قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 998|ئىنكاس: 10

ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6466
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 20:07:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                       
                               ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك


         
             ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ! بۇگۈن مەن ئالىي مەپتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر مەسلىھەت ئېلىپ كەلدىم ، نەسىھەت دېيىشكە ئەسلا سالاھىيىتىم توشماس ! مۇشۇ كۈندە تور دۇنياسىدا ئوقۇغۇچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ دىسەك خاتا بولماس . گەپنى ئۇدۇللا باشلاي ... ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، سىلەر مەكتەپتە پۇل تېپىشنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟ ياكى ئويلىغان بولساڭلارمۇ بىرەر ئىشقا كىرىشىپ باقتىڭلارمۇ ؟
            ئۆزۈم ئىچكىرىدىكى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، تەييارلىق ئوقۇش ۋاقتىنى قوشقاندا ئالتە يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا بىرەر قېتىم ئۆيدىكىلەرگە پۇل سېلىڭلار دەپباقمىدىم ، ئەلۋەتتە زورلاپ سېلىپ قويغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان ، ئەمما ئالتە يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن تامامەن ئۆيدىكىلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاۋارە قىلىپ باقمىدىم دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن .  دەسلەپتە مېھمانخانىلاردا ، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ، شەخسىي كىتابخانىلاردا ، KTV لاردا ، تىل تەربىيلەش ئورۇنلىرىدا ، رېستۇرانلاردا ، كىچىك ئاشخانىلاردا ئىشلەپ باقتىم ، ھەتتا كوچىلاردا ئېلان تاختىلىرىنى كۆتۈرۈپ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ يۈرگەن كۈنلىرىممۇ ئاز بولمىغان ! دەسلەپتە ھەقىقەتەن جاپا تاتقان ، ئەمما ھەرقېتىم تەرىمنى سۈرتكەن ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىلاتتىم ، ئاتا - ئانامنىڭ ئازراق بولسىمۇ يۈكىنى يىنىكلىتەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولاتتىم ، قۇلۇمدىكى پۇللار مەن تارتقان جاپانى ئەمەس بەلكى ئاتا - ئانامنىڭ جاپاسىنى ئەسلىتەتتى ، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ مېنى بېقىش جەريانىدىكى تارتقان جاپاسىنى ئازراق بولسىمۇ ھېس قىلالىغان ئىدىم . قەدىرلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، بۇلار ئارقىلىق ھەرگىزمۇ سىزنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەڭ دىمەكچى ئەمەس ، چۈنكى سىز ئوقۇغۇچى ، مۇتلەق بىرىنچى مەقسىدىڭىز بولسا ئۆگىنىش ، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىش ! ئەمىسە مېنى نىمە دىمەكچى دىسىڭىز ئاڭلاڭ !  مەكتەپ ئىچىدە پۇل تېپىڭ ، مەكتەپ ئىچىدە سەمىمىيلىك بىلەن ئىلتىماس قىلسىڭىز چوقۇم خىزمەت تاپالايسىز ، ئوقۇتقۇچى بىر قېتىم خىزمەت يوق دەپ قويغانغا خىزمەت يوقكەن دېسىڭىز ئۇچاغدا سىزنىڭ ئەسلىدىلا پۇل تېپىش خىيالىڭىز يوق دېيىشكە بولىدۇ. بەلكىم سىزنىڭ مەكتىپىڭىزنى مەن چۈشەنمەيمەن، لېكىن ھامان مەسىلە ئۆزىمىزنىڭ بېلىنىڭ بوشلۇقىدىن چىقىدىغىنىنى ئېتىراپ قىلىدىغانسىز ؟
             بىرنەچچە يىلنىڭ ياغى چىقارغان يەكۈنۈمنى ئاڭلاڭ ! ياتاقنىڭ ئىچىگە مال كىرگۈزۈپ قويۇڭ ، مەسىلەن قاچىلىق چۆپ ، قۇرۇق يەيدىغان چۆپ ، ھەرخىل ئىچىملىكلەر ، يەنە بىرقىسىم ئۇششاق يىمەكلىكلەر . ئۇيغۇر دوسلىرىڭىزنىڭ نىسىغا يەۋىلىشىدىن قورقسىڭىز مۇسۇلمانچە ئەمەسنى ئېلىڭ ! بۇ گەپ تەنە ئەمەس ، ئەمما شۇنى دەپ قويايكى ، قورققان ئادەم مەڭگۈ تاغنىڭ كەينىدە باغ بارلىقىنى بىلەلمەي ئۆلۈپ كىتىدۇ . بۇ ئىشنى قىلىپ قانچە پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ئويلايسىز ھەقىچان . بىرقاچا كاڭ ئۇستام تەييات چۆپىنى 4 يۈەنگە ساتىسىز ، كىرىش باھاسى ئۈچ يۈەن ، قۇرۇق يەيدىغان چۆپنىڭ ھەرخىلى بار ، قۇرۇق چۆپنىڭ مەن سېتىپ باققان بىرخىلى بار ، 20 يۈەنگە بىرساندۇق كېلىدۇ ، ئىچىدىن 48 خالتا چىقىدۇ ، مەن بىر سومدىن ساتقان ، ئىككى كۈندە تۈگەپ بولىدۇ .  قاچىلىق چۆپتىن كۈنىگە 10 نى ساتسام 10 يۈەن پايدا قالاتتى ، ئىچىملىكتىن بىر پۇتۇلكىسىدىن يەتتە مو پايدا قالىدۇ ، بۇنىڭ سېتىلىشى تۇراقسىزراق ، شۇنداقتىمۇ كۈنىگە ئاز دىگەندە 10 پۇتۇلكا سېتىلىدۇ ،باشقا يىمەكلىكلەرنى ساتقان پايدىمۇ ئاز ئەمەس . ئەمدى ئەڭ مۇھىمى مۇقۇم خېرىدار ، ئازئالسىمۇ كۈندە ئالىدىغان خېرىدار ئەڭ ياخشى خېرىدار ، ئۇنداق خېرىدارلارنىڭ ئارىلاپ ئارىلاپ پايدىنى كۆزلىمەي ئاغزىنى مايلاپ تۇرغان ياخشى . ئىككىنچى مۇھىم ئامىل ياتاقنىڭ تازىلىقى ، پاكىزلىق ھەرقانداق جايدا ئەڭ مۇھىم ، پاكىزلىق ھەممە ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ . ياتاقتىكى سېتىلىدىغان نەرسىلەرنى ساندۇقلارنى كېسىپ قاتلاپ چىرايلىق قىلىپلا بىر ئوبدان تىزىۋالغىلى بولىدۇ . يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئېلان ، ئېلان تىجارەتنىڭ راۋاج تېپىشىدىكى ئەڭ ياخشى ۋاستىلەرنىڭ بىرى ، كومپىيوتېردا بىرۋاراق ئېلان ئىشلەش كېرەك ! ئاساسلىق مالنىڭ تۈرى ، باھاسى يېزىلىدۇ . ئالاقىلىشىش تىلفون نۇمۇرى ۋە ياتاق نۇمۇرى چوقۇم بولىشى كېرەك ئەلۋەتتە ! ئېلان توغرىلىق كۆپ سۆزلىمەي ، مېنىڭچە قىلىپ بېقىشنى ئويلىغانلارغا بىر جەلىپ قىلارلىق ئېلان ئىشلەش تەس ئەمەس . ئېلان ۋارىقىنى ھەربىر ياتاققا كىرىپ تارقىتىش ، ھەم ياتاقلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئىچىگە چاپلاپ قويۇش كېرەك . مەن دەسلەپتە قىلغاندا ، تىلفون قىلسا ياكى ئۇچۇر يازسا ياتىقىغا ئەكىرىپ بېرىمەن دەپ ئېلان قىلغان ، كېيىنچە ھەممىسى ئۆزى كىرىدىغان بولدى . يەنە بىرى بولسا قايناق سۇ بىلەن تەمىنلەش ، ئاخشىمى ھورۇن بالىلارنىڭ قورسۇقى ئېچىپ كېتىدۇ ، بۇنداق ۋاقىتتا ئىسسىق قايناق سۇ بىلەن قاچىلىق تەييار چۆپنى خىيال قىلماي تۇرالمايدۇ ، تۆت سوم ! ئىككىلەنمەي كولباسانى تەڭلەيمىز ، قاچىلىق چۆپ بىلەن قوشۇپ ئالساڭ بىر سوم ، ئايرىم ئالساڭ ئىككى سوم دەيمىز ، موككىدە خوشياقىدۇ ! بەش سوم !  پايدىسى بىر يېرىم سوم . مەن قىلغاندا كۈنىگە ئاز دېگەندى 40 سوم ساپ پايدا قالاتتى ، دىمەك ئايدا ئازدېگەندە 1200 يۈەن پۇل تاپقىلى بولىدۇ دىگەن گەپ !  شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى ، مېنىڭ ياتاق بىنارىمدا ئاران 94 ياتاق بار ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 ئادەم بار دېيىشكە بولىدۇ . ئادەتتە ئالتە قەۋەتلىك ياتاق بىناسىدا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى يۈز ياتاق بولىدۇ . شۇڭا مېنىڭ تاپقان پۇلۇم ئادەتتىكى بىر سان .
             ئازراق پۇل تېپىۋىلىپ بۇ يەرگە تەكلىپ بەرگىلى كەپتۇ دەپ قالماڭ !  مەن كۆپ پۇل تېپىپ باققان ، ئەمما بىر ئۇقۇغۇچى ئادەتتىكى تۇرمۇش خىراجىتىدىن چىقالىغۇدەك پۇل تاپالىسىلا بولدى . كۆپ پۇل ئۇقۇغۇچىنى ئاسان يولدىن چىقىرىدۇ . ياتاققا دۇكان ئىچىپ قويسا ئاساسەن كەچتىلا خېرىدار كىرىدۇ ، كۈندۈزى ئاساسەن يوق ! دىمەك جاپاسى يوق دىيەرلىك . كۈندۈزى ياخشى ئۆگىنىش قىلىش كېرەك ! ئاخشىمىمۇ ئۇنچىلىك ئالدىراش قىلىۋەتمەيدۇ ، مەنمۇ بۇ تەرىپىنى ئويلاپ قويغاچقا بۇ يەردە سۆزلەۋاتىمەن ، مەنمۇ بىر ياخشى ئوقۇغۇچى ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا  شىنجاڭنىڭ ئەلىيۇل ئەلاسدىن پەقەت ئىككى نومۇر ئاز ئالغان . ھازىرمۇ ئوخشاش تىرىشچان . مەكتەپ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىشلار ئىنتايىن ئاددىي ، بىرياندىن كىتاپ كۆرگەچ قىلىپ قويىدىغان ئىشلار ، شۇنىڭ بىلەن ئايدا تۆت بەش يۈز يۈەن مۇئاش كېلىدۇ . كەچتە كېلىپ ياتاقتا مال ساتسا ، ئەگەردە ياتاق بىناسى چوڭراق بولسا بىر ئايدا جاپا تارتمايلا ئىككى مىڭ تۈەنلىك مۇئاشلىق بولۇپ قالغىلى بولىدۇ !  ھازىر نۇرغۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ مۇشۇنچىلىك مۇئاش ئالىدىغان خىزمەت تاپالمايۋاتىدۇ . مەبلەغ ؟  باھانە تاپماڭ ! ئىچكىرىدە ھەرقانداق مەكتەپتە قۇلىغا ئاز دىگەندى 5000 يۈەن پۇلنى مە دەپلە تۇتقۇزۇپ قويىدۇ ، ئاتا - ئانىڭىزنى ئالداپ پۇل بەرمىدى دېسىڭىزمۇ بولىدىغان ئىشقا ئالداڭ ، ئەلۋەتتە ئامال بار ئالدىماڭ ! ئاشۇ مەكتەپ ياردەم قىلغان پۇللارنى ئوقۇش مۇكاپاتى ئالدىم دەپ بارسىڭىز ئاتا - ئانىڭىز سىزدىن خوش بولىدىغىنى ھەم پەخىرلىنىدىغىنى راست . ئەمما ئاشۇ ئاتا - ئانىڭىز سىزنى ئۆز ئەجرى بىلەن تاپقان پۇل دەپ سىزنىڭ ئاتالمىش ئوقۇش  مۇكاپات پۇلىڭىزنى ئۆزىڭىز خەجلىشىڭىزنى ئويلاپ يەنىلا بۇرۇنقى سىزگە بېرىدىغان پۇللىرىنى بېرىۋىرىدۇ ! سىزنىڭ ئېرىشكىنىڭىز پەقەت ئاتا - ئانىڭىزنىڭ قۇرۇق خۇشاللىقى ، جاپا تارتىدىغىنى يەنىلا ئۇلا ئۆزلىرى ! << ئاتا ، ئاپا ! مەكتەپ بىزگە ياردەم پۇلى بەردى ، تۇرمۇش پۇلۇمدىن خاتىرجەم بولۇڭلا >> دېسىڭىز ئاتا - ئانىڭىز سىز تۇرىۋاتقان يەردىن خاتىرجەم بولىدۇ ۋە خۇشال بولىدۇ !  بىكاردىن كەلگەن پۇل كىمنى خوش قىلمايدۇ ؟ سىز ئۇ پۇلغا ياتاققا دۇكان ئاچىسىز ، باشتا 800 يۈەنلىك مال ئالاسىز ، كۈندىلىك تاپقان پۇلنىڭ ھەممىسىگە بىراقلا مال ئالسا مالنىڭ تۈرى بارا - بارا كۆپىيىدۇ ، مەلۇم مەزگىل قىلغاندىن كېيىن مال تۇلۇقلىنىپ بولغاندا ئاندىن كۈندىلىك پايدىنى ئاجرىتىپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ . بۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن خېرىدارلارنىڭ مەيلىنى ئۇقىۋالغىلى بولىدۇ ھەم ئىقدىسادچىللىق بىلەن ئىش يۈرگۈزۈشنى ئۈگەنگىلى بولىدۇ ! مەبلەغ يىتەرلىك دەپلا قارىغۇلارچە مال كىرگۈزمەسلىك كېرەك !
       مەنچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن ، ئەقىللىق سىتۇدىنت بالىلار چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ ! تەجرىبىلىك بولىمىز ، ئىش ئۆگىنىمىز دىگەنلەرنى دىمىسەكمۇ بولار . ھېچ بولمىغاندا مەكتەپ پۈتتۈرگەندە خىزمەت تاپالماسلىقتىنمۇ ئەنسىرىمەيدىغان ، پۇل تاپىدىغان يول بولسا ئىككىلەنمەي ماڭالايدىغان روھنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ !  ئەمما ، قانداق يول ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك ئەلۋەتتە ! بۇنى ھەممىمىز چۈشىنىمىز ...
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

0

دوست

3753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1132
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 23:30:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شەنبە يەكشەنبىدە رىستۇرانلاردا قاچا يۇيۇپ ئۆز خىراجىتىنى ئۆزى تاپقان بالىلارنى ئاڭلىغان لېكىن ماۋۇ بالىنىڭ كاللىسى ئىشلەپ قويىدىكەن.

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3822
توردىكى ۋاقتى: 741
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 01:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللىڭىز پەچەت ئىشلەيدىكەن.
مەنمۇ ئاشخانىلاردا كۈتكىچىلىك قىلغان،ئۆي تازلىغان،تەشۋىق ۋارىقى تارقاتقان،ئەمما تاپقانلىرىم ئاران -ئاران ياتاقنىڭ ئىجارىسى بىلەن تىل ئۈگىنىش كۇرس ھەققىنى تۆلەشكە ئاران يەتكۈزەلىگەن،ئاتا-ئانام سىلىپ بەرگەن پۇلغا تاماق يىگەن.
ئوقوش پۈتتۈردۈم.خىزمەتكە چىقتىم.ھەش-پەش دىگۈچە تۆت يىلدىن ئاشتى .لىكىن ئەتراپىمدىكىلەر بىلەن سىلىشتۇرغاندا پەرقمنىڭ خىلى بارلىقىنى ھىس قىلدىم .مەسىلەن توي قىلىش،ئۆي ئىلىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم قىلدىم ...ئەمما يوغان گەپ قىلغان بىلەن قولومدىن تۈززۈك بىر نەتىجىمۇ چىققىنى يوق .ئەمما ئىنشائاللا بەل قويىۋەتمەي داۋاملىق تىرىشىپ كىلىۋاتىمەن.
سىزگە قايىل بولدۇم .بولسا تىخىمۇ تىرىشىڭ ،ئاللا ئىگىمىز سىزنى مۇسابايۇفلاردەك ھەتتا ئۇلاردىنمۇ كاتتا ئىشلارنى قىلغىلى نىسىپ قىلسۇن .
ھازىر تورلاردا چوشقىنىڭ جىگىرى كەپتىمىش،پالانى نەرسىگە ھارام ئارلاشقانمىش،چوشقا بىلەن چاڭلاشتۇرغان قوي گۆشىمىش ،ئىشەك سۈتىمىش دىگەندەك گەپلەرنى ئۇچىرتىپتىمەن،بۇ خاتا ئەمەس ،ئۇلارنىڭ ئەسكەرتكىنى توغرا ،ئەمما مەن ئەقلىمگە كەلسەم قوي كالا،توخولار ئۆيىمىزدىلا باركەنتۇق.ئەتراپىمىزدا ھەممە ئائىلىلەردە دىگۈدەك بار،ئەمما بۇنى كەسىپلەشتۈرگەنلەر يوق.ئويلاپ قالدىم نىمىشقا شۇ باقمىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغىللىنىدىغانلار ئۇنى كىڭەيتىپ ئادەم ئىشلەتسە ھازىرقى ۋىلايىتىمىزنى سۈت بىلەن تەمىنلەۋاتقان سۈتچىلىك شىركىتىدىمۇ 5000 كالا باركەن،ئۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئۇيغۇر،خوجايىنلار ئۇيغۇر.شۈنچىلىك بىر سۈت فىرمىسى ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا يوق.شۈنچىلىك بىر گۆش ئىشلەپ چىقىرىدىغان باقمىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرگەنلەر يوق ،بولسا باقمىچىلىق قىلسا گۆشىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تاللا بازارلىرىغا ئوراپ قاچىلىسا نۇرغۇن ئادەملەرنى ئىشقا ئورونلاشتۇرىدۇ.تىرىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن بىر خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتى قۇرسا يەنە نۇرغۇن ئادەم ئىشلەيدۇ.ئەگەر ئاددەىي بىر شۇ خۇرۇملاردىن بىر ئاياشغ ياكى باشقا نەرسىلەرنى تىكىدىغان كارخانا قۇرسا شۇ بىچارە قىزلار مەجبۇرى ئىچكىرىگە ئىشلىگىلى ماڭامىدى؟
بايلىرىمىز كىچىككىنە پۇل تىپىپ بولغىچە خوتون ئالماشتۇرۇش كويىدا.
بەزىدە شۇنداق يوغان بايلارنى ئاڭلاپ قالىدۇ ،ئەمما بۇنداق ئىشلارنى قىلالىغان بايدىن بىرەرسىنى ئاڭلىماق بەسى مۈشكۈل...
ئۆزىمىز ساقال ئالىمىز،چاچ تارايمىز ئەمما بۇ نەرسىلەرنىڭ ھىچ بىرى ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان ئەمەس.ماشىنا،موتو،ۋىلىسپىت ھەيدەيمىز ئەمما ئەڭ ئاددى بىر مىخىغا چاغلىق نەرسىسىنى بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققىنى يوق.كىيىم كىيىمىز ئەمما رەختى ئەمەس بىر تۈگمىمۇ ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن ئەمەس.
ئەمدى كىلىپ دىيارىمىزنىڭ ئاساسەن ئائىلىرىدە بۇرۇن ياكى ھازىر بار بولغان شۇ قوي كالا بىقىش ئادەتتىكى ئىشلىرىمىزنىمۇ ئولاپ قىلالماي باقىلاردىن ئالسا شۇنداق ۋاھىمىلىك بولماي نىمە بولماقچى ،ۋاڭ بىلەن جاڭ ئەتىگەندە چاتىرقىنى سىيلىغان يەردىن كۆزىنى يىرىم ئۇۋلىېۋىتىپ سۆڭگىچىگە شاپىلاق بىلەن بىرنى مۇشلىۋىتىپ پىچاقنى شارتتىدە سۈرگەن قوي كالا ياكى ئۇرۇم ئۆلتۈرۈلگەن نەرسىلەرنىڭ گۆشىنى يىمەيمەن دىيەلمەيدۇ ھىچكىم.ھەممەيلەن بۇنىڭغا ئىشنىچ قىلالىشى ئۈچۈن ،شۇ نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ ئاتى ۋە شاھادەت كەلىمىس بويىيچە بولىشى ئۈچۈن ئارىمىزدىن بۇلارنى باشقىلارنىڭ قولىغا تارتتۇرۇپ قويماي بۇ ساھەدىن ئارىمىزدىن ئۈزۈپ چىققانلار بولىشى كىرەك ئىدى.ئەسلى بۇ نەرسىلەر ئىچكىرىدىن دىيارىمىزغا ئەمەس دىيارىمىزدىن ئىچكىرىگە مىڭىشى كىرەك ئىدى.
كىچىكىمدە چىلىمىغان توخونىڭ گۆشىنى يىسە يامان ،ئالتە ئايلىقتىن كىچىك بولسا قۇربانلىق بولمايدۇ دەيدىغان ھازىر .40 كۈنلۈك توخونى كىم مەن يەپ قالمايمەن دىيەلەيدۇ...
نۇرغۇن مەسىللەرنىڭ يەنىلا ئۆزىمىزدە ئىكەنلىكىنى چوقوم ئىتراپ قىلىشىمىز كىرەك.ئىنشائاللا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمغا ئىگەم ئاللاھنىڭ ئاسانلىق ،بەركەت،دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ياخشىلىق بىرىشىنى تىلەيمەن.
ئاللاھ ئىگىمىز زىھنىڭىزنى تىخىمۇ ئوچوق قىلسۇن بۇرادەر.تىرىشىڭ،بەركىتىنى ئاللاھ ئىگىمىز ئۆزى بىرىدۇ .
ئىگىمىزدىن سىزگە ئاسانلىق ،بەركەت ،تىنىچ-ئامانلىق، خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
سىزنى تۇغۇپ ئەجىر سىڭدۈرگەن شۇ ئاپىمىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىدىن قىزىل گۈللەر ئۈنسۇن،سىز ئۈچۈن جاپا چەككەن شۇ ئاتىمىزنىڭ چىھرىدىكى تەبەسسۇم ئۆچمىسۇن ئىنشائاللا...
ئامان بولوڭ بۇرادەر .

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6466
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 08:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-22 01:05
كاللىڭىز پەچەت ئىشلەيدىكەن.
مەنمۇ ئاشخانىلاردا كۈتكىچ ...

ئەمىسە سىز ماڭا ئاكا يوللۇق ئادەمكەنسىز !  گەپلىرىڭىز بەك خوشياقتى ... رەھمەت !  سىزگە ھەم ئائىلىڭىزگە ئامانلىق ، بەخت ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن !

0

تېما

0

دوست

304

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23277
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 14:45:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزى ئىشلەپ تاپقان پۇل بەركەتلىك بۇلىدۇ.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4833
توردىكى ۋاقتى: 1406
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 18:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-22 01:05
كاللىڭىز پەچەت ئىشلەيدىكەن.
مەنمۇ ئاشخانىلاردا كۈتكىچ ...

سىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىزنى قوللايمەن. دىمىسىمۇ ھازىر بىزدە كەسىپلەشتۇرۇشنى كۆتۈپ تۇرغان ئىشلار ساماندەك.بىز باشقىلارغا ھەۋەس بىلەن قارايمىزيۇ،ئۆزىمىز شۇ ئىشنى دادىل قەدەملەر بىلەن قىلىپ باقمايمىز. بىزدە تەۋەككۇلچىلىق ئىددىيەسى كام ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. مەنمۇ خىزمەتكە چىققىلى 10نەچچە يىل بولدى. ئەتراپىمدا يېڭىدىن  ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلار قارىسام شۇنداق ياخشى تەپەككۇرلىرى بار تۇرۇپ ،ۋاقتىنچە بۇ يەردە ئىشلەپ تۇراي،ئۆيدىكىلەر ئۇيەردە ئىشلە دەيدۇ.ئىگىلىك تىكلەي دىگەن دەپ نىشانسىز لاغايلاپ  يۈرۈيدۇ.

0

تېما

0

دوست

3403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 1885
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 18:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىما ماۋزۇسىدىن بۇ تىمىنىڭ مىسرانىم مۇنبىردىكى بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ  «بىلىمخۇمار: ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك» دىگەن تىمىسى ئوخشايدۇ دەپ كىرسەم باشقا تىمىكەن.http://bbs.misranim.com/thread-107145-1-1.html
سىزنىڭ تىمىڭزنىڭ ماۋزۇسى بىلەن  تىما مەزمۇننىڭ قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوقكەن.شۇڭا تىما ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولغىدەك؟
بۇ تەكلىپلىرىڭىز ئالى مەكتەپتە ئوقۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئازراق بولسىمۇ ئىخىتىسادى جەھەتتىن ياردىمۇ بولغىدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )