- تىزىملاتقان
- 2012-12-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 676
- نادىر
- 0
- يازما
- 21
ئۆسۈش
35.2%
|
بەلكىم ھازىر بۇلىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار كىيىن تارىخ بەتلىرىگە ئەينەن يىزىلپ كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىز خۇددى بىز ھازىر سۇلالەر دەۋرىدىكى چىرىكلىك ئەۋىج ئالغان تارىخنى ئوقۇغاندەك ئوقۇشى مۇمكىن.
گەرچە يېڭىدىن چىققان دۆلەت رەھبەرلىرىمىز بىرقاتار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ لىكىن مىنىڭچە دۆلىتىمىزدىكى ھازىر ئەۋىج ئېلىپ كەتكەن بۇ پارىخورلۇق، نەپسانىيەتچىلىك، ئەمەل كۈرىشى...... بۇلار يېقىن كەلگۈسىدە ئوڭشالمايدۇ، بۇنىڭغا ناھايتى ئۇزاق بىر جەريان كىتىشى مۇمكىن.
چەتئەللەردىكى بىرقىسىم تەھلىلچىلەر ئېيىتقاندەك جۇڭگۇنىڭ ناھايتى كۆپ ئىقدىساد ساھەسىنى كونتىرول قىلىۋالغان ئاشۇ ئاز ساندىكى گەرچە ئاتا-ئانىللىرى تەخىتتتىن چۈشكەن بولسىمۇ لىكىن زوې تەسىر كۈچكە «قىزىل شاھزادىلەر»نى بىرتەرەپ قىلماي تۇرۇپ جۇڭگۇنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرىتمەك مۇمكىن ئەمەس ياكى بەك قىيىن، ئەمما ئۇ«قىزىل شاھزادىلەر»نى بىرتەرەپ قىلماق مىنىڭچە مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرى ھېلىھەم ھايات ھەم زور تەسىر كۈچكە ئىگە، يەنە كىلىپ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ يۆلىنىش بەلگىلەپ ھاكىميەت يۈرگۈزىۋاتقانلار.
|
|