قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2522|ئىنكاس: 11

يەرشارى مەشغۇلات سىىستىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىزنىڭ دىھقانلا

1

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12296
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 3772
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 08:08:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەرشارى مەشغۇلات سىىستىمىسى


   بۇ تىمىدىن مەقسەت كومپىيۇتىر چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئىنسان ،جەمىئەت ، دۆلەت ۋە دۇنيانى  چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇش. بۇلار مىنىڭ شەخسى قارشلىرىم ئوقۇرمەنلەرگە يىڭى ئىددىيە بىرەلىسە مەن شۇنۇڭدىن خۇرسەن .
كەسپىم كومپېۇتېر بولغاچقا كۆزۈمگە بەزىدە دۇنيامۇ بىر تال ئاددى كومپېۇتېردەكلا كۆرۈنۈپ كىتىدۇ. زىمىنداخۇددى مۇشۇ تۆمۈر ماشىننىڭ ئىچىدە مەشغۇلات قلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ پەقەت نۆل ۋە بىردىنلا تۈزۈلگەن شەيئىلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقدەك ھىس قىلپ قالىمەن.
كومپېۇتېرنى ئاددىلاشتۇرۇپ چۈشەنسەك ئۇ بىر تال قاتىىق جىسىم ۋە ئۇنىڭ ئىچگە قاچىلانغان بىرمۇرەككەپرەك بولغان مەشغۇلات سىسىتىمىسىدن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ھەر ئىككىسى بىربىرىنى شەرت قىلىدۇ. ئۇنىڭغا قاچىلانغان سىسىتىما بولسا ئۇنىڭ ھەركەت قائىدىسى ياشاش مىزانى ۋە دۇنيا قارىشى بولۇپ ھىسابلىندۇ. ئۇنىڭ ھەرقانداق ھەركىتى ئاشۇ بىرقاتار قائىدىلەردىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ.
ھازىرغىچەئىشلىتىلىپ كىلىنۋاتقان مەشغۇلات سىسىتىمىلىرىنى سۆزلەپ كەلسەك ئۇلار ئەڭ دەسلەپكى(DOS) سىستىمىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ھازىرقى ئەڭ ئىلغار دەپ قارالغان ئالمىنىڭ (OS X 10.9 Mavericks)ۋە مىكروسوفت نىڭ (windows 8)  مەشغۇلات سىستېمىلىرى تىخى ھەتتا  بىز ئىسمىنى ئاڭلاشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن يەنە خىلمۇخىل تىپتىكى ۋە مەقسەتلەردىكى مەشغۇلات سىستىمىلىرى  بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ئەمدى ئاساسى تىمىغا قايىتپ كەلسەك ، دۇنياغا ئۇنىڭ ئىچىدىكى كىچىك شەيئىلەردىن باشلاپ يەرشارى سىرتىدىكى غايەت زور گالەكسىيلەرگە قەدەر نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا بىرئورتاقلىق مانا مەن دەپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ، يەنى بارلىق جانلىق ياكى جانسىز دەپ قارالغان شەيئىلەر چوڭ جەھەتتىن ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ ، مەيلى ئۇ بىرتال چىۋىن بولسۇن ، ياكى بىزنىڭ تاپىنىمىز ئاستىدىكى قارا تۇپراق بولسۇن ، بىردۆلەت بولسۇن ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغان ئىمپىرىيە بولسۇن سامان يولى، ئىكىلوگىيەلىك سىستىما بولسۇن ياكى غايەت زور گالەكسىيلەر بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن يۇقۇردادەپ ئۆتكەن ئىككى خىل ئاساسلىق نەرسىدىن تاشقىرى بولمايدۇ يەنى قاتتىق جىسمى ۋەئۇنىڭغا قاچىلانغان سىستېما.
مەسىلەن، بىر تال چىۋىننى مىسالغا ئالايلى، ئۇنىڭ ئۆزى بىر جىسىم ئەمما ئۇنىڭدا بارلىق چىۋىنلەرگە ئورتاق بولغان بىر خىل ھەركەت قائىدىسى ۋە ياشاش ئۇسۇلى بار . ئۇنىڭ ھىچقانداق بىر ئىش ھەركىتى ياكى خۇسۇسىيىتى بىز بىلىدىغان چىۋىننىڭ ئالاھىدىكلىكلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىدىن چەتنەپ كىتەلمەيدۇ. دىمەك مۇشۇ مۇنتىزىم قائىدىلىرى ئۇنىڭ مەشغۇلات سىستىمىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ھەرقانداق بىر چوڭراق ھايۋانغا كەلسەك يۇقارقى بىلەن ئوخشاش خۇلاسىگە كىلەلەيمىز.  مەسىلەن: ئات ، گۆش يىمەيدۇ، تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ ، يۈگرىيەلەيدۇ، توپلىشىپ ياشايدۇ، بىز بلىدىغان ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى  نەرسىلىرىدىن باشقىنى يىمەيدۇ. دىمەك ئۇمۇ ئۆزى بىلمىگەن ۋە ھىس قىلمىغان ئاساستا رىئايە قىلىدىغان بىر سىستىما ئىچىدە پائالىيەت ۋە مەشغۇلات ئىلىپ بارىدۇ.
ئەمدى ئىنسانغا كەلسەك ، ئىنسان خىلىلا مۇرەككەپ چۈنكى ئۇنىڭدا كومپېۇتېردىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ۋە تەپەككۈر ئىقتىدارى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە (چەكلىك دائىرىدە ، ئاللاھ يارىتىپ بەرگەن ئىقتىدارلىرى دائىرسىدە)  . يەنى ئىنساننىڭ جىسمىدا يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىك بولغاچقا ئۇنىڭ كاللىسىدىكى مەشغۇلات سىستىمىسىمۇ خىلمۇخىل ۋە مۇرەككەپرەك بولىدۇ.   ئىنسانغا نىسبەتەن ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان مەشغۇلات سىستىمىلىرىدن ئاتەشپەرەسلىك، بۇتپەرەسلىك ، ياۋايىلىق، خىرىستىئان ئىتىقادى،  يەھۇدى ئىتىقادى، ئىسلام ئىتىقادى، دىنسىزلىق ئىتىقادى ۋە يەنە بىز تىخى ئاڭلاشقا ئۈلگۈرمىگەن بىرقىسىم ئىددىيەۋە ىسىستىمىلار مەۋجۇت.
بۇيەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كىرەككى كومپېۇتېرنى مىسالغا ئىلىپ سۆزلىگەندە كومپېۇتېرنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن يۇقۇرى بولىشى ئۈچۈن ئىككى شەرت كىتىدۇ ، بىرى ئەڭ ئىلغار قاتتىق دىتال مۇھىتى، يەنە بىرى ئەڭ ئىلغار مەشغۇلات سىستىمىسى.  بۇنى ئىنسانغا تەتبىقلىغاندا ئوخشاشلا بىر ئادەمنى كۈچلۈك قىلىدىغىنى ساغلام بەدەن بىلەن ساغلام ئىددىيە (بىزدە ساغلام تەندە ساپ ئەقىل دەيدىغان بىر ھىكمەت بار بۇ تولىمۇ توغرا ئىيتىلغان سۆز ) يەنى ئاۋۋال بىزنىڭ تىنىمىزنىڭ ساق-سالامەت بولۇشى ئاندىن ساپ ۋە توغرا بولغان ئىددىيەۋى سىستىمىنىڭ بولۇشى بۇ ئىككى شەرت قانائەتلەنمەي  تۇرۇپ بىزنىڭ كۈچلۈك ئادەم بولالىشىمىز ئەقىلگەسىغمايدۇ.
ئۇنداقتا بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ ، ساغلام بىر ئىنسانغا ھەرقانداق بىرسىسىتىما قاچىلىساق ئۇ كۈچلۈك بولالامدۇ؟.،.ھاي ھاي ئۆپكىڭىزنى بىسىۋىلىڭ سىز ئىنسانغا سىسىتما قاچىلىيالامسىز؟ ،.،.سىز قاچىلىيالمايسىز ئەمما ئۇ  ئۆزىدىكى مەۋجۇت قاتتىق دىتال سىسىتىمىسى ۋە ئۆزى تەۋە بولۇۋاتقان جەمىئەت سىسىتىمىسىنىڭ ( جەمىئەتمۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قاتتىق دىتال ۋەمەشغۇلات  سىستىمىدىن تۈزۈلىدۇ) تەسىرىدە ئۆز ئەقىل پاراسىتىگە يارشىا مەلۇم بىر خىل سىستىمىنى تاللايدۇ ياكى مەجبۇرلىنىدۇ  بۇ پائالىيەت ئىستىخىيەلىك ھالدا يۈز بىرىدۇ (ئۇ خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن ھامان بىر سىسىتىما تاللايدۇ ،ياكى ئارلاش سىستىما تاللايدۇ)
ئۇنداقتا بىر ئىنساننىڭ  ئەڭ كۈچلۈك بولىشى ئۈچۈن تاللىشى كىرەك بولىدىغان ئەڭ توغرا سىستىما قانداق سىسىتمىا بولىدۇ ؟ بۇسىستىمىنىڭ توغرىلىقىنىڭ ئۆلچىمى نىمە بولىدۇ؟ بۇ مەسىللەرگە ئەلۋەتتە ئەقىل جاۋاپ بىرىدۇ.
مەن ئەڭ توغرا سىسىتمىنى تاللىغان تۇرساممۇ كۈچلۈك بولاممىدىم بۇ نىمە ئىش؟ دەپقالسىڭىز، بۇ سىزنىڭ قاتتىق دىتالىڭىزنىڭ بۇ سىسىتىمنىڭ تەلەپلىرىنى تىخى قاندۇرالمىغىننىڭ يەنى، قاتتىق دىتالىڭىزنىڭ سۈپىتى ئاجىز كىلىپ سىستىمىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغىنىڭىزنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.  قاتتىق دىتال دىگەندە نوقۇل پۇت – قول ، كاللا – پاچاق دىگەنلەرنىلا خيالىڭىزغا كەلتۈرۋالماڭ.  بىر ئاز ھالقىپ تەپەككۇر قىلىڭ.  بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كومپېۇتېر چۈشەنچىسىگە قايتساق، يەنى ئەڭ ئىلغار كومپېۇتېر نىڭ قاتتىق دىتالغا بولغان شەرتلىرىنىڭ ئىچىدە شۇ قاتتىق دىتالنى كومپېۇتېر نورمال ئۆزىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن شۇ خىل قاتتىق دىتالنىڭ ماس ھالدىكى بىر قوزغىتىش پىروگراممىسى بولغان بولىدۇ.  شۇ قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كومپېۇتېر نىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇنىۋىرسال ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.  شۇنۇڭدەك بىزنىڭ جىسمىمىزدا ئىلغار سىستىمىنى قوبۇل قىلىپ سۈمۈرەلەيدىغان ماس ھالدىكى قوزغۇتۇش پروگراممىلىرى ( بۇنى ئۇنىۋىرسال ساپا ياكى مەدەنىيەت سەۋىيە دەپ ئالساق خاتالاشمايمىز) بولمىغىنىدا ئىلغار سىسىتىمىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماي ئۆزىمۇ قىينىلىدۇ بىزنىڭ جىسمىمىزنىمۇ قىيناپ قويىدۇ.
ئەمدى ئىنسانلار جەمئىتىگە نەزەر تاشلىساق. ئىنسانلار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە  قاچىلانغان سىسىتىما تەلىپى بويىنچە ، يىمەك ئىچمەك كىيم كىچەك ،تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە توپلۇم چۈشەنچىسى  قاتارلىق بىر قاتار ئىھتىياجىلىرى ئۈچۈن جەمىئەتلىشىپ ياشايدۇ.  مۇشۇ توپلۇملارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سىسىتىمىدىن بىرنى شەكىللەندۈرىدۇ.  بۇ سىسىتىما ئىنساننى مەركەز، ئائىلىنى ئەڭ كىچىك سىستىما ھۈجەيرىسى قىلغان ئاساستا يەنە بىر سىستىمىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ سىسىتىمىنىڭ ئىسمىنى بىز ئوموملاشتۇرۇپ جەمىئەت سىستىمىسى دەپ ئاتايمىز.  بۇ سىسىتىمىنىڭ قاتتىق دىتال قىسمى ئىنسانلار توپىنىڭ ئۆزى شۇ، مەشغۇلات سىستىمىسى  بولسا ئوخشىمىغان دەۋر ئالاھىدىلىكى بويىنچە قۇللۇق جەمىئەت سىستىمىسى، ئىپتىدائىي جەمىئەت سىسىتىمىسى، فىئوداللىق ، شۇنداقلا ھازىرقى زاماندىكى ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان جەمىئەت سىسىتىمىلىرىدن ئىبارەت.  بۇنى ئىنچىكىلىسەك تىخىمۇ ئىچكىرلەپ كىتىشىمىز مۇمكىن شۇڭا جەمىئەت سىسىتىمىسىنى مۇشۇيەردە ئاخىرلاشتۇرىمىز.
ئەمدى نۆۋەت بىرخىل ياكى خىلمۇ خىل جەمىئەت سىستىمىلىرىدىن تۈزۈلگەن دۆلەت سىستىمىسىغا كەلدى. بۇنى قانداق چۈشىنىمىز دىگەندە ، بۇ سىسىتىمىىڭ قاتتىق دىتالى ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىدىن تۈزۈلگەن خىلمۇ خىل جەمىئەت سىستىمىلىرى. مەشغۇلات سىسىتىمىسى دىگەندە شۇ دۆلەت ئۆزىنڭ تارىخى تەرەققىياتى ۋە رىئال دۇنيا ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن تاللاشقا مەجبۇر بولغان ياكى ئۆزى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە ياكى ئۆزى خالاپ قوللانغان پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى سىىياسى سىستىما (بۇنىڭ ئىچىگە ئاساسى قانۇنلۇقپادىشاھلىق ، مۇستەبىت پادىشاھلىق دىگەن بىر قانچە تۈر كىرىدۇ).  جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى سىياسى سىتىما(بۇنىڭئىچىگە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىلىق، پارلامىنتلىق، زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىدىكى سىياسىسىستىمىلار كىرىدۇ).
./thread-20450-1-1.html
ئەمدى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەھلىل يۈرگۈزسەك ھازىرقى مەۋجۇت دۆلەتلەرمۇ ھەرگىز ئۆزى يالغۇز تەنھا ھالدا ياشاپ كىتەلمەيدۇ ئۇلارمۇ ئۆزئارا ئالاقە قىلشقا ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج بولىدۇ  بەزىدە  بىر بىرىگە ھۇجۇم قىلىشىپمۇ قالىدۇ، مانا بۇخىل دۆلەتلەر پائالىيىتى نىسپى ھالدا دۆلەتلەرنىىڭ تۈپ مەنپەتىنى يادرو قىلغان يەرشارىۋى سىستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.  بىزدە شۇنداق بىر گەپ بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى غوجامنىڭ غوجىسى بار دەيدىغان. دىمەكچى بۇ دۇنيادا ئىگىسى يوق ھىچنمىە يوق . ھەتتا باشسىزمۇ ھىچنىمە يوق.  مۇشۇ مەنتىقە بويىنچە ئىيتقاندا ھازىرقى مەۋجۇت بولىۋاتقان 196 مۇستەقىل دۆلەتلەر مۇشۇ دۆلەتلەردىن تۈزۈلگەن بىر سىستىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مەيلى بەزى دۆلەتلەر خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن مۇشۇنداق بىرسىستىما مەۋجۇت ھەم بۇ سىسىتىما 1945 – يىلى ئامىركا تەرىپىدىن قۇرۇلغان.  دۇنيا پۇل مۇئامىلە فوندى، دۇنيا بانكىسى، ناتو(شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) خەلقئارا سودا تەشكىلاتى ، ب د ت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل ئىمپىرىيە سىسىتىمىسنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتلىرى بولۇپ ھىسابلىندۇ. تارىخنىڭ ھەرقانداق بىر دەۋرىگە باققىنىمىزدىمۇ مەلۇم كۈچلۈك بىر ئىمپىرىيەسىز ئۆتكەن تارىخى يىللارنى خاتىرلىيەلمەيمىز، مەيلى قەدىمكى پىرسىيە ئىمپىرىيىسى بولسۇن، تۇران ئىگىزلىكىدە ياكى كەڭ ئاسىيا ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدە قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىلمۇ خىل نامدىكى ئىمپىرىيەلەر بولسۇن، رىم ئىمپىرەيسى بولسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام دەۋرىدە قۇرۇلغان ئىسلام ئىمپىرىيەسى بولسۇن .،.ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە قارام بولغان دۆلەتلىرى بولغان ۋە شۇ دۆلەتلەرنى باشقۇرىدىغان ماس ھالدىكى سىسىتىمىلىرى بولغان. ھازىرمۇ يەنە شۇ، .زامان ئۆزگەردى ئەمما دەۋر ئۆز قانۇنىيىتى بويىنچە ئىلگىرلىمەكتە.
ئەمدى تاپىنىمىز ئاستىدىكى قارا تۇپراقتىن تارتىپ يىراق دىڭىز ئوكيانلارغىچە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا بۇ ئىكىلوگىيەلىك سىستىمىلاردىنمۇ ئوخشاشلىقنى بايقايمىز، يەنى ئوتلاق ئىكىلوگىيەلىك سىستىمىسى ، دەريا ئىكىلوگىيەلىك سىسىتىمىسى، دىڭىز ئوكيان ئىكىلوگىيەلىك سىستىمىسى ۋە يەرشارىنىڭ يۈزىنى ئوراپ تۇرغان ئاتموسفىرا ئىكىلوگىيەلىك سىستىمىسى بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ قاتىىق دىتال ۋە ئۇلارغا قاچىلانغان مەشغۇلات سىسىتىمىسىدن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا يەرشارىمۇ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىكىلوگىيەلىك سىسىتىمىلارنىڭ بىرىكمىسىنى قاتتىق دىتال قىلغان ۋە بۇلارنىڭ گارمونىك ھەركەت ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى مەشغۇلات سىستىمىسى قىلغان ئاساستا مۇكەممەل بولغان  سامان يولى سىسىتىمىسنىڭ قۇياش سىسىتىمىسى ئىچىدىكى توققۇز پىلانىتنىڭ بىرى بولغان يەرشارىىدىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا بىردىنبىر ماس كىلىدىغان پىلانىت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. مۇشۇ بويۇنچە توختىماي تەھلىل يۈرگۈزگەندە ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرقاتتىق دىتال ۋە ئۇنىڭغا قاچىلانغان سىستىما دىگەن بۇ ئاددى قۇرۇلمىدىن چەتنەپ كىتەلمەيدۇ.
خۇلاسەقىلغاندا ، مەلۇم بىر جەمىئەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بۇ جەمىئەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ كىچىك ۋىنتا بولغان ئىنساننىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى تەلەپ قلىدۇ . بۇ كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا 1. تەن ساغلام بولۇشى 2. توغرا بولغان مەشغۇلات سىسىتىمىسى قاچىلانغان بولۇشى 3. شۇ مەشغۇلات سىسىتىمىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان قوزغۇتۇش پىروگراممىسى بولۇشى كىرەك . مۇشۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان كۈچلۈك ئىنسانلارنىڭ نىسپىتى قانچە يۇقۇرى بولغانسىرى مەزكۇر جەمىئەتنىڭ ئۇنۋىرسال كۈچى شۇنچە كۈچلۈك بولغان بولىدۇ . بىزدە مەشغۇلات سىستىمىسمۇ تەييار ئەمما كەمچىل بولىۋاتقىنى مەشغۇلات سىسىتىمىسغا ماس كىلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق قوزغۇتۇش پىروگراممىسنى تىپىپ چىقىش ياكى ياساپ چىقىش(گەرچە بىز قوزغۇتۇش پىروگراممىسىنى ئۇنۋىرسال ساپا ياكى مەدەنىيەت سەۋىيەسى دەپ چۈشەنسەكمۇ ).





3

تېما

0

دوست

1720

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12479
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 18:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز .پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى بىر ئەسەر بوپتۇ .مىنىڭچىمۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە چۇقۇم  ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش كېرەك ئىكەن .ئەمما بۇ بىر مۈشكۈل ئىش ،چۈنكى تەكرار سىناقلاردىن ئۈتۈشى ۋە  تەدرىجى مۇكەممەللىشىشى ، ئۇندىن باشقا سىناپباققۇدەك شارائىت بولمىسا تېخى بولمايدۇ ؟!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23320
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 05:47:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭچەئىدىيەدىكى،ياخشى تىمدىكى  يازما  بولۇپتۇ.

1

تېما

0

دوست

1171

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6683
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 90
تۆھپە : 309
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 11:39:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشىتىشىڭىز ناھايتى جايىدا بولۇپتۇ .

2

تېما

1

دوست

1940

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12063
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 208
تۆھپە : 457
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 15:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشىتىشىڭىز ناھايتى جايىدا بولۇپتۇ .
پىكىر يۇلىڭىز خېلى ئۇچۇقكەن،ئۆزگىچە بىر تەپەككۇر قىپسىز...

2

تېما

1

دوست

4417

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10928
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 221
تۆھپە : 1193
توردىكى ۋاقتى: 380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 15:51:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ مەشغۇلات سىسىتىمىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان قوزغۇتۇش پىروگراممىسى بولۇشى كىرەك
بۇ  يەردىكى پروگرامما ئۆزىنىڭ(شەخس) رولىنى ۋە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرالايدىغان قابىليەتمۇ ياكى شەرت -شائرائىتمۇ ؟تەلىم بەرگەن بولساڭلا  ،رەھمەت

بىزنىڭ دىھقانلا

1

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12296
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 3772
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 20:12:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردىكى پىروگرامما شەخسكە نىسبەتەن ئىيتقاندا شۇ شەخسنىڭ ئۇنۋىرسال بىلىم ساپاسىنى كۆرسىتىدۇ.،.ئىنسان قانچىكى كۆپ نەرسىلەرنى بىلگەنسىرى ئۇنىڭ شەيئىلەرگە بولغان خۇلاسە ۋە ھۆكۈملىرى شۇنچە تىرەن ۋە توغرا يۆلىنىشكە قاراپ ماڭىدۇ ، ئاندىن ئۆزى ۋە جەمىئەت توغۇرسىدا شۇ زاماننىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن شۇنچىكى توغرا خۇلاسىنى چىقىرالايدۇ.
مەسىلەن  ئۆز زامانىسىىنىڭ ئىككىنجى ئارستوتىلى دەپ نام قازانغان ئەل فارابىنى مىسالغا ئالساق ئۇنى كۈچلۈك قىلغىنى ئۇنىڭ تەبى-پەن، ئىجتىمائىي-پەن ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ئىلىم تۈرىدىكى بارلىق ساھەلەردە كامالەتكە يەتكەنلىكىدۇر. ئۆزىنىڭ شۇ بىلىملىرى ئاساسىدا كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنيا ۋە شەخس سۈپىتىدىكى پەلسەپىلىرىگە باققىنىمىزدا ھەرقانداق بىر ئىلىم ئىگىسىنى قايىل قىلىدىغان تىرەن پىكىرلرىنى ئۇچرىتىمىز.
ئەمدى مەلۇم بىر توپلۇمدا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈنمۇ قوزغۇتۇش پىروگراممىسى لازىم بولامدۇ؟ بۇ قانداق پىروگرامما دىگەندە ، ئەلۋەتتە لازىم بولىدۇ. ئىلگىرى ئىيتقاندەك ھەرقانداق مەشغۇلات سىستىمىسىنىىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ياكى ھىچ بولمىغاندا شۇ سىسىتىمىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلاش ئۈچۈن شۇ سىسىتىما ئوبىكتىدا قوزغۇتۇش پىروگراممىسى ئالدىن قاچىلانغان بولىشى كىرەك . ئۇنداقتا ئىنسانلار توپلۇمىدىن شەكىللەنگەن بۇ جەمىئەت سىسىتىمىسىغا كىرەك بولىدىغان پىروگرامما قاندا ق قوزغۇتۇش پىروگراممىسى بولۇشى مۇمكىن؟  بۇ پىروگرامما شۇ توپلۇمدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان ئىنسانلاردىكى ئۆزى تەۋە بولغان ئۆزىدىن يۇقۇرى بارلىق سىسىتىمىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنگەن ھالدىكى مىللەت، دىن، ۋەتەن، دۆلەت قاتارلىق ئابىستىراكت ئۇقۇملارغا بولغان ئورتاق ۋە ئوخشاش بولغان چۈشەنچە بىرلىكى .
شەخس سۈپىتىدىكى قوزغۇتۇش پىروگراممىسىنى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ، خىلمۇخىل بىلىملەرنى تىگى ماھىيىتىگە يىتىپ ئۈگۈنش ئارقىلىق ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ ئەمما جەمىئەت سىسىتىمىسىنىڭ قوزغۇتۇش پىروگراممىسىنى بولسا ھەرقايسى توپلۇم ئەزالىرى ئۆزىنى تاكاممالاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يۇقارقى ئابىستىراكت ئۇقۇملارغا قارىتا ئىلمى، قايىل قىلارلىق، ھەممىگە ئورتاق بولغان ۋە  دەۋر تەلىپىگە ماس ھالدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

270

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  299
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 14:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارقىن پىكىرلەر كۆپكەن ،داۋامى....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )