قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1057|ئىنكاس: 12

سادايىمنى تىڭشاپ قوي دۇنيا !!!!!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

سادايىمنى تىڭشاپ قوي دۇنيا !!!!!!!
رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ

       ھەرقانداق بىر تەرەققىيات ئۆز مۇساپىسى جەريانىدا تەجىربىلەنگەن مەلۇم ۋاستىنى يۇقىرى ئۆرلەشنىڭ شۇتىسى قىلىدۇ.ئەمما قوللىنىلغان ۋاستە ھەرۋاقىت ئۈنۈملۈك بولۇشتىن مۇستەسنادۇر.ئەگەر قوللىنىغان شۇ ۋاستە ئۈنۈمسىز بولسا ياكى شەكىلگە ئايلىنىپ قالسا مۇقەررەركى دىتلىغان مەخسەت روياپقا چىقمايلا قالماستىن مەخسەت ئارقىلىق يىتىدىغان ئۈنۈم ھالاك بولۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش شەكىلگە،ساختىلىققا ئايلىنىپ قالسا شۇ ئارقىلىق ھەقىقىي ئادىمىيلىككە ئىگە ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئالى مەخسەت ئەمەلگە ئاشماي جەمىيئەت، مىللەت خار-زارلىققا دۇچار بولوپ زەبۇنلىقتا، نادانلىقتا ئىڭرايدۇ.مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئىلىمي ئەمگەككە شەكىلۋازلىقنىڭ ئارلىشىپ قېلىشى گەرچە سۇ بىلەن تەمىنىلەش پونكىتىغا ئوغۇرلىقچە كىرىپ ئىچىدىغان سۇغا بىر نەرسە ئارلاشتۇرىۋەتكەنگە ئوخشاش دەرھال ئۈنۈم كۆرسىتەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئەمما ساپ سۇدا ئەركىن يايراپ يىتىلىدىغان «بىلىجانلىرىمىزنى»پات يىقىنىدا سۇ  قورساق قىلىپ « سۇ »يۈزىگە «لەيلىتىپ»«قورسىقىنى» ئاسمانغا قارىتىپ قۇيۇشتەك تەقدىرى قىسمەتلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ.ئۇ چاغدىكى ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدۇ.
       يىڭى خىزمەت ئورنىمىزغا بىرىشتىن ئاۋال ئۈرۈمچىدە تەربىيلىنىۋاتقان مەزگىللەردە «خىزمەت ئورنىمغا بىرىپ چوقۇم سەرخىل دەرىس لاھىيەلىرىنى تۈزۈپ، تەييارلىقىمنى ئالدىن پۇختا قىلىۋىلىپ ئاندىن دەرىسكە كىرىمەن»دەپ نىيەت قىلغانتىم.ئەمما خىزمەتكە چىققاندىنكىيىن مەن كۆپرەك ئەمەلىي پائالىيەت قىلىپ بىرىشىنىڭ يىزا باللىرىنىڭ مەكتەپ تۇرمىشىدا مۇھمىنىڭ مۇھىمى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى دەرىستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرگە كۆپرەك تەشكىللەپ،ھەرخىل كۇرجىكلارنى قۇرۇپ كۆپ ۋاقتىمنى ھەرخىل مۇسابىقە،زىھىن سىناش ئۆتكۈزۈپ  ئۇلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇشقا سەرىپ قىلىدىم.بىراق بىر ئوقۇتقۇچى ماڭا«سىز كونسىپىكنى چەستەي يىزىپ تەقلەپ قويسىڭىز، دەرسخانىغا كىرىپ ئۆتەمسىز، ئۆتمەمسىز، ئىجىراسى قانداق بولىدۇ ھىچكىمىنىڭ كارى يوق،پەقەت كانسىپىكىڭىز تولۇق،15كۈن بۇرۇن تەستىقلانغان بولسىلا بولىدۇ.شۇنچىۋالا ئەمىلى ئىش قىلغىنىڭىز بىلەن قىلغان ئىشىڭىزنى ئۈچۈر-بۈجۈرىگىچە خاتىرلەپ ماڭمىسىڭىز قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى بىكار،يازىدىغاننى يازمىسىڭىز ۋاقتى كەلگەندە قىلغان ئەمىلى پائالىيەتلىرىڭىزنىڭ بىرىمۇ سىزگە ئارا  تۇرالمايدۇ»دىدى.بۇ گەپلەرنىڭ ئەمىليىەت ئىكەنلىكىنى كىيىنكى خىزمەت جەريانىدا تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. ئۇنىۋىرسال بىر  زىھىن سىناش پائالىيىتى ئۆتكۇزمەكچى بولۇپ پىكىرىمنى مەكتەپكە ئىيتسام ئاۋال ئىلتىماس يىزىشىم، ئۇنىڭدىنكىيىن مەكتەپ مۇدىرى ياكى شۇجى قۇشۇلىشى كىرەك ئىكەن،ئۇنىڭغا پىلان لاھىيىە يىزىپ ئۇنى ئىلىمى مۇدىرغا تەستىقلاتقاندىنكىيىن ئۆتكۈزسەم بولىدىكەن،ئەمما پائالىيەت جەريانىدا ئىش چىقماسلىققا،بىخەتەرلىككە كاپالەت بىرىشىم كىرەككەن،ئۆتكۈزۈپ بولغاندىنكىيىن چوقۇم پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى، قانداق ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە خۇلاسە يىزىپ ئىلىمى بۆلۈمگە تاپشۇرىدىكەنمەن،بالىلارنىڭ2-دەرسىخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇراي دەپ مەكتەپتە ئۆتكۈزىدىغان ئادەتتىكى بىر پائالىيەت ئۈچۈن(ئەگەر مۇكاپات تەسىس قىلاي دىسەم رەسمىيتى ئۇنىڭدىنىمۇ كۆپ) بۇنىچىۋالا تولا رەسمىيەتنى بىجىرپ بولالماي پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىن يالتايغان بولساممۇ ئۆتكۇزىمەن دەپ ۋەدە قىلغىنىم ئۈچۈن پىلانلىغان ۋاقتىمدىن ئىككى ئاي كىچىكىپ ئۆتكۈزدۇم.ئادەتتە بىز نۇرغۇن خاتىرلەر بىلەن ھەپىلىشىپ كۈننى كەچ قىلىمىز،قارىسىڭىز بىر كۈنىڭىز بىر نەرسە يىزىش بىلەن ئۆتكەندەكلا ھىس قىلىسىز، سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ يازىدىغانلىرىمۇ يىتىپ ئاشىدىغان بولۇپ بىردەم ئۇ بۆلۈمنىڭ، بىردەم بۇ بۆلۈمىنىڭ جەدىۋىلى،بىردەم ئۇ بۇلۇمىنىڭ پالانى ئىشىنىڭ خاتىرلىرىنى تولدۇرۇش بىلەن كۈنى ئوتىدۇ.بەزىدە ھەيران قالىمەن،بىز قىلغان،قىلمىغان ئىشلىرىمىزنى خۇددى ھەقىقەتەن قول سىلىپ ئۈنۈم ياراتقاندەك خاتىرىمىزگە پىلان- ئىجرالىرىنى كەلتۈرۈپ يىزىپ چىقىدىكەنمىز،شۇڭا كۆرىنىشتە خىزمەتنى تۇلىمۇ ئەستايىدىل ئىشلىگەندەك كۆرىنىدىكەنمىز.ئەمما ئۇ پىلان خاتىرە ئىچىدىن چىقامدۇ ياكى شۇ پىتى تۇپا –چاڭلارغا باش بولامدۇ بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق،مۇھىمى دەپتىرىڭىزگە خەت توشقان بولسىلا كۇپايە.بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىيلىك، ئەخلاق جەھەتتە چىكىنىشى ھەر بىر ۋىجدان خۇجايىنىنى ئازاپلىق ئويلارغا ئەسىرا قىلىدۇ. بىر قانچە كەسىپدىشىمىنىڭ دەرىس لاھىيەسىنى كۆرۈپ باقتىم،لاھىيە شۇنداق چىرايلىق خەت بىلەن، ھەرخىل رەسىم ،سۆرەتلەر چاپلىنىپ، شىئىرلار يىزىلىپ خۇددى مۇۋاپىقىيەتلىك بىر سائەتلىك دەرس ئۆتۈش پىلانلانغاندەك لاھىيىلىنىپتۇ، ئەمما لاھىيەنىڭ ئۆزى خام نەرسە، ئۇ ئەمەلىيەتتە ئەشۇ بويىنچە ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇلۇپ ئىجرا قىلىنغاندا ئوقۇغۇچىلار شۇ دەرىستىن ھىس قىلغانلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىيالىغاندا ئاندىن پىشىپ ھەقدادىغا يىتىدۇ.يىزىلغان ماتىرىياللارنى تەكشۈرۈش ئاساسى ئورۇندا،ئەمىلي نەتىجە قۇشۇمچە بولغاندىنكىيىن ئوقۇتقۇچىلار ماتىرىيال يىزىشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بىرىپ، يىزىپلا قويۇپ ئەملىلىشىشىگە تاز كۈچىمەيۋاتىدۇ.يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى بىزنى كۆپ قىتىم ئەمەلىيەتچان بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىۋي بىلىملىرىنى كۆپرەك ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاشنىڭ ئۈنۇملۈك يۇلى ھەققىدە ئاگاھلىدى ۋە تەربىيەلىدى.ئەمما ئۇ قىسمەن مەكتەپلەردە بىر ئاغزاكى جاكارلىما بولۇپ قىلىۋەردى.يىڭى دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ قوڭغۇرىقى قۇلاق تۈۋىمىزدە چىلىنىۋەرسمۇ ئولتۇرغان جايىمىزدىن بىر تۇتام «توپىنى» يۇلۇپ ئىلىپ دەس تۇرۇپ كىتەلمىدۇق.تالاي يازمىلار،ئىجرادىن مۇستەسنا يازىدىغان دۆۋە-دۆۋە ماتىرىياللار مەكتەپ تۇرمۇشىمىزنى، مائارىپ يۇلىمىزنى يىڭىچە مەزمۇنلىيالمىدى.ئۇنىڭ ئورنىغا قۇشۇمچە بىرەر تىل ئۈگىنىپ قويىدىغانغا ياكى كەسپى بىلىمىمىزنى ئۈزۈكسىز يىڭىلاشقا ۋاقتىمىز قىس.مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرتىپ خەنزۇچە ئۈگەنسەكمۇ يەنە شۇ ئۈگىنىشىنىڭ كونسىپىك، تاپشۇرۇقلىرىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلار ئۈچۈن تەييار قىلىپ قۇيىمىز،ئەمەلي نەپ يىراقتىكى گەپ.مەن كىچىكىمىدىن يىزىقچىلىققا قىزىقىپ بۇ جەھەتتە ئاز-تۇلا ئىزدىنىۋاتقانلىقم ئۈچۈن خىزمەتكە ئەمدىلا چىققان ۋاقتىمدا شەنبە،يەكشەنبە،تەتىللەرگە ئوخشاش خىزمەتنىڭ ئارسالدى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىرەر كىتاپچە يىزىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم.بىراق پىلانلىغان ۋاقتىم تالاي يازمىلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.ھازىرغا قەدەر ئۇنداق بىرەر كىتاپچىدىن بەش-ئالتىسى يىزىلىپ پۈتكىدەك خاتىرىگە خەت يىزىپتىمەن.ئەمما ئاقىۋەت ھەممىسى قۇرۇق قەغەزگە،ئارزۇيۇم كۆپۈككە ئايلاندى. ئەگەر شۇنىڭ ئورنىغا بىرەر پايدىلىق يازما يىزىلغان بولسا ئىدى،ھىچبولمىغاندا زىرىككەندە بولسىمۇ ئۇقۇشقا ئەسقاتاتتى. ئائىلە دىمەي، شەنبە– يەكشەنبىلەرنى قۇربان قىلىپ يازىمىز، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار كەلمەيدىغان تەتىلدىمۇ يازىمىز،ئەمما ماڭىدۇ،ماڭىدۇ قىردىن ئاشالمايدۇ دىگەن تىپىشماقىنىڭ جاۋابىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئۆزىمىزگە تەدبىقلىيالمايمىز.خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە باھالاشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جان-جەھلىمىز بىلەن چاس بىرىپ تەييار تۇرىمىز. بەزىدە بىز شۇنچە تەييارلىق قىلىپ خاتىرلەرنى تەقلەپ تەكشۈرىشكە تەييارلىنىپ تۇرساقمۇ ۋىلايەت،ئاپتۇنۇم رايۇندىن كەلگەن تەكشۈرگۈچىلەر بىزنىڭ شۇنچە جاپادا يازغان خاتىرلىرىمىزنىڭ بىرەر بىتىنىمۇ ۋاراقلاپ قويمايدۇ.ئەكسىچە ئۇلار مەكتەپنىڭ قاتتىق دىتال قۇرلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى،مەكتەپنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىنى تەكشۈرۇپ مەكتەپلەرگە ھەقىقىي باھا بىرىدۇ.
      ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم،داۋاملىق يىڭلاپ تۈزۈپ تۇرمىسا قەتئي بولمايدىغان دەرىس لاھيىسىدىن باشقا مەۋسۇم بىشىدىكى تۈرلۈك پىلانلاردىن ئون خىل پىلان،ئۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ پىلانلار ئاساسىدا شەكىللەندۇرىلىدىغان ئون خىل خاتىرە،ئۇنىڭ خۇلاسىللىرى، سىنىپ مۇدرلىرى يازىدىغان يازمىلاردىن ئائىلە سۆھبەت خاتىرسى،تەكتىنى ئىنىقلاش خاتىرسى، سىنىپ يىغىنىنىڭ لاھيەسى، خاتىرسى،ئىجراسى،جەزمەن زىيارەت ئوبىكىتىلرى خاتىرسى، «تۆتنى بىلىش تۆتنى ئىنىقلاش خاتىرىسى»، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرسىدىن باشقا مەكتەپتىكى چوڭ-كىچىك يىغىنلارنىڭ خاتىرسى،بايراق ئالدىدىكى تەربىيە سۆزى،ھەر كۈنى قەرەلسىز يىزىلىدىغان ماتىرىياللار،يىلدا بىر ئىككى نۆۋەت«پۇل تۆلىسىڭىزلا سۇئال ۋە پايدىلىنىش كىتابىنى بىرىمىز،جاۋاپنى كۆچۇرۇپ يىزىپ تاپشۇرساڭلار بولىدۇ»دەپ ئىلىنىدىغان ھەرخىل ئىمتىھانلار،ھەر قىتىملىق تەتىل كىلىشى بىلەن باشلىنىپ كىتىدىغان ھەرخىل تىمىلىق ئۈگىنىشلەرنىڭ يازمىچە ماتىرىياللىرى،مەن يەنە تىلغا ئىلىشىنى ئۇنتىغان ئاللاقانداقتۇر يازمىلار تەخىرسىزلىك بىلەن يىزىشىمىزنى كۈتۇپ تۇرىدۇ.بەلكىم بۇ ماتىرىياللارنى يىزىشنى ئورۇنلاشتۇرغان يۇقىرى دەرجىدىكى تارماقلار ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا يىقىنراق تۇرسۇن،ئۇلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى بىلسۇن دەپ يولغا قويغان بىر ۋاستە بولىشى مۈمكىن ، بۇنىڭدىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ھەقىقي كۆيىنىشىنى قىلغان خىزمەتنى خاتىرلەپ مىڭىش شەكلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى مەخسەت قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.ئەمما بۇ پاك مەخسەت قىسمەن جايلارغا يۈزلەنگەندىنكىيىن شەكىلگە ئايلىنىپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلي ئەھۋالى راستىچىل ئىگەللىنىلمەي،ھەققى كۆڭۈل بۆلۈش خاتىرىگە يالغاندىن يىزىپ قۇيۇشقا يۈزلىنىپ قالدى.بۇ خاتىرىلەرگە تەستىق سېلىپ باھالغۇچىلاردىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قاراپ باھا بىرىشتىن ئوقۇتقۇچىنىڭ يازغان خاتىرىسىگە قاراپلا باھالايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكتىنى ئىنىقلاش دىگەنلەر ئەمىليلىكتىن بەكلا يىراقلاپ كەتتى.شۇڭا ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىقى، ئەمىلي ئەھۋالى نەدىن-نەگىچە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان سىنىپ مۇدىرلىرى كۆپەيدى. يازىدىغان نەرسىنىڭ توللىلىقىدىن ئەسلى ئوبىكىتىلارنىڭ ئائىلىسىگىچە بىرىپ يازىدىغان سۆھبەت خاتىرسىنى (ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە بارغان-بارمىغانلىقىنى مۇشۇ خاتىرىگە يىزىلغان خەتكە قاراپ ئىسپاتلايدىغان بولغاچقا) ئىشخانىدىلا يىزىپ خىتى سەترەك بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇپ تاپشۇرىۋىتىمىز. دىمەك، سۆھبىتىمىز خاتىرە بىلەن ئۆزىمىز ئوتتۇرىسدا ئىلىپ بىرىلىپ بۇنىڭدىنىمۇ خەت تولدۇرۇشلا بار بولۇپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگىچە بىرىپ ئەمىلى ئەھۋالنى كۆرۇش، نەقمەيداندا ھەل قىلىش ، تەربىيە بىرىش،ئاتا-ئانىلارغا  ئىدىيۋي خىزمەت ئىشلەشتىن مۇستەسنا قالىمىز.ھەر مەۋسۇمدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىمزالايدىغان مەسئۇلىيەتنامىلەر بىر قانچىگە يىتىدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ ئەمىلىلىشى ئانچە مۇھىم ئەمەس. سۈرىشتىسى قىلىنغاندا«قىلدىڭمۇ؟ قىلدىم مانا!»دەپ كۆرسىتىلىپ بولغاندىنكىنيلا ئىقى قەغەز،قارسى سىياھقا ئايلىنىدۇ.بۇنى بىر مەۋسۇم ئىشلىتىلىشكە يىتىدۇ دەپ قەرەلەنگەن مەكتەپ ئىش قەغەزلىرىنىڭ، سىېتىۋىلنغان پىرىنتىر ۋە كۆپەيتىش قەغەزلىرىنىڭ قەرەلسىز تۈگەپ كىتىۋاتقانلىقىمۇ گۇۋاھلىيالايدۇ.
       قىلىدىغان ئۈگىنىشىنىڭ تۇلىلىقىدىن بىشى قىيىپ«ئىلمي تەرەققىيات دىگەن نىمە» دىگەن سۇئالغا بىرىلىدىغان جاۋاپنى تاپالماي تۇرۇپ قالغان ئىلگىرىكى ئوتتۇرا قاتلام مۇدىرىمىز بىر قىتىم ماڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرناق ئالغان-ئالمىغانلىقىنى، قۇلاق ئارقىسىنى تازلىغان-تازلىمىغانلىقىنى خاتىرلەپ ماڭماپسىز دەپ بىرمۇنچە كايىپ مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش نۇمۇرۇمدىن تارتىۋالغان ئىدى.خاتىرلەپ قۇيۇش تۇلىمۇ ئۇڭاي، ئەمما  ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلىش ئۈچۈن يەنى بالىلاردا ياخشى تازلىق ئادىتى يىتىلدۇرۇش ۋە ماس ھالدا ئادەتلەندۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئەمەلي جەرياننى بىسىشقا،ئۈلگە بولۇشقا توغرا كىلىدۇ؟ئۇ خاتىرىگە خەت يىزىپ قويغاندەكلا ئاسان ئىش ئەمەس،ئەلۋەتتە.ئۇنداقتا،يازغان يازمىلىرىمىزنىڭ قانچىسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىشىمىزگە،ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەپ- ئەخلاق،ئادىمىيلىك تەربىيىسى بىرىشمىزگە ياردەمى تىگىۋاتىدۇ؟ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قانچىلىك پىشاڭلىق رولى جارى بولىۋاتىدۇ؟قاچانغىچە ھەركەتكە كەلمەيدىغان دەپتەرنىڭ ئىچىدىكى خەتىنىڭ ئىچىدىن چىقالماي ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز سۆزلەپ ئۆتىمىز؟بۇ يەردە مەن ئۇلارنى يازماسلىق كىرەك ئىدى دىمەكچىمۇ ئەمەسمەن.ئەگەر يازغانلىرىمىز ئەمەلىيەتكە يىقىنلاپ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھەقىقى تۈرۈتكىلىك رول ئويناۋاتقان بولسا يىزىپ-يىزىپ خۇماردىن چىقمىغان بوللاتتۇق.ئەپسۇس،يىزىلىپ بولغاندىكىيىنلا ئەمەلىلەشمەيدىغان قىسمەن يازمىلار ۋاقتىمىزنى ئىگەللىۋىلىپ يەتمەكچى بولغان ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىز بىر چەتكە تاشلىنىپ قىلىپ بويۇن قىسىپ قىلىۋاتىدۇ.شۇنداق ئىكەن باش قاتۇرۇپ دەرىس تەييارلاش،ئۇنى ئوقۇغۇچىلارغا جايىدا سىڭدۈرۈش جەھەتلەردە ۋاقىت يىتىشمەي مۇھىم يازمىلارنىمۇ قولىمىزنىڭ ئۇچىدىلا يىزىپ ئادەتلىنىپ قىلىۋاتىمىز،ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ئايدا بىر قىتىم  تەكشۇرۇپ نۇمۇر قويىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋىلىش ئۈچۈن مەكتەپتە يىزىپ بوللالمىغانلىرىمىزنى ئۆيدە خۇددى ئۈنچە-مارجان تىزغاندەك خاتىرىگە تىزىۋەتسەكلا بىز ھەرقاچان«خو»ئوقۇتقۇچى بولىۋىرىمىز.شۇڭا ھەرۋاقىت قەلبى كىرسىز ئەشۇ قارا كۆزلەردىن ئايرىلماي ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن يىتەكلەپ توغرا بولغان كىشلىك قەدىر- قىممەت يۇلىنى كۆرسىتىشكە كۈچەش جەريانىدا ماتىرىيال يىزىشقا يىتىشەلمىگەن ئوقۇتقۇچى لاياقەتسىز، ئەكسىچە قىلغىنىغا قىلمىغىنىنى قوشۇپ ماتىرىيال يىزىشقىلا ئەھمىيەت بىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مۈنەۋۋەر بولۇپ كىلىۋاتقان ئەھۋاللاردىن قۇتىلالمايۋاتىمىز.بەلكىم قىسمەن بىئەستايىدىل ئوقۇتقۇچىلار دەرىس لاھىيسى قاتارلىق يىزىشقا تىگىشلىك مۇھىم يازمىلارنى ۋاقتىدا يىزىپ ماڭمىغاچقا ئايدا بىر قىتىم ئىلىپ بىرىلىدىغان مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش تۈزىمى ئوتتۇرغا چىققان بولىشى مۈمكىن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسۇن دىسەك قىسمەن كانسىپىك يازمايدىغان،تەستىق سالدۇرماي دەرىسكە كىرىدىغان داۋىخور ئوقۇتقۇچىلارمۇ يوق ئەمەس بار بولغاچقا بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئىسىمىنى ئۆزگەرتىۋالغان «ئىلمەك بۆلۈم»نىڭمۇ خاتا تەرەپلىرىمىزنى، كەمچىلىكلىرىمىزنى ئىلمىكىدە ئىلىپ ، تەكشۈرۇپ تۇرماي ئامالى يوق.مىقدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشتا ئوقۇتقۇچىلار تالاي ماتىرىياللار ئىچىدىن ئۆزىگە لازىملىق ماتىرىيالنى شەكىللەندۇرۇپ نۇمۇر ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈلگەچكە خاتىرىلىرىمىز تەكشۈرۈلۈپ بولغاندىنكىيىن يازغانلىرىمىزنىڭ ئەمىلىلىشىشى قانچىلىك بولىۋاتىدۇ،ئوقۇغۇچىلار نىمىلەرنى ئۈگەندى،ئۇلارنىڭ ئەخلاقىغا« سەپىرىڭ قاياق»دەپ سوراقلاپ تۇرۇشقا تازا كارىمىز بولماي قالدى.پەقەت مەيلى قىلايلى ياكى قىلمايلى دەپتەرگە خەت توشسىىلا،تالاي تاپشۇرمىلارنىڭ بەجا كەلتۇرلىشى خاتىرىمىزدىن چىقسىلا بىز نوچى بولىۋەردۇق.بۇ نەتىجىگە،ئۈنۈمگە ئىتىبار بەرمەيدىغان قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارغا يىشىل چىراق بولوپ بەردى.مۇشۇنىڭدەك بىر تالاي خاتىرلەيدىغان قىلغان، قىلمىغان ئىشلار، بىزنى ساختىلىققا،شەكىلۋازلىققا زورلايدىغان يازمىلار بىزىرىپ تۇرىۋىلىپ يىزىپ تۈگىتىشىمىزنى، مۇناسىۋەتلىكلەرگە كۆرسىتىپ يول يۇرۇق سورىشىمىزنى،تەكشۈرتۈپ تەستىق سالدۇرۇشىمىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئايىغى چىقمايدىغان تالاي خاتىرلەرگە خەت تولدۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بولۇشىنى ئويلىمايدىغان،ئۇلارغا ئادىمىيلىك تەربىيسى بىرىشكە ۋاقتىمىز چىقمايدىغان بولۇپ قالدۇق.چۈنكى ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن تەربىيەمىز ئۈنۈمسىز بولسا ئىسمىمىز ئاشكارلانمايدۇ،ئەمما يازىدىغان يازمىللىرىمىزنىڭ بىرەرى چالا قالسا ئىسمىمىز ئاشكارلاش سەھنىسىگە قوندۇرلۇپ بولىدۇ. شۇڭا بەزىدە ئوقۇتقۇچى بىجاندىل دەرىس  ئۆتۇشىنىڭ ياكى ھىلىقى دوۋلەگلىك تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرىشىنىڭ ۋە ياكى باشقا تۈگىمەس ماتىرىياللارنى يىزىشىنىڭ قايسىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلەلمەي ئوقۇتۇشقا ھەقىقى  كۆڭۈل بۆلىنمەي تەلىم-تەربىيە بىر خىل ئىزغا چۈشۇپ قالىدۇ.ئىشقىلىپ يىزىپ خاتىرلىگەنلىرىمىزنىڭ ئۆز قىممىتىدىن مۇستەسنا ئىكەنلىكى بىزنى بىزار قىلىسىمۇ ئۆزگەرتىش تەرەپتارىدا بولماي يىزىشقىلا ئەھمىيەت بىرىپ كىتىۋاتىمىز.قارىسىڭىز بەزى مەكتەپلەرنىڭ پىلاكات،ئارخىپ خالتىسى، تەشۋىقات،خاتىرە قاتارلىق يازمىچە ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن تولۇق، ھەمدە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەنگەن،ئەمما خاتىردىكى شۇ گەپلەرنىڭ خاتىرە ئىچىدىن«پۇت»چىقىرىپ ھەركەتكە كىلىشى،ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشى تۇلىمۇ ئاز ۋە ئاستا.ئەمەلىيەتتىمۇ ئوقۇغۇچىللىرىدىن مەسىلە كۆپ چىقىۋاتقان،يۈز بىرىۋاتقان يامان تەسىرى بار ئىشلار دەل ئەنە شۇنداق  شەكىلۋازلىق قوغلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۋىرسال ساپاسىغا،ئەخلاق ساپاسىغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىدىن سادىر بولىۋاتقانلىقى كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىۋاتىدۇ.يەنە قارسىڭىز ھەممە كىشى شۇنداق بىرىلىپ خىزمەت قىلۋاتقاندەك ، شۇنداق ئالدىراشتەك كۆرىنىدۇ، بىزنىڭ ئۇنچىۋالا پالاقشىپ كەتكىنىمىزگە لايىق سەۋزىمزدىن بىخەۋەر پولورىمىز دەم يەۋەردى،ئەمما ئۇ چالا دەم يىگەن بولغاچقا قۇرسىقىمىزنى مۇجۇپ ئاغرىتىپ قويىۋاتىدۇ.
       ئەمىلي ئىشىنىڭ ئاز بۇلۇپ،يازىدىغان رەڭۋازلىق تۈسىدىكى نەرسىلەرنىڭ كۆپ بولىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئىچىش جەھەتتكى ئەمەلي ھەركەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك، ئەتىراپلىق،ئىزچىل بولماسلىقى،بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپچىلارغا ماسلاشماسلىقى، شەكىلۋازلىقىنىڭ ئەۋج ئىلىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىدىيىسىنىڭ ئۆسمەيۋاتقانلىقى، ساختا سۆھبەت خاتىرىسى،ساختا ئىمتىھان، ساختا نەتىجە،ساختا ئىلغارلىق، مائارىپتىن بەكرەك مۇئاش ئۈچۈن سوقىۋاتقان يۈرىكلەرنىڭ رىتىمسىزلىشىشى قىسمەن يىزا ۋە ناھىيەلەر مائارىپنىڭ باشقا جايلارنىڭ مائارىپىغا يىتىشەلمەيۋاتقانلىقىدىكى سەۋەپلەر بولىشى مۈمكىن. شۇڭلاچقا ئوقۇغۇچىللىرىمىزنىڭ ئوقۇش ئىدىيىسى بىر ئىزدا،يەنىلا ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەكتەپتىن قاچىدۇ،يەنىلا ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىمىز تۈۋەن،يەنىلا ئاپتۇنۇم رايۇن ھەر مەۋسۇمدا چىقارغان ئىمتىھان سۇئاللىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقدىدارىمىز ئاجىز. دىمەك،يىزا مائارىپىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى بىر ياقىلىق قىلىش ھەممەيلەنگە،ئالدى بىلەن ئاتا-ئانا،ئاندىن مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىغىچە باغلىنىشلىق.ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس كۈچ ئاجىرتىپ قوللاپ ، مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ شارائىتىمىزنى ياخشىلاپ بىرىشىگە ئەگىشىپ قىسمەن ئاتا-ئانىلاردا تاينىۋىلىش پىسخىكىسى ئىغىرلاپ كەتتى. بىركۈنى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسىنىڭ«مەكتەپتە بالامغا لەغمەن ئىتىپ بەرمەيدىكەن ،شۇڭا بالامنى مەكتەپكە ئەۋەتمىدىم»دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم. خۇددى بەزى نەرسىلەر بىزنىڭ قولىمىزدىنلا چىقىدىغاندەك قىسمەن ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە كىلىۋىلىپ«ھۆكۈمەت بىرىۋاتسا نىمىشقا بەرمەيسىلەر»دەپ بىزنى خىجىل قىلىشىدۇ.مانا مۇشۇنىڭىدەك پەقەت قورساق مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا مەكتەپكە كىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قىينالمايلا تاپالايمىز.
      ھىكايە،چۆچەكلەردە كىشلەرنىڭ ئەزەلدىن ئېشەكنى دۆت دېيىشكە ئادەتلەنگەنلىكىنى بىلىمىز.شۇڭا كىشىلەر قاراڭلار ئاۋۇ ئىككى قۇلىقى سالپاڭ دۆت ئېشەككە،....دەپ ئېشەك توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ.
        «ئاھ خۇدا،مىنى كىشلەر ئەمدى بۇنداق دېمىسۇن!-دەپ ئويلاپتۇ ئېشەك،-مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ ئوبرازىنى ئۆزگەرتسەم بولاتتى.ئاڭلىسام كىيىنىش ئوبراز تىكلەشتىكى ئەڭ ئاددى،ئەڭ تىز ئۇسۇلكەن».
       شۇنىڭ بىلەن ئېشەك ئۆزىگە يارىشىملىق بىر قۇر كىيىم تىككۈزمەكچى بولۇپتۇ ۋە ئەڭ ياخشى تىككۈچىنى تېپىپ ساپسىرىق كىمخاپ تون تىككۈزۈپتۇ،بۇ كىيىم قارىماققا خۇددى زەر يىپتا تىككەندەك ناھايىتى چىرايىلىق ئىكەن،ئېشەك پاقىراپ تۇرغان توننى كىيىپ،بازارغا بىرىپ كىشلەر ئارىسىدا ئۇياق-بۇياققا يورغىلاپتۇ.ئىشىنىمەنكى،كىشلەر ماڭا تامامەن باشقىچە قاراشتا بولىدۇ،دەپ ئويلاپتۇ ئېشەك كۆرەڭلەپ ماڭغاچ.
-قاراڭلار ! دۆت ئىشەك كەلدى، دۆت ئىشەك كەلدى!
-بۇ كىيىم ھەقىقەتەندە چاكىنا ئىكەن!
-نىمىدىگەن قاملاشمىغان كىيىم بۇ،بۇ دۆت ئېشەك بىزگە شۇملۇق ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن.
كىشلەر ئۇنى-بۇنى دەپ باھا بىرىپتۇ،ئېشەك باش كۆزى توپا-چاڭغا مىلەنگەن ھالدا ئۆيىگە قايىتىپ كىلىپ:
-قارىغاندا مەن ھەقىقەتەن دۆت ئوخشايمەن،-دەپتۇ.
      خۇددى ئافغانىستانلىق يازغۇچى ئۈلفەت ئىيىقاندەك«بىز كونا شەيئىلەرنىڭ ئەتراپىغا يىڭى مەزمۇنلارنى توپلىدۇق.بۇ پەقەت قىرى مۇمايغا كەشمىر ياغلىق ئارتىپ قويغانغا ئوخشاش بولدى.ئۇلارنىڭ ماكانى يىڭى، ئىدىيىسى يەنىلا كونا ، ئۇلار گەرچە يىپيىڭى بىنالاردا تۇرىۋاتقان،ئوقىۋاتقان بولسىمۇ،بىراق يىڭى ئىدىيە ۋە يىڭى مەزمۇنلار بارلىققا كەلمەيۋاتىدۇ.» ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكىزىۋىلىشتا گەرچە سىنىپلىرىمىز، ئوقۇتۇش بىنالىرىمىز،ئۈسكىنە،سايمانلىرىمىز،ئوقۇ-ئوقۇتۇش قۇراللىرىمىز يىڭىلانغىنى بىلەن سىنىپلىرىمىزدا ئوقۇۋاتقىنى يەنىلا يىڭى چاپان كىيىۋالغان كونا ئىدىيەدىكى،ئەخلاقى كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار.بۇنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرغىنىغا بىر يىلمۇ بولمىغان بىنالارنىڭ ئاجىراپ كەتكەن ئىشكىلىرىدىن،بۇزۇپ تاشلانغان پەشتاق رىشاتكا-راملىرىدىن، تاملارغا قالايمىقان يىزىلغان،سىزىلغان خەت،رەسىملەردىن،يوغان ئاياغ ئىزلىرىدىن، ھاي دىگەنگە ئۇنىماي 1-قەۋەتتىن3-قەۋەتكە،ئۈستىدىن ئاستىغا چىقىپ- چۈشۈپ يۈگىرىۋالسا ئالەمچە خوش بوپ كىتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركىتىن بىلىپ تۇرىمىز.يىقىندا ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بىرىش،مەكتەپتە ئۈگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر بىر سىنىپتىن بىردىن ئەلاچى ئوقۇغۇچىنى قەشقەردىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرسى،بەنچاۋ قەدىمي شەھىرى،قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ھەرقايسى پەن تەجىرىبخانىلىرىغا ئىكىسكۇرىسىيەگە تەشكىللەپ ئاپاردىم.ئەمما كىتابخانىدىكى ئىش مىنى تۇلىمۇ ئازاپلىدى،مەن ئۇقۇغۇچىلارغا بىر سائەت ئەتراپىدا كىتاپ كۆرۈشنى،ياقتۇرغان بالىلار كىتاپلىرىنى سىتىۋىلىشىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بۈگۈنكى پائالىيەتتە تارتىلغان سۈرەتلەرنى يۇيدۇرۇپ كىرسەم ئۇلار لىفىتقا چىقىپ ئۈستىدىن پەسكە چۈشۈپ ئويناۋىتىپتۇ.بۇنى كىمىدىن كۆرىمىز؟ئاتا-ئانىلاردىنىمۇ؟ئوقۇتقۇچىلاردىنمۇ؟ياكى مەكتەپلەردىنمۇ؟كۆز يۇممايدىغىنىمىز شۇكى  دۆلەت زور كۈچ ۋە مەبلەغ بىلەن قوللىغاچقا مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دىتال قۇرلىشى ياخشىلىنىپ ھەممىمىز شاتلاندۇق.ئەمما دولەتنىڭ يەنە نۇرغۇن مەبلەغ سىلىپ ئىدىيىمىزدىن ئىبارەت«يۇمشاق دىتالىمىزنى» ئۆزگەرتىپ قويىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس!دولەت پەقەت بىزگە ۋاستىلىق ھالدا ياردەم بىرەلەيدۇ،بىز بىۋاستە ھالدا تىخى ماھايىتىمىزدە ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆزگىرىشنى روياپقا چىقىرالمىغان تەرەپلەرنى ئۆزىمىز ئۆزگەرتىشگە، قول سېلىپ ئىشلەشكە  توغرا كىلىدۇ.مائارىپ ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش ھەرگىزمۇ تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى بولمايدۇ.پەقەت ئىدىيەدە زور بۇرۇلۇش،پارتىلاش خاراكتىرلىق بۆسۈش ئىپادە قىلالىساقلا مائارىپىمىزنىڭ ھەقىقي نەتىجىسى روياپلىنىدۇ.چۈنكى شەكىلىگە ئايلىنىپ قالغان ئىشىنىڭ ھالاكىتى ئەڭ تىز، شۇنداقلا، باشقىلارغا ئىلىپ كىلىدىغان خېيىم–خەتىرىمۇ ئەڭ كۆپ بولىدۇ.شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىشتىن شاتلانغىنىمىز ماھيىتىمىزدە مەسلىنىڭ ئىغىرلىقى بىلەن كارىمىز يوق نادانلىقىمىزغا قول قۇيۇشتۇرۇپ تۇرغانلىقىمىزدۇر.ئۇقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش ئىدىيىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى يىڭى نەرسىلەرگە قۇشۇلۇپ تەڭ بوي تارتىپ ماڭالمايۋاتقانلىقىدىن ۋىجدان ئىشى قىلىدىغان قەلبىمىز ئۆرتەنسىكەن دەيمەن.ئەتراپىمىزدا تالاي رەڭمۇ-رەڭ،كۆككە تاقاشقان بىنالار قەد كۆتىرىۋەردى،ئەمما شاگىرىتلارنىڭ ئاڭ سەۋىيسى، ئادىمىيلىك ساپاسى، مىھرى- مۇھەببىتى شۇ بىنالار بىلەن تەڭ قەد كۆتۈرۈش،ئۆسۈش ئۇياقتا تۇرسۇن تۆۋەنلەپ،پۈچەكلەپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.يەنە شۇنىمۇ ئىتىراپ قىلىش كىرەككى،ئىدىيە ئۆزگەرتىش كۆرىشى ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە ئەخلاق ساپا جىڭى يەنىلا ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت جەڭگىۋار قۇشۇننىڭ جاپالىق، ئۇيۇشچان كۈچىدىن غەلبە سىگىنالىنى چالىدۇ.
       دىمەك،پەردازلاش بىلەن ماھىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.سىرىتقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىرىشكەن ئوبراز بىزنى«ئالامەت»قىلالمايلا قالماستىن ئابرۇيىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.مەن قىسمەنلىكىنى ئاساس قىلغان بۇ خىل ساختىلىق، شەكىلۋازلىق، زۆرۈر ئەمىلىيەتنىڭ چەتكە قىقىلىشىنىڭ قاچان ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۆزگەرگىچە ساقلاپ تۇرماي ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىگىشلىك چارە- تەدبىرىمىنى،يۈرەك قىنىمىنى ئايىمايمەن.شۇڭا ئىشەنچىم كامىلدۇركى،ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىنىپ،ئەمەلي ئوقۇتۇش چىڭ تۇتىلىدىغان،ئادىمىيىلىك تەربىيسى ئاساسي ئورۇنغا ئۆتىدىغان بىر كۈن ھامان بىزگە قۇچىقىنى كەڭ يايىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردىمۇ ئوقۇش ۋە بىلىم ئىلىش تەرەققى قىلغان شەھەرلەردىكىدەك ھەقىقي تەلەپ ۋە ئىھتىياجغا ئايلىندىكەن،ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ئۆسۈپ پەرزەنتلىرىنىڭ گەلگۈسىگە ھەققى كۆڭۇل بۆلىدىكەن ھەممە ھەققىي ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتىشقا يۈزلىنىپ قۇرۇق شەكىلگە ئايلانغان نەرسىلەرگە بازار قالماي بىر يوللا بۇغدايلىقتىكى چار ئوتتەك يۇلۇپ تاشلىنىدۇ.شۇڭلاچقا تەقەززالىق ۋە ئۆمىد ھازىرىقى خىزمەت قىزغىنلىقىمنى كۈل ئىچىدىكى چوغدەك ساقلاپ كىلىشىمىدىكى ئەڭ زور روزىغارىمدۇر.

0

تېما

1

دوست

1322

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئىيتىسىز ،مەنمۇ ئوقۇتقۇچى . بىز مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتمايمىز ،بەلكى ،ئەكسىچە كەڭ تەبئەتتىكى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاشلا   تەبىئى تەرەقى قىللالايدىغان  بالىلىرىمىزنى تۆت تامنىڭ ئىچىگە سۇلىۋىلىپ ،قولىمىزنى كەينىمىزگە تۇتىۋىلىپ،ئۇلارنىڭ تەبىئى ئۆسۈشىگە  قاراپ تۇرىۋاتىمىز .مېنىڭ ئېڭىمدىكى مائارىپ ،بالىلارنىڭ تەبىئى تەرەقىي قىلىش تۇغما ئىقتىدارىنى  زۆرۇر  ياردەم بىلەن تەمىن ئىتىدىغان بىر خىل  ئۇلۇغۋار، ئىلمىي خىزمەتتۇر   .بىزنىڭ مائارىپىمىز پادىچىنىڭ قوي باققىنىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ . سەۋەبى ،قوي باققۇچىدا ئۇنداق ئۇلۇغۋار غايە نېمىش قىلسۇن .
ھەقىقىي مەنىنىدىكى  مائارىپ مائارىپشۇناسلارنىڭ يېتەكچىلىگىدىكى مائارىپتۇر . بىزنىڭ مائارىپ ئىدارىلىرىمىزنىڭ باشلىقلىرى دۆلەتنىڭ مائارىپ سېياسەتلىرىنى توغرا چۈشۈنۈپ ،ئەمىلىلەشتۇرگىدەك ساپاغا ئىگە بولغاندا ،مەكتەپ مودىرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش خاس ئىدىيىسى شەكىللەنگەندە ،ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئوقۇتقۇچىلىقنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپى بىلىپ ،تەتقىقات ئارقىلىق كەسپىنى تەرەقىي قىلدۇرغۇدەك ئىرادە ۋە  مادارغا ئىگە بولغاندا ،ئاندىن ھەقىقىي مەنىدىكى مائارىپ بىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.
ھازىر مىللىي مائارىپ بىر خىل قېلىپقا چۈشۈۋالدى ،بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاقان پۈتۈن كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ئالماشتۇرماقتىن باشقا چارە يوق ،بۇ مۈمكىن ئەمەس ،بىز ھەقىقىي مەنىدىكى مائارىپتىن  بەك يىراقلاپ كەتتۇق.............
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

6

دوست

4487

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1294
توردىكى ۋاقتى: 194
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا باش قاتۇرىۋاتقان زىيالىلىرىمىزغا قەۋەتلا ھۆرمىتىم بار.

ana tilim maggu yokalmaydu

5

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8450
يازما سانى: 793
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1794
تۆھپە : 2083
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرغا ھۆرمىتىم چوڭقۇردۇر.بۇ تىمىڭىزدىن دىلىم سۆيۈندى.


مىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى يېقىن كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى باشقۇرىدىغان ھاكىميەت بېشىدىكىلەر ئۆزىنىڭ خاتا تەدبىر بەلگىلىگەنلىكىگە ئىقرار بولىدۇ،ۋە سىز-بىزلەرنىڭ تەشەببۇسىمىز ئارقىلىق ياخشىلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ،لىكىن ھازىرقى ئۈلۈك مائارىپنىڭ قۇربانى بوپ كەتكەن سەبىيلەرگە ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ...

1

تېما

0

دوست

2398

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8790
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 478
تۆھپە : 419
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپتىم بىلەن تېمىڭىزنىڭ چىنلىق ئىكەنلكىگە شاھىتتۇرمەن.

1

تېما

0

دوست

148

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   49.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23124
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

34

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23281
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىياماتنىڭ پىلتىسى مائارىپ زاۋاللىققا يۅزلەنگەن يەردە دىگەن گەپنى بىر كىتاپتىن  كورگەن

10

تېما

0

دوست

4287

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 853
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ تەييارلىغان بۇ ئىلمىي ئەمگىكىڭىزنى قەدىرلەش كېرەك! دېگەنلىرىڭىز بەرھەق. ھازىرقى مىللىي مائارىپنى يېتەكلەۋاتقان باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى بىر پۈتۈن مىللەتنى ھالاكەت گىردابىغا سۆرەپ بارماقتا. ئۇلار سىزگە ئوخشاش ئەل ئىشقىدا ئوتتەك كۆيۈۋاتقان مۇنەۋۋەر ئۇستازلارنىڭ تۆلەۋاتقان بەدەللىرىنى، سىڭدۈرۈۋاتقان ئەجىرلىرىنى قىلچە چۈشەنمەيدۇ، ھەتتا ھەقىقى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەنلەرگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. خىزمەت تەكشۈرۈش نامى بىلەن ھە دېسە ئوقۇتقۇچىلاردىن قۇسۇر تېپىشنىڭ كويىدىلا بولىدۇ. ھازىرقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى يىغىۋىلىش ئورنى (كوپىراتسىيە ۋاقتىدا كوللىكتىپ ئەمگەكتىن قېچىپ شەھەر-بازارلارغا كىرىۋىلىپ لاغايلاپ يۈرگەنلەرنى يىغىۋىلىپ، بىر مەزگىل تازىلىق قىلىز ۋا ھاجەتخانا بىكارلاشتەك ئىشلارغا سېلىپ، كېيىنچە ئۆزجايىغا تاپشۇرۇپ بېرىلەتتى)غا ئوخشاپ قېلىۋاتقاچقا، مائارىپ سۈپىتىدىن ئېغىز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس!...

0

تېما

0

دوست

34

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13443
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 7
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپتىم بىلەن تېمىڭىزنىڭ چىنلىق ئىكەنلكىگە شاھىتتۇرمەن.

0

تېما

0

دوست

283

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   94.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20736
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپىمىز كۈندىن كۈنگە قالايمىقانلىشىپ كىتىۋاتىدۇ ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )