بوشلۇقتىكى كوئوردېنات سىزىقلىرى
قاسىم سىدىق
نىيوتونچە بوشلۇق (شەكىل نەزەرىيەسىدىكى يوقلۇق) تا، يېتەرلىك ماكرو ۋە مىكرو قىممەتلەرگە ئىگە كوئوردېنات سىزىقلىرى باردەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ. زەررىچە ۋە جىسىملارنى مۇشۇ كوئوردېنات سىزىقلىرى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ ئويلاڭ. ئۇزئارا كېسىشىپ ئۆتكەن، پەرەز قىلىنغان بۇ سىزىقلار بىزنىڭ «مۇتلەق ماكان» د ا«مۇتلەق ھەرىكەت» نى چۈشىنىش ۋە تەسۋىرلىشىمىزگە بەكمۇ قولايلىق قورال ۋە مۇتلەق پايدىلىنىش سىستېمىسى. بۇنداق پايدىلىنىش سىستېمىسىنى تورغۇزغىلى بولۇپلا قالماي، ئەمەليەتتە مۇتلەق ماكاننىڭ مەۋجۇتلۇقى ھوببىللى «ئالەم» نىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ۋاقىتتىلا ئىسپاتلىنىپ بولغان. بىزبۇ نۇقتىغا ئەستايىدىل دىققەت قىلمىدۇق، خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېينىشتېيىن ئۆزىمۇ 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى م.سولۇۋىنغا يازغان خېتىدە بۇنداق پايدىلىنىش سىستېمىسى بايقالسا مۇتلەق ھەرىكەت ئىدىيەسىنى تۇرغۇزغىلى بولىدىغانلىقىنى رەت قىلمىغان (1-توم117-بەت). بۇخەتنىڭ ھوببىلى «ئالەم» نىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايقاشتىن ئىلگىرى يېزلغانلىقىنى، ھوببىلىنىڭ بايقىشىدىن كېيىن ئېينىشتېيىن ئۆزىنىڭ «ئالەم تۇراقلىقى» نى «ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈش كېرەك.
2012.11.18
|