قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1919|ئىنكاس: 19

ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

28

دوست

3543

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 756
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمى توغرىسىدا





      ئۈچ ھوقۇقنى
ئايرىش تۈزىمىنى ئەڭ دەسلەپتە ئەنگىلىيەلىك لوك تەشەببۇس قىلغان، فىرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر، قانۇنشۇناس مونتېسكىيۇۋ مۇكەممەل ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، دەسلەپتە ئەنگىلىيە پادىشاھلىق تۈزۈمىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى پادىشاھنىڭ بارلىق ھوقۇقنى كونترول قىلىشىنى چەكلەش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھازىر بۇ تۇزۇم دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە قوللىنىۋاتىدۇ.


     ئۈچ ھوقۇقنى
ئايرىش تۈزۈمى بولسا دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈش، مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىش ھەمدە ئۈچ ئورگان يوقارقى ھوقۇقلارنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت.


      قانۇن تۈزۈش
ھوقۇقى دېگىنىمىز قانۇن تۈزۈش ئورگىنى قانۇنلارنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش ۋە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە پارلامېنت ياكى دۆلەت مەجلىسى قانۇن تۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان ھېسابلىنىدۇ.دۆلىتىمىزدە بولسا مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان ھېسابلىنىدۇ.


       مەمۇرى
ھوقۇق بولسا قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت ئىشلىرىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش شۇنداقلا ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ھۆكىمەت ئورگىنى مەمۇرى ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان ئورگان ھېسابلىنىدۇ.


       ئەدلىيە
ھوقۇقى بولسا دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئورگىنى قانۇنى بەلگىلىمە ۋە تەرتىپ بويىچە، تەكشۈرۈش ۋە سوتلاش شەكلى ئارقىلىق قانۇننىڭ توغرا تەدبىقلىنىشى ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىغا كاپالەتلىك قىلىش ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ.  كۆپىنچە دۆلەتلەردە سوت ئورگانلىرى ئەدلىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى سوتمەھكمىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىدۇر.  


     ئۈچ ھوقۇقنى
ئايرىش فىئودال پادىشاھلىق تۈزۈمىگە بارلىق ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋېلىپ مۇستەبىتلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يوقارقى ئورگانلارنىڭ ئورنى باراۋەر بولىدۇ، ھەمدە بىر بىرىنى چەكلەيدۇ، نازارەت قىلىدۇ. مەسىلەن قانۇننى پارلامېنت تۈزىدۇ، دۆلەت باشلىقىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ياكى دۆلەت باشلىقى(مەمۇرى باشلىق) ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، مەمۇرى باشلىقنىڭ پەرمان بويرۇقلىرى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ئىشلىرى پارلامېنىتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتىدۇ، ئەدلىيە ئورگىنى(ئالى سوت) مەمۇرى باشلىقنى سوتلىيالايدۇ،
مەمۇرى ئورگاننىڭ ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى دۆلەت باشلىقى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ، پارلامېنت قارار قىلىدۇ، دۆلەت باشلىقى تەيىنلەيدۇ،
پارلامېنت ئەدلىيە ئورگىنىنى ئەيىپلەيدۇ ۋەھاكازالار. يەنى ئۆز ئارا ھوقۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ۋە چەكلەپ مۇستەبىتلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئېنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما يوقارقى ئورۇنلار ئارىسىدا «ھەر قايسى ئۆزىنىڭ ئېشىكىنى يورغىلىتىپ»،بىر – بىرىنىڭ خىزمىتىگە دەخلى قىلىپ، ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، باشلىقلارنىڭ، بولۇپمۇ مەمۇرى باشلىقلارنىڭ پىچىقى كەسمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ دائىم ئۇچىراپ تۇرىدۇ.


      ئۈچ ھوقۇقنى
ئايرىش تۈزىمى دۆلىتىمىزگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمىنى جۇڭگونىڭ تارىخى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بەش ھوقۇقنى ئايرىش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان،يەنى دۆلەت ھوقۇقى قانۇن تۇرغۇزۇش، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، ئىمتىھان ۋە تەپتىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە مۇكەممەل بولىدۇ دەپ قارىغان. ھەمدە گومىنداڭ مىللى ھۆكىمەت مەزگىلىدە بەش ھوقۇقنى ئايرىش تۈزۈمى بويىچە دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىرىتەشكىللەنگەن ئىدى.


       يېڭى جۇڭگو
قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىمىز رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزۈمى ۋە بەش ھوقۇقنى ئايرىش تۈزۈمىنىڭ دۆلىتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قاراشتى ھەمدە دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش ۋە قانۇن تۈزۈش بىلەن مەمۇرىيەت ھوقۇقىنى بىرلەشتۈرۈش تۈزىمىنى يولغا قويدى.


      يوقارقىلارنى
يىغىنچاقلىغاندا، ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تۈزىمى ئامېركىچە پرېزىدىتنلىق شەكلى، ئەنگىلىيەچە ئىچكى كابېنتلىق شەكلى بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرىۋاتىدۇ، بۇ تۈزۈممۇ ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ ھوقۇقىنى تەكشەش ۋە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.


       مۇلاھىزە:
دۆلىتىمىزدە مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى(گوۋۇيۈەن) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق بولىدۇ؟


ئاپتۇر:شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ مەمۇرى باشقۇررۇش كەسپى ماگىستىر ئاسپىرانتى.
ئاپتۇرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاندى،









1

تېما

0

دوست

5252

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1129
تۆھپە : 849
توردىكى ۋاقتى: 343
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ ھوقۇقنى
ئايرىش تۈزىمى... پادىشاھنىڭ بارلىق ھوقۇقنى كونترول قىلىشىنى چەكلەش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.....
____

قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

0

دوست

2338

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دۋلىتىمىزگە  خەلققە پايدىلق  نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ماس كەلمەيدۇ .

10

تېما

0

دوست

4287

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 853
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توقۇمى يەڭگۈشلەنگەن ئىشەك يەنىلا ئىشەك! ئۇنىڭدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولۇشى مۈمكىن ئەمەس!...

1

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10710
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 217
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھون يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 16:21
توقۇمى يەڭگۈشلەنگەن ئىشەك يەنىلا ئىشەك! ئۇنىڭدا ماھىي ...

ئەگەشتىم،،گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك دەپ!!!

221

تېما

22

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2717
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 14357
تۆھپە : 9410
توردىكى ۋاقتى: 3346
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىليەنىڭ ئايرىلىشى توغۇرلۇق ئىچىكىردە خېلى تەتقىقات ماقاللىرى چىقىپ ھازىر سەل پەسكويغا چۇشتىمۇ قانداق بۇ گەپ ،

2

تېما

2

دوست

476

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9688
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 154
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پادىشاھ، كۆڭلى ھازىرقى تۈزۈمگە تارتىشا.

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

11

تېما

4

دوست

6045

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1768
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SOGUK يوللىغان ۋاقتى  2013-11-20 14:30
دۋلىتىمىزگە  خەلققە پايدىلق  نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ماس ...


راست دەيسىز، ماس كەلمەيدۇ دەپلا قۇتۇلىدۇ

0

تېما

0

دوست

350

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22421
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىمدىن،قاچان ئاڭلىغانلىقىم ئېسىمدەيوق،مۇنداق بىرگەپ ئاڭلىغان:«كومپارتىيە مەركىزى كومىتىتى بارلىق سىياسەت قانۇنلارنى چىقىرىدۇ،خەلق قۇرۇلتىيى دايىمى كومىتىتى قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قول كۆتۈرۈدۇ،سىياسىي كېڭەش مەدھىيلەپ چاۋاك چالىدۇ،گوۋۇيۇەن ئىجرا قىلىدۇ».دىيىلىۋاتقا ئۈچ ھوقۇق مۇشۇ رامكا ئىچىدە بولۇدىغاندۇ.

0

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23230
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمىلكەتلىك حەلىق قۇرۇلتىيى قانۇن تۇزۇملەرنى تۇزۇپ چىقىدۇ ،باش شۇجى يولعا قويۇلعانلىقىنى جاكارلايدۇ ، حەلىق ئىشلار ئىدارىسى بۇ قانۇن-تۇزۇملەرنىڭ يولعا قويىدۇ ۋە يولعا قويۇلشىنى نازارەت قىلدۇ .
مەمىلكىتىمىزدىكى ئاساسى ۅوقوق حەلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىعا مەركەزلەشكەن .
يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئككىسى بىر بىرىنىڭ حىزمىتىنى توللۇقلايدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )