قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 831|ئىنكاس: 1

مەرھۇم تۇرسۇن بايمەت ھەققىدە ئەسلىمىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

444

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11340
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-24 15:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                     
مەرھۇم تۇرسۇن بايمەت ھەققىدە ئەسلىمىلەر  





جامالىدىن جالالىدىن



      ئىلى ئۆزىنىڭ تارىخدا   ئۆتكەن قەھرىمانلىرى بىلەن ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات شۆھرەتلىنىپ كەلدى.بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ئىش-ۋەقەلەر بۈگۈنگە قەدەر يۇرت خەلقى ئىچىدە شەكىلسىز  كىتاب تەرىقىسىدە يادلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
    سۆزۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تونوشتۇرماقچى بولغان <<تۇرسۇن باي>>دىگەن نامنىڭ ئىگىسى ،كوپكە تونولغان يۇرت ئاتىلىرىنىڭ بىرى.مەرھوم تۇرسۇن بايمەت ئەنە شۇ ئادىمىيلىك خىسلەتكە باي ،سېھرى كۈچكە تولغان يۇرت ئەزىمەتلىرىنىڭ بىرى.
    ئىگىلىشىمچە ،تۇرسۇن بايمەت تەخمىنەن 1885-يىللىرى تۇغۇلۇپ ،1948-يىلى 63 ياش ئەتراپىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى نامەنگەن بولوپ،ئۆسمۈرلۈك مەزگىللىرىدە دادىسى بايمەت (بايمەتوپ) بىلەن كۈرە،غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ-كېتىپ يۈرۈپ،ئات ھارۋىلىق سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ،غۇلجا شەھىرىدا ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىپ تۇرغان.كېيىنچە خېلىليۈزى تەۋەسىدىكى دۆڭمەھەللە (دۆڭمەھەللە كەنتى)گە مۇقىم ئولتوراقلاشقان.ئەينى ۋاقىتلاردا دادىسى بىلەن كۆپنى كۆرۈپ ناھايىتى چىداملىق چوڭ بولغان تۇرسۇن دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر مەزگىل ئات قېتىلغان چانا بىلەن غۇلجىغا ئوتون ئەكىرىپ ساتقان(شۇ مەزگىللەردە كۆمۈر قىس بولغانلىقتىن ئاھالىلەر ئاساسلىقى ئوتون قالايدىكەن). مەلوم كۆلەمدە تېرىقچىلىق قىلىش،چارۋا بېقىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ مۇئەييەن ئىگىلىك ئاساسىنى تىكلىگەن.بارا -بارا ئائىلە ئىگىلىكى راۋاجلىنىپ روناق تىپىپ خېلى زور كۆلەملىك تىرىلغۇ يەر،مال-چارۋىغا ئىگە بولوپ،يۇرت ئىچىدە ھاللىق ئقتىسادى،جىسمانى جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكى بىلەن شۆھرەت قازىنىشقا باشلىغان.
    ئەينى يىللىرى تۇرسۇن بايمەت دۆڭمەھەللە كەنتىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چوڭ بىر ئۆستەڭ سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان ،مەنزىرىسى گۈزەل،ئۆلچەملىك جايدا ئۆي،مال قوتىنى،ئىككى يۈز ئادەم بىمالال سىغىدىغان كۆركەم راۋاق ،ئوتتوز مو ئەتراپىدىكى باغ،چوڭ تۈگمەن قاتارلىقلارنى بىنا قىلىپ،تەۋەيىدىكى يۇرت نامدارلىرى قاتارىدىن ئورون ئالغان.شۇ مەزگىللەردە غۇلجا تەۋەسىدىكى نامدار كىشىلەردىن ھېكىمبەگ غوجا،تېيىپزات تاھىرى،غېنى باتۇر قاتارلىقلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن.بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇلار بۇ ئارامگاھقا كىلىپ دەم ئىلىپ،مەشرەپ ئوينىغان.(يەر ئىسلاھاتىدىن كىيىن بۇ ئورون ھۆكۆمەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈلگەن.1954-يىلى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى قۇرۇلغاندا مەزكور قورونى دوختۇرخانا ئورنى قىلىپ،بىرنەچچە يىل ئۈنۈملۈك پايدىلانغان)تۇرسۇن بايمەت ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ،ئىقتىسادى ئاساسىنى داۋاملىق كۈچەيتىش مەقسىدى بىلەن ئەتراپىدىكى يىتىم-يىسىر،نامرات كىشىلەرنى توغرا يول بىلەن ئىشلىتىپ بوز يەر ئاچقان،باغلارنى بىنا قىلغان،تاغلاردىن يايلاق ئىلىپ ماللارنى باقتۇرغان.ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەينى يىللىرى غۇلجىدىكى نوۋىگورت(يىڭى مەھەللە)ئەتراپىغا قورو- جاي سالدۇرغان.
    كېيىنچە ئۇ تەدرىجى ھالدا ئىلى تەۋەسىدىكى نامدار بايلار قاتارىدىن ئورون ئىلىپ ئۈرۈمچى،قۇمۇل قاتارلىق جايلارغىچە نامى تارالغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە جىسمانى جەھەتتىكى كۈچتۈنگۈرلىكى بىلەن ئاۋام ئىچىدە ئالاھىدە شۆھرەتلىنىپ،<<تۇرسۇن باتۇر>><<تۇرسۇن پالۋان>>قاتارلىق ناملارغا مۇيەسسەر بولغان.تاغلارغا چىقىپ ماللىرىنى كۆرۈپ كىلىش،تاماشا قىلىش جەريانلىرىدا باتۇرلار بىلەن تۈرلۈك ئۇسۇللاردا كۈچ سىنىشىش نەتىجىسىدە نام قازانغان.
    ئۇ كەمتەر ئەمگەك سۆيەر كىشى بولغاچقا،خامان تېپىش مەزگىللىرىدە دېھقانلار بىلەن ئەمگەك قىلاتتى،ھەتتا خامان ئەتراپىغا چېچىلىپ كەتكەن دانلارنى ئېرىنمەي تېرىپ ئەتراپىدىكىلەرگە ئاشلىقنى قەدىرلەش تەربىيىسى بېرىپ،بۇزۇلغان ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى ئوڭشاش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن.
    بىر كۈنى تۇرسۇن باي ئېتىزلارنى ئارىلاپ كىتىپ بارسا بىر خاماندا توت-بەش دېھقان يوغان بىر تۇلۇققا قاراپ تۇرغان.بۇنى كۆرگەن تۇرسۇنباي دەرھال بۇ يەرگە كېلىپ دېھقانلارنىڭ تۇرۇمى بوشاپ كەتكەن تۇلۇقنى ئوڭشىيالمايۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ،چوڭ تۇلۇقنى(ئۈچ يۈز كېلوگىرام ئەتراپىدا)ئاسانلا تىك تۇرغۇزۇپ بېرىپ كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغان.يەنە بىر كۈنى تۇرسۇن باي دېھقانلار بىلەن خامان تېپىۋاتسا يىراقتىن ياراق ئات مىنگەن،يېنىدا بىر زاپاس ئات بار،نۇقتا،ئېگەر جاپدۇقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغان،ئۆزى پۇزۇر كىيىنگەن بىر كىشى كېلىپ خامانچىلاردىن تۇرسۇننىڭ ئويىنىڭ نەدىلىكىنى سورىغان.بۇ چاغدا كۆپچىلىك نېمە دىيىشىنى بىلمەي جىم تۇرۇۋالغان.تۇرسۇنمۇ گەپ قىلماي ئىشىنى قىلىۋەرگەن.ھېلىقى كىشى بىرنەچچە رەت سورىغاندىن كېيىن تۇرسۇن بىر ئىشنى پەملىگەندەك قىلىپ،زاپاس تۇلۇقنى يەردى دەس كۆتۈرۈپ  قىيپاش ھالەتتە ئۆيى تەرەپكە نىشانلاپ تۇرۇپ،<<ئەنە،ئاۋۇ تەرەپتە >>دىگەن.شۇندىلا مەغرۇر قىياپەتتە گەپ سوراۋاتقان كىشى تۇرسۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ،ئۇنۇڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ،ئۆزىنىڭ بايىنبۇلاقنىڭ داڭلىق باتۇرى ئىكەنلىكىنى ،غۇلجا تەۋەسىدە تۇرسۇن باتۇر دىگەن كىشىنىڭ نام-شۆھرىتىنى ئاڭلاپ مەخسۇس كۈچ سىنىشىپ بېقىش مەقسىدىدە ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ،بايىقى ھەركەتلەردىن ئۆزىنىڭ يېڭىلىپ قالىدىغانلىقىغا تەن بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ئېلىپ كەلگەن ئېتىنى سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان،لېكىن تۇرسۇن باتۇر قايتا-قايتا ئۆزرىخالىق ئېيتىپ ئالمىغان.
    تۇرسۇن باي ئوتتورا بوي،ئاقپىشماق،كەڭ قورساق كىشى بولوپ ،بىرەرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش يۈزىسىدىن قارشى تەرەپنىڭ قولىنى مەھكەمرەك سىقسا(ئويون يۈزىسىدىن)ئۇ كىشى ئاغرىققا چىدىماي تېپىرلاپ كىتىدىكەن.ھەتتا بەزى دوستلىرى ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بولغان .
    ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئۇ بىرنەچچە ئىشلەمچىلىرى بىلەن ھارۋىلاردا غۇلجىدىكى گىر بازىرىغا غەللە-پاراق ئاشلىقى ئەكىرگەن ئىكەن.نۆۋەت ئۇلارغا كەلگەن بولسىمۇ،ئاشلىق ئالغۇچى بەستلىك كەلگەن ئەمەلدار كىبىرلىك بىلەن ھەيۋە قىلىپ،ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ ئۇلارنى ئۇزۇن ساقلىتىپتۇ.بۇ ئىشتىن ئىچى پۇشقان تۇرسۇن باتۇر ئەمەلدارنىڭ يىنىغا بىرىپ ئاشلىقنى ۋاقتىدا ئېلىۋىلىشنى ئېيتسا،ئەمەلدار تىخىمۇ كۆرەڭلەپتۇ،ئاچچىقىغا پايلىمىغان تۇرسۇن باتۇر ئۇنى كۆتۈرگەن پېتى چوڭ گىرنىڭ توپىسىگە ياپقان سايىۋەننىڭ ئۆگزىسىگە تاشلىۋېتىپتۇ.بۇ ھالنى كۆرگەن كۆپچىلىك ئۇنىڭغا تولىمۇ قايىل بوپتۇ.  
    تۇرسۇن باي ئۆمرىدە ناھايىتى مۆتىدىل،ئاددى-ساددا ياشىغان.ئوينىشىپ كۆرۆش ياكى مەلوم  زۆرۆرىيەت تۈپەيلى كۈچىنى كۆرسەتمىسە ،باشقا چاغلاردا ھەرگىز كىبىرلىك قىلمايدىكەن.
    ھۆرمەتكە سازاۋەر پىشقەدەم خەلق سەنئەتكارى مۇساجان روزى ئاكىنىڭ ئەسلىشىچە ئۇ 17-18يارش مەزگىللىرىدە بالا سازەندە قاتارىدا ئولتۇرۇشلارغا قانتىشىپ،مەرھۇم تۇرسۇن بايمەت بىلەن بىرگە بولغان.ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تۇرسۇن تېيپ،غوپۇر دىڭخولۇ،غېنى باتۇر،تۇرسۇن باي ،مۇساجان روزى قاتارلىقلار ئوينىغىلى پەنجىم يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى قارىياغاچلىققا(ھازىرقى قارىياغاچ يېزىسى)كېتىپ بېرىپ جاپپار شاڭيو(شۇ مەزگىلدىكى پەنجىمنىڭ شاڭيوسى)نى ئېلىۋېلىش  ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگەن .بۇرادەرلىرىنى كۆرگەن جاپپار شاڭيو قىزغىن سالام-سائاتتىن كېيىن دوستلىرىنى ئۆز تۈگمىنىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغان.بۇرادەرلەر تۈگمەنگە كىرگەندىن كىيىن غېنى باتۇر چۆرگىلەۋاتقان قوش تاشقا قاراپ تۇرۇپ ئەتراپتىكىلەرگە:<<مەن مۇنۇ پېقىراۋاتقان بىر تاشنى توختىتىمەن،تۇرسۇن يەنە بىر تاشنى توختۇتالامدىكىن>>دىگەن.تۇرسۇن بايمۇ ئىككىلەنمەستىن <<بولىدۇ>> دىگەن،بۇ بەسلىشىشكە قىزىققان جاپپار شاڭيو:<<كىم تاشنى توختىتىۋالسا بىر ئات بىلەن مۇكاپاتلايمەن،ئەگەر ھەر ئىككىسى توختىتىۋالسا ھەر بىرىگە بىردىن ئات سوۋغا قىلىمەن>> دىگەن.نەتىجىدە ئىككىلا ئەزىمەت چۆرگىلەۋاتقان تۈگمەن تىشىنى چىپپىدە توختىتىپ قويغان،مۇكاپات ئاتنى كىيىن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تاماشىغا يۈرۈپ كەتكەن.
   تۇرسۇن بايمەتنىڭ چىقىشقاق،سېخى،ئادىللىقى،ئەل سۆيەرلىكى،باتۇرلىقى ھەققىدىكى ئەمىلى ئىش -پئالىيەتلىرى ھېلىمۇ ئەل ئىچىدە سۆزلىنىپ،دىللاردا يادلىنىپ كەلمەكتە.زوردون سابىرنىڭ <<ئانا يۇرت>>رومانىدىمۇ تۇرسۇن باي ھەققىدە بايانلار كىرگۈزۈلگەن.

(يوللىغۇچى قوشومچىسى:مەھەللىدىكى چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە ،بىر كۈنى ھېكىمبەگ غۇجا،غېنى باتۇر قاتارلىق غۇلجا چوڭلىرى تۇرسۇن باتۇرنىڭ بېغىغا مىھمانغا چىقىپتۇ .شۇ كۈنى غېنى باتۇر باغقا كىرىپلا ئەتراپىدىكى بۇرادەرلىرىگە :<< مەن ئاتنى سەكرىتىپ پېشايۋانغا چىقىمەن >> دەپ  ئاتنى پىشايۋانغا چاپتۇرۇپتۇ،ئات پىشايۋانغا چىقماپتۇ ،بۇ ئىش ئىككى قېتىم قايتىلانغاندىن كىيىن تۇرسۇن باتۇر غېنى باتۇرنى ئېتى بىلەن قوشوپلا كۆتۆرۈپ پىشايۋانغا ئېلىپ قويوپتۇ.)
      

4

تېما

0

دوست

6427

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 09:59:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي شۇ ئىسىل  ئەزمەتلەر  كەلمەسكە  كەتتى  ،  ئۇلۇق  ئاللا   ھەممىمىزنى  ئىزەتلىك قىلغايسەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )