بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش پەلسەپىسى
تۇرغۇن توختى ئوغۇز
تېلىۋىزوردىن ئادەم ۋە تەبىئەت مەخسۇس فىلىمىنى كۆرۈپ ئۇزۇندىن بېرى جاۋاپ ئىزلەۋاتقان ‹‹بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش پەلسەپىسى ›› گە دەسلەپكى يىپ ئۇچى تېپىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن تەپەككۇرىمدا ‹‹بۆرە›› دىگەن بۇسىرلىق ھايۋان ھەققىدە نۇرغۇن ھىكمەتلىك كارتىنىلار ئۆتۈشكە باشلىدى.
بۆرە قاچاندىن بېرى بىزگە تۇتىم قىلىنغان ؟ بۇنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن 3000يىللار ئۇزاقتىكى رىۋايەتلەردە بۆرىنىڭ سىرلىق ھۇۋلاشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ .ئەمما بۆرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىمە ئۈچۈن ‹‹ئىلاھ›› بولغانلىقىنى ئازدۇر كۆپتۇر دەپ بىرەلىسەم كىرەك ....بۆرە ئىگىز قىيالاردا ،كەڭ ۋادىلاردا،يىشىل يايلاقلاردا توپلىشىپ ئەركىن ياشايدۇ. ئۇلار تۇرۇپلا كۆك ئاسمانغا قاراپ سىرلىق ھۇۋلاپ كىتىشىدۇ .
بۆرىنىڭ دۈمبىسىمۇ كۆك رەڭلىك تۈكلەردە بىزەلگەن . بەلكىم كۆك رەڭ ئەركىنىلىكنىڭ سىموۋولىدۇر ۋە ياكى ئىلاھنىڭ بىرەر بىشارىتىدۇر . بولمىسا ئاتا-بوۋىمىز كۆك رەڭگە ئۇنچىۋالا مەپتۇن بولمىغان بولاتتى. بۆرە ئۆز رىزقىغا جەسۇر ۋە يىرىتقۇچلۇق خاراكتىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئەركىن ھالدا ئىگە بولىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا كۆك بۆرە قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە تەڭرى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ‹‹ئەلچى››. بۆرىنىڭ كۆك يايىلىرى ‹‹ئىلاھىي دەستەك›› بۆرىنىڭ كۆك ئاسمانغا قاراپ سىرلىق ھۇۋلاشلىرى ‹‹ئىلاھتىن ۋەھى›› ئېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . چۈنكى ئىلاھنىڭ ماكانى بولغان ئەرىش دەل كۆك ئاسماندۇر .
ئەپسۇسكى قەدىمقى بوۋىللىرىمىز چوقۇنغان بۇ سىرلىق ھايۋان ، بۈگۈنكى كۈندە رەزىللىكنىڭ ، ياۋايىلىقنىڭ سىموۋولى بولۇپ قالغان . بۆرىنىڭ مۇقەددەس ‹‹ئىلاھى ئورنى›› دىن ئايرىلىپ يىرگىنىشلىك ئىتقا ئايلىنىش قىسسىلىرىدە قانداق سىرلار بار ؟ ئىنسانلار بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۇن قانداق ۋاستە قوللانغان ؟ مانابۇ مەن دەيدىغان ۋە سۆزلىمەكچى بولغان ‹‹بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش پەلسەپىسى››دۇر.
بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ۋە بىرىنجى قەدەم ئۇنى تۇغۇپ ئون كۈنلۈك بولۇپ بولغۇچە ئانا قوينىدىن ۋە ئانا سۈتىدىن ئايرىشتۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ھەرقانچە ئىخلاس بىلەن باقساڭمۇ ،بۆرە يەنىلا ئۆز ئۇۋىسى ۋە ئۆز قەۋمىنى ئۇنىتمايدۇ . ھامان بىركۈنى ئۆز قەۋمىنى ئىزلەپ تاپىدۇ. بۆرە بالىسىنى تۇغۇلۇپلا ئانا ۋە ئاناسۈتىدىن ئايرىۋەتسەڭ قەيسەر كۆك بۆرىنىڭ ئاستا-ئاستا رايىش ئىتقا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن . ئەمما ‹‹ئىتنىڭ يۈزىدە تۈكى بار››دىگەندەك بۇمۇ يىتەرلىك بولمايدۇ. ئەبجەش كۆك بۆرىنى تولۇق ئىتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بوينىغا زەنجىر سېلىشىڭ كىرەك . ھەمدە بىرجايغا قوزۇق قېقىپ باغلاپ قويۇشۇڭ ،ئۇنىڭ ئانا بۆرىنى ئىزلەپ ئىنتىلگەن كۆزىگە تاشقى مۇھىتنى،كەڭ تەبىئەتنى كۆرسەتمەسلىكىڭ كىرەك . مانابۇ ‹‹بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش ››نىڭ بىرىنجى باسقۇچىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر .
سەن بۆرىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ ئۆزئەجرى بىلەن ئىگە بولالايدىغان ۋە ئىگە بولۇشقا تولۇق ھەقلىق بولغان ھەممە نەرسىللىرىدىن مەھرۇم قىلىشىڭ كىرەك. شۇندىلا بۆرە ساڭا نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھەرزامان ھىس قىلىپ تۇرىدۇ.بۆرىنىڭ ئۆزرىزقىنى ئەركىن تېپىپ يىيىش قابىلىيتى ۋە شارائىتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك چەكلىگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭغا ئاشقان-تاشقان يۇندا-سۆڭەك دىگەندەك ‹‹ئالىي ئىنئاملار›› نى خالىسانا بىرىپ تۇرۇشىڭ كىرەك . باغلاقتىكى سابىق بۆرە سىنىڭ ئىنئامىڭنى ئۆزىگە قىلىنغان سەمىمىي ياردەم ،ئالىيجاناپ كۆيۈنۈش ،ئۆز ھۆكۈمرانىنىڭ ئۆزىگە قىلغان بەدەلسىز كاتتا مىھرىبانلىقى دەپ بىلسە مانابۇ ‹‹بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش›› نىڭ 2-باسقۇچىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
ھەرقانداق ھايۋاندا مەنىۋىي تەلپۈنۈش بولىدۇ . بۇئىھتىياج قاندۇرۇلمايدىكەن ، تەلۋىلىك پەيدا بولىدۇ . سابىق بۆرىلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە . شۇڭا سەن 3-قەدەمدە ئىتلارنى بىر بىرى بىلەن تالاشتۇرۇپ تۇرۇشۇڭ ، ئۆز قەۋمىنى تالاپ يەۋىتىشتە ئۇتۇپ چىققانلىقىنى كاتتا ئىنئاملار بىلەن مۇكاپاتلاپ تۇرۇشۇڭ ، ئالىي شان-شەرەپكە ئىگە قىلىپ تۇرۇشۇڭ كىرەك . بۇھەركەتتىن سەن ئالىدىغان پايدا شۇكى ساڭا سادىق ئىتلار قوشۇنى تىزلىك بىلەن كۆپىيىدۇ. ‹‹بۆرىنى ئىتلاشتۇرۇش›› ئىسلاھاتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى توسقۇنسىز يۇقىرى سۈپەت ،يۇقىرى تىزلىكتە ئەمەلگە ئاشىدۇ . شۇنداقلا بۆرىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىمۇ قانائەتلىك جاۋاپقا ئىرىشىدۇ. مانابۇ ‹‹بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش››نىڭ 3-باسقۇچى نىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئىتلار ئارىسىدىن كۈچۈك ۋاختىدا ئانا بۆرە سۈتىنى تولۇق ئەمگەنلىرىمۇ چىقىپ قالىدۇ . گەرچە ئۇلار ئىتقا ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ ،ئەمما تۇرۇپلا بۆرىلىگى تۇتۇپ قالىدۇ، بۇنداق ئاسىيلارنى كۆرگەنلا جايدا چالما-كىسەك قىلىشىڭ كىرەك ‹‹لالما ئىت ،غالجىر ئىت››دىگەندەك سەلبىي يىرگىنىشلىك ناملار بىلەن ئۇلارنى يوقىتىش كۆرىشى ئېلىپ بېرىشىڭ كىرەك . ئىتلار ئاسىي بولۇپ بۆرىلىككە ئىنتىلگەن ياۋۇز نىيەتلىك بۆرىۋايلارنى پات-پات نوختىلىق تازىلاپ تۇرۇشۇڭ كىرەك . ئىت توپى ‹‹غالجىر،لالما ئىت ››لاردىن قانچە يىرگەنسە سەن ئىتنىڭ بۆرىگە ئايلىنىپ كىتىشىدىن شۇنچە ۋەھىمە يىمەيسەن . مانابۇ ‹‹بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش››نىڭ 4-باسقۇچىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر .
ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەۋىر تاقەتلىك چارىلەردىن كىيىن ، ئاخىرىدا شۇنىڭغا ئېرىشسەنكى بۆرىلىك سالاپىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بىرتوپ رايىش ئىتلار ئەتراپىڭدا قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ سەپ-سەپ تۇرىشىدۇ. سىنىڭ پىشىڭگە ئىڭەكلىرىنى سۇۋاپ سادىقلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ . ئۇرساڭمۇ بوسۇغاڭدىن كەتمەيدۇ. ‹‹ئىت ۋاپا،خوتۇن جاپا›› دىگەندەك بىر تۇرمۇش كارتىنىللىرى كۆز ئالدىڭدىن ئۆتىدۇ . بۇنداق ئىتلارنى ‹‹ تايغان،يولۋاس،شىر››دىگەندەك پەخىرلىك ناملار بىلەن قانچە كۆپتۈرۈپ ئۇچۇرساڭ ئۇلار ساڭا تېخىمۇ چىڭ يېپىشىدۇ. لىكىن شۇندىمۇ ئۇلارنىڭ بوينىدىن زەنجىرنى ئالمىغىن . چۈنكى ‹‹ئىتنىڭ يۈزىدە تۈكى بار››،مانابۇ ‹‹بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش ››نىڭ 5-باسقۇچىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
بۆرىنى تولۇق ئىتقا ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ،ئۇلار ئارىسىدا بۆرىگە خاس ئالامەتلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغان قويسىمان،ئىشەكسىمان،خىچىرسىمان،تۈلكىسىمان،ئېيىقسىمان ...ئەيتاۋۇر شۇنداق شالغۇت ئىتلارنى كۆرىسەن . ئۇلار ئارىسىدىن بويى پاكار پىستە ئاتالغانلىرىنى ۋە تۈكلىرى ئۇزۇن قويسىمان ئىتلارنى قانچە ئەتىۋارلىساڭ بۇ ساڭا شۇنچە پايدىلىق . چۈنكى ئۇنداق ئىتلاردىن ساڭا خەۋىپ كەلمەيدۇ . ئۇلارنى ئالىي ھوجرىلارغا ،يۇمشاق كارۋاتلارغا بىمالال كىرىپ چىقىش ئىمتىيازىغا ئىگە قىلساڭ بولىۋىرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۆرىلەرنى ئۇنتۇلۇپ كىتىش بىلەن قالماي بەلكى ئىتلىق سالاپىتىنىمۇ يوقاتقانلاردۇر . شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى سىرىتلارغا بىللە ئېلىپ چىققىنىڭدا ئۇلارنىڭ بەڭۋاشلىق قىلىپ قولۇڭدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بوينىدىن زەنجىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتما. مانابۇ ‹‹بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش›› نىڭ 6-باسقۇچىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئەيتاۋۇر ‹‹بۆرىلەرنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش پەلسەپىسى›› دە يەنە باشقا كەم قالغان قانۇنىيەتمۇ باردۇ؟ ئەمما مىنىڭ ھازىرچە ھىس قىلغانلىرىم شۇنچىلىك . بەلكىم يەنىمۇ چوڭقۇر كۆزىتىشلەر ئارقىسىدا تېىمۇ ‹‹ يۈكسەك قانۇنىيەت ›› لەرنى بايقىشىم مۇمكىن . چۈنكى ئانا تەبىئەت سىرلارغا تولغان .
بىزدە بىر بالا ئىڭەڭلەپ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچسا ،‹‹كۆز تەگمىسۇن،باتۇر بولسۇن›› دەپ بۆرىنىڭ ھوشۇقىنى ئېسىپ قويىدىغان ئادەت بولىدىغان . ھەتتا قىمارۋازلارمۇ ‹‹بۆرىنىڭ ھوشۇقىنى ئېسىۋالسا بەك ئۇتۇدىكەن›› دىگەن گەپ بار. بۇئادەتلەر ھازىرمۇ ئەشۇ ساددا جاپاكەش ساۋاتسىز خەلقىمىز ئارىسىدا ساقلانماقتا. بۇئۇدۇمنىڭ يەنە قانچىلىك ساقلىنىشىغا مەنمۇ بىرنىمە دىيەلمەيمەن . ئەمما شۇنى قىياس قىلالايمەنكى، ئۇزۇنغا بارمايلا ‹‹ئىت ھوشۇقىنى ئېسىۋالسا كۆزتەگمەيدۇ،ئىت ھوشۇقىنى ئېسىۋالسا بالايى قازادىن يىراق بولىدۇ،ئىت ھوشۇقىنى ئېسىۋالسا پادىشاھقا دوسىت بولىدۇ›› دىگەندەك پەتىۋالارنىڭ پەيدا بولىشى مۇقەررەرلىكتۇر . مۇبادا شۇنداق يۈزلىنىش مۇقەررەرلىككە ئايلانسا مانابۇ ‹‹بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش ›› نىڭ 7-باسقۇچىنىڭ شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر .
تېلىۋىزۇر ئۇرغاتقان ساددا تەپەككۇرلىرىم قوينىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ كوچىدا ئايلاندىم . ئەشۇ خىياللىرىمنىڭ كاللامغا ئورنىۋالغان سەلبىي تەسىرىدىنمۇ ؟ ئەيتاۋۇر يولدا كىتىۋاتقان ھەممە ئادەم ......
شەھەردىن يىراقلاشتىم ،بەلكىم ئانا سەھرانىڭ كەڭ قوينىدا زەنجىرلەنگەن ئەمما بۆرىلىكىنى ئىزلەۋاتقان ئاسىي ئىتلارنى بايقاپ قالارمەن ،ۋە بەلكىم يىراق قىرلاردا تۈن كىچىدە ھۇۋلاۋاتقان بۆرە توپىنىڭ ئەنسىز ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالارمەن . خەيرىيەت !! بىردەم بولسىمۇ ئازغۇن ھېسلاردىن يىراق بولاي!! خەيرىيەت !! بىردەم بولسىمۇ زەنجىردىن يىراق بولاي!!
8- پەلسەپە
سەن بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بۆرە ئىتلىنىش جەريانىدا ، ئىتقا ئۆزگىرىپ بولغان سادىق ، سەمىمىي ۋە شۇنداقلا سىنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىڭدىن ئۆتكەن بۆرە ئاتلىق ئىتلىرىڭنى ئۇلار ئارىسىغا ئۇلارمۇ سەزمىگەن ھالدا سۇقۇندۇرۇپ كىرگۈزۈشۈڭ ۋە بۇ ئارقىلىق بۆرىلەرنىڭ ئىتلىنىشىغا ياردەم قىلىشىڭ كېرەك . ئىدىيە ھەممىدىن مۇھىم . مىجەز - خۇي ئۆزگەرتىلمىسە ، ئۇ ساڭا مەڭگۈ بويسۇنمايدۇ . شۇڭا سەن سۇقۇندۇرغان ئىتلرىڭغا ھەرخىل تېخنىكىلارنى ئۆگىتىپ ، ئىتلىنىۋاتقان بۆرىلەنىڭ تەپەككۇرىنى قالايمىغان قىلىشىڭ ، ھەرخىل ئۇستىلىقلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىشىڭ ، تىلىنى تۇتۇلدۇرۇپ ، پەقەت قاۋاشتىن باشقىنى ئۆگەتمەسلىكىڭ كېرەك ! شۇنداق بولغاندا ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆز قەۋمىنى ئۇنتۇشقا قاراپ يۈزلىىدۇ . مانا بۇ ‹‹بۆرىنى ئىتقا ئايلاندۇرۇش ›› نىڭ 8 - باسقۇچىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر . |