ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىنى كىم بەربات قىلدى؟
ۋاڭ سىشاڭ دولان تەرجىمىسى
ھىلارى كىلۇنتون خاۋارت ئونۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە جۇڭگوغا مۇنداق باھا بەرگەن «مۇتلەق كۆپ قىسىم جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن قەدىر-قىممەت ۋە ھۆرمەتنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەھمىيىتىنى بىلمەيدۇ!پۇقرالارغانىسبەتەن ئېيىتقاندا، ھوقۇق بىلەن پۇلغا ئېرىشىش تۇرمۇشتا غەلبە قىلغانلىق ھىساپلىنىدۇ! ئومۇمىي خەلقنىڭ چىرىكلىشىش، چۈشكۈنلىشىش ھادىسسى ئىنسانىيەت تارىخدابورۇن بولۇپ باقمىغان كېيىمۇ بولمايدۇ!»--ھىلارىنىڭ ئەسلىدىكى سۆزى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ئەڭ مۇھىمى كۆپچىلىك يوقۇرقى سۆزلەردىن جۇڭگونىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ناھايىتى توغرا سۈرەتلەپ بەرگەنلىكىنى ئەلەم بىلەن ھىس قېلىدۇ. دېمىسىمۇجۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى، پۈتۈن دۇنياغا ئايان بولغان ھەقىقەت.
بۇنى قانداق تۈزەش كېرەك؟ ئاساسلىق مەسئۇلىيەت كېمدە؟ كەمىنە ئاساسلىق سەۋەپنى تۈزۈلمىدىن ئىزدەش كېرەك دەپ قارايمەن.ئەمەلدارلار ئەڭچوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. چۈنكى تۈۋەندىكىلەربۇنىڭغا توغرا جاۋاب بولىدۇ.
« 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشسە،باج ئىدارىسى ئېتىراپ قىلماسلىق »
يېقىندا جوۋ خانىم سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىن شەھىرى گاۋشەن ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئاشپۇزۇلدا تاماق يىگەندىن كېيىن، باج تالۇننىڭمۇكاپات چىقىش قىسمىنى قېرىپ كۆرسە « 100 مىڭ يۈەن » دېگەن خەت چىققان، باج ئىدارىسىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، ئېتىراپ قىلماي پەقەت 10 يۈەن بېرىپ «بۇ باسمىدىكى خاتالىق » دەپ چۈشەنچە بەرگەن. ئەسلىدە باسمىدىكى خاتالىق بولسىمۇباج ئىدارىسى ئېتىراپ قىلىش كېرەك ئىدى. ئالدى بىلەن 100 مىڭ يۈەننى نەقلەشتۈرۈپ،ئاندىن خاتا كەتكەن تەرەپنى تۈزەتسە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولاتتى، ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇندىن كېيىن باج ئىدارىسى 100 مىڭ يۈەن باج ئالىمەن دېسە، بىز پەقەت10 يۈەن تاپشۇرىمەن، بۇ دېگەن باسمىدىكى خاتالىق دېسەك ئۇنارمۇ؟
« ئامانەت ئۆسۈمى 220 مىڭ يۈەننى،بانكا ئېتىراپ قىلماسلىق »
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1989-يىلى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى شېڭ جوڭكۈي بىلەن ئايالى چېن يوڭمېي مەلۇم دۆلەت ئىلكىدىكى بانكىدائۆسۈمىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇددەتلىك ئامانەت كەسپىنى بېجىرگەن، ئامانەت تالۇندا 2000 يۈەننى 24 يىل ئامانەت قويغاندىن كېيىن ئۆسۈمى بىلەن 220 مىڭ يۈەن بولىدۇدەپ يېزىلغان. 24 يىل توشقاندىن كېيىن بانكا ئېتىراپ قىلماي پەقەت 8400 يۈەن بەرگەن. سەۋەبى: مەزكۇر بانكا مەركىزىي بانكىنىڭ ئوقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، قىممىتىنى ساقلاش ئامانىتىنىڭ سۈرۈكى 8 يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايمىش. بانكا ساھەسىدە بۇنداق ئىچكى قائىدىلەر كۆپ بولۇپ، مۇئامىلدارلار بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىدۇ.ھەرقېتىم مۇشۇنداق قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى كۆرگەندە، توۋا دېگۈسى كىلىدۇكىشىنىڭ. يېقىندا يەنە « پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش » دېگەن گەپ تارقىلىپ يۈردى. كىشىلەرگە شۇنەرسە ئېنىقكى، ئاشۇ پېنسىيەسىياسىتىنى تۈزگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى بورۇن پېنسىيىگە چىقىشنى خالىمايدۇ، ئۆلگىچەئىشلەشنى ئارزۇلايدىغانلار؛ بېراق مائاشقا تايىنىپ ياشايدىغان بىچارىلەر بۇرۇنراق ياشانغاندابېقىلىش سوغۇرتىسى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىلاربېقىلىش سوغۇرتىسىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداشنى تېخىمۇ ئارزۇلايدۇ. بېراق نۆۋەتتىكى ئەمەلدارلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكىگە پەقەت گەپ كەتمىدى. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 70 ياش ئەتراپىدا، سەن ئۇلارنى 65 ياشتا پېنسىيىگە چىقارساڭ، بولاڭچىدىن نېمە پەرقىڭ؟ تەكىتلەشكە تىگىشلىكى، سەن كۆپچىكىنى سوغۇرتا تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ۋاقىتتا، ئاشۇ پۇقرالار بىلەن توختام ئىمزالاپ،سۇغۇرتا سوممىسى، يىل چىكى، سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش ۋاقتى، سوممىسى دېگەنلەرنى ئىمزالايسە-نۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆزئالدىڭغا توختامغا خىلاپلىق قىلىسەن؟ سەن كېيىنكى كىشىلەر بىلەن 90 ياشتا پېنسىيىگە چىقىشنى ئىمزالىساڭ ئۆزەڭنىڭ ئىشى، لىكىن ئەھدىگە ۋاپا قىل. بېراق ئىلگېرى تۈزۈلگەن كىلىشىمگە ھېچقانداق بىر تەرەپنىڭ خىلاپلىق قىلىش ھوقۇقى يوق. باج ئىدارىسى، بانكىنىڭ قىزىل كۆزلىكى، پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش...دېگەنلەر بىرقەدەر تىپىك مەسىلە بولۇپ، ئۇندىن باشقا ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىگە خىلاپ قىلمىشىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىغا كىم باشلامچى بولۇۋاتقاندۇ؟ بۇ ھەممىگە ئايان ئەلۋەتتە. زامانىۋى مەدەنىي جەمئىيەتتە،ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار پۈتۈنلەي توختام مۇناسىۋېتىدە بولىدۇ، پۇقرا دېگەن بەزى ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە رازى، باج تاپشۇرىدۇ، ھۆكۈمەتنى باقىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىگە ھەق تۆلەيدۇ. ئەگەر پۇقرالار كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا، ئېغىر زىيان تارتىدۇ، بېراق ھۆكۈمەت ئورگىنى كىلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا، توختامنى ئۆزئالدىغابىكار قىلسا، نەتىجىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋېتى بەربات بولۇپلا قالماي يەنەجەمئىيەتنىڭ ئىناۋەت سىستىمىسى يمىرلىدۇ. جۇڭگودىكى ئەخلاقنىڭ يىمىرلىشىنى چەكلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناۋەت سىستىمىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. |