ئوبامانىڭ ئاپتۇمۇبىلى قورغاندەك موستەھكەم
ئامىرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئاپتومۇبىلى يۈك ئاپتۇمۇبىلىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولغاچقا،ئىسمى جىسمىغا لايىق دەرىجىدىن تاشقىرى ئوق ئۆتمەس بىرونىۋىك دىيىشكە بولىدىكەن،بۇ ئاپتۇموبىلنىڭ ئۇزۇنلىقى5.48 مېتىر،ئىگىزلىكى1.78 مېتىر،ئېغىرلىقى6803 كىلوگىرام بولۇپ باھاسى بىر مىليون،500يۈزمىڭ دوللار ئىكەن.
بۇ ئاپتۇموبىلنىڭ ئارقا رەت ئوڭ تەرەپتىكى زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ئورنى بىلەن شوپۇرنىڭ يېنىدىكى دېرىزىلا نەچچە سانتىمېتىر ئېچىلىدىكەن.ئاپتۇموبىل ئەينىكىنىڭ قېلىنلىقى 12 سانتىمېتىر ،شامال توسۇش ئەينىكىنىڭ قېلىنلىقى 15 سانتىمىتىر،ئاپتۇمۇبىل ئىشىكىنىڭ ئېغىرلىقى"بوئىن757'تىپلىق ئايرۇپلان ئىشىكىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ كىلىدىكەن،بۇ ئاپتۇمۇبىل خېمىيىلىك قۇرال قاتارلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىكەن،ھەتتا ئاپتۇماتىك ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان ئىكەن.
بۇ ئاپتۇمۇبىلغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە پىلىمۇت سەپلەنگەن شۇنداقلا جىددى ئەھۋالدا زۇڭتۇڭغا قان بىرىشكە كىرەكلىك بولغان جىددى قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن ئىكەن،سىرىتقى كۆرۈش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن ھالەتتە،شوپۇرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاپتۇمۇبىلغا يەنە رەقەملىك تەسۋىر چۈشۈرۈش سېستىمىسى ئورنىتىلغان،گەرچە ئۇنىڭ ئادەتتىكى سائەتلىك سۈرئىتى100كېلومىتىر بولسىمۇبىراق خەتەرلىك پەيتتە سۈرئەت ئاشۇرالايدىكەن،
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى |