بولامدۇ؟!

يىگىت:- ھەممىمىزئۇيغۇر، خەنزۇ يوق. مانا كىملىك...

ھەقىقەتەن بۇ يىگىتنىڭ كىملىكىدە مىللىتى دېگەن جايغا خەنزۇچە ئېنىق قىلىپ ئۇيغۇر دەپ يېزىقلىق تۇراتتى.بۇ چاغدا ئەتىراپىمىزغا ئونغا يېققىن ئادەم ئولىشىۋېلىپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن كىملىكلىرىنى ئېلىپ كۆرسەتتى. بۇ ئۆزلىرىگە خەنزۇچە ئىسىم-فامىلە قوللانغان،چىرايىدىن ئۇيغۇرلىقىنى ئانچە بىلگىلى بولمايدىغان، مىللىتى ئۇيغۇر بولغان قېرىنداشلار بىلەن خەنزۇچە قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق. ئۇلارمۇ بىز ئۇيغۇرلاردەكلاقىزغىن ئىكەن. ئارلىقتا، ئۇلار يۈچى ئۇيغۇر كەنتىنىڭ رەھبەرلىرىگە تېلېفۇن ئۇردى ۋە تەلىپىمىزگە بىنائەن كەنىتتىكى ئۇيغۇرغا ئەڭ ئوخشايدىغان بىر كىشىنى چاقىرتىپ كەلدى. بىز كەنت ئىشخانىسىغا كىردۇق، كەينىمىزدىن 5-6 نەپەر بالىلارمۇ ئەگىشىپ كىردى. مەن بۇ ئوماق سەبىيلەرگە قاراپ تۇيۇقسىزلار
      :- ياخشىمۇ سىلەر؟ دەپ ئۇيغۇرچەگەپ قىلىۋەتتىم. ئارىدىكى بىر ئوغۇل بالا شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ، مېنىڭ دېگەن گېپىمنى ئەينەن ھالدا قايتىلاپ دېدى. مەن ھەيرانلىقتا ئۇنىڭدىن،-بالام سەنئۇيغۇرچە بىلەمسەن؟! دەپ سورىسام ئۇ ئىككى مۈرىسىنى قىسىپ«ياق»دەپ جاۋاپ بەردى.ئەتىراپتىكى ھەممىمىز بۇ قوي كۆزلىرىدىن ئەقىل ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بالىغاقاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بالىلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغانلىرىدىن ئىككىسى باركەن، بۇ بالىلارنىڭ تىلى يۇمشاقكەن، بىز ئۆگەتكەن ئاددى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى بىزگەئوخشاش توغرا تەلەپپۇز قىلالىدى. مەن مەسىتلىكىم كېلىپ ئارىدىكى ئىككى بالىغا ئۇيغۇرچە كۈنبەگ، باتۇر دەپ ئىسىم قويۇپ قويدۇم...نىمىشقىكىن ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋېتىپ كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇپ قالدى. ئالاھىزەل بىرەر يېرىم سائەتلەردىن كېيىن يۈچى ئۇيغۇر كەنتىنىڭ مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان لىيۇرۈنجۇ ئەپەندىم كېلىپ، بىزنى ناھىيە بازىرىدىكى مۇسۇلمان ئاشخانىسىدا تاماققائورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئاشخانىدا يەنە 3 نەپەر شىنجاڭلىق ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، بىزنى ماشىنىسىغا سېلىپ ناھىيە بازىرىغا ئېلىپ كەتتى. قايتىشىمىزدا مىڭ يىلدا بىر قېتىم دىدارلاشقان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مەڭگۈ ۋىدالاشقاندەك ھېسياتتاقۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق. يولدا لىيۇرۈنجۇ كەنتنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.بۇ كەنىتتە1000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىكەن، ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى دېھقانچىلىق ۋە سودا-سېتىق ئىكەن. بالىلار خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. بۇ يەردىكىلەرئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنى چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تىنجىتقىلى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەيدىكەن. يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئېتىقادپۈتۈنلەي خەنزۇلىشىپ كېتىپتۇ. ئاجايىپ يېرى، يۈەن سۇلالىسى زوۋال تېپىپ، مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان دەۋىردە تارىخى قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قېلىش مەقسىتىدە،فامىلىسىنى ئانا جەمەت (يەرلىك چوڭ جەمەت لىيۇ فامىلىلىك خەنزۇلار بىلەنقۇدىلىشىپتىكەن ) لىيۇ فامىلىسىنى قوللىنىپ، ئۆزلىرىنى خەنزۇ دېيىشكە مەجبوربولغان بۇ ئۇيغۇرلار  7 ئەسىردىن كېيىنمۇئۆز ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالماي چىڭ، گومىنداڭ دەۋىرلىرىدىن تارتىپ يۇقىرى-تۆۋەن قاتىراپ يۈرۈپ ئاخىرى ئازاتلىقتىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرەپ تەستىقلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىنى ئۇيغۇرغا ئالماشتۇرۇپتۇ.
           مەن لىيۇرۈنجۇدىن:- سىلەر ئازسانلىق مىللەت سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى كۆزلەپ مىللەت نامىنى ئۆزگەرتكەنمۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا ئۇزاقلارغىچە تىكىلىپ تۇرۇپ كېتىپ، -ياق! بىزھازىرغىچە ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالماي ياشاپ كەلدۇق. بىز ھەم بۈگۈنگىچەئازسانلىق مىللەت سىياسىتىدىن بەھىرلىنىش تەمەسىدىمۇ بولمىدۇق. يۇرتىمىزدىن باشقايۇرتلارغا كۆچۈپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز كىملىكىنى ئۇيغۇرغا ئالماشتۇرالماي يۈرۈيدۇ. سېنىڭچە ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش ئاسانمۇ؟! ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن يۇرتلاردا ئۆزئەجدادىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ ياشاۋاتقان، ئەمما،  مىللىتى خەنزۇ بولۇپ كەتكەنلەر بەك جىق،مەن ھەمسەن شۇلارنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك...دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇ بىزنى بىر خۇيزۇئاشخانىسىغا باشلاپ كىردى. ئىككىنچى قەۋەت ئايرىمخانىغا كىرسەك 3 نەپەر ئۇيغۇركىشى ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار بىلەن بىللە يەنە بىر يەرلىك ئۇيغۇر پىشقەدەم باركەن. شىنجاڭدىن كەلگەنلەرنىڭ بىرىنى مەن تورلاردا كۆرۈپ تۇرغاچقا تونۇيدىكەنمەن، ئۇ بىزنىڭ پەخىرلىك ئەركىن مۇشىتلىشىش پالۋانمىز ئابدۇرېشىت ئابلەتخان ئىدى. يېنىدىكى مويسىپىت كىشى ئاتىسى، ياشراقى شاگىرتىكەن. يەرلىك كىشى بولسا مىيەنچى ناھىيلىك ئۇيغۇرئۇيۇشمىسىنىڭ پىنسىيۇنېرى لىيۇ رۈنشىڭ ئىكەن. بىز قىزغىن سالام-سەھەتلەر بىلەن تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشقاچ تائاملارغا بېقىپ ئولتۇرۇشتۇق. تارىخنىڭ ئاجايىپ تەقدىر-قىسمەتلىرى بىزنى بۈگۈن مىڭ يىللارچە كۆرۈشمىگەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىريەردە جەم قىلىپتۇ. 70 داۋانغا ئۇلاشقان لىيۇ رۈنشىڭ ئەپەندىمنىڭ ئۆمرىمۇ ئۇيغۇرنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ بالدۇر قايناپ چىققان جايى، ئانا بۆشۈكى باشقا جاي بولماستىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككەن، دەل بۈگۈن كىسېرىق دەريا (خۇاڭخې) ۋادىسىدا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە جۇڭگو تارىخىغا يېزىلغان ماتېرىياللارنى ۋە ئۆزى يازغان ماقالىنى ماڭا ۋە ئابدۇرىشىتقا كۆپەيتىپ بەردى.تاماقتىن كېيىن، بىز  ئابلېلىم ھاپىز،لىيۇرۇنجۇ، لىيۇرۈنشىڭ قاتارلىق تۆت ئادەم مىيەنچى ناھىيسىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇركەنتى يىلىخې 一里河维吾尔族村 غا يېتىپ كەلدۇق.
           ئابدۇرىشىت پالۋاننىڭ ئالدىراش ئىشى بولغاچقا كېتىپ قالدى. بۇ يەردە لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تاش ئابىدىسىدىن ئۈچى تىكلەنگەن بولۇپ،  قەدىم جەمەت قەبرىستانلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانكەن.بەلكىم، ئۇلارنىڭ تا بۈگۈنگىچە ئۆز كىملىكىنى ئۇنتىماي ساقلاپ كېلىشىگە سەۋەب مۇھىم ئامىل ئاشۇ تارىخى ئابىدىلەر ۋە ئەجدادىنىڭ جۇڭگو تارىخىدىكى ئۆچمەس شانلىق،سەلتەنەتلىك تارىخى بولسا كېرەك. بىز قەبرىستانلىققا كىرىپ تۇرىشىمىزغا قاشلىرى ئۆسكىلەڭ، بويلىرى ئىگىز بىر قاراشتا ئۇيغۇر سىياقى بار، سالاپەتلىك بىر كىشى كۈلۈمسىرەپ يېتىپ كەلدى. بۇ كىشى يىلىخې ئۇيغۇر كەنتىنىڭ ( 族长 )كەنىت باشلىقى ئىكەن، ئىسمى لىيۇ جىجۈن بولۇپ،كەنتىدە 300دىن ئارتۇق ئۇيغۇر نوپۇسى باركەن. گەپ ئارىسىدا مەن بۇ كىشىگە قاراپ:ئاكا، سەن ئۇيغۇرغا ئوخشايدىكەنسەن، دېسەم، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ: -مەن ئەزەلدىن ئۇيغۇرتۇرسام، نىمىشقا ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىكەنمەن، دەپ پەخىرلىك ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ جاۋاپ بەردى.  بىز كەنت باشلىقىنىڭ ئۆيىگە كىردۇق ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكى تەزكىرىدىن مىيەنچىدىكى لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارھەققىدىكى دەسلەپكى ئىشەنچىلىك ئۇچۇرغا ئېرىشتۇق. تەزكىرىدە بايان قىلىنىشىچە: سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، يۈەن سۇلالىسى قوشۇنىغا ئەگىشىپ خېنەنگە كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى ۋە يۈەن سۇلالىسىنى قۇرۇشتا قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغاچقا، يۈەن سۇلالىسى قۇرغۇچىلىرىنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ھەم ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ يۈز يىلدىن ئارتۇق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانىدا، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھوقۇق تۇتۇپ كەلگەن.بىرىنچى ئەۋلاد سىچىن قايا (刺真海牙) يۇڭ نىڭ،لىڭ باۋ، شەن شەن،مىيەنچى، يى ياڭ قاتارلىق بەش يۇرتنىڭ دارۇغاچى بولغان. ئىككىنچى ئەۋلاد تۆل قايا (脱列海牙)  سىنەن (ھازىرقى گۈيجۇ) ئايغاقچىسى بولغان.ئۈچىنچى ئەۋلاد ئاتمىش قايا(阿的迷失海牙)ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ مىيەنچى، شىن ئەن، چا لىڭ (ھازىرقى خۇنەن ئۆلكىسى) ئۈچ ناھىيە بىرئۆلكىنىڭ دارۇغاچى بولغان دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن مىيەنچى چېڭ دوڭغا(城东) كېلىپ يەرلەشكەن. 1368-يىلى جۇيۈەنجاڭ مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغاندا،تۆرتىنچى ئەۋلاد قۇت قايا (忽都海牙) خەنزۇبولمىغانلىقتىن ئۆلتۈرۈلۈش خەۋىپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن فامىلىسىنى ئۇلۇغ مومىسىنىڭ لىيۇ فامىلىسىنى قوللىنىشقا باشلىغانكەن. بەشىنچى ئەۋلادنىڭ ئىسمى لىيۇجىن (刘瑾)   ئۇ خۇنەن چاڭشا شاڭتەن ناھىيسى ھاكىمى، بېيجىڭۋېن ئەن ناھىيسى ھاكىمى بولغان، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلې ئون بىرىنچىيىلى(1413-يىلى)گۇڭدۇڭ ئۆلكىسى پەرمانبەردارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. مىنگو يىللىرى تۈزىتىلگەن مىيەنچى ناھىيە تەزكىرىسىدە لىيۇ جىن، ئۇيغۇر ، كۆڭلى كۆكسى كەڭ، سىلىق –سىپايە،ئاقسۆڭەكلەرچە سالاپەتلىك زات، دەپ تەرپلەنگەن. ئالتىنچى ئەۋلاد لىيۇ جىدۇن شەنشىئۆلكىسىنىڭ پەرمانبەردار باشلىقى بولغان. يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرىدە ئەۋلادمۇ-ئەۋلارھوقۇق تۇتۇپ، باياشات ياشاپ كەلگەن لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار كېيىنكە يىللىرى دېھقانچىلىق قىلىشقا مەجبور بولۇپ نامراتلىشىپ كەتكەن. ئازاتلىقتىن كېيىن ھەرتەرەپلىمە سىياسەتلەرنىڭ تۈزىتىلىشى بىلەن ئۇلارمۇ ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسسىنى قوشۇپ تىرىشىپ ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ 20 نەچچە رايون، شەھەرۋە ناھىيىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى مەلۇم، ئۇلار ئازادلىقتىن بۇرۇن ئامالسىزلىقتىن مىللەت ئىسمىنى يوشۇرۇپ، ئۆزىنى خەنزۇ دەپ، خەنزۇچە ياشاشقا مەجبوربولغان، ئازاتلىقتىن كېيىن يىلسېرى مىللەت نامىنى ئۇيغۇرغا ئۆزگەرتىدىغانلاركۆپەيگەن، ئۈچىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرەشتە، خېنەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى(1982-يىلى) 720نەپەر بولغان، لوياڭدا ئەڭ كۆپ بولۇپ 601 نەپەر ئۇيغۇرباركەنتۇق. ھازىر دۆلەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا جەمئىي 1600دىن ئارتۇق لىيۇ فامىلىلىكئۇيغۇر شەنشى(گېتىياۋگۇ كەنتىدە لىيۇ فامىلىلىك  30دىن ئارتۇق ئۇيغۇر باركەن)، گەنسۇ، چىڭخەي، لىياۋنىڭ،بېيجىڭ، شەندۇڭ، خۇنەن، گۇاڭشى، جېجىياڭ، تەيۋەن، ئامرىكا قاتارلىق يەرلەردەياشاۋېتىپتۇ. مىيەنچى ناھىيسىدە ئەڭ كۆپ ئىكەن. پاراڭ ئارلىقىدا لوياڭنىڭ جىڭجۇشەھىرى، چاڭگې(شەھەر دەرىجىلىك ناھىيە)گۇچېڭجىن يىنجاتاڭ كەنتىدە(古城镇尹家堂村) جىيەن(翦) فامىلىلىك، كەيفېڭ شەھىرىدە ۋاڭ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى بىلدىم. يەنە جېجاڭ، خيلۇڭجاڭ، يۈننەن، شەندۇڭلاردىمۇئۇيغۇرلار بارمىش...پۇرسەت بولسا ئۇلارنىمۇ يوقلاپ كېلىش نىيىتىم بار.
01.jpg

    بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر تىلىغا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشى بەكمۇ كۈچلۈككەن. لېكىن، شىنجاڭغا بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن ، بارسىمۇئۆزىنى ئۇيغۇر دېيىشتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن، چۈنكى ئۇلاردا پەقەت ئۇيغۇر دېگەن مىللەت نامىدىن بۆلەك ھېچقانداق ئۇيغۇرچە ئالامەتلەرنىڭ يوقلىقى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىمۇ ئازاپلاپ كېلىۋېتىپتۇ. ھەتتا، ئۇلارمۇ كىملىكىدىكى ئۇيغۇر نامى سەۋەبلىك ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مېھمانخانىلاردا قارشى ئېلىنمايدىغان «ئوغرىلار»چەمۇئامىلىگە دۇچار بولىدىكەن. 1994-يىلى مىيەنچىدىكى 1500دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاقساقال(族长)نىڭ چاقىرىقى بىلەن 2-ئاينىڭ15-كۈنى جەمەت قەبرىستانلىقىغايىغىلىپ ئەۋلادلارنى سېغىنىپ نەزىر بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ يەرلىك خەنزۇلاردىن پەرىقلىنىدىغان بىردىن بىر ئالاھىدىلىكى، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ15-كۈنى قەبرە يوقلايدىكەن.لىيۇرۈنجۇنىڭ دېيىشىچە باشقا ياخشى ئۆرپ-ئادەتلىرى خەنزۇلار تەرپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى يوقىلىپ كەتكەن ئىكەن.
02.jpg

      خېنەندىكى لىيۇفامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخىدىن بىز بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش جەريانىنى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئاسمىلاتسىيە بولۇش قىسمىتىنى كۆرۈۋالالايدىكەنمىز. بىراق، بۇ لىيۇ فامىلىلك ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا ئېقىۋاتقىنى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان جەڭگىۋار ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ، چەۋاندازلىرىنىڭ قېنى!ئۇلارنىڭ ئاسانلىقچە يوقالمايدىغانلىقىنى مىيەنچىگە كەلگەن ئادەملەرلا ھېس قىلالايدۇ.
03.jpg

    مانا بىر كۈنمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگىدى. نەچچە يۈز يىللىق تارىخنىڭ ھېس-سەزگۈلىرىنى بىر كۈندەتاماملاشقا مەجبورمىز، قەلبىمىزدىكى جاۋاپسىز قالغان نۇرغۇنلىغان سۇئاللارنى ئېلىپ ئەسىرلىك دىدارلارغا خەير دېمەسلىككە ئامالىمىز يوق. قايتىشقا تەييارلىنىپ تۇرساق،كەنىت باشلىقى لىيۇ جىجۈن سەل ساقلىشىمىزنى ئېيىتتى ۋە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ مىيەنچىدىكى ئۇيغۇرلار تەزكىرىسىدىن بىرنى ئالدۇرۇپ كېلىپ ماڭا تۇتقۇزدى. ئارىدىكى پاراڭلاردىن مەزكور تەزكىرىنىڭ نەشىرىنىڭ ئازلىقى، يىلىخېدا پەقەت بىر نەچچىلاكىتابنىڭ قالغانلىقىنى ئاڭلىغاچقا، تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز، دەپ بۇ قىممەتلىك سوۋغاتنى ئېلىشنى رەت قىلدىم. كەنت باشلىقىنىڭ مەن دېمەتلىك ئوغلى باركەن، ئۇقومۇل شەھىرى تاشۋېلىق يېزىسىغا قاراشلىق سۆجە كارىزدا كان ئاچىدىكەن، تېخى ئوغلىنىڭ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قومۇلدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. گەپ تۈگەپ بولغىچەقولتۇقىغا كىچىك بايۋەتچىلەر قاپچۇقىنى قىستۇرىۋالغان ياش يىگىت ئالدىمىزدائۈندى... لىيۇ فېڭ ئىسىملىك ئوتتۇرا بوي يىگىت بەكمۇ ئوچۇق-يورق، مەردانە ئىكەن، شۇنچەيىراقتىن بىزنى ئالاھىدە يوقلاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمنى مېھمان قىلىمەن، مېھمان قىلمىسام قانداقمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرىمىز، دەپ زورلاپ بىزنى يېرىم سائەتتەئاران قويۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ مېھماندوستلىقى، تەكلىپ-تەكەللۇپلىرى ھەقىقى ئۇيغۇرلادەكلا قىزغىن  ئىكەن.
05.jpg

    بىز بۇقېرىنداشلىرىمىزنى قومۇلغا، شىنجاڭغا بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ قۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق.بىزنى لىيۇرۈنجۇ پويىز ئىستانىسىغا ئېلىپ ماڭدى. بۇ قىسقىغىنە سەپەردە ئۇ مىيەنچى كەنتىدىكى ئاقساقالنىڭ ئەتىگەندە بىزگە دېگەنلىرىنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتتى. ئاقساقال بىز بىلەن خوشلاشقاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگەنگۈسى بولسىمۇ يېشىنىڭ چوڭلاپ كەتكەنلىكىنى لېكىن كەنىتتىكى ياشلارنىڭ ۋە مىيەنچى كەنت ئۇيغۇر مەكتىپىدىكى سەبىيبالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ئىستىكىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەنتى.ئۇلار ھەم يۇقىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مىيەنچى ئۇيغۇر مەكتىپىگە ئۇيغۇرچەدەرسلىك كىرگۈزۈش، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ھەققىدە ئىلتىماس يېزىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش ئارمانىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنتى. بىزنىڭ كۈچىمىز بىرنەرسىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن شۇ دەقىقىلەردىكى ھاياجانلىق دەملەرنىڭ كۈچىدىنمۇئەيتاۋۇر ئۇلارغا خېلى كۆپ ۋەدىلەرنى بەردۇق. لىيۇ رۈنجۇغىمۇ يەنە شۇنداق تاتلىق،شېرىن-شېكەر ۋەدىلەرنى بېرىپ قايتىشقا مەجبورمىز...خەيىر بىزگە پۈتۈنلەي سىرلىق مىيەنچى، خەيىر قەلبىگە نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئارمانلار پۈككەن قېرىنداشلىرىم...خەيىر!

           پويىزغا چىققاندىن كېيىن، چوڭقۇر تەپەككۈردېڭىزلىرىغا غەرق بولدۇم. ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار تەزكىرىسىدە، تاش ئابىدىسىدەيېزىلغاندەك چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ خېنەنگە كەلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ تارىخى 700يىلدىن ئاشقان بولىدۇ. تارىخ بىلىدىغانلارغا مەلۇم، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانى چىڭگىزخان بىلەن بىرلىكتە قوشۇن تارتىپ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. جەڭگىۋار ئۇيغۇر قوشۇنلىرى،سەركەردە-سەرۋازلىرىنىڭ قەدىمى ياۋرو-ئاسىيا قىتئەلىرىگە يېتىپ، بۇ زىمىنلارنىڭ مۇڭغۇل ئىستىلاسىنىڭ تۆمۈر تۇيىقى ئاستىغا توپلىنىشىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان.خېنەندىكى لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرمۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى ۋەئۇلارنىڭ  قەبرە يوقلاش، ئەجداتلار روھىغانەزىر بېرىش كۈنىنىڭ خەنزۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىدىن، بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋىرلەردە تېخى ئىسلام دىنى تەسىرىگە ئۇچىرىمىغان، بۇددا دىنى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقى تېرىتورىيسىدىن كىرگەنلىكىگەھۆكۈم قىلساق خاتالاشمايمىز. لوياڭغا كېتىۋاتقان تېز پويىزنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىلەرگە قاراپ كېتىۋاتىمەن، تەپەككۈر تۇلپارلىرىم ئەسىر ئاتلاپ چاپماقتا!...


چاڭگېدىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار

06.jpg

    مىيەنچىدىن قايتىپكەلگەندىن كېيىن، لوياڭ پارتىيە مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ۋە ئېكىسكۈرسىيەلىرىمىز ئۆزپېتى داۋاملىشىپ ماڭدى. گەرچە مەكتەپتىكى كۈنلەر ئەھمىيەتلىك ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ،مىيەنچى سەپىرىدە ئاڭلىغان چاڭگېدىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار خىيالىمغاكىرىۋېلىپ كۆڭلۈم زادى ئارام تاپمىدى. بۇ قېتىملىق  خېنەن سەپىرى ھاياتىمدىكى تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىملىقى بولۇپ قالمىسۇن! چاڭگېدىكى ئۇيغۇرلارنى چوقۇم يوقلاپ كېلىشىم كېرەك،دەيدىغان كۈچلۈك بىر نىدا يۈرىكىمدە مىنۇت-سكونت ياڭراپ تۇراتتى. ئاخىرى ئۇ يەرگەبېرىشنى قارار قىلدىم، خەن مۇئەللىمگە ئۆزەمنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئېيتقانتىم، ئۇ بىخەتەرلىكىمگەدىققەت قىلىشىمنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ رۇخسەت بېرىشكە ماقۇل بولدى. مەن يەنە بىرقېتىملىق ئېكىسكۈرسىيەدىن ۋاز كېچىپ، 4-ئاينىڭ10-كۈنى جىڭجۇدا شاگىرتلىرىنى تەربىيەلەۋاتقان ئابدۇرېشىت پالۋان بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەنزىلگە قاراپ پويىز بىلەن يۈرۈپ كەتتىم. شۇ كۈنلەردە مىيەنچى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ پىنسىيۇنېرى لىيۇ رۈنشىڭمۇجىڭجۇغا بىر ئىش بىلەن بارغانكەن ئابدۇرېشىىت ۋە مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ پويىزئىستانىسىدا ساقلاپ تۇرىدىغان بوپتۇ. مەن تاڭ سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 4:20 نىڭ پويىزى بىلەن مېڭىپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن جىڭجۇ پويىز ئىستانىسىدا لىيۇ رۈنشىڭ بىلەن يولۇقتۇم. ئابدۇرېشىتنىڭ ئازراق بېجىرىدىغان ئىشى بولغاچقا كېلەلمەپتۇ، بىز ئىككىمىزجىڭجۇ ۋوگزالى ئەتىراپىدىكى «ئۇيغۇر مېزىلىك تائاملىرى» ئاشخانىسىغا كەلدۇق.ئەتىگەندە ئابدۇرېشىت بىلەن لىيۇ رۈنشىڭ مۇشۇ يەردە تاماق يەپتىكەن. ئابدۇرېشىتنىڭ دېيىشىچە، ئۇ خېنەن ۋۇلىنفېڭغا قاتنىشىدىغان مەزگىللەردە، بۇ يەردە پات-پات تاماقلىنىپ تۇرغانلىقتىن خوجايىن بىلەن ياخشى ئۆتىدىكەن. بىز كەلسەك ئۇ ئىش بېجىرگىلى كېتىپ قاپتۇ. ئەسلىدە چاڭگې شەھىرى لاۋچېڭ بازىرى يىنجاتاڭ كەنتىدىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا تەڭ بېرىشقا كېلىشكەنتۇق. ئەمدى، بىزئاپتۇبۇس بىلەن ئالدىن بېرىپ تۇرىدىغان بولدۇق، ئابدۇرېشىتلار كەينىمىزدىن كەلمەكچى بولغانتى، بىراق، ئىشىنى بېجىرىپ بولالماي كېلەلمىدى.
        ئاپتۇبۇستاكېتىۋېتىپ بۇ پىشقەدەم لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرغا سىنچىلاپ قاراپ كەتتىم، ئۇنىڭدا بىرئۆمۈر ئۇيغۇر ئۈچۈن لاۋۇلداپ كۆيگەن يۈرەكتىن باشقا، ھېچبىر ئۇيغۇرغائوخشىمايدىغان سىن يوقتى، ئاپتۇبۇستىكىلەر بىز ئىككىمىزنىڭ سۆھبەت قۇرۇپ، قىزغىن مۇنازىرىلەردە بولىۋاتقانلىقىمىزغا قاراپ ھەيرانلىق نەزىرىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىزقالاتتى. بەزىلىرى بىزگە گەپ تاشلىماقچى بولاتتىيۇ،نىمىشقىكىن گېپىنى يۇتۇۋېتىپ باشقا ياقلارغا قارىۋالاتتى...ئىككى سائەتلەر يول ماڭدۇقمىكىن، ئىككىمىزلا ئۇيقۇغاغەرق بوپتىمىز. لاۋچىڭ بازىرىغا چۈشۈپ، بېكەتتىن چىقىشىمىزغا ئالدىمىزغا خېرىدارئىزلەپ كەلگەن چوڭ ياشلىق خەنزۇ يولداشنىڭ ئۈچ چاقلىق كىرا موتوسىكىلىتىغائولتۇرۇپ، مەنزىلگە قاراپ ئاتلاندۇق. ئۇ گېپىمىزنى خاتا چۈشىنىپ قالدىمۇ نىمە،بىزنى تەتۈر يۆلىنىشكە باشلاپ، بايا دېگەن گېپىمىزدىن مىڭ يىل قازسىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان بىر چىركاۋنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى، لىيۇ بوۋاي ئاچچىقىدا ئۇنىڭغابارىدىغان يېرىمىزنى چۈشەندۈرۈپ قاتتىق كايىپ كەتتى، كىراكەش ئۆزرە ئېيتىپ،ھە!ئەمدى بىلدىم، ھە، سىلەر بارىدىغان جاينى ئەمدى بىلدىم، كەچۈرۈڭلار، مانا ھازىرلاربارىدىغان يېرىڭلەرگە ئاپىرىپ قويىمەن، دەپ بىزنى يەنە ئەسكى تۆمۈرىگە بېىسپ،ئەبجىقىنى سەت غارقىرتىپ يەنە يېرىم سائەتلەردىن كېيىن بىر مەسچىتنىڭ ئالدىغاباشلاپ كەلدى، بىز مەسچىتتىكىلەردىن سورىساق، بۇ يەرمۇ بىز ئىزلىگەن جاي ئەمەسكەن،مەسچىتتىكى خۇيزۇلارنىڭ دېيىشىچە، بىز بارماقچى بولغان يەرگە يەنە ئىككى سائەتلىك مۇساپە باركەن. ھېلىقى بېزەڭ كىراكەش ئەمدى قىلغىلى گەپ تاپالمىدى، بىزمۇ ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىمىزنى ئۈزدۇق. بېرىدىغان ھەققىنى بېرىۋېتىپ، لىيۇ رۈنشىڭ ئىلگىرى ئالاقىلەشكەن جىيەن فا مىلىلىك بىرسىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ كېلىش مەقسىدىمىزنى دېدۇق،ئۇلار بىزنى ئالغىلى كېلىدىغان بولدى. لىيۇ رۈنشىڭمۇ بۇ يېشىغىچە جىيەن فامىلىلىكلەرھەققىدە كۆپ ئاڭلىغان ۋە ئىزدەنگەن بولسىمۇ بۇ يەرگە تېخى تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىكەن. ئالاھىزەل بىرەر سائەتلەردىن كېيىن كۈلرەڭ پىكاپ ھەيدىگەن، بېشىغا ئاق شاپاق كىيىپ ئاددى-ساددا كىيىنگەن، تەقى-تۇرقىدىن مۇلايىملىق يېغىپ تۇرىدىغان ئىككى كىشى بىزنى ئالغىلى كەلدى. قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يىنجاتاڭ كەنتىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
       ماشىنىدا يىراق قومۇلدىن كەلگەن، تېخىچە كۆپ نەرسىلىرىنى يوقاتمىغان ساپ ئۇيغۇر، ئاللىمۇ قاچان تىلىدىن، مەدەنىيتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ۋە تىلىدىن ئايرىلسىمۇ، مەدەنىيتىدىن يىراقلاپ كەتسىمۇ،يۇقىرى-تۆۋەن قاتىراپ يۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئېتىراپ قىلىپ، ھۆججەت چۈشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن بۇنىڭدىن 15 يىل مۇقەددەم پۈتۈن يۇرت خەلقى نەزىر تارتىپ مىللەت كىملىكىنى ئۇيغۇرغا، دىننى ئېتىقادىنى ئىسلامغا ئۆزگەرتكەن ئىككى نەپەرئۇيغۇر خەنزۇ تىلىدا قانماي مۇڭدىشىپ كېتىۋاتماقتىمىز...بۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت مەنلا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس ئانا تىلىمداتەپەككۈر قىلالايمەن، ئۇلار بولسا ئانا تىلى تەپەككۈرىدىن ئايرىلغىلى تولىمۇ ئۇزاق يىللار بولغان قېرىنداشلىرىم...لېكىن، كىممۇ ئۇلارغا قايىل بولماي تۇرالمىسۇن؟!
          ئۇزاق تارىخى داۋالغۇشلار، ئۇرۇش، توپىلاڭ ۋە خانلىقلارنىڭ توختاۋىسز ئالمىشىش جەريانلىرىدا نۇرغۇنلىغان قەدىمى مىللەت، قەۋىملەرنى ئۆز باغرىدا يۇغۇرۇپ تاشلىغان بۇ سىرلىق زىمىن، بۇ سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمنىڭ ئالدىدا ئامالسىز قېلىپتۇ. ئۇلاريەنىلا ئۆزلىرىنى بىز ئۇيغۇر دەپ، پەخرى بىلەن ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ ھەم ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تىرىشىۋېتىپتۇ. شۇ ئوي-خىياللار ئىلكىدە يىنجاتاڭ كەنتىگەيېرىم سائەتتىلا كىرىپ كەلدۇق، جىيەن فامىلىلىك قېرىنداشلار بىزنى ئۇدۇللائۆزلىرىنىڭ جامىئەسىگە باشلاپ بېرىپتۇ. بۇ چاغدا سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى  ئوندىن ئاشقانتى. مەسچىت بەكمۇ ھەيۋەتلىك ياسىلىپتۇ، مەسچىت ھويلىسىدىلا يەسلى بار بولۇپ، بىزنى كۆرگەن سەبىيلەر چۈچۈك تىللىرى بىلەن: -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دەپ سالام قىلدى. يەسلى مۇئەللىمى شۇكەنىتلىك يىن فامىلىلىك خۇيزۇ ئايالدىن ئۇقۇشساق يەسلىدە ئۇيغۇر، خۇيزۇ بالىلىرىب ىرلىكتە ئوقۇيدىكەن. لىنشادىن تەكلىپ بىلەن كەلگەن مەسچىت ئىمامى بىزنى يۇقىرىدىن كەلگەن تەكشۈرەشچىدەك ھېس قىلىپ قالدىمۇ نىمە بىزنى كۆرۈپلا زارلاپ كەتتى، ئۇنىڭ بايانىچە، 3 يىل ئىلگىرى ئۇ بۇ مەسچىتكە ئىمام بولسا ھۆكۈمەت 800يۈەن، كەنت جامائىتى 800يۈەن بېرىدىغانغا كېلىشىپ كەپتىكەن، بىراق، كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىمى چاغلىق بولغاچقا، پۇلنى بىر يىلدىن بۇيان بەرمەيۋېتىپتۇ. ھەمدە يامغۇر ياغقان كۈنلىرى مەسچىت تورۇسىدىن يامغۇر ئۆتۈپ، ھۆلچىلىكتە ناماز ئوقۇغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى، دەپ زارلاندى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاۋاتقان جىيەن فامىلىلىك بىرقانچەقېرىنداشنىڭ باشلىرى چۈشۈپ كەتتى. مەن ئارلىقتا، بۇ يەرگە كېلىش مەقسىتىمىزنى قايتا ئۇقتۇرغاندىن كېيىنلا بۇ ئىمام سۆزلەشتىن توختاپ، يانغا ئۆتتى. بۇ بىر قانچەيىلدىن بۇيان يىنجاتاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرى بۇزۇپ،چېقىشقا توغرا كەلگەچكە،بۇرۇنقى دېقانچلىق، باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىدىن ئۆزگۈرەپ سۇلياۋ بويۇملارنى ياسايدىغان كىچىك-كىچىك كارخانىلارغا تەرەققىي قىلىپتۇ.  يەرلىرىدىن ئايرىلغاچقا تۇرمۇشىنى سېرىقتال ئۆتكۈزىدىكەن. بىز كىرگەن مەسچىت ھويلىسىدا خۇنەن ئۆلكىسى تاۋيۈەن ناھىيە فېڭشۇئۇيغۇر، خۇيزۇ يېزىسىدىن جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى ئەۋلاد بوۋىسى خېلىل بارىس سانغۇننىڭ قەبرە تېشى  تىكلىنىپتۇ.بۇ تاشتىكى مەزمون فېڭشۇدىن ئەينەن نۇسخىلاپ كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولۇپ، داڭلىق ئۇيغۇر تارىخچى ئالىم جىيەن بوزەننىڭ(翦伯赞) ئوغلىنىڭ پۇچىركىسىدا يېزىلغان، ئىگىزلىكى 3 مېتىر ئەتىراپىدىكى خاتىرە تاشكەن. خاتىرەتاشتا جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سانغۇنى خېلىل بارسنىڭ قومۇلدىن قوشۇن تارتىپ چىقىپ، مىڭ سۇلالىسى خانى جۇيۈەنجاڭغا ياردەملىشىپ توپىلاڭ تىنجىتىپ، يۇرت ساقلىغانلىقى بايان قىلىنغانكەن. مەن ئۆزەمنىڭ قومۇلدىن كەلگەنلىكىمنى دېگىنىمدە، ئەتىراپتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزدىن كەپسەن، دەپ مەن بىلەن قايتىدىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى. بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلىغانلارمۇ بىرلەپ، ئىككىلەپ كېلىپ پاراڭلار تېخىمۇ قىزىدى.  
08.jpg

      تارىخى ماتىرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە، جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەسلى قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانىنىڭ سانغۇنى خېلىلنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، قومۇللۇق ئىكەن، 12-ئەسىردەقۇچۇ ئىلى غەربى لىياۋنىڭ مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان،غەربىي لىياۋخاندانلىقىنىڭ دەھشەتلىك ئېزىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇ ۋاقىتتا قۇچۇ خاندانلىقىدا تۇتۇقبېگى بولىۋاتقان خېلىل(哈勒) بىلەن ئىدىقۇت(亦都护) بىرلىكتە لىياۋ خانىنىڭ قۇچۇدىكى نائىپبېگىنى(دۆلەت ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى) ئۆلتۈرۈپ تۆمۈرچىن (چىڭگىزخان) تەرەپكەئۆتۈپتۇ. مۇڭغۇللارنىڭ شىشا، جىن، سۇڭ خاندانلىقلىرىنى مەغلۇپ قىلىشىدا قۇچۇ ئۇيغۇرخاندانلىقىنىڭ تۆھپىسى زور بولغان. خېلىلنىڭ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن باتۇرلىقى يۈەنتەيزۇنىڭ  يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ۋەغالىب سانغۇنلۇق ئۇنىۋانى بىلەن تارتۇقلىنىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئەمەل تۇتۇپ كەلگەن.14-ئەسىردە، يۈەن سۇلالىسى گۇمران بولغان، مىڭ تەيزۇ جۇيۈەنجاڭ كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن، يۈەن سۇلالىسىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىنى داۋاملىق ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ،خېلىلنىڭ ئەۋلادى بارىسنى(خەنزۇچىدا 八十) يۇرت ئىگىلەش باشلامچىسى قىلىپ، يەنجىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ)نىڭ باشبۇغلۇق ۋەزىپىسىنى بەرگەن. يۈەن سۇلالىسى زىمىنىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ داتۇڭ ھۇجۇمى، شۈچاڭنى ئېلىشقاتارلىق نۇرغۇن جەڭلەردە ياۋنى يوقىتىشتا تۆھپە كۆرسەتكەن خېلىل بارىسقا1371-يىلى غەرىپنى تىنىچلاندۇرغۇچى سانغۇنلۇق مەرتىۋىسى بېرىلىپ، خەنزۇچە جىيەن (翦) فامىلىسى تارتۇقلىنىپتۇ. مانا بۇ خۇنەندىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى. بۇيەردە يەنە ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك.
       بىرىنچىسى،  جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ جىيەن فامىلىسىنى ھەقىقى قوللىنىشقا باشلىغان ۋاقتى ئۈچىنچى ئەۋلاد جىيەن چاڭلى (翦常黎) دىن باشلانغان،1954-يىلى تارىخچى ئالىم جىيەن بوزەن يۇرتى تاۋيۈەنگە تەكشۈرەشكە كەلگەندە دۆلەتلىك مىللەتلەركومىتېتىغا ئىلتىماس يېزىپ، تەستىقلىنىشى بىلەن «جىيەن فامىلىلىك خۇي خۇي» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلار، خۇي خۇيلاردىن ئايرىلىپ چىقىپ ھەقىقى تۈردە مىللەت نامىنى ئۇيغۇرغا ئۆزگەرتكەن. 1956-يىلىدىن بۇرۇن جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى غەربى دىياردىكى خۇيبۇ(قومۇل چىڭ دەۋرىرلىرىدىمۇ خۇيبۇ دەپ ئاتالغان، كىشىلەر خاتاھالدا «خۇي» نامىنى خۇيزۇلارغا باغلىۋېلىشىدۇ.)دىكىلەرنىڭ ئەۋلادى دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بۆلىكى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. 1956-يىلىدىن كېيىن تاۋيۈەنلىكلەر شىنجاڭ بىلەن بولغان دوستانەمۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. 1991-يىلىدىكى تۆرتىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرەشتە چاڭگې شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنڭ ئومۇمىي نوپوسى 446 نەپەر بولغان. ئۇلارچاڭگې شەھىرىدىكى  چېڭگۇەن بازىرى، ناھىيەبازىرى، شىشاڭ يېزىسى قاتارلىق يۇرتلارغا تارقالغان بولۇپ، لاۋچېڭ بازىرىدا ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ جەمئىي 384 نەپەر ئىكەن.
07.jpg

ئۇنداقتا خېنەن چاڭگې شەھرىدىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە قاچان ، نىمە سەۋەپتىن كېلىپ قالغان؟!

      1980-يىلى 10-ئايلارداخۇنەن تاۋيۈەن ناھىيە فېڭشۇ گوڭشېسى، خېنەن چاڭگې شەھىرى يىنجاتاڭ كەنتىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرىۋالغان. خەتكە جىيەن پۇچاڭ قاتارلىق ئون كىشى ئىمزا قويغان بولۇپ، خەت تاپشۇرىۋالغۇچىلار تاۋيۈەندىكى جىيەن رېنچېڭ، جىيەن شاڭشېڭ، جىيەن شاڭيۇ قاتارلىق ئۈچ كىشى ئىدى.
09.jpg

      خەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:
           «جۇڭگو رەسىملىك گېزىتى»«جۇڭگو مائارىپ ژورنىلى»دىن يۈشۈدىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ ئىنتايىن خوشال بولغانلىقى، يىنجاتاڭدىكى400-500دىن ئاشىدىغان جىيەن فامىلىلىكلەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇيەرلىك ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلىپ، رەھبەرلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغائېرىشەلمىگەنلكىنى، شۇ ۋەجىدىن دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىن ياخشى بەھىرلىنەلمەيۋاتقانلىقى، مۇمكىن بولسا خۇنەن ئۆلكىلىك مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ،خېنەن ئۆلكىلىك مىللەتلەر كومىتېتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، يىنجاتاڭ كەنتىدىكى جىيەن فامىلىلىكلەرنىڭ مىللەت تەركىبىنى سىياسەت بويىچە ئايرىپ بېرىشىنى سوراپ،ياردەم تەلەپ قىلىنغان. شۇ چاغدىكى فېڭشۇ گۇڭشې ئۇيغۇر پارتىيە كومىتېتى سېكىرتارىجىيەن رېنچىڭ قاتارلىقلار بۇ ئىشقا بېشى قاتقان بولسىمۇ ئەمما ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولغان. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتكەندە، يەنى 1981-يىلى دۆلەتلىك مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ تىڭنىيەن، دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن يىڭ قاتارلىقلار فېڭشۇ ئۇيغۇر، خۇيزۇ كەنتىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە جىيەن رېنچىڭ، جىيەن شاڭشېڭلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،يىنجاتاڭدىكى جىيەن فامىلىلىكلەرنىڭ مەسىلىسىنى بۇ رەھبەرلەرگە دوكىلات قىلغان. بۇمەزگىلدە ئۆلكىلىك مىللەتلەر تەتقىقاتىدىكى لى دىڭرېن، ياڭ سىچاڭلار فېڭشۇدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماتېرىيال يىغقىلى كەلگەندە، ئۇلارغا چاڭگېدىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرغان. شۇنداق قىلىپ ئىككى يۇرتتىكىلەرنىڭ ئون نەچچە يىلغا سوزۇلغان توختاۋىسزتىرىشچانلىقى ۋە يۇرت ئاتلاپ ئالاقە ئورنىتىپ ئۆزئارا چۈشىنىش، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەتەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرەپ بېكىتىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى نەتىجىسىدە،ئاخىرى 1995-يىلىچاڭگې شەھىرى جىيەن فامىلىلىكلەر ئىتتىپاقلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ مىللەت كىملىكى ئەسلىگە قايتۇرۇلغان.

         ماتىرىياللاردىن كۆرۈشىمىزچە،1954-يىللاردا جىيەن بوزەننىڭ يىلتىز ئىزلەپ چاڭگېغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.يىنجاتاڭدىكى جىيەن فامىلىلىكلەردىن ئەۋلادى، كىملىكى ھەققىدە سورالغاندا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىز پۇ گۇڭ(蒲公)نىڭ ئەۋلادى، يەنى بەزىلىرى دى گۇڭ(鼎公)نىڭ ئەۋلادى دېيىشىدىكەن، بۇ ئىسىملاردىن بىز تۆرتىنچى ئەۋلاد چاڭپۇ(常蒲)  يەنى خۇنەن«جىيەن فامىلىلىكلەرجورۇڭقايى»دا خاتىرلەنگەن، مىڭ خانىنىڭ يارلىقى بىلەن خېنەنگە ئەمەل تۇتقىلى بارغان چاڭپۇنى(خەنزۇچە يازمىدا دىڭ دىگۇڭ چاڭپۇ 顶狄公常蒲دەپ ئېلىنىپتىكەن) ئەسكەئالىمىز. ئۇزاق تارىخى جەريانلاردا يىنجاتاڭدىكىلەر ھەر خىل سەۋەبلەردىن ئۆزلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى، ئەجدادىنىڭ ئىسمىنى غۇۋا ئەستە ساقلىيالىشى ۋە ياكى ئۇنتۇپ كېتىشى تەبىئىي. بىراق بۇيەرگە 1981-يىلى كەلگەن ئۆلكىلىك تەتقىقاتچىلارقايسىلا جىيەن فامىلىلىكتىن،- مىللىتىڭ ئۇيغۇرمۇ دېسە، ھەئە، ئۇيغۇر، دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن...ئۇلارنىڭ ئاشۇ غۇۋا ئەسلىمىسىدىن بۆلەك ھېچنىمىسى قالمىغان بولسىمۇ،ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى600يىلدىن بۇيان ئۇنتۇپ قالماي، تارىخنىڭ رەھىمسىزتاسقاشلىرىدا يوقۇلۇپ كەتمەي، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كېلىشىنىڭ ئۆزىنى بىر مۆجىزەدېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ قېتىملىق سەپىرىمىزگىمۇ چېكىت قويۇلدى، لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇر، جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇر ۋەيىراق غەربى دىيارنىڭ قومۇل بوستانلىقىدىن غايىپ بىر شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن يەنەبىر ئۇيغۇر...ھەر قىسما تەگسىز خىياللار ئىلكىدە قۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق، كۆزلىرىمىزدىن بىر خىل قىيالماسلىقنىڭ شولىسى ئەكىس ئېتەتتى. بىر بىرىمىزگە چىراي جەھەتتىن ئانچەئوخشىمىساقمۇ،قەلىب چوڭقۇرلىقىمىزدىكى ئوخشاش تۇيغۇ، تونۇش ھاياجاندا داۋالغۇۋاتقان قانلىرىمىز قايسى بىر تونۇش قىرغاقلارغا قاراپ شىددەت بىلەن ئاقاتتى...

         ئاخىرىدا جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بولغا قىسقا ھەم قىممەتلىك سەپىرىمنىڭ تۈگۈنچىسىنى يىنجاتاڭ ئۇيغۇر كەنتىنىڭ تەشۋىقات تاختىسىغا يېزىلغان ئۇشبۇ قۇرلار بىلەن تاماملاشنى توغرا تاپتىم. –
        ـ بىز ئۇيغۇرلار ئىنتايىن بۈيۈك مىللەتتۇرمىز، ئۇزاق تارىخنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىك جەريانىدا توختىماي ئالغا بېسىپ، توختاۋسىز زورىيىپ قۇدىرەت تېپىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق.بۇنىڭدىكى يۆلەنچۈكىمىز ۋە روھىي تۆۋرۈكىمىز نىمە؟ تايانغان كۈچىمىزنىڭ ئاساسى نىمە؟ ئۇ بولسىمۇ ئىتتىپاقلىق! ئىتتىپاقلىق دېگەن نىمە؟ ئىتتىپاقلىق قانداقتۇر بىرتوپ كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئىتتىپاقلىق كىشىلەر قەلبىنىڭ بىر يەرگە زىچ ئۇيۇشىشىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت قۇدىرىتىنىڭ چوڭ ۋە كىچىكلىكى يوق،مىللەت قۇدىرىتىنى كۈچىنىڭ ئاز كۆپلىكى بەلگىلىمەيدۇ...شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆزىنى«ئۇيغۇر»دەپ ئاتىغان. بۇ ئىتتىپاقلىق مەنىسىدىكى سۆزنى ئۆز مىللىتىنىڭ نامى قىلىپ تاللىغان!...

2013-يىلى4-ئاينىڭ10-كۈنى ئاخشام قۇرۇن جىڭجۇ ئاممىۋىي قاتناش بېكىتىدە لىيۇ رۈنشىن بوۋاي بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى قايتا-قايتا تەكىتلىشىپ خوشلاشتۇق، ئۇ خوشلىشىش ئالدىدا، ماڭا قاراپ:-يىگىت، ئۇرۇق-تۇغقان دوست-بۇرادەرلەر ئالاقلىشىپ تۇرمىسا ئارىسى يىراقلاپ كېتىدۇ.نەچچە يۈز يىلدا ئاران تېپىشتۇق، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك، شىنجاڭغاقايتقاندىن كېيىن بىزنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىغىن، ئانا يۇرتىمىزدىكى تۇغقانلىرىمىزمۇ يىراق بىر ماكاندا ئۆزلىرىنى نەچچە ئەسىرلەر مابەينىدىن كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالسۇن! بىزنى يوقلاپ كەلسۇن، بىزمۇبېرىپ تۇرايلى...ئالاقە ئارقىلىق ئۆز كىملىكىمىزنى تېخىمۇ يارقىن جەۋلان قىلدۇرىشىمىز لازىم...خەيىر، بىز يەنە كۆرۈشكىچە بۇ جېنىم تېنىمدە بارمۇ يوق،ئامان بولغىن، ئاق يول بولسۇن...دېگىنىچە، كەينىگە بۇرۇلۇپلا جىڭجۇ بېكىتىدىكى مىغ-مىغ كىشىلەر توپىغا كىرىپ غايىپ بولدى.

4-ئاينىڭ12-كۈنى لوياڭدىكى ئوقۇشنى تاماملاپ ساۋاغداشلار بىلەن خوشلۇشۇپ قومۇلغا قايىتتۇق.ساۋاغداشلىقنىڭ مېھرى ئاجايىپ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.لوياڭ پارتىيە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە ھاياتىمدىكى تۇنجى خەنزۇچە شئېرنى يازغان بوپتىمەن، شئېرىم مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئوقۇپ ئۆتۈلدى. مېنىڭ خەنزۇچە شئېر يازغانلىقىمنى ئاڭلىغان ساۋاقداشلىرىم ھەيران بولۇپ ماڭا قارىسا،چاقچاق قىلىپ، ئىلگىرى لوياڭدا نۇرغۇنلىغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشاپ ئۆتكەن، مەنمۇشۇ پۇرسەتتە ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن يۇرتلارغا بولغان مۇھەببىتىمنى بىلىپ، بىلمەي خەنزۇچە ئىپادىلەپ قالدىم، قارىغاندا ماڭا ئۇلارنىڭ يۇرتىنى سېغىنغان سەرسان روھى چاپلاشقان ئوخشايدۇ، دىدىم. بۇ قېتىملىق سەپەر ھاياتىمدىكى ھەقىقى بىر ئۇنتۇلماس سەپەر بولدى ۋە ئارمانلىرىم سەھىپىسىگە يېڭى-يېڭى مەزمونلار قېتىلدى. مەن چوقۇم كەيفىڭ، يۈننەن، خىيلوڭجاڭ...لاردىكى قېرىنداشلىرىمنى يوقلاشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم،ئۇ يەرلەردە يەنە قانداق مۆجىزىلەرنىڭ بىزنى كۈتىۋاتقانلىقىنى شۇ زىمىنلارغا قەدەم باسقاندىلا ئاندىن بىلەلەيمىز....

   
پايدىلانغان ماتېرياللار:① « لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار جورۇڭقايى»② چاڭگې شەھىرى [1996]يىل 1-نومۇرلۇق چاڭگې شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆججەت، چاڭگې شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن [1999] يىل 13-نومۇرلۇق يىنجاتاڭ كەنتىدىكى جىەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت تەركىبى مەسىلىنىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى ھۆججەت،تاۋيۈەن ناھىيەسى چۈشۈرگەن[1999]-يىل 1-نومۇرلۇق خۇنەن جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خېنەندىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆججەت.③ مىيەنچى ناھىيە يىلىخې ئۇيغۇر كەنتى جەمەت قەبرىستانلىقىدىكى 3 تال مەڭگۈ تاش ۋە چاڭگې يىنجاتاڭدىكى مەڭگۈ تاشلار.

10.jpg

0

تېما

0

دوست

315

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   7.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21708
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-17
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ مۇشۇلاردەك بۇلۇپ كىتەرمىزمۇ ؟نىمە دىگەن قوقۇنۇشلۇق مىللەت بار تىل يوق   خۇددى جىسمى بار ئۆزى يوقتەك شۇنداق تىمۇ مىللىتىنى ئۇنۇتماپتۇ بولسا كۆپرەك تىخىمۇ تەپسىلى ماتىريال بىلەن بىزنى تەمىنلەپ تۇرۇڭ
يەنە بىز تەكلىپ مۇمكىن بولسا مەبلەغ توپلاپ ئاشۇ دىلى سۇنۇق قىرىنداشلىرمىزغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئانا تىلمىزنى ئۆگەتسەك قالتىس ئىش بولغۇدەك مەن ئانا تىلىمدىن باشقا خەتنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن بىلگەن بولسام مەن ئاشۇ ئۇيغۇر دوسلارغا پىدايى ئوقۇتقۇچى بۇلاتتىم  مۇشۇ ھەقتە كۆپچىلىكنىڭكى ئامال چارا تىپىپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلمەن
يەنە مۇمكىن بولسا ئاشۇ ئۇيغۇر دوسلارنىڭكى توربىتىنى بىلسىڭىز كۆرۈپ باقساق ياخشى بۇلاركەن
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئەلقانات

0

تېما

10

دوست

4307

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 1192
توردىكى ۋاقتى: 515
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىنجاتاڭ ئۇيغۇر كەنتىنىڭ تەشۋىقات تاختىسىغا يېزىلغان خەتلەر يۈرىكىمنى لەرزىگە سالدى. ھەتتا ئاشۇ قۇرلارنى مۇشۇ يازمىنىڭ جېنى دېيىشكىمۇ بولىدىكەن. لېكىن ئاۋۇ سۈرەتلەردىكى چىرايلارنى كۆرۈپ ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم.

2

تېما

0

دوست

514

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11132
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 73
تۆھپە : 111
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«...قايسىبىر يىلى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى يازغان بىر ماقالىدىن لوياڭدا ياشاپ كېلىۋاتقانلىيۇ فامىلىك ئۇيغۇرلار بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشكەنتىم....»
راس  ...بەرقى ئەپەندىم  قۇرغان توربەتتە  ،بەرقى ئەپەندى يازغان « لىيۇ فامىلىك ئۇيغۇرلار ...»ناملىق يازما ئېلان قىلىنىپ تورداشلار ئارا قېرىنداش ئىزدەش قىزغىنلىغىنى قوزغىغان ئىدى. يەنە شۇ يۇرتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلاربىلەن ئالاقىلىشىپ ،ئۇلار بىلەن دوسلۇق ،چۈشىنىش ...ئېلىپ بارماقچىمۇ بولغان ئىدۇق ...ئەپسۇس ،تۈرلۈك سەۋەپلەر ياكى پۇرسەتنىڭ كەملىگى بىلەن بۇ مەخسەتلەر ئىشقا ئاشماي قالغان  ئىدى .ئۇلارنى سىز يەنە بىر قېتىم ئىزدەپ بەك خەيىرلىك ئىش  قىلىپسىز  ،ياراتقان ئىگىمىز شۇ ئىزدىنىشڭىز،كىملىك ئىزدەش ئۇلۇق مەخسىدىڭىزگە ياريۈلەك بولغاي ....

1

تېما

0

دوست

569

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12124
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 175
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
napalyun يوللىغان ۋاقتى  2013-11-12 23:19
بىزمۇ مۇشۇلاردەك بۇلۇپ كىتەرمىزمۇ ؟نىمە دىگەن قوقۇنۇش ...

مەنمۇ ناپالىيۇننىڭ پىكىرىنى قوللايمەن.

0

تېما

0

دوست

703

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   40.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21727
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-17
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بىزمۇ تىلىمىزنى دىلىمىزنى دىنىمىزنى جان تىكىپ قوغدىمىساق يۈز يىلغا قالماي ئاشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالىمىز،

1

تېما

6

دوست

4220

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1216
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بىزنىڭ قارىنداشلىرىمىزكەن، تېمىنى ئوقۇپ ۋە قىستۇرۇلغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بىر قىسما بۇپقالدىم دىسە....

3

تېما

1

دوست

2815

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 896
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى ، دىنى ، ئېتىقادىي بىز بىلەن ئوخشىمايدىكەن ! ئۇلاردىن بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى بىزقىسىم باشقا مىللەتلەرنىڭ قانداشلىقى كۈچلۈككەن ، لېكىن ئاللىبۇرۇن باشقا - باشقا مىللەت بولۇپ ئاتىلىپ كەتتۇق ، شۇڭا ئۇلارنىڭ پەقەت مىللەت نامى بىز بىلەن ئوخشاپ قاپتۇ دىيىشكە بولىدۇ ، يەنى ئىسمى ئوخشاش باشقا - باشقا مىللەت خالاس ! ئەسلى ئۇلارغىمۇ باشقا مىللەت نامى بېرىشى كېرەك !
ئاپتور ، جىڭجۇدا كاززاپلارغا ئالدانمىدىڭىزمدا ؟ جۇڭگودىكى ئەڭ يۈز لازىم ئەمەس كىشىلەر شۇ يەردە ، بۇنى پۈتۈن خەنزۇ ئەھلىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ ، بولدىلا ، خېنەنلىك توغرىسىدا سۆزلىسە ئاسەم بەك قاقشاپ كېتىدۇ !
ئاپتورغا تەكلىپ : ئۆزىڭىز بىر تارىخچى بولغاندىكىن ئۇيغۇرغا ئوخشايدىكەن دىگەن گەپنى دىمەڭ ، بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزكەن دەپ تۇرۇپ ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىكەن دېسىڭىز قاملاشمايدۇ !  گىپىڭىزچە بولغاندا تۇرپان تەرەپنىڭ نۇرغۇن ئادىمى ئۇيغۇرغا ئوخشىماي خەنزۇغا ئوخشايدۇ ، قۇمۇل تەرەپنىڭ بىرقىسىم ئادەملىرى قازاققا ئوخشايدۇ شۇنداقمۇ ؟ سىزنىڭ دېگىنىڭىز بۇيىچە دەل شۇنداق بولۇپ قالىدۇ !  ھەقىقىي ئۇيغۇر قانداق بولىدۇ ؟ تەقى - تۇرقى قانداق بولسا ئاندىن ئۇيغۇرغا ئوخشاش بولىدۇ ؟ ئاۋۋال شۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىۋىتىپ ئاندىن باشقىلارغا باھا بېرىڭ !      ماقالىڭىزدىن خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم دەپ قارايمەن !   رەھمەت ...

0

تېما

25

دوست

3031

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 608
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستا ما ئىشنى ئۆزىنى يۈتتۈرۈپ قويغان مىللىي قىرىنداشلىرىمىزنى تىپىۋاپتىمىزدە ئەمدى .ئۇلاردىن ئاچچىق ساۋاق ئىلىشىمىز كىرەك

2

تېما

5

دوست

2620

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 756
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
napalyun يوللىغان ۋاقتى  2013-11-12 23:19
بىزمۇ مۇشۇلاردەك بۇلۇپ كىتەرمىزمۇ ؟نىمە دىگەن قوقۇنۇش ...

ئۇ ئىشلار شۇ يەرلىك ھۈكىمەت مەبلەغ ئىلتىماس قىلىپ ھەل قىلىدىغان ئىشلار-ئۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )