- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3845
- نادىر
- 1
- يازما
- 314
ئۆسۈش
61.5%
|
ebrar يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 15:00
سىزگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان ئەسەرلەر ياكى تېمىلار ساما ...
elkelem،yuzarsif،ebrar بۇرادەرلەر ،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ تىمىنى ئەبرار بۇرادەرنىڭ ھوزورىمىزغا سۇنغىنىغا كۆپ تەشەككۈر.
ما ئاخىرىدا ئۆركەش ۋە يۇرقاردىكىلەر ئازراق تالىشىپ قاپسىلەر ،ئەمەلىيەتتە تالاشقۇدەك ھىچ نەرسە يوق .تىمىنىڭ ئەڭ نوقتىلىق يىرى ئىسلام دۇنياسىدا ئىلىمى،بىلىمى،نۇپۇزى بار بىز ئالىمىمىز مۇشۇلمانلاردىكى كەتكۈزۈپ قويغان ئەجەللىك مەسىللەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن تەرپى بىر ئارتۇقچىلىق بولسا ئەرەپ-تۈركلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇناسىۋىتى،مۇستاپا كامال تىلغا ئىلىنغان مەزمۇنلاردا ئازراق تىل چاينىغان ،ھەقتىن بەكرەك ئەرەبلەرگە ئىغىشراق كەيپىياتتا يازغىنى ،ھەمدە سىياسى ئىشلارنى قويوق دىنىي كاللا بىلەنراق تەپەككۇر قىلغان يىرى بار ...
ئۆركەش بۇرادەرنىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنىمۇ يۇقارقى نوقسانلىق تەرەپلەر بولىشى مومكىن ،مىنىڭچە ئۆركەشنىڭ دىمەكچى بولغىنى سىياسىينى سىياسىي كاللا بىلەن تەپەككۇر قىلمىسا ،سىياسى كاللا بىلەن چۈشەنمىسە خاتالىق چىقىدۇ.زاگا زەگاچىلىقىنى ،تۈمۈرچى تۈمۈرچىلىقىنى، ھەممىسى ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلسا ياخشى ،بۇ دىنىي ئالىمىمىز سىياسىي ئىشلارغا باھا بىرىشتىن خەلىقنى ھىدايەتكە باشلايدىغان،تەبلىغ قىلىدىغان تەرەپلەرگە ئەڭ ماس كىلىدۇ دىمەكتىن ئىبارەت بولىشى مومكىن.
ئالىمىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ بىلىمى،نۇپۇزى بىلەن مۇشۇنداق بىر يازمىنى يازغىنى بەك ياخشى ئەھۋال،دىمەككى بۇ تىمىنىڭ نوقسان تەرەپلىرىدىن ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى زىيادە ...
ئۆركەش بۇرادەر ،سىز بىلەن بىر ئىككى كۈن ياكى بىر ئىككى ئايلىق مۇنبەرداشلار ئەمەسمىز،مەن باغداشقا دەسلەپكى ئىسمىم بىلەن كىرگەندىن باشلاپ سىز،ئابدۇشۈكۈر،كۆكھىلال،پولات،ئابلىكىم،توختور،بوزقىر،قادىر دولان ،تارىمى قاتارلىق ئوچوق ،ئۆتكۈر پىكىرلىك مۇنبەرداشلارنىڭ تىما ئىنكاسلىرى بىلەن بۈگۈنگە كەلدۇق.بۇ تىمىدا تالاش تارتىش قىلىشنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكى مىنىڭچە سىزگە ئايان.
دوسلىرىمىز ئامال بار بىر بىرلىرىمىزگە زەردە بىلەن گەپ قىلىشمىساق...
|
|