- تىزىملاتقان
- 2013-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1360
- نادىر
- 0
- يازما
- 59
ئۆسۈش
36%
|
بۇنداق تالاش-تارتىش 2009-يىلى تور تاقىلىشتىن ئاۋال ئورخۇن تورىدا بەك قاينايتتى. شۇ چاغدىمۇ بىرى لوپنۇرلۇقلار قىرغىز، كروران گۈزىلى قىرغىز دەپ يازمىلارنى يازغان. تالاش-تارتىش تۈگىمەيلا كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ پاكىتى لوپنۇرلۇقلار كىيىدىغان قالپاق قىرغىزنىڭ، شۇڭا لوپنۇرلۇقلار قىرغىز بولۇشى كېرەك. بىراق ئۇنداق قالپاق ئىلىدا تارانچىلاردىمۇ بەك ئومۇملاشقان. (سادىر پالۋاننىڭ بېشىدىكى مالخاي شۇ) ئاخىرىدا ئابلىز ئورخۇن ئاكىمىز ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپ ئاغزىنى ئەتكەنتى قىرغىزلارنىڭ.
ئابلىزكام بىر قېتىم ۋەن تۇڭشۇ (12 مۇقامنى رەتلەشكە قاتناشقان كومپىزوتور) غا تەرجىمان بولۇپ، لوپنۇرغا بىللە بېرىپتىكەن. شۇ چاغدا ۋەن تۇڭشۈمۇ لوپنۇرلۇقلار قىرغىز دېگەن گەپنى ئاڭلىغانكەن. شۇ گېپىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەرلىك بىر بوۋايدىن سىلەرنى قىرغىز دەيدىكەنغۇ، سىلەر راست قىرغىزمۇ دەپتىكەن. ئۇ بوۋاي بەك دەخشەت خاپا بولۇپ شۇ يەردىلا ۋەن تۇڭشۇنى ئاغزىنى تىللاپ ئۇرىۋەتكىنى تاس قاپتىكەن، كېيىن خەقلەرمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ........ ۋەنتۇڭشۇ تالا-تۈزگە چىقالماي، قىلىۋاتقان خىزمىتىنى چالا-پۇچۇق ئاياغلاشتۇرۇپ ئاستا قايتىپ كەپتىكەن.
ئابلىزكام مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىشى بىلەنلا قىرغىزلار جىملا بولغان. ئۇلارغا ئاشۇندا كۆرسىتىپ قويمىسا بولمايدىكەن زادى. يۈسۈپ خاس ھاجىپقىمۇ جۈسۈپ بالاساغۇنى دەپ ئات قوياپ ئۇيغۇر ئەمەس دەپ يۈرىدۇ. |
|