قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ئەمىن

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن يېزىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

539

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19937
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 07:14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
يېزىق ئۆزگەرتىشكە مەن زادى قارشى!!!  يىزىقىمىزدا نىمە گۇناھ؟كومپېيۇتىردا تونىمىدى دەپ غەلۋە قىلغان،ھازىر بىر چىرايلىق قوللىدىغۇ مانا! يېزىقنى كومپېيۇتىر قوللىمىسىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ،چۈنكى يېزىق مۇكەممەل يېزىق،كومپېيۇتىرغا تونىتالمىغان بىزلەر يارىماس بولغان بولىمىز.يېزىق ئۆزگەرتىش چىكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،خۇددى دادام بۇ يېزىقىمىزنى كىيىن ياشقا چوڭايغاندا ئۆزى ئۈگەنگەندەك!
بىز بۇ يېزىقنى ئىشلىتىۋەرسەك ھىچ بولمىسا چاغاتاي تۈركچىسىنى بولسىمۇ ئوقۇيالايمىز،ئاۋۇ لاتىنچىنى ئۈگۈنۈشكە بىرەر سائەت كىتەر شۇ. پىنيىن يېزىقى قوللانغان ئۇچاغلاردىكى ئەسەرلەرنى بىرەر سائەت سەرپ قىلىپ ئۈگۈنۈپلا ئوقۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئەمما بۇ يېزىق بىلەن نەچچە يۈز يىل مابەينىدە يېزىلغان ئەسەرنى ئوقۇيالايسىز(لىكىن 100%چۈشىنەلەيسىز دىيەلمەيمەن).
   بۇ يىزىقىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى جىق:
1.بىز بىردىن-بىر مۇشۇ يېزىقنى ھازىرمۇ ھەم قوللىنىپ كىلىۋاتقان خەلق،شۇڭا قەدىمى ئەسەرلەرنى كۆرۈشتە ۋە ئۈگۈنۈشتە ئەڭ ياخشى بولغان تىل تاللىشى.
2.بۇ يىزىقىمىزدا يېزىلغان نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلىرىمىز بار.ھۆسۈن خەت سەنئىتىمىزمۇ پىشىپ يىتىلگەن.
3.باشقا يېزىقلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۇڭاي،تىل بىلمەيدىغانلار لاتىن يېزىقىدا يىزىلغان نۇرغۇن يازما ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە ئۇنىڭ قايسى تىلدا يىزىلغىنىنى بىلمەيدۇ.لىكىن ئۇيغۇرچىنى بىلىش بەك ئاسان(پەقەت ئەرەب،پارس،ئوردو تىلى بىلەن پەرقلەندۈرۈش تەسرەك،لىكىن بۇلار ئارىسىدا تۇققاندارچىلىق يوق دىيەرلىك).
4.بۇ يېزىقىمىز ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا،مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش ئۈچۈن شۇ پەرىقلىق بىر نەچچە ھەرپنى ۋە زىر-زەبەرلەردىن نەچچە سائەت ساۋاق ئالسىلا قۇرئاننى ئوقۇپ كىتەلەيدۇ(تەجۋىد بۇيىچە ئوقۇمىسا ھېساب ئەمەس دەپ چۈشمەڭلار).مىنىڭ بىر دوستۇم مەندىن بىر سائەتتىن ئىككى سەھەر ساۋات ئىلىپلا قۇرئاننى ئوقۇپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ قۇرئاندىكى نۇرغۇن ئۇششاق سۈرىلەرنى ئۆزى ئوقۇپ يادقا ئالدى،چۈنكى قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجېمىسى بولغان بىلەن نامازنى ئۇيغۇرچە ئوقۇغىلى بولمايدۇدە.
5.ئۇيغۇر تىلى باشقا تىلنى ئۈگۈنۈشتە قۇرال بولسا بولىدۇكى توسالغۇ بولمايدۇ.تىلىمىزدا بار ھەرپلەرنىڭ ئەرەب تىلىدىكى تەلەپپۇزى ئوخشاش،ئوخشاش ئەمەسلىرى تىلىمىزدا يوق.لاتىن يېزىقى ئىشلىتىدىغان مىللەتلەردەك بىر بىرىنىڭ تىلىنى ئۈگەنگەندە تەلەپپۇز جەسەتتەن توسالغۇ بولمايدۇ.لاتىن يېزىقى ئىشلىتىدىغان مىللەتلەر بىر بىرىنىڭ تىلىنى ئۈگۈنۈشتە ئۆز تىلى تەلەپپۇز جەھەتتە توسالغۇ بولىدۇ،چۈنكى يېزىق ئوخشاش تەلەپپۇز ئوخشاش ئەمەس.بىزدە ئېنگىلىزتىلىدەك لاتىن تىللىرىنى ئۈگۈنۈشتە تەلەپپۇز تۇسالغۇسى بولمايدۇ،ئەگەر يىزىق ئۆزگەرتسەك بىزدىمۇ تەلەپپۇز توسالغۇسى بولىدۇ.  مەسىلەن بۇ ئىتالىيەدە كىشىلەر ئىنگىلىزتىلىنى ئۆز تىلىنىڭ تەلەپپۇزىغا سىلىپ ئوقۇيدۇ
مىسال : ئېنگىلىزچەtransitionسۆزىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى ‹چرۈەن زىشىن› ئەمما ئىتالىيانلار خۇددى بىز ئۇيغۇر لاتىن تىزىقىنى ئوقۇغاندەك ‹تران سىشىن› دەپ ئوقۇيدۇ.ئىتالىيەنچىدە ‹H›تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ،شۇڭا خىلى ئىتالىيانلار ئېنگىلىزچە سۆزلىگەندىمۇ ‹H›نى تەلەپپۇز قىلمايدۇ مىسال:ئېنگىلىزچە homeتەلەپپۇزى ‹خوۆم› ئىتالىيانلار بولسا ‹ئومى› دەپ تەلەپپۇز قىلىپ يۈرۈيدۇ.شۇڭا ئوخشاش يىزىق تەلەپپۇز ئوخشاش بولمىسا ئۈگۈنۈش تىخىمۇ تەس،ئاسان ئارلاشتۇرۋىتىدۇ.
5.يېزىقىمىز پەرقلىق بوغاچقا كىيىنچە گوگېل تەرجىمان دىگەندەك تەرجىمە دىتاللىرىنى ئىشلەشتە كۆپ قولاي،ھەم ئورتاقلىققا ئىگە باشقا لاتىن ۋە سىلاۋىيان يىزىقى ئىشلىتىغان مىللەتلار يېزىقىدىن پەرقلەندۈرۈش،ئاپتۇماتىك سۆزلۈك ئامبىرى قۇرۇشتا كۆپ قولاي.ئەگەر قېرىنداش تىللارنىڭ  يېزىقلار ئارا پەرقى چوڭراق بولمىسا پەرىقلەندۈرۈش ۋە  ئاپتۇماتىك تەرجىمە قىلىش تەسكە چۈشىدۇ.ئەمما بىزنىڭ يېزىقىمىزنى ئاپتۇماتىك ھالدا ئاۋۇ ئورتاق تۈرك يېزىقىغا ئۆزگەرتىش بولسا ئازراقلا كود يېزىشتىن خەۋىرى بارلارمۇ قىلالايدۇ.ماس بولغان ھەرپلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرسىلا بولدى،بۇ خۇددى 1نى 0 بىلەن 0نى 1 بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئىپادىلىگەندەكلا ئىش.

خۇلاسە كالام،يېزىق ئۆزگەرتىش قەتئىي بولمايدىغان،قاملاشمىغان،بىزدەك تىلىغا ئۆزى ئىگە بولمىقى تەرس بولىۋاتقان مىللەتنى ئەڭ تىز ھالاكەتكە ئىلىپ بەرىدىغان ئىش.يېزىقنى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ قوللىماسلىقى يېزىقنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس بەلكى شۇ يېزىقنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يارىماسلىقىدىن كۆرۈش كىرەك!!!!!!!!!!!

بۇ يەردە يېزىق ئۆزگەرتىش ئىشىغا باش قاتۇرماي ،بەلكى ماۋۇ ئۇلىنىش ئادرىسىغا كىرىپ http://windowsphone.uservoice.co ... لەت تاشلاپ[/url] قويۇڭ. سىز قوللاپ بەرگىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ يېزىقىمىز ئىگىسى بولمىش سىز ۋە مىنىڭ يېزىقىمىز غا‹يارىماس› ئەمەسلىكىمىزنى ئىسپاتلاشقا كۈچ چىقارغىنىڭىز.   

1

تېما

1

دوست

3062

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9619
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 437
تۆھپە : 643
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 09:10:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Zapar916 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-17 10:14
سىز  مۇشۇ  ئۇيغۇر يىزىقىنى كۆمپىيوتىردا  نۇرمال كۆرسى ...

كاللا جايىدىمۇ يا ، سىزنىڭچە ھازىرقى يېزىقنىڭ كۆركەملىكىدە مەسىلە باركەندە . توۋا ما گەپنى ئاڭلىمىغانلا گەپتىن بىرنى ئاڭلايمىنا . ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپىيۇتېرغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشقا بىرەر ياردەم قىلغاندەكلا گەپ قىپسىز ، ئىشنى سىز قىغان بولسىڭىز ئىش باكەنتۇق .
كورىيان ، ياپۇن ، خەنزۇلارمۇ يېزىقىنىڭ سەتلىكىدىن ۋايسىماي ئىشلىتىۋاتسا ، بىر چىرايلىق يېزىقنى سەت دېسىڭىز ئادەمنىڭ بىر يەلىرى ئېچىشىپ كېتىدىكەن .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

1

دوست

462

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9129
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 97
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 12:34:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Zapar916 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-17 10:29
قىرىندىشىم ،  مەن بۇ  جەدىۋەلدىكى ھەرىپلەرنى تەپسىلى  ...

     بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يوللىغىنى تۈرك يېزىقى ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئېلىپبە ئوخشايدۇ. بۇنىڭ بىزنىڭ  تىل يېزىق كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمىي جەمئىيىتى كومپىيوتېر ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلادا كونا يېزىق ئورنىغا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان يېزىق بىلەن پەرقى بار.
      ئۇيغۇر كونا يېزىقى ۋە ئۇنىڭغا يانداپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) ۋە ئۇيغۇر پىنيىن يېزىقى( UYYياكى UPNY), .ئۇيغۇر سلاۋيان يېزىقى (USY) دېگەنلەرمۇ بار تېخى.
   ۋىكىپىدىيادا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپتۇ:
      http://zh.wikipedia.org/wiki/%E6%8B%89%E4%B8%81%E7%BB%B4%E6%96%87
   http://zh.wikipedia.org/wiki/%E7 ... D%E5%AD%97%E6%AF%8D
     

2

تېما

0

دوست

3028

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 902
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 14:51:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتا  ئويلاپسىز  قىرىندىشىم ، يىزىقىڭىز ئاسان بولغان بىلەن گىرامماتىكا  تەس، روس تىلىدىن قالسا  ئۇيغۇر تىلى تەس دەپ قارىلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۇيغۇر تىلى  تىخى تولۇق قىلىپلىشىپ بولالمايۋاتىدۇ ،ئۇيغۇر  تىلى ئۆلچەملىك  سۆزلۈك لۇغىتىنى چىقىرىپ نەسىمۇ  مەتبۇئات ئورۇنلىرى يەنىلا  خاتالىقتىن مۇستەسنا بولالمايۋاتىدۇ .  كوچىلاردىكى ۋىۋسكىغا ياخشىراق   نەزەر سىلىڭ  ھەتتا  ئۇيغۇرلار ئۆزى  ياسىغان ۋىۋىسكىلاردىمۇ  كۆپ خاتالىقلارنى ئۇچرىتىمىز ،  ئۇيغۇر لاتىن يىزىغىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كىيىن  ھىس قىپ يىتىسز ....


   خاتالىشىۋاتقان ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلماپسىز ھە،شۇنىڭغا قارىغاندا سىز يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ زىيىنىنى كۆرمىگەن 80 -يىللاردىن كىيىن توغۇلغان ئوخشايسىز، ،ھەر قېتىم يېزىق ئۆزگەرسە بىر تالاي ئادەمنىڭ ساۋاتسىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى سىز تىخىچە ئاڭقىرالماپسىز،بۇنىڭ سەۋەبىنى دادىڭىز بىلەن ئاپىڭىز دىن سوراپ بېقىڭ.

2

تېما

0

دوست

3028

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 902
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 15:29:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىنكاسلارنى تەستىقلايدىغان ئادەم يوقمۇ؟

0

تېما

0

دوست

2359

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17487
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 22:00:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokdingiz يوللىغان ۋاقتى  2013-11-18 07:14
يېزىق ئۆزگەرتىشكە مەن زادى قارشى!!!  يىزىقىمىزدا نىمە گ ...

بوپتۇ   بۇ  سىز نىڭ  قارىشىڭىز .  مەن  نوقۇل يىزىقنى ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويمۇدۇم ،قايسى  خىل  يىزىقنى   ئىشلىتىش شەخىسنىڭ  ئىختىيارى ،  مەيلى  ھازىر  بىز  ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر يىزىقى بولسۇن ياكى سىلاۋىيان يىزىقى بولسۇن  ئۆزگە تۇشلۇق ئارتۇقچۇلىقى بار . نوقول  رەدىيە  قىلۋىتىشكە   بولمايدۇ .

0

تېما

0

دوست

2359

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17487
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 22:01:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسمىل يوللىغان ۋاقتى  2013-11-18 12:34
بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يوللىغىنى تۈرك يېزىقى ئاساسىدا ...

رەھمەت

0

تېما

0

دوست

2359

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17487
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 22:06:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amanyol يوللىغان ۋاقتى  2013-11-18 14:51
خاتا  ئويلاپسىز  قىرىندىشىم ، يىزىقىڭىز ئاسان بولغان ب ...

بۇ   زىيان  پايدا  مەسلسى  ئەمەس  قىرىندىشىم .  بىر تىلنىڭ   قىلىپلىشىش  دەرىجىسىگە قارتىلغان گەپ  .  مەنمۇ   نوقۇل  يىزىق  ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرغا قويمۇدۇم  ،پەقەت  لاتىن يىزىقىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى ئوتتۇرغا قوياۋاتىمەن ،
مەن خاتالاشقان بولسام كەچۈرۈم سورايمەن.
ئۇنداق بولسا   لاتىن يىزىقىنى ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلار  كىيىن  نىمە  سەۋەپتىن يەنە  يىزىق ئۆزگەرتكەن  ؟  مۇشۇ  ھەقتە  يەنە تەپسىلى بايان قىپ بىرەمسىز ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )