نىيوتۇننىڭ چېلەك تەجىربىسى ۋە مۇتلەق ماكان
قاسىم سىدىق
ماتىرياللاردىن مەلۆم بولىشىچە،نىيوتۇن سۇ چېلىكى تەجىربىسنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق ماكان،مۇتلەق ھەركەت ئىدىيىسىنىڭ تەجىربە ئاساسى دەپ قارىغان .ھالبۇكى، ئىرنېسىت .ماخ ماددا ھەركىتى يەنە باشقا ماددىلارنىڭ ھەركىتىگە نىسبى بولىدۇ،مۇتلەق ماكان ۋە مۇتلەق ھەركەت مەۋجۈت ئەمەس دەپ قارىغان.ئېينىشتېيىن ماخنىڭ بۇ قارىشىنى ۋە ئارىستوتىلنىڭ "ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس"دىگەن ئىدىيىسىنى ئۆزىنىڭ نەزەريىسىگە پەلسەپەۋى ئاساس قىلىۋالغان.
ماخ پىرىنسىپى:
ئاۋىستىرىيە فىزىكى ۋە پەيلاسۇپى ماخنىڭ ئىنىرىتسىيىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى بىر خىل ئىدىيىسى:جىسىم ئىنىرىتسىيىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى(ھەمدە ئىنىرىتسىيىلىك سىستىمىنىڭ خۇسۇسىيىتى بولغان بوشلۇق)ئالەمدىكى باشقا ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەقسىملىنىشىگە بوي سۇنىدۇ.مەسىلەن نىيوتۇننىڭ ئايلانما توڭ(چىلەك)تەجىربىسىنى ئالساق،نىيوتۇن ئايلىنىۋاتقان سۇ يۆزىنىڭ ئوتتۇرىسى ئويمان بولۇپ قىلىشىنى سۇنىڭ مۇتلەق بوشلۇققا نىسبەتەن تىزلىنىشچان ھەركەت قىلغانلىغىدىن بولىدۇ دەپ قارايدۇ.ماخنىڭ قارىشىچە،سۇ يۆزى ھەركەت قىلماي،ئاسمان جىسىملىرى سۇغا نىسبەتەن ئايلانما ھەركەت قىلسا،ياكى سۇ يۆزى ھەركەت قىلماي،سۇ تۇڭىنىڭ يانلىرى بىر قانچە ئىنگىلىز لىسىغىچە قېلىنلىتىلىپ،ئاندىن تۇڭ يۆزىگە نىسبەتەن ئايلانسا،سۇ يۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىسى يەنىلا ئويمان بولۇپ قالىدۇ.تېخىمۇ ئىنىقراق قىلىپ ئىتقاندا،ئەگەر ئالەمدىكى باشقا ماددىلار مەۋجۆت بولمىسا،توڭنىڭ يانلىرىمۇ قېلىنلىتىلماي ئايلاندۆرۆلسا،سۇ يۆزىنىڭ ئوتتۇرىسى ئويمان بولامدۇ-يوق؟نىيوتۇن:ئايلىنىش مۇتلەق بوشلۇققا نىسبەتەنلا بولىدىكەن،سۇ يۇزىنىڭ ئوتتۇرى ئويمان بولىدۇ دەپ قارايدۇ.ماخ بولسا،ماددىدىن ئايرىلغان«مۇتلەق بوشلۇق»مەۋجۆت ئەمەس،شۇڭا بۇنداق پەرەزنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق،دەپ قارايدۇ.بۇ پىرىنسىپنى كۆپلىگەن فىزىكلار قوبۇل قىلغان.ئېينىشتېيىنمۇ بۇ ئىدىيىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى ئالەم ئىلمىنىڭ تۆپكى پىرىنسىپى دەپ قارىغان.
_____ «قسقىچە فىزىكا لوغىتى»-شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1993-يىل،ئۇيغۇرچە نەشىرى.830-831-بەتلەر.
نىيوتۇن چېلەك تەجىربىسى
چېلەككە يېرىم سۇ ئېلىنىپ ئېسىپ قويۇلغان تانىغا ئىلىنىدۇ.تانا بىر تەرەپكە پىشىلدۇرۇپ ئايلاندۇرىلىدۇ ۋە يىتەرلىك دەرىجىدە پىشىلدۇرۇلۇپ قويۇپ بېرىلىدۇ.ئەكسى تەرەپكە تىزلىكتە قايىتقان تانا چىلەكتىكى سۇنىمۇ بىرگە ئايلاندۇرۇدۇ.تانا ئايلىنىشىتىن توختىغاندىن كىيىنمۇ سۇ توختىماي ئايلىنىۋىرىدۇ ۋەرەسىم cدىكىدەك پىتىنقى يۆز ھاسىل قىلغان ھالدا پېقىرايدۇ.نىيوتۇن چىلەك تەجىربىسىنى(چىلەك توختىغاندىن كىيىنكى سۇنىڭ ئايلىنىۋىرىشىنى) ماكاننىڭ مۇتلەقلىغىنى ۋە مۇتلەق ماكانغا نىسبەتەن قىلىنغان مۆتلەق ھەركەتنى ئىسپاتلىغان تەجىربە دەپ قارىسا،ماخ سۇنىڭ ئۆرلىشى(پىتىنقى ھالەتكە كېلىشى)ئاسمان جىسىملىرىغا نىسبەتەن قىلىنغان نىسبى ھەركەت دەپ قارايدۇ.
بەزى مەنبەلەردە ياخشى فىزىك ،ناچار پەيلاسۇپ دەپ قارالغان ئېرنېسىت ماخ.
ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ باشلامچىسى دەپ ئاتىغان ئېرنېسىت ماخ ھەتتا ئاتۇم تەلىماتىغىمۇ قارشى شەخىس ئىدى.بۇ ئۇنىڭ مۇتلەق ماكان ۋە مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى مەۋجۈت ئەمەس دەپ ھېساپلايدىغان ئىدىيىۋى رامكىسى بىلەن ئورگانىك بىر پۈتۈنلۈكنى شەكىللەندۆرىدۇ.چۈنكى،ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەر مەۋجۈت دەپ قارايدىغان ھەرقانداق ئىدىيە تەبىئى ۋە مۇقەررەر ھالدا مۇتلەق بوشلۇق ،مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى ئىدىيىسىگە ئېلىپ بارىدۇ.ماختەك شەخىسلەر كۇرۇشنى خالىمايدىغان مەسخىرىلىك مەنزىرە شۇكى،كىۋانىت مىخانىكىسىى قەدىمقى يۇنان پەيلاسۇپلىرى نەزەردە تۇتقان ئاتوم تەلىماتنىڭ زامانىمىزدىكى مەنتىقى رىۋاجى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى ۋە تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرىتتى.
ئۆتمۆش قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ،ھازىر ،نىيوتۇن مۇتلەقلىق ئىدىيىسى شۇنداقلا ماخ ھەم ئېينىشتىنچە نىسبىلىك ئىدىيىسى ئۆستىدە قايتا ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك ئازبولمىغان پاكىت ۋە قاراشلار مەيدانغا كەلدى،ئۇلار:
1.كۋانىتلىقنىڭ ئومۇمىيۆزلۆكلىگى.
نىيوتۇن ماكانى ،مۇتلەق بوشلۇق بولمىسا كىۋانىتلىق ۋە يەككىلىكلەر مەۋجۈت بولۇپ ئىپادىلىنەلمەيدۇ.
2.ئالەمدە غايەت زور ۋاكىئۇم ھالەتنىڭ مەۋجۈتلىگى.
2007-يىلىلا ئالەمدە دىيامىتىرى 1 مىليارىت يورۇقلۇق يىلى بولغان غايەت زور ھەقىقى بوشلۇق بايقالغان ئىكەن.ئاستىرونۇملارھازىرغىچە ئالەم بوشلۇغىدادىيامتىرى 1مىليارىت يورۇقلۇق يىلىدىن كېلىدىغان 3قۇرۇق بوشلۇق رايونىنى بايقىغان بولۇپ،ئۇ يەردە تۇرغۇن يۇلتۇز،سەييارە،يۇلتۇزلار ئارا گاز جىسىملىرى يوق بولۇپلا قالماي،ھەتتا ئالەم ئارقا كۇرۇنۈش رادىياتسىيىسىمۇ ئىنتايىن شالاڭ.بۇ بوشلۇقتا ھېچقانداق ماددا مەۋجۆت ئەمەس ئىكەن.ئۇنىڭدىن كىيىنكى تەتقىقات ۋە بايقاشلاردىمۇ يۇقۇرقى پاكىتنى قوللايدىغان ئىلگىرلەشلەر مەيدانغا كەپتۇ.كېلىۋىتىپتۇ.مانا بۇ ماكاننىڭ نىيوتۇن ماكانى ئىكەنلىگىنىڭ پولاتتەك دەلىلى.مانا بۇ ئېينشتېيىننىڭ ئۆزلۆكسىز ماددى ماكانىغا قارشى پولاتتەك ئىنكار.ئەمدى يەنە ماكاننى ئېينىشتېيىن مەۋقەسىدە تۇرۇپ شەرىھلەش پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان قاراش.بۇ مەسىلە ئۆستىدە تالاش-تارتىش قىلىشمۇ ۋاقىت ۋە ئىنىرگىيە ئىسراپچىلىغىدىن باشقا ئىش ئەمەس.
بۇ پاكىت يەنە ئېينىشتېيىننىڭ «ماكان ماددىنىڭ سۇزۇلۇشچانلىغى»قارىشىغا بولغان پولاتتەك ئىنكار.
ئەمدى نىيوتۇننىڭ چىلەك تەجىربىسىنى شەرىھلىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىگە گەپ كەتمەيدىغان بولدى.ماخ ۋە ئېينىشتېيىنلار قارىشىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى رۇشەن ھالدا ئىسپاتلاندى.
3.غەيرى نۇقتا،چوڭ پارتىلاش،كېڭىيىۋاتقان ئالەم.ئالەم نەگە كېڭىيىدۇمەسىلىسى؟.
ماددا ھەجىمگىلا ئېگە بولىدىكەن،ماددىنىڭ ھەجىمىدىن ھالقىغان مۇتلەق بوشلۇقنى مەۋجۆت ئەمەس دىيىشنىڭ ئۆزى ھېچقانداق ئاساسى يوق.ماددا بىلەن ماكاننىڭ پىرىنسىپال پەرقىنى،بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ ئىنىق چىگرىسىنى غۇۋالاشتۇرۇش،ھەتتا يۇققا چىقىرىش ھەقىقەتەنمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان غەيرى ئىلمى پوزىتسىيە.ئەڭ ئالدىدا ئارىستوتىل ،كەينىدىن ماخ،ئاندىن ئېينىشتيىن مانا مۇشۇنداق خاتالىققا يول قويدى ۋە بۇنداق قاراش مۇئەييەن مەنىدە ھازىرقى زامان فىزىكىسىنى زىدىيەتكە پاتۇرۇپ قويدى.ئېينىشتېيىن:«ماكان ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»دەپ يېزىش ئارقىلىق ئارىستوتىلدىن باشلانغان بۇ خاتا نۇقتىنەزەرنى ۋايىغا يەتكۆزدى.ھازىر شۇنى كۆرىۋاتىمىزكى ئالەمدىكى بارلىق ماسسا - ئىنىرگىيە غەيرى نۇقتىغا ياكى قارا ئۆڭكۆرگە يىغىنچاقلانسا ئۇنى قوينىغا ئالغان ۋە ئۇنىڭ ھەجىمىدىن ھالقىغان نىيوتۇننىڭ مۇتلەق ماكانى يەنىلا ئۆز پېتى مەۋجۈت بولۇپ تۇرىرىۋىرىدۇ.نىيوتۇنچە مۇتلەق ماكان،ئەقەللىسى زىچلىق ئۇقۇمى تەدبىقلىنىدىغان ھەممە يەردە ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ.
.4شەكىل نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان،شەكىل بىلەن ئارقا كۆرۆنۈشنىڭ مۇناسىۋىتى،ئاق قەغەز مودىلى.بىر پۆتۆن چەكلىك شارسىمان بولغان ئېينىشتىن ئالىمى ۋە ئونىڭ ھەركىتىنى پەقەت بۇ ئالەمنىڭ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك ئارقا كۇرۇنۆشكە -نىيوتۇنچە مۇتلەق ماكانغىلا نىسبەتەن مەۋجۆت ۋە ھەركەت قىلىدۇ دىيەلەيمىز.
ئېينىشتېيىنچە ئالەم(شەكىل نەزەريىسىدىكى فىزىكىلىق ئالەم)يۇقۇرقى رەسىمدىكىدەك A چەمبەر گە يىغىنچاقلانغان ئەھۋال ئاستىدا ،بۇنداق ئالەمنىڭ كېڭىيىشنى B تەكشىلىك(ئارقا كۇرۇنۈش) شەرتى ئاستىدىلا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ،Bتەكشىلىك بولسا نىيوتۇننىڭ مۇتلەق ماكانىنىڭ نەق ئۆزىدىن ئىبارەت.
5.ئېينىشتېيىن "يۇروقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"دامۇتلەق بولغان نىيوتۇنچە ھەقىقى بوشلۇقنى پايدىلىنىش سىستېمىسى قىلغان.مۇبادا ئېينىشتېيىن ھەققى بوشلۇق-نىيوتۇنچە ماكاندىن ھەقىقەتەن ۋازكەچكەن بولسا ئۇزىنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسىنىمۇ تۇرغۇزالمايتى.چۈنكى يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى تارۋە كەڭ مەنىلىك ھەر ئىككى نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئاساسى.
6.شەكىل نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان "مۇتلەق ھەجىم"ئىدىيىسى.ئالەمدىكى ماسسا-ئىنىرگىيەنىڭ ھەجىمى مۇتلەق تۇراقلىق بولىدۇ ،دىگەن بۇ ئىدىيە پۇت تىرەپ تورغان ئەھۋالدا،مۇتلەق ماكان،مۇتلەق ھەركەتنى قايتا ئېلىپ كىرمەي باشقا چارە يوق.
7.ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ ئۆزى مۇتلەقلىقتىن ئىبارەت.
ساقلىنىش قانۇنلىرى،جۆملىدىن ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى بىر مۇتلەقلىقتىن ئىبارەت.پۆتكۆل ئالەملىك ھەركەت مىقدارى بىر تۇراقلىق مىقدار.بۇ نۇقتىدا ئارتۇق مۇنازىرە بولمىسا كېرەك.خوش،ئۇنداقتا،بۇ توراقلىق مىقدار نىمىگە نىسبەتەن ساقلىنىدۇ؟،ئۇنىڭ تۇراقلىقلىغى نىمىگە نىسبەتەن ئىپادىلىنىدۇ؟.جاۋاپ پەقەت بىرلا،ئۇ پەقەت نىيوتۇنچە ماكانغا نىسبەتەن ساقلىنىدۇ ۋە ئىپادىلىنىدۇ.نىيوتۇنچە ماكان شەرتى بولمىسا ساقلىنىش قانۇنلىرىنى كەلتۆرۆپ چىقارغىلى بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا نىيوتۇن ماكانى بولمىسا فىزىكىدىكى ماسسا ئۇقۇمى ۋە زىچلىق ئۇقۇملىرىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.كومىدىيىلىك يېرى شۇكى ،ئېينىشتېيىن ئۇز نەزەريىسىدە نىيوتۇن بوشلوغىنى ئىنكار قىلىدۇ - يو،ئۇنىڭ مەھسولى بولغان «ماسسا»،«زىچلىق» ئۇقۇملىرىنى شۇ پېتى ئشلىتىدۇ.دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئۆتەر مەنتىقىسىزلىق بولماس.ئېينىشتېيىن يېڭىچە «زىچلىق»ۋە«ماسسا»ئۇقۇملىرىنى تۇرغۇزغان شۇنداقلا تەبىئەت دۇنياسىنى بۆ ئۇقۇملار ئارقىلىق نىيوتۇندىنمۇ بەكرەك ئوڭۇشلۇق تەسۋىرلەپ بەرگەن بولسا ئىدى.ئاندىن ئۇنىڭغا قايىل بولار ئىدۇق.ھالبۇكى،ئۇ بۇنداق خاس ئۇقۇملارنى تورغۇزغىنى يۇق.
«ھەركەت مىقدارى»،«تىزلىك»قاتارلىق ئۇقۇملارنىمۇ نىيوتۇن ماكانىدىن مۇستەسنا تۇرغۇزغىنى بولمايدۇ.ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسىدە بۇ ئۇقۇملار ئەينەن تەدبىقلىنىدۇ-يۇ،يەنىلا نىيوتۇننىڭ مۇتلەق ماكان،مۇتلەق ھەركەت ئۇقۇملىرى رەت قىلىنىدۇ.مانا بۇلار ئېرنىسىت.ماخ باشلاپ بەرگەن،ئېينىشتېيىن ۋارىسلىق قىلغان ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى مەنتىقىسىزلىقلەرنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسى.قېنى كىم نىيوتۇننىڭ مۇتلەق ماكانىدىن مۇستەسنا ھالدا«ماسسا»،«زىچلىق» ،«ھەركەت مىقدارى»،«تىزلىك»قاتارلىق ئۇقۇملارنى تۇرغۇزالايدۆ؟!.
يەنە قېنى كىم يۇقۇرقى ئۇقۇملار بولمىغان فىزىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ؟!.
ماخ ۋە ئېينىشتېيىننىڭ پەلسەپەسىدە،ماددا ماددىغا،ھەركەت ھەركەتكە نىسبەتەن نىسبى،نىيوتۇننىڭ پەلسەپەسىدە بولسا ماددا ماكانغا،ھەركەت ماكاننىڭ جىملىغىغا نىسبەتەن نىسبى ۋەمۇتلەق.
8.شەكىل نەزەريىسىدە "نىسبىلىك _ ئىككى مۇتلەقلىقنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ"دەپ تەشەببۇس قىلىنىدۇ."ماددا"ۋە"ماكان" ئايرىم -ئايرىم ھالدا بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى مۇتلەق رىياللىق بولۇپ،ئۇلار بىر-بىرىگە نىسبىدۇر.
دىمەك،ئەمدى يەنىلا "ھەققى بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس،نىيوتۇنچە مۇتلەق ماكان مەۋجۈت ئەمەس"دەپ قاراش ھەرگىز پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.نىيوتۇننىڭ مۇتلەق ماكان ۋە مۇتلەق ھەركەت ئىدىيىسى توغرا،نىيوتۇن چىلەك تەجىربىسىگە ئاساسەن ئارقىلىق پەرەز قىلغانلىرى ئورۇنلۇق!.
پايدىلىنىش:
水桶实验_百度百科
2013.7.25
|