قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ebrar

مۇسۇلمانلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مەغلۇبىيەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

9

دوست

5719

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 978
تۆھپە : 1096
توردىكى ۋاقتى: 742
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-27
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئۇرۇش ئوتلىرى بارغانسىرى ئەدەپ كەتتى، بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدا ئەرەبلەر ئەنگىلىيە ئارمىيىسىگە قېتىلىپ، ئۇلار بىلەن بىر سەپ بولۇپ تۈركلەرگە قارىشى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
  بۇ ھەقتە، نۇرغۇنلىغان ئەرەب مىللەتچىلىرىنىڭ «تۈركلەر ئەسلىدە مۇستەملىكىچى تاجاۋۇزچىلار ئىدى» دىگەندەك بايانلىرىنىڭ ھىچ ئاساسى يوقتۇر.ئۇلار ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىنى «مۇستەملىكە دەۋرى» دەپ ئاتىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تارىخنى ئېغىر بۇرمىلاش ۋە تۈرك مىللىتىگە قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.چۈنكى ئۇلار تارىختا ھىچقاچان ئۆز فەتىھ زىمىنلىرىنى مۇستەملىكە زىمىنى دەپ قاراپ ياكى مۇئامىلە قىپ باقمىغان، ئەكسىچە ئىزچىل ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى دەپ بىلگەن.ئەينى ۋاقىتتا بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىمۇ تارىخىي پاكىت.

=========================================
تۈركلەر قانلار تۆكۈپ ئىستانبۇلنى ئېلىۋاتقان ، ئىسلام خەلىپىسىنىڭ شۆھرىتىنى تىكلەۋاتقاندا  نۇمۇسسىز ئەرەب مىللەتچىلىرىنىڭ ھەسەت ئوتىدا پۇچۇلۇنۇپ «مۇستەملىكىچى تۈركلەر»نىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركلەرگە جۈملىدىن خەلىپىلىككە  ئورا كولىغىنىدىن نۇمۇس قىلماقتا يوق ، ئەرەبنىڭ «جىنايىتى»نىمۇ مۇستاپا كامالغا دۆڭگىشىدىن ئارتۇق نۇمۇسسىزلىق بارمۇ..؟؟!!

0

تېما

9

دوست

5719

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 978
تۆھپە : 1096
توردىكى ۋاقتى: 742
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-27
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەربلىكلەر بىر ئادەمنىڭ قولى ئارقىلىق بۇ بۇرچنىڭ ۋارىسلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل بەربات قىلدى.دەسلىپىدە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا زور ئۈمىد باغلىغانىدى،ئۇنىڭ ئىسلامغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بۇ دەل كامال ئاتاتۈرك بولۇپ، ئەينى چاغدا مۇسۇلمانلار ئۇنى ھۆرمەتلەپ «مۇستافا كامال غازى» دەپ ئاتاشقان ئىدى.كامال جەڭگە ئاتلىنىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى لەرزىگە كېلىپ، ھېسىياتلىرى ئۇرغۇپ كېتىشكەن بولسا، ھەر قېتىم كامال غەلبىگە ئېرىشكىنىدە ئۇلار ئاللاھقا تەكبىر ئېيتىشىپ، زەپەر مارىشى ياڭرىتاتتى. ھەتتا داڭلىق شائىر شەۋقىي ئۇنى مۇنداق مەدھىيىلىگەنىدى:   
===========================
ئەينى زاماندا  ئىسلام مۇسۇلمانلارنى تۈركلەرنىڭ ئەتراپىغا قانداق ئۇيۇشتۇرغان بولسا ، تۈركلۈك  جاسارىتىنى قانداق ئۇرغۇتقان بولسا ھېلىھەم شۇ ئەندىشىدە، شۇ ھەسەت ئوتىدا پۇچۇلىنىۋاتقان  بۇ بىچارە دوكتۇر يۇقارقى بايانلىرىنىڭ پەقەتلا ئاسىي ئەجداتلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بولمىش تۈركلەرگە ئوت ئېچىشى ، ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى دېگەندەك يەھودىغا قارشى تۇرۇشقا جۈرئىتى يوق  دىنداش تۈرك خەلقىگە ئۆچمەنلىك قىلىشتەك قورقۇنچاق رەزگى ئەپتىبەشرىسىنى ئاشكارىلىغانلىق دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. دوكتۇرلۇقنى نەدىن ئالغاندۇ بۇ ئادەم..!!؟؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

9

دوست

5719

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 978
تۆھپە : 1096
توردىكى ۋاقتى: 742
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-27
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەم باشتىن ئاياق دۆلىتىمىز ، مىللىتىمىز دەپ ئەرەپلەرنى سۆزلەيدۇ يو ، تارىخى داۋام قىلىپ 20-ئەسىرگە، تۈركلەر ئەرەبچە كىملىكتىن ۋاز كېچىپ تۈرك جۇمھۇريىتىنى قۇرغان دەۋىرگە كەلگەنچە مۇسۇلمان ۋە ئىسلام ئېسىگە كېلىپ تۈرك قەھرىمانىنى چىشلەپ تارتىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئاتا تۈرك باشچىلىغىدا ئەرەبتىن چەك-چىگرىنى ئايرىشنى ھېچقاچان ئەرەب مىللەتچىلىرىنىڭ تۈركلەرنىڭ جان يېرىگە ئۇرۇش ئۈچۈن يەڭلىرىگە خەنجەرلىرىنى يوشۇرۇپ كەلگىنىدىن كۆرمەيدۇ.
باشقىلارنىڭ ئىسلام ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغىنىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ئامراق ، ئۆزىنىڭ نېمە قىلغىنىنى ھېچ تىلغا ئالمايدۇ.  ئۇنداق بولمىغاندا تۈركلەرنى، ئاتا تۈركنى قويۇپ ،ۋىنچۈەنگە 50مىليون دوللار  ئېئانە قىلغان ئابدۇللانىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى بولمىش پەيزىۋات مۇسۇلمانلىرىغا نېمە بەرگىنىنى سۈرۈشتە قىلغان بولتتى..

0

تېما

9

دوست

5719

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 978
تۆھپە : 1096
توردىكى ۋاقتى: 742
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-27
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-21 00:23
يەنە شۇ مۇستاپا كامالنى تىللاش.
ئەرەبلەر ئەنگىلىيەگە  ...

ئاپىرىن .!!!  
ئاۋۇ قەردەۋىدىن ئەقىللىقكەنسىز ،،شۇ دوكتورلۇق سىزدىن ئايلانسۇن..

0

تېما

9

دوست

5719

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 978
تۆھپە : 1096
توردىكى ۋاقتى: 742
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-27
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   urkesh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-22 13:47  

گەرچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتمۇ-قات مۇھاسىرىلىرى بولسىمۇ، پاكىستاننىڭ يەنىلا ئاتوم بومبىسى ياسىيالىغۇدەك ئىقتىدارى بار. ئىراق ناۋادا ھاكىملىرى تەرىپىدىن نادانلىق ۋە ئاچكۆزلۈك پاتقىقىغا بىللە سۆرەپ كىرىلىپ، ئۆز پۇتىغا پالتا چاپمىغان بولسا، ئۇمۇ پاكىستانغا ئوخشاش تەرەققىي قىلالىشى مۇمكىن ئىدى.
================
پاكىستاندا ئاتوم بولمىسا خوشنىسى بولغان دۆلىتىمىز بىلەن ھېندىستاننىڭ نەلەرگە كېتەلىشىنى قەردەۋى ئەپەندى قىياس قىلامىغان بىلەن  ئافغانىستاندىن پالتا-كەكىسىنى قاقتۇرۇپ كۆزى ئارقىدا قايىتقان روسلاربىلەن ، تا ئىھتىياجى چۈشكىچە پاكىستاننىڭ "بېخەتەر" تۇرىسىنى ئۆمۈد قىلغان ئېنگىلىزلار قېياس قىلالايدۇ.
مىللەتچى سادامنىڭ ئەرەبلەر بىرلىشىپ ئوتتۇرا شەرق ئېنىرگىسى ۋە باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق سېياسى تەشەببۇسكارلىققا  ئېرىشىش چۈشى بۇ مىللەتچى دوكتۇرغا  ياقماپتۇ ،توۋا..!! سېياسى- جۇغراپىيە پەلسەپىلىرىدىن ئۆرگىلەي..

0

تېما

9

دوست

5719

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 978
تۆھپە : 1096
توردىكى ۋاقتى: 742
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-27
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قالاقلىقنىڭ ئۇزاق كېچىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولالمىدۇق، بۇ بەزى كىشىلەرنى «بىزنىڭ قالاق ھالەتتە قېلىشىمىز ئىسلامغا ئىشەنگەنلىكىمىزدىن بولغانىكەن» دىگەن پىكىرگە ئېلىپ باردى، گەرچە بۇ پىكىر شۇنچىلىك بىمەنە بولسىمۇ. 10 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى، مۇسۇلمانلار ھەر قايسى ساھەلەردە ئىزچىل ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلگەن، پۈتۈن دۇنيا ئۇلاردىن ئۆگەنگەن، شۇنداقلا ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ ئاساستا تەرەققىي قىلدۇرغان تەجرىبە ئۇسۇللىرىدىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىنغان ئىدى. بۇ غەربتىكى ھەقچىل ئالىملارنىڭ ئورتاق يەكۈنى.ماركىسىزىم ۋە لېبىرالىزىم تەلىماتىغا زىيادە چوقۇنىدىغان بەزى ئەرەب مۇتەپەككۇرلىرى گەرچە «ئەرەبلەرنىڭ ئەقىل (قۇرۇلمىسىدا) مەيلى پەلسەپىۋىي بىلىملەر بولسۇن، ياكى ئىلىم-پەن بىلىملىرى جەھەتتە بولسۇن ئەسىلىدىنلا غەربلىكلەرنىڭ زىھنىي كۈچىدىن ھالقىغۇدەك ئىقتىدار يوق، ئۇلار يەتكەن يۈكسەكلىككە يەتكۈدەك قابىلىيەت تېخىمۇ يوق» دەپ جۆيلۈشىدۇ.
   بۇ پىكىرنى دەۋا قىلغۇچىلار ئىلگىرىكى شەرقشۇناسلارغا بەكمۇ ئوخشىشىدۇ، ئۇلار «ئەرەبلەردە پەلسەپە يوق، مەدەنىيەت يوق، ئۇلار پەقەت قەدىمكى يۇناننىڭ پەلسەپە ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ (پايدىلانغان)، ئۇلار ئىلغار پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت يارىتىشقا ماس كەلمەيدۇ» دىگەنىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ (دارۋىنىزىمچىلارنىڭ) «ئىرقى پەرق» نەزەرىيىسىنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتى بولۇپ، ئۇلار بەزى مىللەتلەر ئۈستۈن، بەزى مىللەتلەر پەس؛ ياۋروپالىقلار ئېسىل ئېرققا تەۋە، باشقا ئېرقلار بولسا تۆۋەن ئېرقلاردۇر دەپ قارىشاتتى.بۇ ھىچقانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان ۋە ساپ ئېتىقاد قوبۇل قىلالمايدىغان باتىل ۋە بىمەنە سۆزدۇر.

==============================
ئۆزىنى ئۆمۈدسىزلىكتىن تارتىپ چىقۇرالىغۇدەك  ئەقلى قۇۋۋەتنى ھازىرلىمىغان ئېنسانلارغا سەككىز ماددىلىق مەغلۇب ھېكايىسى يەتمىگەندەك،  «بىزنىڭ قالاق ھالەتتە قېلىشىمىز ئىسلامغا ئىشەنگەنلىكىمىزدىن بولغانىكەن»،«ئەرەبلەرنىڭ ئەقىل (قۇرۇلمىسىدا) مەيلى پەلسەپىۋىي بىلىملەر بولسۇن، ياكى ئىلىم-پەن بىلىملىرى جەھەتتە بولسۇن ئەسىلىدىنلا غەربلىكلەرنىڭ زىھنىي كۈچىدىن ھالقىغۇدەك ئىقتىدار يوق، ئۇلار يەتكەن يۈكسەكلىككە يەتكۈدەك قابىلىيەت تېخىمۇ يوق»، «ئەرەبلەردە پەلسەپە يوق، مەدەنىيەت يوق، ئۇلار پەقەت قەدىمكى يۇناننىڭ پەلسەپە ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ (پايدىلانغان)، ئۇلار ئىلغار پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت يارىتىشقا ماس كەلمەيدۇ» ، «ئىرقى پەرق» دېگەندەك « سەپسەتە» لەرنى قانداق قىلىپ سالامەت ھەزىم قىلدۇرماقچىدۇ بۇ دوكتۇرمىش..؟!

بۇ قەردەۋى ئەپەندىمنىڭ ئاچ-زار، ئاغزى بۇرنى قان، مەيۈس -مىسكىن  دۇنياغا ئاتىغان مۇشۇنداق مەغلۇب ھېكايىلىرىدىن باشقا، ئازراق بولسىمۇ ئۈمۈد بەخىش ئەتكۈدەك، زەرىچە ياخشىلىقتىن ئۈمۈد ھاسىل قىلالايدىغان ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى كۈچىگە دەلىل بولغۇدەك ، ئۇچقۇندەك بولسىمۇ ئۆمۈدنى ئۇلغايتالايدىغان يازمىلىرى يوقمىكەن تەرجىمە قىلغۇدەك...توۋا قىلدىم، تارىختىن بۇيان قولىمىزنى سۇنساقلا «ئەخلەت» چىقىدۇ دېسە..!!

4

تېما

2

دوست

980

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-28
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكتور تۈگەپتىغۇ

0

تېما

2

دوست

958

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-26
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز  مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش روھىمىز بەك كۈچلۈك، ئەمما مۇكەممەل بولۇپ بولغۇچە ئازراق بولماي قالغان يېرى بولسا ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدىكەنمىز. مەن باشتا دېدىم. بۇ ئەسەرنى مۇكەممەل دېگىلى بولمايدۇ، ھەم كىتابنىڭ ھەممىسى ئەمەس.  بىز ياقتۇرمايدىغان يېرىنىڭ بولۇشى تەبىئىي، ئەمما ھەر ھالدا مۇسۇلمانلارنى مۆتىدىللىككە چاقىرىپ، رادىكاللىقتىن ساقلىنىش توغرىلىق پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ يوللاشنى ئويلىغانىدىم.  مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسى ھەقىقەتەن كىشىنى بىر خىل قىپ قويىدىكەن.

0

تېما

2

دوست

958

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-26
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
urkesh يوللىغان ۋاقتى  2013-11-22 14:12
بىز قالاقلىقنىڭ ئۇزاق كېچىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولالمىدۇق،  ...

سىزگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان ئەسەرلەر ياكى تېمىلار ساماندەك، ھەم مەندەك بىر ئادەمنىڭ تەرجىمە قىلىشىغىمۇ ئىھتىياجلىق ئەمەس. مەن پەقەت ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مۆتىدىللىك ئىدىيىسىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ئىخچام قىلىپ تونۇشتۇرۇپ قويۇش، ئۆزىمىزنىڭ بىرلىك ۋە تەرەققىيات مۇساپىلىرىدە قەيەردە خاتالاشقانلىقلىرىمىز ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچە بېرىش، كەتكۈزگەن تەرەپلىرىمىزدىن ئىبىرەت ئېلىپ، كىيىنكى نىشاننى ئازراق بولسىمۇ يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە تەرجىمە قىلدىم. بۇ كىتابنىڭ ھەممىسى ئەمەس، پەقەت بىر بابىنىڭ قىسقارتىلمىسى. ھەممىنى تەرجىمە قىلغۇدەك ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم. ئۆزۈمنىڭ دەرىسلىرىم سەل ئالدىراش بوپقالدى.
بىز ئۆزىمىزنىلا ماختايدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى گېپىنىلا قىلىدىغان، خۇشال قىلىدىغان گەپلەرنىلا ئاڭلاپ كەلدۇق. ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقلىرى ۋە بىز دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي رېئاللىققا بولسا ناھايىتى ئاز دىققەت قىلدۇق ياكى ئاساسەن كۆڭۈل بۆلمىدۇق. ئەھۋالىمىزنى ياخشىلاش، چۈشەنچىلىرىمىزنى توغرىلاش، خاتالىقلىرىمىزنى تۈزىتىش ھەققىدىكى يازمىلارنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمىدى. گەرچە بۇنى شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش دېگىلى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئازراق تەپەككۇرىمىزنى ئويغىتالىسا يەنىلا ئىجابىي رولى بولدى دېگىلى بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىدىيىڭىز بۇنىڭدىنمۇ ياخشى، بۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەل، بۇنىڭدىنمۇ تولۇق ۋە ئەتراپلىق دەپ قارىغان بولسىڭىز، سىزمۇ كىتاب يازسىڭىز ياكى ماقالە ئېلان قىلسڭىز بولىدۇ، بىزمۇ شۇنى قوبۇل قىلىمىز. ئەجەبا كىچىككىنە يېرىنى تۇتىۋىلىپ، پۈتۈنلەي نۆلگە چىقىرىۋىتىش؛ ئانچە توغرا بولماي قالغان يېرىنىلا كۆرۈپ، ھەممىنى خاتاغا چىقىرىش سىزنىڭ مەخسۇس قىلىدىغان ئىشىڭىزمىدۇ؟ سىز يۈسۈف قەرەداۋىينى تىللىغۇدەك ئۇيغۇرلارغا نىمە ئىش قىپ بەرگەنسىز؟ ئاڭلاپ باقسام.

0

تېما

2

دوست

958

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-26
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
urkesh يوللىغان ۋاقتى  2013-11-22 11:39
غەربلىكلەر بىر ئادەمنىڭ قولى ئارقىلىق بۇ بۇرچنىڭ ۋارى ...

بۇ تېمىدا نەدە دىنداش تۈرك خەلقىغە ئۆچمەنلىك قىلىش بار؟ نەدە «يەھۇدىيدىن ئالالمىغان دەردىنى تۈركتىن ئېلىش» بار؟ نەدە «ھەسەت ئوتىدىن پۇچىلىنىش» بار؟ سىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋادىڭىز يوق ئوخشىمامدۇ؟
ئۇ تىغ ئۇچىنى يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە تاجاۋۇز قىلغىنىغا قارىتىپ كەلدى، خەلىپىلىكىڭ يوقىتىلىشىدا يەھۇدىيلارنىڭ، ئەرەبلەرنىڭ تۈركلەرگە قارىشى ئۇرۇشۇشىدا ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قولى بارلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەرەبلەرنى ئاقلاپ، تۈركلەرنى قارىلىمىدى. مۇستاپا كامال ھەققىدىمۇ « باشقىلار ئۇنىڭ رولىدىن پايدىلانغان» دىگەن پىكىرنى ياقىلىدى. بۇ پەقەت خەلىپىلىك ۋە رىسالەت جەھەتتىكىلا كۆز-قاراش، ئەلۋەتتە مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادى ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ، مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن. ئەمما بىز ئۇنى مۇكەممەل دەپ قارىمىغىنىمىزدەك، ئۇنى پۈتۈنلەي ئەسكى دىمەيمىز، پەقەت مەلۇم نۇقتىدىن كۆزەتكەن چاغدىكى ئەھۋالنىلا دەيمىز.
تارىخنى سۈرۈشتۈرۈپ «خاتالىق زادى ئەرەبتىمۇ ياكى تۈركتىمۇ؟» دەپ تالىشىپ ئولتۇرىدىغانغا ھىچقايسىمىزنىڭ ۋاقتىمىز يوق. شۇڭا بىز ئۆزىمىز ھەققىدە ئوبدان ئويلانساق، بۇ ئەسەرنىڭ قوبۇل قىلغۇدەكلا يېرى بولسا قوبۇل قىلساق بولىدۇغۇ؟ سىزنىڭ يۈسۈف قەرەداۋىيغا شەخسىي ئۆچمەنلىكىڭىز بولسا، ئۇنداقتا نامىزىڭىزدا ئايرىم قارغىۋىلىڭ. باشقىلارمۇ پىكىرىنى بايان قىلىپ باقسۇن، سۇبېكتىپ تەھلىل قىپ باقسۇن. كۆكسىمىزنى كەڭرەك تۇتايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )