قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2014|ئىنكاس: 24

خوتۇندەك خوتۇن ئىزدەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

7

دوست

7804

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17880
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 166
تۆھپە : 2218
توردىكى ۋاقتى: 435
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 00:00:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                     خوتۇندەك خوتۇن ئىزدەپ
                                                 مۇھەممەدتۇرسۇن  ئابدۇرېھىم ئوغلانى
                                                                  (ھېكايە)

       بىر كىشى قولىغا بىر يوغان تۆمۈرنى كۆتۈرۈپ مەن تەرەپكە كىلىۋاتاتقاندەك قىلاتتى  ،ئۇنى بۇ چۆللۈكتە يىراقتىن كۆرۈپ كىشىنىڭ قورققىسى كىلەتتى . تىزدىن ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۆتتۈم ، قولۇمغا بىر تاش چىقتى ،ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ جېنىمنى قۇتۇلدۇراي  دەپ ئويلاپ تىتىرەپ تۇراتتىم . ئاۋال ئاياق پاشنىسىنىڭ ئاندىن چەمىنىڭ   تاشلارغا ئۇرۇلۇپ چىقىشىدىن كىلىۋاتقان بۇ ئاۋاز مېنىڭ يۈرۈكۈمگە ئۇرۇلىۋاتقاندەك «تاراق،تاراق»قىلىپ مېنىڭ قېشىمغا يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى ،قاچالىسام ماشىنىنى تاشلاپ بېرىپ قېچىشنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم .نىمىلا بولمىسۇن جان موھىم -دە .ئۇ ئاۋاز توختىدى -دە،ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى :
ــ بۇ ماشىنا كىمنىڭ ؟
ــ................
بۇ ھالەتتە مىنىڭ گەپ قىلالىشىم مومكىن ئەمەس ئىدى .
ـــ مېنىڭ ئىسمىم راخمان ،ناھىيە بازىرىدا ماشىنا رىمنۇت قىلىمەن ،كىم بولسىڭىز چىقىڭ ،بۈگۈن ماشىنا تاپالمىدىم،مىنى ئېلۋالسىڭىز بولامدۇ ؟
       كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشتى ،لىكىن  يەنىلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدىم .ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ،تولىمۇ قاۋۇل بىر ئادەم ئالدىمدا بىر تۆمۈرنى تۇتۇپ تۇراتتى . ئۇ دەرھال كىلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتى ،ئۇ  ئەسلى ھېلىقى تۆمۈرنى يولدىن تېپۋاپتىكەن ،مەنمۇ كۆرۈشكەندىن كىيىن ماشىنىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم . ماشىنا ئوڭشالدى . ئىككىمىز يولغا چىقتۇق . لىكىن كۆڭلۈمدە يەنە ئەندىشە نىرۋىللىرىم جىددي  ئىدى ،مەن بۇ كىشىنى تونۇمىسام ،خاتىرجەم بولغىلى بولاتتىمۇ ؟  
       يېقىندا بىر يەردە يىغىلىش بولىدىكەن دەپ دوستلىرىم چاقىرغان  . قولۇمدا موھىم ئىشىم بار ئىدى ،لىكىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئېشىۋالغاندەك بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ ،ئىشلىرىمنى قويۇپ ماشىنامنى ھەيدەپ يولغا چىقتىم . يولدا بىر چوڭ چۆللۈك بار ئىدى ، بۇيەردىن ئۆتسەك ئاندىن ناھىيە بازىرىغا كىرەتتۇق ،دەل شۇ چۆللۈككە كەلگەندە نىمىشقىكىن بۇ ئەبجاخ ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى ،تېلفۇننىڭ توكى يوق ،شۇنداق قىلىپ يىغىلىشتىن قالغاننى ئاز دەپ شۇ چۆللۈكتە قونىدىغان بولدۇم ،دەپ ئەندىشىگە چۈشكەن ئىدىم . كۈن ئولتۇرۇشقا ئالدىراۋاتاتتى . دەل مۇشۇ چاغدا بايقى ئىشلار بولدى .
  ــ سىز مۇشۇ يېزىدا خىزمەت قىلامسىز ؟
ــ ھەئە ،ــ دېدىم ،ئارتۇق چۈشەندۇرۇپ ئولتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن ئىدىم .
ــ نىمە خىزمەت قىلىسىز ؟
ــ ئوقۇتقۇچى
ــ مۇشۇ تاپتا ئوقۇتقۇچى دىگەننىڭ ئىشى پۇزۇر ھە ، مىنىڭ ئون ئۈچىنجى ئايالىم ئوقۇتقۇچى ئىدى -دە ئۇ كاساپەت ، ماڭا شۇنداق قىلاتتى ، شۇ بىر ئاقساپ ماڭىدىغانلىقىنى دىمىسەم ،ھەي....
ـــ ئون ئۈچىنجى ئايالىم؟؟؟
  بۇ يېنىمدا ئولتۇرغان ،قارىسا ئوتتۇز  نەچچە ياشتەك كۆرۈنىدىغان بۇ كىشىىنىڭ ئون ئۈچىنجى خوتۇن دىگىنى  مىنى سەل ھەيران قالدۇرۇپ قويدى .
ـــ ھەئە ،يېقىندا ئون سەككىزىنجى خوتۇنۇم بىلەن ئاجىرشىپ كەتتىم .
ـــ نەچچە ياشقا كىردىڭىز ؟
ـــ بۇ يىل قىرىق  ئۈچ ياشقا كىردىم .
ــ بالىڭىز بارمۇ ؟
ــ ئۈچ بالام بار ،ئۈچ خوتۇندىن .
ــ ۋوي نىمانچە كۆپ توي قىلدىڭىز ئەمدى ؟
ــ ئۇكام ،گەپ قىلاي دىسەم گەپ جىق ،سىزدىن گەپ يوشۇرۇپ ئولتۇرمايمەن ، مىنىڭ بىرىنجى ئايالىم بىلەن توي قىلغاندا مەن ئەمدى ئون سەككىز ياشتا ئىدىم . ئۆيدىكىلەر  مېنى ئۆيلەپ بولۇپ تۇيۇقسىز تەلىيى كىلىپ بېتىپ كەتتى . لىكىن مېنىڭ پەقەت پۇلنى بۇزۇپ چاچقىم كەلمەيتتى . ئايالىمنىڭ  بۇزۇپ چاچماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا چەك قوياتتىم .بازارغا چىقسا پۇلنى قىسىپ بېرەتتىم ،ئۇن ،سەي ،ياغ ،ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىنى ھېسابلىق قىلدۇرتتىم .
ــ سىز بۇنداق قىسىڭىز ئايال كىشى چوقۇم چىدىمايدۇ ،ــ دېدىم ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ .
          ــ شۇنداق بولدى ،ئۇ  بىر يىل ئۆي تۇتۇپ مەندىن ئاجرىىشىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى .مەن ئۇنىڭ پۇلنى بۇزۇپ چاچىدىغان  بەڭۋاشلىقىنى دەپمۇ بولسا ئارتۇق گەپ قىلماي خېتىنى بېرىۋەتتىم . ئىككىنجى يىلى يەنە بىر خوتۇن بىلەن توي قىلدىم ، ئۇنىڭ تىنىدىن غەلىتە پۇراق چىقىدىكەن ،ئۇنىڭ بىلەنمۇ بىر ئاي ئۆي تۇتماي قويىۋەتتىم . ئۈچىنجى خوتۇنۇم بولسا ھەم چىرايلىق ،ھەم نازاكەتلىك ئايال ئىدى ،لىكىن ئۇنىڭ بىر يېرى خەت تونۇمايدىكەن ،شۇڭا ئۇنداق نادان خوتۇننى تۇرغۇزغۇم كەلمىدى . تۆتىنجى خوتۇنۇم بولسا بىر قولى تىتىرەيدىكەن ، كۆزۈمگە سىغمىدى ،ئۇنىمۇ قويىۋەتتىم . شۇكۈنلەردە  ماڭا بىرەر كۆزۈمگە خوتۇن كۆرۈنگىدەك بىرسى كۆرۈنمىدى،بەزىللىرى بىر مەزگىل ئۆي تۇتۇپ سەت قىلىق چىقارغىلى تۇردى ،بەزىللىرى ئەيىبلىرى ئىچىمنى پۇشۇرۇپ قويدى  ،شۇنداق قىلىپ قويۇپ بېرىۋەردىم .ھازىرغىچە ئون سەككىز خوتۇننى ئاپتىمەن ،بالىلىقمۇ بوپتىمەن ، ھازىرغىچە خوتۇنغا ئوخشايدىغان بىر خوتۇن ئىزدەپ يۈرۈيمەن ئۇكام .
ــ سىزنىڭچە قانداق خوتۇن خوتۇنغا ئوخشايدىغان خوتۇن بولىدۇ ؟ــ دەپ ئەجەبلىنىپ سورىدىم .
ــ ھېچ بولمىغاندا مىھمان كۈتەلەيدىغان ، ئەيىب نوقسانىلىرى ئادەمنىڭ ئالدىدا چانمايدىغان ،خوتۇنغا ئوخشايدىغان خوتۇن بولسا بولاتتى .
ــ ئاكا ،سىز قايسى مەكتەپكىچە ئوقۇغان ؟
ــ تولۇقسىزغچە
ــ سىزنىڭچە ئەردەك ئەر قانداق بولىدۇ ؟
ــ بۇنى بىلمەيمەن ،مەن جىق ئوقۇمىغان ،مىنىڭچە بولغاندا خوتۇنىنى باشقۇرالىسا ، سىرتتا نېنىنى تېپىپ يىيەلىسە ، ئەر كىشىدە ياشىيالىسا بۇ ئەر بولىدۇ .
ــ ياق ئاكا ،مانا بۇ سىزنىڭ خاتالاشقان يېرىڭىز ،
ئۇ ماڭا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى .
         ــ سىز بىر ئەر بولۇشنى بەكمۇ ئاددىي چاغلاپ قاپسىز ، ئەر دىگەن ئاياللاردىن كۈچلۈك ،ئۇ كۈچىنى قانداق يەرگە ئىشىلتىدۇ ؟ كۈچنى دەل شۇنداق ئايالىنى  قوغداشقا ، ئايالىنىڭ قىلالمىغان ئىشىنى قىلىپ بېرىشكە ، يەنىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ئىشىلتىدۇ ، ئايالىڭىزدا كۈچ بولمىسا سىز كۈچ بولىسىز ، قول بولمىسا سىز قول بولىسىز ، خەت بىلمىسە تەربىيلەيسىز ، تىنى پۇرىسا سىز ئەتىرە ئېلىپ بېرىسىز ،ياكى داۋاسىنى قىلىسىز . دىمەك سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنىڭ بولۇشى خوتۇنىڭىزنى كەمسىتىش ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ،خوتۇنۇڭىزنى كەچۈرۈشىڭىز ،ئۇنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تولۇقلىشىڭىز ئۈچۈن . شۇندىلا سىزنىڭ ئائىلىڭىز  بەخىتكە قاراپ ماڭىدۇ .
ـــ ئۇكام ،سىز توي قىلغانمۇ ؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ ،
ــ ھەئە .
ــ خوتۇنىڭىزدا ئەيىب يوقمۇ ؟
ــ بار ،ئىككى كۆزى ئەما
ــ ......
ئۇ جىمىپ  قالدى ، مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم .
ــ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىچىڭىز پۇشمامدۇ ؟
ــ نىمىگە ؟ ئۇنىڭ ئەمالىقىغىما ؟
ئۇ «ھەئە » دىگەنچىلاپ بېشىنى لىڭشىتتى .
      ــ ياق ،ئاكا ،مەن ئۇنى ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇ مېنى رەت قىلغان ، ئۆيدىكىلەرمۇ رەت قىلغان ،لىكىن مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇنىڭغا كۆزى كۆرمىسە مەن كۆز بولىمەن دەپ ۋەدە بەردىم . ئۇنىڭ ئەمالىقىنى ئاللىبۇرۇن كەچۈرىۋەتكەنمەن ،شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ئۇنىڭ كۆزىگە كۆز ، دەرت تۆكسە تىڭشايمەن ، ناماز ئوقۇسا جايناماز سېلىپ بىرىمەن ،  يىغلىسا كۈلدۈرىمەن ،كۈلسە ئۇنىڭ بىلەن كۈلىمەن ، ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ، ئۇنى بۇ ئالەمدە بەخىتكە ئېرىشتۈرۈشنى بۇرچۇم دەپ بىلىمەن . ئۇمۇ مەندىن بەكمۇ رازى ،ئاتا -ئاناممۇ مىنىڭ قىلغىنىمدىن تەسىرلىنىپ ئۇنى قوبۇل قىلدى . ئۇ تېخى  ماڭا بىر قىز تۇغۇپ بەردى ، كۆزلىرى  روشەن ، ئەقلى مەزمۇت . مەنمۇ ئۇنىڭدىن ، ئاللاھنىڭ مۇشۇنداق بىر قىزنى ،ئايالنى ماڭا ئاتا قىلغىنىغا خۇشال .
       ئۇ ماشىنىنىڭ كەينىدىكى سومكامدا قويۇپ قويغان  قىزىمنىڭ ۋە ئايالىمنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ ،ھېچ نەرسە دىمىدى ،كۆزلىرىدىن ياش ئاققىنىنى غىل-پال كۆردۈم . شۇنىڭ بىلەن بىردەمدە ناھىيگە كەلدۇق . ئۇمۇ چۈشۈپ قالدى .
         كاللام ھەر خىل خىيال بىلەن ئىدى ،جەميىتىمىزدە قانچە ئەرلەر خوتۇندىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرۈيدۇ ؟ ئۇلار تۈزىيەلەيدۇ ،لىكىن كەچكىچە خوتۇندەك خوتۇن ئىزدەش بىلەن ئاۋارە ،ئەر كەك بولغاندىكىن ئەردەك بولسا ،كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزىنى باشقۇرسا ،ئەقلى بىلەن ياشىسا ،خوتۇنمۇ خوتۇندەك بولىدۇ -دە ، باشقا يەردىن خوتۇن ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟ ،بۇ خىياللىرىم تۈگىمەيلا سورۇنغا كىرىپ كەتتىم .

                                                                                             2013.06.05 (تىيەنجىن)

0

تېما

6

دوست

1471

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 02:21:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەت ساپاسى دېگەن شۇ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

589

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21568
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 11:05:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپا دېسە مىللەتكە تاقىماڭلار،مەيلى خوتۇن ئىزدەپ يۇرگىنى بولسۇن،ياكى ما شۇپۇر بالا بولسۇن ئىككىسىلا بىر مىللەت.بۇ بىر كىشىنىڭ ئۆزىدىكى ساپا مەسلىسى.

14

تېما

13

دوست

6146

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 1808
توردىكى ۋاقتى: 558
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 11:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كۆرۈپلا قالدىمۇ، ھىچنىمە قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. سىز مۇشۇ تىپقا كىرىدىكەنسىز، ئادەم بۇپ تۇغۇلغاندىكىن ۋەدىگە ۋاپا قىلىش كېرەك!...
بەخنىڭىزنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى تىلەيمەن، ئاللا ئىگەم مۈشكۈلىڭىزنى ئاسان قىلسۇن.

0

تېما

0

دوست

72

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23096
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 11:29:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز!

0

تېما

0

دوست

72

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23096
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 11:47:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكالا!

2

تېما

0

دوست

2694

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6863
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 478
تۆھپە : 511
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 13:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنىڭ چانايدىغىنىكەن بۇ.جىڭ گەپ.

0

تېما

0

دوست

1940

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8398
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 291
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 15:44:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز。                  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )