قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1308|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇرلار ۋە بۇددىزىم مەدەنىيتى ئا.ئۆتكۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

30

دوست

522

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7107
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 23:12:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە بۇددىزىم مەدەنىيتى توغرىسىدا
(ئابدۇرىشىت داۋۇت.ئۆتكۈن)



      قىسقىچە مەزمۇنى: ھەرقانداق بىر مىللەت دىننىڭ تەسىرىدىن خالى بولغان ئەمەس، ھەرقانداق مىللەتنىڭ مەدەنيىتى ئۆزى ئېتىقادقىلغان دىن بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، بۇ خىل مەدەنيەتتە گەرچە ئېتىقاد ، دىنئامىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن ئەكىس ئەتكىنى بىلەن ئۇنىڭغا شۇ مەدەنيەتنى بەرپا قىلغۇچى مىللەتنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، مول بىلىملىرى مۇجەسسەملەنگەن. شۇڭلاشقا مەيلى ئىلگىرى قايسى ياكى قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلغان بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئۇنى يەكلەشكە،چەتكە قېقىشقا، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مىللىي مەدەنيەتنى دەپسەندە قىلىشقا بولمايدۇ.بۇ ماقالىمىز ئارقىلىق قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، بۇددىزىم ئېتىقادىي ۋە گۈللەنگەن بۇددىزىم مەدەنيىتى تۇغرىسىدا توختىلىمىز.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، بۇددىزىم ، بۇددا مەدەنيىتى، ئىدىقۇت ۋە ئۇيغۇرلار

          نۇرغۇن قېتىملىق تارىخى داۋالغۇشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن جاسارەتلىك، تىرىشچان ئۇيغۇرخەلىقى ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخى بىلەن جاھان تارىخىدا شەۋكەتلىك نامغا ئىگە، ھەم شۇنداقلا جوڭگونىڭ كۆپ مىللەتلىك مەدەنيىتىدىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا مەدەنيىتىدىمۇ چاقناپ تۇرىدىغان گۆھەر ھىسابلىندۇ.
        ئاسىيانىڭ شەرقىدە ھىنگان تاغ تىزمىلىرىدىن تارتىپ غەرىبتە ئارال دېڭىزىغىچە، جەنوبتا گوبى چۆللىكىدىن تارتىپ شىمالدا بايقال كۆلىگىچە بولغان ئارلىق گويا بىر تارىخ سەھنىسى بولۇپ، نۇرغۇن چارۋىچى قەبىلىلەر بۇجايدا ياشاپ، تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى... ھونلار، جورجانلار، سىيانپىلار، تۈرۈكلەر ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى قىتانلار، مۇڭغۇللار مۇشۇ جايدا بارلىققا كەلدى، زورايدى ۋە قۇدرەت تاپتى. ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ زىمىندا ئۆسۈپ يېتىلىپ، زورىيىش،قۇدرەت تېپىش جەريانلىرىنى بېشىدىن كەچۈردى. ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى3-ئەسىردىن باشلاپ «دىڭلىڭ» نامى بىلەن ئاتىلىپ، بىر نەچچە ئەسىر ھونلار ئىتىپاقىدا بولغان.مىلادى 5 -ئەسىردەباش كۆتۈرۈپ كۈچەيگەن جورجانلار دەۋىرىدە دىڭلىڭلاربويسۇندۇرۇلدى. شۇندىن ئېتبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامى «تېلى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.مىلادى 546-يىلى، تۈرۈك قەبىلىشىنىڭ سەردارى تۈمەن قاغان جۇڭغار ئويمانلىقىداچارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تېلىلاردىن 50 نەچچە مىڭ تۈتۈننى بويسۇندۇردى،ھەم ئۆزىنىڭ ھەر تەرەپكە يۈرۈش قىلىشىغا ئاساس ياراتتى.مىلادى 552-يىلى، يۈمەن قاغان جۇرجان قوشونلىرىنى تارمار قىلىپ، تۈمەن قاغان ئۆزىگە ئىلىگقاغان دەپ نام بېرىپ، تۈرۈك خانلىقىنى تىكلىدى.ھەم ئاسىيا ئوتلۇقىدا ھۆكۈمرانلىققىلدى.ئەنە شۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 200يىلدەك ھۆكۈم شۈرگەن كۆك تۈرۈك خانلىقى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، ئۇيغۇرلار «خۇيخې»دەپ ئاتالدى.744-يىلى ئۇيغۇرلار تۈرۈكلەرھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ«ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى»،ھالبوكى «ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى» ئاران بىر ئەسىر مەۋجۈت بولۇپ تۇرالىدى....
    مىلادى 840-يىللاردا ئۇيغۇرلار تارىخىدادەۋىر بۆلگۈچ ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى.
      795-يىلى ئۇيغۇرلارخانلىقىدا تەخىت ئىگەللىگەنلەر ياغلاقار جەمەتىدىن ئەمەس ئىدى، شۇ تۈپەيلى خانلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىدا زىددىيەت كۈچەيدى، بەزى قەبىلىلەر خانلىق تەۋەسىدىن چىقىپ كەتتى،9-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ خاندانلىقنىڭ ئاساسىي ئىگلىكى- مال- چارۋىلار قىرىلىپ كەتتى.ئاچارچىلىق، ۋە ۋابا كېسىلى خانلىق دائىرىسىدە ئەجەللىك تەھدىت بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن باشقا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قىرغىزلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ پايتەخىتكە ھۇجۇم قىلىپ خانلىقنى ئاغدۇرۋەتتى. خاندانلىقنىڭ پۇقرالىرى جەنۇپقا ۋە غەرىپ تەرەپلەرگە كۆچتى.جەنوبقا كۆچكەن بىر تارماق ئۇيغۇرلار ئۆگە تېكىننىڭ باشچىلىقىدا خېبىي، شەنشى، سەنشى،ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىغا يېقىنلاپ كەلگەندە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ ئازراق ھاللاندى. ئۇلار يەنە شىمالغا- كونا ماكانلىرىغا قايتىپ بېرىپ ئۆز قاغانلىقىنىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇپ ئالماقچى بولسىمۇ، لېكىن مەغلوب بولۇپ ھالاك بولۇشتى. يەنە بىر تارماق ئۇيغۇرلار گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى گەنجۇ،لىياڭجۇ رايونلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى.(مىلادى870-1030-يىللار). بۇخانلىق تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار، خاندانلىق تاكى تاڭغۇتلار تەرپىدىن يوقۇتۇلغانغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ ئىگلىكىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۇڭخۇاڭ بۇددا مەدەنيىتىنى ۋە مىڭ ئۆي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۆھپە قوشقان.
غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى ئۇرخۇن شاھزادىسى-پان تېكىن يېتەكچىلىكىدە ئالتاي تاغلىرى بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئارىسىغا كېلىپ ماكانلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەركىزىنى دەسلەپ بېشبالىق(ھازىرقى جىمسار ناھىيسى) قىلىپ بەلگىلىدى. بۇ تارماق ئۇيغۇرلار بېشبالىقنى مەركەز قىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىسى پانتېگىن ۋە تالانتلىق ھەربىي سەركەردە بۈكۈقۇننىڭ باشچىلىقىدا تىبەتلىكلەر بىلەن 20يىلغا يېقىن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى دەسلەپ شىمالىي شىنجاڭدىن، كېيىن تۇرپان، قاراشەھەر، كۇچا قاتارلىق جايلاردىن قوغلاپ چىقاردى. شاھزادە پانتېگىن شۇ غەلبە ئاساسىدا، ئۇيغۇر سەركەردىسى بۈكۈقۇننىڭ ساداقەتلىك بىلەن يار- يۆلەكتە بولىشىغا تاينىپ، مىلادى 866-يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشتى. بۇ خانلىقنىڭ قىشلىق پايتەختى ئىدىقۇت شەھىرى، يازلىق پايتەختى بېشبالىق بولدى.ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىك قىسىمى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، مەدەنىي پائالىيەتلىرىنى ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا يۆتكەشكە مەجىبور بولدى. ئۇرخۇندىن كۆچۈپ، ئىدىقۇتقا ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار ئەسلىدە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي تەبىقىسى ئىدى.

بۇددىزىم ۋە ئىدىقۇتتا بۇددا مەدەنيىتى
   
      بۇددىزىم- ئومۇمىيلىق جەھەتتىن ئىنسانلار ياراتقان ئېتىقاد شەكلىدىكى ئىدېئولوگىيلىك مەدەنىيەت تىپلىرىدىن بىرىدۇر. خاسلىق جەھەتتىن ھىندىستانغا كۆچۈپ ماكانلاشقان ۋە ئەسلىدىكى يەرلىك خەلق بىلەن بىرگەۋدىگە ئايلانغان ئارىئان ئەۋلاتلىرىنىڭ ھىندى جەمئىيتى شارائىتىدا ياراتقان يەنە بىر مۇھىم دىننى ئەقىدە سېستىمىسىدىن ئىبارەت. بۇددىزىم دەسلەپتە «ساكيامونى» دەپتەرپلەنگەن سىددخارتاخاگاۋتاما ۋە ئۇنىڭ يېققىن مۇخلىسلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرى چەمبىرىكىدىكى مەھەلىۋى ئېتىقاد تەلىماتلىرى بولسىمۇ، ئۆز تەرەققىياتىدا راۋاجلىنىپ تەدرىجي ئالەمشۇمۇل تەسىرگە ئىگە چوڭ دىننى سېستىما ھالىتىگە كەلدى.
      بۇددا دىنى ساكيامۇنى ئالەمدىن ئۆتۈپ 500-600 يىلدىن كېيىن ئاندىن ھىندىستاندىن باشقا جايلارغا تارقالغان. بۇددا دىنى ئەڭ دەسلەپ ھىندىستانغا قوشنا بولغان كەشمىر، گاندارا، كېيىنچەئۇدۇن، سۇلى، كۈسەن، قۇچۇ رايونلىرىغا تارقىلىپ تەدرىجى  ئوموملاشقان،شۈۋەنزاڭنىڭ خاتىرلىشىچە « بۇ جايدا نۇرغۇن بۇددا ئىبادەتخانىلىرى بار، ئۇلارنىڭ بۇتلىرى ئىنسان تەرپىدىن ياسالغاندەك سۈنئىي ئەمەس، گويا شۇنداق تۆرەلگەندەك گۈزەل ھەشەمەتلىك ئىدى...» بۇ راھىبلارنىڭ خاتىرلىرىگە ئاساسلانغاندا،شىنجاڭ رايونلىرىدا بۇددا دىنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرلۇشتىن بىر-نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا ئەنە شۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، بۇنىڭدىن تاشقىرى ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى تەۋەلىكىگە ئۆتكەن رايونلاردا بۇ خانلىق تىكلىنىشتىن بۇرۇنلا يارغول مىڭئۆيى، تۇيۇق مىڭئۆيى، بېزەكلىك مىڭئۆي، سىڭگىم مىڭئۆيى، شىكشىن مىڭئۆيى، مازارباغ مىڭئۆيى، سىم-سىم مىڭئۆيى، قىزىل قاغا مىڭئۆيى، قۇمتوغراق مىڭئۆيى،  قىزىل مىڭئۆيى، بېشبالىق مىڭئۆيى قاتارلىق مىڭئۆي- ئىبادەتخانىلارنىڭ قېزىلىشى، قۇرۇلىشىدىنمۇ شىنجاڭ رايونىدا بۇددا دىننىڭ خېلىلا مۇقەددەم ئوموملاشقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
      ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرلۇشتىن ئىلگىرىلا شەرقىي شىنجاڭ، ۋە جەنوبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا بۇددا دىننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى- ئۇرخۇن بويىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئورتاق گەۋدە ھاسىل قىلىپ،  پارلاق مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭئاساسىي بولغانىدى. ھالبۇكى، بۇددىزىم ئىدىئولوگىيسى  ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدا  ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە بولدى. بۇ دىن ئۆزتەسىرىنى پۈتكۈل ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىئولوگىيسىگە ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەينى دەۋىر مەدەنيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئىنتايىن چوڭقۇر ئىز قالدۇردى- يەرلىك تۈس ئالغان، كۆپ خىللىققا ئىگە بولغان ۋە جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئۇيغۇر بۇددامەدەنيىتى بارلىققا كەلدى.
       تۇرپان- قۇچۇنى مەركەز قىلىپ شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا بۇددىزىمنىڭ كەڭ تارقالغانلىقى، ئۇزاق ساقلانغانلىقى، باشقا دىنلار بىلەن بىللە گۈللەنگەنلىكتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خارەكتىرلىندۇ. تۇرپان-قۇچۇ دىيارىغا بۇددىزىمنىڭ قاچان تارقالغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوق. ئەمما382-يىلى ئالدى قاڭقىل خانى مىدى ئالدىنقى چىن پادىشاھى فۇجىيەنگە«ماھاناپارامىتا» سۇترىسىنى سوۋغات قىلغانلىقى، كومىرا باھادىرا بۇددا دىنى بويىچە دۆلەت ئۇستازى ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن دېمەك شۇيىللارنىڭ ئالدى كەينى قۇجۇ دىيارىغا بۇددىزىم كەڭ تارقالغان بولسا كېرەك،9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ تۇرپان ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايتەختى بولدى، بۇ يەردە ياشايدىغان قارلۇق، ياغما، قاتارلىق توققۇز ئوغۇز-تۇرا قەبىلىلىرى بۇددىزىمى تەسىرىدە مانى ئېتىقادىدىكى ئادىئىز قاتارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرى 9-ئەسىرنىڭ ئاخىردىن باشلاپ بۇددىزىمنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىدى.تاڭ دەۋىرىدە يېزىلغان «شىجۇ جۇغراپىلىك نومى» دا «نىڭروڭكۇ» دەپ ئاتالغان بېزەكلىك تاشكېمىرلىرى  ئاساسەن قۇجۇ ئۇيغۇرخانلىقى دەۋىرى بۇددىزىمنىڭ مۇھىم تارىخى يادىكارلىقى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى.ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قارا شەھەر، كۇچادا تۇرۇشلۇق پانتېكىننىڭ قوماندانى بۆكۆ تېكىننىڭ  تۇرپانغا 866-يىلى يۈرۈش قىلىشى بىلەن تارىخ سەھىپىسىگە چىققاندىن تاكى 1275-يىلى قايدۇ، دۇۋا، باشچىلىقىدا 120مىڭ قوشۇن بۇ يەردە قۇبلايخان بىلەن تەخىت ۋارىسلىقىنى تالىشىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان مىسلىسىز قانلىق، ۋەششىيانە ئۇرۇش تۈپەيلى ئەڭ ئاخىرقى ئېدىقۇت قوشقارتېكىننىڭ جەڭدە ھالاك بولۇشى بىلەن تەڭلا ئاخىرلاشتى. 4 ئەسىردىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇددىزىم ، مەيلى سەنئەت، مەيلى نوم-سوتىرا تەرجىمىچىلكى جەھەتتىن بولسۇن يىتەرلىك گۈللەندى. 984-يىلى سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىسى ۋاڭ يەندى ئىدىقۇتقا كەلگەندە، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدائۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقچىلىرىدىن ياغما، قارلۇق، بارمان، ئۇرۇنغۇ، چىگىل، گىت قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن، دېمەك بۇ دەۋىردىكى بۇددامەدەنيىتى، بۇددا سەنئىتى كۆپ خىللىققا، سەرخىللىققا ئىگە بولۇشىنى بەلگىلىگەن،ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شەكىللىنىشى يالغۇز تۇرپان رايوندىلا ئەمەس، قاراشەھەر- كۈسەندىمۇ ماھايانا بۇددىزىمىنىڭ يېڭى ئۈستۈنلىكىنى تىكلەشتە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ رايونلاردىكى قۇمتۇرا تاشكېمىرى، قارا شەھەر خان خورا تېغىدىكى شەرقىي غولغا ئويۇلغان تاشكېمىرلار، بىر قاتار كېسەكتىن بىنا قىلىنغان «مىڭئۆي»لەرمۇ ماھايانامەزمۇنلىرى بىلەن بېيتىلغان. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى مەيلى يۈەن سۇلالىسىغىچە بولغان ئۈچ يېرىم ئەسىر (866-1209) ئىچىدە بولسۇن، مەيلى بارچۇق ئارتتېكىننىڭ چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىشىدىن تاكى بۇ خانلىقنىڭ ھالاك بولىشىغىچە 75 يىل جەريانىدا بولسۇن، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىمىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزىي بولغان.دېمەك مۇشۇ دەۋىردىكى بۇددىزىم مەدەنيىتى غەرىبىي يۇرت مەدەنىيەت سەھنىسىدىكى يورۇق يۇلتۇز، ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىش، قۇبۇل قىلىشلارنىڭ،مىللىي مەدەنيەتنىڭ مەڭڭۈلۈك تارىخى يالدامىسى ھېسابلىندۇ، بۇ دەۋىردىكى بۇددامەدەنيىتىنىڭ، بوددىزىم سەنئىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىدىمۇ مۇھىم ئورۇننى تۇتالىشىدىكى سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ باقساق يوقۇرقى خۇلاسىگە كېلىمىز، تۇرپان،جۈملىدىن شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى، شەرىق غەرىب مەدەنيىتىنىڭ ئالمىشىش مەنزىلى، كۆپ خىل مەدەنىيەت بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشالايدىغان مەدەنىيەت پونكىتى، بۇ جايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى شۇ جايدىكى يەرلىك مەدەنىيەتكە مۇجەسسەملەنگەن ، يەنە كېلىپ شىنجاڭ رايونىدىكى خەلىقلەر ھەرقايسى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىش جەريانىدا ئۆزىگە خاس بولغان دىننى مەدەنىيەت، ئۆزتۇرمۇشىغا يارىشا مىللىي مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلغان، شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ ھاۋا كېلىماتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇ جايدا، يايلاق، يەنى چارۋىچىلىق،تېرىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاچقا، مەدەنىيەتنىڭ سەرخىللىقىنى، ياكى مەدەنىيەت ئەكس ئەتتۈرگەن مەزموننىڭ موللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پايدىلانمىلار: غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى   ئابدۇشۇكۈرمۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998-يىلى8-ئاي1-نەشىرى
ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيتى ئىسمايىل تۆمۈر  شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى  1998-يىلى 12- ئاي 1-نەشىرى
ليۇزىشاۋ ئۇيغۇر تارىخى بىرىنچى قىسىم مىللەتلەر نەشىرىياتى 1987-يىلى
تۇرپان يادىكارلىقلىرى ئابلىم قېييۇم  شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2001-يىلى 1-ئاي 1-نەشىرى
ئۇيغۇرلارشەرىقتە ۋە غەرىبتە   غەيرەتجان ئوسمان  شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى  2002-يىلى 3-ئاي 1- نەشىرى
ئۇيغۇربىناكارلىق تارىخى  ئالىمجان مەخسوت،ئابدۇشۇكۈر مەخسوت  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2000-يىلى 12-ئاي 1- نەشىرى

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3820
توردىكى ۋاقتى: 740
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 00:44:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مومكىن بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىركى تارىخى توغورلوق يەنىمۇ كۆپلەپ مەلۇمان بەرگەن بولسىڭىز .
ئىسلامىيەتتىن بۇيان قاراخانىلاردىن باشقا شانلىق تارىخ يوق دىيەرلىك.يەنى بۇ مىڭ يىل جەريانىدا پەقەت قاراخانىلاردىن باشقا سەلتەنەتلىك ،شاھانە تارىخ بولمايلا قالماستىن ئاستا -ئاستا داۋاملىق ئاجىزلىشىپ ئاخىر زىيادە نىمجان توپقا ئايلىنايلا دەپ قالدوق .
مومكىن بولسا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىركى ئۇيغۇرلار تارىخى توغورلوق ئۆزىڭىز ئىزدەنگىنىڭىز بويىچە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6466
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 11:16:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇچۇ خانلىقىنىڭ شانلىق دەۋرىنى ئىدىقۇت قەدىمى شەھىرىنىڭ ئىزنالىرىدىن كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس !  ھازىرمۇ قەدىمى شەھەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بۆلىكى دەل بۇدخانا ، يەرلىكلەر ئۇ يەرنى چىن تەخسە دەپ قويىدۇ !  بىر قاراپلا ئۇ يەردە ئەسلىدە نۇرغۇنلىغان بۇدلارنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ ، شۈئەنزاڭمۇ دەل مۇشۇ يەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنمىش .

0

تېما

2

دوست

5663

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11691
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 445
تۆھپە : 1388
توردىكى ۋاقتى: 344
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 19:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-17 00:44
مومكىن بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىركى تار ...

ئۇنداق ئەمەس. سەئىدىيە خانلىقى بار. سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە يەنە بىر قېتىم گۈللەندۇق. ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشى سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە باشلانغان بولسا سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە تاماملاندى.

0

تېما

0

دوست

111

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15386
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 22:18:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.744-يىلى ئۇيغۇرلار تۈرۈكلەرھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ«ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى»،ھالبوكى «ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى» ئاران بىر ئەسىر مەۋجۈت بولۇپ تۇرالىدى....      
«ئاران بىرئەسىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان» قاغانلىق تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان!!!!!!

0

تېما

1

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 12:55:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك يازمىكەن .. رەخمەت سىز گە...

0

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23214
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 19:40:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئۆز تارىخىمىزغا مۇناسىۋەتلىك تارىخلارنى كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىزدىنىپ بىرلىكتە ئۆگەنسەك. يازمىڭىزغا رەھمەت.

2

تېما

37

دوست

4958

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1559
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-13 22:50:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچ كىم ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ چەتكە قېقىلىشىنى خالىمايدۇ.
ئەمما بىز  ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى مەدەنىيەتلىرىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك.
چۈنكى، جەنابىي ئاللاھ : «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەق دىن ئىسلام دىنى» دەپ باشقا دىنلارغا ئېسىلىۋېلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىگىنى ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتىن ، بۇ ئاساسىي يۆنۈلۈشتىن ئۆزىمىزنى چەتتە تۇتۇپ،  سۆزلەپ يۈرۈپ  ۋاختىمىزنى ئىسراپ قىلىشنىڭ پايدىسى يوق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )