قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1381|ئىنكاس: 20

(ئاتتىلا) ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تىزىسلىرى (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 2154
تۆھپە : 2102
توردىكى ۋاقتى: 664
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attila تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-22 13:58  

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تىزىسلىرى
مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا
(جەمىئىي كىتاب پىلاندا جەمىئىي 10 باب، 300-400 بەتتىن تەشكىل تاپقان)
باب. ئۇيغۇرلار
1. ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى تارقىلىشى
ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسلىق يەرلىك ئاھالىسى بولۇپ، 2009-يىلى 10-ئايدىكى مەلۇماتتا 10 مىليۇنلۇق ئۆتكەلدىن ھالقىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى، يەنى، تارىم بوستانلىقىدىكى خوتەن، قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ، كورلا، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىگە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئىلى بوستانلىقى ۋە بۆرتالا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىمۇ بەلگىلىك كۆلەمدىكى ئۇيغۇرلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق قېرىنداش تۈركى مىللەت ۋىلايەتلىرىدىمۇ ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىن باشقا يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرىتىدىكى قوشنا دۆلەت ۋە رايونلارغا، شىنجاڭغا يىراق بولغان مەملىكەتلەرگىمۇ بەلگىلىك ساندا ئۇيغۇرلار تارقالغان بولۇپ، ھەرقايسى رايۇن ۋە دۆلەتلەردىكى نوپۇس سانى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس. بىراق شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۇيغۇر نامىدا ئاتالغان بۇ مىللەت، نوپۇس جەھەتتىن جۇڭگودا خەنزۇلارغا نىسبەتەن ئاز سانلىق مىللەت بولىشىغا قارىماي، دۇنيادىكى 2000 دىن ئارتۇق مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا نوپۇسى كۆپ بولغان چوڭ مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. يەنى، ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتىن دۇنيادا 94-ئورۇندا (نەبىجان تۇسۇن. "موسكىۋا خىياللىى" "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلىدىكى مەلۇمات) تۇرىدىغانلىقى؛ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دەرىجىسى جەھەتتىن دۇنيادىكى 5000 دىن ئارتۇق تىللار ئىچىدە 72-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى مەلۇم.
ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىشىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان جايلار خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن، چاڭدى ناھىيىلىرى ۋە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭگې شەھىرى، ميەنجى ناھىيىلىرى ھەم جياڭسۇ ئۆلكىلىرى بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن، چاڭدى ناھىيىلىرى ۋە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭگې شەھىرىدە جيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ميەنجى ناھىيسى تەۋەسىدە "ليۇ" فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ھازىر يەنە جياڭسۇ ئۆلكىسى تەۋەسىدە، ئۇرخۇن-ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دانا سەركەردىسى تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغانىقى مەلۇم بولماقتا. بۇنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىقن قىلىشقا توغىرا كېلىدۇ.
تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، "جيەن" فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى، 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل سەركەردىسى قۇبلاي تاڭغۇتلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى قوزغىغاندا، سەركەردە قارا باشنىڭ باشچىلىقىدا ئىدىقۇت خانلىقى (جۈملىدىن ھازىرقى قۇمۇل-تۇرپان رايۇنلىرى) دىن بارغان ئۇيغۇر ئەسكەرلەر بولۇپ، ئۇلار 14-ئەسىرگە كەلگەندە مىڭ سۇلالىسى خانى جۇ يۈەنجاڭ (1368-1398) نىڭ ئەمىرىگە بىنائەن، قارا باشنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئاقساقال بارىسنىڭ باشچىلىقىدا خۇنەندە يۈز بەرگەن مەن مىللىتىنىڭ قوزغىلىڭىنى قاتتىق باستۇرغان. شۇڭا مىڭ سۇلالىسى خانى جۇ يۈەنجاڭ (1368-1398) "بۇ مىللەت نەگە بارسا قايچىغا ئوخشاش كېسىدۇ" دەپ قاراپ، قايچا مەنىسىدىكى "جيەن" () نامىنى بەرگەن. ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت خۇننەندە ياشاپ كەلگەچكە، ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقى، كىيىم فورمىسى، ئىگىلىك ئادەتلىرىنى ئۇنتۇپ، خەنزۇلارغا مايىللىشىپ كەتكەن. ئەمما، ئۇلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ نەسەب تاختىلىرىنى تىكلەپ ئابىدە قالدۇرغانلىقى ۋە جيەنبوزەندەك مەشھۇر تارىخ ئالىمى بولغانلىقى ئۈچۈن، 700 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ مىللىي نەسەبىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغان شۇنداقلا بىر قىسىم مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. مەسىلەن: ئۇلار ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ھىجىريەنىڭ رامىزان ئېيىدا ئايغا قاراپ 30 كۈن رۇزا تۇتىدۇ، رامىزاندىن كېيىن رۇزا ھېيت ئۆتكۈزىدۇ، مەسچىتكە كىرىپ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدۇ، تويدا نىكاھ ئوقۇيدۇ، مېھمانلارغا چاچقا چاچىدۇ، مۇسىبەتلەردە ئاقساقال "قۇرئان كېرىم" نى قىرائەت قىلىدۇ، مېيتنى كېپەنلەپ، شامگۆر كولاپ دەپىنە قىلىدۇ.
"جيەن" فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسىدە ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ سانى 1990-يىللارنىڭ بېشىدا 2700 ئەتىراپىدا دەپ سىتاستىكا قىلىنغان بولسىمۇ، كېيىن ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىدىكى مىللەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتكۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ نوپۇسى تېز كۆپىيىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نوپۇسى تەخمىنەن 10 مىڭ ئەتىراپىغا يەتكەن ھەم ئۇلار ئاساسەن تاۋيۈەن ناھيىسى تەۋەسىدىكى فىڭشۈي ئۇيغۇر-خۇيزۇ مىللىي يېزىسى قاتارلىق ئىككى خۇيزۇ-ئۇيغۇر مىللىي كەنتىگە مەركەزلەشكەن. ئۇلارنىڭ مەدىنى-مائارىپ ئىشلىرى بەلگىلىك سەۋىيىگە ئىگە بولۇپ، 1990-يىلغىچە ئالى مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە توققۇز كىشى، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە 28 كىشى يېتىشىپ چىققان. بىر كىشى شەرقىي جۇڭگو سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پىرافېسورى بولغان. ئۇلاردىن يەنە جيەنبوزەندەك مەشھۇر تارىخچى يېتىشىپ چىقىپ،  بىر تەەرپتىن ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي يىلتىزىنى ۋە ئەنئەنىسىنى تونۇتۇپ، غورۇرلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مەيلى گومىنداڭ دەۋرىدە بولسۇن ۋە ياكى كومپارتىيە دەۋرىدە بولسۇن، جۇڭگونىڭ مۇكەممەل تارىخىنى يېزىپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
خۇنەن تاۋيۈەندىن باشقا يەنە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭگې شەھىرىدىمۇ بىر تۈركۈم "جيەن" فامىلىلىك ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەسەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇلارنىڭ نەسەبى بىۋاستە ھالدا خۇنەن تاۋيۈەندىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتىشىدۇ ھەم ئۇلاردا ساقلىنىپ قالغان تۈرلۈك تارىخىي ماتېرىياللار بۇ نۇقتىنى كۈچلۈك ئىسپاتقا ئىگە قىلىدۇ. خېنەن چاڭگېدىكى جيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئاساسەن چاڭگېنىڭ يىنجياتاڭ كەنتىگە ئولتۇراقلاشقان. ھازىرقى ھۆكۈمەت سىتاستىكىسىغا قارىغاندا، يىنجياتاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2008-يىلىدىكى نوپۇسى 700 نەپەردىن ئارتۇق (بۇنىڭغا جېڭجۇ، چاڭگې، شۈچاڭ شەھەرلىرىدىكى جيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار كىرمەيدۇ) دەپ سىتاستىكا قىلىنسىمۇ (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى. "ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى". "قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى"، "شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشىرياتى 2009-يىل 12-ئاي 1-نەشرى 2010-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى 434-بەت)، ئەمما، بەزى جەمىئىيەت تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىشەنچلىك مەلۇماتلىرىدا، ئۇلارنىڭ تېخى مىللەت تەركىبىنى ئۆزگەرتمىگەنلەرنى قوشقاندا، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ جەمىئىي 2000 نەپەر ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى. "ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى". "قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى"، "شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشىرياتى 2009-يىل 12-ئاي 1-نەشرى 2010-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى 447-بەت).
"جيەن" فامىلىلىك ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ميەنجى ناھىيسى تەۋەسىدە "ليۇ" فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ئۇلار سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، موڭغۇل ئىمپېريىسىنىڭ باشلىرىدا چىڭگىزخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىدىقۇت خانلىقى خانى بارچۇق ئارتتېكىن تەرىپىدىن غەربىي شيا (تاڭغۇتلار قۇرىغان) ۋە جىن (ھازىرقى مانجۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان جۇرجىتلار قۇرىغان) سۇلالىسىنى يوقۇتۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىنى بويسۇندۇرۇشقا، سىتەن قايا باشچىلىقىدا ئەۋەتىلگەن ئالدىن يۈرەر قىسىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن غەربىي خۇنەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەم شۇ يەردىكى چوڭ جەمەت-ليۇ جەمەتى بىلەن قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1366-يىلى جۇ يۈەنجاڭ موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر پالاكەت كېلىپ قالماسلىق ئۈچۈن "ليۇ" فامىلىسىنى قوللانغان (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى. "ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى". "قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى"، "شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشىرياتى 2009-يىل 12-ئاي 1-نەشرى 2010-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى 461-، 462-، 463-بەتلەر). غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن خېنەن ئۆلكىسى سەنمىنشيا شەھىرى ميەنجى ناھىيىسى چىدى يېزىسى يۈچى ئۇيغۇر كەنتى ۋە گۈەنچېڭ بازىرى يىلىخې ئۇيغۇر كەنتىگە ئولتۇراقلاشقان. غەربىي خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ 2008-يىلى ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ئومومىي نوپۇسى 2380 نەپەر، بۇنىڭدىن ميەنجى ناھىيىسىدىكىلىرى 1781 نەپەر (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى. "ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى". "قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى"، "شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشىرياتى 2009-يىل 12-ئاي 1-نەشرى 2010-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى 456-بەت).
ھازىرقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خۇنەن، خېنەن ئۆلكىسىدىن باشقا يەنە تەيۋەن، خېنەن، شەندۇڭ، بېيجىڭ... قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ تارقالغانلىقى ۋە نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماي، "ئۇيغۇر" لۇق مىللىي كىملىكى بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقى ئېنىقلانماقتا.
ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگىمۇ بەلگىلىك ساندا تارقالغان بولۇپ، ئۇلار، تارىختىن بۇيان ياشىغان ئانا ماكان تۇپىراقلىرىنىڭ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشى ۋە ئەسلى تۈركچىلىك مىللىي بىرلىكلى، تىل بىرلىكى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر پۈتۈن قېرىنداشلارنىڭ، قىسمەن رايۇن ۋە قەبىلىۋى پەرقلەرگە ئاساسەن يېڭى مىللەت گەۋدىسىگە پارچىلىنىشى، ھەمدە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى، مەلۇم رايۇن تەۋەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىۋاتقان يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن سۈنئىي مىللىي گۇرۇھلارنىڭ مۇستەمىلىكە ئاستىدىكى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرگە ئىگە بولىشى نەتىجىسىدە، بىر كېچىدىلا يات مىللەت پۇخرالىرىغا ئايلىنىپ قالغان ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چەت دۆلەتلەرگە كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلاردۇر.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان، تۈركىيە، ئافغانىستان، كەشمىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، موڭغۇلىيە، ئاۋىستىرالىيە، شىمالىي ياۋروپا، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلارغا تارقالغان. بۇلاردىن، نوپۇس سانى بىرقەدەر كۆپرەك ۋە مەلۇم رايۇنغا مەركەزلىشىپ توپ ھاسىل قىلغانلىرى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان، تۈركىيە، ئافغانىستان، كەشمىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردۇر.
تارىخچى نەبىجان تۇرسۇن ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى غەيرەتجان ئوسمانلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا كۆچۈش ھەرىكىتى، مانجۇلار جۇڭغار ۋە تارىم ۋادىسىنى مۇستەمىلىكە قىلىشنىڭ تۇنجى باشلانمىسى بولغان 1759-يىلىنى نۇقتا قىلىپ، تۈرلۈك سىياسىي بوران-چاپقۇنلار ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ تەسىرىدە بىرقانچە قېتىم باسقۇچلار بويىچە داۋاملاشقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا كۆچۈشىنىڭ بىرنچى باسقۇچى 1759-1760 يىللاردا يۈز بەردى.
يەنى، مانجۇرلار 1758-يىلى جۇڭغار خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، 1759-يىلى قەشقەرىيەگە يۈرۈش قىلغان. قەشقەرىيە ئاھالىسى بۇرھانىدىن خوجا ۋە خان خوجا باشچىلىقىدا  چىڭ قوشۇنلىرى  بىلەن ئېلىشىپ، قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇپ بولغان. نەتىجىدە،  كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى  چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، قوشنا  بەدەخشان، پەرغانە ۋادىسى، يەتتەسۇ ۋە باشقا جايلارغا قېچىپ بېرىپ ماكانلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، مانجۇلار قەشقەرىيىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يەرلىكنى يەرلىكنىڭ قولى بىلەن باشقۇرۇش ئۈچۈن، قارا تاغلىق خوجىلار گۇرۇھىدىكىلەرنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ قولى بىلەن ئاق تاغلىق خوجىلار گۇرۇھىدىكىلەرنى باستۇردى. نەتىجىدە، مانجۇلار ۋە قارا تاغلىقلارنىڭ قوش زۇلۇمىغا ئۇچرىغان ئاق تاغلىقلارنىڭ بىر قىسىمى تۈرلۈك يوللار بىلەن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا كەتتى.
ئىككىنچى باسقۇچى 1816-1864 يىللار ئارىلىقىدا يۈز بەردى.
بۇ باسقۇچنىڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى، تەكرار قارىشلىق كۆرسىتىش ۋە باستۇرۇلۇش بولدى. يەنى، بۇ باسقۇچتا قەشقەرىيەنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلار مانجۇ،خەنزۇ ۋە شىبەلەردىن تەركىپ تاپقان ئۈچ تۇغلۇق قوشۇننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھىمايىسىدە ھوقۇق يۈرگۈزىۋاتقان ھەربىي-مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ شۇنداقلا ئۇلارغا ياردەمدە بولىۋاتقان يەرلىك غالچىلارنىڭ تۈرلۈك زۇلىمىغا قارىشى تەكرار قارىشلىق كۆرسەتتى ھەم تەكرار باستۇرۇلدى. ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈچ تۇغلۇق قوشۇن ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققان قەشقەرىيە ئاھالىسى يۇرت-ماكانلىرنى تاشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا كۆچۈشى توغىرىسىدا، غەيرەتجان ئوسماننىڭ "شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى" تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان "ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە" ناملىق كىتابىدا مۇنداق مەلۇماتلا بار: "سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسى س.ماركوفنىڭ مەلۇماتىچە، 1823-1828 يىللىرىدىكى مالىمانچىلىقتا، تەخمىنەن 70 مىڭ ئادەم ئۆچ ئېلىنىشتىن قورقۇپ، سىر دەرياسى ۋادىسىغا، يەنى قوقەنت، دالۋاس ۋە تاشكەنت ئەتىراپىغا كۆچۈپ بارغان ھەمدە تاشكەنت ئەتىراپىدا يېڭىشەھەر رايۇنى پەيدا قىلغان." (يۇقارقى كىتاب 376-377 بەتلەر)
"19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدەقازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوفنىڭ  ئېنىقلىشىچە، 1825-يىلى جاھانەىر خوجا توپىلىڭى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن كاشىغەرىيىدىن قوقەنت، شەھرىخان شەھەرلىرىگە ۋە پەرغانىنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە 7000 ئەتىراپىدا ئۇيغۇر كۆچكەن، كېيىن بۇ سان كۆپىيىپ 300 مىڭ ئەتىراپىغا يەتكەن. 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا يەنە 15 مىڭ ئۇيغۇر قوقەنتكە كۆچۈپ بارغان. قارىسۇ قاتارلىق جايلارغا 9000 دولانلىق ئۇيغۇر كۆچۈپ بارغان" (يۇقارقى كىتاب 377- بەت).
"چوقان ۋەلىخانۇفنىڭ قارىشىچە، شۇ چاغلاردا تاشكەنت شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا يەنى يېڭىشەھەرگە كاشىغەرلىك ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەھرىخان شەھىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك كاشىغەرلىك ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن. قارىسۇمۇ شۇنداق بولغان. چۇقان ۋەلىخانۇفنىڭ ئىىسپاتلىشىچە، شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار (توغرىسى كاشىغەرىيەلىكلەر. چۈنكى، ئۇ چاغدا بىر پۈتۈن تۈركى مىللەتلەر يەرلىك مىللىي ئېتىنىك گۇرۇھلارغا تېخى ئايرىلمىغان) 324 مىڭغا يەتكەن. 847-يىلىدىكى ۋەقە مەغلۇب بولغاندىن كېيىن يەنە 20 مىڭ ئادەم قوقەنتكە كۆچۈپ كەتكەن" (يۇقارقى كىتاب 377- بەت).
ئۈچىنچى باسقۇچى 1878-1882 يىللار ئارىلىقىدا يۈز بەردى.
يەنى، 1864-يىلدىن باشلاپ قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە ۋادىسىدا كۆلەم جەھەتتىن ئىلگىرىكىدىن بىرقەدەر زور بولغان ھەرىكەتلەر يۈز بەردى. بۇ ۋاقىتتا مانجۇ ئىمپېريىسى ئىچكى قىسىمىدا يۈز بەرگەن ھەمدە 14 يىل داۋاملىشىپ، مانجۇ خانلىقىنى ئاغدۇرۋېتىشكا ئاز قالغان تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتىنى ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى ئەجنەبىي مىلتىقچىلار ئەتىرىنىڭ ياردىمىدە باستۇرپ، قاتتىق ھالسىزلىنىپ كەتكەن، سىرتقى قارىشلىق ھەرىكەتلەرنى تىنجىتىشقا ماجالى قالمىغان ئىدى. شۇڭا قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيىدە يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەر غەلىبە قىلىپ، قەشقەرىيىدە قوقەنتلىك ھەربىي قوماندان ياقۇپبەگنىڭ باشچىلىقىدا يەتتە شەھەر دۆلىتى، ئىلى ۋادىسىدا ئەلەخان سۇلتان باشچىلىقىدا ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلدى. ياقۇببەگ باشچىلىقىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتى كۈچلۈك دىنىي ھېسسىيات ۋە ئىرقىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن، ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا سىياسى سىتىراتىگىيىسىنى خاتا مۆلچەرلەپ، قۇرۇلۇپلا يىراقتىكى ئوسمانلى ئىمپېريىسىگە تەۋەلىك بىلدۈرۈپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. بىراق، روسىيە، ئۇلۇغ بىرىتانىيە ۋە چىڭ ئىمپېريىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ ئارىلىقىدىكى بۇ ئارىلىق رايۇننى ئۇلۇغ بىرىتانىيە ئىمپېريىسىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۋېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرگەن ھەمدە قارا دېڭىزدا يەتتە شەھەر دۆلىتىنى ئۆز ھامىلىققىغا ئالغان ئوسمانلى ئىمپېريىسى بىلەن قانلىق ئۇرۇش ھالىتىدە بولىىۋاتقان رۇس مىللەتچى ئىمپېريالىزىمى چىڭ ئىمپېريىسىنى قەشقەرىيىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتىگە ئەسكەر كىرگۈزۈشكە كۈشكۈرتتى ھەمدە 1871-يىلى ئۆزلىرى بىۋاستە ئەسكەر كىرگۈزۈپ ئىلى سۇلتانلىقىنى مۇنقەرز قىلدى. 1875-يىلى چىڭ ئىمپېريىسى رۇس ئىمپېريىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن كقەشقەرىيىگە يۈرۈش قىلىپ، 1878-يىلى پۈتۈن قەشقەرىيىنى ئىگىلىدى. يېرۇسالىمنى دۇنيا خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ مۇقەددەس دىنىي مەركىزىگە ۋە مەنىۋىي تۈۋرىكىگە ئايلاندۇرۇش خىيالىدا، بىر تەرەپتىن ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ ھامىلىقىدىكى ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئوسمانلى ئىمپېريىسىگە قارىشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن ئافرىقا ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئوسمانلى ئىمپېريىسى بىلەن ئۇرۇشۋاتقان ئۇلۇغ بىرتانىيە ئىمپېريىسى، ئۆز دۈشمەنلىرىگە ھامىيلىق بىلدۈرگەن بۇ مىقنى يۇلۇپ تاشلاش ئۈچۈن چىڭ ئىمپېريىسى بىلەن رۇس ئىمپېريىسىنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايۇنىدا قۇرۇلغان ئىككى يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنى ئاغدۇېۋېتىشىگە سۈكۈت قىلدى. 1881-يىلى رۇس ئىمپېريىسى ئۆزلىرى ئىگىلىۋالغان ئىلى زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق مۇستەملىكە زېمىنى دائىرىسىگە قوشۇۋېلىش بەدىلىگە، قالغان قىسىمىنى چىڭ ئىمپېريىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى ھەمدە قان-ياشلىق تارىخىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەھپىلىرىدىن بىرى بولغان "كۆچ-كۆچ ۋەقەسى" نى پەيدا قىلدى. شۇنداق قىلىپ تەڭرىتېغىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى پۈتۈن زېمىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىغا ئۆتتى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچ تۇغلۇق قوشۇنى 1864-يىلىدىكى قارىشلىق ھەرىكەتلىرنى باھانە قىلىپ يەرلىك خەلقتىن دەششەتلىك ئۆچ ئالدى، ھەتتا، بەزى يۇرتلارنىڭ، مەسىلەن، ئۈچ شەھىرىنىڭ پۈتۈن ئاھالىسىنى قىرىپ تۈگىتىپ، باشقا يۇرتلاردىن ئاھالە كۆچۈردى. مۇشۇنداق شارائىتتا، چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققان نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ يەرلىك خەلق، يەنى، قەشقەرىيە ۋە جۇڭارىيە ئاھالىسى تۈركۈملەپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ھەقتە غەيرەتجان ئوسمان مۇنداق يازىدۇ: "زو زۇڭتاڭ 1878-يىلى شىنجاڭا يۈرۈش قىلغاندا، تەخمىنەن 100 مىڭ ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇر قايمۇقتۇرۇش بىلەن ۋە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن. كورپاتكىن بۇ ھەقتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش جەريانىدىكى پاجىئەلىك قىسمىتى توغىرىسىدا يۈزەكى بولسىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ. 1881-يىلى <جۇڭگو-روسىيە ئىلى شەرتنامىسى> ۋە 1878-يىلىدىكى <جۇڭگو-روسىيە لىۋادىن شەرتنامىسى> غا ئاساسەن ئىلى چىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇلغاندا، جۇڭگو-روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن 884-يىلىنىڭ باشلىرىدا 9572 ئائىلە يەنى 45373 ئۇيغۇر كۆچۈپ كەتكەن" (يۇقارقى كىتاب 377-378 بەتلەر).
تۆتىنچى باسقۇچى 1900-1920 يىللار ئارىلىقىدا يۈز بەردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا يېڭىچە سانائەت ۋە ئىسلام ئويغۇنىش ھەرىكىتى ھەمدە تاتارلار باشچىلىقىدىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان دەۋردە باشلىنىپ، چار رۇسىيە ئىمپېريىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان سوۋېت بولشېۋىك قىزىل رۇس ھاكىميىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى بىر پۈتۈن تۈركى مىللىتى بىر قانچە مىللىي ئېتىنىك گۇرۇھلارغا بۆلۈنگەن دەۋردە ئاخىرلاشتى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىلگىركىدەك ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ ئەمەس، بەلكى ئىشلەمچىلىك قىلىپ كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن باردى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ يەرلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنە يېڭدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر كۆچمەنلەر مەھەللىسى بارلىققا كېلىپ، نوپۇس جەھەتتىن بەلەىلىك كۆلەم ھاسىل قىلدى. بۇ ھەقتە غەيرەتجان ئوسمان مۇنداق دەيدۇ: "ئابدۇللا رۇزىباقىيوفنىڭ 1926-يىلدىكى تەكشۈرگەن مەلۇماتىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەينى ۋاقىتتا 710 مىڭ ئەتىراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ 500 مىڭى ئوتتۇرا ئاسىيادا، تەخمىنەن 210 مىڭى يەتتەسۇ رايۇنىدا ياشىغان"  (يۇقارقى كىتاب 378-بەت). بىراق، ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي نېمە سەۋەبتىندۇر ئابدۇللا رۇزىباقىيوف ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يەتتە سۇ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئىككى قېتىم تېز سۈرئەتتە ئازايتىپ، 300 مىڭ ئەتىراپىغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇنىڭغا سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق رىسپوبىلكىلاردىكى ئۆزبېك، قازاق مىللەتچىلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەب بولغان بولىشى مۈمكىن.
بەشىنچى باسقۇچى 1954-1962 يىللار ئارىلىقىدا يۈز بەردى.
يەنى، 1954-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالى رەھبىرى، يېڭى جۇڭگونىڭ جان-جىگەر دوستى سىتالىن ئۆلدى. يېڭىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەختىگە چىققان خېرىشوپ سىتالىننىڭ چوڭ تازىلاش جەريانىدىكى ئۇچىغا چىققان قانلىق قىرغىنچىلىقلىرىنى ۋە بىر قاتار سۈيىقەستلىك ھەرىكەتلىرىنى، بەزى يەرلىك مىللەتلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىستەك شەپقەتسىز جىنايەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، چېچەن، تاتار، نېمىس قاتارلىق مىللەتلەرنى ئەسلى جايلىرىغا قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرىشىغا ياردەم بەردى. بىراق، خېرىشوپنىڭ سىتالىننى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا قارىشى ئىش قىلىشى جۇڭگودا ئەكىس سادا ۋە نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا قىلدى. نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قورال كۆتۈرۈپ ھەيۋە قىلىشتەك ئېغىر ئىىختىلاپ كۆرۈلدى. ھەتتا، بەزى جايلاردا قوراللىق سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلارمۇ يۈز بەردى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرىدە "سوۋېت شۇجىڭجۇيىچىلىرى ھۇجۇم قىلىدىكەن" دېگەن گەپلەر تارقىلىپ، دىدو (يەر ئاستى لەخمىسى) ياساش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 1940-يىللاردا ئۇيغۇرلار يېرىدە ئىشلەتكەن كونا ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، بىر قېتىملىق ئىنقىلاب قوزغاشنى پىلانلىدى ھەمدە بۇنىڭ ئادەم كۈچى تەييارلىقى سۈپىتىدە، بىر تەرەپتىن، يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت پۇخرالىرىنى سوۋېت پۇخرالىقىغا قوبۇل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم يەرلىك ئاھالىلەرنى تۈرلۈك يوللار بىلەن سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىغا كۆچمەن قىلىپ يۆتكەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تۈرلۈك ناملاردىكى يەر ئاستى تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقتى. جۇڭگودا 1956-يىلىدىكى چېڭدۇ يىغىنىدا قارارلاشتۇرۇلۇپ، 1958-يىلى رەسمىي باشلانغان "يەرلىك مىللەتچىلىككە قارىشى ھەرىكەت" سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقارقى پىلانى ئۈچۈن يېشىل چىراق يېقىپ بەردى. خېرىشوپ ھۆكۈمىتى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرى 1962-يىلى ئىلى-چۆچەك ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، ئىلى ۋە چۆچەك ۋىلايەتلىرىگە قاراشلىق توققۇز ناھىيىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا-يەتتەسۇ رايۇنىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1954-يىلىدىن 1962-يىلغىچە قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كەم دېگەندە 260 مىڭدىن ئاشىدۇ.
ھازىرقى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار يۇقارقى بەش قېتىملىق كۆچۈشتە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى يۇرتلادىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قازاقىستان جۇمھۇريىتىدىكىلەر ئاساسەن يەتتە سۇ ئوبلاستىغا ۋە ئالمۇتا شەھىرىگە مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلىرىغا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى بىرقەدەر ياخشى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز راۋاجلانبدۇرۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ سانى، يۇقىرىدىكى بەش قېتىملىق كۆچۈشتىكى سانلىق مەلۇماتلار ھەم تەبىئىي كۆپىيىش سۈرىتى بويىچە سىتاستىكىلىغاندا خېلى زور نوپۇسقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما، تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۆزلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئاشكارا قوللۇنىشقا جۈرئەت قىلالماي، بۈگۈنكى سانى ئەمىلىي سانىدىن كۆپ ئاز سىتاستىكا قىلىنغان. شۇڭا قازاقىستان ھۆكۈمىتى 2012-يىلى ئۇلارنىڭ سانىنى ئاران 237532 نەپەر دەپ ئېلان قىلغان. ئۆزبەكىستان ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتەن تۇپىراقلىرىدىن بولۇپ، تارىختىن بۇيان بۇ رايۇندا ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن ھەم ئومومىي نوپۇسنىڭ كۆپ قىسىمىنى تەشكىل قىلغان. نەۋائىغا ئوخشاش مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مۇشۇ تۇپىراقتا مەيدانغا كەلگەن. كېيىنكى بەش قېتىملىق كۆچۈش جەريانىدا يەنە ئۇلارغا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار بېرىپ قوشۇلغان. ئەمما، سابىق سوۋېت رۇس ئىمپېريالىزىمى دەۋرىدىكى تۈرلۈك سىياسىي ۋە مىللىي بېسىملار ھەم سىتالىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئۆزبەكلەرنىڭ پايدىسىغا قۇربان قىلىۋېتىش سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئۆزبەكىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپى، ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبەكلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىك جەھەتتىن بىر-بىرىدىن ھېچبىر پەرقلەنمەيدىغان ئوخشاشلىقى سەۋەبىدىن  كېيىنكى دەۋرلەردە ئاستا-ئاستا ئايرىم مىللىي گەۋدە بولۇپ بولۇش ھالىتىدىن قېلىپ ئۆزبەكلىشىپ كەتكەن. شۇڭا، ئەسلى مەنبە بويىچە قىياس قىلغاندا، ھازىرقى ئۆزبەكىستاندىكى 20 مىليۇنلۇق ئۆزبەك نوپۇسىنىڭ كېمىدە يېرىمى ئۇيغۇر بولسىمۇ، 2000-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا 19526 نەپەر دەپ ئېيتىلغان. قىرغىزىستانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكان تۇپىراقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر خانىدانلىقلارنىڭ بىرى بولغان قارىخانىلار خانلىقى بۇ جۇمھۇريەت تەۋەسىدىكى ئىسسىقكۆل بويىغا جايلاشقان بالاساغۇننى ئىككىنچى پايتەخت قىلغان. ھازىرقى سىتاستىكا بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى نوپۇسى ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە قازاقىستاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، 2012-يىلىدىكى ئومومىي نوپۇسى 50  مىڭ نەپەر. ئافغانىستانمۇ ئەسلى ئۇيغۇرلار ياشىغان ئانا ماكان تۇپىراقلارنىڭ بىرى بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرىغىچە بۇ يەردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەلگىلىك كۆلەمدىكى نوپۇسى ۋە تىل-يېزىق، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ئۇيغۇرغا خاس مىللىي بەلگىلىرى بولسىمۇ ھەم بۇ بەلگىلەر ياۋروپا ئۇيغۇرشۇناسلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مىللىي نامى ئاستىدا قەلەمگە ئېلىنسىمۇ، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي ئۆزبەك ياكى باشقا مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ئافغانىستاندا ھازىر ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاساسەن 1949-، 1950-يىللاردا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك سىياسىي بوران-چاپقۇنلاردا تۈرلۈك يوللار بىلەن چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردۇر. ئىراندىكى ئۇيغۇرلار ئىراننىڭ خۇراسان قاتارلىق شەرقىي قىسىمىدىكى ئەنئەنىۋىي تۈرك يۇرتلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرىكى زامانلاردا تۈرلۈك ھەربىي يۈرۈشلەر سەۋەبىدىن قەشقەر رايونىدىن چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردۇر. بۈگۈكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرغا خاس نۇرغۇن بەلگىلىرى يوقۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى "قاشقايلار" دەپ ئاتايدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەشقەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا تەرىپىدىن "قاشقايلار" دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ، تۈركى مىللەتلەر قاتارىغا كىرگۈزىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي گەۋدىسىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى تەن ئېلىنمايدۇ. تاشقى موڭغۇلىيە تەۋەسىدىمۇ بىرنەچچە يۈز ئۆيلۈك، نوپۇسى مىڭغا يېتىدىغان ھەم ئايرىم مىلىي مەھەللە شەكىللەندۈرگەن ئۇيغۇرلار بار. ئەمما، ئۇلارنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلىرى ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار كۆلەملىشىپ توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان يەنە بىر رايۇن تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدۇر. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە سودا ئىشلىرى، تىل ۋە مەدەنىيەت يېقىنچىلىقى، بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقى ھەم باشقا سەۋەبلەر بىلەن بېرىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن تۈركىيەنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلىرىگە مەركەزلەشكەن. تۈركىيەنىڭ ئاماسسىيا شەھىرىدە يەنە بىر ئۇيغۇر ناھىيىسى بولۇپ، بۇ يەردە ھازىر ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى بىلمىسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تەركىبىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان 7400 ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئاماسسىيادىكى 7400 ئۇيغۇر نوپۇسى بىلەن 80-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىكى بەزى بىر نارەسمىي مەلۇماتلاردىكى 10 مىڭ ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى قوشقاندا، بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى جەمىئىي 20 مىڭ ئەتىراپىدا بولىشى مۈمكىن. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا 1920-يىللار، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىركى دەۋرلەردە ھەج قىلىش ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۇغقان يوقلاش ھەمدە تۈرلۈك سىياسىي بوران-چاپقۇنلار سەۋەبىدىن بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، بەزى بىرەسمىي سىتاستىكىلىق ماتېرياللارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ 980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسىنىڭ 55 مىڭ ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا كەشمىر رايۇنىدىمۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەمدە بەلگىلىك كۆلەم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى توغىرىسىدا بىزدە تېخى ئېنىق ماتېريال يوقق. بۇنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئەمىلىي تەكۈرۈشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا توغىرا كېلىدۇ. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا 19-، 20-ئەسىرلەردە تۈرلۈك يوللار ۋە سەۋەبلەر بىلەن چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ياكى يېقىنقى دەۋرلەردە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردۇر.
دېمەك، ئۇيغۇرلار تۈرلۈك تارىخىي دەۋر ۋە تۈرللۈك سەۋەبلەر ئېتىبارى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايۇنلارغا ئوخشىمىغان كۆلەم ۋە ئوخشىمىغان مىللىي تۈستە تارقلاغان بولۇپ،  ئۇلار بۈگۈنكى دەۋردە ئۆزلىرى ماكانلاشقان دۆلەت ۋا رايۇنلار ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپىلىرىنى قوشماقتا، ھەتتا بەزىلىرى شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن دۇنيا ھەيران قالغۇدەك نەتىجىلەرنى ياراتماقتا. مەسىلەن، كلون تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ بىرى بولغان شۆھرەت مۇتەلىپ دۇنيادىكى داڭلىق يەتتە نەپەر كلون تەتقىقاتچىلىىرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ باھاسىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغان. ئامېرىكا ناسا ئالەم تەتقىقات ئىدارىسى يۇقىرى ئوپتىكا تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەركىن سىدىق شۇ يەردىكى ئەڭ داڭلىق شەخسكە ئايلانغان ھەم ئۇنىڭ كەشپىياتلىرى ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ بىردەك يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان كارخانىچى، كاتتا باي دىلمۇرات قۇزى قازاقىستاندىكى ئەڭ كاتتا باي ھەم ئىقتىسادشۇناس بولۇپ قالغان. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان تىببىي پەن مۇتەخەسىسلىرى يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، فىنللاندىيە، ... قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يادرو فىزىكا تەتقىقاتىغا ئوخشاش يۇقىرى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا بەزى ئۇيغۇرلار ئۆز تالانتتىنى نامايەن قىلغان. نۆۋەتتە يەنە تۈركىيە، ئامېرىكا، شىمالىي ياۋروپا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى شۇ دۆلەت ئالىي مەكتەپلرىدە ئوقۇتۇش ئىشلىرى، جۈملىدىن، ماگىستىر ئاسپىرانت ۋە دوكتۇر ئاسپىرانت تەربىيلەش ئىىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرماقتا.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:1>  ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى. "ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى". "قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى"، "شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشىرياتى 2009-يىل 12-ئاي 1-نەشرى 2010-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى
2> غەيرەتجان ئوسمان. "شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى" تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان "ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە".
3> نەبىجان تۇرسۇن. "پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقالغان خەلق-ئۇيغۇرلار"
4> تارىخىي ماتېرىياللار ھەققىدىكى خاتىرە توپلىمىم.


مەنبە: قەلىمىم

1

تېما

6

دوست

4508

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 196
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈ...
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

92

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23232
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە 20 مىليۇندىن ئاشدۇ

3

تېما

0

دوست

584

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 127
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى بىر تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت ئاتىللا ئەپەندىم! داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامىز ! ئەلا ماقالە

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

11

تېما

4

دوست

6078

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1778
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭدىن باشقا چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق قېرىنداش تۈركى مىللەت ۋىلايەتلىرىدىمۇ ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

ماگەپ بىر قىسمىلىغۇ؟ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابنى ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر ، قازاق خەلقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئېلىپ بارغان. ئەمدى بۇگۇنكى كۈندە ئۇ يەردە ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ياشايددۇ دىگەن قانداق گەپ؟
چوڭنى كىچىكلىتىپ، كىچىكنى يوقىتىش دىگەن مۇشۇ دە.

0

تېما

0

دوست

93

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21358
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسسىلامۇئەلەيكۇم..جاپاتارتىپسىز...

60

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 2154
تۆھپە : 2102
توردىكى ۋاقتى: 664
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-22 18:04
ئۇنىڭدىن باشقا چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق قېرىنداش تۈركى  ...

ئۇنىڭ نەرى خاتا؟ بۇ يەردە ھېچقانداق چوڭىنى كىچىكلىتىپ، كىچىكىنى يوقۇتۇش چىقمايدىغۇ؟ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبىدە ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چۆچەك ۋە ئالتايلىق ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار بار. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلارمۇ خېلى كۆپ. يەتتە سۇدىن سوۋېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن كىرگەن ئۇيغۇرلارمۇ مەلۇم ساننى ئىگىلەيدۇ. قازاقلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاساسەن ئىلى، ئالتاي ۋە چۆچەكتىن كەلگەن. يەنە ئاز قىسىمى سوۋېت ئىتتىيىاقىدىن كەلگەن.  ئالتايلىق ئوسمان باتۇرمۇ نۇرغۇن قازاقلارنى باشلاپ ئۈچ ۋىلايەتچىلەردىن ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلغان.ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيسىنىڭ تەركىبىدە يەنە موڭغۇل ۋە شىۋە ئىسكادىرونىمۇ بار.
سىزچە قېرىنداش تۈركى مىللەت ۋىلايەتلىرى دېگەندە مەن ئۇ يەردىكى قازاقلارنى كۆزدە تۇتتۇم. سىزچە قازاقلار قېرىنداش تۈركى مىللەتلەرگە، ئۇلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان ئالتاي، چۆچەكلەر قېرىنداش تۈركى مىللەتلەرگە كىرمەمدا؟ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەر ۋە ئىلى، بۆرتال، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سان جەھەتتىن كۆپما؟ ئەگەر سىز گېپىڭىزدە چىڭ تۇرسىڭىز ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ ئېنىق سانلىق مەلۇماتىنى تەمىنلەڭ.
يتەنە بىرسى، 1962-يىلى چۆچەكتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر يەتتىسۇ ئۇيغۇر تۇپىرىقىغا چىقىپ كەتكەن.

2

تېما

0

دوست

552

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11132
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 73
تۆھپە : 123
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-22 19:44  

قېرىندىشىم ،ئاۋال ئۇيغۇرلىرىم ھەققىدىكى  بۇ تەتقىقات يازمىڭىز ئۈچۈن سىزگە سەمىمى ئېھتىرام!!!ئەجرىڭىزنى خەلىق بىلەر؛خەلىق بىلمىسە بېلىق بىلەر ؛بېلىقمۇ بىلمىسە مىنىڭچە ئۇلۇق يارتقان ئىگەم بىلىدۇ .ئەجرىڭىزنىڭ مەرھىمىتىنى ھامان كۈرىسىز .سالامەت بولغايسىز .قەلىمىڭىز ،ئىزدىنىشلىرىڭىز يېرىم يولدا توختاپ قالمىغاي.
مەندە سىزگە كىرەكلىك كىتاپلار بارمىدۇ -دەپ ئويلاپ قالدىم .ئەگەر مۇشۇ ئەمگىگىڭىز نىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مەندە سىزگە يارىغۇدەك ماتىرياللار بولسا مەن ياردەم قىلىشنى خالايمەن
مەندە ھازىرچە بار كىتاپلار:تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ئۈچ كىتاۋى...قاتارلىقلار...

5

تېما

1

دوست

1564

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15646
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇلارنىڭ نۇپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا دۇنيادىكى مىڭدىن ئارتۇق مىللەت . 100 دىن كۆپ دۆلەت ئاز سانلىق ھىساپلىندىكەن .بېرىپ ئۆلكە قۇرۇۋالسا بولمامدۇ  سانى جىق بولغاندىكىن.

1

تېما

1

دوست

1506

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17029
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 464
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ چىقىپ كېتىپتىكەن شۇ ۋاقىتلاردا ، نىمىلا دىگەن بىلەن ئەركىن ياشاۋاتىدۇ قېرىنداشلىرىمىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )