قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 820|ئىنكاس: 4

تارىخىي ئاتالغۇلار ۋە تەرەقىيات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

165

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23110
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 18:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تارىخىي ئاتالغۇلار ۋە تەرەققىيات

    1976- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نىڭ تارمار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. پارتىيە ۋە خەلق ئون يىللىق ئەگرى- توقاي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىرى لىن بياۋ، جياڭ چىڭ باشچىلىقىدىكى ئىككى ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن ئىبارەت بۇ بالايى- ئاپەتنى ئاخىرلاشتۇردى.
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، 30 نەچچە يىللىق مۇساپىنى ئەسلىسەك، جۇڭگودا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ30 نەچچە  يىلدىكى ئۆزگىرىش، شۇنىڭدەك ئۆزگىرىشتىكى سۈرئەت دۇنيا جامائەتچىلىكىنى تاڭ قالدۇرىدۇ، ھەتتا ئۆزىمىز ھەيران قالىمىز!
30 نەچچە يىللىق دەۋر ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھەرقايسى كەسىپ- ساھەلەردە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بۇ ئارىلىقتا نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىش، يېڭى ئېقىم، يېڭى ئۇقۇملار بارلىققا كەلدى. يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىش- ھادىسىلەر بىزنىڭ دەۋرىمىزگە، پۈتكۈل جۇڭگو جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ تۇرمۇشىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئاتا قىلدى. زور تەسىرگە ئىگە بولغان بۇ ئىش- ھادىسىلەرنىڭ بىر قىسمى شاللىنىپ قالغان، يوقىلىۋاتقان، يەنە بىرقىسمى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ھەممىسىلا تارىخ سەھىپىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالىدۇ...
     شەك- شۈبھىسىزكى، يەنە 30 يىلدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. يەنە نۇرغۇن يېڭى ئىش- ھادىسىلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ۋەھالەنكى، مەيلى قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز تېخىمۇ ياخشى شارائىتلارغا ئېرىشىمىز، چۈنكى يېپ- يېڭى بىر دەۋرنى كۈتۈۋالدۇق، ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆز ئىلكىمىزدە تۇتۇپ تۇرىدىغان دەۋرگە قەدەم قويدۇق.
1. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى

   1977- يىلى جۇڭگودا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چۈمپەردىسى ئېچىلدى. ئون يىللىق مالىمانچىلىق مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ مائارىپى ھالاكەت يولىغا ماڭغانىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى بىلەن تەركىب نەزەرىيىسى بىكار قىلىنىپ، ياشلار باراۋەر ھالدا ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شۇندىن ئېتىبارەن تۈركۈم- تۈركۈم ياشلار ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولدى ۋە ئىلاھات، ئېچىۋېتىش ھەرىكىتىنىڭ زاپاش قوشۇنىنى شەكىللەندۈردى.

2. 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىن

   1978- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىن جۇڭگونىڭ ئىستىقبالىنى، تەقدىرىنى ۋە يۆلىنىشىنى بېكىتكەن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولۇپ، پارتىيىنىڭ ماركىسىزمنىڭ ئىدىيە يۆنىلىشى، سىياسىي يۆنىلىشى ۋە تەشكىلىي يۆنىلىشىنى قايتىدىن مۇقىملاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ يادرولۇقىدىكى 2- ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

3. فېڭياڭدىكى شياۋگاڭلىقلار

   1978- يىلى 12- ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيىسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىدىكى 18 دېھقان ئەنئەنىۋىي بارماق ئىزىنى ئاساس قىلىش شەكلى ئارقىلىق كوللېكتىپقا تەۋە يەرلەرنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىشنى مەخپىي قارا قىلىپ، دۆلەت ۋە كوللېكتىپقا مەلۇم نىسبەتتە غەللە- پاراق تاپشۇرغاندىن كېيىن، قالغان كىرىمنى ئۆزلىرى ئېلىپ قالدى. كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ نەپكە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇسۇلى رەھبەرلىك ئورنىغا قايتىپ كەلگەن، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى» دەپ نام ئالغان دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشتى. شياۋگاڭلىقلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىكى جۇڭگو يېزىلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇقەددىمە كۈيىنى بارلىققا كەلتۈردى.
    ئەينى چاغدا 18 دېھقاننىڭ قولى بېسىلغان «يەر ئاستى توختامى» ھازىرغىچە قىممەتلىك تارىخىي ئاسارە- ئەتىقە سۈپىتىدە بېيجىڭ دۆلەتلىك مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. 1984- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، جۇڭگودىكى بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىدە يەرلەرنى مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. بۇ ئىسلاھات جۇڭگو يېزىلىرىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئاتا قىلدى: دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى ئون نەچچە ھەسسە ئاشتى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەمچىل بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى، دېھقانلارنىڭ ئىدىيە- نۇقتىئىنەزەرىدە ۋە روھىي ھالىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولدى.
4. ئالاھىدە رايون

    1979- يىل 1- ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شېكودا ئېكسپورت سانائەت رايونى قۇرۇشنى، يېرىم يىلدىن كېيىن شېنجېن، جۇخەي، شەنتو، شيامىن قاتارلىق جايلاردا «ئېكىسپورت ئالاھىدە رايونى» تەسسىس قىلىشنى قارار قىلدى. 1980- يىل 5- ئايدا «ئېكىسپورت ئالاھىدە رايونى» دېگەن نام «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون» غا ئۆزگەرتىلدى. مول ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئىشتىن باشلاپ شېنجېن كىچىك بىر ناھىيە بازىرىدىن زامانىۋىي شەھەرگە ئۆزگەتدى ھەمدە بىر مەزگىلدىن كېيىن جۇڭگودىكى ئەڭ مۇھىم شەھەر- ئىقتىسادىي كۆز قارىشى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك تۆھپىسى شۇكى، ئۇ مول سىناقچانلىققا ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە. ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەرەققىيات تارىخ بىر شەھەرنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىيات تارىخىغا ئوخشىمايدۇ.
5. ھاللىق سەۋىيىگە يۈرۈش قىلىش
      1979- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى دېڭ شياۋپىڭ ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى داپىڭ جېڭفاڭ بىلەن كۆرۈشكەندە «ھاللىق سەۋىيە» دېگەن سۆز ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئۇقۇمىنى شەرھىيلەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز تۆتنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بۇ جۇڭگوچە زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئۇقۇمى سىلەردىكى زامانىۋىيلاشتۇرۇش بولىدۇ. بىزدىكى تۆتنى زامانىيلاشتۇرۇش ئۇقۇمى سىلەردىكى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئۇقۇمىغا ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز «ھاللىق ئائىلە» دۇر. مۇشۇ كەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگونىڭ تۆتنى زامانىيلاشتۇرۇش قەدىمى مەلۇم نىشانغا يەتكۈزۈلىدۇ. بىزدە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ كىشى بېشى سەۋىيىسى تېخى ناھايىتى تۆۋەن. 3- دۇنيا ئەللىرىدىكى بىرقەدەر باياشات دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. مەسىلەن: خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى كىشى بېشىغا 1000 .امېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو شۇ سەۋىيىگە يەتكەندە يەنىلا ھاللىق سەۋىيە ھالىتىدە بولىدۇ». 1984- يىلى ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ھاللىق سەۋىيە دېگىنىمىز، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى كىشى بېشىغا 800 ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدۇ». يېڭى ئەسىر باشلانغاندىن كېيىن، پارتىيىنىڭ 16- قۇرۇلتيىدا ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق سەۋىيىدىكى جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھاللىق سەۋىيىدىن ئومۇمىي جەھەتتىكى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈچە بولغان 20 يىل جەريانىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىختىكى ئۇلۇغۋار ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

6. ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار

    70- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە «ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار» دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەر توپى پەيدا بولدى. ئۇلار ئاساسەن 20 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى ياشلار بولۇپ، بەزىلىرى سىياسەت بويىچە ئىدارە- ئورۇنلارغا كىرەلمىگەنلەر، بەزىلىرى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي ۋاقتىنچە ئائىلىسىدە تۇرۇپ قالغان ئىدى. ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ خىزمىتى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى يېڭىلىققا قىزىقاتتى. ئۇزۇن چاچ قوياتتى، قارا كۆزئەينەك تاقايتتى، كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان كىيەتتى. كىشىلەر ئۇلارنى «غەيرىلەر» دەپ ئاتايتتى. يېقىنقى يىللاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ھەتتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىمۇ تەس بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدە تۇرۇپ قالغان ياكى سىرتلاردا «سەرگەردان» بولۇپ يۈرىدىغان يەنە بىر تۈركۈم ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار توپى شەكىللەندى. ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.

7. يەككە تىجارەتچى

   1952- يىلى ئېلىمىزدە 7 مىليون 500 مىڭ يەككە تىجارەتچى بار ئىدى. 1979- يىلى جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈم يەككە تىجارەتچىلەر بارلىققا كەلدى. شۇ يىلى مەملىكەت تىجارەتچىلەر بارلىققا كەلدى. شۇ يىلى مەملىكەت بويىچە ئىجازەت ئېلىپ تىجارەتكە كىرىشكەن يەككە تىجارەتچىلەر 100 مىڭ ئىدى، 1981- يىلنىڭ ئاخىرىدا 1 مىليون 10 مىڭ كىشىگە يەتتى. شۇ يىللاردا يەككە تىجارەتچىلەر «ھايانكەش» دېيىلەتتى. ئەينى چاغدا يەككە تىجارەتچىلىك ياخشى كەسىپ ھېسابلانمايتتى، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ لايىق تېپىشىمۇ تەس ئىدى.

8. تاشقى پېرېۋوت زايومى

   1980- يىلى تاشقى پېرېۋوت زايومى تارقىتىلىشقا باشلىدى. تاۋار كەمچىل مەزگىللەردە چەت ئەللىكلەر بەلگىلەپ بېرىلەەن ماگېزىنلاردا ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىنى تاشقى پېرېۋوت زايومىغا تېگىشىپ خەلق پۇلىغا ئالغىلى بولمايدىغان تاۋارلارنى سېتىۋالاتتى. كېيىن تاۋارلار ئاۋاتلاشقاندا خەلق پۇلىغا ھەرقانداق نەرسىنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. تاشقى پېرېۋوت زايومى 1995- يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى. ھازىر ئەينى يىللاردىكى تاشقى پېرېۋوت زايومىنى بىر قىسىم كىشىلەر سېتىۋېلىپ ساقلاۋاتىدۇ.

9. بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش

  تاۋارلارنىڭ كۆپ بولغىنى ياخىش ئەھۋال، ئەمما نوپۇس كۆپ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. 1980- يىلى «بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش» تىن ئىبارەت پىلانلىق تۇغۇتنى ئاساس قىلغان ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى يولغا قويۇلدى. 1998- يىلى ئالىي ئۆتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى يالغۇز پەرزەنتلەردۇر. تا ھازىرغىچە بۇ سىياسەتنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى ھەتتا ئىنسانىيەتكە قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تېخىچە ئومۇمىيۈزلۈك تونۇپ يەتمىدۇق. بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇش ئەينى ۋاقىتتا «جاھاندىكى ئەڭ قىيىن ئىش» ھېسابلاندى.
10. فەن شياۋ
    1980- يىلى «فەن شياۋ» ئىسىملىك بىرەيلەن «جۇڭگو ياشلىرى» ژۇرنىلىدا «ھايات يولى نېمانچە تارىيىپ كەتتى» دېگەن ماۋزۇدا ماقالا ئېلان قىلدى. بۇ ماقالا سەۋەبلىك ھاياتنىڭ قىممىتى، دۇنيا قاراش خۇسۇسىدا مەملىكەت خاراكتېرلىك بەش- مۇنازىرە قوزغالدى. بۇ مۇنازىرە ماھىيەتتە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى كىشىلىك قاراش نۇقتىنەزەرىگە قارمۇ- قارشى ئويلىنىش ئىدى. بۇ مۇنازىرىدىن كىشىلەر ئۆزلىرى ئىشەنگەن ۋە ئىنتىلگەن غايە بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرقنىڭ بارلىقىنى، ھايات مۇساپىسىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى، ھاياتلىق نىشانلىرىنىڭ مۇقىم بولمايدىغانلىقىنى چۆچۈش ئىچىدە تونۇپ يەتتى. «فەن شياۋ» ماقالىسىدە مۇنداق سۇئاللارنى قويغان: «ھاياتنىڭ مەقسىتى نېمە؟»، «ئادەمنىڭ ماھىيىتى شەخسىيەتچىلىكمۇ؟»، «سۇبيېكتىپ— ئۇ، ئوبيېكت— باشقىلار دەيدىغان ھاياتلىق ئەقىدىسى توغرىمۇ- خاتا؟». بۇلار ھازىر ئادەتتىكى مەسىلىلەر بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى.
11. مودېل
   1980- يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ دۆەلت ئىچىدىكى تۇنجى كىيىم- كېچەك ئويۇن قويۇش ئەترىتى شاڭخەيدە رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ دۆلەت ئىچىدە مودېل كەسىپنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدىغنا ئىش ئىدى، شۇنداقلا «مودېل» ئۇقۇمنىڭ ئەندىزىسى ئىدى. 1984- يىلى بېيجىڭ كىيىم- كېچەك ئويۇن قويۇش ئەترىتى قۇرۇلماقچى بولدى، ئەمما ئەينى چاغدا مودېللار مەدەنىي تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمئىيەت سەھنىسىدە كۆرۈلگەندە پادىچىلار ئىشتىنى، بۈدرە چاچ جۇڭگودا باش كۆتۈرگەندەك غەلىتە تۇيۇلدى. شۇڭا ئۇ چاغدىكى مودېللار «ياۋايى» دەپ ئاتالدى، «ياۋايى» لار سەھنىدە ئويۇن قويغاندا تۆۋەندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى مازاق قىلاتتى، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر مودېللىقنى جىمىتلا قوبۇل قىلدى.
12. سۇغۇرتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

   سۇغۇرتا دېگەن نېمە؟ بىر مەشھۇر ئەربابنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۈگۈن ئەتىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش، ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈمنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش، بالىلار چوڭ بولۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش... تۇر. 1980- يىلى جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتى ئەسلىگە كېلىپ، دۆلەت ئىچىدە سۇغۇرتا كەسپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ ھال بىر شىركەتنىڭ ھالاك بولۇشى، يەنە بىر ئاڭنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن بىشارەت بەردى. پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇسىغا دۆلەت كېپىل ئىدى. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ يېمەك- ئىچمىكى، ئۆي- ماكانى بىلەن ئانچە ھېسابلاشمايدىغان بولدى. شۇندىن باشلاپ سۇغۇرتا ئۇقۇمى ئاستا- ئاستا كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. يېقىنقى يىللاردا سۇغۇرتىغا بولغان چۈشەنچە چوڭقۇرلاشتى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ سۇغۇرتا كەسپى تېز تەرەققىي قىلىش دەۋرىگە كىردى.
13. ئۈچ بۇيۇم

   ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا بىر توپ كىشىلەرنىڭ بىر كىچىك تېلېۋىزورنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولاتتى. بۇ چاغدا كىمنىڭ ئۆيدە رەڭسىز تېلېۋىزور بولسا ھەممە ئادەم ئۇلارغا ھەۋەس قىلاتتى. رەڭسىز تېلېۋىزور، كىرئالغۇ، رادىئولۇق ئۈنئالغۇدىن ئىبارەت بۇ «ئۈچ بۇيۇم» سائەت، ۋېلىسىپىت، رادىئودىن ئىبارەت كونا «ئۈچ بۇيۇم» نىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. كېيىنچە «ئۈچ بۇيۇم» رەڭلىك تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، سىنقويغۇ ئاپپاراتىدىن تەركىب تاپتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا تېلېفون، كومپيۇتېر، ھاۋا تەڭشىگۈچ «ئۈچ بۇيۇم» غا يېڭى مەزمۇن قوشتى. يېڭى ئەسىر باشلانغاندىن كېيىن پىكاپ، تۇرالغۇ ئۆي، پەرزەنت تەربىيەسى كىشىلەر ئىنتىلىدىغان «يېڭى ئۈچ بۇيۇم» بولۇپ قالدى.

14. يۈلۇجىن ئاجرىشىش دېلوسى

    1981- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولغان يېڭى «نىكاھ قانۇنى» يولغا قويۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي يۈز بەرگەن «يۈلۇجىن ئاجرىشىش دېلوسى» نىكاھ قارىشىدىكى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يۈلۇجىن ئاكىسى يۈلۇكېغا ئوخشاش ئىلگىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزەرىدە ياخشى ئادەم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئاجرىشىش مەسىلىسىگە ئائىت تالاش- تارتىشلارغا جەڭ ئېلان قىلدى. تىراژى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان ئىككى ژۇرنال يۈلۇجىننىڭ خاھىشىغا مايىل بەش- مۇنازىرە جۇڭگولۇقلار (ئاساسلىقى خەنزۇلار) نىڭ نىكاھ قارىشىنى يېڭىلىدى. ھازىر ئەر- خوتۇن ئىككەيلەن ئاجرىشىشقا قوشۇلسىلا ئۇدۇل نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملاش ئورنىغا بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيىتى ئۆتىسە بولۇۋېرىدىغان بولدى. زۆرۈر بولمىسا سوت مەھكىمىسىگە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.

15. دېڭ لىجۈن

   چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تاماشىبىنلارغا نىسبەتەن دېڭ لىجۈن دېگەن ئىسىم ئالاھىدە مەناغا ئىگە. جۇڭگودا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن دەسلەپكى يىللاردا ئۇنىڭ ناخشىسى سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئۇزاقتىن داۋاملىشىپ كەلگەن قۇرغاق مەدەنىي تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات قۇشلىرىنى كۆڭۈل ئالەملىرىدە پەرۋاز قىلدۇردى. دېڭ لىجۈننىڭ ئويناق ناخشىلىرى قەلبى جاھارەتلەنگەن نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ غايىۋىي ئىنتىلىشلىرىگە داغدام يول ئېچىپ بەردى.

16. توفۇ ئىمتىھانى

   1981- يىلى گوۋۇيۈەن «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھەققىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە» نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن توفۇ ئىمتىھانى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا يول ئېچىلدى ۋە چەتئەلدە ئوقۇش دولقۇنى ۋە توفۇ ئىمتىھانى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چەتئەلدە ئوقۇدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.

17. دۆلەت خەزىنە چېكى

    1981- يىلى دۆلىتىمىز دۆلەت خەزىنە چېكىنى تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ دۆلەت خەلقتىن پۇل قەرز ئېلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالار بۇنىڭغا ئادەتلىنەلمىدى. ئەينى چاغدا ئىدارىلەرگە تەقسىم قىلىندى، شەخسلەر ئىختىيارلىقى بىلەن سېتىۋالسا بولىدۇ دېيىلىدى. ئەڭ تۆۋەن سوممىسى 10 يۈەن، يۇقىرىسى 100 يۈەن بولدى.
18. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋەزىپە ئۆتىشى چەكلەندى
   1982- يىلى ج ك پ «پىشقەدەم كاىرلارنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىش تۈزۈمى ھەققىدىكى قارار» نى ئېلان قىلدى. قاراردا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىگە چەك قويۇلدى ھەمدە ئۆلگىچە ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ئاساسىي قانۇن» نىڭ مۇشۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلىرىگىمۇ مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.
  ج ك پ مۇنۇلارنى بەلگىلىدى: مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 1- قول ۋەزىپىدىكى كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىش يېشى 65 ياشتىن، 2- قول ۋەزىپىدىكىلەرنىڭ 60 ياشتىن ئاشمايدۇ. ئۇلار دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ئاساسىي سىياسىي تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ. 11- ئاينىڭ 26- كۈنى «ئاساسىي قانۇن» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىدە مۇنداق بەلگىلەندى: دۆلەت رەئىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت زۇڭلىسى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار ئۇدا ئىككى قارار (10 يىل) ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇلمايدۇ.
19. شتاتنى ساقلاپ قېلىپ خىزمەتتىن چېكىنىش

  «شتاتنى ساقلاپ قېلىپ خىزمەتتىن چېكىنىش» دېگەن ئاتالغۇ 80- يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە بارلىققا كەلەەن. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا تۇرۇاتقان بولغاچقا، دۆلەت «شتاتنى ساقلاپ قېلىپ خىزمەتتىن چېكىنىش» (مائاشتىن كېچىش) ھەققىدە بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقتى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت: خىزمەتتىكى ئىشچى- خىزمەتمەتچىلەرنى باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش. نۇرغۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشەنچىسى تولۇق بولماي، گاڭگىراش تۇيغۇسىدا بولغاچقا «شتاتنى ساقلاپ قېلىپ خىزمەتتىن چېكىنىش» بىر خىل ھوقۇق- مەنپەئەتنى ساقلاپ قېلىش چارىسى بولغانىدى. شتاتنى ساقالش قېلىش چارىسى بولغانىدى. شتاتنى ساقلاپ قېلىپ خىزمەتتىن چېكىنىش» پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈش ئارىلىقىدىكى بۇرۇلۇشنىڭ مەھسۇلى.

20. قاتتىق زەربە بېرىش

  1983- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى جۇڭگودا بىر يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلىدىغان تۈرلۈك ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرىگە قاتتىق ۋە تېز زەربە بېرىش كۈرىشى باشلاندى. بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغىنى بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن «16- ئىيۇن» دېلوسى ئىدى. بۇ دېلودا سەككىز جىنايەتچى ئون نەچچە سائەتتە 27 نەپەر بىگۇناھ كىشىنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. بۇ 27 كىشىنىڭ بىرى 75 ياشلىق بوۋاي، بىرى ئىككى ياشلىق بوۋاق، 19 ئەر، سەككىز ئايال ئىدى. ئاياللار باسقۇنچىلىققا، نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇچرىغانىدى. قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى باشلىنىپ، 1984- يىلى 9- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ج خ ئپورگانلىرى مەملىكەت بويىچە 10 مىليون 270 مىڭ جىنايەتچى (ھازىر جىنايەت گۇماندارى دېيىلىدىغان بولدى) نى قولغا ئالدى.

21. گۇڭشېنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يېزا قۇرۇش

   80- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 20 نەچچە يىل ئېسىلىپ كەلگەن «خەلق گۇڭشېسى» دېگەن ۋېۋىسكا ئېلىۋېتىلىپ، ئورنىغا «يېزىلىق ھۆكۈمەت» دېگەن ۋېۋىسكا ئېسىلدى. خەلق گۇڭشېسىنىڭ تۈزۈلمىسى يېزا ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلىشالمىغاچقا، مەركەز 1982- يىلى خەلق گۇڭشېسى تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىغا يېزىلىق ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ دەسسىتىشنى قارار قىلدى. گۇڭشېنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يېزا قۇرۇش خىزمىتى 1983- يىلى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. 1985- يىلى ئاخىرلاشتى. گۇڭشېنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يېزا قۇرۇش خىزمىتى داۋامىدا ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى، بولۇپمۇ سودا- سانائەت جەھەتتە تەرەققىي قىلغان جايلاردا بازار (بازارلىق ھۆكۈمەت) قۇرۇلدى. ئۈچ يىل داۋاملاشقان «گۇڭشېنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يېزا قۇرۇش» خىزمىتى داۋامىدا 56 مىڭ گۇڭشې 92 مىڭ يېزا- بازارغا ئۆزگەرتىلدى.

22. «15- مارت»




   خەلقئارا ئىستېمالچىلار بىرلەشمىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش تەشۋىقاتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغاپ دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئىستېمالچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە بېرىش- كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن 1983- يىل ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىنى «خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتى كۈنى» قىلىپ بېكىتتى. شۇندىن باشلاپ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىستېمالچىلار تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىستېمالچىلار قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ غايەت زور كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلدى.

23. كىملىك

   1984- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى گوۋۇيۈەن پۇقرالار ئارىسىدا كىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. شۇندىن باشلاپ ئېلىمىز پۇقرالارنىڭ كىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ نوپۇس ئىسپاتىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يۆتكىلىشى، سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىشىگە ئاسانلىق تۇغۇلدى. بۇ تۈزۈم بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ناھايىتى ماس كەلدى. 1999- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەملىكەت دائىرىسىدە پۇقرالار كىملىكى ۋاكالىتەن نومۇرى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ھەربىر پۇقراغا تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنىدىن باشلانغان ئۆزىگىلا خاس ھەم ئۆلگىچە ئۆزگەرمەيدىغان ۋاكالەت نومۇرى بېكىتىلدى.

24. ھايانكەشلىك

   گوۋۇيۈەن 1983- يىل 3- ئاينىڭ 13- كۈنى مۇنداق بىر چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى: مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ۋە كەمچىل ئىستېمال بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپىنى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلارلا باشقۇرىدۇ. قولدىن قولغا ئۆتكەندە باھا چاپلاشقا، پىلانلىق تەمىنلەش بېلىتىنى ھاينىغا سېتىشقا، ئۆز ئالدىغا باھانى ئۆستۈرۈشكە ھەرقانداق شەكىلدىكى نورمىدىن ئاشۇرۇپ كىرىم قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. ھايانكەشلىككە قاتتىق قارشى تۇرۇلىدۇ... ھازىر «ھايانكەش» دېگەن گەپ ئاساسەن ئاڭلانمايدىغان بولدى.

25. كارتا

   1978- يىلى جۇڭگو بانكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شۆبىسى شياڭگاڭ شەرقىي ئاسىيا بانكىسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، چەتئەل كارتىسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، چەتئەل كارتىسى كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىردى. بۇنىڭ بىلەن قەرز كارتىسى جۇڭگو بازىرىغا كىردى. 1985- يىلى 3- ئايدا جۇڭگو بانكىسىنىڭ جۇجياڭ شۆبىسى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى خەلق پۇلى كارتىسى بولغان «جۇجياڭ» كارتىسىنى تارقاتتى. 1986- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو بانكىسىنىڭ بېيجىڭ شۆبىسى «سەددىچىن سېپىلى» كارتىسىنى تارقاتتى. شۇ يىلى 10- ئايدا جۇڭگو باش بانكىسى «سەددىچىن سېپىلى» كارتىسىنى ئېلىمىزنىڭ بانكا سىستېمىسىدا ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىغان كارتا ماركىسى تارقىلىشنى قارار قىلىپ ھەرقايسى بانكىلارغا تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگودىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك كارتا ماركىسى رەسمىي بارلىققا كەلدى. ھازىر جۇۇڭگو پۇقرالىرى «كارتا ئىستېمالى» غا ئادەتلەندى. كارتا بىلەن نورمال باھادىكى تاۋارلارنى سېتىۋالىدىغان بولدى. ئىستېمال كارتىلىرىنىڭ تۈرى كۆپەيدى، «كاتىلىق تۇرمۇش» ئومۇملاشقان ئىستېمال يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى.

26. كەڭ كۆلەمدە ئەسكەر قىسقارتىش

   1985- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى مەركەزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، دېڭ شياۋپىڭ ھەيران قالارلىق بىر ئىش- كەڭ كۆلەمدە ئەسكەر قىسقارتىش خىيالىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسكەر قىسقارتىش بىر قىسىم كىشىلەرگە زىيان بولىدىغان ئىش. زىياننى مەن تارتاي، زىددىيەتنى يېڭى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا دۆڭگەپ قويمايلى.
شۇنداق قىلىپ ئېلىمىز ھۆكۈمىتى 1 مىليون ئەسكەرنى قىسقارتىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ سان جۇڭگو ئارمىيىسىدىكى ئادەم سانىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. 11 چوڭ ھەربىي رايون 7 گە قىسقارتىلدى. ئەسكەر قىسقارتىشقا ئاساسلىقى خادىملار قىسقارتىلدى، ئەمما ئىچكى قۇرۇلمىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. كېيىنچە ئەسكەر قىسقارتىش ئاساسىدا ھەربىي قوشۇنلار تۈزۈلمىسى قايتىدىن تەشكىللەندى. بولۇپمۇ قۇرۇلۇق قىسىم، جۈن دەرىجىلىك قىسىملار بىرلەشمە قوشۇن قىلىندى. ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ سانى تۇنجى قېتىم پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ سانىدىن ئاشتى.

27. «تۆمۈر تاۋاق» نى چېقىش

   1986- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى گوۋۇيۈەن ئەمگەك تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلدى. بۇ قارار دۆلەت كارخانىلىرىغا ئىشچى قوبۇل قىلىش، ئىش كۈتۈپ تۇرۇش سوغۇرتىسى، ئەمگەك توختامى تۈزۈمى ۋە خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىش قاتارلىقلارغا چېتىشلىق بولۇپ، شۇ كۈندىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان ئىشچىلار «تۆمۈر تاۋاق» تىزىمىگە كىرگۈزۈلمەيدىغان بولدى. بۇنىڭ ئورنىغا بىردەك ئەمگەك توختامى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. 30 يىل داۋاملاشقان ئەمگەك بىلەن مائاش باغلانغان مۇناسىۋەت، يەنى «تۆمۈر تاۋاق» تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن «ئىشتىن قېلىش» دېگەن ئاتالغۇمۇ پەيدا بولدى.

28. لاتارىيە

   1987- يىلدىن باشلاپ لاتارىيە بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر بىردەمنىڭ ئىچىدىلا مىليونېر، مىليادىرغا ئايلاندى. لاتارىيە نۇرغۇن ئادەمنى قىزىقتۇردى. ھازىر قىسمەن رايونلاردا لاتارىيە سېتىۋالىدىغانلار شۇ رايون ئاھالىسىنىڭ %50 گە يېقىنلىشىپ قالدى، كەسپىي لاتارىيىچىلەر %5 كە يەتتى.

29. داگېدا

   80- يىللارنىڭ ئاخىرىدا كىشىلەر داگېدا كۆتۈرىۋالغانلارغا ھەۋەس قىلاتتى. 1987- يىلى گۇاڭدۇڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تۇنجى بۆلۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسىپىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن يانفون ئابونتلىرى بارلىققا كەلدى. شۇ يىلى بىر دانە داگېدانىڭ باھاسى 20 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشاتتى، ھازىر يانفون ئادەتتىكى ئالاقە قورالى بولۇپ قالدى.

30. دۆلەت مەمۇرى

   1987- يىلى ئېچىلغان پارتىيىنىڭ 13- قۇرۇلتىيىدا دۆلەت مەمۇرى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى. كېيىنكى يىلى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «دۆلەت مەمۇرى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلىتىش توغرىسىدا قارار» چىقىرىلدى. 1983- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى «دۆلەت مەمۇرى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋاقىتلىق چارىسى» بارلىققا كەلدى. 1998- يىلنىڭ ئاخىرى بۇ تۈزۈم ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتى.

31. ئەيدىز

   1985- يىلى جۇڭگودا تۇنجى ئەيدىز كېسىلى بايقالدى. 1989- يىلى ئېلىمىز پۇقرالىرى ئىچىدە تۇنجى ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالدى. ھازىر جۇڭگودا 840 مىڭ كىشى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملاندى. ئەيدىز ئابغرىقلىرى 80 مىڭغا يەتتى. ئەيدىز كېسەللىرى يىلىغا %30 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر كۈچلۈك تەدىر قوللىنىلمىسا، 2010- يىلىغا بارغاندا جۇڭگودىكى ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 10 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ دېدى. دۇنيا سەھىيە تەۈشكىلاتى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىنى «دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.

32. تېز سۈرئەتلىك تاشيول

   1988- يىلى 10- ئايدا «لوجىيا» تېز سۈرئەتلىك تاشيولى يۈتۈپ قاتناش باشلاندى. بۇ شاڭخەي ھەتتا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تاشيول بولۇپ قالدى. 15 يىلدا ئېلىمىزنىڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيول خىزمىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ 40 يىللىق تەرەققىيات سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى.

33. جياڭ زېمىن باش شۇجى بولدى

   1989- يىلى 6- ئايدا يولداش جياڭ زېمىن ج ك پ 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى. بۇنىڭ بىلەن ج ك پ نىڭ 3- ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپى بارلىققا كەلدى.

34. خەلق ئىشچىلىرى دولقۇنى

  80- يىللاردىن باشلاپ سىرتلارغا تۈركۈملەپ چىقىپ ئىش ئىزدەش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، ئاشلىق باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ئېتىز بىلەن ھەپىلىشىپ كەلگەن نۇرغۇن دېھقانلار يەردىن كېچىپ باشقىچە تىرىكچىلىك يوللىرىغا مېڭىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن خەلق ئىشچىلىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بۇ «دولقۇن» يىللىرى ئۆرلەپ ماڭدى.

35. ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى

   1990- يىلى 9- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە 11- نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئېلىمىز ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم ساھىپخانلىق قىلغان بۇ قىتئە دەرىجىلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى %60 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

36. چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش

   ئىلگىرى شياڭگاڭغا بېرىپ كېلىش پەخىرلىنەرلىك ئىش ئىدى. ئېلىمىز چەت ئەلگە چىقىش ساياھىتىنى 1990- يىلى رەسمىي باشلىغان، دەسلەپتە سىنگاپور، مالايشىيا، تايلاندقا چىقىشقىلا يول قويۇلغان، كېيىن فىلىپپىن قوشۇلغان. 1997- يىلىغا كەلگەندە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە چىقىشقا يول ئېچىلدى.

37. بەزمىخانا

   1991- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى گۇاڭجۇدا تۇنجى بەزمىخانا ئېچىلدى. ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر بەزمىخانىنى ياخشى سورۇن ئەمەس دەپ قارايتتى. كېيىنچە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئېچىلدى. «خېنىم ئەپەندى» سۆزلىرى قوبۇل قىلىندى.

38. دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبى كۆزدىن كەچۈرۈشى

  1992- يىلى 1- ئايدا دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغنا سۆزىدە ئىدىيىنى ئازاد قىلىش، پائال ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەش، دادىللىق بىلەن سىناق قىلىش، يۈرەكلىك ھالدا قول سېلىپ ئىشلەش دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇنىڭ سۆزى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئىدىيىسىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىدلى.

39. ئاشلىق بېلىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى

   1993- يىلى 40 يىلغا يېقىن ئىشلىتىلگەن ئاشلىق بېلىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

40. قوش دەم ئېلىش كۈنى

    جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ تاكى 90- يىللارنىڭ باشلىرىغىچە ھەپتىدە ئالتە كۈن، كۈندە سەككىز سائەت ئىشلەش تۈزۈمى داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. 1994- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ھەپتىدە بەش كۈن ئىشلەش تۈزۈمى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى. 1995- يىلى 5- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن ئېتىبارەن قوش دەم ئېلىش كۈنى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى.

41. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىش تۈزۈمى

    1996- يىلى ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ھەققى ئېلىش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى. ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئاتا- ئانىلار پۇل غەملەپ بېرىدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇندىن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش خىراجىتىنى دۆلەت ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەنىدى.

42. پاراۋانلىق ئۆي تۈزۈمى بىكار قىلىندى

  1998- يىلى 40 نەچچە يىل داۋاملاشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ئۆي تەقسىملەپ بېرىش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلى تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.
43. ئىنتېرنىت تورى

   بىرسى «19- ئەسىر پويىز ۋە تۆمۈريول دەۋرى، 20- ئەسىر ماشىنا ۋە تېز سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرى بولدى. 21- ئەسىر كومپيۇتېر ۋە تور دەۋرى بولىدۇ» دېگەنىدى. دەرۋەقە، كومپيۇتېر ۋە تور ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى.

44. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»

    2000- يىلى باش شۇجى جياڭ زېمىن «3 كە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

45. ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى قولغا كەلتۈرۈلدى

   2001- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى سامارانچ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

46. ئېلىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىردى

   15 يىللىق جاپالىق سۆھبەت نەتىجىسىدە 2001- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئېچىلغان دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ 4- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇ قارار 12- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو بۇ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ 143- ئەزاسى بولۇپ قالدى.

47. سارس

    2003- يىلى ئەتىيازدا جۇڭگو تۇيۇقسىز كەلگەن سارس ئاپىتىگە ئۇچرىدى. بۇ ئاپەت مەملىكەت خەلقىنى بىر مەھەل ساراسىمىگە سالدى.

48. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى

2003- يىلى 11- ئاديا ئېچىلغان پارتىيە 16- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا «ئادەمنى ئاسا قىلىپ ئومۇمىيۈزلۈك ماسلاشقان، سىجىل تەرەققىيات قارىشىدا ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى» دەپ ئاتالدى.

49. ئىناق جەمئىيەت

  2004- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنى ج ك پ 16- نۆۋەتلىك 4- ئومۇمىي يىغىنىدا «ئومۇمىيۈزلۈك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش» چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
50. دېھقانچىلىق بېجى بىكار قىلىندى

  2005- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 48 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن «دېھقانچىلىق بېجى نىزامى» نى ئاۋازغا قويۇپ بىكار قىلدى. 2006- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز دېھقانچىلىق بېجى يوق دۆلەت بولۇپ قالدى.
51. «11- بەش يىللىق» پىلان
   2006- يىل «11- بەش» يىللىق پىلاننىڭ تۇنجى يىلى.

52. چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريولىدا پويىز قاتنىدى

   2006- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزلىكتە ياسالغان چىڭخەي- شىزاڭ تۆمۈريولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى.
بۇ «چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا بۇرۇلۇش ياسىغان 100 چوڭ ئىش ياكى ئاتالغۇدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2006- يىللىق 9- سانىدا تولۇق ئېلان قىلىنغان. سەھىپە چەكلىمىسى سەۋەبلىك قىسمەن تۈرلەر ۋە مەزمۇنلار تەرجىمە جەريانىدا قىسقارتىلدى، ۋاقىپ بولغايسىزلەر.
ئابلېز ئۆمەر ھاجى تەرجىمىسى

0

تېما

2

دوست

313

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   6.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23176
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 14:01:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى سىياسەتلەنى چۇقۇم ھەم ساقلاپ ھەم بىلۋالساق بولىدىكەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

3753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1132
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 14:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تارىخى قىممىتى بار تىمىكەن بۇ .ئابلىز تەرجىمىڭىزگە رەھمەت.

1

تېما

0

دوست

1272

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9590
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 162
تۆھپە : 299
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 20:47:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 30  نەچچە يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر بولدى، ھازىرقى 50 ياشتىن يۇقۇرى ياشتىكىلەر بۇ ئۆزگۈرۈشنىڭ شاھىدلىرىدۇر .

14

تېما

0

دوست

2086

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-19 10:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمانغا تەشەككۈر !، مۇھىىم بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىپسىز . ئسېل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )