- تىزىملاتقان
- 2013-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1500
- نادىر
- 0
- يازما
- 123
ئۆسۈش
50%
|
بۇ ماقالىنى ھەپتە ئالدىدا ئوقۇپ تۈگەتكەن ،ئىنكاس يېزىشقا ۋاقىت يار بەرمىگەن ،ئەمدى بولسىمۇ تولۇقلىۋالاي...
ئالدى بىلەن بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ، قىسمەت ئوخشاشلىقىمىز ئەڭ يېقىن بولغان يەھۇدىلارنى كۆزىتىپ ،ۋاقىت ئىچىدىن سىكونتلاپ ۋاقىتلارنى يىغىپ، بۇ چۈشۈنۈشلۈك ،ئىلمىي،ھەقىقەتنى ئاساس قىلغان نادىر ماقالىسىنى بىزلەرگە سۇنغىنىدىن بەكمۇ سۈيۈندىم،مۇشۇ پۇرسەتتە بىلىمخۇمار ئاكىمىزغا سالامەتلىك ،ئۇزۇن ئۆمۈر،تۇرمۇشىغا بەخىت تىلەيمەن...
مىنىڭچە بۇ ماقالىنى ۋە ئۇلىنىش قىلىپ قويغان ماقالىنى (يەنى‹يەھۇدىلارنى 3000يىل ساقلاپ قالغان سەۋەپلەر›)ھەر بىر ئۇيغۇر چوقۇم ئوقۇشى كېرەك.ئەلۋەتتە زور كۆپچىلىكىمىز ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمىز،بەزىلەر ھەر جايلاردا ئەمەلىي پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ،بەزىلەر ئۆز پەرزەنتىنى بولسىمۇ ياخشى تەربىيلەۋاتىدۇ...بەزىلەر ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتەلمىسىمۇ ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشنى ھەر ۋاقىت ئىسىدىن چىقارمايۋاتىدۇ،قىسقىسى ،ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشنى زور كۆپچىلىكىمىز بەكمۇ بەكمۇ بەكمۇ ...خالايمىز...
ماڭا تېمىدىكى ئەڭ تەسىر قىلغان نۇقتا:1.يەھۇدىلارنىڭ كىچىكىدىلا تەۋراتنى چۈشۈنۈپ
،ھەقىقى ماھىيىتىگە يىتىپ ئۆگۈنۈپ،كىچىكىدىلا غايەت زور بىلىم بىلەن قوراللىنىشى بولدى.ئۇلار بۇ جەرياندا ئەخلاقى جەھەتتىن ئۆزىنى تاكاماللاشتۇرۇپلا قالماي،پەلسەپەۋى پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ ئاجايىپ ماھارەتكە كۆتۈرىدىكەن،جەريانلاردا تاش ساناپ بولغىچە قۇم ساناش ئىدىيىسى ئۇلارنىڭ كاللىسىغا كىچىكىدىلا مۆھۈر باسقاندەك بېسىلىپ كىتىدىكەن. مىنىڭچە خېلى ياشتا چوڭلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ كىچىك بالىسىچىلىك بولالمىغىدەكمىز...
2.ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىشى...بەلكىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زىيالىسى يوقلىرى بەكمۇ ئازدۇ،ياكى يوقتۇر...ھەقىقى مەدەنىيەتلىك
مىللەت دىيىشكە بولغىدەك...ئۇلارغا كىممۇ ھەسەت قىلمىسۇن...
3.ئۇلارنىڭ كۈچلۈك بولالىشىدىكى ‹لوبىيلىق قىلىش›ئامىلى ئادەمنى سەل تېڭىرقىتىپ قويىدىكەن.بۇ قۇرلارنى ئوقىغاندا،بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى باشتا‹مەجبۇرلاش›دەپ چۈشەندىم،‹شەخسىيەتچى خەقكىنا بۇ› دەپ ئاچچىقىممۇ كەلدى،بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇشۇ ئامىلنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلغاچقا ،شۇنداق قىلىدىغاندۇ دەپ باشقا تەرەپتىنمۇ چۈشۈنۈپ باقتىم،لىكىن يەنىلا مۇشۇ ئامىل كاللامدا ئانچە ئايدىڭ ئەمەس...
....................................................
ئەسلى كۆپتى مۇشۇنچىلىك يازاي...
نىمىلا دىمەيلى ئۇلار ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىرىشىۋاتقان مىللەتكەن...ماۋۇ يەھۇدىنى تىللاۋاتقانلار سىلەر نىمىشقا ئىلمىي پوزىتىسىىدە تۇرۇپ ،ھەقىقەتنى ياقىلاپ ئىككى ئېغىز لىللاھ گىپىڭلارنى بولسىمۇ ئىنكاسىڭلارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قۇيۇشقا پەسلىك قىلىسىلەر......
بىزمۇ ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ،ئۆزىمىزگە تەسىر قىلغان تەرەپلىرىنى تەدبىقلىساق نىمىشقا بولمىغىدەك......
|
|