قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: isyankarman

لوپنورلۇقلار قىرغىزلارمۇ؟ تارىخچىلار بارمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

1

دوست

1102

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 99
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
KGZ يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 16:40
尊敬的 ھەكرەم希望说话  要注意点,不该说的最好不要说出来,我们的很多PEYHAMBERLIRIMIZ放过羊     ...

بىلدۇق بەك مەلۇماتلىق ئىكەنسىز،‹‹ پەيغەمبىرىمىز›› دىگەننى يازالماپسىزدە.
قوينى بىزمۇ باققان، سىلەرمۇ باققان. لىكىن قوي بىقىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن ئەجدادلىرىمىز قويلا باقماستىن بالدۇراق مەدىنىيەتكە يۇرۇش قىلىپ تۈركى مىللەتلەر ئىچىدىن ئەڭ بۇرۇن شەھەرلەشكەن.

0

تېما

0

دوست

164

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23277
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23358
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار!
مەن بىر ئۇيغۇر، لېكىن مەن بۇنداق مىللەت تالىشىدىغان تېمىنى ياقتۇرمايمەن.
مەيلى ئۇيغۇر، قىرغىز، قازاق ياكى تۈركلەر بولسۇن، ھەممىمىز تۈركلەر، ھەممىمىز مۇسۇلمان، سىتالىن قاتارلىق ھىيلىگەر چوشقىلار بىزنى نۇرغۇن بۆلەككە بۆلۈۋەتتى، بىزنىڭ يىلتىزىمىز بىر، ئەسلىمىز بىر، شۇڭا بىز ئەڭ ياخشىسى دۈشمەنلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيلى. بىزنىڭ دىنىمىز ئوخشاش، بىزنىڭ تىلىمىز ئوخشاش، بىزنىڭ نىشانىمىز ئوخشاش، بىز دۈشمەن بىلەن دوستنى پەرقلەندۈرۈشىمىز لازىم. مۇسۇلمانلارنى بۆلگەنلەر دۈشمەنلەردۈر، ئاللاھ بۇنداق تالاش-تارتىش قىلىشىمىزنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ئىتتىپاقلىشىمىزنى، دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىشىمىزنى ياقتۇرىدۇ. بىز ئەڭ ياخشىسى ۋاقىتىمىز ۋە زېھنىمىزنى بۇنداق ئەرزىمەس مۇنازىرىلەرگە ئىسراپ قىلمايلى، ھازىر ئەڭ مۇھىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى.
ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن، ئامىن.

Assalamu Alaykum, 兄弟们!
我是一名维吾尔人。
不管维吾尔人、柯尔克孜人、哈萨克人或土耳其人,我们都是突厥人。我们都是穆斯林,斯塔林等狡猾的猪把我们分成很多成份了,我们的根是一个,我们的源是一个,所以我们最好不要中敌人的计。我们的信仰相同、我们的语言相同、我们的目标相同,我们应该分别敌我。分穆斯林的是敌人,Allah不喜欢我们这样的争论,Allah喜欢的是我们团结。我们最好不要把时间和精力浪费在这些破题目上,现在最重要的是穆斯林的团结。

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23358
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KGZ يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 16:40
尊敬的 ھەكرەم希望说话  要注意点,不该说的最好不要说出来,我们的很多PEYHAMBERLIRIMIZ放过羊     ...

你说的对,朋友。这个论坛上的很多兄弟可能不知道Muhammad Alayhissalam放羊的真理。我们都是穆斯林,我们应该不分民族,我们的敌人在笑的呢。
توغرا دەپسىز قېرىندىشىم. مۇنبەردىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوي باقانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. بىز ھەممىمىز مۇسۇلمان، بىز مىللەت ئايرىماسلىقىمىز كېرەك، بىزنىڭ دۈشمىنىمىز كۈلۈۋاتىدۇ.

0

تېما

0

دوست

620

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيەردە كىمۇ بىرسى ئىلىدىكى تارانچىلار دەۋاتىدىغۇ ...بۇنداق دىسىڭىز تارانچىلارنىڭ باش كىيمى بىزنىڭكىگە ئۇخشايدىكەن دەپ بىزنى قىرغىز دەپ ماقالا ئىلان قىلىپ يۇمىسۇن ..مەن ئۇنداق ھاقارەتكە بەرداشلىق بىرەلمەيمەن جۇمۇ ...راس شۇنداق باش كىيىم بار ..بىراق ئۇ قىرغىزنىڭكىدىن پەرىقلىق ..مەن پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر..تارانچى دەپ قىرغىزنىڭ بىر قەبىلىسى قىلۋەتمەڭلار ئەمدى ..ھۇشۇر ئىسلام مۇشۇ ئۇيغۇرچە قازاقچە ،قىرغىزچىنى كۇمپىيۇتۇر ئۇقۇغۇدەك قىپتىكە ،بۇممىسا گىزىتكە ئىلمى ماقالە چىقىردىغان ئۇخسايدۇ بۇلا ..قازاق قىرغىز دىگەننى بۇرۇنلاردا جىق كۆمەيەتتۇق ..5-6 يىل بۇپ قالدى نايە شەھەرگە چۈشكىلى ..تۇلۇق بىلىمگە ئىگە ئەمەس شۇڭا بىلجىرلا ۋىردۇ ..مىنىڭ بىر لۇپلۇق ساۋاقدىشىم باتتى ..ئۇيغۇر دىسە دەس تۇردىغان ...نىم دەيدۇ بۇلا ...

0

تېما

0

دوست

38

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   12.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12912
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-28
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمىدىكى ئاھالە توپلىرى توغرىسىدا
浅谈罗布人部分人群的来源及名称
غالىب بارات ئەرك

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە لوپلۇقلارنىڭ ئاھالىسى ئىچىدىكى ياللا، قاراقوشۇللۇقلار، قىرغىززار، قالۇچۇلار، قالماقتار ... دېگەنگە ئوخشاش ئاھالە توپلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، جايلاشقان ئورۇنلىرى ۋە ئۇلارنى قەبىلە دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.                                                                                                                                       
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: لوپلۇقلار، قاراشوللۇقلار، ياللار، قالماقتار، جوداقتار

لوپلۇقلار تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاياق ئېقىنىدا ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ياشاپ كەلگەن. ئۇلار ئەنە شۇ ”لوپ“ رايونىدا ياشىغانلىقتىن ”لوپلۇق“ دەپ ئاتالغان. لوپلۇقلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ھازىرقى چارقىلىق، لوپنۇر ناھىيەلىرى تەۋەسىنى، كورلا شەھىرى ۋە بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ قىسمەن يەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل مانا مۇشۇ رايونىدا بېكىك ھايات كەچۈرگەنلىكتىن تىل، ئۆرپ – ئادەت، ئېتىقاد ۋە باشقا جەھەتلەردىن مۇئەييەن ئۆزگىچىلىكلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. تەتقىقاتلاردا ئۇلارنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھەر خىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. مەزكۇر ماقالىدە ئېرىشىلگەن تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئاساسىدا، لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاھالە توپلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز. لوپلۇقلارنىڭ ئۆزلىرى يېزىپ قالدۇرغان تارىخى ياكى مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ئەسەرلەر تېخىچە كۆرۈلگىنى يوق، شۇنداق بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، تارىخى ۋە ئادەت – يوسۇنلىرىنى مەقسەد قىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرمۇ بولمىغان. 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ يەرگە كەلگەن ئالىم ۋە ئېكىسپىدىتسىيەچىلەردىن رۇسىيەلىك سولدات پېرژىۋالىسكىي، فىرانسىيەلىك بونۋالوت، شىۋېتسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيەچى، دوكتۇر سېۋىن ھېدىن ۋە ئەنگىلىيەلىك ئارخېئولوگ، دوكتۇر  ستەيىنلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە قىسمەن ئۇچۇرلار ساقلانغان بولسىمۇ، مۇشۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. گەرچە چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ يازمىلىرىدا 1723- يىلىدىن باشلاپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار يېزىلغان بولسىمۇ ئاپتورلارنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ئازراق، بىر – بىرىنىڭ بايانلىرى بېيىتىش كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇچۇرلارنى تەھقىقلەشكە توغرا كېلىدۇ. 20- ئەسىردە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رۇسىيەلىك تىلشۇناس، دوكتۇر مالوف (1914)، رۇسىيەلىك تاتار تىلشۇناس، دوكتۇر ئەدھەم رېھىموۋىچ تېنىشېف (1956)، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف (1960) ۋە ئەر ـ خوتۇن تىلشۇناسلار ھاشىم تۇردى،  مېھراي ياقۇپلار (1980) تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرى تىلشۇناسلىقنى ئاساس قىلغان ئىدى. پەقەت ئېتنوگىراف ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا بىر قېتىم (1985) مىللەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1980- يىللىردىن كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ئېغىز ئىجادىيىتىنى توپلاش ۋە نەشر قىلىشتا كۆرىنەرلىك بولدى. ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك، لوپلۇقلار كېلىپ چىقىشى، ئېتنىك قاتلىمى، تىلى ۋە يوسۇنلىرى توغرىسىدا ھەر خىل پەرەزلەر، كۆپتۈرمىلەر، كۆپۈك بايانلار كۆپىيىپ قالماقتا. ماتېرىيال كەمچىل شارائىت ئىلكىدە مەن – ئىلىم ھەقىرى 1950- يىلىدىن بۇيان بەزى قەلەم ساھىبلىرىمىز، تەتقىقاتچى، ئالىملارنىڭ لوپلۇقلار ئارىسىدىن خاتىرىلىگەن رىۋايەت خاراكتېرىنى ئالغان بايانلىرىنى مەنبە قىلغان ھالدا، لوپلۇقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئاتالمىش قەبىلىلەر مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىشلىرىمنى كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. لوپلۇقلارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى رىۋايەت خاراكتىرىنى ئالغانلىقى بىلەن يازما تارىخنىڭ ئورنىنى ئالالمىسمۇ، لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمى ۋە تارىخىي جەريانلاردىكى ئۆزگىرىشلىرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
لوپلۇقلارنىڭ ئۆز بايانلىرى ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن مەرھۇم ئېتنوگراف ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا 1985– يىللىرى ئەتراپىدا لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ شۇ قېتىم ئىگەللىگەن ماتېرىياللىرىدىن مۇناسىۋەتلىك بەزى بايانلارنى «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ”قاراقوشۇن“، ”قالۇچى“، ”جوداق“ قاتارلىق ئۈچ ئۇرۇقتىن تارالغانلىقى توغرىسىدا ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىن بىر نەچچە خىل رىۋايەت كەڭ تارقالغان. ئەمما بۇ رىۋايەتلەرنى تا ھازىرغا قەدەر يازما يادىكارلىقلاردا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. بۇ رىۋايەتلەر كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ۋادىلىرىدا ياشىغان قەدىمكى يەرلىك قوۋملارنىڭ كەچمىشلىرى توغرىسىدا بىزنى يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. بۇرۇنقى زاماندا بۇ يەردە 18 دەريا ۋە ھېسابسىز چوڭ – كىچىك كۆل بار ئىكەن، بۇ دەريالار يىغىلىپ لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدىكەن. لوپ كۆلى ئەتراپىدا ئابدال، قاراقوشۇن، قاراكۆل، داغى دېگەن يۇرتلار بولغان ئىكەن. قارامچى، تۈمەنپۇ دەرياسى بۇ يۇرتلارنىڭ پاسىلى ئىكەن. ئابدال پادىشاھى شىكاردا يۈرگەندە، كېنىزەكلىرى بىلەن سەيلە – تاماشا قىلىپ يۈرگەن قالماق پادىشاھىنىڭ قىزى خالۇت مەلىكىنى كۆرۈپ قاپتۇ. مەلىكە پەرىزاتتىنمۇ چىرايلىق ئىكەن، ئابدال پادىشاھى ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولۇپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كېتىپتۇ. كېيىن ئۇنىڭغا ئۆيلىنىپ بالىلىق بوپتۇ. قالماق پادىشاھى ئۆز تەۋەسىدىن قىزىنى ئىزدەپ تاپالماپتۇ. كېيىن ئابدال پادىشاھىنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، مەلىكىنى تارتىۋېلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ، ئىككى پادىشاھ بىر نەچچە يىل ئۇرۇشۇپتۇ. قالماق پادىشاھىنىڭ شاھزادىسىمۇ كۆل دەريالاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئابداللىقلارغا چېقىلىپ ئارام بەرمەپتۇ. ئابداللىق ئاكا – ئۇكا ئۈچ باتۇر ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپتۇ. بىر كۈنى ئۇ شاھزادىنىڭ كۆل بويىدا ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كاۋاپ سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ – دە، يىكەنلىك ئىچى بىلەن كېلىپ شاھزادىنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. شاھزادىنىڭ ئادەملىرى بۇ ھالنى كۆرۈپ قېچىپتۇ. ئۈچ باتۇر يىكەنلىكتىن چىقىپ قارىسا شاھزادىنىڭ ئۈستىدە بۆرە ئۈچىكى بار ئىكەن. باتۇرلارنىڭ بىرى ئۇنى سالدۇرۇپ كېيىپ باققان ئىكەن، شۇ زامات يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ، يەنە بىرى كىيىپ بېقىپتۇ، ئۇمۇ ئۆلۈپتۇ. ساق قالغان باتۇر دەرغەزەپتە ھېلىقى ئۈچۈكنى ئوتقا تاشلاپتۇ. شامال ئۆرتىلىۋاتقان قۇيقىنى شەھەر تەرەپكە ئۇچۇرتۇپ بارغان ئىكەن، شۇ كۈندىن باشلاپ شەھەردە ۋابا تارقىلىپ كىشىلەر ئۆلگىلى باشلاپتۇ. ئۇنىڭدىن ئۈركىگەن ئەل كېمە – ساللارغا چۈشۈپ يۇقىرىغا (تارىمنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا) قاراپ كۆچۈپتۇ. ئۈلگۈرگەنلىرى بىرەر يېرىمدىن قوزۇ – پاقلان، ئوغلاق – چىۋىش ئېلىپ مېڭىپتۇ. كۆچكەنلەرگە دەسلەپ ئالماگۆجەك، كېيىك ئاتا – بوسۇق بوۋا، كۆمچەك قۇتقا (ئايال)، كۈنتۇغدى موما، چانجىق ئىنە، ئاپىل ئۇماي، تانىق، كۈچۈكباي، كۈرۈكباي، توقتاسۇن دېگەنلەر باشلامچى بولغانىكەن. ئۇلارنىڭ ھارغان، چارچىغانلىرى دەريا – كۆل بويلىرى، دۆڭ – ئاراللاردىن بىردىن – ئىككىدىن ماكانلىشىپ بېلىق تۇتۇپ يەپ، ئوۋ ئوۋلاپ كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئېلىپ كەلگەن قوزۇ – پاقلان، ئوغلاق چىۋىشلىرىنى ئاسراپ بېقىپ تەدرىجىي ئاينىتىپتۇ. (ھازىرقى) يېڭىسۇ، ئويمانكۆل، كۆكئالا (كۆكلا)، تىكەنلىك، ئۇلۇغكۆل، تايىزكۆل، چوڭكۆل قاتارلىق جايلارنى شۇلار ماكان تۇتۇپ شۇنداق دەپ ئات قويغان ئىكەن.”چارا“ دېگەن يەر شۇ يەردىن بوسۇق بوۋىنىڭ خوتۇنى زوقرا (زۆھرە؟) قۇتقىدىن قالغان ”چارا“ تېپىلغانلىقتىن ”چارا“دەپ ئاتالغان ئىكەن. بىز چارا لىقلار ۋە پۈتۈن قاراقوشۇنلۇقلار ئالما گۆجەك قاتارلىق بوۋىلاردىن تارقالغان، ئۇلار قاراقوشۇندىن كۆچۈپ كەلگەچكە  ”قاراقوشۇنلۇق“ دەپ ئاتالغان.
لوپلۇقلار لوپ رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قاراقۇرچىن شەھىرىدىن كەلگەن، ئۇلارنىڭ تارقالغان دائىرىسى كەڭ، ئاھالە سانى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن. بىز ئادەتتە دەۋاتقان لوپلۇقلار مۇشۇ كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ يازغان مەرھۇم ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا، لوپلۇقلار ھەققىدە يەنە مۇنداق رىۋايەتنىمۇ خاتىرىلىگەن: «(بىرىنچى رىۋايەت) بۇرۇنقى زاماندا، ئاياقتا (لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ-ئا) قاراقوشۇن، ئابدال، قاراكۆل دېگەن يۇرتلار بولغان. بىر زامانلاردا يۇرتلارغا كېسەل تارقىلىپ كېتىپ، بۇ يەرنىڭ خەلقى كۆچۈپ كېلىپ مۇشۇ ئەتراپتىكى دۆڭلۈك ئاراللارغا ماكانلىشىپ قالغان ۋە بېلىق تۇتۇپ، ئوۋ ئوۋلاپ يەپ كۈن ئۆتكۈزگەن. ئۇلار قاراقوشۇندىن كەلگەچكە، بۇ يەردىكى خەلق ئۇلارنى ”قاراقوشۇللۇق“ دەپ ئاتىغان. ھازىرقى كىشىلەر شۇلارنىڭ ئەۋلادى. (ئىككىنچى رىۋايەت) بۇرۇنقى زاماندا بۇ يەردە 18 دەريا بار ئىكەن، بۇ دەريالار يىغىلىپ لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدىكەن. شۇ كۆل بويلىرىدا ئابدال، قاراقوشۇن، قاراكۆل دېگەن يۇرتلار بولغان. تاغ تەرەپتە (شىمال) قالماق يۇرتى بولۇپ قارامچى، تۈمەنپۇ  دەرياسى پاسىل ئىكەن، ئابدال پادىشاھى شىكاردا يۈرگەندە قالماق پادىشاھىنىڭ سەيلە تاماشادا يۈرگەن قىزى خالۇتقا ئاشىق بولۇپ قېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەن...  ئىككى پادىشاھ بىر نەچچە يىلغىچە ئۇرۇشقان. ئاخىرى خالۇتنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىككى تەرەپ ياراشقان بولسىمۇ، ئابدال پادىشاھى ھەر ئېھتىمالغا قارشى قارامچى ، تۈمەنپۇ دەرياسىنى بويلاپ 200 چېرىك قويغان. بۇ چېرىكلەرنىڭ كىيىملىرى قارا بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى ”قاراقوشۇن“ دەپ ئاتىغان. (ئۈچىنچى رىۋايەت) بوۋىلىرىمىزنىڭ بوۋىسى گۈچەك دېگەن ئادەم قاراقوشۇندىن كۆچۈپ كەلگەن، كېيىنكى چاغلاردا بۇ يۇرتتا كېسەل تارقىلىپ، خەلق ئۆلۈشكە باشلاپتۇ، بۇنىڭدىن ئۈركىگەن ئەل يۇقىرىغا قاراپ كۆچۈپتۇ، بىز چارالىقلار شۇ چاغدا كۆچۈپ كەلگەن ئالما گۈچەك... دېگەنلەرنىڭ ئەۋلادى» . يۇقارقىلار گەرچە رىۋايەت بولسىمۇ، لوپلۇقلارنىڭ ياشىغان ئەسلىي ماكانى، كۆچۈش جەريانلىرى ھەم كۆچۈش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرگەن. مۇشۇ رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، لوپلۇقلار باشتا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا يەنى قاراقوشۇن كۆلى بويلىرىدا ياشىغان، ئەمما يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىشى (رىۋايەتتە شۇنداق دېيىلگەن) ياكى دەريانىڭ ئېقىن يۆتكىشى، قىسقىرىشى قاتارلىق تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇقىرى ئېقىنغا قاراپ سۇرۈلگەن. قاراقوشۇن نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا قاراشلار ھەر خىل. قاراقوشۇن نامىنى لوپنۇر لۇپلۇقلىرى ”قاراقوشۇللۇق“، چارقىلىق لوپلۇقلىرى (قاراقوشۇنلۇقلار) ”قاياقوشۇللۇق“، دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. ھازىرقى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قاراقوشۇن دېگەن نام 1700- يىللارنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن. قاراقوشۇن كۆلى چارقىلىق ناھىيەسى مىرەن بوستانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدا، ئەينى زاماندا تارىم دەرياسىنىڭ ئاياق قويۇلۇش ئورنى بولغان. ئاھالىلەر ئۇندىن بۇرۇن مۇشۇ كۆلنىڭ شىمالىدىكى ”ئابدال“  قاتارلىق جايلاردا ياشىغان. قاراقوشۇن ئەسلىدىن لوپ كۆلى ئەتراپلىرىدىكى بىر شەھەر دەپ قارالسىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى ۋە دەۋرىنى بېكىتىش ئىمكانىيىتى بەرگۈدەك ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز، ھەتتا ئۇنىڭ قەيەردىلىكىمۇ نامەلۇم. قارىشىمچە، 1700- يىللارنىڭ باشلىرىدا ھازىر ”قاراقوشۇن كۆلى“ دېيىلگەن يەرگە تارىم دەرياسى ئېقىپ كەلگەندە يېڭىدىن توغراق بىخلىرى قويۇق ئۆسكەن ۋە ”قاراقۇرچىن“ دەپ ئاتالغان، قاراقۇرچىن نامى كېيىنچە ئېغىز تىلىدا قاراقوشۇن بولۇپ ئۆزگەرگەن. قاراقوشۇنلۇقلار لوپلۇقلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان، يەنى ئاھالىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. يۇقارقى رىۋايەتتە ئېيتىلغاندەك، قاراقوشۇنلۇقلار جەنۇبتىن شىمالغا يەنى ھازىرقى مىرەن بوستانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قاراقوشۇن كۆلى ئەتراپلىرىدىن تارىم دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا قاراپ كۆچكەن. ئەمما ئېيتماي بولمايدۇكى، قاراقوشۇن كۆلى بويىغا كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇن يەنى 1710- يىللىرىدىن بۇرۇن ھازىرقى ئارغان – يېڭىسۇ ئەتراپلىرىنى مەركەز قىلىپ ياشىغان. 1800- يىللىرىدىن كېيىن دەريا ئېقىنى سۇيىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن ئۇلار تەدرىجىي شىمالغا يەنى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقۇرى تەرىپىگە قاراپ كۆچكەن، خۇددىي رىۋايەتتە ئېيتىلغاندەك يېڭىسۇ ، ئويمانكۆل ، كۆكئالا  (كۆكلا)، تىكەنلىك ، ئۇلۇغكۆل ، تايىزكۆل ، چوڭكۆل  قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. لوپنۇر ناھىيەسىدىكى چوڭكۆلدە ئولتۇرۇشلۇق 99 ياشلىق تاھىر ئىسىملىك كىشى 1956- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى تېنىشېفقا «بىز تۇغۇلماي چاغدا ئاتا بۇۋامىز تەتى چارقلىق ئاياغۇدا مەجى دىگەن يەردە، چارقلۇقتۇن 12 كۆنلۈك نارە بوغان. شۇ يەردىن نېمېدىن قاچىپ، سۇنۇ ياقادىن كېلىپ موشۇ يەرلەردە قالىپ ، توختاپ قالغان ئېكەن، بىز تۇغۇلماي چاغدا. خوتەندىنمۇ ئەدەم كەلىپ، موشۇ يەردە مەللە بولۇپ توختاپ قالغان. ئانجاللىق زامانىسىدا موشۇ يەردە ئولتۇرۇپ يۇرت بولۇپ قالغان. ئاتقوتاندىكى ھاممېسى ئاياغتىن كېلىپ موشۇ يەردە مەھاللې قۇلغان. مەجى قاراشارگە ئوخشاش بېر يورت. ئاتا – بۇبايلار بىزنى تەكتىمىز قاراقوشۇللۇق. بىز لوپتۇق خالقىمىز مونغول تايپە»  ، دېگەن بايانلىرى ناھايىتىمۇ ئېنىق ئۇچۇر يەتكۈزگەن. ئۇلار تۇرىۋاتقان مەھەللە 1870- يىللىرى يەنە بەدۆلەتنىڭ ئاتالمىش «يەتتە شەھەر دۆلىتى» زامانىدا بارلىققا كەلگەن. شۇ كۈنى مۇشۇ مەھەللىدىكى 76 ياشلىق سېيتاخۇن بەكىمۇ «چارقلۇختۇن كېلگەن ساپ قاراقوشۇللۇق. كوينې جايىمىز موشۇ جايىلاغا چىققان. موشۇ گۈۋەزىسى قالماق، گۈۋەزىسى قازاخ (دۈنقوتان). دۈنقوتاللۇق ئەسلى مېشېلىك- چارالىق، تىكەنلىك...» ، دېگەن. سېيتاخۇن بەكىنىڭ بايانىدا قاراقوشۇنلۇقلارنى قالماقلاردىن پەرقلەندۈرگەن. مانا بۇلاردىن قارايدىغان بولساق، لوپلۇقلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان قاراقوشۇنلۇقلار چارقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن شىمالغا سۈرۈلگەن ئاھالىلەردىن ئىبارەت.
قالۇچىلار توغرىسىدا مەرھۇم ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا خاتىرىلىگەن رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، قالۇچى دېگەن بۇرۇن قاراقوشۇن تەرەپتە ئۆتكەن بىر تائىپىنىڭ ئىسمى. ئابدال تەرەپتە ۋابا تارقالغاندا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تارىم دەرياسىنى ياقىلاپ يۇقىرىغا  كۆچكەن، بىر قىسمى پادىشاھنىڭ يېنىدا قالغان. قاراقوشۇن ئەتراپلىرى چۆللەشكەندە، ئۇ قالغانلارمۇ  مۇشۇ  تەرەپلەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. ھازىرقى قالۇچىلار دېيىلگەنلەر شۇلارنىڭ ئەۋلادى. يەنە ئېيتىلىشىچە، خالۇتنىڭ بىر نەچچە ئاكىسى بار ئىكەن، ئۇلار خالۇتنىڭ نەۋرە - چەۋرىلىرىنىڭ كۆنچى دەرياسى بويىدا ماكانلاشقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۇغقان يوقلاپ بۇ يەرگە كېلىدىغان بوپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسمى بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىرى بارلىقىنى، بۇ يەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ياخشىلىقىنى كۆرۈپ قايتىپ كەتمەپتۇ. كېيىنچە ئۇلار قالۇچىلار ئاتىلىپتۇ، مەنىسى قالغان كىشىلەر ئىكەن دېيىلگەن رىۋايەت ئارقىلىق، ”قالۇچۇلار“ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ نامنى لوپنۇر لوپلۇقلىرى ”قالۇچۇلار“، چارقىلىق لوپلۇقلىرى ”قالۇچىلا“، دەپ تەلەپپۇز قىلغان. قالۇچىلار توغرىسىدا يۇقارقىدەك رىۋايەت بولغاندىن سىرت، 1956- يىلى 7- ئۆكتەبىردە چارقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېڭىسۇ مەھەللىسىدىكى 159 ياشلىق ئانزاقۇللۇ (ئازناقۇلۇ) دېگەن كىشىنىڭ رۇسىيەلىك تاتار تىلشۇناسى، دوكتۇر، ئاكادېمىك ئەدھەم رېھىموۋىچ تېنىشىفقا ئېيتقانلىرى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك. ئانزاقۇللۇ يۇقارقى نامنى شەرھىيلەپ: ”قالۇچۇ بىز تۇغۇلماغان، باۋالار غاختىدا ئىكەن. تەختى ئۆزى ئەنجاللىقتىن كېلگەن؛ تۇرپان، گۇچۇڭ، قاراخوجا، پىچان، توخسۇن – شۇ يەردىن كەلگەن ئادەملەر ئىكەن. قاراكۆل  – بىر چوڭ كۆل، چىبىللىك نى كۈنچىققان تەرەپىدە. قاراكۆلدە كۆپ قالۇن بوغان. تېرىسى قىيمەتلىك، مۈشۈكتىن سەل تولۇراق بولادىكەن. ئۇنى تۇتۇۋالغانغا قالۇچۇ دېيدو“ . يۇقۇرىقى باياندىن كۆرۈپ تۇرۇپتۇقكى، قالۇچىلارغا ئىككى خىل تەبىر بېرىلگەن، بۇنىڭ بىرى قالغۇچىلار بولۇپ باشقا يۇرتتىن بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلار يەنى قالماقلارغا مۇناسىۋەتلىك دېيىلگەن، بۇ توغرىدا تۆۋەندە ”قالماقتار“ نامى توغرىسىدا تەپسىلىيرەك توختىلىمىز. يۇقۇرىدا كۆرگەن ئانزاقۇلۇنىڭ بايانىدىكىدەك تۇرپان، گۇچۇڭ، قاراخوجا، پىچان، توخسۇن قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ قالغانلارنىمۇ كۆرسىتىش مۇمكىن. يەنە بىرى تۇرپان، پىچان، توقسۇن ۋە باشقا يەرلەردىن كەلگەن بولسىمۇ ”قالۇن“ تۇتىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ”قالۇنچۇ“ ئاتىلىپ، تەدرىجىي ن تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ قالۇچۇ ~ قالۇچى ئاتالغان. قارىشىمچە، كېيىنكى تەبىر توغرا. لوپلۇقلار ئېيتقان قالۇن ئەمەلىيەتتە تۇرپانلىقلار ئېيتقان ”قاما“نى كۆرسىتىدۇ. لۇغەتتە، «قالۇن. ئىسىم ‹زوئولوگىيە› قۇندۇز. م: قالۇننۇ تېرىسى» ، دېيىلگەن. قۇندۇز سۆزلىمى باشقا لۇغەتلەردە 海狸، 河獭،水獭  دېيىلگەن. قالۇن بىلەن قۇندۇز ئەمەلىيەتتە بىر تۈرگە كىرىدىغان ئايرىم – ئايرىم جانلىق بولۇپ چىقىدۇ. قالۇن سۇدا ياشايدىغان، لوپ رايونىدىن ئالغاندا قاراكۆلدە كۆپرەك جانلىق بولۇپ چىقىدۇ. 1736- يىلىدىن 1795- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نامەلۇم ئاپتور يازغان «غەربىي يۇرتنىڭ جۇغراپىيەسىدىن خەرىتىلىك بايان» ناملىق كىتابتا لوپلۇقلارنى «ئېرىشكەن قالۇن (水獭) ۋە يىڭنابېلىق (海龙) تېرىسىنى رەختكە تېگىشىپ كىيىم قىلىپ كىيىدۇ» ، دېيىلگەن. 1803- يىلى ئەتراپىدا چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەردە، لوپلۇقلارنىڭ تۆت ~ بەش يۈز ئائىلىلىكتىن ئاھالە بار ئىككى مەھەللىسى بارلىقى، ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلمايدىغانلىقى، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن كۈن ئالىدىغانلىقىنى يېزىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ 水獭 تېرىسىدىن 9 پارچە ئولپان تۆلەيدىغانلىقى، تۇرپاندىن بارغان ئەمەلدارلارنىڭ بىر يەرگە گۈلخان ياقسا ئۇلارنىڭ كېمىلىك بېرىپ تېرىلەرنى تاپشۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان . رۇسىيەلىك باشقىرت ئالىمى نىكولاي فېدىروۋىچ كاتانوف تۇرپاندا تەكشۈرۈشتە بولغان ۋاقتىدا، ”قالۇن“ (”قاما“ دېيىلگەن) نى تۇتۇش جەريانى ۋە ئولپان تاپشۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا ئىگەللىگەنلىرىنى يازغان. مۇشۇ مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ”قالۇن“ تۇتۇش مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا كەسپلەشكەن. كاتانوف مۇنداق يازغان: «خانغا بېرەتۇرغان توققۇز جۈپ قامىنى قىش كۈنىسى دەريانىڭ ئۈستىگە مۇز توڭلاغاندا، بۇ لوپلۇق يۇرت خەلقى ئالبان بىرلەن چىقىپ قاما ئالادۇ. بۇ قامىنى ئالۇر بولسا، بۇ مۇزلاغان دەريانىڭ مۇزىنى ئادەم بېلىدەك نەچەن يەرنى تېشىپ بۇ تۆشۈكنىڭ ئاغزىغا نان، گۆش ئاپىرىپ قويادۇ. بۇ قاما دەريانىڭ ئىچىدىن چىقىپ بۇ تۆشۈككە كېلەدۇ. ئاندىن بۇ قاما تۆشۈكتىن بېشىنى چىقىرىپ، مۇندا ئادەم بولماسا، گۆش نانلارنى يەيدۇ. ئاندىن بۇ قامالار ئىككى ئۈش كۈن نان، گۆشنى يەپ ئادا بولغاندا تۆشۈكنىڭ ئۈستۈنىگە چىقادۇ. ئاندىن بۇ قاما قۇرۇق يەرگە چىقىپ جاڭگال ئىچىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن لوپلۇق تۆمۈر توزاقنى ئاپىرىپ بۇ تۆشۈكنىڭ ئاغزىغا ئاپىرىپ قويادۇ. ئاندىن بۇ قاما جاڭگالدىن ‹تۆشۈككە كىرىپ كېتىمەن› دەپ كېلىپ بۇ توزاققا بېشىنى تىقسا، بۇ قامىنىڭ بېشى قىسىلىپ قالۇرلەر. لوپلۇق ئىككى ئۈش كۈن كەلمىسىلا قاما توزاقتىن چىقالماي ئۆلۈپ قالۇرلەر. ئاندىن بۇ قامىنى تېرىسىنى تولۇم سويۇپ، تېرىسىگە سامان تىقىپ شۇ تەرىقىدە ئالبان بىرلەن توققۇز جۈپ قاما ئالۇرلەر» . دېمەك، ”قالۇن“ تۇتقۇچى ”قالۇنچۇ“ دەپ ئاتالغان، يۇقۇرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ”قالۇچى“ ھەرگىزمۇ باشقا مىللەت كىشىسى بولماستىن ئۇيغۇرلار جۈملىدىن لوپلۇقلار ۋە تۇرپان ~ پىچانلىقلاردىن ئىبارەت.
جوداقلار (جوداقتار) توغرىسىدا مەرھۇم ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا بۇ توغرىدىكى ئۇچۇرنى مۇنداق خاتىرىلىگەن: جوداق دېگەن مۇشۇ تاغدا (قۇرۇق تاغ- ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا) ياشايدىغان بىر تائىپىنىڭ ئىسمى. ئۇلار جوغا (بۇددا مەبۇدى-ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا) تېۋىنىدىكەن. كېيىن ئۇلار تۇرىدىغان جايلار چۆللىشىپ، خەلقى ھەر تەرەپكە تاراپ كەتكەنىكەن. شۇ چاغدا چارا ئەتراپىغا ئۈچ جوداق بالىسى كېلىپ قالغانىكەن، چارالىقلار ئۇ بالىلارنى ئاسراپ قالغانىكەن. ئۇلار چوڭ بولۇپ، ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپتۇ. ھازىر جوداق دېيىلگەنلەر شۇلارنىڭ ئەۋلادى . تىلشۇناس ھاشىم تۇردى ۋە مېھراي ياقۇپلار 1980- يىلى لوپنۇرلۇقلار ئارسىدىكى تەكشۈرۈشتە مۇنداق رىۋايەتنى خاتىرىلىگەن: موڭغۇل قىزى خالۇت تۈبۈتكە كېتىۋاتقاندا ئابدال ئېلىدىكىلەر بۇلاپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭغان سەپەرچىلەر موڭغۇل ئېلىگە قايتىپ بولغان ئىشلارنى مەلۇم قىپتۇ. شۇندىن كېيىن موڭغۇللار ئابدال ئېلىدىكىلەر بىلەن بەش قېتىم ئۇرۇشۇپتۇ، ئەمما يېڭەلمەپتۇ. ئابدال ئېلىنىڭ شاھزادىسى خالۇت بىلەن توي قىلىپ ئىككى ئوغۇللۇق بوپتۇ، ئىككى تەرەپ شۇندىلا ئۇرۇشمايدىغان بوپتۇ. خالۇت ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرە – چەۋرىلىرى كۆنچى دەريا بويىغا كېلىپ ماكانلىشىپتۇ. ئۇلار جوداقتار دەپ ئاتىلىپتۇ، مەنىسى جەنۇبقا ماڭغانلار ئىكەن. مانا بۇ نام خالۇتنىڭ تۈبۈت سەپىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
لوپلۇقلارنىڭ لېكسىكىسىدىن قارىغاندا، dzu (جۇ) جەنۇب  دېگەن مەنىدە، شۇڭلاشقا ”جوداقتار ~ جۇداقتار“ دېگەن نامنى جەنۇب تەرەپتىن كەلگەنلەر، دەپ چۈشەندۈرگۈچىلەر بار. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي «تەزكىرەئىي ئەزىزا» ناملىق ئەسىرىدە، خوجا ئافاقنىڭ ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىل تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ «خاجە ئافاق خاجەمدىنگىم، ئىسمايىلخان كاشغەردىن ھايداپ چىقارغاندا، خىراج قىلىب شەھەر، بىشەھەر يۈرۈپ، كەشمىر بىلەن ئۆزلەرى چىن مەملىكەتىگە چۈشتى. ئاندىن جۇ دېگەن يۇرتقا بارىپ، بۇتخانەگە تۈشتى»  ، دەپ يازغان. 1817- يىلى يېزىلغان يۇقارقى بايانلار ئافاق خوجانى تۈبۈت ئاستانىسى لخاساغا بېرىپ، دالاي لاماغا باش قويۇپ، ياركەنت خاندانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىل خان ئۈستىدىن داتلاپ، كاشغەر قاتارلىق يۇرتنىڭ پادىشاھلىقىنى ئىسمايىل خان تارتىۋېلىپ يۇرتۇمدىن قوغلاپ چىقاردى، دەپ ئەرز قىلغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. دالاي لاما شۇ ۋاقىتتا جڭغارلارنىڭ خانىغا قارىتىپ خەت يېزىپ خوجا ئاففقنىڭ پادىشاھلىقىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇزۇندىن بۇيان ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى پىلانلاپ كەلگەن قالماقلارنىڭ پادىشاھى غالدان بۇشېتۇخان 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇنى بىلەن ھۇجم قىلغان، ئافاق خوجا تەرەپدارلىرى ئىچىدىن ماسلاشقان. كاشغەر خانى باباق سۇلتانغا ئوق تېگىپ شېھىت بولغان. ئىسمايىل خان ئەسىر ئېلىنىپ ئىلىغا ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ۋەقەلەر 1678- يىلى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ياركەنت خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، جڭغار قالماقلىرىغا قارام بولغان خوجىلار قورچاق خانلىقى تارىخى باشلانغان. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ كاشغەرنىڭ 1768- يىلىدىكى ھاكىمبېگى ئوسمان بەگنىڭ خوتۇنىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن يېزىلغان، 1756- يىلىغىچە بولغان ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان، 1768-، 1769- يىللىرى يېزىلغان «تەزكەئىي خاجەگان» ناملىق ئەسىرىدە، ئافاق خوجانىڭ كاشغەردىن قوغلانغان كېيىن كەشمىرگە بارغانلىقى، ئاندىن ju ئىبادەتخانىسىغا بارغانلىقى يېزىلغان . ئىمىر ھۈسەيىن قازىئاخۇنۇم بىر پارچە شېئىرىدا ”جۇ“ دېيىلىدىغان، پۇقرالار كۆتۈرىدىغان، مەنسەپدارلار ئولتۇرىدىغان نەرسىنى تىلغا ئالغان. مانا مۇشۇلاردىن قارىغاندا، جۇ دېيىلگىنى ھازىرقى لخاسا شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئەينى زاماندا لوپلۇقلارمۇ تۈبۈت ئاستانىسىنى باشقا جايدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ”جۇ“ دەپ ئاتىغان. مانا بۇلاردىن قارىغاندا، سانى ئازراقلا بولغان ”جوداقتار“ ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ لخاساغا تەرەپتىن كەلگەن ياكى شۇ تەرەپكە ماڭغانلاردىن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ياقا يۇرتلۇقلار توغرىسى ياتلارنى كۆسەتكەن، بەلكىم سودا ئىشلىرى بىلەن شۇ تەرەپلەرگە بېرىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇشىمۇ مۇمكىن.
قالماقتار توغرىسىدا 1956- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى چارا مەھەللىسىدىكى 117 ياشلىق ساتىۋالدى تېنىشېفقا مۇنداق دېگەن: «بىرىنچى ئاتامىز مۆڭگۆن – قالماق، ئىككىنچى ئاتامىز – تۇردۇمېت (ئاغازمېت، نىيازمېت)، ئۈچۈنچۈ ئاتامىز توختوسۇن، تۆتۈنچۈ – تېلىۋالدى، بىززى توققان. ھەممىسى چارېدې ئۆتكەن، ئۆي سالىپ. ئۇرۇغۇمىز ياللا. ياختى قارايدى – چارايدىكى ئايتۋەرگەن باۋايلار. چارخلۇقتا تۈپ قاراقوشۇن بىر شەر ۋار. ئاتا – ئانام چەچەك چىقىۋاتىۋياتقاندا مەن تاشتاپ كەتكەن. بالاسىغا چەچەك چىقسا ، ئاتا – ئانالىرى تاشتاپ كەتىپ قالىپ لوب ئىچىگە ئولتۇرغان. قاراقوشۇللۇق - بىر، ياللا - ئىككى، جۇداقتار ئۈچ، قالۇچۇلار – تۆت، قۇندۇزدار ـ بەش؛ بۆلۆك – بۆلۆك ئايماق ئاتايمىز. نى ئۈچۈن ئاتانغان، لاقام توقتوغان – ئانۇ ئۇقمايدىغانمىز. دۈن – قوتان – قۇچار  چۆللىرىدىن كېلىپ جايلاشقان، بۇۋايلار دېيدۇ. لوب كۆلۈنە بارغان: ئۇچۇ قىرىغى يوق، شونداق چوڭ كۆل ئېكەن، قاراۋورۇن  دېيدو. لەنتايان يۈرۈگەن: قاراۋورۇن ئىچى بىلەن قىزمەت قىلىشىپ، ئايدىڭ تۆرە  كېلىپ، ئەسرا بولۇشماپتىبىز. چارا دې ياللا كۆپ، قۇندۇزدار ئۈچ ئۆيلۈك – تۆت ئۆيلۈك، قالۇچۇمۇ با- ئۈچ ئۆيلۈك – تۆت ئۆيلۈك. قۇندۇزداردىن، جۇداقتىن تۈگەپ كەتتى. قالۇچۇدىن ئاتاكېلدى بار، ئاتاكېلدىنىڭ ئوغلۇ بۇۋاق نىياز. جۇداقتاردىڭ ، قۇندۇزداردىڭ ئۇرۇغۇ دا قالماغان» . مانا بۇلاردىن قارايدىغان بولساق ساتىۋالدى قاتارلىق قىسمەن كىشىلەر ئۆزلىرىنى موڭغۇل – قالماق دېيىشىمۇ بىر خىل مەھۇم بولغان مىللەت كىملىكىدىن ئىبارەت.
1980– يىلى لوپ رايوندا يېرىم يىل تەكشۈرۈشتە بولغان ئەر – خوتۇن تىلشۇناسلار ھاشىم تۇردى ۋە مېھراي ياقۇپلار ”قالماقتار“نىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئىلىدىكى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغلى چۈلۈم قۇلۇ دېيىلىدىغان مۇنداق رىۋايەتنى خاترىلىگەن: ئىككى موڭغۇل بىر بالىنى ئېلىپ ئىلىدىن لوپ رايونىغا قېچىپ كەلگەن. تۇرمۇشنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن بۇ بالىنى گۆلمۆگە تېگىشىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بوپتۇ. بۇ ئوغۇل چۈلۈم قۇلۇ ئىكەن. ئۇ لوپ رايونىدا چوڭ بولۇپ خوتۇن ئېلىپ ئۆيلۈك بوپتۇ، ئوغۇللۇق بولۇپ ئىسمىنى ئەلى قۇلۇ دەپ ئاتاپتۇ. قالماقتار شۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەن، ئۇلار ھەققىدە بۈگۈنگىچە مۇنداق قوشاق تارقىلىپ كەلمەكتە:
مانجارغا ساتىۋالغان،
قالماققى ئاتاسىنى.
ئەمدى پۇل تۇتۇۋۇدۇ،
بۇ قالماققى كاتاسىنى.
لوپلۇقلارنىڭ ”قالماقتار“ دېگىنى ئەدەبىي تىلىمىزدىكى ”قالماقلار“ دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. ”قالماق“ ئاتالغۇسى تاكى 1950- يىلىغىچە كەڭ كۆلەمدە قوللىناتتى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ”قالماق“ دېگەن بۇ ئاتالغۇ موڭغۇللارنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. ”قالماق“ دېگەن بۇ نامنىڭ مەنىسى ۋە قوللىنىشقا باشلىغان ۋاقتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. قاراشلاردا، ئەڭ دەسلەپ 1398– يىلىدىكى ئىبن ئەل ۋاردىنىڭ كىتابىدا كۆرۈلگەن دېگۈچىلەرمۇ، 1419– يىلىدىكى شاھرۇھ ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا سەپەر خاتىرىسىدە كۆرۈلگەن دېگۈچىلەرمۇ، 15– ئەسىردىن بۇرۇن كۆرۈلمىگەن دېگۈچىلەرمۇ بار . يەنە بەزى قاراشلاردا تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىغا كىرگەندە بىر قىسىم كىشىلەر ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ئىكەن، شۇڭا ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بۇ كىشىلەرنى ”قالغانلار“ دېگەن مەنىدە ”قالماقتار“ دەپ ئاتىغان ئىكەن. تۇغلۇق تۆمۈرخان  زامانىدا تەڭرىتاغ بويلىرىدا ياشىغان موڭغۇللارنىڭ كۆپ قىسمى ۋە شۇ چاغقىچە ئىسلامغا كىرمىگەن ئۇيغۇرلار دىنىي ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان، شۇندىن كېيىن موڭغۇللارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. شۇنىمۇ ئىزاھلاش زۆرۈركى، تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىدا ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئاھالىنىڭ ھەممىسىلا موڭغۇل بولمىغىنىدەك (ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى دائىرىسىدىكى شۇ چاغقىچە مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ دەۋردە ئىسلامغا كىرگەن)، شۇ چاغدىكى ”قالماق“ نامىنىڭ موڭغۇللارنى كۆرسىتىدىغان خاس ئىسىم دېيىشكە بولمايدۇ. ”قالماقتار“ دېگەن ئاتالغۇنىڭ تۇغلۇق تۆمۈر زامانىدا سانى ئاز بولغان، دىنىي ئىسلامنى قوبۇل قىلماي پىنھانلاردا يۈرگەن ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنى كۆرسەتكەن بولۇپ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلمىغان. بۇ نامنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭرەك قوللىنىلىشى ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ 1771– يىلى رۇسىيەنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىن كەلگەندىن كېيىنكى ئىش. «بەش تىللىق لۇغەت»تە بۈگۈنكى كۈندە ”ئويرات“ دەپ تەرجىمە قىلىنىۋاتقان «厄鲁特» «قىلماق» (قالماق) دەپ تەرجىمە قىلىنغان. مۇشۇ لۇغەتتە 蒙古 سۆزلىمى قالماق ھەم موڭغۇل دەپ ئىككى خىل ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن بىر قانچە يۈز يىل بۇرۇن يەنى 15– ئەسىرلەردە تۈزۈلگەن «مۇسۇلمان مەھكىمىسىنىڭ سۆزلۈكى»دە «مغول 卯斡勒 鞑靼» دەپ يېزىلغان، مۇشۇ ئۇچۇر ۋە باشقا ماتېرىياللارغا قارىغاندا، موڭغۇللار شۇ زاماندا «موغۇل» دېيىلگەن. ئويرات موڭغۇللىرى جۇڭگوغا كەلگەندە، چىڭ سۇلالىسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا سانغۇنلىرىنى ئىبەرتىپ  داغدۇلىق قارشى ئالغان، كېيىن ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرغان، شۇلاردىن بىر قىسمى يۇلتۇز يايلىقىغا ئورۇنلىشىپ چارۋىچىلىق قىلغان. ھازىرقى خوشۇت ۋە باغراش ناھىيەلىرى لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن چېگرالىنىدۇ. جۇڭغارلارنىڭ لوپ رايونىغا 1680– يىلىدىن كېيىن 1759– يىلىغىچە بولغان دەۋرلەردە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىش بىلەن بىرگە، لخاساغا تاۋابقا ماڭغان موڭغۇللارنىڭ لوپ رايونىدىن ئۆتىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىش زۆرۈر. يۇقىرىقى رىۋايەتتە كۆرگىنىمىزدەك، موڭغۇللاردىن گۆلمۆگە تېگىشىپ بېقىۋالغان بالىدىن تارالغانلىقى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. قالماقلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۇغلۇق تۆمۈرخانغا باغلىشى ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى دىنسىزلىقىنى يېپىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. قالماق بالىلىرى مۇسۇلمان لوپلۇقلار ئارىسىدا بېقىلغانلىقتىن تەبىئىيلا لوپلۇقچە مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ يېتىلگەن. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ بالىلىرى ئەمىر قەمىرىددىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، پەقەت خىزىر خوجا دېگەن بىرىلا ھايات قالغان. ئەمىر قەمەرىددىننىڭ قەستلىشىدىن قورقۇپ خوتەن تاغلىرىدىن قېچىپ چەرچەن، لوپ، كىتىك قاتارلىق ”سارىغ ئۇيغۇر“ يۇرتلىرىدا پاناھلانغانلىقى «تارىخى رەشىدىي» قاتارلىق كىلاسسىك تارىخ كىتابلىرىدا زىكىر  قىلىنغان. تارىخ كىتابلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ چۇلۇم قۇلى ئاتلىق ئوغلى بولغانلىقى ھەققىدە خاتىرە يوق.     
تىلشۇناسلار - ھاشىم تۇردى، مېھراي ياقۇپلار لوپ رايونىدا تەكشۈرۈش داۋامىدا قالماقتار، جوداقتار، قالۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 500 كىشى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى يازغان . يۇقۇرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، قالۇچىلارمۇ موڭغۇل ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى دەۋېلىشى خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمىي نوپۇستىكى ئىگەللەيدىغان سانىنىڭ ئازلىقىمۇ بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. موڭغۇل ئەۋلادلىرى مەيلى موڭغۇل دېيىلسۇن ياكى قالماق دەپ ئاتالسۇن، ئۇلارنىڭ لوپلۇقلار رايونىغا كېلىپ يەرلىشىپ قېلىشى پەقەت 1771- يىلىدىن كېيىنكى ئىش. ئۇندىن بۇرۇنقى تارىخنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، 1680- يىلى ئاپاق غوجىنىڭ يول باشلىشى ۋە مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكىي جەھەتتىن ماسلىشىشىدا، جۇڭغارلار ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، قالماقلار ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان. قالماقلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى 1723- يىلى مانجۇ ئارمىيەسىنىڭ تۇرپاننىڭ ئىگەللىگەنلىك خەۋىرىنى ئىشتكەن لوپلۇقلارنىڭ، تۇرپانغا ۋەكىل ئىبەرتىپ تەۋەلىك بىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولغان. 1725- يىلى ئەتراپىدا چىڭ سۇلالىسى بىلەن جۇڭغارىيە ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە تۇرپان ۋە لوپ رايونلىرى جۇڭغارلارغا تەۋە بولغاندا، قالماقلارنىڭ لوپلۇقلاردىن دەھشەتلىك ئۆچ ئالغانلىقى رىۋايەتلەر ھەم نوپۇسنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن كۆرۈش مۇمكىن. 1759- يىلى چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنى مەغلۇب قىلغاندا، جۇڭغارلار رۇسىيە تەۋەسىگە سۈرۈلگەن، ئۇلار 1771– يىلى ۋولگا دەرياسى بويىدىن قايتىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە، لوپلۇقلار بىلەن قالماقلار (جوڭغارلار)نىڭ نورمال ئالاقىلىرى 1771- يىلىدىن كېيىن توغرىراقى 1800- يىللاردىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بولغاندا، لوپلۇقلار مانجارغا تېگىشىۋالغان ئىككى موڭغۇل بالىسى لوپلۇقلار ئارىسىدا ئۆيلۈك بولۇپ 200 يىلدا ئاۋۇپ 200 دىن ئاشقان، خالاس. قالماقتار ئاتالغانلار لوپلۇقلارغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ۋە مىللەت كىملىكى جەھەتتىن ئاۋام ئارىسىدا بەزى ئۇچۇرلارپ ئارىلىشىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن، جۈملىدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھېچ بىر پەقى قالماي يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بۇ ىەلق ئارىسىدا ئېغىز رىۋايەتلىرىمۇ ئورتاقلىشىپ كەتكەن، جۈملىدىن ئەسلىدىن قالماق ئەجدادلىق بولغانلارنىڭ بايانلىرى باشقىلارنىڭ ئېڭىغىمۇ سىڭىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. لوپنۇر دىيالېكىتىدا موڭغۇل تىلىنىڭ لېكسىكا جەھەتتىن قىسمەن تەسىرلىرى كۆرۈلگەن بولسمۇ گىرامماتىكا جەھەتتىن تەسىرى سېزىلگىنى يوق. ناۋادا ئۇلار موڭغۇل نەسىللىك ئاھالىلەر بولغىنىدا تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكتى بولماستىن كۆپ بولغاندا ئارىلاشما تىلغا ئايلانغان بولاتتى. لوپ رايونىدىكى نەچچە يۈز يەر نامى ئىچىدە موڭغۇل تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى پەقەت 20 ~ 30 چە چىقىدۇ. لوپلۇقلارنىڭ كىشى ئىسىملىرى تۈركىي ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكى مەلۇم، مانا مۇشۇلاردىن قارىغاندا، لوپلۇقلار ئەسلىدىن موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى بولماستىن ئۇيغۇر ئەۋلادى، لېكىن ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا موڭغۇل نەسەبلىك، تۈبۈت نەسەبلىك ئازراق ئاھالە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.
قىرغىززار لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسى بىلەن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ سوخۇ يېزىسىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەيدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىسمى ناسىرۋاي، بوۋا ھاجى قاتارلىقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بىر قىسمى پاسار شاڭيۇ، ئابلابەگ ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىرىنچى بولۇپ لوپ رايونىغا كەلگەن قىرغىز كىشىنىڭ ئىسمى دۈرۈلگە بولۇپ قەشقەر تەرەپتىن كەلگەنمىش.
تىلشۇناسلار ھاشىم تۇردى ۋە مېھراي ياقۇپلارنىڭ 1980– يىلى لوپ رايونى ئىچىدە تىل تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئۆزىنى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىغانلارنىڭ 250 كىشى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەجدادىنىڭ دۈرۈلگە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. لوپلۇقلار تىلىدىكى ”قىرغىززار“ ئەدەبىي تىلىمىزدىكى قىرغىزلار بىلەن ئوخشاش، قىرغىززاردىكى «زار» كۆپلۈك قوشۇمچىسى. لوپلۇقلار ئارىسىدا ”قىرغىززار“ دېگەن توپنىڭ بارلىقى، لوپلۇقلار كىيىدىغان چەكمەن قالپاق  بىلەن قىرغىزلارنىڭ قالپىقىنىڭ ئوخشىشىدىغانلىقىغا قاراپ، لوپلۇقلار قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دېگەندەك پەرەز قىلغۇچىلار بولدى. قىرغىزلار مىلادىيەنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ يېنسەي دەرياسى بويىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئەينى زاماندىكى خەنزۇچە يازمىلاردا 坚昆 دەپ خاتىرىلەنگەن ھەمدە شەرقىي ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ياشىغان. ئورقۇن ئۇيغۇر ئېلى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭغا قارام بولغان. 840– يىلى تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىچكى نىزاھ تۈپەيلىدىن ئاجىزلاشقان ئورقۇن ئۇيغۇر ئېلىگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمىدە ھۇجۇم قىلغان، ئورقۇن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىرى كۈلۈگ باغا تەرەپدارلىرىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىشى بىلەن ناھايىتى تېزلا خاندانلىق ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇلغان. مەغلۇب بولغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرەپ – تەرەپكە قېچىپ كېتىشكەن، پەقەت بىر بۆلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرى تامان كۆچۈپ ھازىرقى ش ئۇ ئا ر دائىرىسىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن. ئورقۇن ۋادىسىدىن ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ چىقارغان قىرغىزلار يېنسەي دەريا ۋادىسىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. 13– ئەسىردە موڭغۇللار قەد كۆتۈرگەندىن كېيىن، موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ پۇقراسىغا ئايلانغان. 17– ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسى يېنسەي ۋادىلىرىغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۇلار ئۇزۇن زامان ياشىغان ماكانىنى تاشلاپ كۆچۈپ ئالتاي تېغىدىن ھالقىپ ئىسسىق كۆل، تالاس بويلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىنرەك يەنىلا چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پۇقراسىغا ئايلانغان. قىرغىزلار چاررۇسىيەنىڭ پۇقراسىغا ئايلانغاندىن كېيىن ئاز بىر قىسىملىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ھازىرقى ش ئۇ ئا ر دائىرىسىگىمۇ كېلىشكە باشلىغان. مەسىلەن: باسمىچىلارنىڭ تەسىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاچارچىلىق، 1930– يىللاردىكى باستۇرۇش. ئومۇمەن ئالغاندا، قىرغىز نامى مىلادىيە 8– ئەسىردىن بۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ مەڭگۈ تاشلاردىمۇ كۆرىلىدۇ. قىرغىزلارنىڭ ش ئۇ ئا ر دائىرىسىگە كېلىشى 18– ئەسىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنكى ئىش. ئۇنداقتا، تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى بۇ خىلۋەت ماكاندا ”قىرغىززار“ دەيدىغان، 1980– يىلى سانى ئاران 250كە يېتىدىغان بۇ كىشىلەر قانداقچە، قاچان پەيدا بولۇپ قالغان؟ مېنىڭچە، ”قىرغىززار“ 19– ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاندىن لوپ ۋادىسىغا كەلگەن. ئەمما، يۇقىرىقى ئەمەلىيەت لوپلۇقلارنىڭ قىرغىز ئەۋلادى بولۇش ئېھتىمالىنى يوققا چىقىرىدۇ. قىرغىزلار ھازىرقى قىرغىزىستان دائىرىسىگە يېنسەي ۋادىسىدىن كۆچكەندە، لوپلۇقلار لوپ رايونىدا ياشاۋاتقان ئىدى. قىرغىز قالپىقى بىلەن لوپلۇقلارنىڭ چەكمەن قالپىقىدىكى مەلۇم ئوخشاشلىقمۇ، پەرقمۇ مەۋجۇد. پەرق شۇكى، لوپلۇقلار قالپاقلىرىغا گۈل ئىشلىمەيدۇ يەنى سىدام بولىدۇ، ئارقا چېتىقى يوق. ھازىرقى بايقاشلاردىن قارىغاندا، لوپلۇقلار قالپىقىنىڭ قىرغىقىنى ئاستىغا قارىتىپ يۈز قىسمىنى كۈننىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلايدۇ. ھازىر سەھنە ئەسەرلىرىدىكى قىرغىز قالپىقىسىمان قالپاقنى لوپلۇقلارنىڭ ئاساسىي باش كىيىم، بەلگىسى قىلىۋېلىش مۇۋاپىق بولمىغان. يەنە بىر مەسىلە، قىرغىز قالپىقى بىلەن ئوخشىشىدىغان چەكمەن قالپاقنى باشقا يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ كىيىدۇ، ئەسلىدىن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كىيىملىرىدە زادى كىم كىمدىن ئۆگەنگەن دېگەن مەسىلە جاۋاب ھازىرلاش قىيىن بولغان ئىشلاردىن بىرى. شۇڭا ئېيتىش كېرەككى، كىيىدىغان قالپىقىغا قاراپ ياكى بىر قانچە ئون ئۆيلۈك ئاھالىنىڭ ئۆزلىرىنى قىرغىز دېگىنىگە ئاساسەن، ئون مىڭدىن ئوشۇق ئاھالىنى  قىرغىز دېيىش تارىخ ئەمەلىيىتىگە ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىمەنە يەكۈندىن ئىبارەت. يۇقىرىدا كۆرگەن رىۋايەتتىمۇ قىرغىزلارنىڭ قەشقەردىن كەلگەن بىر قانچە ئۆيلۈك كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. مۆھتەرەم تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ھۆكۈم قىلغىنىدەك، لوپلۇقلارنىڭ تىلى قىرغىز تىلى ئەمەس، گەرچە قىرغىز تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىيالېكتى ئوخشاشلا تۈركىي تىل بولسىمۇ، ئىككى تىلنىڭ لېكسىكا ۋە گرامماتىكا قىسمىدا خېلى چوڭ پەرقلەر مەۋجۇد. قىرغىز تىلى ج لىق تىل بولسا بولسا، لوپنۇر دىيالېكتى ي لىق تىل بولۇپ ئايرىم تىللاردىن ئىبارەت، فونىتىكا قىسمىدىمۇ پەرقلەر بارلىقى تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىدىن مەلۇم.     
ياللار  يانلار يەنى يان تەرەپتىن كەلگەنلەر. بۇلار قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، قۇمۇللاردىن لوپ رايونىغا كېلىپ دىن تەشۋىقاتى ياكى سودىگەرچىلىك قىلغان ياكى تۇرۇپ قالغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئالدىنقى تۆت توپ (قالماقتار، جۇداقتار، قالۇچىلار، قىرغىززار)دىن كۆپ، ئەمما قاراقوشۇنلۇقلارچىلىك كۆپ ئەمەس. بۇ توغرىدا، 1956- يىلى 7- ئۆكتەبىردە چارقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېڭىسۇ مەھەللىسىدىكى 159 ياشلىق ئانزاقۇللۇنىڭ ئەدھەم رېھىموۋىچ تېنىشىفقا ”قۇدۇقنىڭ ئوتتۇرۇسىدا – چىبىللىك، چىبىللىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاراكۆل. تۈمەنپو قاراكۆلگە قويۇلۇدو. ئارغاندىن بېرى، ياڭىسۇدىن نارى. لوپ كۆلۈ قاراۋاي نىڭ ئۈستۈن يانى. ساقالۇ قارامايدى. شۇنۇڭ گوي ئىزە يانلا، ياللا جاماتى دېيدىكەن. ياللا قارىمايدىكەن، تۇشى تۈشمەيدىكەن، ساقالۇ ئاقارمايدىكەن. ياللا ئۈستىن تەرەپتىن، قاراشار، كۇچار تەرەپتىنمۇ كەلگەنلەر ئىكەن. قاراۋايدا قۇ، غاز تۈشەدىكەن. قۇنى تۇكۇنى يۇلۇپ ئۈستىگە جۇغا قىپ كىيەدىكەن. شۇنداق قۇچۇللۇق  دېيدىكەن. ئۇلا ياللانى جامائاتىكەن“ . يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، لوپلۇقلار قاراقوشۇنلۇقلار، قالماقلار، قىرغىزلار، جوداقلار، يانلار، قالۇچىلار قاتارلىق بىر قانچە توپلار ۋە جەمەتلەردىن تەركىب تاپقان، ئەمما قاراقوشۇن ۋە قالماقلاردىن باشقىلارنى جەمەتلەر دەپ قاراش مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىقى ئىنسان توپلىرىنىڭ نوپۇسىنى ھاشىم تۇردى ۋە مېھراي ياقۇپلار ئېنىقلاپ چىققان. مەيلى قانداق بولمىسۇن لوپلۇقلارنىڭ تەركىبىدە موڭغۇل ۋە قىرغىزلاردىن ئاز ساندىكى ئاھالىلەرنىڭمۇ قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتماي بولمايدۇ. بەزى كىشىلەر ئەنە شۇنى سانى ناھايىتى چەكلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قالماق ياكى قىرغىز دەپ ئاتىشى پۈتۈن لوپلۇقلارنىڭ، موڭغۇل ياكى قىرغىز ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. 1980– يىلى تىلشۇناسلار ھاشىم تۇردى ۋە مېھراي ياقۇپلارنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، لوپلۇقلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنى موڭغۇل (جوداقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە قىرغىز دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ نەچچە يۈز كىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان، ئۇلار لوپلۇقلارنىڭ نوپۇسى ئىچىدە ئاز نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. ھازىرقى ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، قاراقوشۇنلۇقلار لوپلۇقلار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان. چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ قاراقوشۇنلۇق ۋە قاراكۆللۈكلەرنى ئىككى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشى تۈپتىن خاتا بولغان، ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن ئاساسلانغاندا لوپلۇقلار ئارىسىدا قەبىلە بولمىغان. قاراقوشۇن ۋە قاراكۆل تارىم دەرياسىنىڭ ئايىغىدىكى كۆللەرنىڭ نامىدىن ئىبارەت. يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، قاراقوشۇن ھازىرقى مىرەن بوستانلىقىنىڭ 20 نەچچە كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدىكى كۆلنىڭ نامى بولۇپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشىغانلار ”قاراقوشۇنلۇقلار“ دەپ ئاتالغاندىن سىرت، يەنە ئابدال مەھەللىسىدە ياشىغانلار ”ئابداللار“ دەپ ئاتالغان.”قاراكۆل“ دۆلەت تاشيولى 218– لىنىيەسىدىكى ئارغاندىن يېڭىسۇغىچە بولغان ئارىلىقتا، يېڭىسۇغا يېقىنراق بولغان كۆللەردىن بىرىنىڭ نامى، مۇشۇ كۆل ئەتراپىدا ياشىغانلار  ”قاراكۆللۈكلەر“  دەپ ئاتالغان ئەھۋاللار تاكى يېقىنغىچە داۋام قىلغان ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ قوللىنىلغان. مەسىلەن: ئىسلام قاراكۆل، ئوغۇلخان قاراكۆل... دېگەنگە ئوخشاش. لوپلۇقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى قاراقوشۇنلۇقلار بولۇپ ھەر خىل تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ كۆچكەن. قاراقوشۇن ۋە قاراكۆل 18– ئەسىرلەردىن باشلاپ كۆلنىڭ، شۇنداقلا كۆلنى بەلگە قىلغان يەر ناملىرىدىن ئىبارەت، شۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى كەڭ دائىرىدە ”لوپلۇق“ دەپ ئاتىسا، تار دائىرىدە قاراقوشۇنلۇق، قاراكۆللۈك، يېڭىسۇلۇق، لايسۇلۇق، چارالىق... دېگەندەك ئاتاپ كەلگەن. بۇ تەرىپى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى لوپنۇرلۇق، قۇمۇللۇق، چارقىلىقلىق، كورلىلىق دېگىنىگە ئوخشاش، بۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇغىلى بولمىغىنىدەك، قاراقوشۇنلۇقلار ۋە قاراكۆللۈكلەرنىمۇ ئايرىم قەبىلە سۈپىتىدە تونۇش سەھۋەنلىكتۇر.   
چۆچەكلىك تاتار ئالىمى قۇربان غەلىي خالىدى تەرىپىدىن 1901– يىلى يېزىلىپ  1910– يىلى قازان ئۆرنەك مەتبەسىدە بېسىلغان «تەۋارىخ خەمىسەئي شەرقى» ناملىق كىتابتا، «تۆگىلىك تېز ماڭغاندا 11 كۈندە لوپ كۆلىگە كەلدۇق، قايتىشتا ئەڭ بوغاز يەنى مۇساپىسى ئاز يەردىن توققۇز كۈندە چىقتۇق. بۇ قورقۇنۇچلۇق باياۋاننىڭ بەزى يەرلىرىدە شەھەر ئورۇنلىرىنىڭ بەلگىلىرى بولۇپ ۋە بەزى ئورۇنلىرىدا مېھراپنىڭ بەلگىلىرىگە ئوخشاش نەرسىلىرىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، دېدى. بەزىلەر قۇم ئاستىدا ئېچىلىپ قالغان خەزىنىلەرگە يولۇقۇپ قالغانلىقلىرىنىمۇ ھېكايە قىلىشىدۇ. ھازىر لوپ كۆلى ئەتراپلىرىدا يۈرگەن ئەللىرىمىز بۇرۇن تۇغلۇق تۆمۈر ۋاقتىدا مۇسۇلمان بولغان قالماق جىنسىدىن بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يۈز بەرگەن تەپرىقىچىلىك كۈنلىرىدە قالماقنىڭ كاپىرلىقتا قالغانلىرى ئىسلامغا كىرگەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، بۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغاندا، نائىلاج مۇسۇلمانلار يۇرتلىرىنى تاشلاپ، ئۇ ئەتراپلاردىن كۆچۈپ لوپقا كېلىشكەن ئىكەن. زامان ئۇزارغانسېرى بۇلارنىڭ مۇسۇلمانچىلىقى ناھايىتى ئاجىزلىشىپ، ئەسلىي تەبىئىي ئەھۋالغا قايتىپ كېتىشكە ئاز قالغان ئىكەن، مەرھۇم ياقۇپخاننىڭ دەۋرلىرىدە خېلى ئاقىرىپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانچىلىقى خېلى جىق ياخشىلاندى...»  ، دېيىلگەن. قۇربان غەلىي خالىدىنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى پىچان ياكى تۇرپان تەۋەسىدىن ئىگىلەنگەن بولسا كېرەك، ئەمما تۇغلۇق تۆمۈرخانغا باغلاش مۇۋاپىق بولمىغان. ئۇلارنى موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى دەپ يېزىشى تېخىمۇ توغرا بولمىغان، بۇ تەرىپىنى يۇقىرىدا ئۇلارنىڭ ئىرقى ۋە  مىللەت  نامىنى ئېنىقلىغاندا كۆرۈپ ئۆتتۇق.  
«بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەزكىرىسى»دە «چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا توقتۇ بەگنىڭ باشقۇرۇشىدىكى 500 ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئاھالە قاراشەھەر، كورلا رايونىدا مال بېقىش بىلەن بىرگە تېرىقچىلىق قىلاتتى. 1735– يىلى غالدان سېرىن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىن يۇلتۇز يايلىقىغا باستۇرۇپ كىردى ھەمدە قايدۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئېكىنزارلىقلارنى يايلاققا ئايلاندۇرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماخۇس، چوراس ئوتاقلىرىنى تەشكىللەپ كورلا رايونىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ تۇراتتى. مۇشۇ ئەھۋالدا توقتۇ بەگ 300 ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئاھالىنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسىغا تەسلىم بولدى، تۇرپان ئايمىقىنىڭ خانى ئىمىن خوجا ئۇلارنى لوپ رايونىدا مال بېقىشقا ئورۇنلاشتۇردى.... 1759– يىلى چوڭ – كىچىك خوجاملار توپىلاڭى تىنجىتىلغاندىن كېيىن، چىڭ ئوردىسى توقتۇغا تەۋە 300 ئۆيلۈكتىن ئارتۇق ئاھالىنى كورلا ۋە لوپنۇرغا قايتۇردى، ئاقسۇ رايونىدىكى دولانلىقلار بۈگۈر، كورلا قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.... (‹چىڭ گاۋزوڭنىڭ ئەمەلىي خاتىرىلىرى›) توقتۇنىڭ ئۇكىسى ئابدۇلھەي 3- دەرىجىلىك ھاكىمبەگ ئىدى. لوپنۇرنىڭ قاراكۆل ۋە قاراقوشۇندا ئىككى قەبىلە 183 ئۆيلۈك جەمئىي 1071 كىشى قېلىپ قالدى، قاشقا ئومۇمىي بەگ بولغان...»  ، دېيىلگەن. يۇقىرىدا كۆرگەن نوپۇسى ھەققىدە ئايرىم مۇلاھىزىمىز بار. دولانلىقلارنىڭ لوپ رايونىدا چارۋىچىلىق قىلىشى ھەمدە قايتىشى ھەققىدە خېلى كۆپ ئۇچۇرلار ساقلانغان. تۆۋەندە كۆرىدىغان قوڭغۇز يېگەنلەر ھەققىدىكى رىۋايەت مەزمۇن جەھەتتىن پەرقسىز دېگۈدەك ھالدا لوپلۇقلار ھەم دولانلىقلار ئارىسىدا ساقلانغان، بۇلاردىن مەنبە لوپلۇقلارمۇ ياكى دولانلىقلارمۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش قىيىن.
     1876– يىلى لوپلۇقلار ئۆزلىرى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارنى پېرژىۋالىسكىيغا ئېيتىپ بەرگەن، شۇ ئاساستا پېرژىۋالىسكىي مۇنداق خاتىرىلىگەن: «بىز ئاڭلىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تارىم دەرياسى ئەتراپلىرىدىكى ھازىرقى ئاھالىلەر ئەسلىدە لوپ كۆلى  بويلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. تەخمىنەن يۈز يىللار بۇرۇن بېلىقنىڭ ئازلاپ كېتىشى ۋە قالماقلارنىڭ (تۇرغۇت موڭغۇللىرى) تاجاۋۇزى سەۋەبىدىن ئۇلار تارىم دەرياسى بويىغا كۆچۈپ كەلگەن. تارىم دەرياسى بويىدا شۇندىن بۇرۇن ئاھالە بار- يوقلىقىنى ھازىرچە تەھقىقلەشكە بولمىدى، بىراق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، لوپ كۆلى بويىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن قېچىپ كەلگەنلەر ۋە سۇرگۈنلەر بىلەن ئۆي – ئوچاقلىق بولغانلىقتىن تارىم دەرياسى ئەتراپىدىكىلەر شالغۇتلاشقان. تارىم دەرياسى بويىدىكىلەرنىڭ ئەسلىدە ئارىيان (ياۋروپا) ئىرقىغا تەۋەلىكىدە شۈبھە يوق، ئەمما ھازىرقى تۇرقىدىن ئۇلارنىڭ شالغۇتلاشقان ئالاھىدىلىكى كۆرىنىپ تۇرىدۇ، بەزىلەرنىڭ تۇرقى سارتلار (ئۆزبېك)غا، قىرغىزلارغا ھەتتا تاڭغۇت (زاڭزۇ)لارغا ئوخشايدۇ. يەنە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرقى ساپ ياۋروپالىقلارغا ئوخشىسا، يەنە بەزى كىشىلەر ھەقىقەتەن تىپىك موڭغۇللارغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردىكىلەرنىڭ يۈز ئۆڭى كۆركەم ئەمەس، كۆكرەك مۇسكۇلى تەرەققىي قىلمىغان، تېنى ئاجىز. ئەرلەر ئوتتۇرا بوي، خوتۇن – قىزلىرى پاكارراق...» . پېرژىۋالىسكىينىڭ بايانلىرى لوپلۇقلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرى بىلەن ئۆز كۆزىتىشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. لوپلۇقلارنىڭ قاراقوشۇن كۆلى بويىدىن كۆچكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ھازىر ئومۇمىي قاراشقا ئايلانماقتا، بۇ تەرىپى تىل نۇقتىسىدىنمۇ ئىسپاتلاندى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن قاراقوشۇن كۆلى ئەتراپىدىكى جايلاردا ياشىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
      1885– يىلى ئېكسپېدىتسىيە قىلىپ لوپ رايونىغا قايتا كەلگەن پېرژىۋالىسكىي «لوپ كۆلى  بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكىلەرنىڭ تۇرقىنى سېلىشتۇرسا، ئۇلارنىڭ سىياقىدا چوڭ پەرقلەر بار ئىكەن. بىراق ئومۇمەن ئالغاندا، موڭغۇل قېنى ئارىلاشقان تۈركىي سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىپى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ. موڭغۇللار سىياقىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى مەڭىز سۆڭىكى بۈرتۈپ چىققان، ساقىلى شالاڭ كېلىدۇ. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئوتتۇرا بويدىن سەل پاكارراق، ئېگىز بويلۇقلىرى ئازراق. تەن قۇرۇلۇشىنى ئىسكەتلىك دېگىلى بولمايدۇ، بىراق بىلىكى كۈچلۈك، بۇ بەلكىم دائىم كېمە تايىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇلارنىڭ تېرىسى ئاقۇش ياكى ساغۇش رەڭدە، باش سۆڭىكى ئېللىپسسىمان، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئارقا مېڭىسى كەينىگە پۇسكۇيۇپ چىققان، پېشانىسى پاكارراق. كىرپىكلىرى تەكشى، كۆزلىرى چوڭ، كۆز قارىقى قاپقارا، قىسمەنلىرىنىڭ بوز. قاڭشىرى ئېگىز، باشقىلارنىڭ تەكشى، يەنە بەزىلەرنىڭ بۈركۈت تۇمشۇقىدەك. كۆپلىگەن ئاھالىلەرنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ ئارقىسى كۆتۈرۈلۈپ چىققان، بىراق ساپ موڭغۇللارغا تامامەن ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كالپۇكى قېلىن، چىشلىرى كىچىك ھەم ئاق، قۇلىقى ئوتتۇرھال چوڭلۇقتا. ئېڭەك ساقىلى، ساقال ۋە بۇرۇتلىرى شالاڭ ھەم قىسقا، چاچلىرى قارا بولۇپ يەنە خېلى بىر قىسمىنىڭ بوز رەڭدە، بولۇپمۇ خوتۇن – قىزلارنىڭ چېچى، ئەرلەرنىڭ ساقىلىمۇ بوز رەڭدە كېلىدۇ. ئەرلەر چېچىنى پاكىز قىردۇرۇپ ساقاللا قويىدۇ. توي قىلمىغان قىزلار چېچىنى ئىككى ئۆرۈم قىلىپ ساڭگىلىتىۋالىدۇ، چېچىنىڭ ئۇچىنى تال – تال قىلىپ ئۆرۈۋالىدۇ. خوتۇنلار چېچىنى ئىككى ئۆرۈۋالىدۇ. قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ چىراي تۇرقى، بەدەن تۈزۈلۈشى، ئەڭلى سىرتتىكىلەر بىلەن ئوخشاش، بىراق بويى پاكارراق، بەدىنى ئاجىز...» ، دەپ يازغان. مانا بۇلاردىن قارىغاندا، لوپلۇقلارنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكىنى موڭغۇل ئىرقى سۈپىتىدە تەسۋىرلەش بىرتەرەپلىمىلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. لوپلۇقلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئاھالىلەردىن موڭغۇل ئىرقىغا تەۋە ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلسىمۇ، لوپلۇقلار ئارىسىدا بىر يىلدەك تەكشۈرۈشتە بولغان ھەمدە موڭغۇللار ئارىسىدىمۇ ئېكسپېدىتسىيە سەپىرىدە بولغان پېرژىۋالىسكىي ناھايىتى ئېنىق ھالدا لوپلۇقلارنىڭ ئىرقىي جەھەتتە موڭغۇللاردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
    1890– يىلى قاراقوشۇن كۆلى بويىغا يېتىپ بارغان گابرېل بونۋالۇت مۇشۇ مەھەللىدىكى چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بىر موماينىڭ ئىككى تارىلىق چالغۇ بىلەن ئېيتقان داستانىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولغان، موماي ئېيتقان داستاننى ئۇلارنىڭ تەرجىمانى ئابدۇللا يۈسۇپ تاران تازا ئاڭقىرىپ كېتەلمىگەنلىكتىن، چارقىلىقتا تۇرغان كېمىچى لوپلۇق چارقىلىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا قايتا بايان قىلغان، ئۇمۇ چۈشەنمىگەن يەرنى قايتا – قايتا سوراپ ئېنىقلىغان، مۇشۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا بۇ داستانىنىڭ تولىمۇ قەدىمىيلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ داستان مومايغا ئاتا – بوۋىسىدىن قالغان بولۇپ قەدىمىيلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرماقتا. بۇ قەدىمكى داستاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: «بۇرۇننىڭ بۇرۇنىدا تۆت خان ئۆز يەرلىرىنى ئىدارە قىلىدىكەن. بۇ يەردە مۇسۇلمانلارمۇ بار بولۇپ كۈنلىرى پاراۋانلىق ئىلكىدە ئۆتەر ئىكەن. بۇ تۆت خان قاغۇلۇق (ھازىرقى چارقىلىقنىڭ ئۈچ كۈنلۈك غەربىدىكى جاي) تا تۇرۇشلۇق نۇنىياز ئاغا ۋە مارجان ئاغا؛ مىرەن كونا شەھىرى (ئابدال مەھەللىسىنىڭ ئەتراپىدا) دىكى چىل ئاغا (بۇ جايلار قەدىمدە شەھەر ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە خارابىسى بار)لار ئىكەن. تەساددىبىي ھالدا موڭغۇل لەشكەرلىرى تۆت تەرەپتىن باستۇرۇپ كەپتۇ، موڭغۇللار نۇسرەت قازانغاندىن كېيىن، بىر بۆلەك ئەرلەرنى قەتلى قىپتۇ، قالغانلىرىنى قۇل قىپتۇ. موڭغۇللار ئىدارە قىلىپ تۇرغان يەردىن قېچىپ چىققان خوتۇن – قىزلار كۈنچىقىشقا قاراپ قېچىپتۇ، يۇچۇن مەھەللىسىگە ئۈچ كۈنلۈك كېلىدىغان يەرگىچە قېچىپ بېرىپتۇ (بەزى كىشىلەر قېچىپ سايدام ئويمانلىقىغا بېرىپتۇ. پېرژىۋالىسكىي ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ئۇچراتقان ئىكەن – ئەسلىي كىتابنىڭ ئىزاھاتى). ئۇ چاغلاردا ئۇ يەردە سۇ بار ئىكەن، ھازىر قۇم شېغىللىق بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيى يوق ئىكەن، ئوت يېقىپ بۇلماق  قىلىپتۇ، شۇڭا ئۇ يەر ”قاراقوشۇن“ – قارا ئوچاق دېگەن مەنىدە ئاتىلىپتۇ، بۇ جاي نامى ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. ئۇلار بېلىق ۋە غاز تۇتۇپ يەپ ھايات كەچۈرىدىكەن. يۈز يىلدىن ئارتۇق مۇشۇنداق ھايات كەچۈرۈپتۇ. موڭغۇللار ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى يۇرت ماكانىنى ۋەيران قىلىۋېتىپ قايتىپ كېتىپتۇ، قاراقوشۇننىڭ سۇيىمۇ تەدرىجىي ئازلاپ قۇرۇپ كېتىپتۇ، ئۇلار يەنە كۈنپېتىشقا قاراپ كۆچۈشكە مەجبۇر بوپتۇ. بەزىلەر بۇرۇنقى يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ، بەزىلەر كورلا بىلەن لوپ مەھەللىسى ئارىسىدىكى تارىم دەرياسى بويىغا كۆچۈپتۇ. بۇرۇن قاغۇلۇق دېگەن يەرگە قايتىپ كەلگەنلەر بۇ يەرنىڭ نامىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەن، ئۇلار بۇ يەردىكى خارابىنى بايقاپ كولاپ بايلىق ئىزدەپتۇ. بىراق موڭغۇللار بۇ يەرنى قۇرۇقداپ قويغانلىقتىن پەقەت بىر يىپ ئېگىرىدىغان چارقنى تېپىپتۇ ۋە مۇشۇ چارقنى بەلگە قىلىپ، مۇشۇ يۇرتنى قايتا بەرپا قىلىپ ”چارقىلىق“– ”يىپ ئېگىرىدىغان چارق بار يەر“ دېگەن مەنىدە – دەپ ئاتاپتۇ. چارقىلىقتا ئولتۇراقلاشقانلار ئوۋچىلىق بىلەن قانائەت قىلىپ ياشاۋاتقان ئىكەن، كېيىنچە خوتەندىن ئىسمايىل ئاتا (بىز ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر ئاخشام قونغان – ئەسلىي كىتابنىڭ ئىزاھاتى) كېلىپ، ئۇلارغا: سىلەرگە تېرىقچىلىقنى ئۆگىتەي، دەپتۇ. كۆپچىلىك قوشۇلۇپتۇ، شۇڭا ئۇ خوتەندىن ئادەملىرىنى ئېلىپ كەپتۇ. كېيىنچە مۇشۇ يەرلىكلەر بىلەن خوتەنلىكلەر ئارىسىدا جېدەل بولۇپ قاپتۇ، خوتەنلىكلەر ئوغۇللىرىغا يەرلىكلەرنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن زىددىيەت پەسلەپتۇ. مۇشۇ خىل تويلىشىش بىلەن ئۇلار ئىرقىي جەھەتتىن شالغۇتلىشىپتۇ. بىراق يەرلىكلەر خوتەنلىكلەرنىڭ قىزلىرىنى ئالماپتۇ، شۇنداق قىلىپ نىكاھنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي ئۆز ساپلىقىنى ساقلاپ قاپتۇ... (بۇ موماي قاراقوشۇندىن كۆچۈپ كەلگەن ئەرلەر نىكاھىغا ئالغان خوتۇن – قىزلار ئىچىدە، بۇرۇن مۇشۇ يەرنى ئىستىلاھ قىلغان موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئالغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ موڭغۇل قېنى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك– ئەسلىي كىتابنىڭ ئىزاھاتى) . موماينىڭ ”چارقىلىق“ نامى ھەققىدىكى يەشمىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. بۇ ھەقتە چارقىلىق ئاھالىلىرى باشقىچە ۋەقە بىلەن ئوخشاش چۈشەنچە بەرگەن. پېرژىۋالىسكىي خاتىرىلىگەن رىۋايەت تاكى بۈگۈنگىچە تارالغان بولۇپ خوتەن تەرەپتىن ئالتۇنتاغقا ئوۋغا بارغان ئوۋچىلار يولدىن ئېزىپ، ھازىرقى چارقىلىق بازىرىغا كېلىپ قالىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە ناتونۇش بۇ جايدا يىپ ئېگىرىدىغان چارقنى كۆرۈپ ”چارق بار جاي“ دېگەن مەنىدە ”چارقىلىق“ دەپ ئاتىغان. بۇ ۋەقە 1800– يىلىدىن 1825– يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ، شۇندىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، تۇپرىقى مۇنبەت يەر ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشكەن كېرىيەلىكلەر، بۇ يەرگە كېلىپ يۇرت بەرپا قىلغان. موماي ئېيتقان بۇ تارىخىي داستان ناھايىتى قەدىمكى دەۋر تارىخىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ، ئالايلۇق موڭغۇللارنىڭ ئىستېلاسى دەۋرىدە ھازىرقى چارقىلىق كونا شەھىرىدە ئادەم يوق خارابىلىكلەر ئىدى، ئەمما لوپ شەھىرى ئاتالغان ۋاششەھىرى كونا شەھىرى ۋە كىتىك، مەردەك شەھەرلىرى گۈللىنىپ تۇرغان ۋاقىتلار ئىدى. مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئالغاندا، داستاندا سۆزلەنگىنى 12-، 13– ئەسىر ۋەقەلىكىدەك كۆرىنىدۇ، لېكىن بۇ ۋەقەلەرنىڭ 1725- يىلى ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشىنىش مۇۋاپىق بولسا كېرەك.
        يۇچۇن مەھەللىسىدىكى موماي تارىخىي داستانىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، تارىخىي تېمىدىن چەتنەپ باشقا  قوشاق، ناخشىلارغا جۈملىدىن ئۆزى توقۇغان بېيىتلارغا ئۆتكەن، گابرېل بونۋالوت يۇچۇن  مەھەللىسىدىكى بىر نەچچە ئەردىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ قىيىنلىشىشى سەۋەبىدىن ئۇ يەردىن ئايرىلىپ قاراقوشۇن كۆلى بويىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن. ئۇلار مۇشۇ يېڭى قاراقوشۇن كۆلى بويىغا كۆچۈپ كېلىپ تارىم دەرياسى قىرغىقىدا مەھەللىسىدە قاپتۇ، مۇشۇ يۇچۇن مەھەللىسىنىڭ ئاتىسى (يۇرت ئاتىسى) كونا قاراقوشۇن بويىدا تۇغۇلغان بولۇپ 1889– يىلى 70 ياشقا كىرىش ئالدىدا ئىكەن. يۇرت ئاتىسى تۇرىۋاتقان ئۆينى 30 نەچچە يىل بۇرۇن سالغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئومۇملاشتۇرغاندا يۇچۇن مەھەللىسىدىن كونا قاراقوشۇن تەرەپكە ماڭسا ئارىلىقتا ئىككى مەھەللە يەنى قاراكۆيۈك مەھەللىسى ۋە دۇچ (都其美村) مەھەللىسى بار. ئۇ يەرنىڭ سۇيى تۈگەپ، قۇمۇشلۇق يەرلىرى قۇملىشىپ كەتكەنلىكتىن، دۇچ مەھەللىسىدە ئادەم قالمىغان. قاراكۆيۈك مەھەللىسىدىكىلەرمۇ خارابلىشىۋاتقان مەھەللىسىنى تاشلىغان، ئاخىرقى ئىككى ئائىلىمۇ نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ كۆچۈشكە تەييارلىنىۋارقان ھالەتتە ئىدى. يۇچۇن مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ خاتىرجەم كۈنلىرىمۇ ئاخىرلىشىپ كۈنپېتىشقا كۆچۈش ھازىرلىقىنى قىلغان ۋاقىتلار بولۇپ ئاشۇ بېلىق تۇتۇپ ھايات كەچۈرگەن كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى چارقىلىق بوستانلىقىغا كۆچۈپ يەر تېرىش نىيىتىگە كەلگەن.
   1889– يىلى 10– ئاينىڭ 17– كۈنى ياڭىكۆل مەھەللىسىگە يېتىپ كەلگەن گابرېل بونۋالوتنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىدىكىلەر، يەرلىك ئاھالىنى ئىرقىي جەھەتتىن كۆزەتكەن بولۇپ «بايقىشىمىزچە بۇ يەردىكىلەرنىڭ سىن تۇرقىدا پەرق بەك چوڭ ئىكەن. ياۋروپا بازارلىرىدا كۆرىدىغانلىرىمىزدەك، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ۋە بۇرنى ئوخشاشمايدۇ. ساپ قىرغىزلارغا ئوخشايدىغان ۋىجىك، سېمىز، كۆزى كىچىك، چىشلىرى ھىڭگايغان، ئۆچكە ساقال كىشىلەر؛ سارت (ئۆزبېك) لارغا ئوخشايدىغان ئوتتۇرا بوي، قامەتلىك، بومبۇر قارا ساقال كىشىلەر؛ قىسمەنلىرى بوز كۆزلۈك؛ يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ مەڭزى قىزغۇچ، كۆككۆز، تېرە تەلپەك كىيگەن» ، دەپ يازغان.  گابرېل بونۋالوت كونا ئابدال ۋە يېڭى ئابدالدىكى ئەرلەرنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغانلىقىنى يېزىش بىلەن بىرگە، يېڭى ئابدال مەھەللىسىدىكى ئاياللارنىڭ چىراي تۇرقىنى بايان قىلىپ: «بۇرنى شىرنىڭكىگە ئوخشاش پاناق، چىشلىرى تومپىيىپ چىقىپ تۇرىدىغان، كۆز قۇيرۇقى ئۇزۇن ھەم  ئۇز، كۆز ئالمىسى تومپىيىپ چىققان، قېلىن قاپاق، ئېغىزى چوڭ، ئېغىزى بىلەن بۇرنىنىڭ ئارىسى ئۇزۇن. مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا موڭغۇللارغا ئوخشىشىدۇ...»  ، دەپ تەسۋىرلىگەن. مانا بۇلار، لوپلۇقلار ئارىسىغا ئاسسىلىماتىسيە بولغان ئېتنىك تەركىبلەرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەيلى يازما ئۇچۇرلار بولسۇن، رىۋايەت – داستانلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بولسۇن، لوپلۇقلارنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋردىن باشلاپ مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەنلىكى، قەدىمدە شەھەرلىرى بولغانلىقى، كېيىن شەھەرلىرى ۋەيران بولۇپ كۆپلىگەن ئاھالىسى قوشنا يۇرتلارغا كۆچۈپ، ئاز بىر قىسمىنىڭ يۇرت ماكانىدا قېلىپ، دەريا - كۆل بويلىرىدا ياشىغانلىقى، مانا بۈگۈنكى كۈندىكى كىشىلەر ئەنە شۇ يەرلىك سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە جۈملىدىن مۇسۇلمان بولغاندىن بۇيان ياشاۋاتقان يۇرتىنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىنى «لوپتۇق» دەپ ئاتىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇلارنىڭ كەڭرى بۇ زېمىندا ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ياشىغانلىقى، ياقا يۇرتتىن پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەنلەرنى ئۆز قوينىغا ئالغانلىقى ئىرقىي ئالاھىدىلىكىدىنمۇ كۆرىنىپ تۇرغاندىن سىرت رىۋايەتلىرىدىنمۇ مەلۇم. مەسىلەن، «قالماقتار» بىلەن بولغان ئالاقىلەر، تۈبۈتكە تاۋابقا ماڭغان ۋە كەلگەن ئاھالىلەر، قەشقەردىن كېلىپ ياشىغان «قىرغىززار»، جەنۇب تەرەپتىن كېلىپ قالغان «جوداقتار»، تۇرپان تەرەپتىن كەلگەن «ياللا»، كېرىيەدىن كېلىپ دېھقانچىلىقنى ئۆگەتكەن ئاھالىلەر..، مانا مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا تەبىئىي شالغۇتلىشىپ، ئىرقىي جەھەتتىن مۇرەككەپلىك شەكىللەندۈرگەن. ئومۇمەن ئالغاندا، لوپلۇقلار ناھايىتى قەدىمدىن مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادىدۇر.  
لوپلۇقلاردا قەبىلە مەسىلىسى لوپلۇقلاردا قەبىلە بارمىدى؟ كۆپىنچى كىشىلەر بەزى ئاھالە توپلىرىنى ياكى ئومومىي لوپلۇقلاردىن ئازىراق پەرقى بار توپلارنى كۆرسە قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشنى ئادەت قىلىۋالدى، ئەمەلىيەتتە لوپلۇقلاردا قەبىلە مەۋجۇد ئەمەس (ھېچ بولمىغاندا 1600– يىللاردىن كېيىن). لوپلۇقلاردا تىلغا ئېلىنغان قەبىلە 1725- يىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا كۆرىلىدۇ، بۇ توغرىدىكى ئۇچۇرلارنى يۇقۇرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇق. خەنزۇچە شۇ ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان قاراقوشۇن ۋە قاراكۆلنى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇش تۈپتىن خاتا. ئۇيغۇرلاردا ئۆزلىرىنى ياشاۋاتقان جاي نامى ئارقىلىق ئاتاش ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئومۇمىي ئەھۋال. بۈگۈنكى كۈندە كورلىلىق، قاراشەھەلىك... دېگەنگە ئوخشاش ئۆزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن ئاتىسا، ئۇلارنى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇغىلى بولمىغاندەك، بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى لوپلۇقلارنىڭ جاي ناملىرى بىلەن ئاتىغان قاراقوشۇنلۇقلار ۋە قاراكۆللۈكلەرنىمۇ ئايرىم قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشقا بولمايدۇ. قاراقوشۇن كۆلى ھازىرقى دەۋردە ئېيتىلىۋاتقان تارتما كۆلى (قارابوران كۆلى)  بىلەن لوپ كۆلى ئارىسىغا جايلاشقان چوڭ بىر كۆل. قاراكۆل بولسا ھازىرقى يېڭىسۇ ئەتراپلىرىدىن ئارغانغىچە بولغان جايلاردىكى كۆللەرنىڭ ئومۇمىي نامى شۇنداقلا شۇ يەردىكى بىر كۆلنىڭ نامى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا دەريا ۋە كۆللەرنى مەركەز قىلىپ ياشايدىغان لوپلۇقلاردىن خېلى كۆپ كىشىلەر مۇشۇ ئىككى كۆلنى مەركەز قىلغان ھالدا ياشىغان، شۇڭلاشقا ئۆزلىرىنىمۇ شۇ يۇرتلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. قەبىلە مەلۇم سىياسىي تۈزۈلمىگە ئىگە تارىخىي ئاتالغۇ، ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغان مەزمۇنى ئادەتتىكى ئىنسان توپلىرىدىن خېلى كۆپ مۇرەككەپ. قەبىلىلەرنىڭ مەخسۇس تۈزۈلمىسى بولۇپ ئۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقى ياكى ئاقساقىلىنىڭ رەھبەرلىكىدە قاتتىق يۈرگۈزىلىدىغان يوسۇنلىرى، سىياسىي تۈزۈلمىسى، ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشى، ئېتىقاد شەكلىنى ئالغان مۇراسىملىرى... بولىدۇ. گەرچە لوپلۇقلاردا بەگلەرنىڭ باشقۇرىشىدا بەزى پائالىيەتلەر بولسىمۇ قەبىلىلەر بىلەن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. تۆۋەندىكى رىۋايەتلەردە سۆزلەنگەن تۆت جەمەت يەنى ”قوڭغۇزيېگەنلەر“، ”تاۋۇزئاتقانلار“، ”توغراقكەسكەنلەر“، ”ئايقوغلىغانلار“نىمۇ قەبىلە  دېگۈچىلەرمۇ بار، مېنىڭ قارىشىمچە بۇلار تۆت قەبىلە ئەمەس، تۆت جەمەت بولۇشى مۇمكىن.
(1) قوڭغۇز يېگەنلەر ھەققىدە رىۋايەت: بۇرۇنقى زاماندا  بىر بۆلۈك كىشىلەر  لوپ رايونىغا باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپتۇ. ئۇلار، بۇ خەقلەر ساراڭمىدۇ ياكى ئوڭمىدى، ئەگەر ساراڭ بولسا ھايات قالدۇرايلى، ئەگەر ئوڭ بولسا ھەممىسىنى ئۆلتۈرەيلى، دېيىشىپتۇ. باسقۇنچىلار ئۇلارنى سىنىماق بولۇپ قارا ئۆژمە بىلەن قوڭغۇزنى ئەكىلىپ ئالدىغا قويۇپتۇ. لوپلۇقلار ئالدىغا قۇيۇلغان ئۈژمە بىلەن قوڭغۇزنى كۆرۈپ قورسىقىغا جىن كىرىپتۇ ۋە «تۇيدۇ قۇلۇسۇ تۇيسۇن، ماڭدۇ قۇلۇسىنى يەيلى» دەپتۇ-دە، ئاۋۋال قوڭغۇزنى يېيىشكە باشلاپتۇ. تاجاۋۇزچىلار شۇندىن كېيىن بۇلار ساراڭ ئىكەن دەپ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەپتۇ. بۇ رىۋايەتنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى بار، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا لوپلۇقلار بىلەن خوتەنلىكلەر ئارىسىدا ئەمدىلا ئالاقە بولغان زامانلار ئىكەن، خوتەنلىكلەر لوپلۇقلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ۋە شۇنىڭغا قاراپ سودا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈتۈپتۇ-دە ھىلە ئىشلىتىپتۇ، ئۇلار ئۈزۈم قېقى بىلەن قوڭغۇزلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ يىيىشى ئۈچۈن ئالدىغا قويۇپتۇ، لوپلۇقلار بۇرۇندىن باغ ۋاران قىلمىغاچقا مېۋىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇرغىنى تۇرغاچ تۇرسۇن، ماڭغىنىنى يىگەچ تۇرايلى دەپ ئالدى بىلەن قوڭغۇزلارنى تۇتۇپ يەپتۇ، خوتەنلىكلەرمۇ بۇلارغا تەڭ كەلگىلى بولمىغۇدەك دەپ باراۋەر سودا قىلىپتۇ (سىياسىي كېڭەش چارقىلىق ناھىيەلىك كومتېتىدىن تۇردى ھاشىم، چارقىلىق ناھىيە تىكەنلىك يېزا لوپ مەھەللىسىدىن روزى كېزىك بايانلىرىغا ئاساسەن قىزى گۈلنىسا ئېيتىپ بەرگەن). بۇ رىۋايەت بىلەن دولانلىقلار ئارىسىدىكى رىۋايەت تامامەن ئوخشاش، يۇقارقى تارىخىي يازمىلاردىن لوپلۇقلار بىلەن دولانلىقلار ئارىسىدا مەلۇم ۋاقىت بىرگە ياشىغانلىقى ۋە  ئۆز-ئارا ئارىلىشىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، ئەمما بۇ رىۋايەتنىڭ لوپلۇقلاردىن دولانلىقلارغا تارالغانمۇ ياكى دولانلاردىن لوپلۇقلارغا تارالغانمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس.
(2) تاۋۇز ئاتقانلار ھەققىدە رىۋايەت : بۇ ۋەقە ھازىرقى چارقىلىق دائىرىسىدە بولغان ئىكەن. ئۇياق – بۇياققا ئۆتكەنلەر ھازىرقى چارقىلىق بوستانلىقىدا تاۋۇز يەپ ئۇرۇقىنى تاشلاپ كەتكەن ئىكەن. لوپلۇق ئوۋچىلار بۇ رايونغا كېلىپ قېلىپ قارىسا يۇمۇلاق جانىۋار تۇرغۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئېتىپتۇ. ئېتىپ بولۇپ قارىسا شۇنداق يوغان بۇ يۇمۇلاق جانىۋارنىڭ قېنى چىققان ئىكەن، تېتىپ كۆرسە تاتلىق (قازاندا پىشۇرۇپ يەپ بېقىپتۇ دېگۈچىلەرمۇ بار)، شۇنىڭ بىلەن تاۋۇزنى يەيدىغان بوپتۇ. (چارقىلىق ناھىيە تىكەنلىك يېزا يېڭىسۇ چارۋىچىلىق مەھەللىسىدىن مۇھەممەد ئوسمان ئېيتىپ بەرگەن)  
(3) ئاي قوغلىغانلار ھەققىدە رىۋايەت: لوپلۇقلار بېلىقچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرىدىكەن، ئۇلار بىر كۈنى كېچىسى دەرياغا تور تاشلاپ قارىغۇدەك بولسا بىر ئاق ھەم چوڭ بېلىق ئۈزۈپ كېتىۋاتقۇدەك، شۇنىڭ بىلەن لوپلۇقلار بۇ قانداق بېلىقتۇ دەپ تۇتماق بولۇپ ساچماقنى سانچىغان ئىكەن ئاينىڭ شولىسى بولغانلىقتىن پارچىلىنىپ كېتىپتۇ. (سىياسىي كېڭەش چارقىلىق ناھىيەلىك كومتېتىدىن تۇردى ھاشىم ئېيتىپ بەرگەن)
(4) توغراق كەسكەنلەر ھەققىدە رىۋايەت: لوپلۇقلار توغراقلىقلاردا ياشىغانلىقتىن ساتمىلىرىنى توغراقلىقنىڭ ئارىسىدا بىر قانچە توغراق ياغىچى تىكلەپلا ياسايدىكەن، ئۇلار كۆچمەكچى بولغاندا توغراقنى كېسىدىكەندە كېتىپ قالىدىكەن، كېيىنچە كۆچۈپ كەلگىنىدە مۇشۇ يەرگە قايتىدىن ساتما ياسايدىكەن، لازىمەتلىك نەرسىلىرىنى ئەسلىدىكى ساتمىسى بېسىپلا ساقلىنىدىكەن، كېيىنچە بۇنداق ئادىتى بار كىشىلەر توغراق كەسكەنلەر دەپ ئاتالغان ئىكەن (سىياسىي كېڭەش چارقىلىق ناھىيەلىك كومتېتىدىن تۇردى ھاشىم ئېيتىپ بەرگەن).
      ئويمانكۆل مەھەللىسىدكى ئىسسام كۈنچىققان لوپلۇقلار ئارىسىدىكى لەقەملەر توغرىسىدا سۆزلەپ «چارخلۇقتاقى لاقام: 1) ئاي قولاغان، 2) قۇچۇللۇق (<قۇچۇنلۇق) ، 3) تۈۋرۈك كەسسى (<كەستى). مەشەدىكى لاقام: 1) جوداق، 2) قاراقوشۇللۇق، دەپ بايان قىلغان . ئومۇمەن ئالغاندا، لوپلۇقلار ئارىسىدىكى توپلار جەنۇبتا ئەسلىدىن قاراقوشۇنلۇقلارنى مەركەز قىلغان بولسا، شىمالغا سۈرۈلگەنسېرى ياللا، جوداق ۋە قالماق لەقەملىكلەر قوشۇلۇپ بارغان، بۇلار ئەمەلىيەتتە شىمالغا سۈرۈلگەنسېىر تۇرپان ۋە پىچان ھەم كورلا – قاراشەھەر تەرەپتىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئىپادىسى خالاس.
      بەزى كىشىلەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت جەمەت كىشىلەرنىمۇ قەبىلە سۈپىتىدە تونۇيدۇ، ئۇلار قەبىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك. يەنە بەزى كىشىلەر يانلار، جوداقتار، قىرغىززار، قالماقتار...لارنىمۇ لوپلۇقلاردىكى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشقا ئورۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىمۇ قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشقا بولمايدۇ. جوداقتار «جەنۇبتىن كەلگەنلەر» دېگەن مەنانى ئاڭلاتسا، يانلار «يان تەرەپتىن كەلگەنلەر» دېگەن مەنىنى ئاڭلاتقان. بۇلار ئەمەلىيەتتە باشقا جايدىن كۆچۈپ كەلگەن مەلۇم ساندىكى ئاھالە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇلارنى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇش خاتالىقتۇر. «قىرغىززار» ۋە «قالماقتار»نىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن قىرغىز ۋە موڭغۇل مىللەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سانى نەچچە يۈز كىشى، ئۇلار لوپ رايونىغا كۆچۈپ كەلگەندە نەچچە ئون ياكى نەچچە كىشىدىن تارالغان، ئۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەسلىي ئېتنىك مەنبەسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ لوپلۇقلارغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، پەقەت ”قىرغىززار“ ۋە ”قالماقتار“ دېگەن ناملىرى گەرچە مىللەت نامى بولسىمۇ، لوپلۇقلار ئارىسىدا جەمەت لەقىمى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان خالاس. بۇرۇنقى زامانلاردا ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي خارەكتىرگە ئىگە تۈزۈلمىسى، قەبىلىنىڭ نامى، ئايرىم شىۋىسى، ئۇرۇق ئاقساقاللىرىدىن تەشكىللەنگەن سىياسىي ھاكىمىيىتى، ئۇلارغا تەۋە ئۇرۇقلار ۋە چوقۇنىدىغان توتىمى (دىنىي ئىدىيىسى، بايراملىرى، مەبۇدى)، قەبىلىنىڭ ياشايدىغان زېمىن دائىرىسى بار ئىدى. ئالىملارنىڭ تەبىرى بويىچە قارىغاندا، قەبىلە ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە قانداشلىق ئاساسىدىكى جەمەتلەر ياكى ئۇرۇقلارنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تەشكىلات، ئۇنىڭدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جەمەت بولىدۇ. قەبىلە باشلىقى ياكى ئۇرۇق ئاقساقاللىرىدىن تەركىب تاپقان قەبىلە كېڭەشمىسى بولغان بولىدۇ.  مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئالغاندا، لوپلۇقلاردىكى قەبىلە ھەققىدىكى ئېغىز بايانلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن لوپلۇقلارنى قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشقا بولمىغىنىدەك، ھەر قايسى جەمەت ياكى ئىجتىمائىي توپلارنىمۇ قەبىلە سۈپىتىدە تونۇشقا بولمايدۇ.

0

تېما

0

دوست

620

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرغىزلار تالاشمىغان مۇشۇ قاپتىمۇ ..بۇپتىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن ۋاي دىگۈدەك ئادەم چىكمىغاندىن كىيىن شۇنداق دەيدۇ شۇ ..بىر پۇتىنى بىزگە باغلىسا سەل مەدەنىيەتلىك تۈسىگە ئىگە بۇلۇشىنى ئۇيلاپ شۇنداق دىگەن بۇلشى مۇمكىن ...بىشىنى سىلاپ قۇيايلى بۇپتۇ ..،ھەقىچان بىرەسى يازدەپ دىدىدە ئاكىسى ...ئاڭ سەۋيەرى بىزنىڭ بىلەن تەڭ بۇلغان چاغدا تالاشمايدۇ ..ئۇقىمىغاندە ...ھەي بۇلا ئۇقۇمايدۇ ...شۇڭا بىلمەيدۇ ...

4

تېما

0

دوست

546

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16614
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 154
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-27
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىككى قەۋىم ئوتتۇرىسىغا تالاش-تارتىش ئېلىپ كېلىدىغان مۇنازىرىگە قاتىنىشىشنى رەت قىلمەن.
قىرغىز قېرىنداشلارنىڭمۇ بۇ يەردە ئېناقلىققا تەسر يەتكۈزىدىغان پاراڭلارنى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، بەك مۇنازىرە قىلغۇڭىز كەلسە مامبەتتۇردى مامبەتئاقۇن پروففىسوردىن سوراپ بېقىشڭىزنى ئۈمىد قىلمەن. ئۇ سىزگە سىز رازى بولغۇدەك جاۋابنى بېرىدۇ.
  

0

تېما

0

دوست

26

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23349
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-27
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ زېرىكتىم بۇ ئەخمىقانە تالاشتىن ،ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى ئۆچۈرۈۋەتسەڭلە بولماسمۇ زادى.........

0

تېما

0

دوست

567

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8483
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 137
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-25
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[مەن لوپنۇرلۇق.يەنە كېلىپ نەچچە مىڭ يىللاردىن لوپنۇردا ياشاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى.تۇركىي تىللار تەتقىقاتى دېگەن كىتاپتا يېزىلغان لوپنۇرلۇق ئاتاۋۇللا قاسىمنىڭ نەۋرىسى.مەن 10نەچچە ئەۋلادقىچە ئاتا-بوۋامنىڭ ئىسمىنى بىلىمەن.يەرلىك رىۋايەتلەرنىمۇ جىق ئاڭلىغان.تارىخى ماتىرىياللارنىمۇ جىق ئوقۇغان.ئەمما لوپنۇرلۇقلار قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دېگەن دېگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.ھەم ئۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس.ھەقىقەتەن مۇڭغۇللار ئارىسىدا غالدان سىرىن دەۋرىدەئىچكى نىزا يۇز بېرىپ ،بىر قىسىم مۇڭغۇللار خان جەمەتىدىن بولغان مۇڭغۇل باللىرىنى ئېلىپ قېچىپ يۇرۇپ،لوپنۇردىكى تارىم دەرياسىنىڭ يوقىرى ئېقىنىغا بېرىپ قالغان.تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقى تۇپەيلىدىن ئەينى چاغدىكى يۇرت ئاقساقىلىغا ئىككى بالىنى بېقىشقا بەرگەن (بىر قانچە مانجارغا تېگىشكەن، مانجار بىلىق تۇتىدىغان تور) بۇ بالىلار ئىسلام دېنىنى ئۆگىنىپ بالا باقىلىق بولغان،كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۇرت ئاقساقاللىرىغا دېنى ئۆلىمالارغا ئايلانغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نامى يادلىنىپ،ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەرلىك كىشىلەر تەرپىدىن قالماقلار ،قالماقتا دەپ ئاتالغان(كۇردۆڭلارمۇ ئاتاسىنى،ئولتۇرۇپتۇ كاتاسىنى،بىر مانجارغا سېتىۋالغان،چوڭ قالماقنىڭ ئاتاسىنى)دېگەندەك قوشاقلار تارقالغان.لوپنۇرنىڭ قارچۇغا دۆڭقۇتان رايۇنىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇ بالىنىڭ ئەۋلادى ياكى ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن توي قىلىپ كۇپەيگەن بولغاچقا بەزى چاغلاردا كىشىلەر شۇ ئۆتمۇشنى ئەسلەپ بىر بىرىنى قالماق دەيدىغان قىسمەن ئەھۋاللار بولغان.ئەمما مەن ىرمۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى قالماق دەپ ئاتىغانلىقىنى،ياكى قىرغىزلار بىلەن تۇققانچىلىق مۇناسۋىتى بارلىغىنى دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىم.لوپنۇرلۇقلار چەت ياقا جايلاردا ياشىغان بولغاچقا سۆزلەش ئالاھىدىلىكى قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلەش ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان.مەن تۇركچە لۇغەتنى كۆرۇپ لوپنۇر دىيالىكتىنىڭ تۇركچىگە خىلى يېقىنب ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.قىرغىزلارمۇ تاغدا يۇرگەن بولغاچقا تىلدىكى قەدىمقى تۇرك تىلى ئالاھىدىلىكى نىسبەتەن ساقلىنىپ قالغاچقا لوپنۇر دىيالىكتى بىلەن قىرغىز قازاق تىللىرى يېقىن كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىشى مۇمكىن.مەسىلەن:بىز بېلىقنى بالېق دەيمىز.بارمىدىم دېگەننى بارالمىدىم دەيمىز.چوڭ پەرق يوق.ئەمما بۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ قىرغىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )