يىتىم بالىلاردىن ساخاۋەتچىلەرگە تەشەككۈر
ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر قانداشلار :
باغداش تورىنىڭ ماسلاشتۇرىشى،كەڭ ساخاۋەتچى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن مەكىتىپىمىزدە «يىتىم بالىلار كىتاپ فوندى» قۇرۇلۇپ كىتاپ بايرىمى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق،ساخاۋەتچىللىرىمىزگە رەخمەت- ھەشقاللا ئىيتىۋالغۇچە ئىللىق ماكانىمىز باغداش تاقىلىپ قالدى،بۇ پائالىيتىمىز ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقاچقا ھەم نۇپۇزلۇق مۇنبىرىمىز باغداش ئەسلىگە كەلگەچكە تەشەككۈرنامىمىز ۋە مۇراجىتىمىزنى مۇنداق بايان ئەيلەيمىز :
كىتاپخانىلاردىن ئۈرۈمچى «ھونبەگ» كىتاپخانسى(10پارچە)،كورلا كىتابىم كىتاپخانسى(10پارچە)،يىڭىشەھەردىن ئىزدىنىش كىتاپخانسى(10پارچە) ساھىت سادىق باشچىلىقدىكى يۇپۇرغىدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرى (300 يۈەن،30پارچە كىتاپ)،ئىچكىردىكى تۇرمۇش يىتەكچىسى يۇپۇرغىدىن مەرھابا خانىم (500يۈەن) ، «تارىم»ژورنىلىدىن ھەزىرەتئەلى ئەخەت(200يۈەن)،بورتالا-ئوتتۇرا مەكتەپتىن يازغۇچى مەمەتئىلى ھېلىم (10پارچە)غۇلجا ئوچئۇن خۇيزۇ مەكتەپتىن يازغۇچى ئابلەت ئابلىكم (300يۈەن)ئاتۇش خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئابدۇۋەلى،قۇناجى (200يۈەندىن)،قەشقەر 14- ئوتتۇرادىن دىلنۇر خانىم (100يۈەن)،مەكىت چامغۇرلىق مەكتەپتىن ئادىلجان مۇدىر(200يۈەن، 200پارچە كىتاپ) قارا شەھەردىن ئايشە خانىم(100يۈەن)، غۇلجىدىن ئىلزات ئەپەندى (100يۈەن)،يۇپۇرغىدىن يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايى(10 پارچە)يۇپۇرغا قىرائەتخانىدىن ئابلىكىجان (20 پارچە)يۇپۇرغا ئەشمە ئوتتۇرىدىن سەلەيجان (300پارچە)،تىرىم ئوتتۇردىن ئابدۇشكۈر نۇرەك(100يۈەن) يۇپۇرغا سىيەكتىن تۇنسايىم خانىم(100يۈەن)،مەكتىپىمىزدىن ئابدىرىشىت ئابلەت (100يۈەن) ،مەمتىمىن ئابدۇررىيىم (100يۈەن)،بۇخەلچەم نامان (100يۈەن)بۇخەلچەم موللا (100يۈەن)،گۈزەلنۇر (100يۈەن)،رىيانگۈل قەلەم (100يۈەن)،خالىس(100يۈەن)، مەمەتئىلى(100يۈەن)ھىيتجان(30پارچە) بايقاش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ( www.baykax.com (رۇزى مەتسىدىق ئەپەندى(100 يۈەن) قاتارلىقلار كىتاپ ۋە پۇل ئىئانە قىلىدى.ساخاۋەتچى كىتاپخانىللىرىمىزنىڭ كىتاپ ۋە پۇلىغا شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرگە مەكتەپ نامى بىلەن چىن دىلمىزدىن ھەشقاللا ئىيتىمىز! ساخاۋەتچىللىرىمىز بىزگە «قۇم باسقان شەھەر»،«كەلىلە ۋە دەمىنە»، «داغ»، «جاللات خېنىم»، «ئۆزلىك ۋە كىملىك»،«ئانا يۇرت»،«سوفىيەنىڭ دۇنياسى»، «تارىمىنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت»،«باھادىرنامە»،«سۇتۇق بۇغراخان››قاتارلىق نادىر كىتاپلارنى ئىئانە قىلدى.بۇ قىتىمىقى پائالىيتىمزدە ئاخپارات-نەشىرىيات ئۇرۇنلىرىدىن شۇنچىلىك زور ئۆمىدلەرنى كۈتكەن ئىدۇق.ئەمما ئۆمىدىمىزنى يەنىلا كىيىنگە قالدۇرۇپ قويدۇق !
بىزگە كىتاپ ئىئانە قىلغان ئورۇن ۋە سەخسلەرنىڭ ئىسىمى كىتاپ ئىچىگە بىسىپ چىقىرىلىدۇ.ئىسىملىكى تور ،تىلغۇن،چ چ ، ئۇندىدار،مىكرو بىلوگ قاتارلىقلارغا يوللىنىدۇ. پۇل ئەۋەتكۈچىلار ئۆزلىرى تەۋسىيە قىلغان كىتاپلار ئىلىنىدۇ ياكى ئەڭ ياخشى ئۇيغۇر تارىخى رۇمانلىرى سېتىۋلىنىدۇ .قوللىغۇچىلارغا مەكتەپنىڭ ئىككى خىل ژورنىلى،كەمىنە چىقارغان خەيرىلىك سەھەر ناملىق پىلاستىنكا سوۋغا قىلىنىدۇ،مەكتەپ رادىئو ئۇزىلى ئىچىدە كىچىك كىتاپخانا قۇرۇلغان بولۇپ ئىئانە قىلىنغان كىتاپلار مەكتەپ كىتاپخانىسىغا قۇشۇلماي مۇشۇ يەردە ساقلىنىدۇ ۋە ئارىيەت بىرىلىدۇ. كەمىنە بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى ،ئەمما نىمىشقىكىن بالىلارغا ئۆز تارىخىمىز ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بىرىشتە رولۇم بەكلا يۈكسەك ۋە مۇھىم دەپ قارايمەن.بولۇپمۇ ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان كىتاپلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىمىز تەرىپىدىن ئوقۇشىسز قالماسلىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ باھادىر ئىش.چۈنكى بىز ئۇلارغا يەتكۈزمىسەك،تارقىتىپ تەشۋىق قىلمىساق ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە ھىچىنىمىنى بىلمەي چوڭ بولىدۇ. كىتاپ مەدەنىيىتىمىز ياخشى تەشۋىق قىلىنمىسا مىللي مەدەنىيىتىمىزمۇ ئىز باسارسىز قىلىشى مۇمكىن.چۈنكى كىتاپلىرىمىز كىتاپ جازىللىرىدا تۇلۇق تۇرۇقلۇق، ئۇنى ئوقۇشقا ھىرىسمەن كىشللىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى ئوقۇيالمىساق ۋە ئوقۇتالمىساق بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش بولىدۇ ! بىز داۋاملىق قوللىشىڭلارغا مۇھتاج!!
بۇ مۇراجىتمىزنى كىتاپخانىلارغا ،ئاخپارات،تەشۋىقات،نەشىرىيات ئورۇنلىرىغا، تور، تىلغۇن،چچ ،ئۇندىدار،مىكرو بىلوگ قاتارلىقلارغايوللاپ قۇيۇشىڭلانى بەكمۇ ئۆمىد قىلىمىز !سىز سوۋغا قىلغان بىر پارچە كىتاپ بىر يىتىم سەبىينىڭ قەلبىنى ئىللىتالىسا بۇ ئۇلار ئۈچۈن، بىز ئۈچۈن ئالامچە بەخىت ،ئالامچە سۆيگۈ!!!
كىتاپ ئىئانە قىلىشنى خالىساڭلار بىزگە(申通,中通)قاتارلىق تىز يوللانمىلارمۇ كىلىدۇ، ئادىرىسىمىز : يۇپۇرغا ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپ تاپشۇرىۋالغۇچى: رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ،
تىلغۇن: 13899198079، كارتا نۇمۇرى : 6228483660490587910(يىزا ئىگىلىك بانكىسى)
岳普湖县第三中学肉孜买买提 844006
ھەممىڭلارغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن !!!
ھۆرمەت بىلەن يۇپۇرغا ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ