- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3845
- نادىر
- 1
- يازما
- 314
ئۆسۈش
61.5%
|
بىزنىڭ رەسمىي ئەيىپلەيدىغىنىمىز بۈگۈنكى كۈندە مەراكەشتە ئېلىپ بېرىلغان «ئاياللارنى تەرەققىياتقا ئېلىپ كىرىش ھەققىدىكى رايون خاراكتېرلىك پىلان»غا ئوخشاش يېڭىچە پىلانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بەس-مۇنازىرىلەردۇر. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ بۇ پىلانلىرى يەرلىكلەرنىڭ ئەمەس، ئەرەبلەرنىڭمۇ ئەمەس، ئىسلامنىڭ تېخىمۇ ئەمەس، ئەكسىچە يەرلىكلەرنىڭ تۈزۈمى ۋە ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ خىل «پىلان»لارنى تۈزۈشتىكى تۈپ مەقسىتى، نىشانى، ئىدىيىسى ۋە روھى ھەممىسى پۈتۈنلەي غەربلەشكەن، نىيىتى پەقەت بىزنىمۇ شۇلارغا ئوخشاش «ئەر-ئاياللارنىڭ تولۇق باراۋەرلىكى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان تەبىئىيىتى ۋە قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە ئىككى جىنىس ئارىسىدىكى پەرقلىق ئالاھىدىلىكلەرنى تامامەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئۇلار بۇ پىلانلارنى تۈزۈشتە تايانغىنىمۇ ئىسلام قانۇنى ئەمەس، بەلكى 1994-يىلىدىكى «قاھىرە نوپۇس ئىشلىرى يېغىنى» ۋە 1995-يىلىدىكى «بېيجىڭ ئاياللار قۇرۇلتىيى» قاتارلىق يېغىنلارنىڭ ئاساسىي روھىدۇر. بۇ ئىككى يېغىننىڭ كۆپىنچە مەزمۇنىنى ئەرەبلەر، ھەتتا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى قوبۇل قىلالمايدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا شەرتلىك ھالدا رۇخسەت بەرگەن بولسا، ئۇلار تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولدى؛ ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشى مەسىلىدە، ئۇلار غەرب جەمئىيىتىدە كەڭ تارقالغان ئادەت بويىچە ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ مىراسىنىڭ يېرىمىنى ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلدى؛ نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن سوتچى ھۆكۈم چىقارمىسا، ئاياللارنىڭ ئىددەت تۇتماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ باشقا مىراس مەسىلىلىرىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئالىدىغان ئۈلۈشىنىڭ پۈتۈنلەي باراۋەر بولۇشىنى تەرغىب قىلدى.
مەراكەشتىكى ئۆلۈمالار، دىنىي ئورگانلار، ئىسلامىي جامائەتلەر، ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئەخلاقىي نىزاملارغا مۇخالىپ بولغان بۇ ئازغۇن پىلان ۋە ئۇنى تۈزگۈچىلەرگە بەس-بەستە قارىشى تۇردى. كىشىلەرنىڭ تەبىئىيىتىگە خىلاپ، ئىسلام شەرىئىتىگە قارىشى، قانۇنشۇناسلار ۋە كەڭ خەلق قوبۇل قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا زورلاپ تېڭىش غەرىزىدىكى بۇ بىمەنە پىلان ئاخىرىدا تەبىئىيلا مەغلۇب بولدى. |
|