قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1948|ئىنكاس: 15

[ بوزقىر ] ئاقسۇدىكى ئىت پوقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرۋايىم پەلەك

50

تېما

19

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   50.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7496
تۆھپە : 4063
توردىكى ۋاقتى: 3144
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 14:59:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئاقسۇدىكى ئىت پوقى


   قاچانلاردىن باشلاپتۇر ئەيتاۋۇر ئاقسۇ كوچىلىرىدا ئىت ئەگەشتۇرىۋالغانلار كۆپىيىپ قالغىلى تۇردى. ئىلگىرى بۇ ھالەتنى پەقەت كىنولاردىنلا كۆرەتتۇق.بولۇپمۇ ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى شاڭخەي كوچىلىرى تەسۋىرلىنىدىغان كىنولاردىكى شىلەپىسىنى قىيسايتىپ پوزۇر كىيىنىۋالغان ئاقپەلەيلىك خېنىملارنىڭ ئىت يېتىلەپ كېتىۋاتقان مەغرۇر كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىدى. بەلكىم  ئىت يېتىلەش  شۇ چاغلاردا مودا بولغان بولسا كېرەك. ئۇ يالغۇز مودىلا ئەمەس يەنە  شۇ چاغدىكى باي –زەردارلىقنىڭ بەلگۈسى بولۇش ئېھتىمالىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە .
  ئىت يېتىلەش ئەجنەبىيلەردىن كىرگەنمۇ ياكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇدۇمىدا بار ئادەتمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ۋاقتىم يەتمىدى.ئەمما، ئىتنىڭ كۆندۈرۈلگەن ئائىلە ھايۋىنى ئىكەنلىكى ، ئۇنى كۆپ قىسىم ئائىلىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ باقىدىغانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ. ھەتتا ئۇيغۇرلاردا «ئىت ۋاپا ، خوتۇن جاپا» دېگەن تەمسىلمۇ بار. بۇنىڭدىن ئىتنىڭ ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇلۇغلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن . دېمىسىمۇ ئىت ئىلگىرى ئۆزىنى باغقان ئىگىلىرىنىڭ ئۆي-ۋارانلىرىنى ئوغرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش رولىنى ئوينىغان.تاغ-يايلاقلاردا بولسا ئىت چارۋىلارنى بۆرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش رولىنى ئويناپ چارۋىچىلار ئۈچۈن كەم بولسابولمايدىغان موھىم قاراۋۇلغا ئايلانغان. ھەتتا ھازىرقىدەك زامانىۋى جەمئىيەتتىمۇ   مەخسۇس كۆندۈرۈلگەن ئاپشاركىلار رازۋېتكا رولىنى ئۆتىمەكتە. يەنە نورۇز قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئاممىۋى پائالىيەتلەردە ئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماقتا يوق مۇھىم پائالىيەت تۈرىگە كىرگۈزۈلمەكتە. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي  ئۇيغۇرلار ئىتنى ئەزەلدىن ياتىدىغان ئۆيىگە ،ئاشخانىلىرىغا باشلاپ كىرگەن ئەمەس. بۇ بەلكىم ئىسلام ئەھكاملىرى   بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. چۈنكى ، بۇخارى مۇسلىم ئىبنى ماجە دېگەن كىشى : «ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ» دېگەنىكەن .
    ئەمەلىيەتتە ،ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلار ئوخشاشلا يەر شارىنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولۇپ ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن باشلاپلا ئىناق-ئىجىل ئۆتۈپ كەلگەن . دىيارىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بۇندىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى قىياتاش رەسىملىرى ۋە مىڭ ئۆيلەردىكى يارالمىش قىسسىلىرىدە بۇ ھەقتە جانلىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.
زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگەئەگىشىپ ئىت كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتكەنىدى. ۋەھالەنكى ،ئەمدىلىكتە زامانغا لايىقلىشىپ تۈكلىرى رەڭگا-رەڭ بويالغان ھەتتا ئېسىل كىيىندۈرۈلگەن  پىستە ئىتلار شەھەرلەردەپەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇنى ئېكىلوگىيە مەدەنىيىتى نۇقتىسىدىن ياخشى ئىش دېمەسلىككە ئامال يوق. چۈنكى ، ھايۋانلارنى قوغداش ، ئاسراش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش گىراژدانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى سۈپىتىدە قانۇن-نىزاملاردىن ئورۇن ئالغان بولۇپ ، ئۇنى يەنە ئىناق جەمئىيەت پەرپا قىلىشنىڭ بىر تۈرى ، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
   ۋەھالەنكى ، ئۆزلىرىگە ئەرمەك بولىۋاتقان ئاشۇ ھايۋاننىڭ باشقىلارغىمۇ ئەرمەك بولالمايدىغان تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئويلۇشۇپ كۆرۈش زۆرۈردۇر، ئەلۋەتتە. مەن ھەتتا ئاممىۋى ئاشخانىلارغىمۇ ئىت يېتىلەپ كىرىگەن ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بەزى ئىتلارنىڭ كۈپ-كۈندۈزدە كىچىك بالىلارنى قوغلاپ قورقۇتۇپ يىغلىتىۋەتكەنلىنىمۇ كۆردۈم. ھەتتا ئۆزۈممۇ كۈندە ئىشقا بارىشمدا ۋە ئىشتىن ياناشىمدا شۇنداق ئىشلارغا كۆپلەپ يولۇقتۇم. مېنى تېخىمۇ بىزار قىلغىنى كۈندە ئەتىگەن ئىشقا ماڭاشىمدا چوڭ يولدا ھەتتا خەلق مەيدانلىرىدا ئۇچرايدىغان ئىت پوقلىرىدۇر.بۇخىل ھالەت مەندە بەزىدە بۇ شەھەرنىڭ «مەملىكەت بويىچە پاكىزە شەھەر»دېگەن چىرايلىق نامىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسام ئۆزۈم ئىلگىرى ئوقۇپ تەرجىمە قىلىپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلغان جۇ سوڭيۈ ئەپەندىنىڭ «شىۋىتسارىيىلىكلەرنىڭ مىللىي ئېڭى » ناملىق  ماقالىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئېسىمدىن كېچىدۇ .
   شۇ ماقالىدە يېزىلىشىچە ،شىۋىتسارىيىلىكلەر ئەرمەك ھايۋانلارغا تولىمۇ ھېرىس بولغانغا تۇشلۇق ئۇلاردا بۇنىڭ جامائەتكە ئېلىپ كېلىدىغان پاسسىپ تەرەپلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىمۇ تەڭ يېتىلگەن. شىۋىتسارىيىلىكلەرئىت بېقىشقا ئامراق بولسىمۇ ئەمما كوچا-كويلاردىن بىرەر ئىت پوقىنى ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن . كوچىلارنىڭ ھەر بىر بۆلۈكىگە مەخسۇس ساندۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئىت يېتىلىگەن ھەر بىر ئادەم  ئۇ يەردىن يالتىراق خالتىغا ئېرشەلەيدىكەن. مۇبادا ئىتى گەندىلەپ قالسا ئىت پوقىنى خالتىغا سېلىپ بەلگۈلەنگەن يەرگە قويۇپ قويىدىكەن. بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئەخلاق ئېڭى سۈپىتىدە ئومۇمىيلاشقانكەن. ئومۇمەن شىۋىتسارىيە مۇھىتنى تۈزەشكە ئەمەس ، بەلكى خەلقىنىڭ ئاڭلىقلىقىغا تايىنىپ ياخشىلىغانىكەن(« جۇڭگو مىللەتلىرى « ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچەنەشرى ، 2010-يىللىق 2-سانىنىڭ 64-بېتىگە قارالسۇن).
ئەمەلىيەتتە ، بۇنى يالغۇز ئاقسۇ شەھرىدىكىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىققەتنى تارتىشقا تېگىشلىك موھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قاراشقابولىدۇ . مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دىيارىمىزدا يۈر بېرىۋاتقان ھەر بىر ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە توختىماي  ئىنكاس قايتۇرىۋاتقان تونۇلغان قانۇنشۇناس تۇنياز ئوسمان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدىم . تۇنياز ئوسمان ئەپەندى بۇمەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش ھېسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى : « بۇ ھۆكۈمەت تەدبىر قوللۇنۇپ ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلىنىڭ بىرى بولسىمۇ ئەمما ، ئىتتىن ئىبارەت ئەرمەك ھايۋاننى باقىدىغانلار يىلسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ،بېقىش شارائىتى بارمۇ-يوق ؟ بۇخىل ھايۋاننىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ۋە كىسەل تارقىتىشىدىن قانداق ساقلىنىمىز ؟ دىگەن مەسىلىلەرگە ھېچقانداق بىر ئورۇن ياكى رەھبەرنىڭ دىققىتى قوزغالمايۋاتىدۇ. ئىچكىرىدىكى بىرقىسىم شەھەرلەردە ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىش، ئاسراش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قانداق سورۇنغا قانداق جايلارغا ئېلىپ بارماسلىق ھەققىدە بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان بولسىمۇ ئەمما ، شەھرىمىزدە بۇنداق بەلگىلىمە ھازىرغىچە مەيدانغا كەلمىدى. ئىتلارنىڭ كىچىك بالىلارنى قورقۇتۇۋېتىشى ھەتتا چىشلىۋېلىشىدەك ئەھۋاللارغا ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان جىدەل ماجرالارغا پات-پات شاھىت بولۇپ تۇرىۋاتىمىز ؛ ئەخلەتخانىلاردا تىمىسقىلاپ يۈرگەن تاشلىۋېتىلگەن ئىتلارنىمۇ دائىم كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز ؛ ئەرمەك ئىتلارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىلىشىدىن، چىملىق، دەرەخلىقلەردىكى ئىت سۈيدۈكى ۋە پوقلىرىدىن بىزار بولۇۋاتىمىز ؛كۆكتات بازارلىرىدا كۆكتاتلارنى پۇراپ يۈرگەن ،ئاشخانىلاردا پۇتلىشىپ يۈرگەن ئىتلاردىن سەسكىنىۋاتىمىز؛ پۇق-سۈيدۈك يوق پاكىزە مۇھىتقا،يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىدىغان ھايۋاندىن خالى جامائەت سورۇنىغا تەشنا بولۇۋاتىمىز .ئەپسۇس ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇشۇنداق ئىشلارغا دىققىتىنى بۇرىشى يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. ھەتتا ، تاشلىۋېتىلگەن كىسەل ئىتلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇنمۇ چىقمايۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمە چىقىرىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش كىرەكلىكى   ئاممىنىڭ ئارزۇسىدۇر «. تۇنياز ئوسمان ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى :«  ئاقسۇ شەھرىدىمۇ ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىش ۋە باشقۇرۇش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلىشى؛ ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ جامائەت سورۇنلىرى جۈملىدىن سودا-ساراي،تاماقخانا،ئاممىۋى ئاپتۇۋۇز،سەي-كۆكتات بازىرى،كىنوخانا...قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ بېرىلىشى ۋاقتىدا چەكلىنىشى؛باغچا ،يول ۋە باشقا جامائەت سورۇنلىرىنى بۇلغايدىغان ئىت پوقى ، ئىت سۈيدۈكى بەلگىلىمەئارقىلىق يىغىشتۇرۇلۇپ،مۇھىت پاكىزلىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كىرەك.ئەرمەك ھايۋانلارنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىپ قەرەللىك تەكشۈرۈتۈش،كىسەل بولغان يۇقۇم تارقىتىدىغان ھايۋاننى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك«.
تۇنياز ئوسمان ئەپەندى يەنە ئاخىردامۇنۇلارنى قوشۇپ قويدى : « ئۆتكەن يىلى رۇسىيىدە بىر كىشىنىڭ ئىشەكنى خورلاش قىلمىشى سەۋەبىدىن جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تېلۋىزىيىدە خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە دىيىلىشىچە ، ئۇ كىشى ئىشەكنى تىك ئۇچارغا باغلاپ ئاسماندا ئۇچارىتقان ئىكەن. بىزدە سۈرۈشتۈرىدىغان بولسا ھايۋانلارنى خورلاشتا ئۇنىڭدىن بەتتەر ئەھۋاللار كۆرمىڭ. ئەمما قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن باشقىلىرى بىلەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كارى يوق. ھايۋانلارنى قوغداش جەمىيىتى دىگەندەك ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ بارلىققا كەلمىدى ياكى ئۆز رولىنى توللۇق جارىي قىلدۇرمىدى. شۇڭا قوغداش ۋە چەكلەش خىزمىتىگە چوقۇم ھۆكۈمەت بەلگىلىمە چىقىرىپ، مۇھىتنىڭ ئورۇنسىز بۇلغىنىشى ۋە يۈز بېرىشكە تېگىشلىك ئەمەس ماجرالارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كىرەك«.
      دۇرۇس ، مۇبادا بۇنداق ئىشلارغا سەل قارىلىۋەرسە ۋاقتى كەلسە بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدەئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ،مۇقىمسىزلىقنىڭ ئامىللىرى كۆپ خىل بولۇپ ، يالغۇز ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋان تېرورچىلىق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ جەمئىيەتتىكى ئانچە نەزەرگە ئېلىنمايدىغان نۇرغۇن ئۇششاق ئىشلارنىڭ بىخلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
     مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلغان بولساممۇ ئەمما،  ئۇ كىشى خوشياقمىغان پوزىتسىيە بىلەن ئىتلارنى قوغداش - باشقۇرۇشنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەسلىكىنى ،ياخشىسى چارۋىچىلىق تارماقلارنى ئىزدىشىمنى ئېيتىپ ئىشنى تۈگەتتى. ئەمما ، بۇ مەسىلىنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تۈزۈك دىققىتىنى تارتالمىغانلىقىغا قاراپ چارۋىچىلىق ياكى شەھەر مەمۇرىيىتى تارماقلىرىدىنمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.
     
       كوچا-كۇيلاردىكى زامانغا لايىقلىشىپ تۈكلىرى رەڭگا-رەڭ بويالغان ھەتتا ئېسىل كىيىندۈرۈلگەن پىستە ئىتلارغا قاراپلا ئەشۇنداق ئىت باققۇچىلارنى ھايۋانلارنى قوغداش ،ئاسراش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەۋاتقان ؛  دۆلەتنىڭ شۇ ھەقتىكى قانۇن-نىزاملىرىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتقانلار دېگىلى بولمىسا كېرەك. ئۇلار ۋاقتى كەلسە ئەشۇ ئىتلارنى سويۇپ يېۋىتىشتىن يانمايدۇ. سەھرادىكى تۇغقانلاردىن ئاڭلىسام يىلدا قىشتا ئىت ئالىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. قىشتا ئىت گۆشى يىسە ئادەم توڭلىماسمىش. شۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىر خەنزۇ ئاپتورنىڭ " مايمۇننى يىگەنلىك ئادەمنى يىگەنلىك " دېگەن ماقالىسى ئېسىمگە كېلىپ ، ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتكىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە.
مەن كورىيەلىكلەرنى ئىت گۆشىنى ئەڭ كۆپ يەيدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم.ئەمما، كورىيەنىڭ « يەنە بىر كۆرسەم » دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار : يىگىت لايىقىنى ئاشخانىغا باشلاپ ئەتەي ئىت گۆشى بۇيرۇتماقچى بولغاندا ئاسپىرانىت قىز قورىققىنىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۇچىغاچىققان ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.ئەشۇ كىچىككىنە بىر ئىش ئارىنى بۇزغىلى تاس قالىدۇ. بەلكىم ، مەدەنىي ئەللەردە  ھايۋانلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يىيىشمۇ ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىق ۋە جىنايەت ھېساپلانسا كېرەك.
           
  بەزىدە كوچا-كۇيلاردىكى  ئىتلارغا قاراپ   ئۇلارنىڭ پەرقسىز مۇئامىلىگەئۇچراۋاتقانلىقىنى ؛ ئىت بېقىشنىڭ نوقۇل ھايۋانلارغا كۆيۈنۈش نۇقتىسىدىنلا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمەن ۋە  كوچا-كۇيلاردىكى ئىتلارنىڭمۇ ھەر خىل تەبىقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، ھەتتا  دەرىجىسى بولسا كېرەك، دەپ قالىمەن . قارىسىڭىز بەزىلىرى شۇنداق پوچى - ھاكاۋۇر بولۇپ ، قارشى تەرەپكە ھومۇيۇپ قاراپ قاۋاپ قويىدۇ، ھەتتا ئالدىڭىزغا ھەيۋە قىلىپ ئېتىلىپ كېلىشتىن يانمايدۇ. يەنە بەزىلىرى خۇددى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئادەمدەك شۇنداق بىچارە-ياۋاش بولۇپ ، يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي ئەخلەتخانا ۋە يۇندا ئازگاللىرىدا تىمىسقىلاپ يۈرىشىدۇ . ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ 6 سېلىندىرلىق «نىيۇتۇ« ( كالا بېشى) ماشىنىسىىنىڭ ئالدىدا  تۇرغان بىر ئىتقا قاراپ ھەيران قالدىم. شۇ ئىت ئارقا ئىككى پۇتىنى ئورۇندۇققا ، ئالدى ئىككى پۇتىنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا قويۇپ شوپۇرنىڭ يېنىدا شۇنداق ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ كېتىپتۇ. كۆزۈمگە خۇددى مەرتىۋىلىك دۆلەت مەمۇردەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
   
ئالدىنقى يىللاردا ياڭ جىجۈن ئىسىملىك بىر خەنزۇزىيالىيسىنىڭ « بۆرە مەدەنىيىتى ئەخلەت مەدەنىيەت» ناملىق بىر ماقالىسى زور مۇنازىرەقوزغىدى. ئاپتور بۇ ماقالىسىنى جياڭ روڭنىڭ « بۆرە تۇتېمى» ناملىق رومانىغا قارشىيۆنىلىشتە تۇرۇپ يازغان بولۇپ ،جىياڭ روڭ موڭغۇللارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈزىتىپ ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئادەتلىرىدىكى بۆرىنى ئۇلۇغلاش روھىنى ئوپراتسىيە قىلغان بولسا « بۆرە مەدەنىيىتىئەخلەت مەدەنىيەت» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ياڭ جىجۈن تىبەت ئىتلىرى ئۈستىدەئىزدىنىپ ، تىبەت ئىتلىرىنىڭ رايىش ، ئىگىسىگە سادىق بولۇشتەك خارەكتىرىنى بۆرىنىڭ يىرىتقۇچ ، ۋەھشى خارەكتىرىگە سېلىشتۇرما قىلغان.
   يەنەبىر رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، ئىت ئەسلىدە بۆرە بىلەن بىر تائىپىدىكى ھايۋان بولۇپ، ئىت قولغا كۆنگەن ؛ ئەمما بۆرە قولغا مەڭگۈ كۆنمىگەنىكەن.شۇڭا كۆندۈرگۈچىگە نىسبەتەن ئىتنىڭ ياخشى ، رايىش ، سادىق دەپ  تەرىپلىنىىشى؛ قولغا كۆنمىگەن بۆرنىڭ بولسا ۋەھشى ۋە يىرىتقۇچلۇقتا سەلبىيلەشتۈرىلىشىنى توغراچۈشەنمەيمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، بۆرە ئاچلىقتىن ئۆلسىمۇ تاپ يىمەيدىكەن ؛ ئىت بولسا قورسىقى توق بولسىمۇ تاپقا دۈم چۈشىدىكەن. ھېچ بولمىسا شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ پۇراپ باقىدىكەن.ئەمما ، مەيلى نېمىلا دېمەيلى بۆرە دېگەن بۆرە، ئىت دېگەن ئىت. ئۇلار ئوخشىمىغان خارەكتىرگە ئىگە ئىككى خىل ھايۋاندۇر ، خالاس.
   ئادەتتە بىز  ھايۋانلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش جەھەتتەچەتئەل كىنو ۋە ھۆججەتلىك فىلىملىرىدىن نۇرغۇن تەسىرلىك ۋەقەلىكلەرنى  كۆرۈپ تۇرىمىز. ھەتتا بۇ جەھەتتىن ئۇلاردىن ئۆرنەك ئالغىمىز كېلىدۇ . ئەمما ،  بىزتەرەپلەردە بولسا چەتئەللىكلەرنى قارا-قويۇق دوراشنى مەىدەنىيەت دەپ چۈشىنىدىغان ،مەدەنىيەتنىڭ ماھىيىتى بىلەن ھېساپلاشماي شەكلىنىلا قوغلۇشىدىغان ، ئاخىرغا بېرىپ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي كۈلكىگە قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت . بىز مەيلى چەتئەل كىنولىرىدىن بولسۇن ياكى چەتئەل زىيارەت خاتىرلىرىدىن بولسۇن شۇ يەردىكى خەلق مەيدانلىرىدا توپ-توپ كەپتەرلەرنىڭ ئادەمنىڭ ئۈستى-بېشىغا قونۇۋالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھوزۇر ھېسقىلىمىز . مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئون يىللار ئىلگىرىكى بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ،  شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھرىدىكى خەلق مەيدانىدا نۇرغۇن كەپتەرلەر بېقىلىپ ، مىڭ تەستە ئۈگىتىلگەندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ ئەمما قويىۋېتىلگەن تۇنجى كۈنى كەچتە شۇنچە كۆپ كەپتەرلەرنىڭ ئاران يېرىمى قايتىپ كېلەلىگەن. ئىلگىرى ئاقسۇ شەھرىنىڭ ئەسىر مەيدانىغىمۇ  كەپتەر ئۆگۈتۈلۈپ باققان بولسىمۇ ئەمما نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئەشۇ كەپتەرلەرنىڭ سايىسىمۇ يوق بوپ كەتكەنىدى.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەرجىمە ماقالىدە يېزىلىشىچە ،ياۋروپادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر جۈپ جۇڭگولۇق ياش ئۇزۇنغىچە پەرزەنىتلىك بولالماپتۇ. دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەلق مەيدانىغا ئۆگۈتۈلگەن كەپتەرلەرنى تۇتۇپ يىگەنلىكتىن پەرزەنىتلىك بولالمىغانلىقى ئىسپاتلىنىپتۇ.ئەسلىدەخەلق مەيدانىدىكى كەپتەرلەر نورمىدىن ئوشۇق كۆپىيىپ كەتكەچكە ئۇلارغا كۆپىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئىشلىتىلگەنىكەن .
  داڭلىق ئۇيغۇر رەسسامى ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ « ۋېنىتسىيىدە تۆكۈلگەن كۆزياش» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسىدە ئاپتور ۋىنىتسىيىدىكى مەيدانغا كەلگەندە بىر توپ كەپتەرلەرنىڭ قىلچە ئۈركىمەستىن ئۇنىڭ ئۈستى-بېشىغا قونىۋالغانلىقى ؛ بۇ خىل يېقىنلىق ،مېھرىۋانلىق سېزىمىدىن تەسىرلەنگەن رەسسامنىڭ كۆز يېشى قىلغانلىقى ؛ مۇبادا ئاشۇكەپتەرلەر بىزنىڭ دىيارىمىزدا بولغان بولسا ئاللىقاچان تۇتۇپ يىيىلىپ قىرىلى تۈگەيدىغانلىقى يېزىلغان.

            2013-يىل31-ئۆكتەبىر ئاقسۇدا قەلەمگە ئېلىنىپ ، 20-نويابىر تولۇقلاندى.
                                                                                                                

                                 


11

تېما

0

دوست

3339

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1123
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 858
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 12:09:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزقىر ئەپەندىنىڭ بۇ يازمىسىغا ئاپىرىن.
بىز ماڭىدىغان يوللارنى ئىتلارنىڭ پوقلاۋاتقانلىقىنى ياخشى تەھلىل قىلىپ بېرىپتۇ. ماڭغاندا «ئىت»لارنىڭ پوقىغا تېيىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلايلى!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14163
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 179
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 02:08:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزقىر ئەجەپ سېغىندۇق سىزنى .

0

تېما

0

دوست

876

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11937
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 75
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 12:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا بوزقىر ئاكا، سىزنىڭ تىنىچ-ئامان ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ ناھايتى خوشال بولدۇم، راسىت گەپنى ئېيىتسام سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى كۈرۈپ تۇلۇق ئوقۇماستنلا ئىنكاس يازغۇم كىلىپ كەتتى، تېخى قايسى كۈنى ئىنكاس شەكلىدە باشقا تورداشلاردىن سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى سورىغان ئىدىم، سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن تىنىچ-ئامانلىق، سالامەتلىك...تىلەيمەن، مۇمكىن بولسا تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، چاڭقىغان قەلىبلىرىمىزنى نەمدەپ تۇرۇڭ، باغداشتىكى بارلىق دوسىتلار سىزنىڭ تېمىڭىزنى ھەرۋاقىت تۆت كۈزى بىلەن كۈتىدۇ ۋە قېتىرقىنىپ ئوقۇيدۇ، يازمىڭىز(ژانىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمىدىم)ئوقۇپ بۇلۇپ يەنە قايتىدىن ئىنكاس يازىمەن، ھارمىغايسىز.

دىنىڭنى قوغدا ۋە تىلىڭنى

0

تېما

8

دوست

6306

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10293
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1164
تۆھپە : 1131
توردىكى ۋاقتى: 379
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 21:47:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزقىر ئاكا سىز  ئاخسۇدىما

2

تېما

0

دوست

2617

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6863
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 478
تۆھپە : 487
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 21:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوز قىركا ھاياتكەنسىز.توقىسۇ تەرەپلەرگە كەلسىڭىز ھايىت دەۋېتىڭ پوچتىخانا يېنىدىكى يەرلىك توخۇدا مېھمان قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

1133

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8650
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 247
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 21:21:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر لاشقا تىەىشلىك تىما

2

تېما

0

دوست

4994

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1014
توردىكى ۋاقتى: 640
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 00:23:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈنكى ، بۇخارى مۇسلىم ئىبنى ماجە دېگەن كىشى : «ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ» دېگەنىكەن

بوزقىز ئەپەندىم، دىنى جەھەتتىن نەقىل ئالغاندا سەل دېققەت قىلىپ ئالساق بوپتىكەن بۇ خارى، مۇسلىم ۋە ئىبنى ماجە بىر ئادەم ئەمەس بەلكى ئۈچ ئادەمدۇر، ئۇلار ئۈچ مەشھۇر مۇھەددىس (ھەدىسشۇناس) بولۇپ،ئۇلار ئۆز ئۆمرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاپ ئۇلارنى ئىشەنچىلىك، ساختا، زەئىپ، يالغان، ئويدۇرما قاتارلىق ئىنچىكە تۈرلەرگە ئايرىغان.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )