قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1359|ئىنكاس: 9

تاشپولات: ھاياتلىق ئىلىمى دوكتۇرى بىلگەجان بىلەن سۆھبەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

206

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 3826
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 13:28:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
       ئامېرىكىدىكى ھاياتلىق ئىلىمى پەنلىرى دوكتۇرى ھەم دوكتۇر ئاشتى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (bilgejan) ئىنىمىز مىسرانىم تورىدا ئىنتايىن ئېسىل بىر سۆھبەت خاتىرىسى يازغان ئىدى. بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى باغداشتىكى تورىدىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە چىقاردىم. تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئىنىمىز يىقىندىن بىرى ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە "ھورمۇن ۋە سالامەتلىكىمىز"، "دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم"، "كىلون - تارىخقا نەزەر"، "بىئولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى"، "بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى ئانا بىلەن مۇناسىۋەتسىز"، "ئاياللارمۇ قارار چىقىرىپ باقسۇن"، "ھەرىكەت راستىنلا كىشىنى خۇشال قىلامدۇ؟"..... قاتارلىق ئېسل ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى چەكسىز خۇشال قىلماقتا.
      مەن بۇ سۆھبەتنى ئورۇنلاشتۇرغان مارشال ئۇكىمىزغا ھەم تۇرسۇنجان ئۇكامغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. قېنى، ئۇنداق بولسا بۇ سۆھبەت خاتىرىسىگە مەرھەممەت قىلىڭ!

ھاياتلىق ئىلمى پەنلىرى دوكتۇرى بىلگەجان بىلەن سۆھبەت
سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى:مارشال
كورلا شەھىرى شاڭخۇ بازىرى شاڭخۇ كەنتىدەئولتۇرۇشلۇق دېھقان

283891_2161046419523_5206305_n (1).jpg
رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە: ھاياتلىق ئىلمى پەنلىرى دوكتۇرى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان)
(2011-يىلى ئامرىكا پورتلاند شەھرىدە ئېچىلغان «كۆپىيىش بىئولوگيىسى ئىلىمىي جەمئىيتى» نىڭ 44-قېتىملىق يىغىنىدا دوكلات بىرىش ئالدىدا)


995458_400693853374285_1604305786_n.jpg

رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە: دوكتۇر بىلگەجان ئوقۇش پۈتتۈرگەن كۈنى (2013-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى) ئۇستازى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى.

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،جاھاننامە ئەينىكى بولغان كەمپۈتەر ئارقىلىق ئېنتىرنىت دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان مۇنبەر ئەھلى. ھەممىڭلارغا پېقىر مارشالدىن ئوتلۇق سالام! بۈگۈن پۈتۈن خەلقئارادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتى بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل تور ئەھلىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن ھەمدە ئۇلۇغ ھېيت-ئايەمدە كۈنلىرىنىڭ خوشال-خورام، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، خىزمىتىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بىز ئۇيغۇر مىللىتى ھازىر ئىلىم-پەن يۈكسەلگەن،تەرەققىيات ۋە رىقابەت دەۋرىدە نۇرغۇن كىرزىس ۋە خىرىسلارغا ئۇچراپ تۇرۋاتىمىز. ئېنتىرنىت تورىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىمىز يوقتىن بارلىققا كەلدى. يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بۇ پىكىر سورۇنىغا جەمگاھ بولۇپ چوڭ بىر مەكتەپنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە چىقىۋاتقان ھەرخىل مەزمۇندىكى تېمىلار نۇرغۇن ئىلىمغا ئاشنا كىشىلىرىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ كەلمەكتە.  
   يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان مىسرانىم مۇنبىرىدە ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى ئۆز يازمىلىرىنى تور يۈزىگە چىقىردىغان ھەمدە ئىلىمگە تەشنا تور كۆرۈرمەنلىرى بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ باردىغان ياخشى بىر گۈللىنىش دەۋرى بارلىققا كەلدى. بۇرۇنقى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە چىقىدىغان تېمىلار ئاساسلىقى ئىجتىمائىي پەنگە چېتىشلىق  بولۇپ تەبىئىي پەنگە ئائىت تېمىلاردىن سۆز ئېچىش تەس ئىدى.سۆز ئاچقاندىمۇ سۈپەت ۋە سان جەھەتتىن بەكمۇ تۆۋەن ھالەتتە ئىدى. يېقىندىن بۇيان مۇنبەر تەرەقىياتى ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەجرى بىلەن  تەبىئىي پەن ساھاسىدىكى چوڭ بوشلۇققا خاتىمە بېرىلىپ تەبىئىي پەن توغۇرلۇق تېمىلاردا زور نەتىجە ۋە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش كۆرۈلدى .مىسرانىم تورىدا ھازىر ئۆز تېمىلىرىنى خالىس ھالدا چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىدىن ناسا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئېنژىنىرى بىلىمخۇمار، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى دولقۇن قادىر، تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى ئورخۇن تېكىن، جەمىيەتشۇناشلىق دوكتۇرى ئۇيغۇرزادە، مولىكۇلا ۋە ھۆجەيرە بىئولوگىيسى دوكتۇرى بىلگەجان قاتارلىق ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى ئېنتىرنىت تورىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆز قەۋمى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
    مائارىپ-بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىشىدىكى ھالقىلىق ئامىل. بىر مىللەتنىڭ مائارىپى قانچە تەرەقىي قىلسا ھەمدە شۇ مىللەت ئىچىدىن ئىقتىساس ئىگىلىرى قانچە كۆپ چىقسا شۇ مىللەت كىشىلىرى بۈگۈنكى تەرەقىيات دولقۇنلىرى ئىچىدە ئۆز مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. مائارىپنى تەرەقىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئاۋام خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز خىزمىتى بىلەنلا بولدى قىلماي ئۆز قەۋمى ئۈچۈن خالىس ئەمگەك قىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە ئۆزىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى دەيدىغان ھەربىر ئەقىل ئېگىسى چوقۇم ئېنتىرنىت ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئاۋام خەلق بىلەن ئۇچرىشىشى ھەمدە ئاۋام خەلق بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ ئاقارتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يۇقۇرقى بايانلاردا ئىسمى زىكرى قىلىنغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى ئىچىدە ئامىركا ۋايۇمىڭ ئۇنىۋىرستىتىنىڭ مولىكۇلا ۋە ھۆجەيرە بىئولوگىيە دوكتۇرى بىلگەجان 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي قەدەمدە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئۆز يازمىلىرىنى يوللاپ،ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئەڭ زۆرۈر بولۇۋاتقان تەبىئىي پەنگە ئائىت چوڭ بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۇنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «ھورمۇن ۋە سالامەتلىكىمىز»، «دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم»، «كىلون-تارىخقا نەزەر»، «بىئولوگىيەنىڭ قىسىقىچەتارىخى يىلنامىسى»، «بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى ئانا بىلەن مۇناسىۋەتسىز»، «نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى »، «ئانا، سېمىزلىك ۋە سىز» ... قاتارلىق ھاياتلىق ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرقاتار ئېسىل يازمىلىرى تورداشلار ئارىسىدا ياخشى بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىدى.
./thread-19677-1-1.html

بىلگەجاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

969662_10200732186760852_789954213_n.jpg


رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە:دوكتۇر بىلگەجاننىڭ بۇ يىل 5-ئايدا نىيۇ يوركتا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى

      دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ،ئۇيغۇر،1985-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى يەكەندە مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى يەكەندە ئۇيغۇر تىلىدا تاماملاپ 2001-يىلى  16يېشىدا شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 2006-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى ھايۋاناتشۇناسلىق كەسپى ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا ئېمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان. 2009-يىلى 6-ئايدا ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئامرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋىرستىتىنىڭ مولىكۇلا ۋە ھۆجەيرە بىئولوگىيسى كەسپىىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتۇر ئاسپىرانىتلىققا قوبۇل قىلىنغان. ئامرىكىدادوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان 4 يىل جەريانىدا ئۇ كۆپ قېتىم خەلىقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا دوكلات سۆزلىگەن ۋە 10 پارچىدىن كۆپ يىغىن ئابىستراكتلىرى ۋە ئۆز ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئامرىكا ئىلمىي ژورناللىرىدا 5 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ يىل 5-ئايدا دوكتۇرلۇق دېسىسىرتاتسىيىسىنى غەلبىلىك ياقىلاپ ئامرىكا تەبئىي پەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر تېكساس ئۇنىۋىرسىتىتى ساغلاملىق پەنلىرى مەركىزىىنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شۇ مەكتەپتە دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
سۆھبەت خاتىرسى

مارشال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان، سىزنىڭ يېقىنقى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە يوللاۋاتقان بىر قىسىم يازمىلىرىڭىز تورداشلار ئارىسىدا ياخشى بەس-مۇنازىرلەرنى قوزغىدى ھەمدە سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزگە قىزىقىدىغان تورداشلارمۇ تېمىڭىزدا پىكرىنى ئوتتۇرغا قويدى، بۈگۈن سىز بىلەن بىر قانچە مەسىللەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ باقسام دەيمەن، سىزچە قانداق بولار؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مارشال، بولىدۇ. مەنمۇ تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىلەن تونۇشۇشنى ۋە ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشنى، كۆز قاراشلىرىمنى ئورتاقلىشىشنى ئىستەپ كەلگەن ئىدىم. بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

مارشال: سىزنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىڭىز ھەمدە قانداق ئائىلىدە تەۋەللۇت قىلغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

      مەن 1985-يىلى 3-ئايدا يەكەننىڭ ئازاتباغ يېزىسىدا تۇغۇلغان ئىكەنمەن. بۇ يېزا يەكەن شەھەرئىچىدىن ئەڭ يېراق يېزىلارنىڭ بىرى بولۇپ مەكىتنىڭ قىزىلئاۋات، غازكۆل يىزىلىرىغا چىگىرلىنىدۇ. كەنتىمىزنىڭ بۇ تەرىپىدە تىزناپ دەرياسى، قوشنا كەنىتنىڭ ئۇتەرىپىدىلا يەكەن دەرياسى ئاقاتتى. گەرچە مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن توپىلىق سەھرا چەت-ياقىدا بولسىمۇ، لىكىن ھاۋالىق، كىشىلىرى ئاقكۆڭۈل، مېھرى ئىسسىق يۇرت ئىدى. مەن ئەسلىيەلەيدىغان ئەڭ كونا ئەسلىمىلىرىم مەھەللىمىزدىكى چېقىۋىتلگەن كونا مەكتەپكە ئۇلىشىدۇ.

مارشال: سىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىڭىز قانداق ئۆتكەن؟ ئاتا-ئانىڭىز پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيلەيتى؟

بالىلىق ۋاقىتلىرىم مەن تۇغۇلغان سەھرادا خۇددى بارلىق سەھرا بالىلىرىدەك ئېتىز-ئېرىقلاردا، ھايۋاناتلار ئارىسىدا، تەبئىەت قوينىدا خۇشال يايراپ ئۆتتى. كىچىكىمدىنلا كىتاب ئوقۇشقا ناھايتى ھېرىسمەن ئىدىم، شۇڭىمۇ دەرىسلىك كىتابلىرىمنىڭ ھەممىنى مەۋسۈمنىڭ بىشىدىلا باشتىن ئاخىرى تولۇق ئوقۇپ تۈگىتىۋىتەتتىم. ئۆيدە تاماق ۋاقتىلىرىدىمۇ كىتاپ ئوقۇيمەن دەپ داستىخانغا كەلگىلى ئۇنىماي نەچچە قېتىم گەپ ئاڭلىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتابلار ئىدى. كىيىنچە تارىخقا قىزىقىپ قىلىپ تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئۆيىمىزدە بار كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم. مەكتەپ قىرائەتخانىسىدىكى مەن قىزىقىدىغان كىتابلارنى دادام ئۆيگە ئەكىلىشىمگە يول قوياتتى، شۇڭا ئۇ كىتابلارنىڭمۇ كۆپىنچىسىنى ئوقۇپ تۈگىتىپ دادامنى قىرائەتخانا كىتابلىرىنى تولۇقلاپ قويۇشقا، يىڭى كىتابلارنى ئىلىشقا ئۈندەيتتىم. كىتاب ئوقۇشتىن باشقا ئويۇن ئويناشنىمۇ ھەرگىز قولدىن بەرمەيتتىم. ئېنىم ئىككىمىز قىشتا ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى كەڭرى كەتكەن ئېتىزلاردا تۇتقان مۇزدا بىر-بىرىمىزنى سۆرەپ چانا تېيىلساق، ياز كۈنلىرى يىكەننىڭ ئۇچىغا تۇنىكە بىكىتىپ ئوقيالىرىمىز بىلەن «ئوۋ ئوۋلايتتۇق». بىر قېتىم مەن بىر قۇشقاچنى ئاشۇ ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى مېنى "مەرگەن" دەپ ماختىغان بولسىمۇ قۇشقاچنىڭ بېشىدا تۇرۇپ ئۇزۇن يىغلىغىنىم ئېسىمدە...
ئاتا-ئانام ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، ھەر ۋاقىت بىزگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى ھەم ئۆزىنىڭ ياخشى ئادەتلىرى بىلەن بىزگە ئۈلگە بولاتتى. ئۇلار بىزنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇپ مەكتەپتىكى باشقا بالىلارغا ئۈلگە بولۇشىمىزنى جىكىلەيتتى. مېنىڭ بالدۇرلا ساۋادىم چىققانلىقى، كىچىك تۇرۇپ  ھېسابقا ئۇستىلىقىم، 5 ياشقا كىرە-كىرمەيلا نۇرغۇن شېئىر-قوشاقلارنى يادقا بىلىدىغانلىقىم، يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ جۈرئەتلىك پىكىر قىلىپ ئۇلارنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشكەنلىكىم، شۇنداقلا كىچىكىمدىن بىلىمگە بولغان ھېرىسمەنلىكىم تۈپەيلى، دادام-ئاناملار ھەر ۋاقىت مېنى ئوغلۇم كەلگۈسىدە ئالىم بولىدۇ، دەپ ماختايتتى. ئۇلار كىمنى كۆرسە مېنى ماختاۋىرىپ،ئۇلارنىڭ ماختىشىدىن زېرىكىدىغان، ھەتتا مېنى ماختاۋاتقاندا قېچىپ كىتىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ماختاشنى تا ھازىرغىچە تاشلىغىنى يوق. شۇنداق قىلىپ بۇ "جەڭ"دە مېنىڭ يېڭىلگىنىم يىڭىلگەن بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. ئانام ئۆيدە ۋە مەكتەپتە ماڭا ۋەزىپىلەرنى ئىشەنچلىك تاپشۇراتتى ھەم ھۆددىسىدىن لايىقىدا چىقالىغىنمدا مۇكاپاتلاپ تۇرۇشنىمۇ ئۇنۇتمايتتى. ئانام گەرچە يىڭى يىزىقتا ئوقۇغان، كونا يىزىقنى ئۆزى ئۆگىنىۋالغان بولسىمۇ ئىملاسى ناھايتى چىرايلىق ئىدى. شۇڭا مېنىڭ ئىملايىممۇ ئۇنى دوراپ خېتىم ناھايتى چىرايلىق چىققان ئىدى. تەتىل مەزگىللىرىدە ئۇلار بىزگە ھۆسنخەت يىزىشنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئائىلە بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزەتتۇق، بۇ مۇسابىقىدە ئېنىم ھەممىمىزنى يېڭىۋالاتتى.ئاتا-ئانام دائىم ئاچا-ئېنىلىرىمغا تىرىشىپ ئۆگىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلسىمۇ، دائىم مەندىن كۆپرەك ئارام ئىلىشنى، كۆپرەك ئويناشنى، دائىم كىتابقا قاراپ ئولتۇرۋالماسلىقنى ئۆتۈنەتتى. ئۆيگە مېھمان چاقىرىدىغان، بىرەرسىگە گەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلار بولسا گەپنى قاملاشتۇرۇپ چىرايلىق سۆزلەشنى بىلىدۇ دەپ، بۇنداق ئىشلارنى ماڭا يۈكلەيتتى. كىچىكىمدىنلا ئۆي ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردەملەشتۈرۈپ جاپاغا چىدايدىغان بولۇشنى مەشىقلەندۈرەتتى.
ئۇلار كىچىكىمىزدىن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنيەت زور ئېنقلابى تۈپەيلى كۆپ ئوقۇيالمىغانلىقى، بىزنىڭ ياخشى ئوقۇپ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىمىز كىرەكلىكىنى ئېيتىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. ئومۇمەن، ئاتا-ئانام ئۆزىلىرىنىڭ پەزىلىتى، بىلىمخۇمارلىقى بىلەن بىزگە ئۈلگە كۆرسىتىپ ھەممىمىزنى ئوبدان قاتارغا قوشتى. ئۇلارنىڭ ئەجرى ئۈچۈن مەن بىر ئۆمۈر ئۇلارغا مىننەتدارمەن.

مارشال: سىزنىڭ باشلانغۇچتىن تارتىپ تۇلۇق ئوتتۇرغىچە بولغان ئوقۇش ھاياتىڭىز قانداق ئۆتكەن؟ سىز قانداق قىلىپ ھاياتلىق ئىلمى كەسپىنى تاللاپ قالغان؟ بۇ كەسىپنى تاللاشتا بىرەر ئىش سەۋەبچى بولغانمۇ ياكى ئۆز قىزىقىشىڭىزدىن بولغانمۇ؟

        مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىم بىر قەدەر قىسقا بولغان. دەپ ئۆتكىنىمدەك  ئاتا-ئانام مېنى مەكتەپكە بىرىشنى ئويلاشقان ۋاقىتتا ئاللىقاچان ساۋادىم چىقىپ قالغان ھەم ھېسابنىمۇ خېلى ئوبدان ئۆگىنىپ قالغان ئىكەنمەن. شۇڭا، ئۇلار سەۋىيەمنى سىناپ بىقىش ئۈچۈن 1-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار يىل ئاخىرىدا مەۋسۈملۈك ئېمتىھان بەرگەندە مېنىمۇ سان سىرتىدا قاتناشتۇرۇشتى. نەتىجىدە ئېلىپبە ۋە ھېساب ھەر ئىككىلىسىدە يۈز نومۇر ئالغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلار مېنى بىۋاستە 2-يىللىققا قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ مەكتەپ ھاياتىم 2-يىللىقتىن باشلاندى (يەسلى ۋە باغچا تەربىيىسى كۆرمىگەنمەن) ھەم ئىزچىل تۈردە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتىم. باشلانغۇچ 5-يىللىققا چىققاندا ماڭا دەرىسلەر بەك ئاسان كەلگەچكە ئۆزەم 6-يىللىقنىڭ دەرىسلىرىنىمۇ ئىختىيارى ئۆگەندىم، بەزىدە 6-يىللىقنىڭ ماتىماتىكا دەرىسىنىمۇ كىرىپ ئاڭلايتتىم. دادام مەكتەپ مۇدىرى بولغاچقا  5-يىللىقنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئىككىلى يىللىقنىڭ ئېمتىھانلىرىغا تەڭ قاتناشتىم ۋە ھەممىسىدە يىزىمىز بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئىلىپ، 1995-يىلى كۈزدە 10 يېشىمدا مەندىن ئۈچ ياش چوڭ ئاچام بىلەن بىللە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇدۇم.
تولۇقسىزغا چىققاندىن كىيىن، مەھەللىمىزگە يىقىن ئوتتۇرا مەكتەپتە 2 يىل ئوقۇدۇم، كىيىن ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىراقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ دادام بىزنى يېزا بازىرىدىكى يەنە بىر ئوتتۇر مەكتەپكە يۆتكىدى. ئاساسلىقى تولۇقسىز 3-يىللىقتا خېمىيە دەرىسى ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەكتەپتىكى خېمىيە دەرىسى بىرىدىغان مۇئەللىم شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىنىڭ خېمىيە فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭدەك ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە كەمدىن-كەم تىپىلاتتى. لىكىن شۇ يىلى قىش كىرە-كىرمەيلا مەن سوغۇققا چىدىماي ئۆيىمىزدىن 6 كىلومىتىر كىلىدىغان مەكتەپكە ۋېلىسپىت مېنىپ بارغۇچە نەچچە رەت ئاچامنىڭ قولۇمنى ئىسسىتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ يولدا يىغلاپ توختاپ تۇرۋالاتتىم (بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن)، ئاخىرى بولماي شۇ يىلى قىشتا خېمىيە دەرىسى بىرىدىغان ئاشۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆيىدە يىتىپ-قوپۇپ ئوقۇشىمىزغا توغرا كەلدى. ئۇ چاغدا بۇنداق قىلىش مەن ئۈچۈن ناھايتى جاپا بىلىنگەن بىلەن، مەن شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ خېمىيەدە ناھايتى پۇختا ئاساس سالغاچقا، ئىزچىل خېمىيەنى ياخشى كۆرۈپ كەلدىم ۋە تاكى ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدىمۇ  خېمىيەدە نەتىجەم ئالاھىدە ياخشى بولدى. 1998-يىلى تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ۋاقىتلاردا ھېلىھەم ئوتتۇرا تېخنىكوم ئېمتىھانى ئىلىناتتى، نۇرغۇن ئەلاچى ساۋاقداشلىرىم ئوتتۇرا تېخنىكوم ئېمتىھانى بىرىپ ئوقۇشقا كىتىشتى، لىكىن مەن بۇرۇندىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا قەتئىي نىيەت باغلىغان بولغاچقا يەكەن 1-ئوتتۇرامەكتەپكە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشقا كىردىم.
تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىم دەل مېنىڭ دۇنيا قارىشىم يىتىلىشكە باشلىغان، مۇستەقىللىقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىللىرى ئىدى. ئادەم دەل ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۆزىگە ئايلىنىدىكەن. مەن ئەتراپىمدا نۇرغۇن ساپالىق ئۇستازلىرىمنىڭ، كۆيۈمچان ۋە سەمىمىي دوستلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كەلدىم. گەرچە تولۇق ئوتتۇرىدا بېسىم ئېغىر ھەم رىقابەت بىر قەدەر كۈچلۈك بولسىمۇ، لىكىن مەن ئۈچۈن ئۇ ۋاقىتلار تولىمۇ قىممەتلىك ۋە گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن تولغان. تولۇق ئوتتۇرىدا جۇغراپىيە، تارىخ، خېمىيە، تىل-ئەدەبىيات ۋە ماتىماتىكا دەرىسلىرى ئىزچىل مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرىسلەردىن ئىدى. سىنىپ مۇدىرىم ئابلەت مەمەت مۇئەللىم خېمىيە دەرىسى بىرەتتى، ئۇ شۇنچىلىك چۈشىنىشلىك ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە دەرس سۆزلەيتتى، مەن ئۇنىڭ دەرىسىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم. بىرەر ئىش تۈپەيلى ئۇنىڭ بىرەر سائەتلىك دەرىسىنى ئاڭلىيالماي قىلىشنىمۇ خالىمايتتىم. ئۇ ئادەتتە بىر قەدەر قاتتىق قول ۋە تەلەپچان بولۇپ، بۇ مېنىڭ تېخىمۇ تېرىشىشىمغا تۈرتكە بولاتتى. دەل ئۇنىڭ كۆيۈمچانلىقى، قىزىقتۇرۇپ يۇقىرى سەۋىيەدە سۆزلىگەن دەرىسلىرى مېنىڭ خېمىيەگە باشقىچە ئىشتىياق باغلىشىمغا سەۋەبچى بولغان ئىدى ھەم خېمىيەدە مەكتەپ بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ئىدىم. كىين ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا كۈچلۈك خېمىيە ئاساسىم ماڭا تولىمۇ ئەسقاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئابلەت مۇئەللىمنىڭ دائىم ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىدا ئاتاقلىق ئالىمىمىز دوكتۇر زەپەر ئابلىز مۇئەللىمنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنى تاشلاپ يەكەنگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى دائىم سۆزلەيدىغىنى ئېسىمدە. ئۇ بىزگە ھەر ۋاقىت ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىنى ھەرگىز قولدىن بەرمەسلىك، ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇش توغۇرسىدا نەسىھەت قىلاتتى.  تىل-ئەدەبىيات دەرىسى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىچىدە تارىختىن قالسىلا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرىسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ناھايتى سالاپەتلىك كىيىنىدىغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم جۈرئەت مۇئەللىم ئۆزىگە يارىشا تىلىمۇ، ئىملاسىمۇ ناھايتى گۈزەل ئىدى. ئۇ گۈزەل ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى، ئۇيغۇرچە خەتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ماڭا تولۇق تونۇتقان ئىدى. دوسكىغا تىزىۋىتىدىغان دانە-دانە خەتلىرىگە قاراپ-قاراپ تويمايتتىم، بولۇپمۇ ئۇنىڭ رۇقئىي خەت ۋە تەئىلىق خەت نۇسخىسىدا يازىدىغان تەييارلىقىغا قاراپ ئولتۇرۇپلا قاراتتىم. ئەسلىدە ئىملايىم خېلى چىرايلىق بولسىمۇ بۇ مۇئەللىمنىڭ خېتىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى كەمسىتپ قالدىم، كىين ئۇنىڭ ئىملاسىنى دوراپ ئۆگىنىپ، تۈز خەت ۋە رۇقئىي خەت نۇسخىسىدا ناھايتى چىرايلىق يىزىشنى ئۆگەندىم،لىكىن تەئىلىق خەت نۇسخىسىنى ئۇنى دوراپمۇ تازا ياخشى ئۆگىنەلمىدىم. خېتىم چىرايلىق بولغاچقا تىل-ئەدەبىيات ئېمتىھاننىڭ ماقالە قىسمىدا دائىم دىگۈدەك تولۇق نومۇر ئالاتتىم. تولۇق ئوتتۇرا ئىككىنچى يىللىقتا بىئولوگىيە دەرىسى ئۆتۈلگەندە، كىتابنىڭ باش قىسمىدىلا ئامىنو كېسلاتالىرىنىڭ خېمىيىلىك تۈزۈلۈش ىسۆزلىنەتتى. مەن خېمىيەدە ياخشى بولغاچقا، بۇ مەزمۇنلارنى ئاسانلا چۈشىنەلىدىم ۋە بۇ دەرىسكىمۇ بارغانسېرى ئامراق بولۇپ قېلىشقا باشلىدىم. بولۇپمۇ گېنلارنىڭ ئەركىن جۈپلىشىشى توغۇرلۇق دەرس سۆزلەنگەندە، ئېرسىي بەلگىلەرنىڭ ئەۋلادتا ئىپادىلىنىش فورمۇلالىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا شۇنچىلىك ئامراق بولۇپ قالدىم ۋە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپلا بىر گېنتىكاشۇناس بولسام دەپ ئارمان قىلىپ قالدىم. كىم بىلسۇن، ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ مانا بۈگۈنكى كۈندە ئامرىكىدىكى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر داڭلىق گېنتىكا مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ قالدىم.

مارشال: سىز ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟ ئالىي مائارىپتا تەربىيلىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئەتراپىڭىزدا سىز بىلەن بىلىم باغچىسىدا ئوخشاش تەربىيلىنىپ كېتىۋاتقان سىتۇدىنتلارنىڭ روھىيەت دۇنياسى بىلەنمۇ كۆپ ئۇچراشقانسىز، ئالىي مائارىپتىكى سىتۇدىنتلارغا ئۇمۇمىي نۇقتىدىن قانداق باھالارنى بېرىسىز؟

       ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ناھايتى مول مەزمۇنلۇق ۋە مول-ھوسۇللۇق ئۆتكەن، دەپ قارايمەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بىئولوگىيە كەسىپىگە بولغان قىزىقىشىم ئۆزلۈكسىز ئېشىپ باردى. ئادەم قانچە بىلگەنسىرى تېخىمۇ كۆپ بىلگۈسى، قانچە ئۆگەنگەنسىرى شۇنچە ئۆگەنگۈسى كىلىدىكەن. بوتانىكا دەرىسدە مەكتەپ ھويلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە بۆلسەك، زوئولوگىيە دەرىسىدە مەكتەپ ھويلىسى تۇپراقىدىكى جانلىقلارنى تۈرگە ئايرىيتتۇق. تەجىرىبە دەرىسلىرىمىزمۇ خېلى قوللىنىشچان ئىدى.زوئولوگىيە دەرىسىنىڭ فىزىئولوگىيەگە ئائىت قىسمىنىڭ تەجىرىبىسىدە ناھايتى ئاددى بولغان قان تىپىنى تەكشۈرۈش تەجىرىبىسى ئىشلەپ ئۆزەمنىڭ قان تىپىنى ئۆزەم تەكشۈرەلىگىنىمدىن ناھايتى چوڭ ئىش قىلالىغاندەك ھېس قىلىپ خۇشاللانغان ئىدىم. بىرىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدا تەڭرىتاغقا ئىككى ھەپتىلىك بوتانىكا، زوئولوگىيە پىراكتىكىسى قىلىشقا باردۇق. گۈزەل دالىدا يۈرۈپ تەڭرىتاغدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئۆسۈملۈك تۈرلىرىدىن، كېپىنەك، ھاشاراتلاردىن نۇرغۇنلىغان ئەۋرىشكىلەرنى يىغدۇق ۋەئۇلار توغرىسىدا نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق.  بۇ قېتىملىق ناھايتى كۆڭۈللۈك ھەم ئەھمىيەتلىك پىراكتىكىدىن كىيىن، بىئولوگىيە مېنى ئۆزىگە سېھرلىۋالغان ئىدى. ھاياتلىقنىڭ شۇ قەدەر كۆپ خىللىقى،  گۈزەللىكى، جانلىقلارنىڭ تىلسىمغا تولغان قىلمىشلىرى، ھاياتلىقنىڭ ھەر بىر ھادىسىسى ماڭا بىر تېپىشماق ئىدى ۋە بۇ تىلسىملىق جانلىقلار دۇنياسىنى چۈشىنىش ئارمىنىمغا ئايلاندى. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ مەن تەبىئەتتە كۆرگەن ھادىسىلەرنىڭ سىرىنى يىشىپ بىرىدىغان بىئو-خېمىيە، ھۆجەيرە بىئولوگىيسى، گېنىتىكا قاتارلىق دەرىسلەرنى ئوقۇغىنىمدا نۇرغۇن سۇئاللىرىمغا جاۋاب تاپقاندەك بولدۇم-يۇ، يەنە تېخىمۇ كۆپ سۇئاللار كاللامدا شەكىللىنىشكە باشلىدى. بەزى سۇئاللىرىمغا ئۇستازلىرىممۇ جاۋاب بىرەلمەيتتى، شۇ ئىشتىياقنىڭ تۈرتكىسىدە ئەسلىدىنمۇ كاللامدا بار بولغان يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىستىكى كۇنسايىن كۈچىيىپ باردى. ئەلۋەتتە، قىزىقىش بولغاندىكىن، دەرىسلەرنى ئۆگىنىش ماڭا ئازراقمۇ ئېغىر كەلمەيتتى. شۇڭىمۇ ئالىي مەكتەپ ئىزچىل ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم ھەم نەتىجەمگە يارىشا ئونلىغان ئوقۇش مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولدۇم. مۇكاپات ئالغان پۇللىرىمنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇش پۇلىغا ئىشلەتسەم، يەنە بىر قىسمىنى ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە مەبلەغ سالدىم ۋە بۇنىڭدىنمۇ ناھايتى خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائاليەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشاتتىم. ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تەشكىلاتى، شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، بىئولوگىيە فاكۇلتىتى ئوقۇغۇچىلاربىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ بىر مۇنچە خالىسانە تەشۋىقات-تەربىيە، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائاليەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتناشتىم. ئۆزەمنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىكىنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى سەنئەت ئۆمىگى ئۇسسۇل ئەترىتىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ نۇرغۇن قېتىم خەيرى-ساخاۋەت ئويۇنلىرى ۋە مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىللىگەن باشقا نۇرغۇن قېتىملىق ئويۇنلاردا نومۇر ئورۇنلاشقا قاتناشتىم. مۇشۇنداق ھەرخىل ئىجتىمائىي پائاليەتلەردە بىر تەرەپتىن خىلمۇخىل تىپتىكى سىتۇدىنىتلار بىلەن تونۇشۇپ ئۆزەمنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتگە يەتسەم، يەنە بىر تەرەپتىن ئالىي مەكتەپ ھاياتىم تولىمۇ قايناق ۋە ئالدىراش ئۆتەتتى. ئادەم قانچە ئالدىراش بولسا شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بولالايدىغانلىقىنى شۇ ۋاقىتلاردىلا تونۇپ يەتكەن ئىدىم. ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، بىر قىسىم ئىجتىمائىي پائاليەتلەردىن قول ئۈزۈپ دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا ئۆزەمنى تەجىرىبىخانىغا باقىۋەندە قىلدىم. كەچلىرى ۋە شەنبە-يەكشەنبىلەردە ئېنگىلىز تىلى دەرىسىم بولمىغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە تەجىرىبىخانىدا بولاتتىم. تەجىرىبخانىدا ئىشلەش جەريانىدا تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىشلەشكە بولغان قىزغىنلىقىم ناھايتى يۇقىرى ئىدى. بىرىلگەن ھەر بىر كىچىك تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئەستائىدىللىق بىلەن ئورۇنلايتتىم. گەرچە بۇ تەتقىقاتلاردىن زور نەتىجىلەرنى چىقىرىپ تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلمىغان بولساممۇ، لىكىن بۇ مېنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتنى چۈشىنىشىمگە ئاساس بولدى. ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان «قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيىسى» ئىلمىي ژونىلىدا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر پارچە ماقالەم ئېلان قىلىنغىندا قان-قېنىمغا پاتماي خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۇستازلىرىممۇ مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى ۋە رىغبەتلەندۈرەتتى. ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا مەن كەسپىمدە كۆپلىگەن بىلىملەرنى ئىگىلەپ دەرسلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىدىم ۋە سەنئەت، تەنتەربىيە ۋە ئېنگلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش جەھەتلەردىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ مۇكاپاتلانغان ئىدىم. شۇنداق بولغاچقا بۇ دەۋىر ھاياتىمدىكى كۆپلىگەن ئۇنتۇلماس مېنۇتلارنى ماڭا سوۋغا ئەتتى. ئومۇمەن، ئالىي مەكتەپنى ناھايتى ئالدىراشلىق ۋە ھاياجانغا تولغان، ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى دوستلار بىلەن ئۇچراشقان، ھايات يولۇمغا پۇختا ئاساس سالغان ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر مەزگىلى دەپ قارايمەن.
          ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا مەن تونۇشقان سىتۇدىنتلار ئىچىدە ھەر خىل تىپتىكىلىرى بار ئىدى، ناھايتى تىرىشچان ۋە ئالغا ئىلگىرلەشكە ئېنتىلىدىغانلىرىمۇ؛ سەل ھورۇن ،ئويۇن-تاماشاغا بەكرەك بېرىلىدىغانلىرىمۇ؛ ئوقۇۋىتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلىرى، شىركەتلەرنى ماڭدۇرغانلىرىمۇ؛ ئاتا-ئانىسىغا يالغان سۆزلەپ كۆپلەپ پۇل ئىلىپ تاماشاغا خەجلەيدىغانلىرىمۇ بار ئىدى. مەن ئوقۇغان سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ناھايتى تىرىشچان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تىرىشچانلىقتا مېنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار ئىدى. ئېسىمدە قىلىشىچە، ئالىي ماتېماتىكا دەرىسى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدىكى ئۆزۋاقتىدا 10-نومۇرلۇق بىنا دەپ ئاتىلىدىغان قىزىل كۆلنىڭ نېرىسىدىكى بىر كونىراق بىناغا جايلاشقان يوغان زاللاردا ئۆتۈلەتتى. ئۈرۈمچىنىڭ قارا قېشلىرىدا قار ياغقىنىغىمۇ قارىماي ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايمىز دەپ ئورۇن تالاشقىلى بىنانىڭ ئىشىكى ئېچىلماستا ئۆچرەت بولۇپ ساقلايتتۇق. گەرچە ئوغۇللار ياتىقى دەرىسخانىغا نېسبەتەن يىقىن بولسىمۇ (بىز ئۇ ۋاقىتلاردا شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدا «ئۈچ يىرىم قەۋەت» دەپ ئاتىلىدىغان قىزلكۆلنىڭ بويىدىكى بىنادا تۇراتتۇق)، لىكىن قىزلارمۇ بوش كەلمەيتتى.  قىزلار ياتاقتىن بىر نەچچە قىز ۋاكالىتەن ئەۋەتىلەتتى، ئوغۇللار ياتاقتىن كۆپىنچە مەن ۋە يەنە بىر ساۋاقدىشىم ئىككىمىز ۋەكىل بولۇپ چىقىپ ئورۇن تالىشىش«جېڭى» گە قاتنىشاتتۇق. ئاپئاق قاردا ئورۇن تالىشىشقا ئالدىراپ نەچچە يىقىلغىنىم ئېسىمدە. بەزىدە شۇنچە ئالدىراساممۇ، قىزلار بۇرۇن چىقىپ ئالدىنقى ئىككى-ئۈچ رەتنىڭ ھەممىسىگە دەپتەرلەرنى تاشلاپ ئورۇن ئىگىلىۋالسا كۆڭلۈم يىرىم بولاتتى. كىين سەھەر تۇرىدىغان ساۋاقداشلار بىر-بىرىمىزگە ئورۇن ئىلىپ قويۇپ بۇ مەسلىمۇ ھەل بولغان ئىدى. ساۋاقداشلار ئارا رىقابەت بولسىمۇ، ناھايتى ئېناق-ئىجىل ئۆتەتتۇق، ئۇلار مەن ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا نۇرغۇن ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. مۇشۇ پۇرسەتتە، ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمغا ۋە دوستلىرىمغا سېغىنىشلىق سالامىمنى يوللايمەن.
        دائىم باشقىلارنىڭ سىتۇدىنتلار يامان ئىشلارنى قىلىدۇ دىگىنىنى ئاڭلايتتىم، ئەمما مەن ئۆگىنىشم بىلەن ئالدىراش يۈرگەچكىمۇ دائىم كۈتۈپخانىلاردا لىق تولۇپ ئۆگىنىش قىلىۋاتقان تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرەتتىم. ھەتتا ئۇنىۋىرسال بىنا دەپ ئاتىلىدىغان شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى ئالدىدىن ئۆتكەندە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان يوغان بىنانىڭ ئالتە قەۋىتى پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلار بىلەن توشۇپ كىتىپ باشقا بىنالارغا بىرىپ دەرس تەكرارلاشقا توغرا كىلەتتى. ئەتىگەنلىرى بەدەن چېنىقتۇرغاچ ئېنگىلىز تىلى تېكىستلىرىنى يادلاشقا چىققىنىمدا باشقا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەندىنمۇ بۇرۇن چىقىپ ئۆگىنىش قىلىۋاتقىنىنى كۆرەتتىم ۋە شۇنداق بىر تىرشچان ئوقۇغۇچىلارغا تولغان مۇھىتتا ئوقۇۋاتقانلىقىمدىن خۇشال بولاتتىم، مەكتىپىمدىن پەخىرلىنەتتىم. كۆپىنچە سىتۇدىنتلار ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە بىرەر ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىشنى ئويلايتتى.لىكىن جەمئىيەتنىڭ تۈزۈلمىسى ناچارلىقىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ياخشى ئوقۇغانلار بىلەن ناچار ئوقۇغانلار پەرقلەندۈرۈلمەيدىغان بولغاچقا،نۇرغۇنلار تىرىشىشتىنمۇ ۋاز كېچەتتى. ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار تېخى پىشىپ يىتىلىش جەرياننى ئەمدىلا باشتىن كەچۈرۋاتقان بولغاچقا، نۇرغۇن ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بىر قىسىم سىتۇدىنتلارنىڭ ئەخلاققا يات قىلمىشلىرىدىن، دەرىسلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ۋە قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىدىن سىتۇدىنتقا خاس بىرەر ئىزنامۇ تىپىلمايتتى... مەن گەرچە بارلىق سىتۇدىنتلارغا باھا بېرىشكە ئاجىزلىق قىلساممۇ،لىكىن شۇ ۋاقىتتىكى سىتۇدىنتلار ماڭا ئومۇمەن ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى.

ئالتىنجى سوئال،مۇھىت ئالمىشىش سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھىيەت دۇنياسىدا زور ئۆزگىرىش بولدىغىنى ھەقىقەت. بىزنىڭ كۆپ سىتۇدىنتلىرىمىز ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشنى قەدىرلىمەي دېپلۇمغا تەلمۈرۈپ ئۇنۋىرسال بىلىمگە سەل قارايدىغان ئىشلار كۆپرەك،سىزمۇ مۇشۇ مەۋقەدە تۇرۇپ بەزى سىتۇدىنتلىرىمىزنىڭ ھازىرقى چىقىش يولىنى تاپالماي رىقابەت كەسكىن بولغان جەمىيەتتە پۇت تېرەپ تۇرالماسلىقنىڭ يىلتىزىنى قايسى نۇقتىدىن باھا بەرسەك بولىدۇ؟
         ئالىي مەكتەپلەردە بىر قىسىم دىپلومنى ئىلىۋالساملا بو دەپ ئويلايدىغان، ئۆگىنىش قىلىشنى ئەسلا ياقتۇرمايدىغان، ئۆزى ئالىي مەكتەپتە بولغان بىلەن قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ھىچبىر تىرىشچانلىق، ئىلغارلىق، ئېنتىلىشچانلىق، ئۈمىدۋارلىق، ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق،غايە ۋە ئەخلاقىي-پەزىلەتنىڭ سايسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان بىر توپ ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. بۇ خىلدىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى بىكار ئۆتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل،بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەبلەرگەچېتىشلىق دەپ قارايمەن:
1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى ۋە پىلاننى ئورۇنلاشقايىتەرلىك غەيرىتى، تېرىشچانلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نۇرغۇنلىغان مەغلۇپ بولغان سىتۇدىنتلار ئەسلىدىلا پەقەت ئالىي مەكتەپكە كىلىپ شۇنداق بىر نامغا ئىگەبولۇش ئۈچۈن ئوقۇغاندەك كاللىسى قۇپقۇرۇق ھالەتتە ئالىي مەكتەپنى باشلايدۇ،ئۇلاردا نە ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان، نە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا يىتىشنى كۆزلىگەن ئېنىق نىشان بولمايدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى پەقەت ئاتا-ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ئۆگىنىش قىلىپ كۆنگەن، ھەممە ئىشلىرىنى دىگۈدەك ئاتا-ئانىسى يولىنى مېڭىپ ھەل قىلىپ بىرىدىغان، پۈتۈن ھاياتىدا مەكتەپتە ئوقۇپ ياخشى نومۇر ئىلىشتىن باشقا جەڭ ئېلان قىلىش خاراكتىرىدىكى ئىشلارغا، تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بېسىمغا دۇچ كەلمىگەن بولغانلىقتىن، مۇستەقىللىقى ناھايتى تۆۋەن ھالدا ئالىي مەكتەپكە كىلىپ يىڭىچە مۇھىتقا كۆنەلمەيدۇ. تولۇق ئوتتۇرا بىلەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئۇزاققىچە چۈشىنىپ يىتەلمەي، ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان، ھەر بىر باسقان قەدىمىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئادەم يوق ئەھۋالدا ئوڭايلا تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قالىدۇ.
2. دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى پەقەت ئېمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ مائارىپتىكى نۇرغۇنلىغان مۇھىم ھالقىلارغا سەل قارىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇ سەۋەپتىن كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپتە مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىغا پۇختا ئاساس سالالمايدۇ. تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا پەقەت ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىشان قىلىنغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ توختىماي ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋىرىشى نەتىجىسىدە ئۆگىنىشتىن خۇشاللىق تاپالمايدىغان، ئۆگىنىشنى ئۆچ كۆرىدىغان، قاچان ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈۋالسام بۇنداق ئۆگىنىش بېسىمى تۈگەيتتى،دەيدىغان بىر خىل خاتا پىسخىكىنى يىتىلدۈرۋالىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلار ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە چىققاندا دۇچ كىلىدىغان رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى زۆرۈ بولغان بىلىملەرنى ئۆگەتمەيدۇ. ئۇنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، ئاددىسى دىپلوم بولسىلا، خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا كىمنىڭ قانداق ئوقۇغانلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆز ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىگە زور سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. باشلانغۇچتىن تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوقۇغۇچىلار ھىچقاچان دەرىسلەرنى ئۆزى تاللاپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولمىغاچقا ۋە ئوقۇغۇچى ئۆزى قىزىققان ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋاپىق شارائىت يارىتىپ بىرىلمىگەچكە ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى توغرا بايقىيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرىزىمچە تەڭدىن تولا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى ياخشى كۆرمەيدىغان كەسىپلەردە ئوقۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ كەسىپ ئالمىشىشىنى تەسلەشتۈرۋەتكەن بولغاچقا، بۇ ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ قىزىقىدىغان كەسپىنى چۈشەنگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ يەنىلا ئۆزى ئانچە ياخشى كۆرمىگەن كەسىپتە داۋاملىق ئوقۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.
4. يەنە بىربۆلۈك لايغەزەل سىتۇدىنتلار ئالىي مەكتەپكە پەقەت ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن كەلگەن بولىدۇ. ئۇلار دىپلومنى ئىلىپ بارسام قالغىنىغا ئاتا-ئانام بار، دەپ ئويلايدۇ. بۇنداقلار دەل ئاشۇ جەمئىيەتتە سىتۇدىنتلارنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان تۈركۈمدىكىلەر بولۇپ، ئۇلار ئالىي مەكتەپنى ئويۇن-تاماشا بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆزىگە ئەسقاتىدىغان بىر يىڭى بىلىم، تىل، تېخنىكا ئۆگىنىپ قويۇشقىمۇ قىزىقمايدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ پىشىپ يىتىلمگەن خىيالى دۇنياسىدا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئۆتىدۇ. بۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
5. جەمئىيەتنىڭ كەسكىن رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ئالىي مەكتەپ دىپلومى ئىگىلىرىنىڭ يەنە زور بىر بۆلۈكى ئالىي مەكتەپتە پەقەت ئەل قاتارى دەرىسلەرگىلا قاتنىشىپ،ئېمتىھانلاردىن ھەر ھالدا ئۆتۈپ ئوقۇيدىغان، يامان ئىشلىرىمۇ يوق، ئۆزىنى خېلى ياخشى ئوقۇدۇم دەپ ئويلايدىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار سېپىدىن كىلىپ چىققان بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپتە دەرسلەرنى ئۆگىنىدۇ يۇ، ئەمما جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا ماڭالىغۇدەك بىرەر ئىقتىدارنى ئۆزىدە ھازىرلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تونۇشى غۇۋا بولۇپ، يا بىرەر چەتئەل تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپ قويمايدۇ؛ ياكى ئۆزىدە تەشكىللەش ئىقتىدارى، تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە ياكى بىرەر ئىگىلىك تىكلەش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن چىقىش يولى تاپالماي قالسا ياخشى ئوقۇساممۇ جەمئىيەتتە تىگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن زارلىنىدۇ.
بىر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال شۇكى، مەيلى ئالىي مەكتەپتە قانداق ياخشى ئوقۇسۇن، قانداق ياخشى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسۇن، بۇ خىل جاپالىق ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى كۆپىنچە خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىدا بىر تېيىنغا ئەرزىمەيدۇ. ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىدىكى تۆمۈر دەپتەر تۇتقانلار ياكى ئازراق پۇل تاپقان شەخسىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتكە قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەليەتتە تۆۋەن ساپالىق بولغانلىقتىن يىڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرگە تىگىشلىك ھۆرمەت بەرمەيدۇ،ئەكسىچە ئۇلارغا قېيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇشنىڭ كويىدا بولىدۇ. دىمەكچى، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئالغا سىلجۇتقۇچى ئەڭ چوڭ ئەمگەك كۈچى بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر قوشۇنى جەمئىيەتتە يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىگەن. شۇنداق بولغانىكەن، بىر قىسىم ھەممە جەھەتتىن ياخشى ئوقۇغان  سىتۇدىنتلارمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن مۇشەققەتلىك قىسمەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە جەمئىيەت تەرىپىدىن يارىماس دىگەن قالپاق كىيگۈزۈلىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئىلغار ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جەمئىيەتنىڭ ئالغا سىلجىشى ئەسلى پوتىنسىئالىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، سىتۇدىنتلار جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان مۆلچەرلەپ دەرىسلەرنى ياخشى ئۆگەنگەندىن باشقا ئۆزلىرىنى كەلگۈسىدە ئەسقاتىدىغان بىرەر ئىقتىدار بىلەن قوراللاندۇرۇشى، ۋاقتىنى زايە قىلماي ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى، ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۆزىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانلارنى تىكلەپ شۇ نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىبىلەن تىرىشىشى لازىم. مەيلى نىمە سەۋەبىڭىز، باھانىڭىزبولسۇن، ئالىي مەكتەپتە نۇرغۇنلىغان ئەۋزەل شارائىتلار تۇرۇقلۇق ۋاقتىڭىزنى، ياشلىقىڭىزنى بىلىم ئىگەللەشكە، ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتلىق يولىڭىزغا ئاساس بولغۇدەك ئىقتىدارلىرىڭىنى ئۆستۈرۈشكە، ھىچبولمىغاندا بىرەر چەتئەل تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىڭ، بولمىغۇر، ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلىپ ئالتۇندەك ۋاقتلرىڭىزنى زايە قىلماڭ. دەل مۇشۇنداق قىلغاندا سىتۇدىنتلار كەلگۈسىدە جەمئىيەتتە ئۆزىگە چۇشلۇق ئورۇنغا ئىگەبولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرالىشى ئىمكانىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
مارشال: ئوقۇش جەريانىداسىزنىڭ ھاياتلىق يولۇڭىزغا چوڭ تەسىرلەرنى ھەم بۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ كەلگەن كىشىلەرمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن،شۇ چاغدىكى كارتىنلارنى ئەسلەپ تۇرۇپ سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

ھاياتىمدا ماڭا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەر ناھايتى كۆپ بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تەسىر كۆرسەتكىنى - دەل ئائىلەم. ئانام باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم، شۇنداقلا مەن كۆرگەن ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۇستاز. ئۇ ماڭا ئاق-قارىنى تونۇتۇپلا قالماي، ھاياتىمدا ئەخلاقىي-پەزىلەتتىكى ئۈلگەم بولۇپ كەلدى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ماڭا دەرس ئۆتۈپلا قالماي، يەنە ئەڭ مۇھىمى مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتتى؛ دىلىمغا بىلىمگە بولغان ئىشتىياقنى تۇنج ىقېتىم سالدى؛ مېنى ھەر ۋاقىت ئېلھاملاندۇرۇپ، ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىمنى ئۇرغۇتتى؛ئۇنىڭ ئەستائىدىللىقى، ئىلمىيلىكى، ئاڭلىسا-ئاڭلىسا قانمايدىغان يىقىشلىق سۆزلىرى،ئېسل نەسېھەتلىرى قەلبىمگە ئورنىدى. دادام ئىككىسى ئوقۇش ھاياتىمنىڭ باشقا باسقۇچلىرىدىمۇ مېنى ھەر ۋاقىت قوللىدى. ئانامنىڭ قولىدا ياخشى باشلانغۇچ تەربىيىسىگە ئىگە بولمىغان بولسام بەلكىم ھازىرقى كۈنلىرىم بولمىغان بولاتتى.ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىنىڭ كۆپلۈكىدە شۇ تاپتا قايسىلىرىنى مىسال ئىلىشنىبىلەلمەي قالدىم، لىكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئانام ھەقىقەتەن مېنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭئۇلۇغ ئۇستازىم. دەل شۇ ۋەجىدىن بۇ يىل 5-ئايدا كۆپ ئەجىر قىلىپ كەم-كۈتسىز تاماملىغان دوكتۇرلۇق دېسسىرتاتسىيەمنى ئانامغا بېغىشلىدىم. دادام كىچىكىمدىن ماڭاناھايتى كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە ئۇنىڭ كۆيۈمچانلىقى، مېھرىبانلىقى مېنى خۇشال قىلاتتى.ئۆسمۈرلۈك دەۋىرلىرىمدە، ئۇ ھەر كۈنى چوقۇم مەن بىلەن سۆھبەتلىشەتتى، شۇ كۈنى مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى يىپىدىن يىڭىنىسىغىچە تەپسىلي سورايتتى ۋە ماڭا تەكلىپ بىرەتتى، قېنچلىقلىرىمنى يېڭىشىمگە ياردەمدە بولاتتى ۋە ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلاتتى. تۆت ئاچام ۋە ئېىنىممۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ھەر بىرلىرى مېنىڭ ئوچوق-يورۇق، چىقىشقاق، ئاقكۆڭۈل، باشقىلارنى ئويلايدىغان خاراكتېرىمنىڭ يىتىلىشىدە ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇلار ماڭا ئاتا قىلغان خۇشاللىقلىرى ئاز ئەمەس، كىچىكىمدىن تاكى ئامرىكىغا ئوقۇشقا كەلگۈچىمۇ ئۇلار مېنى قوللاپ كەلدى ۋە مەن كۈتكەندىن كۆپ ئارتۇق ياردەملەر مەدەتلەردە بولۇپ كەلدى. دەل مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يىتىلەنلىكىم مېنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىىپ كۆزلىگەن ئازرۇيۇمغا يىتەلىشىمدە ئىزچىل ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كەلدى. مەن ئاتا-ئانام ۋە ئائىلەمدىى ھەربىر قېرىندىشىمنىڭ مەن ئۈچۈن سېڭدۈرگەن ئەجرى ۋە بەرگەن قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا مەڭگۈ قەرىزدارمەن. مۇشۇ دەقىقىدە كۆرۈشمىگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشقان ئائىلەمدىكى ھەر بىر ئەزىزلىرىمگە يۈرىكىمدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان چەكسىز ھۆرمىتىم،سېغىنىشلىق سالىمىم ۋە سۆيگۈمنى يوللايمەن.
تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ماڭا چوڭ تەسىر كۆرسەتكىنى تولۇق ئوتتۇرىدىكى خېمىيە ئوقۇتقۇچۇم ئابلەت مەمەت مۇئەللىم. بۇكىشى كۆزەينەك تاقاپ، قاپاقنى بىر تۈرسە سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. لىكىن ئۇنىڭ ئۇستازلارغا خاس كۆيۈمچانلىقى ۋە قالتىس تەييارلىق بىلەن كىرىپ سۆزلەيدىغان ھەربىر سائەتلىك دەرىسى مەندە ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە قايىللىق قوزغايتتى. ئوقۇغۇچىنىڭ قايسى دەرىسنى ياقتۇرىشى ئەمەليەتتە شۇ دەرىسنى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى قانچىلىك قىزىقتۇرالىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ دەل شۇنداق كىشىنى قىزىقتۇرۇپ تۇرۇپ دەرس سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچى ئىدى، شۇنداق بولۇپلا قالماي ئۇ مەن سورىغان سۇئاللاردىن زېرىكمەي ئەكسىچە زوقلىنىپ تۇرۇپ ئەتراپلىق جاۋاب بىرەتتى،ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرەتتى، يەنىمۇ كۆپ سۇئاللارنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. ئۇنىڭ خېمىيىلىك مۇۋازىنەتنى سۆزلىگەن ۋاقىتتا سۈيى لىق تولغان كۆلچەك بىلەن يىنىدىكى سۈيى تولمىغان كۆلچەكنى مىسال ئىلىپ چۈشەندۈرۈشى شۇنچىلىك ئوبرازلىق بولغاچقا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە مەن خېميىلىك مۇۋازىنەتنى ھەرقانداق ئادەمگە ئىچۈرۋەتكۈدەك چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيمەن. مەن ئۇنىڭ دەرىسىنى ياخشى كۆرگەندىن باشقا ئۇنىڭدىن ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، پىلانلىق ئىش قىلىش ۋە ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈش جەھەتلەردە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. بۇلار مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ئوبدانلا ئەسقېتىپ قالدى. ئۇنىڭدىن بۆلەك، ئۇمېنى دەرىسلەردە دائىم ماختاپ ئېلھاملاندۇرۇپ تۇرغاندىن باشقا، ئۆزەممۇ ئويلاپ باقمىغان بىر ئالاھىدىلىكىمنى بايقىۋالغان ئىدى. مەن سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمدىن كامىدا 2-3 ياش كىچىك بولغاچقا بويۇممۇ ئەڭ پاكار ئىدى، تەنتەربىيەدە سەل كەينىدىراق ئىدىم ھەم بۇنىڭدىن بەزىدە ئۆزەمنى سەل كەمسىتىپمۇ قالاتتىم. بىرقېتىملىق مەۋسۈملۈك ئېمتىھان مەزگىلىدە 1000 مېتىرغا يۈگۈرۈشتىن سىناق ئېلىندى.مەن ھەر ھالدا سىنىپتىكى ئوغۇللارنىڭ ئەڭ ئالدىدا چىقمىساممۇ ئالدىداراق چىقتىم.بۇ مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش بولۇپ تۇيۇلدى. شۇ كۈنى كەچتە ئابلەت مۇئەللىم يىغىن ئاچقاندا مېنى ماختاپ، باشتىن-ئاخىرى شۇنچىلىك تەكشى سۈرئەتتە يۈگۈرگىنىمنى،كىچىكلىكىمگە باقماي ئەڭ ئارقىدا قالغان ساۋاقدىشىمنى تولۇق بىر ئايلانما قاتلىۋەتكىنىمنى ئېيتىپ مېنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە بەكلا ئالاھىدىلىكىم بارلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. راست دىگەندەك كىيىن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە بويۇم ئۆسۈم قەدەملىرىم يوغان بولغاندا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە كۈچىمەيلا پۈتۈن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىم. مەكتەپ بويىچە مۇسابىقىلارغا قاتنىشىپ نەتىجىلەرنىمۇ ئالدىم. ئاڭلىماققا بۇ ئادەتتىكى ئىشتەك تۇيۇلغان بىلەن مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور بولغان ئىدى چۈنكى دەل شۇنداق ئالاھىدىلىكىمنى بايقىغاندىن كىيىن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇم ھەم تەنتەربىيەگە ئۆچ بولۇشنىڭ ئورنىغا ياقتۇرۇپ قېلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ئادەتنىمۇ يىتىلدۈرۋالدىم. ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقاپ رىغبەتلەندۈرىشى ناھايتى قىممەتلىك، دەپ ئويلايمەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئابلەت مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشىدىغان پۇرسەتلىرىممۇ كۆپ بولمىدى، ئەمما ئۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە ساقلىدىم. بۇ قېتىم ۋەتەنگە قايتقىنمدا كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىش نېسىپ بولار، ئىنشائاللاھ.
ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن بىر قانچىسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ھۆجەيرە بىئولوگىيسى دەرىسى بەرگەن ئۇستازىم دوكتۇر پەزىلەت بەختى، سېنىپ مۇدىرىم ۋە يىتىلىش بىئولوگىيسى دەرىسى بەرگەن ئۇستازىم پىرافىسور پاتىگۈل ماخمۇتنىڭ دەرىسلىرى ماڭا ئەڭ ياقاتتى ۋە مەندە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. پەزىلەت مۇئەللىم ئەنگىلىيەدە ئوقۇپ كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ بىلىم مول، دەرىس مىتودى ناھايتى جانلىق ئىدى. ئۇنىڭغا قاراپ «چەتئەلدە ئوقۇغان ئادەم مۇشۇنداق بىلىملىك،قىزىقارلىق  ۋە سەۋىيەلىك بولىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلايتتىم. پاتىگۈل مۇئەللىمنىڭ دەرىسلىرى قىزىقارلىق، چۈشىنىشلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇ خۇددى ئانامدەكلا ماڭا ھەر جەھەتتىن ناھايتى كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى. ئۇنىڭ پات-پات مېنى چاقىرىۋىلىپ ئېتىپ بىرىدىغان مەززىلىك تاماقلىرىنى ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن نەچچە رەت چۈشىگىنىم ئېسىمدە يوق. ئۇنىڭ تاماقلىرى ۋە كۆيۈمچانلىقى ماڭا ھەر ۋاقىت ئانامنى ئەسلىتەتتى.يەنە بىر چوقۇم تىلغا ئىلىشىم كىرەك بولغان يەنە بىركىشى مىكروبىئولوگىيىسى ئوقۇتقۇچۇم گۈلسۈمئاي مۇئەللىم. گۈلسۈمئاي مۇئەللىم ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپ مېنى تەجىرىبخانىغا ئىلىپ كىرىپ ھاياتىمدىكى تۇنجى تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئىشەنچ بىلەن قولۇمغا تاپشۇرغان ئۇستازىم. ئۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان تەتقىقات تۈرىنىڭ كىچىكرەك تارماقلىرىنى ماڭا بۆلۈپ بىرەتتى. بۇلاردىن ئېسىمدە قالغانلىرى قارامايدىن ئىلىپ كىلىنگەن ماي قاتلاملىرىكى تۇپراقتا ياشايدىغان باكتېرىيەلەرنى تۈرگە ئايرىش، مەلۇم بىر يىڭى خېمىيىلىك بىرىكمىنىڭ باكتېرىيەگە قارشى ئۈنۈمى بار يوقلۇقى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك مىقدارىنى ئېىنىقلاش...قاتارلىقلار ئىدى. كۈندە كەچلىرى ۋە باشقا دەرسىتن سىرتقى ۋاقىتلاردا تەجىرىبخانىدا ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئەڭ ئاددى تەتقىقات ئۇسۇللىرىدى نتارتىپ تەتقىقات پىرىنسىپلىرىغىچە ھەممىنى ئۇ ماڭا ئەستائىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرەتتى ۋە قېيىنچىلىققا يولۇققاندا دەل ۋاقتىدا ياردەم قىلاتتى. ئۇنىڭ بىر ئىشى مېنى بەكلا تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا مەن كۈندە تەجىرىبىخانىدا نۇرغۇنلىغان پېتىرچاشكا (باكترىيە ئۆستۈرىدىغان ئەينەك قۇتا) لارنى ئىشلىتەتتىم ۋە يۇيۇشۇمغا توغرا كىلەتتى. ئۇ قولۇمنىڭ ئەت تىكەنلىرى ئۆرلەپ يىرىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ بىر كۈنى ئاتايىتەن ماڭا بىر داڭلىق ماركىلىق قول مېيى ئالغاچ كەپتۇ. ئۇ ماڭا بىلىم بىرىپ، تەتقىقاتتا چېنىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندىن باشقا ماڭا يەنە خۇددى دوستۇمدەكلا ياخشى مۇئامىلىدە بولاتتى، دەردلىرىم بولسا ئاڭلايتتى ۋە مەسلىھەت بىرەتتى. ھەر ۋاقىت ئوڭۈشسىزلىققا يولۇقۇپ كۆڭلۈم يىرىم بولغاندا ئۇ ماڭاتەسەللىي بەرسە، نەتىجە قازانغان ۋاقىتلىرىمدا خۇشاللىقىمغىمۇ ئورتاقلىشاتتى. ئۇ ئامرىكىدا دوكتۇرلۇققا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغىنىمى ئاڭلىغاندا خۇشاللىقىدىن: «مەن بىلەتتىم، مەن بىلەتتىم...» دەپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ئىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۇستازلىرىم ئالىي مەكتەپ ھاياتىىمدا ۋە كىينكى ئۆگىنىش،تەتقىقاتلىرىمدا مۇۋاپىققىيەت قازىنالىشىمغا ئاز بولىمىغان ھەسسىلەرنى قوشقان. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئىلىم ئۆگەتكەنلىكى، ئېلھاملاندۇرغانلىقى ۋە ئالغا بېسىشىمغا تۈرتكەبولغانلىقى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىمى ماڭا ئىشەنچ ۋە غەيرەت ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن مەڭگۈ مىننەتدارمەن.
ھاياتىمىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر كىشى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ. بۇ توغۇرلۇق مەن تەسىراتلىرىمنى «دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم» دىگەن يازمامدا تەپسىلىي يازغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە قايتا توختالمايمەن. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن شۇ ماقالىنى كۆرەلەيسىز:

./thread-19677-1-1.html

ئاخىرىدا پەخىرلىنىش ئىلكىدە تىلغا ئالىدىغىنىم ئامرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋىرستىتىدىكى دوكتۇر يىتەكچىم بولمىش قەدىردان ئۇستازىم- دوكتۇر Stephen Ford (ستىۋىن فورد).

943280_10200664271383010_875355428_n.jpg

بىلگەجان دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان كۈنى يىتەكچى ئۇستازى، پېروفېسۇر، كۆپىيىش بىئولوگىيە ئالىمى، دوكتۇر سىتىۋىن فورد ( Stephen Ford)  بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى
        
ئۇنىڭ بىلەن 2009-يىلى ئامرىكىدىكى ئوقۇشۇمنى باشلاپ بىر ئايدىن كىينلا بىر قېتىملىق ئىلمىي لىكسىيەدە تونۇشقان ئىدىم. ئۇنىڭ قىزىقارلىق تەتقىقات تېمىلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي سۇئاللارنى قويۇپ ئۇنىڭ خېلى ئېسىدە قالغان ئىدىم. كىيىن ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسغا كىرىپ ئىككى ئاي ئىشلەپ باقتىم ۋە بەكلا ياقتۇرۇپ قالغانلىغىم ئۈچۈن يىلنىڭ ئاخرىدا ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسغا مۇقىملىشىپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم. مېنىڭ بۇ 65 لەر كىرگەن ئاپپاق چاچلىق سۆيۈملۈك يىتەكچى ئۇستازىم مەن چۈشۈمدە ئارزۇ قىلغان بىلىملەرنى بىر-بىرلەپ مېڭەمگە قۇيۇشقا باشلىدى. دەسلىپىدە ئۇ ھەر كۈنى بىر سائەت مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ مەن بىلەن ئىلمىي مۇنازىرە قىلغاندا بىلىمىمنىڭ كەمچىللىكىدىن سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلمەي ئۇنىڭ دىگىنىنىلا ئاڭلايتتىم. بەزىدە نىمانچە كۆزۈمگە كىرىۋالىدىغاندۇ دەپ رەنجىپمۇ قالاتتىم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ بۇ خىل كۆيۈمچانلىق روھى بىلەن مىنى تەربىيلىشى ئۈنۈم بىرىشكە باشلىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىلىدىغان مۇنازىرىلىرىمىزدىن ئاجايىپ ھوزۇر ئالىدىغان بوپقالدىم.  ئۇنىڭ قۇيسا تۈگىمەستىن چىقىۋىرىدىغان ھەر ساھەدە پىشقان بىلىمى ۋە ماڭا بولغان كۆيۈمچانلىقى مېنىڭ بىلىمگە تەشنا يۈرىكىمنى راستنىلا ئۆزىگە رام قىلۋالغان ئىدى. ئەمەليەتتە، ئامرىكىدا بۇنداق پروفىسورلارنىڭ قولىغا چۈشۈش ئاز ئۇچرايتتى، شۇڭا مەكتىپىمگە ئوخشاش قاراردا كەلگەن ھېندىستانلىق، روسىيەلىك ساۋاقداشلىرىم كىرەلمىگەن بۇ تەجىرىبخانىغا مېنىڭ كىرەلىگىنىم تەلىيىم ئىدى. ئۇ ناھايتى كەسكىن ۋە ئىلمي بولۇپ ھەر بىر تەتقىقاتنىڭ كىچىك ھالقىلىرىغىچە تىگى-تەكتىدىن، ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە ئەستائىدىللىق بىلەن زىغىرلايتتى. ئۇنىڭ ئىنچىكىلكتە دۇنيادىكى 99.99% كىشىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بۇ خىل پوزىتسىيە ئەمەليەتتە ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدا ناھايتى مۇھىم بولۇپ، دەل مۇشۇنداق ئۇششاق ھالقىلارغىمۇ دىققەت قىلىش، يوقنى يوق، بارنى بار دەپ ئېنىقى بىلەن ئېيتىش، مۇجىمەللىككە يول قويماسلىق ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئىلمگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە پىشقان تەپەككۇر ئۇسۇلى، تەتقىقات ۋە تەجىرىبىلەرنى لايھىلەشتىكى مول تەجىرىبىسى ۋە ئىلمىي ماقالە ۋە دوكلات يىزىش، باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ۋە سۇئاللارغا جاۋاب بىرىشتىكى ئۇستىلىقى مېنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمدا مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىمدا ناھايتى زور رول ئوينىدى. ئۇنىڭدىن تۆت يىلدا ئۆگەنگەنلىرىم شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدا پۈتۈن تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىق جەريانىدا ئۆگەنگەنلىرىمدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. ئۇ مېنى دۇنياۋى ئىلمىي تەتقىقاتقا باشلاپ كىردى ۋە مېنى كەلگۈسىدىمۇ مۇۋاپىققىيەت قازانغۇدەك بىلىمگە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە قىلدى. گەرچە دوكتۇرلۇق ئوقۇشى جەريانىدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئاساس قىلىنسىمۇ، لىكىن ئۇ مېنىڭ كۆپ نەرىسىلەرنى ئۆگىنىۋىلىشىمغا تۈرتكە بولدى ۋە مېنى ھاياتلىقنىڭ سىرلىرىغا يەنىمۇ قىزىقتۇرۇپ ھەقىقىي بىر بىئولوگ قىلىپ چىقتى. ئۇ ھەتتا ماڭا قانداق تەتقىقات فوندىغا ئىلتىماس قىلىشتىن تارتىپ ژورناللارغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلەرنى قانداق تەھرىرلەپ باھالاش، قانداق باھالاش سۆزى يىزىشى، قوبۇل قىلىش قىلماسلىقنى قانداق بەلگىلەش قاتارلىقلارنىمۇ تەپسىلىي ئۆگىتىپ مېنى كامبىرىج ئۇنىۋىرستىتى، كورنېل ئۇنىۋىرىستىتى، پرىنىستون ئۇنىۋىرستىتىدەك داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىنى باھالاش (ئۇلار ژورنالغا ئەۋەتكەن ئىلمىي ماقالىلىرىنى ژورناللار پرافىسورۇمغا ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەسلەپ ماڭا بىرىدۇ، ئاخىرىدا قوبۇل قىلىش قىلماسلىقنى ئۆزى قارار قىلىدۇ) پۇرستىگىمۇ ئىگە قىلدى. مەن ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا ھەم ئۇ مېنى ناھايتى ياخشى كۆرىدىغانلىقى تۈپەيلى ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىن ھالقىغان دەرىجىدە ماڭ ئەجىر قىلدى، كۆيۈنۈپ يىتىشتۈردى. ئوقۇش پۈتتۈرگەن كۈنى  دىېسىسىرتاتسىيە ياقلاشنى باشلاش ئالدىدا ئۇ دوكتۇرلۇق تەتقىقات كومىتىېتىمدىكى پىرافىسورلار ئالدىدا «بۇ ئوقۇغۇچۇم مەن بىر دوكتۇر ئوقۇغۇچىدا ئىزلەپ كەلگەن بارلىق شەرتلەرنى، ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان بىردىنبىر ئوقۇغۇچۇم. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سىلەردىن ئۇنى ئېمتىھاندىن ئۆتكۈزمەسلىكىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن» دەپ چاقچاق قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىكى يۇمۇرىستىك تۇيغۇ مەندە بولغان بولسىتى دەپ ھەۋەس قىلىپمۇ قالىمەن...گەپنى يىغىپ كەلسەم، ئۇ بولمىغان بولسا مەن ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك ئىشەنچ تۇرغۇزالمىغان، ئامرىكىدىكى كەسكىن رىقابەتتە ئۈزرۈپ چىقالمىغان بولاتتىم. ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسىدىن ئايرىلغان مۇشۇ بىر يىرىم ئاي جەريانىدا ئۇنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىم ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى يىتەكچىلىرىمىدىن قانچىلىك پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت يادىمغا ئالىمەن. گەرچە ئۇ كىشىنىڭ بۇ ماقالەمنى ئوقۇش پۇرسىتى بولمىسىمۇ، مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن ۋە ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىمەن.

376674_4114446533305_232216312_n.jpg

رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە:دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە  (بىلگەجان) نىڭ بەختلىك ئائىلىسى
(ئوڭدىن سولغا قاراپ :1. دوكتۇر بىلگەجاننىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل ئېلى بىلگە 2. قىزى تۇمارىس تۇرسۇن بىلگە 3. دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە)
يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كىشىلەردىن باشقا،  مۇشۇ پۇرسەتتە ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان، ماڭا كۆپ مۇھەببەت، ئېلھام، غەيرەت، مەدەت ۋە خۇشاللىق بەخش ئەتكەن، چەتئەلدىكى يىگانە كۈنلىرىمدە ھىچنىمىگە قارىماي ياخشى-يامان، قېيىن كۈنلەردە ھەر ۋاقىت ماڭا ھەمراھ بولغان ۋاپادار ئايالىمغا ۋە تاتلىق قىزىمغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئايالىم قېين كۈنلەردە مەن بىلەن بىللە بولمىغان بولسا، ئامرىكىدىكى كۈنلىرىم زېرىكىش، يالغۇزلۇق، سېغىنىش ۋە ئازاپ ئىچىدە ئۆتكەن بولاتتى ۋە ئوقۇشۇمدا ھازىرقىدەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈرەلمىگەن بولاتتىم. ئۇنىڭ چەتئەلدىكى مۇساپىر ھاياتىمنى مەنالار بىلەن تولدۇرغانلىغى ۋە كۈتكىنىمدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق مەن ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنى بىقىپ چوڭ قىلىپ ياخشى تەربىيەلىگەن، ماڭا ئىشنىپ قوللاپ كەلگەن سۆيۈملۈك دادا-ئانىلىرىمغمۇ  چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ يەردە تىلغا ئالمىغان نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ ھازىرقى مەن بولۇشۇم ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ زور تەسىرلىرىنى كۆرسەتكەن ۋە مەندىن ياردەملىرىنى، مەدەتلىرىنى، دۇئالىرىنى ئايىمىغان، ئۇلار مېنىڭ سۆيۈملۈك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم، دوست-بۇرادەرلىرىم، ساۋاقداشلىرىم، ئۇستازلىرىم، ۋە مېنى ئۆستۈرگەن يۇرت-خەلقىمدۇر.
مارشال: تىل ئالاقە قىلىشتىكى مۇھىم ۋاستە، سىز ئۆز ئانا تىلىڭىزدىن باشقا خەنسۇتىلى، ئېنگىلىز تىلى قانداق ئۆگەندىڭىز؟ تىل ئۆگىنىش جەريانىدا قانداق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلاردىن غالىپ كەلدىڭىز؟ تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
مەن خەنزۇتىلىنى ناھايتى قېيىنچىلقتا ئۆگەنگەن ھەم بەك ئۇزۇندا ئۆگنىپ بىر باشقا ئىلىپ چىققان، شۇڭا بۇ جەھەتتە مېنىڭ تەجىرىبەمنى سۆزلىشىمنىڭ ئەھمىيىتى بەك چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن. ئېنگلىز تىلىغا كەلسە، مەن بۇ تىلغا ناھايتى قىزىقىپ قالغانلىغىمدىن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ بىر قەدەر قىسقا مۇدەتتە خېلى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنەلىگەن ۋە ئېنگلىز تىلى دەرىسى ئۆتۈپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا بۇ تىلنى ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلغان بولغاچقا مۇشۇ تەجىرىبلىرىم ئۈستىدە توختىلاي. مەن ئېنگىلىز تىلىنى ئەڭ ئاۋۋال تولۇق ئوتتۇرىدىكى بىر دوستۇمدىن ئاڭلاپ ھەرپلەرنى ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغان ۋە شۇ ۋاقىتتىلا قىزىقىپ قالغان ئىدىم. كىيىن ئۇنىۋىرستىتىقا كىلىپ 2003-يىلىدىن باشلاپ جامائەتكە تونۇشلۇق بولغان ھازىرقى ئاتلان تىل تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىدا ئاچقان كەچلىك ۋە شەنبە-يەكشەنبىلىك ئېنگلىز تىلى كۇرسىدا ئوقۇشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ قىزىقارلىق مىتودى ۋە يۇقىرى ئېنگلىز تىلى سەۋىيەسى، شۇنداقلا مېنىڭ ئېنگلىز تىلىغا ئەسلى بار بولغان قىزىقىشىم قوشۇلۇپ، مەن بۇ تىلغا ناھايتى تىزلا كىرىشىپ قالدىم. ناھايتى ئاكتىپ ۋە سۇئال سوراشتىن خىجىل بولمايدىغان ئالاھىدىلىكىم بولغاچقا توختماي سۆزلەپ تۇراتتىم، تېكستلەرنى يادقا ئالاتتىم، ئېنگلىزچە كۈندىلىك خاتىرە يازاتتىم. شۇ دەرىجىدە قىزىقىپ ئۆگىنەتتىمكى، ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھەر بىر پۇرسەتنى ئىزدەپ -سوراپ تىپىپ ئېغىز تىلىمنى مەشق قىلاتتىم.  ھەر ۋاقىت قۇلىقىمدا توردىن چۈشۈرۋالغان ئېنگلىزچە خەۋەرلەرنى ئاڭلايتتىم، ئاڭلىغاچ كەچلىرى ئادەم يوق يەردە تەڭ ئەگىشىپ ۋارقىرايتتىم. بۇ مەزگىلدە مەن بىر قېتىم ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە ناخشا ياكى باشقا پروگرممىلارنىمۇ ئاڭلىماي ھەر ۋاقىت ئېنگلىز تىلى مۇھىتىغا سېڭىپ كىرىشكە تېرىشتىم. شۇنداق قىلىپ ئىككى يىلغا قالماي، ئېنگلىز تىلىدا  تۇرمۇش تىمىلىرىدا راۋان ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، سۆزلىشەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتىم ۋە ئېنگلىز تىلى دەرىجە ئېمتىھانلىرىدىنمۇ ئانچە تەييارلىق قىلىپ كەتمەيمۇ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتتۈم. مەن ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ قېينچلىق يەنىلا يىزىش بولدى. لىكىن يىزىقچىلىق قابىلىيتىمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن دائىم ئىلخەتلەرنى ئېنگلىز تىلىدا يازدىم، خاتا جايلىرىنى ئانا تىلى ئېنگىلىز تىلى بولغان دوستلىرىمنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىغا قاراپ ئاستا-ئاستا تۈزىتىپ ماڭدىم ۋە كۆپلەپ ئېنگلىزچە كىتابلارنى ئوقۇپ بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغا بارماي يىزىقچىلىقتىمۇ يىتىشىپ قالدىم. ئادەتتە، نورمال ئەھۋاللاردا توغرا گرامماتىكا ۋە جۈملە قائىدىسى بويىچە ئۆلچەملىك  سۆزلەشكۈدەك سەۋىيەگە يەتكەندىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئېشىپ كىيىن تېخىمۇ تىز ئىلگىرلىگىلى بولىدىكەن. شۇنداقتىمۇ، ئىزچىللىق بىلەن تىرىشتىم ۋە چەتئەلدە ئوقۇشقا لازىم بولىدىغان ئېنگلىز تىلى ئېمتىھانلىرىدىمۇ بىر قېتىمدىلا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم. مەن ئېنگلىز تىلى ئۆگەنگەن ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ  ئىشتىن سىرتقى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدىم. مەنچە تىل ئۆگىنىشتە ئەڭ مۇھىم بولغان ئامىللار قىزىقىش، ئىزچىللىق، بەل قويۇۋەتمەسلىك، بىر كۈنمۇ تاشلىۋەتمەي ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش، دادىللىق بىلەن ئۆگەنگىنىنى مەشقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بىرىش، ئىمكانقەدەر شۇ تىل مۇھىتىغا سېڭىپ كىرىش ۋە كۆپلەپ ئاڭلاش ۋە ئوقۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت.
تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيتىنىڭ زورلىقىنى ھازىرقى جەمئىيەتتە بىلمەيدىغان كىشىلەر ئاز بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. مەن ئۆزەم تىل ئۆگىنىشتىن ناھايتى كۆپ ھوسۇلغا ئېرىشكەن بىر ئادەم، شۇڭا مېنىڭ ئەمەليىتىم تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر ئېنگىلىز تىلىنى ئۆگەنمىگەن بولسام ھەرگىزمۇ ئامرىكىغا كىلىپ تەربىيەلىنىش، كەسپىمدە ھازىرقىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ۋە ھازىرقىدەك نەزەر دائىرەم ۋە دۇنيانى چۈشىنىش پۇرستىم بولمىغان بولاتتى. تىل ئۆگىنىش، بولۇپمۇ ئېنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ھەر بىر كەسپىدە نەتىجىدە قازىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ بولۇشقا تىگىشىلىك قورالى دەپ ئويلايمەن.

مارشال: سىز قانداق قىلىپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟ چەتئەلگە چىققۇچە ۋە چىققاندىن كېيىن قانداق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلاردىن غالىپ كەلدىڭىز؟ سىز ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا تۇرۇپ ھېس قىلغان چەتئەل چۈشى بىلەن ئەمەلىي رېئال دۇنيادا كۆرگەن چەتئەل تۇرمۇشى قانداق ئىكەن؟

مەن كىچىكىمدىن ناھايتى بىلىمگە ھېرىسمەن ئىدىم، بىلىملىك كىشىلەرگە ھەۋەس قىلاتتىم، بىلىمنى چوڭ كۆرەتتىم، ھەتتا بىلىمگە چوقۇناتتىم. تولۇق ئوتتۇرا ۋاقىتلىرىمدىلا چەتئەلدە ئوقۇش ئويۇم شەكىللەنگەن ئىدى چۈنكى مەن ئۇستازلىرىمدىن چەتئەلدە، بولۇپمۇ ئامرىكا، ياپونيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مائارىپىنىڭ دۇنيادا ئەڭ ئىلغار ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىين، بىئولوگىيە كەسپىگە بولغان قىزىقىشىم توختماي ئارتىپ باردى، قانچە بىلگەنسىېرى بىلمەيدىغانلىرىمنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بەزىدە ئۇستازلىرىم سۇئاللىرىمغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرەلمەي قالغىنىدا بۇ ئېرادەم تېخىم ئۇلغايدى. ئەسلى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا ئامرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنى ئويلاشقان ۋە ئېنگلىز تىلىدا خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولساممۇ، لىكىن ئامرىكا مەكتەپلىرىگە ئاسپىرانىتلىققا ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى ئېنىق بىلەلمەي قالغانلىقىم ئۈچۈن پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋىتىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى فاكۇلتىت تەرىپىدىن ماگىستىرلىقتا ئېمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىشقا تەۋسىيە قىلىندىم ۋە ئۇستازلىرىم بەس-بەستە ئۆزلىرىدە ئوقۇشۇم كىرەكلىكىنى ئېيتقىلى تۇردى. شۇنداق قىلىپ ھاياتىمدىكى بىر قەدەر ئەھمىەتسىز بولغان ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىرىپ كەتتىم. ماگىستىرلىق ئوقۇش جەريانىدا ھېس قىلدىمكى، تولۇق كۇرۇستىن يۇقىرىسىغا، بولۇپمۇ تەبئىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جۇڭگو مەكتەپلىرى ماس كەلمەيدىكەن. بۇ ئاساسلىقى ئاسپىرانىتلىق ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىنىڭ قالاق ۋە ناچارلىقى، تەتقىقات قوشۇنىنىڭ ئاجىز ۋە تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەيدىغان پرافىسورلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ كۈتكەندەك يۇقىرى ئەمەسلىكى ۋە مەسئۇليەتسىزلىكى، شۇ سەۋەب تولۇق كۇرستىكىدەكمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشەلمەي ۋاقتىمنىڭ بىكار ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن تىت-تىت بولۇپ (مۇشۇ سەۋەب مەكتەپتىن بىر مەۋسۇم ۋاقىتلىق چېكىنگەن ئىدىم) تاقەتسىزلەنگەنلىكىم سەۋەبىدىن بولدى. شۇڭا شۇ ۋاقىتلاردا ھىچنىمىگە قارىماي 100% ئامرىكىدا ئوقۇشنى نىشانلاپ بۇ ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك يولنى تاللىۋالدىم ۋە ئاخىرى ئامرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئارزۇيۇمغا يىتەلىدىم. بۇ جەرياندا ناھايتى زور قېينچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم. ئالدى بىلەن، ماگىستىر ئوقۇشۇم جەريانىدا ئامرىكىغا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا كىرەكلىك ئېمتىھانلارنى بىرىش ئۈچۈن تىزىملىتىشمۇ تەسكە چۈشتى. بۇ ئېمتىھانلارنى شىنجاڭ ئىچىدە بىرىش مۇمكىن بولسىمۇ، ساننىڭ ئازلىقى، لىكىن ئېمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلارنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئىچكىرگە تىزىملىتىشقا توغرا كەلدى. بۇ ئېمتىھانلارغا خېلى كۆپ پۇل كىتىدىغان بولۇپ (ئوقۇغۇچىغا نېسبەتەن) مەنغۇ ھەر ھالدا دەرس ئۆتۈپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم قامدىيالايتتىم، لىكىن سەپەر جەريانىدا بىر مۇنچە ئوشۇق چىقىملار بولغاچقا بۇمۇ بىر بېسىم ئىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەڭ يامىنى، شۇ كۈنلەردە پۈتۈن ھاياتىمدا ئۇنتۇلماس بىردىنبىر ئانچە شەرەپلىك بولمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ، مەن شىئەنگە ئېمتىھان بارغىلى بىرىشقا رۇخسەت سورىسام رۇخسەت بىرىلمىدى، لىكىن شۇنچە ئۇزۇن ساقلاپ تەستە تىزىملاتقاچقا بىرىۋەرگەن ئىدىم. ئاخىرىدا قايىتپ كەلگەندىن كىيىن مەن ئۆمرۈمدە ئەزەلدىن يىزىپ باقمىغان «ئۆزىنى تەكشۈرۈش خېتى» يىزىشقا ۋە تەجىرىبخانىدىكى ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم.... ئەزەلدىن ئۇستازلىرىمنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە ماختىشىغا كۆنۈپ قالغان ماڭا بۇ ئىش ئاجايىپ ھار كەلدى ۋە بۇ چېكىدىن ئاشقان بىمەنىلىك مېنى ناھايتى چۈشكۈنلەشتۈردى ۋە جۇڭگونىڭ ئاسپىرانىتلار مائارىپىغا ئىچىمدە لەنەت ئوقۇپمۇ قالدىم. ئۆگەتكەننىڭ تايىنى يوق، قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق، لىكىن قارىسا ھەممە ئالدىراش ياكى زورلاپ ئالدىراش قىلدۇرىدىغان بۇ  ئۇسۇلدا ئادەم تەربىيەلەشكە ئۆچلۈكۈم كەلدى ۋە چوقۇم مەن كەلگۈسىدە ئاسپىرانىتلارنى ياخشىراق تەربىيەلەيدىغان ئادەم بولىمەن دەپ ئۆزەمگە ۋەدە قىلدىم. گەرچە باشقا ئىچكىرىدىكى داڭلىقراق ئۇنىۋىرستىتلاردا ئەھۋالنىڭ سەل ياخشىراق ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ ئومۇمىي ئەندىزە ئوخشاپ قالاتتى ۋە مەن شۇ ۋاقىتلاردا قاچانمۇ ئۆزەم ئارزۇ قىلغان شارائىتتا، ئارزۇيۇمدىكى بىلىملەرگە ئېرىشىپ ھەقىقىي بىر كەسىپ ئەھلى بولۇپ چىقالايدىغان جايدا ئوقۇش نېسىپ بولار، دەپ ئىچىم پۇچۇلىناتتى. بۇ مېنىڭ ئامرىكىدەك دۇنيادىكى بىئولوگىيە پېنىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنى يىتىشتۈرگەن ۋە ئەڭ ئىناۋەتلىك ئاسپىرانتىلار مائارىپىغا ئىگە دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇشقا بولغان تەلپۈنۈشۈمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتۋەتكەن ئىدى.  بۇ ئىشلاردىن ئۆتۈپ-تېشىپ مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپ، كەسپىي دەرسىلەردە يۇقىرى نومۇرلار ئىلىش، ئېنگلىز تىلىدا ئامرىكىلىقلار بىلەن بەسلىشىپ ئوقۇغۇدەك سەۋىيەنى ھازىرلاپ، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر مائارىپ سىستىمىسىغا ئىلتىماس ئىشلىرنىڭ ئالدى-كەينىنى چۈشىنىپ ۋە ئىلتىماسلارنى تاپشۇرۇپ بولۇش بېسىمىدا ئاران تۇرغاندا، پاسپورت بىجىرىشمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. شىنجاڭدا پاسپورت بىجىرىشنىڭ تەسلىكىنى ئىچكىرىدە ئوقۇغان دوستلىرىم ھەرگىز چۈشىنىپ بولالمايدۇ، بۇ ئىشنىڭ قانچىلىك جاپالار بىلەن پۈتكىنىنى ھازىر ئويلىساممۇ ئازاپلىنىمەن. لىكىن ياخشى يېرى، مۇشۇنداق قاتمۇ-قات بېسىملارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆزەممۇ بىلىپ بىلمەي خېلى پىشىپ قالدىم. بېسىمغا بەرداشلىق بىرىشكە كۆنۈشمۇ ئامرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ماڭا خېلى ئەسقاتتى، بولمىسا ئۇ يەردىنمۇ قېچىپ كىتىشىم مۇمكىن ئىدى....
مەن ئامرىكىغا كىلىشتىن ئاۋۋال گەرچە نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدەك چەتئەلنى بىر غايىۋى ماكان دەپ سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلمىساممۇ، ئامرىكىغا كىلىپ خېلى ھەيرانلىققا تولدۇم. ھەيرانلىقىم ھەر جەھەتتىن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ئىش بىجىرىش قاتارلىق ئىشلاردا ئامرىكىنىڭ بۇنچىلىك ياخشى تۈزۈلمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە خوشاللىنىپ ھەيرانلىققا تولغان بولسام، ئامرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىنىڭ قاتتىقلىقى ۋە بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى مەن ئويلىغاندىن بەك يىراقتا چىققاچقا رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي ھەيرانلىققا تولدۇم. يەنە بىرى، ۋەتەندىن ئايرىلمىپ باقمىغان بولغاچقا ۋەتەننى سېغىنىشنىڭ نىمىلىكىنى ھەققىقىي تونۇپ يەتكىنىمدە، ۋەتەن سېغىنچىنىڭ شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدىغانلىقىدىن تېخىمۇ ھەيران بولدۇم ۋە ئازابلاندىم. دەسلىپىدە مەن تۇرغان شەھەرنىڭ كىچىك ۋە قولايسىز ئىكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنمۇ بولدۇم. ئالدىنقى تۆت يىلدا ھېس قىلغانلىرىم، چۈشەنگەنلىرىم ناھايتى كۆپ بولدى، شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي دەپ بولالىشىم مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا دەماللىقا كاللامغا كەلگەنلىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسىياتىم بويىچە قىسقىچە سۆزلەپ بىرەي:
مەن ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونىدىكى ۋاقىتتا ئامرىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ناھايتى ئەركىن-ئازادە كەپيىپاتتا ئۆگىنىش قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بېسىمى بىر قەدەر ئاز، تاپشۇرۇق ۋە ئېمتىھانلىرىمۇ ئاز بولسا كىرەك، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. شۇڭا مېنىڭ تىرىشچانلىقىم بىلەن ناھايتى ئاسانلار ئالدىدا ئوقىيالىشىمدا چاتاق يوق دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم، ئەمما بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن بىلدىمكى ئىشلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەن. ھەر سائەتتە بىرىلىدىغان 20 نەچچە بەت يازسىمۇ تۈگىمەيدىغان تاپشۇرۇقلار، ھەر ئىككى ھەپتىدە ئېلىنىدىغان چارەكلىك ئېمتىھانلار مېنى شۇنچىلىك ھاڭ-تاڭ قالدۇردىكى ئۆزەمنىڭ ئامرىكىغا كەلگىنىمگە ئىشىنەلمەي قالغان ئىدىم. بىرىنچى قېىتم كىرگەن تەجىربىخانىدا، ئۇ پىرافىسور يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشىمنى تاپىلىدى. ئۇنىڭ 11 بەتلىك بىر ماقالىسىنى ئوقۇپ بولغۇچە 33 بەت خاتىرە قالدۇرۇپ، ماتىرىيال ئاختۇرۇپ، نەچچە كۈننى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم ئۇ مېنىڭ ھىچنىمىنى چۈشەنمىگەنلىكىمنى قايتا ئوقۇپ يەنە مۇنازىرە قىلىشنى ئېيتىپ مەندىن رازى بولمىغىنىنى ئىپادىلىدى. پرافىسورلارمۇ دەرسلەرنى بەكلا يۇقىرى سەۋىيەدە سۆزلەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئۆگىنىپ كىلىشىنى كۈتىدىكەن. ئېمتىھانلىرىمۇ بەك تەس ئىدى، دەسلىپىدە قانداق قىلسا مۇشۇنداق تەس ئېمتىھان سۇئالى چىقىرىش مۇمكىن بولىدىغاندۇ، دىگەندەك خىياللار كاللامدىن كېچەتتى. بىرىنچى مەۋسۈمنىڭ كىينىكى يېرىمىدىن باشلاپ پىرافىسورلارنىڭ قانچىلىك يۇقىرى تەلەپ قويىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ھوشۇمنى تىپىپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگىنىش قىلدىم. بەزىدە تاماق چول تەگسە گۈرۈچ دۈملەپ يەپ، بولمىسا ئۇمۇ يوق، كېچىلىرى 3-4 سائەت ئۇخلىيالىغانغا شۈكرى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى دەرسلەردە يىتىشىپمۇ قالدىم ۋە ئىككىنچى مەۋسۈمدىن باشلاپ مەنمۇ A دىن چۈشمەي ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتتىم. بىرىنچى يىلى تەجىرىبخانىدا ئىشلەپ نەتىجە چىقىرالمىساڭ ھەيدىلىسەن، دەرىسلەردە ئوتتۇرىچە 80 دىن تۆۋەن نومۇر ئالساڭ ھەيدىلىسەن، يىل ئاخىرىدىكى سالاھىيەت ئېمتىھانىدىن ئۆتەلمىسەڭ ھەيدىلىسەن دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاۋىرىپ ناھايتى بېسىم ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئاخىرىدا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ قاباھەتلىك بىرىنچى يىلنى شۇنداق تۈگىتۋالدىم. نەتىجىدە، ئويلىسام شۇ بىر يىلدا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ يىلدا ئۆگەنگەندىن كامىدا ئون ھەسسە كۆپ ئۆگىنىپتىمەن. ئەسلى كەسىپ ئەھلى بولۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق جاپالىق تىرىشىش لازىم بولىدىكەن، ئامرىكا مائارىپى كىشىگە قانداق تېرىشىشنى ئوبدانلا ئۆگىتىپ قويىدىكەن ۋە شۇنىڭغا چۇشلۇق ھوسۇلمۇ بولغاچقا كىشىى خۇشال قىلىدىكەن.
يەنە بىر چوقۇم تىلغا ئالمىسام بولمايدىغىنى، مەكتەپنىڭ ياكى شەھەرنىڭ ھەر قانداق ئورنىدا، مەيلى ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ئىشىخانىسىدا بولسۇن ۋە ياكى دوختۇرخانا، بانكا، پوچتىخانا ۋە ھەر قانداق جامائەت سورۇنى، ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىدا مۇلازىمەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ياخشىلىقىنى ئامرىكىغا كىلىپ كۆرۈپ باقمىغان كىشى ھېس قىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن. بۇ يەردە بىز ئاتالمىش «باشلىق» دەپ ئاتايدىغان مەمۇرى خىزمەت قىلىدىغانلار ئەمەليەتتە مۇلازىمەت ساھاسىدىكىلەرگە ئوخشاش پىرىنسپتا ئىشلەيدىكەن. ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىغا ئوقۇش نەتىجىلىرىمنى ئالغىلى بارغىنىمدا ماڭا چوڭ بىر شەخسىي ياردەم قىلىدىغاندەك ھاكاۋۇرلارچە مېنى ئۈچ قېتىم كىين كەل دەپ ھەيدىۋىىتپ ئاخىرى تامغا قويغىلى ئۇنىماي خېلى ئۇزۇن يالۋۇرغاندا خۇددى تىلەمچىگە خەير-ئېھسان قىلغاندەك گېدىيىپ تۇرۇپ ماڭا چوڭلۇق قىلغان ھېلىقى چوڭ باشلىق خىيالىمغا كىلىپ، ئەسلى مۇنداق ئىش بىجىرسىمۇ بولىدىكەنغۇ، دەپ ئويلىنىپ ئىچىمدە سېلىشتۇرۇپ قالاتتىم. ھەر ۋاقىت «رەھمەت، كۈنىڭىز خەيرلىك بولسۇن» دەپ مۇلازىمەت قىلىدىغان باشقۇرغۇچىلارغا رەھمەت دەپ قويسىڭىز، تېخى «ئۇنداق دىمەڭ، سىز بولغاچقا مەن مائاش ئىلىۋاتىمەن، شۇڭا سىزگە رەھمەت!» دەپ ئوچۇق-يورۇق جاۋاپ قايتۇرۇشلىرى، يولدىن پىيادە ھەر قانداق يولدىن ئۆتكەندە ماشنىلارنىڭ شەرتسىز توختاپ يول قويۇشلىرىغا كۆنۈپ بولغۇچىمۇ بىر مەزگىل كەتتى. ھەممە ئىشلار بىر خىل ئەقىلغا مۇۋاپىق، ناھايتى ئىنچىكىلىك بىلەن قولاي بولۇشنى ئويلاپ تۇرۇپ پلانلانغان ۋە ئىجرا قىلىنغان بۇ جەمئىيەت راستىنلا كىشىگە زور ھوزۇر بىغىشلايتتى ۋە ئىنسان ئەقلىنىڭ شۇ قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلگىنىگە كىشىنى مىننەتدار قىلغۇزاتتى. كىشىلەر ئارىسىدا گەرچە ناھايتى يىقىن مۇناسىۋەت بولمىسىمۇ، لىكىن ناھايتى ئەدەپلىك مۇئامىلىلەر، چىرايلىق سۆزلەر مەن كۆرگەن كېنولاردىكى سەت گەپلەردىن كۆپ پەرقلىق ئىدى. ھەر ۋاقىت كىشىگە ئازدە تۇيغۇ بىغىشلاش ۋە ناھايتى ئەدەپلىك بولۇش مۇناسىۋەتتىكى پىرىنسپ ئىكەن. ئەلۋەتتە، پىرافىسىورلارنىڭ ئوقۇغىلارغا بولغان مۇئامىلىسى بۇنىڭ سىرتىدا چۈنكى ئۇلار بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە قىستىغاچقا ئۇنچىۋالا تۈزۈتلۈك ئەمەس.
مەن ياقتۇرمىغان ئىشلارنىڭ بىرى بۇ يەردە ھەممە ئادەم ماشىنا ھەيدەيدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئاممىۋى قاتناش ناھايتى قولايسىز، بولۇپمۇ كىچىك شەھەرلەردە شۇنداق ئىكەن. ئەڭ يامىنى بىرەر ئېغىز ئانا تىلدا سۆزلىشىشكە زار بولۇپ، يالغۇزسىراش ۋە ۋەتەننى سېغىنىش جاننى قېينايدىكەن....بۇ تىمىدا دىسەم گەپ بەك كۆپ بولغاچقا مۇشۇ يەردە توختاپ قالاي، قالغىنىنى كىيىنچە ئايرىم يازمىلاردا توختىلىمەن، ئىنشائاللاھ.
مارشال: سىز كۆرگەن ئامىركا مائارىپى بىلەن جوڭگۇ مائارىپىدا قانداق پەرقلەر مەۋجۇت ئىكەن؟ ھازىرقى جوڭگۇ مائارىپىغا قانداق قارايسىز؟
1. ئامرىكا مائارىپىدا سەمىمىيلىك ئەڭ تۈپ پىرىنشىپ بولۇش، ئۇلاردا سەمىمىيلىككە قويۇلىدىغان تەلەپ، ھەتتا سەممىمىيلىكنىڭ ئېنىقلىمىسىمۇ جۇڭگودىكىدىن ناھايتى پەرقلىق ۋە قاتتق ئىكەن. ئامرىكا مائارىپى سەمىمىيەتسىزلىككە قىلچىمۇ رەھم قىلمايدۇ، چوقۇم راستچىل بولۇش شەرتسىز تەلەپ قىلىنىدۇ. جۇڭگودا ئېمتىھاندا، تاپشۇرۇقتا ئىككى ئادەم ئوپمۇ-ئوخشاش يازمىسا ياكى قاراپ تۇرۇپ ئېمتىھانلاردىن ماتىرىيالدىن ۋە باشقىلاردىن كۆچۈرۋالىمىسىلا سەمىمىي بولغان بولىدۇ. ئەمما ئامرىكىدا بولسا سىز ماقالىڭىزدا ياكى ئېمتىھاندا يازغان بىر جۈملە باشقىلار يازغانغا ئوپمۇ-ئوخشاش بوپقالسىمۇ گۇمانلىق دەپ قارىلىپ كىلىش مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگە ئەھۋالدا كۆچۈرمىكەشلىك دەپ قارىلىدۇ ۋە بۇنى سادىر قىلغۇچى دەرھال مەكتەپتىكى ئوقۇشىدىن ياكى خىزمىتىدىن قوغلىىنىدۇ. لىكىن بۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولىدىغانلار كۆپىنچە ئامرىكىلىق ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ چۈنكى ئامرىكىنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىدىن باشلاپ شەرتسىز راستچىللىق تەكىتلىنىدىغان بولغاچقا ئالىي مەكتەپكە كەلگەن ئامرىكا ئوقۇغۇچىلىرى بۇنى ئاللىقاچان ئوبدان بىلىدۇ ۋە سەممىمي بولۇش ئۇلارغا سېڭىپ كەتكەن.

2. ئامرىكا مائارىپى ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ھەقىقىي چۈشىنىش ۋە شۇ ئاساستا ئەستە ساقلاش ۋە شۇنداقلا باشقىلارغا دوكلات بىرىپ چۈشەندۈرۈپ قويالىشىنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا جۇڭگو مائارىپىنىڭ قارىسىغا يادلىۋالىسا بولىدىغان مائارىپىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.

3. ئامرىكا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولۇشى، ھەممە ئىشنى مۇستەقىل قىلىشىغا يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. ئۇلار مەسلىنىڭ جاۋابىنى يادلىۋىلىش ئەمەس بەلكى مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى قانداق كاللا ئىشلىتىپ تىپىپ چىقىشىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا ئامرىكا كىشىلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى ناھايتى يۇقىرى. ئامرىكا مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوكلات بىرىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش ئىقتىدارىغا كىچىكىدىنلا يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ، شۇڭا ئامرىكا ئوقۇغۇچىلىرى دادىل، ئويلىغانلىرىنى دىيەلەيدىغان ۋە باشقىلارغا چۈشەندۈرەلەيدىغان ئالاھىدلىكىنى يتىلىدۈرگەن بولۇپ كەمسۆز جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىدىن پەرقلىنىدۇ.

original_9WcS_682c00006513118e.jpg

original_GfLL_1ec2000054771190.jpg

رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە:دوكتۇر بىلگەجان دوكتۇرلۇق ئوقۇغان مەكتەپتە2012-يىلى11-ئايدا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ئامېرىكادا ھەر يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان "خەلىقئارالىق مەدەنىيەت تەربىيسى ئېيى" پائالىيىتى جەريانىدىكى بىر مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ، مەكتىپىدىكى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ھەمدە مەكتىپىدىكى يۈزلىگەن كىشىلەرگە ئۆز مەدەنىيىتىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئاخىرىدا بۇ مۇسابىقىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

4. ئامرىكا مائارىپىدا دەرس نەتىجىسى ناھايتى مۇھىم بولۇپ، ئوقۇغۇچىنىڭ قانچىلىك ياخشى نومۇرلارنى ئىلىپ ئوقۇغانلىقى كىيىن خىزمەت تاپقاندا ئۇنىڭ خىزمەتكە ئېرىشىشى ئېرىشەلمەسلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەرسىتىن بۆلەك باشقا ئالاھىدىلىكىرىمۇ نەزەرگە ئىلىنىدۇ، لىكىن دەرس نەتىجىسى تۆۋەنلەر بىلەن يۇقىرىلا خىزمەت ئىزدىگەندە ئالاھىدە پەرقىلق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. مەكتەپنىڭ باشقۇرۇلۇشى ناھايتى زور دەرىجىدە تورلاشقان، ئىلغار بولۇپ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ يالغان نەتىجە ياسىتىۋىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

5. ئامرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باش ۋەزىپىسى ئوقۇتۇش ئەمەس تەتقىقات بولۇپ، ئامرىكىدا تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىنلا 200 دىن ئارتۇقى بار. قارىشىمچە جۇڭگودا تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئېشىپ كەتسە 10-15 چىقىدۇ، بولمىسا ئۇمۇ يوق. ئالىي مەكتەپلەردە پرافىسورلارنى مائاشى ئۇلارنىڭ تەتقىقات تۈرىدىن كىلىدىغان بولۇپ، تەتقىقات فوندى يوق پىرافىسىورلارغا مەكتەپ مۇئاش بىرىدۇ، شۇڭا تەتقىقات فوندىغا ئېرىشەلمەيدىغان پىرافىسىورلار ئاسانلا شاللىنىپ قالىدۇ. بۇ جۇڭگودىكىدىن پەرقىلىنىدۇ.

6. ئامرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرسىلا دوكتۇر ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشقا بىۋاستە ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، ماگىستېرلىق ئۇنۋانى شەرت قىلىنمايدۇ. ئامرىكىدا ئاسپىرانىتلىق (ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېمتىھانى دەيدىغان بىر تۇتاش ئېمتىھان مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرۇستىكى ئوقۇش نەتىجىسى، گرە ئېمتىھانى ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خېتى قاتارلىق بىر مۇنچە مۇھىم ئامىللاردىن تەشكىل تاپىدۇ. تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغانلار چوقۇم مەكتەپكە كىلىپ يۈز تۇرانە ئېمتىھانغا قاتىنىشىدۇ ۋە بۇمۇ قوبۇل قىلىش قارارىنى چىقىرىشتا مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېلىفۇندا يۈز تۇرانە ئېمتىھان ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇمۇ جۇڭگودىن پەرقلىق.

7. ئامرىكا پۇقرالىرىدىن بولغان ئامرىكا ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوقۇۋىتىپ ئىشلەپ پۇل تىپىش ئىمكانىيتىگە ۋە ئامرىكا پۇقراسى بولسىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلىنى قەرىز ئىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە ھەم شۇنداق قىلىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپتە پۇلى يوق ئوقۇشقا ئامالسىز قالىدىغان ئەھۋال ئازراق كۆرۈلىدۇ. ئامرىكا سىتۇدىنتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ۋاقتىنى ناھايتى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىنى كۆرسىڭىزلا يۈرۈش-تۇرۇش، پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئاددى-ساددىلىقىدىن ئۇنىڭ بىر سىتۇدىنىت ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ھەپتە ئارىلىقلىرىدىمۇ ئولتۇرۇش، توي-تۆكۈن، بازار ئايلىنىش ۋە باشقا مەكتەپ سىرتىدىكى پائاليەتلەر بىلەن ئالدىراش بولىدىغان خېلى كۆپ قىسىم جۇڭگو سىتۇدىنتلىرىدەك ئوقۇغۇچىلار ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭىمۇ سېلىشتۇرغاندا، ئامرىكا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقىقەتەن سىتۇدىنىتلارنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
يۇقرىدا بايان قىلغانلىرىم ئامرىكا ئالىي مائارىپىنىڭ بىر قىسىم پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ، مەن ئامرىكا ئالىي مائارىپغا يۈكسەك باھالارنى بىرىمەن. شۇنداق بولغاچقا، جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئامرىكا مائارىپىدىن ئۈلگە ئىلىشقا تىگىشلىك تەرەپلىرى كۆپ، ياخشىلاشقا، جىددىي ئىسلاھ قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن.

مارشال: سىز كۆرگەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ۋاقىت، تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشكە بولغان پوزىتسىيىسى ھەققىدە كۆز-قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام بولامدۇ؟
ئامرىكا پۇقرالىرى ئومۇميۈزلۈك «پىلانچى» كىشىلەر بولۇپ، ھەممىنى ئالدىنئالا پىلانلاپ قويۇشقا ۋە پىلانغا ئەمەل قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئۇلار بىرەسىنى مېھمانغا چاقىرماچقى بولسىمۇ ئادەتتە بىر ئاي ياكى ھىچبولمىسا ئون كۈن بۇرۇن دىيىشىپ قويىدۇ. ئامرىكىدا كىشىلەر ۋاقتىقا رىئايە قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، گەرچە ھەرقانداق پائاليەت، سورۇن، دەرس، ئولتۇرۇشالارغا 5-10 كېچىكىپ قىلىش توغرا چۈشىنىلسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى قوبۇل قىلغىلى بولايدۇ، ۋە بۇ ناھايتى ساپاسىزلىق دەپ قارىلىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ناھايتى خىزمىتىنى ياخشى كۆرۈپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار خىزمەتنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ، لىكىن پۈتۈن جەمئىيەتتە سۇسلىشىپ كەتكەن ئائىلە قارىشى تەكىتلىنىپ ئائىلىنى مۇھىم ئۇرۇنغا قويۇش كىشىلەرنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۆگىنىش جەمئىيەتنىڭ بارچە ئەزالىرى، مەيلى قېرى مەيلى ياش ھەممىسىنىڭ دائىملىق پائالىيتىگە ئايلانغان بولۇپ، كىشىلەر ئۆگىنىپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ۋە ئۆگىنىش روھىنى قەدىرلەيدۇ. يېشى چوڭ كىشىلەرمۇ ھەر ۋاقىت يېڭى نەرسىلەرنى ياكى بۇرۇن ئۆگىنىش پۇرسىتى بولمىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ تۇرىدۇ. بۇنداق تومتاق گەپلەر بىلەن چۈشەندۈرگەندىن كۆرە، يەنىلا مىسال ئىلىش ئارقىلىق چۈشەندۈرەي:
پىرافىسورۇم دوكتۇر فورد ناھايتى ئەستائىدىل ۋە كەسىپ سۆيەر كىشى. ئۇ دۈشەنبە كۈنىدىن شەنبە كۈنىگىچە ھەر كۈنى ئەتىگەن 6:30 دا ئىشقا كىلىپ چۈشتىن كىين 5:30 دا ئىشتىن چۈشىدۇ. پۈتۈن كۈن دەرس ئۆتمىگەن ۋاقىتلاردا ئىشخانىسدا ئىشلەۋاتقان بولىدۇ، پەقەت شەنبە كۈنلىرى سائەت 3:00 لەردە ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدۇ. ئۇ ھەر ھەپتىسى ئۆز تەتقىقاتىغاا ئائىت ۋە باشقا بىئولوگىيەنىڭ باشقا ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئوندەك ژورنالنى ھەپتىلىك ئوقۇپ ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ھەر ۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ. لىكىن ئۇ بەك ئىشلىگەن بىلەن ئائىلىسىگە كەلگەندە يەنىلا ئائىلىسىنى ۋە ئايالىنى بىرىنىچى ئورۇنغا قويىدۇ. ھەر قانداق ئائىلە بوىيچە يىغىلىش بولسا ۋە بارلىق بايراملاردا مۇتلەق ئىشقا كەلمەي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر ئائىلسىدىكىلەردىن بىرەسىنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجى چۈشسە ئۇ قولىدىكى ھەممە ئىشنى تاشلاپ ئۆيگە قايتىدۇ ۋە بىزمۇ ئائىلىدە بىرەر ئىش بار دىسەك مۇتلەق رۇخسەت بىرىدۇ. بىر قېتىم ناھايتى قىزىق بىر ئىشنى ھەيرانلىق بىلەن بايقاپ قالدىم. پىرافىسورۇمنىڭ ئايالىنىڭ ئىسىم مارشا بولۇپ، مارشا ھازىر ئۆيدە پېىنسىيەدە بولۇپ ئۇنىڭ ھەر خىل زىبۇ-زىننەتلەرنى لايھىلەش، ياساش ھەۋىسى بار. ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغىنمىزدا ئۇ دائىم ئايالىمغا ئۆزى ياسىغان ھالقا، زەنجىر، كىتاپ ئارىغۇچ، بوتۇلاك ئاچقۇ.... دىگەندەك نەپىس بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىپ تۇراتتى. لىكىن ئۇنىڭ ئەمەليەتتە ئۇ نەرسىلىرىنى بازاردا ساتىدىغىنىدىن خەۋرىمىز يوق ئىدى. ئۆتكەن يىل روژدىستىۋا بايرىمى ھارپىسىدا مەكتىپىمىزنىڭ كىتاب دۇكىنى جايلاشقان پائاليەت مەركىزى ناھايتى قىززىىپ كىتىپتۇ، ئەسلى بىز بىر قىسىم خەتلەرنى كىتابخانىدىكى پوچتا ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەچ يىنىدىكى كۈتۈپخانىغا بىرىش ئۈچۈن چۈشتىن كىين 3 لەردە شۇ يەرگە بارغان ئىدۇق. ئۇ يەردە نەق شۇ كۈنى پۈتۈن كۈن مارشاغا ئوخشاش قولىدا نەپىس بۇيۇملار، كىيم-كىچەك باشقا نەرسىلەرنى ياسايدىغانلار بايراملىق مەكتەپ ئىچىدە ماللىرىنى ساتقان كۈن ئىكەن، ئۇ يەردە بىز پىرافىسورۇم دوكتۇر فوردنىڭ ئايالى مارشاغا ھەمراھ بولۇپ «ھالقا-مۇنچاق» ساتقىلى تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئاجايىپ ھەيران قالدۇق. ئۇ پۈتۈن كۈن ئىشخانىغا كەلمىگەن ئىدى، ئەسلى ئۇ ئايالىنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ بىللە ئۇنىڭ ياسىغان نەرسىلىرىنى سېتىشىپ بەرگىلى تۇرۇپتۇ! بۇ ئىشتىن بۇ ئىككەيلەندىن ناھايتى تەسىرلەندۇق ۋە پرافىسورۇمنىڭ ئائىلىسىنى شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقدىن سۆيۈندۈم. بۇنداق ئىشنىڭ جۇڭگودا يۈز بىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايتى تۆۋەن ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل. ئۇ گەرچە ھەممە ئامرىكىلىقلارغا ۋەكىل بولالمىسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ خىزمەتنى سۆيۈپ ئىشلىشى ۋە مۇھىم دەپ بىلىشى، جاپالىق ئىشلىشى، ۋاقتى كەلگەندە ئائىلىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى ئامرىكىدا تەكىتلىنىۋاتقان بىر ئىستىل.
مارشال: سىز ئۇيغۇر بىئۇلوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئالاقىدە ھەم سۆھبەتتە بوپسىز،شۆھرەت مۇتەللىپ سىزگە قانداق ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرۇدى؟ شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى سىزگە قانداق ئويلىنىشلارنى ئېلىپ كەلدى؟ بۇ ئالىمنىڭ ئىش –ئىزلىرىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى پەخىرلىنىش بىلەن بولدى قىلماي ئىزدىنىشى،ئئۆگىنىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن،مۇشۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام؟
06160873im2pnswh7hszcs.jpg

رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە: ئۇيغۇر بىئولۇگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرەسى ئالدىدا.
061735tj4gzj14mj4b3e1t.jpg


دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ تەجىرىبخانىدا ئىشلىمەكتە

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ توغۇرلۇق يازغان ماقالەمدە ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن زور تەسىرلىرى ۋە قىلغان ياردەملىرى توغرىسىدا تەپسىلي توختالغان ئىدىم. يىغىنچاقلاپ ئېيتسام، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ قىلىۋاتقان تەتقىقاتلىرى مېنىڭ بىئولوگىيە كەسپىمگە بولغان قىزىقىشىمنى ئۇنى تونۇشتىن ئاۋۋالقىدىن ھەسسىلەپ ئاشۇردى ۋە ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ھاياتلىق پەنلىرى ساھەسىدىكى ئەڭ يىڭى ۋە ئەڭ زور قىزىقىش ۋە دىققەتنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەن ۋە قېينلىق دەرىجىسى يۇقىرى مۇشۇنداق بىر ساھەدە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭالىغانلىقى ماڭا بىر ھەقىقەتنى تونۇتۇپ قويدى: «ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ ئىلىم-پەندە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭالايدۇ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى باشقىلار قىلغاننى قىلالايدۇ، قىلغاندىمۇ باشقىلاردىن ياخشى قىلالايدۇ، ھەتتا باشقىلار قىلالمىغاننىمۇ قىلالايدۇ!».
ئۇنىڭ ماڭا كەسپىمدە ئۆرنەك بولۇشىدىن بۆلەك ئاتا قىلغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئېلھامى غايەت زور بولدى، ئۇ ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى ۋە ھايات يولۇمدىكى يورۇق ماياكقا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ مەن ئەگەر مەنمۇ شۆھرەت ئاكىمىزدەك تېرىشسام چوقۇم دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىشىم مۇمكىن ئىكەن، ھىچبولمىغاندا ئۆز ئارزۇيىمنى، ئۆزەم قىزىققان كەسپىنى ئۆگىنىش يولىدا ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەي داۋاملىق تېرىشسام، ئىگىزگە قارىسام بولىدىكەن، دىگەن ئويغا كەلدىم. مەن ئۇنىڭ نەتىجىلىرىدىن شۇنچىلىك زور قوزغىتىش كۈچىگە ئېرىشتىم ۋە ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى باغلىدىم. ئۇنى ئۆزەمگە ئۈلگە قىلدىم ۋە مەن ئۇنىڭدەك بولالمىساممۇ، ھىچبولمىغاندا كەلگۈسىدە شۇنداق ئەۋلادلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغا ھەسسەمنى قوشۇش ئېرادىسىگە كەلدىم. مەنچە ئۇيغۇر ياشلىرى چۈشكۈنلۈكنى تاشلاپ مۇشۇنداق سەركە ئالىملىرىمىزدىن ئېلھام ئىلىشى، پەقەت پەخرلىنپلا بولدى قىلماي، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىلىم سۆيەرلىكنى، بىلىمگە ھېرىسمەنلكىنى ئۆزىگە دوست قىلىپ ئۆزىنىڭ كەسىپ دائىرىسىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش دۇنياۋى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىشى ۋە شۇ نىشان ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى كىرەك، دەپ قارايمەن.

مارشال: سىز 28 ياشتىلا بىئولوگىيە كەسپىدە ئامرىكىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپىسىز، ھاياتلىق مۇساپىڭىزدە 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا بۇنداق مۇۋەپىقىيەتكە نائىل بۇلۇشتا نۇرغۇن جاپا-مۇشەقەتتىن غالىپ كەلگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، دوكتۇرلۇق ئوقۇشىڭىزدىكى ئوقۇش ھاياتىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

472545_10200645180785757_1450366475_o.jpg
رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان) دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيەسىنى ياقىلىماقتا.
بۇ دېسسىرتاتسىيە نەق مەيدانىغا تۇرسۇنجاننىڭ ئائىلىسى، بىر قىسىم ئامرىكىلىق ۋە ئۇيغۇر دوستلىرى (تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى كىشىلەر) ھەممەيلەن دوپپا كېيىپ تەق بولۇپ بۇ تەبئىي پەن دېسىسىرتاتسىيسىگە مەدەنيەت تۈسى قوشۇلدى.
920393_181358188688805_443034944_o.jpg
رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە:دوكتۇر بىلگەجان دوكتۇرلۇق دېسىسىرتاتسىيەنى تاماملىغان كۈنى دوستلىرى ۋە ئائىلىسى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى

مەن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش جەريانىدىكى تۆت يىللىق ھاياتىمنى پۈتۈن ھاياتمىدىكى ئۆگەنگەنلىرىم، چۈشەنگەنلىرىم، بىلگەنلىرىم، يەڭگەن قېيچىلىقلىرىم ئەڭ كۆپ بولغان، لىكىن ئەڭ پەخىرلىنىشىمگە ئەرزىيدىغان، ھاياتىمدىكى ناھايتى مۇھىم بىر مەزگىل، دەپ ئويلايمەن. مەن ئامرىكىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇش  پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم، شۇنىڭغا چۈشلۇق بۇ تەستە كەلگەن پۇرسەتنىمۇ ناھايتى قەدىرلىدىم. ئەسلى 21 يېشىمدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا كىلەلىشىم تامامەن مۇمكىن بولسىمۇ بەزى سەۋەبلەردىن 3 يىل كېچىكىپ جۇڭگودا مول-ھوسۇلى كۆپ بولمىغان ماگىستىرلىقنى تاماملاپ ئاندىن كەلگەنلىكىمگە ئۆكۈنىمەن. دوكتۇرلۇق ئوقۇش ھاياتىم ماڭا نېمىنىڭ ئۆگىنىش، نىمىنىڭ ھەقىقىي مائارىپ، نېمىنىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ قويدى. شۇنداقلا، مېڭەمدە تەبئىي شەكىللەنگەن سېلىشتۇرما ئارقىلىق جۇڭگو ئالىي مائارىپىدىكى ئەڭ تۈپ ئاجىزلىقنىڭ قالاق مائارىپ سىستىمىسىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى تەربىيىلىگۈچى بولغان ئالىي مەكتەپ پرافىسورلىرىنىڭ بىلىم، ئىلمىي ئىستىل ۋە تەتقىقات ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ئامرىكدىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشى جەريانىدا بىئولوگىيەنىڭ ھەر ساھەلىرىدىكى كەسپىي نەزەرىيۋى بىلىملىرىم ۋە تەتقىقات سەۋىيەم زور دەرىجىدە ئېشىپلا قالماي، مۇھىمى ئامرىكا ئۇنىۋىرستىتلىرىنىڭ ئىلغار ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە ئىستىلىنى ئۆزەمگە سېڭدۈردۈم؛ ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، دۇنيادىكى بارلىق مەدەنيەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، ئەڭ خەلىقئارالاشقان بىر جەمئىيەتتىكى ئالىي بىلىم يۇرتىدا نەزەر دائىرەمنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىش پۇرستىگە ئېرىشتىم. ۋەتەن-يۇرت قەدرىنى، سېغىنچىنى ئەسلى مەناسىدىن چۈشەندىم ۋە ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتى بولۇشنىڭ چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم... دەپ كەلسەم، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش جەريانىدا ئېرىشكەنلىرىم بەك-بەكلا كۆپ بولدى. تۆت يىل بەزىدە ناھايتى تىزلا ئۆتۈپ كىتدۇ، لىكىن بۇنداق ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن تۆت يىل ھەر قاچان كىشىگە نېسىپ بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ تۆت يىلدا ئاز بولمىغان مۈشكۈلاتلار ماڭا جەڭ ئېلان قىلدى.
بۇ يەرگە كىلىپلا تۇنجى ۋە ئەڭ زور بېسىم ئائىلەمنى، يۇرتنى سېغىنىش بولدى. گەرچە ھازىرمۇ شۇ سېغىنىش ھەر مېنۇت يالقۇنجاپ تۇرسىمۇ، ئۇ ۋاقتتا ئوخشمايتتى. دەسلىپىدىكى يات مۇھىتتا يىتىرقاش تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇش ۋە پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر جەمئىيەتتە ئازراق بولسىمۇ ماسلىشىپ ياشاشقا ۋاقىت كىتەتتى. بولۇپمۇ كۆپىنچە ئۇيغۇرلار دائىم بىر توپ ئىچىدە ياشايدىغان، ئىجتىمائىي پائاليەتچانلىقى كۈچلۈك بىر جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىن كىلىپ چىققان بولغاچقا چەتئەلدە  يىگانە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىنتايىن زېرىكىشلىك بىلىنىدۇ. ئەڭ چاتاق يېرى مەن 2009-يىلى 8-ئايدا ئامرىكىغا  كەلگەن شۇ ۋاقىتلاردا ۋەزىيەت ناھايتى جىددىي بولۇپ شىنجاڭدا خەلىقئارالىق تېلىفۇن ۋە ئېنتىرنىت تورى پۈتۈنلەي توختىتىۋىتلگەن بولۇپ، مېنىڭ ئامان-ئېسەن ئامرىكىغا كىلەلىگىنىمنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش ئىدى. يىرىم يىلغىچە ئاتا-ئانام، ئۆيدىكىلىرىم بىلەن پەقەتلا كۆرۈشەلمەي ناھايتى زور روھىي بېسىمغا دۇچ كەلدىم. ئېنتىرنىت تورى ۋە خەلىقئارالىق تېلفۇن ئالاقىسى توختىتىۋىتىلگەن شۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي تىت بولاتتىم، ھىچبولمىسا ئۆلۈكى-تىرىكىنىمۇ بولسا بىلىپ تۇرمىسا ئادەمنىڭ چۈشلىرى بۇزۇلۇپ، كۆڭلى غەش بوپقالىدىكەن. بەزى كۈنلىرى تېلفۇن ئۇرسام ئۇلانمايدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يۈز قېتىملاپ تېلفۇن ئۇرۇپ كەتكەنلىرىم ھازىرمۇ ئېسىمدە....بولۇپمۇ ھېيىت-ئايەملەر ھەممىدىن ئېغىر كەلدى، بىر ئۇيغۇرنى كۆرسەم توختىتىۋىلىپ ئۇزۇن ئۇيغۇرچە گەپ ئاڭلىسام، شۇ گۈزەل تىلىمدا بىرەر ئېغىز چاقچاق قىلىشىدىغان ئادەم ۋە كۈن كەلسىكەن، دەپ ئارمان قىلدىم. ئۇ زېرىكىش، ئۇ سېغىنىش ۋە ئۇ ئازاپنى يەنە بىر قېتىم باشتىن ئۆتكۈزۈشتىن ئاللاھ ئۆزى ساقلىسۇن! بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆيگە قايتمىغان ۋاقىتلاردىمۇ ھىچبولمىسا ئۆيدىكىلەر بىلەن تېلفۇندا ئەھۋالىشاتتۇق، ساۋاقداشلار ئارا بولسىمۇ ھېيت ئوينايتتۇق. لىكىن ئامرىكىدا ئوقۇۋاتقان كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ئۆزى ئوقۇۋاتقان شەھەرلەردە بىردىنبىر ياكى 3-4 ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولۇشى ئېھتىمالغا يىقىن. ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىپ، ئۇيغۇر تىلىدا چاقچاقلىشىپ، ئۆز ئائىلىسى، دوست-بۇرادەرلىرى، قەۋىم-قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزمىگەن ھېيتنىڭ نېمە مەززىسى بولسۇن؟ ئۆيدىكىلىرىمنىڭ ئاۋازىنى بىر ئاڭلاشقا تەشنا بولغان شۇ كۈنلەردە بىر ئامال چىقىپمۇ قالدى، ئاخىرى ئىچكىرىدىكى دوستلارنىڭ ياردىمىدە ئائىلەمنڭ تىنچلىقلىقنى ئۇقۇشۇپ تۇردۇم. بەزىدە ئايدا بىرەر قېتىم دوستلىرىم ئىككى تېلىفۇن تىپىپ بىرىگە مەن تېلىفۇن ئۇرسام يەنە بىرىگە ئۇلار ئۆيدىكىلىرىمگە تېلفۇن ئۇرۇپ ئاۋازنى ئېچىۋىتىپ ئىككى تىلغۇننى يانمۇ-يان قويۇپ قويسا مەن ئۆيدىكىلىرىمنىڭ ئاۋازىنى ۋاستىلىك ئاڭلىيالايتتىم. ئانام ۋە توي قىلىپ بىر ئايدىن كىيىن ئامالسىز تاشلاپ كەتكەن ئايالىم ھەر قېتىمدا ئۈندىمەي يىغلايتتى... ئاخىرى يىرىم يىلدىن كىيىن بۇ كۈنلەرمۇ تۈگىدى. دەل مۇشۇ كۈنلەردە دەپ ئۆتكىنىمدەك ئوقۇشنىڭ بېسىمىمۇ ناھايتى ئېغىر بولۇپ بىرىنچى مەۋسۈمدە دەرسلەردە شۇنچە تېرىشساممۇ قيىنلىپ قالغانتىم. يۇرت سېغىنچىدا بۇ كىچىك، ئادەم ئاز شەھەردە ياشاش، مەكتەپنىڭ بېسىمىغا چىداش ماڭا ناھايتى ئېغىر كىلەتتى ۋە ھەر مېنۇت ھازىرلا كەتسەمچۇ دىگەن خىيال كاللامدىن كەتمەيتتى. لىكىن يەنە شۇ ئامرىكىدا ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ ئاسان كەلمىگەنلىكى ۋە ئاتا-ئانام، ئۆزەمنىڭ ئۆزەمدىن كۈتكەن ئۈمىدىمنى ئاقلىيالماسلىقنى ئويلاپ ئۇ خىيالغا قانچىلىك تىز كەلگەن بولسام شۇنچىلىك تىز يىنىۋالاتتىم. گەرچە كۈنلىرىم ئازاپلىق بولسىمۇ، مەن ئامرىكىدىكى مەكتىپىمدىن ناھايتى رازى ئىدىم چۈنكى بۇ يەردە ھەقىقەتەنمۇ مەن ئۆگەنمەكچى بولغانلىرىمنى ئۆگىنەلىدىم، ھەتتا ئويلىغىنىمدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ بىلىشىم، ئۆگىنىشىم تەلەپ قىلىندى. بۇ خىل ئالدىراش بولغانغا، جاپا تارتقانغا چۇشلۇق كىشىگە نەپ بەرگۈدەك بىلىملەرنى ئۆگەنگىلى بولىدىغان مائارىپ سىستىمىسىنى ناھايتى ياقتۇرۇپ قالغانتىم.
ئىككىنچى چوڭ بېسىم ئامرىكىدا دەرسلەردە يىتىشەلمەسلىك بېسىمى بولدى. بۇ يەردە ھىچكىم سىزنى تەنقىد قىلمىسىمۇ، لىكىن غايەت زور يوشۇرۇن بېسىم يەلكىڭىزنى بېسىپ تۇرغاندەك ھېس قىلىدىكەنسىز. ئامرىكا مەكتەپلىرىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش بىر زور مەبلەغ سېلىش ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككىلى تەرەپ ئۈچۈن، يەنە ئوقۇغۇچى ئۈچۈنمۇ ۋە مەكتەپ ئۈچۈن زور بەدەل تەلەپ قىلىدىكەن، ھەرگىزمۇ جۇڭگودىكىدەك «ئىشتىن سىرت» دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ قويۇش دىگەندك ئۇقۇملار قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. مەكتەپ سىزگە زور ئىقتىسادى مەبلەغ سېلىپ، شۇنىڭغا يارىشا سىزدىن غايەت زور تېرىشچانلىق ۋە نەتىجە تەلەپ قىلىدىكەن. ئامرىكا مەكتەپلىرىدە كۆپىنچە تەبئىي پەن ۋە ئېنژىنرلىق پەنلىرىدە دوكتۇر ئاسپىرانىتلىققا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا مەكتەپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ (ئىجتىمائىي پەنلەرگىمۇ بار، لىكىن سانى ئازراق). بۇ مۇكاپات ھەر يىللىق ئوقۇش پۇلى (15 مىڭ - 50 مىڭ) ، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى، مەكتەپنىڭ باشقا ھەقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق چىقىملارنى كۆتۈرگەندىن باشقا يەنە ھەر بىر دوكتۇر ئاسپىرانىتقا ئايغا بۆلۈپ بىرىلدىغان 20-30 مىڭ دوللار ئەتراپىدىكى يىللىق تۇرمۇش پۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامرىكىدا ھەر خىل ئۇنۋانلار ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىشى قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، بۇمۇ بىر ھېسابتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامرىكىدا ۋاقتىنى ئوقۇشقىلا سەرىپ قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. دىمەك، بىر دوكتۇر ئوقۇغۇچى نورمالدا 5 يىلدا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، بىر دوكتۇر ئۇنۋانىغا لايىق كىشىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگىچە ئامرىكا مەكتەپلىرى كەمىدە 150-200مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىشىغا توغرا كىلىدۇ. بۇ جەرياندا دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ شۇنىڭغا چۇشلۇق كىرەككە كىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. دەل مۇشۇ سەۋەب ئامرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا كىرىشنىڭ شەرتلىرى دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ تەس بولۇشى ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامرىكىدىكى ئەڭ جاپاكەش كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ قىلىشىنى بەلگىلەپ قويغان. ئامرىكا مەكتەپلىرىگە دوكتۇرلۇققا ئوقۇشقا كىرىش تەس، ئوقۇش ۋە پۈتتۈرۈش ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە تەس ئىكەن. دوكتۇر ئاسپىرانىتلىقنىڭ بىرىنچى يىلىدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق سىنايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشى بولمىسا ئوقۇشنىڭ بېسىمىغا پايلاش مۇمكىن بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر تەلەپلەر قويۇلىدىكەن. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق دوكتۇرلۇقىنىڭ ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ پىرافىسورلارنىڭ تەتقىقات تىمىلىرىنى دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىق تاماملاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان شەكىلدىكى ئامرىكا تەتقىقات سىستىمىسىغا ماس كىلىدىغان كىشىلەرنى ئۈنۈملۈك تاللاپ چىقىدىكەن. بىرىنچى يىلىدا ئەڭ تۈپ، ئەڭ قېيىن دەرىسلەر كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ھەپتىدە ئادەتتە 10-15 سائەت ئەتراپىدا دەرس ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان بولۇپ، دەرس ۋاقتىدىن بۆلەك بارلىق ۋاقىتلاردا تەجىرىبخانىدا ئىشلەش شەرت. پەقەت كەچلىرى ۋە ھەپتە ئاخىرىدا تەجىرىبخانىلاردا ئىشلىمىگەن ۋاقىتلاردىلا دەرس تەكرارلاشقا ۋاقىت چىقىدۇ. تاپشۇرۇق، ئېمتىھانلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە قېينلىقىدا باشنى قاشلىغۇدەك ۋاقىتمۇ ناھايتى ئاز چىقىدۇ، 3-4 سائەت ئۇخلىيالايدىغان كۈنلەرمۇ ئاز كىلىدۇ. چۈنكى دوكتۇر ئاسپىرانىتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەممە دەرسلەردە 80 دىن تۆۋەن نومۇر ئالسىلا ئۆزلۈكىدىن چېكىندۈرۈلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىرىنچى يىلى تەجىرىبخانىلاردا تىرىشىپ ئىشلەپ تەتقىقاتقا كىرەكلىك تېخنىكىلارنى پىششىق ئىگەللەش تەلەپ قىلىنىپ قىلغان قسىقا مۇددەتلىك تەتقىقاتلىرىدىن ھەر ئىككى ئايدا بىر نۆۋەت پۈتۈن فاكۇلتىتىكىلەر ئالدىدا دوكلات بىرىش ۋە ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنى ئاز دەپ، بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاساس سىناش ئېمتىھانى، دوكتۇرلۇق سالاھىيەت ئېمتىھانى دىگەندەك ناملاردىكى يېزىقچە كەسپىي ئېمتىھانلار ئېلىنىپ ھەممىدە ياخشى بولسىمۇ بۇ ئېمتىھاندىن ئۆتەلمىسىە يەنىلا مەكتەپتىن چىكىنىدىغان ئىشكەن. دىمەك، دوكتۇرلۇقنىڭ بىرىنچى يىلىنى پەقەت زور بېسىملارنى يىڭىش ئىقتىدارىنى، تىزلىكتە ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتقا كىرىشىش سەۋىيەسىنى ھازىرلىغان، ھەر جەھەتتىن قاتتىق تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پىرافىسورلارنىڭ نەزىرىدە «دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنىڭ ماتىرىيالى» ئىكەنلىكى ئېتراپقا ئېرىشسە ئاندىن مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملىغىلى بولىدىكەن. مانا مۇشۇنداق قاتمۇ-قات بېسىملار ئىچىدە مەنمۇ بىرىنچى يىلنى زور روھىي بېسىم ۋە دەككە-دۈككىدە ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى ئەلگەكتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن يەلكەمنى بېسىپ تۇرغان زور تاغ ئېلىۋىتلگەندەك ھېس قىلدۇرىدىغان دوكتۇرلۇقنىڭ ئىككىنچى يىلىغا ئوڭۈشلۇق قەدەم قويدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدە مەنمۇ يازلىق تەتىلدە بىر ئايلىق رۇخسەت سوراپ يۇرتقا قايتىپ ئائىلەم، دوست-بۇردەر، ۋە يۇرتنى كۆرۈپ كىلىپ ئۇزۇن مەزگىللىك سېغىنچىم بېسىقىپ بىر مەھەل داۋا تاپقاندەكمۇ بوپ قالدىم.  ئايالىممۇ ئامرىكىغا كىلىپ ماڭا قوشۇلدى، شۇڭا تۇرمۇشتىمۇ زور خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ كۈنلىرىم ھەر ھالدا ئازادە لىكىن ئالدىراش ئۆتۈشكە باشلىدى.

553473_10201307194335682_156631326_n (1).jpg

بىلگەجان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە
   دوكتۇرلۇقنىڭ ئىككىنچى يىلىدىن ئېتبارەن دېسسرتاتسىيەم ئۈچۈن تەتقىقاتىمنى باشلىۋەتتىم ۋە ئوقۇش ھاياتىم تەجىرىبخانىغا بەخشەندە بولدى. ئىككىنچى يىلىنىڭ بېشىدا بىر دوكتۇرلۇق دېسسىرتاتسىيەسىگە يارىغۇدەك يىڭىلىققا ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە تىما تاللاپ چىقىپ يازغان 40 بەتلىك تەتقىقات دوكلاتىنى 5 نەپەر پىشقان پىرافىسورلار ئالدىدا ياقلاپ ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى ئىلىپ تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشتىن تارتىپ، شۇ بەش نەپەر پىرافىسوردىن تەركىب تاپقان كومېتىتنىڭ ھەر بىرى ئايرىم-ئايرىم ۋە قوشۇلۇپ سوراققا تارتىدىغان ئىككىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدىكى جاننى ئالغۇدەك قېيىن كاندىدات دوكتۇرلۇق سالاھىيەت ئېمتىھانىدىن ئۆتكۈچە؛ تالاي قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە قايمۇقۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان قاراڭغۇ تونېلنىڭ ئاخرىغا ئۇلاشقاندىكىدەك كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تەجىرىبە نەتىجىلىرىگە ئېرىشكۈچە؛ چىقارغان نەتىجىلەرنى بىر ئىلمىي ماقالە قىلىپ يىزىپ، 50 قېتىملاپ ئۆزگەرتىشلەرنى ئۆتكۈزۈپ ژورنالغا تاپشۇرغاندىن تارتىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە ئاسەسەن يەنە نەچچە قېتىم تۈزىتىپ، قوشۇمچە تەجىرىبىلەرنى ئىشلەپ ئامرىكىدىكى تۇنجى ماقالەمنى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلغۇچە؛ تۆت يىللىق جاپالىق تېرىشىشنىڭ نەتىجىسى بولغان تەجىرىبە نەتىجىلىرىنى جەملەپ، 200 بەتلىك دېسسىرتاتسىيەنى ئىنچىكىلىكتە قۇمدىن زەر ئىلغايدىغان يىتەكچىمنىڭ كەسپ ۋە ئېنگىلىز تىلىدىكى كەمچىلىكلىرىمنى نەچچە ئون قېتىملاپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈشلىرى بىلەن بىر سۆز بىر سۆزدىن يېزىپ يۇقىرى سەۋىيەدە، كەم-كۈتسىز تاماملاپ بولغۇچە، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن پوستدوكتۇرلۇق خىزمىتى ئالاقىلىشىش ۋە غەلبىلىك ھالدا كۆپلىگەن داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى تاپشۇرۋالغۇچە..... بولغان ئارىلىقلاردا  ئامرىكا مائارىپىنىڭ جەڭ ئېلان قىلىدىغان تەرەپلىرى ھىچ تۈگەپ قالمىدى. گەرچە بۇ جەريانلار قېينچىلىقلارغا تولغان بولسىمۇ، لىكىن ئازاپقا تولغان دىيەلمەيمەن چۈنكى مەن ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان بىر كەسىپنى، ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىلمىي مۇھىتتا ئۆگەندىم. ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار ھەر قانچە قېيىن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن زوق ئالغىلى ۋە نەتىجىسى چىققاندا ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولغىلى بولىدىكەن. دەل شۇنداق بولغاچقا مەن ئۆزەمنىڭ مۇشۇ يېشىمدا ئامرىكىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشەلىگىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئۆتۈپ كەتكەن تۆت يىلنى كۈلۈمسىرەش ئىچىدە ئەسلەيمەن.

مارشال: بۇندىن كېيىن قايسى تەتقىقاتلاردا بولاي دەيسىز؟ يەنە قىلماقچى ھەمدە ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلىۋاتقان تەتقىقات پىلانلىرىڭىزنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟

مېنىڭ ئىلگىرىكى تەتقىقاتىم ئانا بالياتقۇسى مۇھىتىنىڭ تۆرەلمە يىتىلىشى ۋە كىينكى ھاياتىدىكى ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىشقا مەركەزلەشكەن. ھازىرقى تەتقىقاتىم بولسا تۆرەلمە مېڭىسى يېتىلىشىنىڭ گېنتىكىلىق ۋە ئېپىگىنتىكىلىق كونتىرول قىلىنىشى، تۆرەلمە ئۇچراشقان خېميىلىك ۋە ئوزۇقلۇق مۇھىتىنىڭ تۆرەلمە مېڭىسىدىكى قايسى خىل گېنلارنى قوزغىتىش ئارقىلىق تۇغۇلغاندىن كېينىكى بىر قسىم كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇشقا قارىتا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە بۇ تەسىرنىڭ ئەۋلادنىڭ كىينكى ئۆمرىدە راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى ۋە بالدۇر قېرىش قاتارلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشقا مەركەزلىشىدۇ. مەن ھازىر گەرچە ئامرىكىنىڭ سان ئانتونىيو شەھرىگە جايلاشقان تېكساس ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتىغا قاراشلىق بولساممۇ، لىكىن ئاساسلىقى شۇ شەھەردىكى شەخسىي تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بولغان تېكساس بىئو-مىدىتسىنا تەتقىقات ئېنىستىتۇتى گېنتىكا مەركىزى ۋە بارشوپ ئېنىستىتۇتى قېرىش تەتقىقاتى مەركەزلىرىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. بۇ ئورۇنلار تېكساستىكى ئەڭ باي مىليونىرلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان تەتقىقات ئورۇنلىرى بولۇپ، نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. ئامرىكىدىكى پەقەت 8 پىرىماتلار (مايمۇنلار) تەتقىقات مەركىزى ئىچىدىكى ئەڭ چوك پىرىمات مەركىزى دەل تېكساس بىئو-مىدىتسىنا تەتقىقات ئېنىستىتۇتىغا قاراشلىق بولۇپ، بۇ مەركەز دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەجىرىبە ئۈسكىنىلىرى ۋە شارائىتىغا ئىگە. بىر مىسال ئالسام، 2000-يىلىنىڭ مابەينىدە يۈزلىگەن ئالىملارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نەچچە يىللارنى سەرىپ قىلىپ ئىنسانلارنىڭ تولۇق گېنومى  تەرتىپلىرى ئېنىقلاپ چىقىلغان ئىدى، لىكىن بۇ يەردىكى ئەڭ يىڭى تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ھازىر مەن پەقەت 6 سائەتتىلا بىر ئىنسان ئەۋرىشكىسىدىكى تولۇق گېنلار تەرتىپىنى ئېنىقلاپ چىقالايمەن. بارشوپ ئېنىستىتۇتىمۇ قېرىلىقنى كېچىكتۈرۈش تەتقىقاتىدا دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، بۇ مەركەزلەردە مەن نۇرغۇن ئەڭ زامانىۋى تېخنىكىلارنى ئۆگىنەلەيمەن. مەن قىزىقىدىغان تىمىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، مەن ئامرىكىدا ئۆزەمنىڭ نەزەرىيە ۋە تېخنىكا ئاساسىمنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيىدىكى زۆرۈر تېخنىكا ۋە تەتقىقات ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ بولغىنىمدا، كەلگۈسىدە رايونىمىزدە كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر قانچە خىل كېسەللىكلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
كەلگۈسى پىلانىمغا كەلسەك، مەن بىر نەچچە يىللىق دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتىمنى تاماملىغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشپ قالسام ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئۆگەنگەنلىرىمنى خەلقىمگە سۇنۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تىبابىتىنىمۇ پىششىق ئۆگىنىپ، ھازىرقى زامان گېنتىكا، مولىكۇلا بىئولوگىيەسىنىڭ ئىلغار تەجىرىبە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇش ۋە ئىلمىي ئاساسلىرىنى تىپىپ چىقىپ كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنىمۇ كۆڭلۈمگە پۈكتۇم. يەنە بىر ئاساسلىق پىلانىم بولسا يۇرتتىكى كۆپىلىگەن ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق سىرلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىتىپ، كەلگۈسىسدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكا ئۇنىۋىرستىتلىرىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا يولغا سالالىسام دەيمەن ۋە شۇ كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمەن.

مارشال: ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرىدا چەتئەلدە ئوقۇش ھەمدە چەتئەل چۈشى ئەۋجىگە چىقماقتا،چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرىغا دەيدىغان ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام؟
چەتئەلدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئاكا-ئاچا، ئېنى-سېڭىللەر، سىلەرنىڭ گۈزەل ئازرۇلارنى كۆڭلۈڭلەرگە پۈكۈپ چەتئەللەردە بىلىم ئىلىشقا ئېنتىلىۋاتقىنىڭلار كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. سىېلەر بەلكىم بۇ يولدا بىر قەدەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىرىشچانلىق، چىدامچانلىق ۋە ئېرادىنىڭ سىنىشىغا ۋە ئويلاپ يەتمىگەن قېينچىلىقلارغا دۇچ كىلىشىڭلار مۇمكىن. سىلەردىن ئۆتۈنۈدىغىنىم، قېيىنچىلىق ئالدىدا ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭلەر! پەقەت ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەيدىغان ئېرادە ۋە ئېنتىلىشلا بولىدىكەن، ھەر قانداق قېينچىلىقنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، تىرىشچانلىقىڭلار بىلەن يىڭەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل. چەتئەلنى ھەر كىشى ھەر خىيال قىلىشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە چەتئەلدىكى ئىلغار مائارىپ تەربىيىسى ئەڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ۋە كىشىگە ھەقىقىي نەپ ئىلىپ كىلەلەيدۇ. چەتئەلگە پەقەت مەلۇم ھەۋەس بىلەن چىقىش ئويى بار قېرىنداشلار شۇنى ئېسىدە تۇتۇش كىرەككى، چەتئەلدىكى ھايات بەلكىم سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئازادە ۋە ئاسان بولۇشى ناتايىن. شۇڭا مەيلى نېمە سەۋەبتىن بولسۇن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئىددىيەدە پۇختا تەييارلىق قىلىشىڭلار زۆرۈر. چەتئەل مەكتەپلىرىگە كىرىش قانچىلىك تەس بولغانب بولسا ئوقۇپ مۇۋاپىققىيەت قازىنىش ھەم شۇنچىلىك تەس. چەتئەلگە كەلگەندىن كېيىن قېينىلىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن، چەتئەل تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەندىن سىرىت، يەنە كەسپتىن پۇختا ئاساس سالسىڭىز كەلگۈسىدىكى ھاياتىڭىزنى كۆپ ئاسانلاشتۇرىدۇ. چەتئەلدە ئوقۇش ھەقىقەتەنمۇ بىر كىشىگە يىڭىلىقلارنى ئاتا قىلىدىغان، كىشىگە ئۆزىنى ۋە دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان تىپىلغۇسىز ئوبدان پۇرسەت. بولۇپمۇ، ئامرىكىغا ئوخشاش ياخشى ئوقۇغانلارنى مىللەت، دۆلەت، باي-كەمبەللىكىنى ئايرىماي تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتكە كۆپلەپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چىقىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامرىكىدا ئوقۇشقا تىگىشلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەسلىدە بولۇشقا تىگىشلىك ساندىن ناھايتى يىراق. بۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ يىتەرلىك تېرىشىپ ئامرىكا مەكتەپلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۆلچىمگە يىتەلمىگەنلىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەن پەقەت يىتەرلىك تېرىشچانلىق بولسىلا ھەممە ئىشتا چوقۇم بىر نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ، دىگەنگە ئىشىنىمەن ۋە ئاخرىدا سىلەرگە پىكىرلىرىمنى خۇلاسىلايدىغان تۆۋەندىكى سۆزنى سوۋغا قىلىمەن:
تېرىشىش، تېرىشىش يەنە تېرىشىش لازىم!
مارشال: سىز مىسرانىم مۇنبىرىدە تېما يوللاپ باققان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىنىڭ 5-سى بولۇپ قالدىڭىز،سىزنى قايسى كۈچ ئېنتىرنىتتىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنياغا قىزىقتۇردى؟
مەن بىر تەساددىپي پۇرسەتتە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە تىما يىزىشقا قىزىقىپ قالدىم. بۇ يىل 1-ئايدا ئامرىكا مىسسۇرى شىتاتىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇۋىتىپ قىشلىق تەتىلدە ئۆيۈمگە مېھمانغا كەلگەن بىر تىرىشچان سېڭلىمنىڭ دەۋەت قىلىشى ۋە مېنى قىزىقتۇرۇپ دەسلەپكى بىر قانچە ماقالەمنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرچە ئۇرۇپ نامىمدا ئېلان قىلىپ بىرىشى ماڭا تۈرتكە بولدى. مۇشۇ ۋەجدىن بۇ ئەقىللىق سېڭلىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. تورغا تىما يوللاپ ۋەتەندىكى تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، مەن بارا-بارا تورنىڭ دۇنيانى كىچىكلىتىشتىكى رولىنى تېخىمۇ تولۇق تونۇپ يەتتىم. يازغانلىرىمنى قىزىقىپ ئوقۇپ مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن تورداشلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئالغان بىلىملىرىنىڭ زاكاتلىرىنى ئاز-تولا تۆلىگەچ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئىلىم-پەن قىزغىنلىقى قوزغاش ۋە ئۆز-ئارا مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىشتىكى تورنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كىرەككەن، دىگەن قاراشقا كەلدىم. ئۇيغۇر تورلىرىدا ئىلىم-پەنگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بىر قەدەر ئاز ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنداق تېمىلارنىڭ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىنىمۇ كۆرۈپ يەتتىم ۋە تور ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىرىمدىن ئاددى ۋە قىزىقارلىق ھاياتلىق ھادىسىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى قېرىنداشلىرىمغا ئاممىباپ ئۇيغۇر تىلىدا سۇنۇش ئارقىلىق پەننى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ساقلاپ قىلىش، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئىلىم-پەن بىلىملىرىگە قىزىقتۇرۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. ئۇنىڭدىن باشقا، توردا مەن بىلەن پىكىرداش بىر توپ ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇش پۇرستىگە ئېرىشىپ، بىر تەرەپتىن چەتئەلدىكى «ئۇيغۇرسىراش» ئازابىدىن ئازراق بولسىمۇ نېرى بولۇش مەقسىتىگە يەتسەم، يەنە بىر تەرەپتن ئىقتىدارلىق ياشلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ بىر قىسىم ئىلمىي ئەمگەكلەرنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىش مېنى ناھايتى خۇشال قىلدى. شۇ سەۋەب، مەن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىن بۇندىن كىيىنمۇ ئايرىلماسلىقنى، بولسا ئامرىكىدا بىلىم ئىلىۋاتقان ياكى ئىشلەۋاتقان دوستلىرىمنى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە قىزىقتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن.
مارشال: ھازىرقى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە قانداق قارايسىز؟ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى مۇنازىرە ئىستىلىغا بولغان كۆز-قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولسام؟ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى بېكەت باشلىقلىرى ھەمدە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا دەيدىغان تەلەپ-پىكرىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولسام؟
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە تورغا چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپيىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بولۇپمۇ، يىقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى خاسلىشىش، كەسىپلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىپ، قايسى خىل تىمىغا قىزىقسىڭىز شۇ تىمىدىكى مۇناسىپ مۇنازىرلەر ۋە ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولىدىغان ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى ھەقىقەتەن ئېسىل ئىش. تورنىڭ ئۇچۇر جەھەتتە جەمئىيتىمىزگە قانچىلىك زور قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ماڭا نېسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن يۇرتتىكى قېرىنداشلارنىڭ يىقىن ئالاقىنى ساقلىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئىككى تەرەپتىكى ئىشلاردىن ئۆز ۋاقتىدە خەۋەردار بولۇپ تۇرىشىدىمۇ ناھايتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئارقىلىق خەلقىمنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېسسىياتقا كىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇشاللىقلىرى ۋە قايغۇلىرىغا مۇنبەرلەر ئارقىلىق جۆر بولۇپ ئۆزەمنىڭ ھېلىھەم شۇ كوللېكتىپىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى يادىمغا ئىلىپ تۇرىمەن. قسىقىسى، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى ھەر كۈنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئارىلىمايدىغان كۈنلىرىم ئاساسەن يوق. مۇشۇنداق ياخش تەرەپلىرى بولىسمۇ، لىكىن بىر قىسىم ئۇنىۋىرسال مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە كىشىلەرنىڭ تەربىيە كۆرۈش ئەھۋالى، قاراشلىرى، قىزىقىشى، ۋە مىجەز خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم مەسلىلەرمۇ ساقلىنىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن.
بىرىنچىسى، كىشىلەر توردا ئوخشىمىغان پىكىر ۋە ئوخشىمىغان كۆز-قاراشتىكى مۇنبەرداشلىرىغا نېسبەتەن قوپال مۇئامىلىدە بولىدىغان، ھەتتا بىر-بىرىنى ھاقارەتلەيدىغان ناچار مۇنازىرە ئەخلاقىنىڭ ئەۋج ئىلىشى.
ئىككىنىچىسى، يوللىنىۋاتقان تىمىلارنىڭ دائىرىسى كەڭ بولغانلىقتىن بىر بۆلۈك پۈچەك تىمىلارنىڭ كۆپلەپ يوللىنىشى ۋە شۇ سەۋەب كىشىلەرنىڭ مۇنازىرە قىلىپ بىقىشى، ئويلىنىپ بىقىىشىغا ئەرزىيدىغان  بىر قىسىم تىمىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئانچە جەلىپ قىلماسلىقى.
ئۈچىنچىسى، نۇرغۇن كىشىلەر مۇنبەرلەردە گەرچە بىز سەنئەتخۇمار بولۇپ كەتتۇق، ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلىشىمىز كىرەك، دەپ جار سالىدىيۇ، ئەمەليەتتە ئىلىم-پەنگە ئائىت يازمىلارنى ئوقۇيدىغانلار، ياكى قىزىقىدىغانلارنىڭ ناھايتى ئاز بولۇشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
مۇنبەر بىكەت باشلىقلىرى ۋە باشقۇغۇچىلارغا دەيدىغان پىكىرىم تور بېكەتلەرنى ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدىلىك ئىپادىلىنىپ باشقا ئوخشاش تۈردىكى تور بېكەتلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان قىلىشقا تىرىشسا دىگەن ئۈمىدتىمەن. ھەر قانداق كىشى ئۆزىگە لازىملىق بولغان بىر نەرسىنى ئويلىغاندا دەرھال كاللىسىدا مەلۇم تور بەتنى ئېچىپ بىقىش تۇنجى بولۇپ شەكىللەنگۈدەك دەرىجىدە خاسلىق ياراتقاندىلا تور بەتلەر ھەقىقىي تۈردە ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل تەرەققىي قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبەرلەرگە يوللانغان تىمىلارنىڭ سۈپىتىگە مەلۇم تەلەپلەر قويۇلۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەۋەتىلگەن تىمىلارنى تەھرىرلەپ ئاندىن تەستىقلاشنى يولغا قويۇشنىڭمۇ مۇنبەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە پايدىسى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئاخىرىدا بېكەت باشلىقلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلادىن ئۆتۈنىدىغىنىم، چوقۇم مۇنبەردىكى مۇنازىرە ئەخلاقى قاتتىق كونتىرول قىلىنسا؛ كىشىلەرنىڭ شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلىش خاراكتىرىدىكى تىما ۋە ئىنكاسلار تەستىقلانماسلىقى ياكى دەرھال ئۆچۈرۈلسە؛ ئەخلاققا يات مەزمۇنلارنى مۇنبەرگە ئوخشاش ئاممىۋى سورۇندا ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرە قىلىشقا خاتىمە بىرىلسە؛ ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىنمىغاندا شۇ ئەزالارغا دەرھال چارە كۆرۈش ئارقىلىق چېكىدىن ئاشقان بىر قىسىم مۇنازىرە ئەخلاقى ناچار ئەزالار چەكلەنسىكەن، دەيمەن. شۇنداق بولغاندا، مۇنبەر كىشىلەرنىڭ ئەركىن-ئازادە پىكىر قىلىدىغان سورۇنى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئەخلاق ۋە بىلىم ئۆگىنىش سورۇنىمۇ بولالايدۇ، دەپ قارايمەن.

مارشال: بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئۈچۈن يەنە قانداق خالىس خىزمەتلەرنى قىلاي دەپ ئويلاۋاتىسىز؟ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئنېتىرنىتتىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنياغا قەدەم قۇيۇپ ئەلگە خالىس خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن سىزنىڭ جاراڭلىق بىرەر خىتابىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ،مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
مەن بۇندىن كېين چوقۇم بەلگىلىك ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئاممىباپ ئىلمىي ئىجادى ماقالىلەرنى يېزىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇنبەرلەردىكى بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك، ئىقتىدارلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك پىدائىي ياشلار بىلەن بىرلىشىپ چەتئەل تىلىدىكى دۇنيادا زور داغدۇغا قوزغىغان تەبئىي پەن ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قېرىنداشلارنىڭ دۇنياۋى يىڭى بىلىملەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشىغا بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشۇشنى پلانلاۋاتىمەن. بۇ نۇقتىدا ھازىر قۇرۇلۋاتقان ئىلىم-پەن مائارىپ تورى (http://ilimpen.biz) ۋە ئۆزەمنىڭ يىڭىدىن ياسالغان «بىلگە بىلوگى» نامىدىكى مەخسۇس بىلوگىم (http://bilge.eldawa.com) قاتارلىق تور يۈزلىرىدە ھەر ھەپتىدە ئىلىم-پەن يىڭىلىقلىرى بىلەن تولغان مول مەزمۇنلۇق تېمىلارنى كەڭ ئۇيغۇر تور جامائىتىگە سۇنىمەن.
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىدىن سەمىمىي ئۆتۈنۈدىغىنىم، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى سىزنىڭ ئۇزۇن يىل تېرىشىپ ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى ئۆز خەلقىمىزگە يەتكۈزۈپ بىرىشنىڭ ناھايتى قولايلىق بىر سەھنىسى، مۇشۇ سەھنە ئارقىلىق سىزگە ئاددىي ۋە ئاسان تۇيۇلغان مەيلى كەسپىي بىلىملىرىڭىز بولسۇن ۋە ياكى چەتئەلدە ئوقۇش، خىزمەت ۋە ياشاش جەريانىدىكى ھېس تۇيغۇلىرىڭىز بولسۇن ھەمممىسى خەلقمىز ئۈچۈن يىڭى ۋە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ بولالىشى ناتايىن، لىكىن ۋاقىت چىقىرىمەن دىسە ئازغىنە ۋاقىتتىمۇ بىلگەنلىرىڭىزنى ئاددىي، ئاممىباپ قىلىپ يىزىپ چىقىپ ھىچبولمىسا ئايدا، پەسىلدە، ئەڭ بولمىغاندا يىلدا بىرەر نادىر يازمىلارنى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىشىڭىز تامامەن مۇمكىن. ئەلۋەتتە، خىزمەت قىلىۋاتقانلار خالىسلا پەقەت ۋاقىت چىقماي قالمايدۇ. شۇنداقكەن، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئالغان بىلىملىرىىنىڭ زاكاتىنى تۆلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، مەيلى قەيەردە ياشىسۇن بىقىپ ئۆستۈرگەن يۇرت-خەلقىنى ئۇنتۇپ قالماي ئۇلار بىلەن تور ۋاستىسى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك رىشتىسىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قاچانكى كۆپلىگەن چەتئەلدىكى ئالىي مەلۇماتلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە پەيدا بولىدىكەن، بۇ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور ئىجابىي تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ ۋە تور ۋاستىسىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى، بىلىم سەۋىيەسى ۋە نەزەر دائىرىسىنى ئۆستۈرۈش، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم-پەنگە، بىلىم ئىلىشقا بولغان ئىشتىياقىنى قوزغىتىشتا زور ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ. قېنى، چەتئەلدە ياشاۋاتقان سىز ۋە دوستلىرىڭىز ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە قەدەم تەشىرىپ قىلىڭ، بىرلىكتە تىرىشىمىز ۋە بىللە كۈلۈپ بىللە يىغلايمىز.
مارشال: قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مەن بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت. سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك،خىزمىتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئائىلىڭىزگە بەخت-سائادەت تىلەيمەن. ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ بۇ سۆھبىتىمىزنى ئاياقلاشتۇرساق دېگەن ئۈمىدتىمەن؟
ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا دەيدىغىنىم، بىز ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، قالاقمۇ ئەمەس، ئەكسىچە بىز بىر گۈزەل مەدەنيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر قوۋمنىڭ پۇشتى. بىز باشقىلار قىلالىغاننى قىلالايمىز، ئۇلاردەك ياخشى ۋە ئۇلاردىنمۇ ئاشۇرپ قىلالايمىز، ھەتتا قىلالىمىغاننىمۇ قىلالىشىمىز مۇمكىن! دۇنيا پۇرسلەرگە تولغان، گەرچە بىر قىسىم پۇرسەتلەر بىزلەرگە تەستە كەلسىمۇ، يەنىلا تېرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق بىز ئۇلارغا ئېرىشەلەيمىز. چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك سىزدىن يىراق تۇرسۇن، بەلكى ئىشەنچ ۋە ئېرادە سىزگە ھەمراھ بولسۇن. مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ  ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىمەن ۋە كۈچلۈك ئېرادە، ئۇلۇغۋار نىشان ۋە نىشانغا چۇشلۇق جاسارەت ۋە تىرىشچانلىق بولسىلا بىز يىتەلمەيدىغان چوققا يوق. يۇقىرىدىكى مەندەك بىر ئاددىي ياشنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق مىسالىنىڭ سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ ئېلھام ۋە مەدەت ئىلىپ كىلەلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا  مىسرانىم تورىنىڭ ماڭا ۋەتەندىكى قېرىنداشلار بىلەن سىردىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىگە چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن ۋە سىز ۋە مىسرانىم تورىغا ئەڭ سەمىمىي ۋە ئالىي تىلەكلىرىمنى بىلدۈرىمەن. ۋەتەندىكى مېھرىبان ئاتا-ئانا ئاچا-ئېنى قېرىنداشلىرىم، ئەزىر ئۇستازلىرىم، ئۇرۇق-تۇغقان، يۇرتداش، دوست بۇرادەرلىرىم ۋە بارلىق مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولۇمدا ماڭا ياردەم قولىنى سۇنغان ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن، دۇئاسىى ئايىمىغان ئەزىزلەر، شۇنداقلا ۋەتەن تۇپرىقىدىكى بارچە قېرىنداشلىرىمغا تىنچ ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى ئامرىكا تۇپرىقىدىن سېغىنىشلىق سالىمىنى يوللايمەن. بارچە تورداشلارنىڭ، قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى

0

تېما

2

دوست

5445

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1648
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 19:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tewelgha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-17 19:35  

بۇ سۆھبەت بەكمۇ ئەمىلى بولۇپتۇ ،ئوقۇپ بىلگەجان ئىنىمىز بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىۋاتقاندەك بولدۇم .مارشال ئەپەندىم ۋە تاشپولات مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت . بۇ سۆھبەتتە بىلگەجان ئىنىمىز بۇندىن كىيىن چەتئەلنىڭ داڭلىق ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تور بەتلەرنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن توھپە قوشىدىغانلىغىنى  ئىيتىپتۇ ، بۇ گېپىدىن تولىمۇ  سۆيۈندۇم . مۈمكىن بولسا چەتئەللىك ئالىملارنىڭ مائارىپ ۋە ئوقۇتۇشقا ئائىت ئىلمىي نەزىريەلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ مېغىزلىق قىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز . بىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىمىز نەزىريەنىڭ يېتەكچىلىگىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا خېلى ئۇزاق ۋاقىتلار بولدى ،ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلىيىتىدىن نەزىريە شەكىللەندۇرۇپ ئوقۇتۇشقا خىزمەت قىلدۇرۇشقا چامىمىز يەتمەيدۇ .ئەبجەش نەزىريەلەرنىڭ تەسىرى تېخىممۇ يامان.  ئادەم بالىسىنىڭ تەرەقىي قىلىش قانونيىتى مىللەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ . شۇڭا داڭلىق مائارىپشۇماس ،پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقات نەتجىلىرى بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىزغىمۇ چۈشىدۇ دەپ قارايمەن .رەھمەت !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 19:57:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2013-11-17 19:20
بۇ سۆھبەت بەكمۇ ئەمىلى بولۇپتۇ ،ئوقۇپ بىلگەجان ئىنىمى ...

      ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ بولدى، ئەگەشتىم...

0

تېما

7

دوست

2799

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 834
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 20:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شۇنداق. ناھايىتى تەپسىلى ئېلىپ بېرىلىپتۇ.

  بىلگەجان ئىنىمىزنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن شۇنداقلا تېخىمۇ تىرىشىپ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.

1

تېما

7

دوست

6347

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1662
توردىكى ۋاقتى: 725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 01:40:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي! ياشلىق دەۋرىمگە قايتالىغان بولسام.مەنمۇ ئىنىمىز بىلگەجاندەك ئوقۇپ بىلىم ئىگەللەپ،خەلقىم پەخرلەنگىدەك ئىنسان بولغان بولسام نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە.ياش ئىنلىرىم،ياشلىقىڭلارنى قەدىرلەپ تىرىشىپ بىلىم ئىگەللەپ،خەلقىمىز پەخرلەنگىدەك ئادەم بولۇڭلار.ئاخرىدا بىلگەجاننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن ئىلھام ئىلشىڭلارنى ئۆمۇد قىلىمەن‹‹بىز ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، قالاقمۇ ئەمەس، ئەكسىچە بىز بىر گۈزەل مەدەنيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر قوۋمنىڭ پۇشتى. بىز باشقىلار قىلالىغاننى قىلالايمىز، ئۇلاردەك ياخشى ۋە ئۇلاردىنمۇ ئاشۇرپ قىلالايمىز، ھەتتا قىلالىمىغاننىمۇ قىلالىشىمىز مۇمكىن! دۇنيا پۇرسەتلەرگە تولغان، گەرچە بىر قىسىم پۇرسەتلەر بىزلەرگە تەستە كەلسىمۇ، يەنىلا تېرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق بىز ئۇلارغا ئېرىشەلەيمىز. چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك سىزدىن يىراق تۇرسۇن، بەلكى ئىشەنچ ۋە ئېرادە سىزگە ھەمراھ بولسۇن. مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ  ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىمەن ۋە كۈچلۈك ئېرادە، ئۇلۇغۋار نىشان ۋە نىشانغا چۇشلۇق جاسارەت ۋە تىرىشچانلىق بولسىلا بىز يىتەلمەيدىغان چوققا يوق.››.

0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 12:55:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئەتراپلىق،ئەھمىيەتلىك ۋە تەسىرلىك ئەسەر ئىكەن،شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئادەمنى جىق ئويلارغا سالىدىكەن،قېرىنداشلارنىڭ ئەجىرلىرىدىن گۈللەر ئۈنگەي!

30

تېما

31

دوست

7546

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 146
تۆھپە : 2528
توردىكى ۋاقتى: 869
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 13:08:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپولاتكا، بىر مۇنچە ئەجىر قىلىپ بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ لاتىن ئۇيغۇر يېزىقى نۇسخىسىنى فېيسىبۇكتا يوللاپ قويۇپتىكەنسىز، ناھايتى سۆيۈنگەن ئىدىم. سىزدەك ئالىملىرىمىزنىڭ مەدەت بىرىشى بىزدەك ئىلىم-پەن سىپىگە يېڭىدىن قەدەم قويغان ياش ئالىملار ئۈچۈن ناھايتى زور ئېلھام بولىدىكەن. جامائەتنىڭ ئالدىدا سىزگە يەنە بىر نۆۋەت رەھمەت ئېيتىۋالاي دىدىم. بىز بىر ئەۋلاد ياشلار سىلەردەك ئۇستاز ئالىملارنىڭ ئىلىم-پەن يولىدىكى تىرىشچانلىق بىلەن باسقان ئېزىدىن مىڭىشقا تېرىشىمىز. ئېسل ئۈگۈتلەرنى ھەر ۋاقىت بىزدىن ئايىمىغايسىز.

0

تېما

0

دوست

3403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 1885
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 20:08:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆھبەتنى يەنە بىر قېتىم كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن.
ئالىملىرمىزنىڭ تەتقىقاتىغا زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )