28 يىلدىن كېيىن قايتا «تىرىلگەن» چىن مودەن ئۈرۈمچىدە
(ھۆسۈيۈن سالى)
چوڭ تىپتىكى 6 پەردىلىك ناخشا-ئۇسسوللۇق تارىخىي ئوپىرا «چىن مودەن»، قومۇل ناخشا-ئۇسسول ئۆمىكىنىڭ زور تىرىشچانلىقى ھەم قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىسى شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ھەم ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 28 يىلدىن كېيىنكى بۇگۈنكى كۈندە قايتا سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، پۈتكۈل جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى ھەم بۇ ھەقتە پېقىرنىڭ قەلەم تەۋرىتىشى بىلەن «28 يىلدىن كېيىن قايتا تىرىلگەن چىن مودەن» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالا «باغداش» تورىدا ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتتە «چىن مودەن» ئوپىراسى ھەققىدە ناھايتى زور غۇل-غۇلا پەيدا بولدى، ھەم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورداشلار، مەزكور ئوپىرانى كۆرگەنلەر ئوپىرا ھەققىدىكى قىممەتلىك تەسىراتلىرىنى، تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى تور ئارقىلىق جەمئىيەتكە نامايەندە قىلدى. ئوپىرانى كۆرمىگەنلەر ياكى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەرمۇ ئۆزىنىڭ بەك ئارماندا قالغانلىقىنى تور ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىدى. يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ «چىن مودەن» ئوپىراسى ھەققىدىكى كۆز قاراش، تەسىراتلىرىنى ھەم قومۇل ناخشا-ئۇسسول ئۆمىكىنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان رازىمەنلىكىنى، ھەم مەزكور ئوپىرانى ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىمۇ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ھەققىدىكى ئارزۇ، ئىنكاسلىرىنى تورغا يوللىيالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ماڭا تېلېفون ئارقىلىق يەتكۈزدى. مەنمۇ تورغا يوللانغان ئىنكاسلارنى ھەم ئۆزەمگە تېلېفون ئارقىلىق كەلگەن ئىنكاس ۋە تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنى ئۆمەك باشلىقى جېلىل ئوسمانغا ۋاقتى-ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇردۇم. مەزكۇر ماقالا توردا ئېلان قىلىنىپ، بىر ھەپتىەە يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 20 دىن ئارتۇق ئىنكاس يوللاندى بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتتە «چىن مودەن» ئوپىراسىغا بولغان قىزىقىش، «يەنە بىر كۆرسەم» دەيدىغان كۈچلۈك ئارزۇ-ئارمانلار يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ھالبۇكى، كەڭ جەمئىيەتتىكى بۇ خىل كۈچلۈك ئىنكاس، يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلار، 28 يىلدىن كېيىن قايتا «تىرىلگەن» چىن مودەننى مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە چىقىشقا دەلىيلەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە، ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشى شۇنىڭدەك ئۈرۈمچىدىكى كەڭ سەنئەت سۆيەر خەلقنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىغا بىنائەن قومۇل ناخشا- ئۇسسول ئۆمىكى «چىن مودەن» ئوپىراسىنى 2013- يىلى 11- ئاينىڭ 29-30 – كۈنلىرى ئۈرۈمچى جەنۇبىي قوۋۇق (نەنمېن) خەلق تىياتىرىدا ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى قارار قىلدى. نۆۋەتتە، مەزكۇر ئوپىراغا قاتناشقان بارلىق ئارتىست ۋە خىزمەتچى خادىملار جىددىي تەييارلىققا كىرىشىپ كەتتى.
«چىن مودەن» ئوپىراسىنىڭ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە قويۇلىشى، قومۇل ناخشا- ئۇسسول ئۆمىكىنىڭ تىياتىرچىلىق سەنئىتىدە قولغا كەلتۈرگەن زور ئۇتۇق ۋە يۇقىرى سەۋىيىسىنى نامايەندە قىلىپلا قالماي بەلكى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان تېخىمۇ گۈللىنىش، تېخىمۇ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولۇپ، لېكىن بۇ كاتتا پۇرسەتلەردىن مۇستەسنا قېلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقنىڭ زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان ھەم تەلەپ قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، تەرەققىيات مۇساپىسىگە ئاتلىنىشنىڭ تۈنجى قەدىمىنى باستى دىيىشكە بولىدۇ. ھەم شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى بۇندىن كېيىن كىنونى يەنىلا كىنوخانىدا يۇقىرى بەدىئىي ئۈنۈمى بىلەن، دىراما-ئوپىرالارنى يەنىلا تىياتىرخانىلاردا پىرسۇناجلارنىڭ نەق مەيداندىكى قويۇق ھېسسىياتىغا جۆر بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى ھوزۇر بىلەن كۆرىدىغان تەبىئىي مۇھىت بارلىققا كەلگۈسى. كەڭ جەمئىيەتنىڭ شۇنىڭدەك بارلىق تور ئەھلىنىڭ يېقىندىن بۇيان نەزىرىنى «باغداش» تورىغا كۆپرەك ئاغدۇرۇپ، «چىن مودەن» ئوپىراسى ھەققىدىكى خەۋەر، بايانلارغا دىققەت قىلىپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
ئوپىرادىكى يارقىن كۆرۈنۈشلەر: (سۈرەت)
چىموندەن ئوۋغا چىقىپ لايىقى مەرداننى ئەسلىمەكتە
مەردان ئوردا ياساۋۇللىرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش قارارىغا كەلدى
ۋاڭنىڭ قىزى زۆھرە چىنمودەن گە ھېسىداشلىق قىلدى، ۋاڭ قىزى زۆھرەنى قاتتىق
جازالىماقچى بولدى
چىنمودەن ئوردىغا ئېلىپ مېڭىلدى.ئانىسى قىزىنىڭ مېھرىدىن كېچەلمەي پەرياد چەكمەكتە
چىنمودەن دىراممىسىدىكى بارلىق ئارتىس ۋە خىزمەتچى خادىملار
|