- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 62540
- نادىر
- 6
- يازما
- 2717
ئۆسۈش
0%
|
1. بۇدا 27 سان ناۋانى توردىن كۆرۈپ بولۇپ ، رىياسەتچىلەرنىڭ ئۈچ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەزىبىر ئوي خىياللارنى قىلىپ ئۈلگۇردۈم ، بوپتىلا تور دىگەن ئەنە شۇنداق ئادەمنىڭ ئىچىدە ئويلىغان نەرسىلىرىنى دەيدىغان سورۇنكەن ئەمدى ...............................
2.ناۋا كۆرىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ، قارىسام ناخشا نومۇر ئورۇنلايدىغانلار ئالماشتى ، باھالىغۇچىلارمۇ بىرە بىر ئالمىشىپ چىقىۋاتىدۇ ، تاماشىبىنلارمۇ ھەم شۇنداق ، ئەمما رىياسەتچىلەر خۇددى ناۋانى مونۇپۇل قىلغاندەك پەقەت ئالمىشىپ باقماپتۇ ، ھەتتا رېھىم قاننىڭ ئىشى چىقىپ قاپتىكەن ، رىياسەتچىلەر ھەسسلەپ تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ رېھىم قاننىڭ يوقلىقىنى چاندۇرماي كىلۋاتىدۇ .شۇنداق ھەقىقەتەن چانمايۋاتىدۇ .
3. ئەمما بىز بىر ئون مىليون خەلقىمىز ، يەنە تېخى دۆلەت سىرتىدا مېليونلىغان قېرىنداشلىرى ھەر كۈنى يات ئېتىۋاتقان خەلىقمىز ، ناۋانىڭ رىياسەتچىلىرىدە بىر ئادەمنىڭ ئىشى چىقىپ قالسا ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان باشقا بىر رىياسەتچى ئون مېلىيۇن ئارىسىدىن ئەلۋەتتە تېپىلىشى كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم . ناۋا بىر خەلققە يېققىن سەھنە ، سەھنە بولغان ئىكەن چوقۇم مۇكەممەللىكنى قوغلىىشىشى كېرەك ، قانداقتۇر ياماپ تۆشەپ ئورنىنى يوق بولسىمۇ چاندۇرماي بىر ئشىلارنى قىلىش دىگەن بىزدەك بىر ئون مېليۇن خەلققە ئەلۋەتتە ياراشمايدۇ دەپ ئويلايمەن .
4.ناۋانىڭ رىياسەتچىلىرىنىڭ سانىنىڭ تۆت بولىشىمۇ بىر تۇرغۇنلۇق ، بەش ئالتە يەتتە سەككىز ئونمۇ بولۇپ باقسا ، تېخىمۇ قىزغىنلىق تېخىمۇ تەبئىلىك كىىلىپ چىقىشى مۇمكىن .
5. ئۇيغۇر رىياسەتچىلىكىدە ھەجىۋى رىياسەتچى ئۇقۇمى ھەييار رىياسەتچى ئۇقۇمى ، تېخى دىگەندەك ئورنىنى تاپالمىدى ، سېھىرلىك ئالىمىدىكى مەخسوس پادىشاھنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان ھەيياررىياسەتچىىسى ، يەنە ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىدىكى مۇختەر ھەييار بىلەن كەمەك ھەييار ، تېخى ئۇيغۇر سەھنىلىرىدە چىقمىدى ،
6.بۇنداق دىگىنىمدە ھازىرقى رىياسەتچىلىكىمىزدە مۇنداق يۇمۇرىسىتىكىلىق يوق دىگەنلىكىم ئەمەس ، بەلكى رىياسەتچىلەردە ئونۋىرساللىق كۆپ خاسلىق ئاز ، مەسلەن سەھنىدە كەسپى ھەيياردىن بىرسى بولسا ، ئۇنىڭ كىيىم كىچەكلىرىدىن تارتىپ قىلىقلىرىغىچە ئۆزىگە خاس بەك غەلىتە بوپ كەتمسىىمۇ ئىشقىلىپ بىر يەرلىرى بىر خىل ، ئۇ ئۆزىنىڭ دائىرىسىدە تاماشبىنلارغا يەنە باشقىچە تۇيغۇ بېغىشلاپ ، تېخىمۇ كەڭ بىر سەيناغا باشلاپ ئازادىلىك بېغىشلىسا
7. بولسا ناۋادىكى رىياسەتچىلەرنىڭ كۆپۈيىشىنى ھەم خاسلىق ھەقىدە ئىزلىنىپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . |
|